
بۇ ئەسەرنىڭ 167-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166-قىسىم
ئۇنى ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىشتىن توستۇم، ئۇنىڭغا ئەزىمەت بىلەن مېنىڭ ماشىنامدىن بىرنى تاللاشنى ئېيتتىم، ئۇ ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ كېتىپ قالدى. ئۇنى ئۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، ئاچچىقىمدا مەرۋايىت مارجاننىمۇ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ ماڭدىم. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشۈپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلغان ئىدىم، لېكىن ئۇنداق بولمىدى. ماشىنىنىڭ بېشىنى بۇراپ مېڭىپ بولۇپ يەنىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ مەرۋايىت مارجاننى ئېلىۋالدىم، چۈنكى ئۇ مېنىڭ مەلىكەمنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسى، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلغان مارجان، شۇڭا ئۇنى ياخشى ساقلىشىم كېرەك.
ئۇدا ئىككى كۈن بەزمىخانىدا دوستلىرىم بىلەن ھاراق ئىچتىم، كەيپىياتىم ناچارلاشقانچە ئۆزۈمنى ھاراققا شۇنچە زورلىدىم. نازىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئەتىگەندە نىگارەنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرىۋالدىم، ئۇ ماڭا بۈگۈن نازىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىيالىم بارلىقىنى سورىدى. ئۇنىڭغا ئارىمىزدا بولغان ئىشلانى قىسقىچە قىلىپ دەپ بەردىم، ئۇ ماڭا سەل كايىغاندەك قىلدى، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ مەن تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەزىمەت بىلەن ئۇنىڭمۇ خۇشى يوق.
شۇنداق قىلىپ كەچتە نىگارە نازىيەنى ئالداپ 520 بەزمىخانىسىغا ئېلىپ كەلدى، كۆپچىلىك ئۇنى ھەيران قالدۇرىۋەتتۇق، ئۇ بەك خۇش بولدى، ئەمما سىرتقا چىقىپلا يەنە ئىككىمىزنىڭ ئىشى خاتا بولغان دەپ تۇرىۋالدى، يا ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دىيەلمىسەم، ماڭىمۇ بەك تەس بولدى. تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپمۇ يەنە مەن بىلەن بىللە قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمىدى. بۇ قېتىم مېنىڭمۇ جەھلىم قاتتى. «خەپ، ئەمدى باش ئېگىدىغان بولسام...» كەينىدىنلا يەنە ئۆزۈمگە ئۆزۈم سۆزلىدىم. «ئۇنى ياخشى كۆرىسەن، ئۈمىد، شۇڭا گەپنى بۇنداق كېسىۋەتمە». لېكىن مەن نازىيەنىڭ ئەزىمەت بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئەجىبا نازىيە ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەمدىكىنە؟ ئۇنىڭ ئەقلى نەگە كەتكەندۇ؟
ئۆتكۈر يېرىم كېچىدە ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندە ئۇ ئۇخلاپ قاپتۇ، لېكىن يۈزىدە تېخىچە ياش يۇقى بار، پۇتىمۇ قاپىرىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۇخلاپ قالغىنى بىلەن مېنىڭ ئۇيقۇم كەلمىدى، ھېلىقى خۇمپەرنىڭ ئۇنى يەنە بوزەك قىلغىنىنى ئويلاپ ھېچ ئىچىمگە سىغدۇرالماي مېھمانخانا ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ھاراق ئىچتىم. مەسچىلىكتە بىر چاغدا ئەزىمەت بىلەن تۈزۈشكەن بىر كېلىشىمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەرگەن ئوخشايمەن. شۇ چاغدا نازىيەنىڭ چىرايىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا ئۆتكۈر ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، مەن كرىسلودا يېتىپ قالدىم. تاڭ يورۇغاندا بېشىم ئاغرىغان پېتى ئويغىنىپتىمەن. بۇ كېلىشىمنى مەن ئەينى ۋاقىتتا ئەزىمەتكە 300 مىڭ يۈەن پۇل بېرىپ يازدۇرغان، مەن 300 مىڭ يۈەن پۇل بېرىدىغان، ئۇ نازىيەدىن ئاجرىشىپ ئۇنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان بولغان. مۇشۇنداق بىر نىمىنىمۇ ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ يۈرۈپتىمەن، مېنىڭ ئەزىمەتتىن نىمە پەرقىم قالدى؟
كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ شىركەتكە ماڭدىم، شىركەتكە كىرسەم مېنى كۆرۈپ پاراڭلىشىۋاتقانلارمۇ گېپىنى توختىتىپ جىم بولۇپ قېلىشتى، ئىشقىلىپ بۈگۈن ھەممەيلەننىڭ ماڭا قارىشى باشقىچىلا ئىدى. ئىشخانىغا كىرىپ كاتىپىمغا تېلېفون قىلغانتىم، بىردەمدىلا كىردى، ئۇنىڭدىن بۈگۈن شىركەتتىكىلەرگە نىمە بولغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ قىزىرىپ تاتىرىپ گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.
