大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 186 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 186  - قىسىم aybarawazi
2023-12-14
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 187-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173
174
175
176
177
178
179
180
181
182
183
184
185




ئاخىرقى توي

(رومان)

ئاپتورى : دىلھايات

186-قىسىم  


   مېھراي ئاۋازىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاغزىنى چىڭ تۇتىۋالدى، ئەمما يىغىدىن بەدىنى تىترەپ كېتىۋاتاتتى. 

_ بەك يىغلاڭغۇ قىزكەن بۇ. لېكىن مەن ئۇنى ھېچنىمە قىلمىدىم جۇمۇ، ئىشقىلىپ توختىماي يىغلاۋاتىدۇ. 

_ ئايقىز، قوقماڭ. ئۇ ئاچاش سىزگە ئامراق بولغاچقا سىزنى ئوينىتاي دەپ يېنىغا ئېلىپ كېتىپتۇ. مەن سەل تۇرۇپ يېنىڭىزغا بارىمەن ھە _ شېرزات ئايقىزنى بەزلىدى. 

ئۆيدە تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى. ئايقىز دادىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا زۇمرەتنىڭ كۆزى تېلېۋىزورغا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭدا بىر ئەر بىر بالىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئورنىنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلىپ قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇۋاتقان كۆرۈنۈش چىقىۋاتاتتى. زۇمرەتنىڭ كۆڭلى بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلدى ۋە دەرھال ئايقىزنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپلا بېسىۋەتتى. ئۇ دەرھال تېلېفوننى شۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ بالىنى كۆتۈرۈپلا ماڭدى.  ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئەمدى تاكسىغا چىقىپ مېڭىشىغا ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ شۇ پىتى ھەر بىر كلومېتىردا بىر تاكسى ئالمىشىپ ماڭدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ كېلىپلا ئىنىسىنى يېزىدىكى ئۆيىگە ماڭغۇزىۋېتىپىكەن، بولمىسا قانداق قىلا بولغىيتتىكىن. ئايقىز توختىماي يىغلايتتى. 

_ دادام بىلەن ئاپامنىڭ يېنىغا كېتىمەن...

_ يىغلاۋەرمە، يەنە يىغلايدىغان بولساڭ داداڭ بىلەن ئاپاڭنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسەن. 

......

   ساقچىلار تېلېفوندىكى ئورۇنغا ئاساسەن تېپىپ كىرگەندە ئۆي قۇپقۇرۇق ئىدى. بالىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ساقچىلار داۋراڭ سالماي ئاستىرتتىن تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشتى. 

......

زۇمرەت بالىنى ئېلىپ يېزىدىكى ئاتا ئانىسىدىن قالغان كونا ئۆيىگە باردى، ئۇ ئىنىسىنى بالدۇرلا ماڭدۇرىۋەتكەچكە ئىنىسى كېلىپ ئۆيلەرنى ئانچە مۇنچە يىغىشتۇرۇپ تۇرغان ئىدى. 

_ ئاچا، نىمە تۇيۇقسىزلا بۇ ئۆيگە كەلگۈڭىز كېلىپ قاپتۇغۇ؟ _سورىدى ئىنىسى. 

_ بۇ يېقىندا فىلىمگە ئالىدىغان ئىشلارمۇ يوق، خېلى بىكار بوپ قاپتىمەن، شۇڭا ئارام ئالاي دەپ ئويلىدىم شۇ_ دېدى ئۇ. ئىنىسىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دېگىلى بولاتتىمۇ؟ 

شۇنداق قىلىپ ئايقىز يېزىدا ئۇلار بىلەن قالدى، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتتى، بۇ ئۈچ كۈندە مېھراي پۈتۈن ئۈمرىدە يىغلايدىغان يىغىنىڭ ھەممىنى يىغلاپ بولغاندەك قىلاتتى، شېرزاتمۇ شىركەتكە بارماي مېھرايغا ھەمراھ بولدى. 

ئايقىزنىڭ ئىنىسى رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئايقىزنىڭمۇ رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭغا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتتى، ئۇ ئايقىزنى ئىزچىل ئاچىسىنىڭ دوستىنىڭ قىزى دەپ بىلەتتى. زۇمرەت ئايقىزغا تەسدىت سېلىپ، ئارتۇق گەپ قىلسا دادىسى بىلەن ئاپىسىنى مەڭگۈ كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاچقا، ئەقىللىق قىز بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى، ئارتۇق جىدەل قىلمىدى. 

