大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 160 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 160  - قىسىم aybarawazi
2023-11-18
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 161-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

160-قىسىم  


  دادام مېنى ئۇرغۇدەك نەرسە تاپالمىدىمۇ، يا ئىچى ئاغرىپ ئۇرغۇسى كەلمىدىمۇ، ئىشقىلىپ ئاخىرىدا يەنىلا تاياق يىمىدىم. دادامنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغىنىنى بىلىمەن،  ئەمما شۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن دادام ھەقىقەتەن ئازراق ئۆزگەردى. ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى كۆپەيدى، ھەتتا بەزىدە مېنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىمنى سورايدىغان بولدى، ئاپامنىڭ سالامەتلىكىگە ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى. دادامنىڭ ۋىجدانى ئويغىنىپ قالدىمۇ يا مېنىڭ يەنە ھېلىقىدەك ساراڭلىقنى قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ قالدىمۇ، مەيلى قانداقلا سەۋەبتىن بولسۇن، دادامدىكى ئۆزگىرىشتىن مەن ئالەمچە خۇش بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن نازىيەنىڭ يېنىغىمۇ بارمىدىم، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشنى خالايتتىم. ئۇ قىزنى كۆرسەملا دادامنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ئېسىمگە كېلىپ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىم ئېشىپ كېتىدىكەن. 

  ھەش پەش دېگۈچە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىقتىم. شۇ يىلى پۈتۈن شەھەر بويىچە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، مەن ۋاسكىتبولنى يەرگە ئۇرۇپ مەيدانغا كىرگەن چېغىمدا ئەتراپتا تۇرغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىردى. 

_ ئۈمىد، غەيرەت قىلىڭ، ئۈمىد غەيرەت قىلىڭ. 

مەن مەكتىپىمىزنىڭ كوماندىسى بىلەن بىللە مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگەن، بىز بىلەن بىللە كەلگەن مەدەت بېرىدىغان قىزلار، ماڭا ئۇسسۇزلۇق ئەكىلىپ بېرىدىغان، تەرلەپ كەتسەم لۆڭگە بېرىدىغان قىزلارمۇ بار ئىدى.  شۇ كۈنى مۇسابىقە مەيدانىدا تۇرۇپ يەنە نازىيەنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ بىزنىڭ مەن بۇرۇن ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن چۈشىدىغان مۇسابىقە ئىدى، شۇ چاغدىلا ئاندىن ئۇنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېسىمگە كەلدى. ئۇنى كۆرمىگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولغىنىنى ھېسابلاپ باقمىدىم، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ بويىنىڭ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئېگىزلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چىرايىمۇ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ مەكتىپىنىڭ مەدەت بېرىش ئەترىتىدە بولسا كېرەك، قولىدا كىچىك گۈل چەمبىرىكىنى كۆتۈرىۋېلىپ مەدەت بەرگۈچى قىزلار بىلەن بىللە ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇنى كۆرۈپلا دېققىتىمنى يىغالماي ۋاسكىتبولنىمۇ دېگەندەك ياخشى ئوينىيالمىدىم.  ئۇلارنىڭ مەكتىپى تۇنجى توپنى كىرگۈزگەندە ئۇ كىچىك بالىدەك سەكرەپ كەتتى، چىرايىدا تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، ئادەم بالىسىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن ھە؟ بۇرۇن ئۇ خىيالىمغا كەلسىلا ئۇزۇن كىرپىكلىرى برىنچى بولۇپ كۆز ئالدىمغا كېلەتتى، ئەمدى بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۇماق كۈلۈشى قوشۇلۇپ مېڭەمگە ئورناپ كەتتى. كېيىن ماڭا توپ سالىدىغان ياخشى پۇرسەت كەلگەندىمۇ مەن يەنىلا سالالمىدىم، ئۇلارنىڭ مەكتىپىنىڭ كوماندىسىدىكىلەر توپنى تارتىۋېلىپ سېتكىغا سالدى ۋە ئۇلار يەنە نومۇرغا ئېرىشتى.  ئۇ يەنە خۇش بولۇپ سەكرەپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ خۇش بولدۇم، توپ كىرەمدۇ كىرمەمدۇ، نومۇر ئالالامدۇق ئالالمامدۇق مەن ئۈچۈن بەرىبىر. مۇئەللىم مېنىڭ روھى ھالىتىمنىڭ تازا جايىدا ئەمەسلىكىنى بايقاپ قېلىپ كېيىنكى مەيداندا مېنى ئالماشتۇرىۋەتتى. مەيداندا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى توپ ئويناۋاتقانلارغا قاراۋاتىدۇ، ئەمما مېنىڭ كۆزۈم ئۇنىڭدا. ئۇنىڭ تولا يۇيۇلۇپ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئاق تەنتەربىيە ئايىقىمۇ ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەن ئىدى. ئۆزۈمنى زورلاپ دېققىتىمنى باشقا ياققا بۇراي دەپ يان تەرەپتە تۇرغان ئىچىملىك قۇتىسىنى ئېلىپ ئاغزىنى ئېچىپلا گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتىم. بىر قىز تۇيۇقسىز ئالدىمغا كەلدى، ئۇ قىز ئىنتايىن ھاياجانلانغاندەك قىلاتتى. 