_ راست گەپ قىلىڭ_ دېدىم مەن .
_ باش دېرىكتور، بۇنىڭغا قاراڭ!_ ئۇ تېلېفونىنى ئېچىپ بىر سۈرەتنى كۆرسەتتى، سۈرەتتە نازىيە مۇنچا لۆڭگىسى ئورىۋالغان، مېنىڭمۇ ئۈستى بەدىنىم يالىڭاچ، لېكىن مېنىڭ يۈزۈم توسۇۋېتىلىپتۇ، نازىيەنىڭ ئۇنداق ئەمەسكەن. سۈرەتنى كۆرۈپ بولۇپ تېلېفوننى كاتىپقا قايتۇرۇپ بېرىپ ئادۋۇكاتقا تېلېفون قىلىپ يېنىمغا چاقىرىشنى ئېيتتىم. ئادۋۇكات كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا نازىيەگە تېلېفون قىلدىم، لېكىن تېلېفونى ئۇلانمىدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ ئۇنى ئامال بار باشقىلارغا ئاشكارىلىماي دەپ كەلگەن ئىدىم، قارىغاندا ئەمدى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. دەرھال ئۆيگە بېرىپ ئۆيلىنىش خېتىمىزنى ئېلىپ كېلىپ بىپايان شىركىتىنىڭ مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلىپ نازىيەگە قىلىنغان تۆھمەتنى يۇيۇشنى ئېيتتىم. بۇ ھازىرقى بىردىنبىر ئامال ئىدى، ئادۋۇكات ئاڭلاپلا مەقسىتىمنى چۈشەندى ۋە مەشغۇلات قىلىشنى باشلىۋەتتى. شىركەتنىڭ ئالدىدا بىر ئىش بولىۋاتقىنى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، دەرھال چىقتىم. بىر توپ ئادەملەر يىغىلىپ تۇرۇپتۇ، نازىيە ئوتتۇرىدا چاچلىرى قالايمىقان ئولتۇرۇپتۇ، بىر سېمىز ئايال ھە دەپ ئۇنى نۇقۇشلاپ تىللىغىلى تۇرۇپتۇ. نازىيە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئامالسىز قاپتۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ يەنە بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ تۇرىۋالسام مېنىمۇ ئەر كىشى دېگىلى بولسۇنمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئالدىغا چىقىپ باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن كارىم بولماي ئۇنى يەردىن قۇچاقلاپ ئالدىم. ئادۋۇكات ئۇنىڭ مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ھېلىمۇ تۆنۈگۈن كەچتىكى ئىش ئۈچۈن مەندىن خاپا بولىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۇنى ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىپ پۇتىنى يۇيۇپ دورا سۈركىدىم. مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە بىرەر ئايال كىشىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇپ باقماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ پۇتىنى يۇدۇم، بۇنىڭدىن قىلچە ئۇۋالچىلىق ياكى بىئاراملىق ھېس قىلمىدىم، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ قاپىرىپ كەتكەن يەرلىرىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. «بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىپ بېرىپتۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭغا يالۋۇرمايمەن دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم ۋەدە بەرگەن تۇرۇپ، مانا ھازىر ئۇنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇۋاتىمەن. شۇڭا ئادەم ھەرگىز چوڭ سۆزلىمەسلىك كېرەككەن. ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ ئۆزۈمنىڭ مۇمۇرۇمنى قارا تىزىملىكتىن تارتىپ چىقىرىپ قويدۇم.