 بىر كۈنى ئۇلار تاماق يەۋاتقاندا ئىنىسىنىڭ تېلېفونى سايرىدى. 

_  ئۇكام، زۇمرەت ئاچام بارمۇ؟_ تېلېفون مەرھابادىن كەلگەن ئىدى. ئۇ تېلېفوننى زۇمرەتكە سۇندى. 

_ ئاچا، نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسەن؟ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ بۇنداق قىلساڭ بولمايتتى. 

_ بىلىمەن. 

شۇ ئەسنادا ئىنىسى بىر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ زۇمرەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالدى. 

_ بەرىبىر بۇ يولغا مېڭىپ بولدۇم. يا ئۆلۈم يا كۆرۈم.  شېرزاتنىڭ بالىسىنى  بۇنداقلا بېرىۋەتسەم ئۇلار خاتىرجەم بالىسىنى بېقىپ يۈرسە مېنىڭ ئىچىم ئېچىشمامدۇ؟ بولدى، سەن ئارىلاشما، ئۆزۈم قاراپ بىر تەرەپ قىلىمەن.

  ئىنىسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدى. زۇمرەت قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىز سورىدى. 

_ ئاچا، دوستىڭىز نەچچە كۈنلەردە قايتىپ كېلىدىكەن، بالا بۇ يەردە يالغۇز زېرىكىپ كەتمەمدۇ؟

_ زېرىكىپ كەتمەيدۇ_ قوپاللا جاۋاب بەردى زۇمرەت. 

_ ئاچا، بۇ قايسى دوستىڭىزنىڭ قىزى؟ _ يەنە سورىدى ئىنىسى. 

_ تۇنۇمايسەن. ۋاي ۋۇي، بۈگۈن گېپىڭ نىمانچە جىقلاپ كەتتى. _ زۇمرەت شۇنداق دەپ قولىدىكى چوكىنى قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئىنىسى زۇمرەتنىڭ شېرزات بىلەن بولغان ئىشىنى بىلەتتى، ھەم ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىدىن بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك بولغان ئىدى. 

 ئەتىسى ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى. زۇمرەتنىڭ ئىنىسى ناشتىدىن كېيىنلا ئايقىزنى كىيىندۈرۈپ، رەسىم سىزىش جازىسىنى ئېسىپ تەييار بولدى. 

_ قەيەرگە تەييارلىق قىلدىڭلار؟ 

_ بۈگۈن ھاۋا ياخشى ئىكەن، ئايقىزنى دالىغا ئېلىپ چىقىپ رەسىم سىزىپ كىرەيلىمىكىن دەيمەن.  

_ ھە، بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭلار! _ زۇمرەت ئارتۇق گەپ قىلمايلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. 

ئىنىسى ئايقىزنى يېتىلەپ ماڭغان پىتى كەنتتىن چوڭ يولغا چىقىپ ماشىنا توستى. 

_ ئاكا،  رەسىم سىزغىلى بارماقچىتۇققۇ؟

_ قورقماڭ. سىزنى دادىڭىزنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويىمەن. 

   شۇ كۈنى بىر ھەپتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىشقا بارغان شېرزات ئىشخانىسىغا كىرىپ ئالدىدا دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھۆججەتلەرگە قارىغىنىچە قول ئۇزىتىشقىمۇ رايى بارماي ئولتۇراتتى. ئۇ زۇمرەتنىڭ بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ باقتى، دوستلىرىنىڭ ھەممىسىگە تېلېفون قىلدى، لېكىن ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىدى. 

 بۇرۇن ئۇ ئايقىزدىن بىزار بولغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتى. ئۇ روھسىز ھالەتتە ئولتۇرغاندا تېلېفونى سايرىدى، تېلېفون ساقچى ئىدارىسىدىن كەلگەن ئىدى، ساقچىلار بىر يىپ ئۇچى تېپىلغانلىقىنى، دەرھال ئىدارىگە كېلىشنى ئېيتتى. ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. ئىشىك ئالدىدا ياردەمچىسى ئۇنى چاقىردى. 

