大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 144 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 144  - قىسىم aybarawazi
2023-11-02
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 145-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

144-قىسىم  


يازنىڭ ئاپتىپى بېشىمغا چۈشۈپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما مەن قۇياشنىڭ قىزىقىنى ھېس قىلالىغۇدەك ھالەتتە ئەمەس. ئالدىمدا خاتىرە قويۇقلۇق، كۆزۈم بىر نۇقتىغا تىكىلگەن، كللامدا بىرلا نىدا: «دادا، مېنى كەچۈرۈڭ!».  مەن ھېچنىمىنى بىلمەستىن ئەخمەقلەرچە دادامنى قەستلىگەن قاتىلنىڭ بالىسى بىلەن توي قىلىپتىمەن، ئۇنىڭغا ئىككى بالا تۇغۇپ بېرىپتىمەن. شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كېتىۋاتىمەن.

بالكوندا تۇرىۋېرىپ ئاستا-ئاستا بېشىم قېيىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ پۇت قولۇم ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىدى،  سېزىمىمنى يوقاتقان شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. مۇشۇ پىتى ھۇشۇمغا كەلمىسەم، دادام بىلەن ئاپامنىڭ يېنىغا كەتسەممۇ مەيلىتى. بەك قالايمىقان چۈشلەرنى كۆردۈم، چۈشۈمدە دادام بىلەن ئاپامنى، تۇرسۇن مۇئەللىمنى يەنە ئۈمىدنى، ئىككى بالامنى كۆردۈم. ئۇزۇندىن ئۇزۇن چۈشلەرنى كۆرۈپ ئاخىرى ئويغاندىم،  بېشىمغا مىڭ جىڭ تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر، كۆزۈمنى ئېچىپلا كۆرگىنىم ئاسما ئوكۇل بوتۇلكىسى بولدى. لېكىن مەن دوختۇرخانىدا ئەمەس،  ئۆيدە، كارىۋىتىمدا يېتىپتىمەن. كىتاب ۋاراقلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، بېشىمنى بۇراپ قارىسام ئۈمىد كرىسلودا ئولتۇرۇپ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇۋاتقان ئىكەن.  ئازابلىق ئىشلار يەنە كاللامنى چىرمىۋالدى، يوتقاننى چىڭ سىقىمدىدىم. 

ئۈمىد خاتىرىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىپ ياتقىنىمنى كۆرۈپ يېنىمغا كەلدى. بۇ مېنىڭ سۆيگەن ئادىمىم، كېيىنكى ئۈمرۈمنى تاپشۇرۇشقا ئىرادە قىلغان ئادىمىم، ئەمما ئۇ يەنە ئەشەددى دۈشمىنىمنىڭ بالىسى. شۇ تاپتا مەن ئىككى يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ چۈش بولۇپ قېلىشىنى، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت تۇنۇشمىغان بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلاتتىم. 

_ سىز بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا بىلەمتىڭىز؟_ سورىدىم مەن سەل ئۆرە بولۇپ. 

_ ھەئە_ دېدى ئۇدۇللا.  بۇ جاۋابتىن يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى. 

_ ئەمىسە نىمىشقا مەن بىلەن توي قىلدىڭىز؟ 

ئۈمىد جاۋاب بەرمىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىلاجسىزلىق نۇرلىرىنى بايقاپ قالدىم. 

_ ئۈمىد ئابلەت، سىز بىلەن توي قىلغىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىشكەن ئەسلى _ ئاچچىقتىن تىترەپ كېتىۋاتاتتىم. ئۈمىد مېنى قۇچاقلىۋالدى، مەن ھەرقانچە تىرەجىسەممۇ قويۇۋەتمىدى. 

_ نازىيە، بىلىمەن، ھازىر ئاچچىقتا تۇرىۋاتىسىز، ھازىر نىمىلا دېسەممۇ قۇلىقىڭىزغا كىرمەيدۇ، سىز سەل ئۆزىڭىزنى بېسىۋالغاندا ئاندىن پاراڭلىشايلى، بولامدۇ؟

ئۇنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ قاتتىق يىغلىدىم، سىلكىنىپ سىلكىنىپ يىغلىدىم.

_ ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا مەن ھەرگىز سىز بىلەن تۇنۇشمايتتىم.  

ئۇ مېنى ئاستا قويۇۋەتتى. 

_ نازىيە، ھازىر كاللىڭىز جايىدا ئەمەس، بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنىمۇ ئاڭقىرالمايۋاتىسىزغۇ دەيمەن. ياخشىراق ئارام ئېلىۋېلىڭ. 