ھېلىقى سۈرەتنى تورغا چىقىرىۋەتكەن ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىمەن، شۇڭا ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئەزىمەتتىن ھېساب ئالماقچى بولدۇم. لېكىن ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ قولىدا نازىيەنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ چۈشۈرىۋېتەلەيدىغان نەرسە بارلىقىنى ئېيتتى. مەن باشقىلارنىڭ ماڭا تەھدىت سېلىشىدىن ئەڭ بىزار، ئەمما ئىش نازىيەگە بېرىپ تاقىشىپ قالدى، شۇڭا ئامالسىز كەينىمگە چېكىنىپ، بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمايدىغانلىقىمنى ئېلان قىلدىم.
ئەمما نازىيەنىڭ كۆڭلىدە يەنە تۈگۈن قېپ قالدى، مەن ئۇنىڭ ھەرقانداق سۇئالىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. پەقەت ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىشىمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنى ئۇنىڭغا ئوخشاتقانلىقىم ئۈچۈن دېققىتىمنى تارتقانلىقىنى دېمىدىم. ھەممە ئىشلار ئېنىق بولغاندىن كېيىن نازىيەنىڭمۇ كۆڭلى ۋاللىدە ئېچىلدى. مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ئەزىمەت بىلەن ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغانلىقىنى سورىسام ئۇ ماڭا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي تۇرىۋالدى، مەنمۇ زىغىرلاپ سورىمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننىڭ يېشىلگىنى ھەممىدىن ياخشى بولدى، قالغان ئىشلار مۇھىم ئەمەس.
دادامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دادام تاماققا چاقىردى، مەن ئالدىراش دەپ گەپنى ئۈزەي دەپ تۇرسام، ئۇنىمۇ بىللە ئېلىپ كەل دېدى، ئۇ دېگىنى نازىيە ئىدى. ئەگەر دادام ئۇنىڭ ئالدىدا ئەينى يىلىدىكى خاتالىقىنى تۇنۇپ، ئۇنى چىن كۆڭلىدىن كېلىنىم دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسا مەنمۇ خۇش بولاتتىم. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كۈنى فروزەمۇ بېرىپتۇ. كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر نەچچە قېتىم تەتىللەردە ئۇ ئاپىسى بىلەن بىللە ئۆيگە كەلگەن. ئۇ قارىماققا تەڭ ياشتىكى قىزلارغا قارىغاندا زېرەك، چېچەن كۆرۈنىدۇ، ھەم ئىنتايىن ئەدەبلىك، شېرزاتتىن مىڭ ياخشى. داداممۇ ئۇنىڭغا خېلى ئامراق، خۇددى فروزەنىڭ ئاپىسى كۆرۈنۈشتە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغاندەكلا. بۈگۈن فروزە بار بولغاچقا دادام نازىيەگە ئانچە مۇنچە ئىللىق چىراي ئېچىپ قويدى. بۈگۈن دادامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن قەستەن ھېچقانداق سوۋغات تەييارلىمىدىم. چۈنكى دادام ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرەر قېتىم ئېسىدە تۇتۇپمۇ باقمىغان. پاراڭلىشىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىم، ئۇلار ئىككىسى فروزەنى ماڭا سايە قىلىۋېتىپتۇ. تاماق ئۈستىدە دادام قاچامغا ئالايىتەن بىر تال گۆش سېلىپ قويدى، يۈرىكىمگە ئىللىق بىر ئېقىم تارىدى. مەن دادامنى ئىزچىل ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ماڭا ئۆچ دەپ ئويلايتتىم، قارىغاندا خاتا ئويلاپ قالغاندەك قىلىمەن.