_ ئۈمىد، ئىچىملىك بولامدىكەن؟_ دېدى ئۇ قىز. 

مەن بىر قولۇمدىكى ئىچىملىككە، بىر ئۇ قىزغا قارىدىم، بۇ ئىچىملىكنى شۇ قىز يېنىمغا قويۇپ قويغان بولسا كېرەك. 

_ بەك تەملىككەن، رەھمەت سىزگە! _ دېدىم.  

كېيىنكى يېرىم مەيداندا مەن مەيدانغا چۈشمىدىم، لېكىن بىز يەنىلا يەڭدۇق. نازىيەنىڭ جىلە بولىۋاتقان تۇرقىغا قاراپ بەك كۈلگۈم كەلدى.  ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 3000 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولدى، باش پەللىدە پەللىدىن چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا نازىيەنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭ بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىگە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىدىن بەكلا ھەيران قالدىم. ئۇ كىچىككىنە بويى بىلەن بۇ مۇساپىنى قانداق  تاماملاپ بولالا؟ پۇشتەك چېلىنىشى بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئالدىرىماي بىر خىل سۈرئەتتە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ شۇ تەرىقىدە يۈگۈرۈپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى بىر بىرلەپ تاشلىغىلى تۇردى، ئاخىرقى ئىككى مەيدان قالغاندا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى، ئىككى مەڭزى قىزىرىپ ھاسىراپ نەپىسى يېتىشمەيۋاتاتتى، بۇنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كەتتىم ۋە كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشكە باشلىدىم. ئاخىرقى پەللىدىن ئۆتكەندە ئۇ ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي يەرگە يىقىلدى، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى كۆتۈرگەن پىتى مەكتەپ شىپاخانىسىغا ئېلىپ ماڭدىم. بۇ چاغدا مەيداندا بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ كېلىشتى ۋە نازىيەنى مەندىن تالاشتى، لېكىن مەن ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم، كاللامدا بىرلا خىيال«ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن». 

   ئۇنى مەكتەپ شىپاخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ كارىۋاتقا قويدۇم، ئۇ سېزىمىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانمۇ ئەمەس، كۆزىنى يېرىم ئاچقان ھالەتتە ياتاتتى، ئەمما گەپ قىلغۇدەك مادارى يوق.  دوختۇر ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ قان قەنتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ دەرھال شىكەر سۈيى قىلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزدى ۋە ئوكۇل يېزىپ بەردى. ئۇ بەك ھېرىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئوكۇلنى ئۇرۇپ بولغۇچە ئۇخلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان تۇرقىغا قاراپ ئولتۇردۇم، ئۇ بىرەر يامان چۈش كۆرىۋاتامدىكىن، ئۇزۇن كىرپىكلىرى مىدراپ كەتتى.  ئۇنىڭ ئوكۇلى تۈگىگىچە يېنىدا قاراپ ئولتۇردۇم، ئوكۇل تۈگەپ سىستېرا قولىدىن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇ مىدىرلىغاندەك قىلدى، ئويغانغان بولسا كېرەك، بۇنى كۆرۈپ دەرھال سىرتقا چىقىۋالدىم، ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن قاراپ ئۇ رەسمى كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا قارىغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ ماڭدىم. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئۆيى بار كوچىنىڭ ئۇدۇلىدا ساقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققىنىنى كۆردۈم، ئۇ تولۇق ئەسلىگە كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن تاكى مەكتىپىگىچە بىللە ماڭدىم، ئۇ ئۇچرىغان ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىغا سالام قىلغاچ ماڭاتتى، تۇرسۇن مۇئەللىم ئۇنىڭغا سۈت بىلەن تۇخۇم بەردى، نازىيە كۈلۈپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى.  بۇنى كۆرۈپ تۇرسۇن مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتىم يەنە بىر قېتىم ئاشتى. 

شۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدىم. شۇ كۈنى  دەرس ئوقۇۋاتسام سىنىپ مەسئۇلى مېنى چاقىرىپ بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئىش چىققانلىقىنى، دەرھال شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا بېرىشىمنى ئېيتتى. ۋېلىسپىتىمنى مىنىپ ئۇچقاندەك دوختۇرخانىغا بارسام ئاپام بولالماي قاپتۇ. ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ ماڭا بىر نىمە دېمەكچى بولاتتى يۇ، لېكىن ئاۋاز چىقىرالماي ئاخىرى كۆزىدىن تاراملاپ ياش ئېقىپ كەتتى. ئاپامنىڭ بۇ دۇنيالىقتا بىردىنبىر قىيالمايدىغان، خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادىمىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن، بۇنى ئاپامنىڭ كۆزىدىن چىققان يېشىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.  شۇنداق قىلىپ ئاپام كەتتى.  گەرچە بۇرۇن دادام بىلەن ئاپام ھەر ئىككىسى بار بولسىمۇ، لېكىن ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يالغۇز ئاپام ئىدى، ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلىكى ماڭا ئايان، ئەمما ئۇنى بۇنداق بۇرۇنلا كېتىپ قالار دېمەپتىكەنمەن. ئاپامنىڭ تۇيۇقسىزلا كېتىپ قېلىشى ماڭا نىسبەتەن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاپ بولدى.  كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدا ئاپامنىڭ جەسىتىگە جىمجىت قاراپ تۇرغان دادامغا قارىدىم. ئۇنىڭ ھازىر نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، كۆڭلى يېرىم بولىۋاتقانمىدۇ؟ يا ئاپامدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولىۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇ بۇ ئۆيدىن زېرىككەن، ئاپامنىڭ يۆتىلىشلىرىدىن زېرىككەن ئەمەسمىدى؟ ماڭا نىسبەتەن ئاپام بولمىسا بۇ ئۆينىڭمۇ ھېچقانداق مەنىسى بولمايدۇ. 

 كېيىن قوشنىلاردىن ئاڭلىسام دادام ھېلىقى خوتۇننى ئۆيگە باشلاپ كىرىپتىكەن، بىردەمدىن كېيىنلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىپ ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ.  تۇيۇقسىزلا ئاپامنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بۇنچىۋالا ئاددى ئىش ئەمەسلىكىنى بايقاپ قالدىم، دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىدىم، لېكىن دادام بوينىغا ئالمىدى.  مەن قىستاپ سوراپ  تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاپامنىڭ ساق تۇرۇپلا تۇيۇقسىز نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، چوڭ دادامدىن ئاڭلىسام ئاپام كانايسىمان شاخچە يىگىلەشتىن تۇيۇقسىز شۈك بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. لېكىن مېنىڭچە دادام ھېلىقى خوتۇننى ئوچۇق ئاشكارا ئۆيگە باشلاپ كىرگەچكە ئاپامنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قالغانمىكىن. بۇنى چوڭ داداممۇ ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ئاپام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن چوڭ دادامنىڭ دادامغا بولغان مۇئامىلىسى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ناچارلاپ كەتتى.  مەن دادامدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. 

 ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دائىم دەرستىن قاچىدىغان بىر نەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن كېچىچە تورخانىدا تۈنەپ، ھاراق ئىچىپ جىدەل تېرىپلا يۈردۈم. ئۇ چاغدا كاللامدا ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە مۇنداق ئىش قىلىمەن دېگەن ئارزۇلاردىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.

بىر كۈنى دادام مېنى ئىزدەپ كەلدى،  ئۇ كۈنى ھاراق ئىچىپ غەرق مەس ھالەتتە تورخانىدا ياتاتتىم، دادامنىڭ كەلگىنىنى بىلىمەن، قالغىنىنى بىلمەيمەن،  مەسلىكتىن يېشىلگەندە قارىسام ئۆزۈمنىڭ ھۇجرامدا ياتىمەن. دادام كارىۋىتىمنىڭ يېنىغا كەلدى، ھەيران قالارلىق ئىش، ئۇ بۈگۈن ماڭا خاپا بولمىدى، ئەكسىچە مەن مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە تۇنجى قېتىم مەن بىلەن چىرايلىق پاراڭلاشماقچى بولغىنىنى ئاڭلىدىم.  ئۇ مېنىڭ ئاپامدىن ئايرىلغاندىكى ئازابىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بولسىمۇ دادىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى، زەھەر تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئالدىمدا شۇنچىلىك سەمىمىيلىك بىلەن گەپ قىلغاچقا مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشەندىم.

