
بۇ ئەسەرنىڭ 147-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146-قىسىم
ئابلەت ئەپەندىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈمىدكە قارىدى. ئۈمىد ھالسىزلىنىپ كەتكەندەك تامغا يۆلىنىپ دادىسىغا قاراپ تۇراتتى. ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ئۈمىدكە قاراشلىرىدىن ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ئىپادىلىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بەلكىم ئۇ 17 يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق كۈننىڭ ھامىنى بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كەلگەن بولسا كېرەك، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى كۆڭلىگە ئايان بولغاچقا بىر كۈننى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋالساممۇ ھېساب دەپ يۈرگەنمىكىن. ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا تەمكىن ھالەتتە ماڭدى، لېكىن ئايگۈل ھەدەم تەن بەرمىگەندەك يىغلاپ، تارتىشىپ ئاران ماڭدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ھەممە يەر جىمجىت، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى. سىرتتىن چاقماق چاققان، گۈلدۈرما گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۆزۈمنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئۈمىد كرىسلودا جىمجىت ياتىدۇ، ئۇ جىمجىت ياتقىنى بىلەن قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقىنىنى ھېس قىلالايمەن قانداقلا بولمىسۇن دادا ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ قولۇمدىن تارتىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى ۋە ئاستا قۇچاقلىدى. خۇددى مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا كىچىك بالىدەك قۇچاقلىدى.
_ نازىيە، ئەمدى مېنىڭ سىزدىن باشقا ھېچنىمەم قالمىدى.
ئۇنىڭ بۇ گېپى يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ ئۇرۇلدى. بىر ھېسابتا ئابلەت ئەپەندىمدىن ئۆچۈمنى ئالغان بولدۇم، لېكىن بۇنىڭغا ئىچىمدىن خۇشال بولالمايۋاتاتتىم. مەنمۇ ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتتىم.
_ مېنىڭمۇ سىزدىن باشقا ھېچنىمە يوق، ياق، بىزنىڭ يەنە ئىككى بالىمىز بار.
_ نازىيە، ماڭا ۋەدە بېرىڭ، مەندىن ھەرگىز ئايرىلماڭ، مەڭگۈ، مەڭگۈ ئايرىلماڭ.
مەن گەپ قىلمىدىم. بۈگۈن ئۈمىد دادىسىغا ئازار بېرىپلا قالماي، ئۆزىمۇ يەتكۈچە ئازار يىدى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ سەۋەبچىسى مەن ئىدىم.
_ بولامدۇ؟_ ئۇ يەنە سورىدى.
ئۇنىڭغا تېخى جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ ئىشىك ئېچىلىپ بىرى كىرىپ كەلدى. مەن ئۆزۈمنى ئۈمىدنىڭ قۇچىقىدىن تارتىپ ئولتۇرۇپ قارىسام كىرگىنى شېرزات ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستى بېشى چىلىق چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئالدىغا نەچچە قەدەم مېڭىپ كرىسلودا ياتقان ئۈمىدنى كۆردى.
_ سىلەرغۇ ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلار يار يۆلەك بولالايسىلەر، مەنچۇ؟ مەن تىكەندەك يالغۇز قالدىم، مەن قانداق قىلىمەن؟_ ئۇ ئېتىلىپ كېلىپ مېنى بىر يانغا ئىتتىرىۋېتىپ ئۈمىدنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئۈمىد قول ياندۇرمىدى، شېرزات بۇنىڭ بىلەن توختىماي ئۈمىدنى يەنە ياقىسىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى ۋە يۈزىگە بىر مۇشت سالدى. ئۈمىد يەنىلا قول ياندۇرمىدى.
_ ئۇنى ئۇرماڭ! _ مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ شېرزاتنى تارتتىم. ئۇ ئۈمىدنى ئىتتىرىۋەتتى، ئۈمىد يەنە كرىسلودا ئولتۇرۇپ قالدى.
_ ئۇنى نىمىشقا ئۇرىسىز؟
_ نىمىشقا؟ چۈنكى ئۇ ئادەم ئەمەس، بايا تۇتۇپ كەتكىنى ئۇنىڭ ئۆز ئاپىسى بولمىغان بىلەن دادا ئۆزىنىڭغۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ ئاچچىقىم كەلدى.