چوڭ ئۆيدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ نازىيە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئۇنى چارچاپ قالغان بولسا كېرەك دەپ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ دېدىم، ئەتىسى قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى، بىر كۈن ئۆيدىن چىقمىدۇق. نازىيە بارغانسېرى جىمىپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، كۆڭلىدە بىر ئىش باردەكلا. ئۇ ئۇنىسۇن ئۇنىمىسۇن دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئويلاپ تۇرسام بىر كۈنى ئەزىمەتتىن تېلېفون كەلدى. ئۇ قولىدا نازىيەنى تەلتۈكۈس ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان ئىسپاتنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ، مەندىن 500 مىڭ يۈەن پۇل تەلەپ قىلدى. پۇلنى دەرھال تەييار قىلىپ كەچ سائەت ئوندا كونا ئايرۇدرۇمغا ئەچىقىپ بېرىدىكەنمەن. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا ئۆزىگە بەك ئىشەنچىسى باردەك قىلىدۇ، شۇڭا بارمىسام بولمىغىدەك. ئۇنىڭ قولىدىكىسى زادى نىمىدۇ؟ نازىيەنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا دېمەي جىمجىتلا چىقىپ كەتتىم. شىركەتكە بېرىپ كاتىپىمغا دەپ 500 مىڭ يۈەن نەقپۇل تەييارلاتقۇزدۇم. شىركەتتە تۇرۇپ كەچ سائەت توققۇزدا كونا ئايرۇدرۇمغا قاراپ يولغا چىقتىم. بۇ يەردە چىراقمۇ يوق، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ھېچكىممۇ كەلمەيدۇ. ماشىنىنى ھەيدەپلا كىردىم، ماشىنا چىرىقىنىڭ يورۇقىدا زۇڭزىيىپ تاماكا چىكىپ ئولتۇرغان بىرى كۆرۈندى. ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ مەغرۇرلارچە كۈلۈپ ئورنىدىن تۇردى. بۇ خۇمپەر ھازىر باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلغۇدەك بولۇپتۇ. ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدىم.
_ پۇل قېنى؟
ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۇنىڭغا بىر مۇشت ئاتتىم، ئۇ مۇشتنىڭ زەربىسىدىن نەچچە قەدەم كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتى.
_ نىمانچە مۇشتۇڭ قاتتىق نىمە سەن؟_ دېدى ئۇ جاۋغىيىدىن ئاققان قاننى سۈرتكەچ.
_ مۇشتۇمنىڭ قاتتىقلىقىنى سەككىز يىل بۇرۇنلا بىلمىگەنمىتىڭ؟
_ بۈگۈن نىمىلا دېسەڭ مەيلى، ئىشقىلىپ مەن دېگەن پۇلنى ئالساملا بولدى، خالىغانچە تىللا. بۈگۈن تىللاپ بولۇپ پۇلنى بەرمەيدىغان بولساڭ ئەتە بۇنداق تىلغا قالىدىغىنى سېنىڭ خوتۇنۇڭ بولىدۇ.
ئۇنىڭدەك ئادەمنىڭ قولىدىن ھەر يامانلىقلار كېلىدۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى روھى ھالىتىدىن قارىغاندا ئۇ بىر ئىشقا تەييار بولغاندەكلا قىلاتتى. مەن ئالدىرىماي بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ تولا گەپ قىلماي نەرسىنى چىقار، سەن دېگەن پۇلغا يارامدۇ يارىمامدۇ قاراپ باقاي.