ئۈمىد چىقىپ كەتتى، مەن كۆزۈمنى تورۇسقا تىكىپ ياتىمەن، كۆز ياشلىرىم ياستۇقۇمنى ھۆل قىلىۋەتتى. بۇنداق يىغلاپ باقمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بولدىغۇ دەيمەن.  شۇ تاپتا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئاجىز، كۈچسىز سېزىۋاتىمەن. مىنا شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا خۇشامەت قىلىشقا، ياخشىچاق بولۇشقا باشلىدى،  لېكىن مەن ھاكاۋۇرلۇق قىلمىدىم، ھېچكىمنى كەمسىتمىدىم، كۆزگە ئىلمايدىغان ئىش قىلمىدىم. ئەمما روھىي كەيپىياتىمدا ئۆزگىرىش بولدى، ئورنۇم ۋە سالاھىيتىمنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن نۇرغۇن بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىشىمگە توغرا كەلدى، بۇ بېسىم ۋە مەسئۇلىيەتلەر مېنىڭ يەنە ئاجىز پىتى تۇرۇشۇمغا يول قويمىدى. لېكىن تۇيۇقسىز ئېنىقلانغان بۇ ئەھۋالنى مەن راستلا قوبۇل قىلالمىدىم، ماڭا ئايان، ئادەم زىيادە ھاياجانلانغان چاغدا چىقارغان قارارى كۆپىنچە ھاللاردا ئەخمىقانە قارار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا خېلى تىرىشىپ باقتىم، لېكىن قىلالمىدىم، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن پۈتكۈل ئىچكى دۇنيارىمنى ئۆچمەنلىك قاپلاپ، ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى پۈتۈن نېرۋامنى كونترول قىلىۋاپتۇ. 

ئۆتكۈر ھازىر دوختۇرخانىدىن يۆتكىلىپ كەتكەن بولسىمۇ  لېكىن مېنى يوقلاپ ھەر كۈنى كېلىپ، ئوكۇل ئۇرۇپ قويۇپ تۇردى، ئۇ ماڭا ياخشىراق ئارام ئېلىڭ دېگەندىن باشقا ھېچنىمە دېمىدى. بەلكىم ئۇ بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان بولسا، بۇنداق ۋاقىتتا ماڭا نىمىلا دېسە بىكار ئىكەنلىكىنى بىلسە كېرەك. ئىككى كۈن كارىۋاتتىن چۈشمىدىم، ئانچە مۇنچە بالىلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ قالساممۇ كارىم بولمايتتى. بۇ ئىككى كۈندە ھە دېسە دادام بىلەن ئاپام، كىچىك چېغىمىزدىكى ئىشلار كاللامغا كىرىۋالاتتى. ئۇلارنى بەك سېغىندىم، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇ ئىشنى بىر تاساددىپىيلىق دەپ يۈرۈپتىمەن. مەن نىمانچە ئەخمەق. 

مەن ياتقان ئىككى كۈندىن بۇيان ئۈمىد ھېچيەرگە بارمىدى، ئۇ ھەر بىر ۋاق تاماقنى ئۆزى ئېلىپ چىقاتتى. لېكىن مېنىڭ تاماققا قارىغۇدەك ھالىم يوق،ئۇ يەنە سوۋۇپ قالغان تاماقنى ئەچىقىپ كېتەتتى. ئۇ ئېلىپ چىققان تاماقلارنىڭ تۈرى ۋە رەڭگىدىن قارىغاندا ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تاماقلاردەك قىلاتتى. چۈنكى ھەممىسى مەن ئامراق تاماقلار. لېكىن گېلىمدىن بىر يۇتۇم سۇمۇ ئۆتمەيتتى. ئىككىنچى كۈنى كەچتە ئۈمىد يەنە تاماق ئېلىپ چىقىپتۇ، مەن يەنىلا قاراپمۇ قويمىدىم، لېكىن ئۇ تاماقنى دەرھال ئېلىپ چۈشۈپ كەتمەي  كارىۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇردى. 