لېكىن ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپلا ئۇ ھېلىقى خوتۇن بىلەن بالىنى ئۆيگە باشلاپ كىردى ۋە ماڭا ئۇنىڭ مېنىڭ دادا بىر، ئانا باشقا ئۇكام ئىكەنلىكىنى، ئىسمىنىڭ شېرزات ئابلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  ئەمدىىلىكتە بۇ ئۆيدە مەن يات ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدىم.  شېرزات تېخى تۆنۈگۈن كېلىپلا بۇ ئۆينى ئۆز ئۆيىدەك كۆرۈپ كۆنۈپلا كەتتى، ئۇ ھەممە نەرسىنى قالايمىقان تاشلايتتى، يەرلەرنى مەينەت قىلىۋېتەتتى.  بىر كۈنى ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىماي مېھمانخانا ئۆيدىلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتىم. ئۇ ئۈستەلدە تۇرغان مېۋە ئاقلايدىغان پىچاقنى كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەلدى، ئۇنى ھەرقانچە بولسىمۇ ماڭا پىچاق تىقمايدۇغۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،  كىم بىلسۇن، ئۇ راستلا پىچاقنى قۇرسىقىمغا تىقىۋەتتى.  شۇ چاغدا دادام بىلەن ھېلىقى خوتۇن ئۆيدە بار ئىدى،  بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ قورقۇپ كەتتى، دادام مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماقچى بولدى، شۇ چاغدا دادامنىڭ كۆزلىرىدىن ئازراق بولسىمۇ مەندىن ئەنسىرىگەن ئالامەتلەرنى بايقىدىم،  ئەمما بۇ ئەنسىرەش مېنىڭ يارا بولغان قەلبىمنى ئىللىتالمىدى، دادامنى ئىتتىرىۋېتىپ قۇرسىقىمنى تۇتقان پىتى سىرتقا چىقىپ كەتتىم. 

ئۇدۇل چوڭ دادامنىڭ يېنىغا باردىم، ئەسلى چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بارغۇم يوق ئىدى، ئۇنى ئەنسىرىتىپ قويۇشنى خالىمايتتىم، لېكىن ئاپام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ دۇنيادا ماڭا بىردىنبىر كۆيۈنىدىغان ئادىمىم ئاشۇ چوڭ دادام ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا كىمنىڭ يېنىغا بېرىشنى بىلمەيتتىم.  چوڭ دادام ئاغزىدا دادامنى تىللىغاچ يارامنى تىكتى، تاكى يارام ساقايغىچە مېنى دوختۇرخانىدا ياتقۇزدى. ساقايغاندىن كېيىن مېنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەتتى.  شۇنداق قىلىپ ئون نەچچە يىل تۇرغان ئۆيۈمنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىپ چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە كەتتىم. چوڭ دادامنىڭ يېنىدا ھەقىقىي خۇشاللىقىمنى تاپقاندەك بولدۇم. مەن گىتار چېلىشقا قىزىقىمەن، چوڭ دادام مېنىڭ بۇ قىزىقىشىمنى بەك قوللاپ كەتمىسىمۇ لېكىن ئارزۇيۇمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ماڭا گىتار ئېلىپ بەردى.  شۇ چاغدا مېنىڭ قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى، دادام مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان يېشىدا بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە ئويناپ يۈرسە، مەن ئەڭ غەمسىز ياشايدىغان يېشىمدا ئۆزۈمگە بىر مۇنچە يۈكنى يۈكلىۋېلىپ نىمە قىلىمەن؟ شۇنىڭدىن باشلاپ مىجەزىممۇ ئۆزگىرىپ كەتتى، مۇزىكىغا كىرىشتىم، چېچىمنى ئۇزۇن ئۆستۈردۈم، بىر توپ بىكار تەلەپ ئاغىنىلىرىم بىلەن ئويناپ يۈردۈم. تەتىللەردە دادام ئانچە مۇنچە كېلىپ مېنى ئەكىتىپ نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ ئەكىلىپ قوياتتى،  بەلكىم باشقىلارنىڭ گېپىىدىن قورققان بولسا كېرەك.  مېنىڭغۇ ئۇ ئۆيگە بارغۇم يوق، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەسمۇ.