_ قايسى كۈنى مەن ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن نەرسىنى ئۇ ساڭا كۆرسەتمەپتۇ دە،
_ قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ھەرقانچە قاراڭغۇ بازار سودىسىدىمۇ ئاۋۋال مالنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئاندىن پۇل بېرىدۇغۇ.
ئەزىمەت كۈلۈپ تۇرۇپ تېلېفونىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى. تېلېفوندا راستلا نازىيەنىڭ يالىڭاچ سۈرىتى تۇراتتى. تېلېفوننى يەرگە زەرب بىلەن ئاتتىم ۋە بېرىپلا ئۇنى يەرگە باستىم، ئۇ تىپىرلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرىۋەردىم. يۈز كۆزى قانغا بۇيىلىپ كەتسىمۇ يەنىلا كۈلۈۋاتاتتى.
_ قانداق؟ 500 مىڭغا يارامدىكەن؟ تېلېفون بۇزۇلۇپ كەتسە مەيلى، ئۇ سۈرەتلەرنى باشقا يەردىمۇ ساقلاپ قويغان. مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتسەڭمۇ ئىختىيارىڭ، لېكىن ئەتە ئەتىگەنلا پۈتۈن شەھەردىكىلەر بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىنىڭ خانىمىنىڭ گۈزەل بەدىنىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ھا ھا ھا.
ئۇنى تازا ئۇرۇپ ھارغاندا ئاندىن 500 مىڭ يۈەن پۇل سېلىنغان سومكىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتىم.
_ بۇ پۇلنى ئېلىپ باشقا يەرگە كەت. ئەمدى سۈرەتلەرنى چىقىرىدىغان بولساڭ ئىككى پۇتۇڭنى ئۈزىۋېتىمەن.
ئەزىمەت پۇل سېلىنغان خالتىنى يۈدۈپ بىر پۇتىنى سۆرەپ تېز تېز مېڭىپ كەتتى. مەن جايىمدا بىردەمگىچە مىدىرلىماي تۇرغاندىن كېيىن، مەن يەرگە ئېتىپ بۇزۇۋەتكەن تېلېفوننى ئېلىپ كونا ئايرۇدرۇمنىڭ كەينى ئىشىك تەرىپىدىكى كىچىك يولدىن ماڭدىم، يول ئۈستىدە بىر كىچىك كۆل بار ئىدى، تېلېفوننى شۇ كۆلگە ئېتىۋەتتىم.
......
مېھراي ئوڭۇشلۇق يەڭگىدى، ئانا-بالا ساق سالامەت. مەنمۇ كىچىك بالىغا بەك ئامراق. ئەر كىشىلەر مەلۇم ياشقا بارغاندا، بولۇپمۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن بالىلىق بولغۇسى كېلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، مەندىمۇ تۇيۇقسىز نازىيە ئىككىمىزنىڭ بالىسى بولسا بوپتىكەن دېگەن خىيال شەكىللەندى. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرگەن چېغىمدىلا بالىلىق بولۇش ئارزۇيۇمنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن قانچىلىك بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. نازىيەنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى قېتىم بالا چۈشۈرگەنلىك سەۋەبىدىن قايتا بويىدا قېلىشى سەل قىيىنغا توختايدىكەن. ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاچچىق بولدى ھەم ئەزىمەت دېگەن خۇمپەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىم تېخىمۇ كۈچەيدى. نازىيەنىڭ ئەسلىمۇ ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەمچىل ئىدى، ئەمدىلىكتە مۇشۇ سەۋەب بىلەن تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېتەرمۇ؟
شىركىتىمىزنىڭ خاتىرە زىياپىتىنى مېھمانسارايدا ئۆتكۈزدۇق، مەن ئانچە كۆپ ھاراق ئىچمىدىم، زىياپەت يېرىملاشقاندا تۇيۇقسىز بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئۇ ئۆتكۈر بىلەن نازىيەنىڭ قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتقان سۈرىتى ئىدى، ئۇلارنىڭ تۇرغان جايىمۇ دەل بىز ھازىر زىياپەت بېرىۋاتقان مېھمانساراي شۇ ئىدى. دېمەك، ئۇلار كەپتۇ دە؟