_ نازىيە، ھازىر مېنى دۈشمىنىڭىز قاتارىدا كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟ 

«شۇنداقمۇ؟ مەن ئۇنى راستلا دۈشمىنىم قاتارىدا كۆرىۋاتىمەنمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا ئۇنى ئويلىساملا يۈرىكىم ئاغرىيدۇ؟»

_ ئەگەر سىز مېنى راستلا  دۈشمىنىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا بۇرۇنقىدىنمۇ قەيسەر بولۇشىڭىز كېرەك، بۇنداق تاماق يىمەي ئاجىزلاپ كەتسىڭىز مەندىن قانداق ئۆچ ئالىسىز؟

ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ مېنى تاماق يىيىشكە ئۈندىمەكچى بولىۋاتاتتى، لېكىن  كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى. ئۈمىد تاماقنى يەنە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆتكۈر كەلدى. ئەمەلىيەتتە مەن خېلى ياخشى بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۇ بېلىكىمدىكى ئوكۇل يىڭنىسىنى ئېلىۋېتىپ، قىزىتمامنى ئۆلچىدى، ئاندىن كارىۋاتنىڭ يېنىغا ئورۇندۇقتىن بىرنى ئەكىلىپ ئولتۇردى. 

_ نازىيە، ئويلاپ بېقىڭە، ئون نەچچە ياشلىق بىر بالىنىڭ قولىدىن نىمە ئىش كېلىدۇ؟ خۇددى ئەينى ۋاقىتتا بېشىڭىزغا شۇنچە ئىشلار كەلگەندە ئامالسىز قوبۇل قىلغىنىڭىزغا ئوخشاش، ئۈمىدمۇ شۇ چاغدا ئامالسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۇ چاغدا نىمىگە كۈچى يېتىدۇ؟ 

ئاستا ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان مەنمۇ ئۆزۈمنى خېلى تۇتىۋالغان ئىدىم. ئۆتكۈر كەتكەندىن كېيىن مەن ئاستا كارىۋاتتىن چۈشۈپ سىرتقا چىقتىم. پەستىكى قەۋەتتە بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى، ئۈمىد ئۇنى بەزلەۋاتاتتى. 

_ يىغلىما، بالام، ئاپاڭنىڭ مىجەزى يوق، بۇنداق يىغلىساڭ ئاپاڭ ياخشى ئارام ئالالماي قالىدۇ_ ئۈمىد نەزەرنى بەزلەۋاتاتتى، بالا باققۇچىنىڭ قولىدا نەزىرە بار بولۇپ ئۇمۇ يىغلاۋاتاتتى. بۇ بالىلارغا بۈگۈن  نىمە بولدىكىن، ھېچ غىڭشىپ توختىمايۋاتاتتى. 

_ بالىنى مەن ئالاي_ دېدىم مەن ئۇنىڭ كەينىگە بېرىپ. ئۈمىد چۈچۈپ كەينىگە ئۆرۈلدى، ئۇنىڭ چىرايىدا ھەيرانلىق، كەينىدىنلا مەمنۇنلۇق ئەكىس ئەتتى. ئۇ نەزەرنى ماڭا بەردى ۋە بېرىپ نەزىرەنى قولىغا ئالدى.  مەن نەزەرنى پەپىلىگەچ ئۇيان بۇيان ماڭدىم، بالىنىڭ يىغىسى توختاپ ئۇخلاپ قالدى.  ئۇنىڭ يىغىسى توختىشىغا نەزىرەمۇ دادىسىنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاپ قالدى. بالا باققۇچىلار ئىككى بالىنى ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مېھمانخانا ئۆيدە ئىككىمىزلا قالدۇق. مەن كرىسلودا ئولتۇرغان ئىدىم، ئۇمۇ كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى. 

_ قانداقراق؟ ئۆزىڭىزنى خېلى تۇتىۋالدىڭىزمۇ؟ 

_ ھەئە! _ دېدىم مەن. 

_ ئەمىسە ئىككىمىز ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى، بولامدۇ؟ 

_ ماقۇل. 

_ بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن ئازابلانغىنىڭىزنى، دادامغا نەپرەتلەنگىنىڭىزنى بىلىمەن، ھەتتا مەندىنمۇ نەپرەتلىنىۋاتىسىز، مېنى سىزنى ئىزچىل ئالداپ كەپتۇ دەپ ئويلىدىڭىز. لېكىن بۇ ئىشتا مەندىن ئاغرىنسىڭىز بولمايدۇ، نازىيە، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مەن ئارانلا ئون ياشتىن ئاشقان بىر بالا ئىدىم، مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندە ئىشلار ئاللىبۇرۇن يۈز بېرىپ بولغان ئىكەن، توسۇپ قېلىشقا مەنمۇ ئامالسىز قالدىم. شۇڭا مەندىن ئاغرىنماڭ بولامدۇ؟ 

_ توغرا، بۇ ئىشنى سىزدىن كۆرمەسلىكىم كېرەك،  لېكىن كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن پەيدا بولۇپ قالدى. دادام ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپام ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن مەن نىمە كۈنلەرنى كۆردۈم، سىز بىلەمسىز؟ ئەمدىلىكتە شۇ ئىشلارغا سەۋەبچى بولغان ئادەمنىڭ بالىسى بىلەن يەنە ھېچنىمىنى بىلمىگەن بولۇپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەمدىمەن؟

ئۈمىد ئاستا قولىنى سۇنۇپ مېنى باغرىغا باسماقچى بولدى، مەن ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم.