ھېلىقى خوتۇننىڭ ئىسمى ئايگۈل، بۇنى بۇرۇنلا بىلەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ چىرايى ئىسمىغا پەقەتلا ماس كەلمىگەن، ئاپام ئۇ خوتۇندىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق ئىدى، دادام بۇ خوتۇننىڭ قەيىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىكىن. ئۇ سەتلىكىگە باقماي ئىنتايىن ياسالما، ساختىپەز. ماڭا دادامنىڭ ئالدىدا بىر خىل، دادام يوق يەردە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدۇ.  شېرزاتمۇ ئاپىسىنى كىيىپلا چىققان ئىكەن، دادامنىڭ ئالدىدا مېنى ئاكا دەپ چاقىرىدۇ، دادام يوق يەردە ئىسمىمنىمۇ ئاتىماي «ھەي» دەپ چاقىرىدۇ.  بۇرۇن ئاپام ھايات چېغىدا دادامنىڭ مەن بىلەن ئانچە كارى يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە مېنى باشقۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ماڭا مۇزىكىدىن نان تېپىپ يىگىلى بولمايدۇ، تۈزۈك بىر كەسىپنىڭ بېشىنى تۇت دېدى،  ئەمما مەن ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ بولسىمۇ مۇزىكىغا تېخىمۇ كىرىشىپ كەتتىم. جەمئىيەتتىكى كەلسە كەلمەس بالىلار ئاغىنە بولدۇم، ئىشقىلىپ مەن نىمە ئىش قىلسام دادامنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغان بولسا شۇ ئىشنى ئىزدەپ تېپىپ قىلاتتىم. 

كېيىن ئويلاپ باقسام شۇ چاغدا ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپتىكەنمەن، ئەمما ئۇ چاغدا كاللامدا بىرلا خىيال، يەنى دادامدىن ئۆچ ئېلىش  خىيالىلا بار ئىدى.  مەن بىر نەچچە دوستۇمنى تەشكىللەپ بىر مۇزىكا ئەترىتى قۇردۇم، نەۋرە ئىنىم ئۆتكۈر ئەترەتنىڭ چاتما دۇمباقچىسى بولدى. ئۇ ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دەرستىن سىرتقا ۋاقىتلىرىدا قەھۋەخانىدا ئىشلەيتتى، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىمۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ نازىيەگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقىنىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ مىجەزى ئېغىر، قانداقلا ئىش قىلسا ھەرگىز داۋراڭ سالمايدۇ، ئۇ ماڭا ئېنىق دېمىگەن بولسىمۇ مەن بىلىپ قالغان ئىدىم، ئۇ نازىيەنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنداق بولمىسا ھامماملار كۆچۈپ كېتىمىز دېگەندە كۆچمەيمەن دەپ يىغلاپ تۇرىۋالامتى؟ مەن نازىيەگە كۆرۈنۈشتىنمۇ خۇدۇكسىرەيمەن، شۇڭا ئۇنى ئىزدىمىدىم، ھەتتا باشقا قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈردۈم. ئويلىسام شۇ چاغدا خېلى جىق قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ بېقىپتىكەنمەن.  ئەمما ئۇ قىزلارنىڭ ھېچقايسىسى مەندە نازىيەنى كۆرگەندە پەيدا بولىدىغان ھېسسىياتنى پەيدا قىلالمىدى. ھېلىقى ۋاسكىتبول مەيدانىدا نازىيەنى كۆرگەندە مەندە پەيدا بولغان ھېسسىياتنى خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنتۇيالماي يۈردۈم. مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ھېچقانداق ئىشنى پەرۋايىغا ئېلىپ قويماي يۈرىدىغان غەمسىز ئادەم ئىدىم، ئەمما مەن ئۆزۈمنى خۇددى قونىدىغان جاي تاپالماي تىنىمسىز ئۇچۇۋاتقان قۇشتەك، بىر ماكانغا زار بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. 

كېيىن مەن ۋېلىسپىت مىنىشكە قىزىقىپ قالدىم. ۋېلىسپىت مىنىپ شەھەر سىرتىغا چىقىش، تاغقا چىقىش، جىمجىت بىر جايغا بېرىپ گىتار چېلىش ماڭا ئەڭ ھوزۇر بېرىدىغان ئىشقا ئايلاندى. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ يەنە بىر نازىيە بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0