ئۆتكۈر قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل بىز بىلەن بىللە تۇرىۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭ نازىيەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇنىڭ پەزىلىتىگە ئىشىنىمەن، شۇنداقتىمۇ سۈرەتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سەل پاراكەندە بولدى. شۇڭا زىياپەت تۈگىمەي تۇرۇپلا مېھمانسارايدىن ئايرىلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئىش بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن، چۈنكى مەن نازىيەگە ئىشىنىمەن، ئۆتكۈرگىمۇ ئىشىنىمەن. شۇنداقلا سۈرەتنى ئەۋەتكۈچىنىڭ باشقا مەقسىتى بارلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ شۇ كۈنى كەچلىكى يەنىلا ئۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم گەپ تالىشىپ قېلىشىمىز ئەمەس، ئەمما مەن بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۇنى يولسىزلىق قىلغاندەك ھېس قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ نىمىگە بۇنچىۋالا قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا قوپال تېگىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. ئۆيدىن چىقىپ بولۇپلا ئۇنىڭغا قوپال گەپ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. لېكىن ئېغىزدىن چىقىپ بولغان گەپنى قايتۇرىۋالغىلى بولاتتىمۇ؟
شىركەتكە بېرىپ قونۇپ قالدىم، ئەتىسىمۇ قايتمىدىم. كەچقۇرۇنلۇقى سىرتقا چىقپ تاماق يەپ چۆگىلەپ يۈرۈپ باقتىم. شۇنچە يىل بويتاق يۈرگەن چېغىمدا يالغۇزلۇققا كۈنۈپ كىتىپتىكەنمەن، ئەمما تۇرمۇشۇمدا ئۇ پەيدا بولغاندىن باشلاپ يالغۇز قالىدىغاندىن قورقىدىغان بولۇپ قاپتىمەن. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى بارىدىغان يېرى يوق سەرگەرداندەك ھېس قىلىپ قېلىۋاتىمەن. يولدا كېتىۋېتىپ بىر كىتابخانىغا كۆزۈم چۈشۈپ قېلىپ كىردىم. قاتار قاتار تىزىقلىق كىتابلارنى كۆرۈپ سەل گاڭگىراپ قالدىم، ئۆزۈمنىڭ نىمىگە كىرگىنىمنى بىلمەيتتىم، تۇيۇقسىز كۆزۈم ئۈستىدىكى رەتتە تۇرغان «پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابقا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتابنى سېتىۋالدىم. ئەر_ خوتۇنلار ئارىسىدا بۇنچىلىك قىيدىشىپ قېلىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ياخشى بولۇپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى كۈندە ئۇنى بەكلا سېغىنغان ئىدىم، ئۇمۇ مېنى سېغىنغانمىدۇ؟ بىز ھەر ئىككىمىز بىر بىرىمىزدىن ئۆتە جاھىل، ھېچقايسىمىزنىڭ باش ئەگكۈمىز كەلمەيۋاتىدۇ.
يەنە ئىشخانىدا قونۇپ قالدىم، ئەتىسى بىر كۈن ئىشلەپ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغاندا سىرتقا قاراپ يەنە كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئۆيگە ئۇچۇپلا بارغۇم كەلدى، لېكىن بىر ئەر كىشى تۇرۇپ ئۇنىڭغا باش ئەگكۈم كەلمەيۋاتىدۇ. «ئۆزى كەتكەن يارەي، ئۆزى كەلگەن يارەي» بولۇپ يەنە ئۆزۈم ئالدىغا بارسام ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزۈم بولامدۇ؟ ئەمما شۇ تاپتا كونىلارنىڭ شۇ گېپىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. «قايتا كىرىدىغان ئىشىكنى كۈچەپ ياپماسلىق كېرەك».
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