_ ئۇنداق قىلماڭ، نازىيە، يەنىلا ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالالماپسىز. 

_ ئەسكىلىك قىلغان ئادەمنىڭ قانۇن سىرتىدا يايراپ يۈرۈشىگە يول قويمايمەن. گەرچە ئۇ سىزنىڭ دادىڭىز بولسىمۇ ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلىشىڭىز خاتا_ دېدىم مەن. 

_ نازىيە، مەن پەقەت چوڭ دادامنى ئويلاۋاتىمەن، دادام چوڭ دادامنىڭ بالىسى، ئەگەر دادامغا بىر ئىش بولسا چوڭ دادام خاتىرجەم كۆز يۇمالامدۇ؟ خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىم بار. 

چوڭ دادامنىڭ گېپى چىقىۋىدى، مەن سەل يۇمشىدىم. ماڭا ئايان، چوڭ دادام ئابلەت ئەپەندىمنى ھەرقانچە يامان كۆرسىمۇ يەنىلا ئۇ ئۆزىنىڭ بالىسى، چوڭ دادامنىڭ كۆزىنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا بالىسىغا بىرەر ئىش بولسا چوڭ دادام راستلا بەك ئازابلىنىدۇ. 

ئەتىسى تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە باردۇق، ئۆيدە فروزە بار ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۇق، فروزە بەك يىغلاپ كەتمىدى.

_ ئەمدى راستلا تارتىشقۇدەك ھېچكىمىم قالمىدى_ دېدى ئۇ. 

بىز كېلىپ بىردەمدىن كېيىن ئىشىك چېكىلدى، مەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچقان ئىدىم، ئىشىك ئالدىدا ئايگۈل ھەدەم تۇراتتى، ئۇنىڭ كەينىدە شېرزات بار ئىكەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا شېرزات ئاپىسىنى مەجبۇرى ئەكەلگەندەك تۇراتتى. ئايگۈل ھەدەم كىرىپ فروزە بىلەن كۆرۈشۈپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغاندىن كېيىن كەينىگە يېنىپ چىقىپ كەتتى. بىزمۇ خوشلىشىپ چىقتۇق، فروزەنىڭ يېنىدا شېرزات قالدى. ئايگۈل ھەدەم بېرىپلا بىر ماشىنىغا چىقتى، بىزنى كۆرۈپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئاستا چۈشۈردى، شوپۇرنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغىنى ئابلەت ئەپەندىم ئىدى. 

_ ماشىنىغا چىقىۋالاي دېگەنما؟  كەچۈرۈڭلار، يولىمىز بىر ئەمەس_ ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن يەنىلا شۇنداق ھاكاۋۇرلۇق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئادەمنىڭ قىزىنىڭ ئالدىدا ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان ئازابى تارتمايۋاتقانمىدۇ؟ يا تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆلۈپ كەتتى، ئەمدى بۇ سىرنى بىلىدىغان ئادەم قالمىدى دەپ ئويلاۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدىم، مۇشتۇمۇم تۈگۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۈمىد ئاستا كېلىپ قولۇمنى تۇتتى، ئۇنىڭغىچە ئابلەت ئەپەندىم ماشىنا ھەيدەپ كېتىپ قالدى. ئۈمىد قولۇمنى چىڭ سىقتى، بۇ سىقىشى بىلەن ماڭا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك، ھەم ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ دەپ ئۆتۈنىۋاتقاندەك قىلاتتى. 

ئەتىسى فروزە بېيجىڭغا قايتتى. بىز تېلېفوندىلا خوشلاشتۇق.  شۇ كۈنى شىركەتكە ئىشقا باردىم.  شىركەتكە بېرىپلا شىركەتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسىنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن دوستۇم بىر ئىشقا يۇلۇقۇپتىكەن دەپ مەسلىھەت سورىدىم، ئاساسلىقى ئۇنىڭدىن ئارىدىن 17 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئەرز قىلىشقا بولامدۇ يوق دېگەننى سورىدىم. ئادۋۇكاتنىڭ ئېيتىشىچە بىر خاتىرە بىلەنلا ئەرز قىلىمەن دېسە پاكىت يىتەرلىك بولماي قالىدىكەن. ئادۋۇكاتنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئىشەنچىم يەرگە ئۇرۇلغاندەكلا بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە مەن  ئەينى يىلى تاش زاۋۇتىدا ئىشلىگەنلەرنى ئىزدەپ ئۇلاردىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشنى سورىدىم، لېكىن ئۇلار بىلمەيمىز دەپ بۇ توغرىلىق ھېچنىمە دەپ بەرمىدى.  بەلكىم ئۇلار راستلا ھېچنىمە بىلمەيدىغاندۇ ياكى دىيىشكە تىگىشلىك بولمىغان گەپنى دەپ قويۇپ ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى خالىمىغاندۇ؟

ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟

ئۇچار تاش قورغىنىغا  باردىم، تۇرسۇنئاينىمۇ چاقىرماي ئۆزۈم يالغۇز باردىم. ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ ئالدىدىن مېڭىپ دادام ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىغان جايغا كەلدىم. ھېلىقى دەرەخ تېخىچە بار ئىكەن. دەرەخنىڭ ئەتراپىنى نەچچىنى چۆرگىلىۋەتتىم. بۇ يەر بىر جىددى ئايلانما ئىكەن، يول بويىدىكى بىر تاختايغا جىددىي ئايلانما بارلىقى ئەسكەرتىپ قويۇلغان ئىكەن. ئەتراپقا قاراپ ھېلىقى قورقۇنۇچلۇق كېچە ئېسىمگە كېلىپ يۈرىكىم يەنە ئاغرىشقا باشلىدى.  ئالدىمغا قاراپ مېڭىپ ئۇچار تاش قورغىنىغا كەلدىم، بۇ ئەينى يىلىدىكى تاش زاۋۇتىنىڭ ئورنى ئىدى. ئۇچار تاش قورغىنىغا قاراپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇنىڭ ئەينى يىلىدىكى تاش زاۋۇتى ۋاقتىدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ بىرى قارا دېگەندەك يان تەرىپىمگە قارىسام يېقىنلا يەردە بىر ئادەم بىلەن بىر يوغان قارا ئىت تۇراتتى. ئۇ ئادەم ئالدى تەرىپىدىكى قەبرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئىتمۇ ئىگىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك ئالدىغا قاراپ جىمجىت تۇراتتى. ئاستاغىنە ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ ھەسەن ئىدى. ئۇ ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، ئۆرۈلۈپ قارىدى، ئەمما مېنى كۆرۈپ ھەيران قالمىدى.  ھەسەننىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسى پۈتۈپ بولغان ئىدى. 

_ شۇ چاغدا زادى نىمە ئىش يۈز بەرگەن؟_ سورىدىم مەن. 

_ نىمە؟ بىرەر ئىشنى ئاڭلاپ قالدىڭىزما؟_ دەپ سورىدى  ۋە كۈلدى. ئۇ مېنىڭ ھاماقەتلىكىمنى مازاق قىلىپ كۈلىۋاتامدۇ ياكى ئىنكاسىمنىڭ ئاستىلىقىغا كۈلۈۋاتامدۇ بىلمىدىم. ئەمما مەن كۈلمىدىم، قەبرىگە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_ تۇردى تاغام بىلەن دادام بىر كۈندە ئۆلۈپ كەتكەنمۇ؟

_ ھەئە، يەنە  مېنىڭ ئاپاممۇ شۇ كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن. 

دېمەك دادامنىڭ قايسى كۈنى ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئۇ بىلىدىكەن. 

_ ئەمىسە سىز ئۇ ئىش توغرىلىق قانچىلىك ئىشلارنى بىلىسىز؟ ماڭا دەپ بېرىڭە. 

_ مەن يا نەقمەيداندا بولمىسام، مەن قانچىلىك ئىشلارنى بىلەتتىم.  نامان تاغامنىڭ ئىشىنى مەنمۇ ئاڭلىغان، لېكىن ئۇ چاغدا مەن دادام بىلەن ئاپامدىن تەڭلا ئايرىلىپ قالغاچقا كاللام توختاپ قالغاندەك بولۇپ قاپتىكەن، ئوغلى بىلەن كىلىنىدىن ئايرىلىپ مومامنىڭ چېچى بىر كېچىدىلا ئاقىرىپ كەتتى.  كېيىن كىچىك دادام مېنى ئېلىپ كېتىپ ئوقۇتتى، ئابلەتلەردىن ئۆچ ئالىمەن دەپ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەچكە  مەنمۇ تىرىشىپ ئوقۇدۇم. 

ئۇ تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك كۈلۈپ كەتتى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k