_ باش دېرىكتور، بىر ئەپەندىم سىز بىلەن كۆرۈشسەم دەيدۇ. 

_ كېيىن كەلسۇن، ھازىر ۋاقتىم يوق. _ ئۇ شۇنداق دېگەن پىتى لىفىتقا چىقتى. ياردەمچى كەينىدىن كەلدى. 

_ مەنمۇ شۇنداق دېگەن، لېكىن ئۇ سىز بىلەن چوقۇم كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ دەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىسىڭىز پۇشايمان قىلىپ قالغۇدەكسىز..._ ياردەمچىنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپ لىفىتنىڭ ئىشىكى يېپىلدى. ھازىر شېرزاتقا نىسبەتەن ئايقىزدىنمۇ مۇھىم ھېچقانداق ئىش يوق ئىدى.  لىفىت بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ ئىشىكى ئېچىلدى، ئۇ ئىشىك تەرەپكە مېڭىپ بولۇپ تۇيۇقسىز جايىدا توختاپ قالدى. چۈنكى كۈتۈۋېلىش ئورنىدىكى كرىسلودا ئايقىز ئولتۇراتتى. ئۇ شېرزاتنى كۆرۈپ يىغلىغان پىتى ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈردى. 

_ دادا.   

 ئۇنىڭغا سالام بەرمەكچى بولۇپ كېلىۋاتقان خىزمەتچىلەر بىر كىچىك قىزنىڭ ئۇنى «دادا» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپ قېلىشتى.  چۈنكى ئۇلار شېرزاتنى ئىزچىل بويتاق، توي قىلمىغان دەپ بىلەتتى. تۇيۇقسىز بىر بالىسىنىڭ بولۇپ قالغىنى ھەممەيلەننى ھەيرانۇ ھەسلىكتە قالدۇردى.  شېرزات چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ دەپ كۆزىنى نەچچە ئۇۋىلىۋەتتى، ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتقىنى راستلا ئۇنىڭ قىزى ئايقىز ئىدى. ئۇ دەرھال زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئايقىزنى قۇچاقلىدى. ئۇ ئايقىزنى توختىماي سۆيەتتى، كۆزىدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئايقىزنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئۇماق قىزىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىغۇسى كېلىپ كەتتى.  ئۇ تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئسىگە ئالغاندەك مېھرايغا تېلېفون قىلىپ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. 

_ ئايقىز، بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭىز؟ 

_ مېنى ئاۋۇ ئاكام ئېلىپ كەلدى _ ئايقىز شۇنداق دەپ زۇمرەتنىڭ ئىنىسىنى كۆرسەتتى. ئىنىسى دادا بالىنىڭ قايتا ئۇچراشقاندىكى بۇ تەسىرلىك مىنۇتلاردىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆز يېشى قىلىپ تۇراتتى. ئۇ توغرا قىلغان ئىدى. ساقچىلاردىن تېلېفون كەلدى، ئۇلار زۇمرەتنى يېزىدىكى ئۆيىدىن تېپىپتۇ.

...... 

   ئەتىسى شېرزات ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ زۇمرەت بىلەن كۆرۈشتى، بىر كېچىدىلا زۇمرەتنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدى.  تۆنۈگۈن ساقچىلار ئۇنى تاپقاندا ئۇ چۈشلۈك تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلىپ، ئىنىسى بىلەن ئايقىزنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن....

شېرزات ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندە ئىشىكتىن كىرگەن نۇردىن ئۇ كۆزىنى ئاچالماي قالدى، شېرزات ئورۇندۇقنى تارتىپ ئۇزۇن ئۈستەلنىڭ بىر تەرىپىدە ئولتۇردى. 

_ نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟ 

_ چۈنكى مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. 

_ ياخشى كۆرۈش ئاشۇنداق بولامدا؟ 

_ بىلىمەن، شۇ تاپتا مېنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك بولۇپ كىتىۋاتىسىز.  مەن خاتا قىلدىم، شېرزات. بۇ ئىشقا ئىنىمنى چېتىۋالمىغان بولساڭلار. ئۇ ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيتتى، ئۇنى مەن ئالدىغان. 