_ ئۇلارنىڭ نىمىشقا تۇتۇلغانلىقىنى سوراپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى كېرەك.
شېرزات بايىقىدىن سەل پەسكويغا چۈشتى، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئاستا بېرىپ تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇردى ۋە كىچىك بالىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
_ مېنىڭ ھېچنىمەم يوق، ئەمدى مەن بۇ دۇنيالىقتا تىكەندەك يالغۇز قالدىم.
مەن سومكامدىن تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم.
_ مەڭ بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ، تۇرسۇن مۇئەللىم سىزگە بەك ئامراقكەنتۇق.
شېرزات قولىنى سۇنۇپ خاتىرىنى ئالدى، ئىككى تامچە يېشى خاتىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
_ دادا!
_ ماڭايلى، ئۈمىد_ دېدىم مەن. ئۇمۇ ئورنىدىن تۇردى. ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بولۇپ كەينىمگە قارىدىم.
_ سىز يالغۇز قالمىدىڭىز، ھېچنىمىىڭىز يوق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز.
ئۇ ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۈمىد ئىككىمىز چىقىپ كەتتۇق. سىرتتا يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئۈمىد ئارام ئالاي دەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى، مەن ئىككى بالا بىلەن پەستە قالدىم، بالىلار بەكمۇ خۇشال ئويناۋاتاتتى، ئۇلار ھېلىدىن ھېلىغا قىلىق چىقىرىپ بەكمۇ ئۇماق بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ھەر ئىككىسى تامنى تۇتۇپ ماڭالايدىغان بولدى، ئايىقى چىقىدىغانغا ئازلا قالغان بولسا كېرەك. بالىلارنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ ئولتۇردۇم، يامان ئادەملەر قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان بولدى، لېكىن مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىچىمدىن خۇشال بولالمايۋاتاتتىم، يۈرىكىمنى بىر پارچە قورام تاش بېسىپ تۇرغاندەك بىئارام بولۇپ تۇرىمەن. ھازىر ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ مۇكەممەل ئائىلىمىز بار، لېكىن ھەر ئىككىمىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۆچمەس يارا پەيدا بولدى، ئەمدى بۇرۇنقىدەك بەختلىك ئۆتەلەرمىزمۇ؟
ھۇجرىغا چىقىپ ئۈمىدتىن سەل نېرىراق ياتتىم. لېكىن ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. بۇ ئىش زادى توغرا بولدىمۇ ياكى خاتا بولدىمۇ؟ ھازىر مەندە بۇنى پەرقلەندۈرگۈدەك كاللا قالمىغان ئىدى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، بىر چاغدا ئۆرۈلۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئۈمىد ماڭا قاراپ يېتىپتۇ.
_ مەلىكەم، مەندىن ئاغرىنماڭ.
ئۇنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقىنى ئابلەت ئەپەندىمنىڭ قېنى، بۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. چىن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىدىن بەك تەسىرلەندىم، ئەمما يەنە بەك ئازابلاندىم.
_ ئۇخلاڭ! _ ئۇنىڭغا شۇنىڭدىن باشقا نىمە دىيىشنى بىلمىدىم.
شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە كۈندە ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ شىركىتىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. ئادەم ئالدىراش يۈرسە نە خاپىلىققا، نە ئازابقا ۋاقتى چىقمايدىكەن، ۋاقىتمۇ تېز ئۆتكەندەك بىلىنىدىكەن.
بىر كۈنى چۈشتە ئۆيگە كېتىۋېتىپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن بىېرەيلەننى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ ماڭا شۇنچىلىك تۇنۇش بىلىندى، ئۇ بىر بالىلار ئويۇنچۇقلىرى دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى، تۇرسۇنئايغا ماشىنىنى يول بويىدا توختىتىشنى ئېيتىپ ماشىنىدا ساقلىدىم. ئۇ دۇكاندىن خېلى ئۇزۇندا چىقتى، قولىدا نۇرغۇن ئويۇنچۇق ئېلىپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ ھالىتىدىن قارىغاندا تاكسى توسىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ماڭغاندىن كېيىن ئۇ SOS بالىلار كەنتىگە كىرىپ كەتتى. دەرۋازا ئالدىغا كېلىشىمگە نۇرغۇن بالىلارنىڭ چۇرقىرىشىپ كېلىپ ئۇنى ئورىۋالغىنىنى كۆردۈم، ئۇ قولىدىكى ئۇيۇنچۇقلارنى ئۇلارغا بىردىن بىردىن بۆلۈپ بەردى. بالىلار ئۇيۇنچۇقنى قولىغا ئېلىپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە چۇرقىرىشىپ:«رەھمەت بوۋا» دىيىشىپ كەتتى. مەن ئاستا مېڭىپ دەرۋازىدىن كىردىم ۋە ئۇنى چاقىردىم.
_ پەرھات دادا.
پەرھات دادام كەينىگە تېزلا ئۆرۈلدى يۇ، مېنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ. پەرھات دادامنىڭ بېشىدىكى ئاق چېچى كۆپىيىپ، يۈزىدىكى ساناقلىقلا قورۇقلارمۇ ھازىر كۆپىيىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئاددى كىيىنىشىدىن بۇرۇنقى ھەيۋەتلىك دېرىكتور ئىكەنلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستى بېشىدىن بويتاق بوۋاي ئىكەنلىكىنى چىقىپلا تۇراتتى.
پەرھات دادام ئىككىمىز بىر ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق.
_ ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟_ دەپ سورىدىم مەن ئەڭ ئالدى بىلەن.
_ ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرغاندەك مۇشۇنچىلىك تۇرىۋاتىمەن، بالام_ دېدى ئۇ.
_ نىگارەنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەمسىز؟_ نىگارەنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن پەرھات دادامنىڭ چىرايىدا ئازابلىق بىر ئىپادە ئەكىس ئەتتى ۋە بېشىنى چايقىدى.
_ ئۇ ماڭا تېلېفون قىلمىدى، نەلەردە يۈرىدىكىن بۇ بالا. ھازىر ئەھۋالى قانداقراقكىن، مەنمۇ بىلمەيمەن.
نىگارە مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستۇم، مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلىمەن، دادىسى بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەتنىمۇ ئوبدان بىلىمەن، بۇ قېتىم شۆھرەتنىڭ پالاكەتكە يۇلۇقۇشىدا پەرھات دادام ۋاستىلىك رول ئويناپ قالدى دېسەكمۇ بولىدۇ، نىگارە بۇنىڭدىن چوقۇم كۆڭلىدە غۇم ساقلايدۇ، لېكىن شۆھرەت پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ دادىسىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا نىگارە ئۇنىڭ ناتوغرا ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى پەملىگەن بولسىمۇ ئۇنى توسمىغان، تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ پەرھات دادام بىلەن ئالاقىلاشماسلىقى بىر بولسا كۆڭلىدە غۇم بولغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر بولسا دادىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن.
بىر قەغەز ئايرۇپىلان ئۇچۇپ كېلىپ پەرھات دادامنىڭ ئالدىغا چۈشتى، پەرھات دادام قەغەز ئايرۇپىلاننى ئېلىپ تۇرۇشىغا بىر كىچىك قىز بالا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، پەرھات دادام قەغەز ئايرۇپىلاننى قىزغا بەردى.
_ رەھمەت بوۋا!_ پەرھات دادام قىزنىڭ بېشىنى سىلاپ قويدى.
_ ھېچقىسى يوق، بېرىپ ئويناڭ.
پەرھات دادام قىزنىڭ سەكرەپ تاقلاپ ئويناپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇھسىنىپ قويدى.
_ نىگارەمۇ كىچىكىدە ئاپىسى چېچىنى ئاشۇنداق ئىككى تال بۇغۇپ قوياتتى، ئۇ ماڭغاندا چېچى ئىككى يانغا ئۇچۇپ بەكمۇ ئۇماق بولۇپ كىتەتتى. ھازىر ئۇنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ كىچىكىدە بەك گەپ ئاڭلايتتى، دادا، دادا دەپ يېنىمدىن نېرى كەتمەيتتى.
پەرھات دادامنىڭ ئېسىگە بىرەر ئىش كېلىپ قالغانمىكى تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى.
_ ئۇ ھەتتا بىر تال چۈمۈلىنى كۆرۈپ قالسىمۇ مېنىڭ قولۇمنى تارتىپ ئەكىلىپ ئۇنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئىسمى نىمە، نىمە يەيدۇ دېگەن گەپلەرنى سوراپ تۇرىۋالاتتى، مەن چوڭ بىر شىركەتنىڭ دېرىكتورى بولغىنىم بىلەن كىچىككىنە بىر جىنتەككە ماقۇل بولۇپ كەينىدىن ماڭاتتىم. مانا ئەمدى ئۇ يا ماڭا ئەركىلىمەيدۇ، ماڭا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ غېمىنى يەيمەن، دۇنيادا بالىسىغا كۆيمەيدىغان ئاتا ئانا بولامدۇ؟ بۇرۇن بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىم بىلەن قىزىمغا يەنىلا مېھرىم بار.
پەرھات دادامنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مېنىڭ كۆڭلۈممۇ يېرىم بولدى.
_ ئەنسىرىمەڭ، پەرھات دادا، نىگارە بەك قەيسەر، چىداملىق قىز، قانداقلا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
پەرھات دادام يېڭى بىلەن كۆزىدىكى ياشنى سۈرتىۋەتتى.
_ بالا دېگەن ئاتا ئانىنىڭ يۈرىكىنىڭ يېرىمى. بۇرۇن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن خاتا قىلغان جايلىرىم بار، لېكىن مەنمۇ ئۇنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن، ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دېگەن. لېكىن ئەمدى ئويلاپ باقسام خاتا قىپتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئازراق پۇل تېپىپلا ئۆزۈمنى بىلمەي قاپتىمەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ مەندىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ كەتتى، كېيىن فەرۇق ئىككىسىنىڭ ئىشىغا قارشى تۇرغىنىمغىمۇ پۇشايمان قىلدىم، ئۇنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ توسقان ئىدىم، كىم بىلسۇن، تېخىمۇ جاپادا قالدى. ئويلىساملا يۈرىكىم ئاغرىيدۇ، ھازىر كېسىلىم ئېغىرلاپ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئاغرىق ئازابىدا تولغىنىپ كېتىمەن، لېكىن ھالىڭ قانداق دەيدىغان بىر ئادىمىم يوق.
پەرھات دادامغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدىم، شۇ ئەسنادا بىر نەچچە بالا يۈگۈرۈپ كەلدى.
_ بوۋا، يىغلىماڭە، بوۋا. نىمە بولدىڭىز؟_ ئۇلارنى كۆرۈپ پەرھات دادام ئۆزىنى تېخىمۇ تۇتىۋالالماي قالدى.
_ ھېچنىمە بولمىدىم، بالىلىرىم، ھېچقىسى يوق، بېرىپ ئويناڭلار. نازىيە، بىلىمەن، ھازىر كەسىپتە ئۇتۇق قازاندىڭىز، لېكىن سىزگە بىر ئېغىز نەسىھىتىم بار، بالام. ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ئائىلىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ، بالىلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ. قولىڭىزدا بارىنى قەدىرلەڭ.
توغرا، قولۇمدا بارىنى قەدىرلىشىم كېرەك. يامان ئادەملەر تىگىشلىك جازاسىنى تارتىدىغان بولدى، ئەمدى مەنمۇ بۇ ئۆچ_ ئاداۋەتنى قويۇپ ئۆيۈمنى چىرايلىق تۇتاي. ھازىر ئۈمىدمۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەي، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇراي.
مەن ماڭغاندا پەرھات دادام بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ قالدى. ئۇ نىگارەگە بېرەلمىگەن مېھىر _ مۇھەببىتىنى مۇشۇ بالىلارغا بېرىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمگە سوت ئېچىلىدىغان كۈن بولدى. ئۈمىد ئىككىمىز سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ماشىنىنى توختىتىپ چۈشۈشىمىزگە بىر ماشىنا كېلىپ توختىدى ۋە ئىچىدىن ئاۋۋال شېرزات، كەينىدىن ھەسەن چۈشتى. بىز ئالدى-كەينى بولۇپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچىگە كىردۇق. ئىككىيلەن ئېلىپ كىرىلدى. ئابلەت ئەپەندىم يەنىلا شۇنداق تەمكىن، ئەمما ئايگۈل ھەدەم يەردىن ئۈستۈن قارىيالمىدى. ئۈمىد ئىككىمىز بىر يەردە ئولتۇردۇق، ھەسەن بىلەن شېرزات ئالدىمىزدىكى رەتتە ئولتۇردى. ئۇلارنى ئېلىپ چىققاندا شېرزاتنىڭ ئورۇندۇققا تىرەپ ئولتۇرغان قولىنىڭ تىترەپ كېتىۋاتقىنىنى بايقىدىم.
سوتنىڭ تەرتىپى بويىچە بىرەر قۇر بىجىرىلگەندىن كېيىن ئەيىبلىگۈچى بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى چىقاردى. ھازىر بۇنداق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرگىلى بولمىغاچقا ھەممەيلەن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدى. ئەيىبلىگۈچى لېنتىنى ئۈنئالغۇغا سېلىۋاتقاندا ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى تۇتىۋالغان قىياپەتتە ئولتۇرغان بىلەن يۈزى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم، ئۇنىڭ قولىنىڭ ئالقىنى تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم. بۇ لېنتىدا زادى نىمە باردۇ؟
لېنتىدىكىسى ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمنىڭ دىئالوگلىرى ئىدى، بۇ دىئالوگولار ئەينى يىلىدىكى دادام ئۇچرىغان ماشىنا ھادىسىسى ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى تامامەن ئېچىپ بەرگەن ئىدى. سوتچى ئايگۈل ھەدەمدىن بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىدى. ئايگۈل ھەدەمنىڭ يۈزى تاتىرىپ كەتكەن، تىترەپ گەپ قىلغۇدەك جۈرئىتى قالمىغان ئىدى. ئەمما ئابلەت ئەپەندىم يەنىلا تەمكىن ھالەتتە، ئۇ سوتچىغا ئۈنئالغۇدا دىيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسنىڭ راستلىقىنى ئېيتتى ۋە شۇ كۈنى بولغان ئىشنى قايتا بايان قىلىشقا باشلىدى.
شۇ كۈنى تۇردى تاغام ۋەقەگە يۇلۇققاندىن كېيىن ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم باشقا ئىشچىلارغا پۇل بېرىپ، تۇردى تاغام ئۇچرىغان ۋەقەنى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان دىيىشكە كۆندۈرىۋاتقان ئىكەن، دادام يولدا كېتىۋېتىپ تۇردى تاغامنىڭ ۋەقەگە يۇلۇققىنىنى ئاڭلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ تىنەپ زاۋۇتقا بارسا دەل ئۇلارنىڭ ئىشچىلارغا گەپ ئۆگىتىۋاتقىنىنىڭ ئۈستىگە بېرىپ قاپتۇ. دادام بىلەن تۇردى تاغام يېقىن دوستلاردىن، دادامنىڭ ئۇنداق يالغان ئېيتىشقا قانداق رايى بارسۇن، شۇنىڭ بىلەن دادام ئۇلارنى ئەرز قىلىمەن دەپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا تاش زاۋۇتى «تېشى پال پال، ئىچى غال غال» بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابلەت ئەپەندىم زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىپ پۇلنى سورۇۋەتكەچكە ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تارقىتىشمۇ مەسىلە بولىۋاتقان ئىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئىش پاش بولۇپ قالسا ئابلەت ئەپەندىم ھۆددىسىدىن چىقالمايدىكەن. ئەگەر ئىش چوڭىيىپ كەتسە ئۇ پۇل تۆلەپلا قالماي يەنە زاۋۇتنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدىكەن، زاۋۇتتا ئايلىق ئىش ھەققىگە قاراشلىق ئىشچىلار خېلى كۆپ بولغاچقا ئۇلارمۇ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىماي، ئابلەت ئەپەندىمگە ماسلىشىپ يالغان سۆزلەشكە كۆنگەن ئىكەن. ئەمما دادام قەتئىي ئۇنىماپتۇ. ئاخىرى ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم دادامنى گەپكە كىرگۈزەلمەي، نىيىتىنى بۇزۇپ، بىرى دادامنى گەپكە تۇتۇپ تۇرىدىغان، يەنە بىرى ماشىنىنىڭ تورمۇزىغا ھۈنەر ئىشلىتىدىغان بوپتۇ. نەتىجىدە دادام ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