_ بۇنداق دەپلا ئىشنى يىغىشتۇرىۋالغىلى بولامدۇ؟ قانۇن ئادىل، ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە ئۇۋال قىلمايدۇ ھەم جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىرمۇ ئادەمنى قانۇن تورىدىن چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. ئەمدى ھەر ئىككىڭلار قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر. 

شېرزات شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى، زۇمرەت ئۇنىڭ كەينىدىن ۋارقىراپ يىغلىغان پىتى قېپ قالدى. ئارىدىن ئىككى سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن بىر ساقچى كىردى. 

_ زۇمرەت، كەتسىڭىز بولىدۇ. 

_ ھە؟ 

_ كەتسىڭىز بولىدۇ،بىرەيلەن سىزنى كېپىللىككە ئېپ ئېپ چىقتى. 

_ كىم؟

_ بايا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلگەن ئادەم. 

ئىشىك ئالدىدا ئىنىسى ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى. 

_ ئاچا_ يۈگۈرۈپ ئاچىسىنى قۇچاقلىدى ئۇ. زۇمرەت ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ كەينىگىمۇ قارىماي كەتتى.

_ ئاچا، خاپا بولماڭ، مەنمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم، پاتقاققا چوڭقۇرلاپ پىتىپ كېتىشىڭىزدىن ئەنسىرىدىم.

_ مەن ساڭا خاپا بولمىدىم، ئۆۈمگە ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ، مېنىڭ كاللام نەگە كەتكەندۇ؟   

ئاچا - ئىنى ئىككىيلەن چىڭ قۇچاقلاشتى.......

 ئايقىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇرۇنقىدىنمۇ بەك جىمغۇرلىشىپ كەتتى. شېرزات مېھراي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئايقىزنى بالىلار باغچىسىغا ئاپاردى. بۇ ئايقىزنىڭ تۇنجى قېتىم باغچىغا كېلىشى ئىدى.  شۇڭا بەزى نەرسىلەرنى تازا ئوينىيالماي قالدى، شېرزات ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ ئوينىشىپ بەرگەندىن كېيىن ئاستا ئاستا ئۇيۇنغا كىرىشىپ كەتتى. 

مېھراينىڭ ئايلانما ياغاچ ئاتقا قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ شېرزات سورىدى. 

_ سىزنىڭمۇ ئوينىغىڭىز كېلىۋاتامدۇ؟ 

_ كىچىكىمدە باشقا بالىلار ئوينىسا مېنىڭمۇ ئوينىغىم كېلىپ كىتەتتى، لېكىن...

_ يۈرۈڭ، ئەمدى ئوينىسىڭىزمۇ بولىدۇ. 

ئۇلار ئۈچەيلەن بىللە ئايلانما ياغاچ ئاتقا چىقتى. مېھراي بىلەن ئايقىزنىڭ خۇشاللىق كۈلكىسىنى كۆرگەن شېرزاتمۇ ئىختىيارسىز كۈلۈپ ئۇلارغا جۆر بولدى. ئەسلى ئائىلىنىڭ ئىللىقىلىقى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۈلكسىدىن كېلىدىغانلىقىنى شېرزات ئەمدى ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتى.  شېرزات ئۇلارغا پاختا كەمپۈت ئېلىپ بەردى......

  كەچتە شېرزات ئۇلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى ۋە ئۆيگە كىرىپ ئايقىزنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئاندىن مېڭىشقا تەييارلاندى. 

_ رەھمەت سىزگە، بۈگۈن ئايقىزمۇ، مەنمۇ بەك خۇشال ئوينىدۇق_ دېدى مېھراي. 

_ مەن يات ئادەمما؟ 

مېھراي بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدى، چۈنكى كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەم يات دېسە ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلا بىر ئادەم، يات ئەمەس دېسە، ئۇ قىزىنىڭ دادىسى. ئاخىرى ئۇ جاۋاب بەرمەي يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى.  

_ بۈگۈن ئايقىز مەندىن مايمۇننى كۆرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى، كېيىنكى ھەپتە ئۇنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىپ كېلەيلى. مەن ماڭاي _ ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى شېرزات بۇزدى ۋە خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.  

 بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئايقىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئايقىز ئەزەلدىن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، شېرزاتمۇ خىزمەتچىلەر ئارخىپىدىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ قاچان ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى. 

 مېھراينىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان كۈنى. مېھراي تۇيۇقسىز بىر تېز يوللانما تاپشۇرۇپ ئالدى، تېز يوللانما خالتىسىنىڭ ئىچىدە بىر پارچە خەت بار ئىدى. 

_ قىزىڭ مېنىڭ قولۇمدا، ئەگەر بالاڭنى ساق كۆرەي دېسەڭ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە كەيشۇەن مېھمانخانىسىنىڭ 1208-ياتىقىغا كەل. 

مېھراي خەتنى تۇتقان پىتى قېتىپ تۇرۇپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ سائەتكە قارىدى، سائەت بىردىن ئاشقان ئىدى. ئۇ دەرھال نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بۆلۈم مەسئۇلىدىن رۇخسەت سوراپ كەيشۇەن مېھمانخانىسىغا چاپتى. 1208-ياتاق 12-قەۋتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇ بىلەتتى. ياتاققا يېقىنلاشقانچە ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىۋاتاتتى. «ھەي، توغرا ئەمەسقۇ، ئۇ ئەتىگەن ئايقىزنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئىشقا كەلگەن تۇرسا، يەسلىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى شۇنداق ياخشى تۇرسا، ئۇنى بىرەرىنىڭ ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ» شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. ئىشىك ئوچۇق ئىدى.  مېھراي ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ كىردى. ئىشىكنىڭ تۈۋىدىن تارتىپ ياتاقنىڭ ھەممە يېرىگە قىزىل ئەتىرگۈل بەرگىلىرى چېچىلغان، ياتاقنىڭ ئىچىدە لەرزان مۇزىكا چىقىۋاتاتتى. مېھراي خاتا كىرىپ قالمىغاندىمەن دەپ كەينىگە يېنىپ ئىشىك نۇمۇرىغا قارىدى، خاتا ئەمەس.  قايتا كىرىپ ئايقىزنى چاقىردى. «ئايقىز». 

 بۇ چاغدا قولىدا قېپقىزىل بىر دەستە ئەتىرگۈل كۆتۈرگەن شېرزات ئىشىكتىن كىردى. مېھراي بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالدى. 

_ بۇ نىمە ئىش؟ ئايقىز قېنى؟ 

_ سىزنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇراي دەپ مەن ئويلاپ تاپقان ئۇيۇن، قىزىق بولدىمۇ؟ 

_ ئايقىز قېنى؟ _ مېھراي تېخى ئېسىگە كېلىپ بولالمايۋاتاتتى. 

_ ياردەمچىم ئايقىزنى ئالغىلى يەسلىگە كەتتى. _ ئۇ قولىدىكى ئەتىرگۈلنى مېھرايغا تۇتتى. 

_ مېھراي، بۇرۇن قىلغان ئەتكەنلىرىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. سىزگە قايتىدىن توي تەكلىپى قوياي دەپ بۈگۈنكى بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم. 

ئۇ قۇيۇن يانچۇقىدىن بىر كىچىك قۇتىنى چىقىرىپ ئىچىدىن بىر تال ئۈزۈكنى ئالدى. 

_ بۈگۈن سىزگە رەسمى توي تەكلىپى قويىمەن.  ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟ 

_ خالايدۇ، خالايدۇ. _ ئايقىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ يۈگۈرگەن پىتى ئىشىكتىن كىردى. 

_ خالايمەن! _ مېھراينىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلىدى. 

_ سىزگىمۇ بار، ئۇماق مەلىكەم! _ شېرزات يانچۇقىدىن يەنە بىر قۇتىنى ئالدى، ئۇنىڭدا مەخسۇس ئايقىزغا ئاتاپ ياسالغان كىچىك ئۈزۈك بار ئىدى. 

_ دادا، ئەمدى يېنىمدىن كەتمەيدىغان دادا بولىسىزغۇ؟ ئەمدى بىز بىلەن بىللە تۇرىسىزغۇ؟

_ شۇنداق قىزىم، ئەمدى يېنىڭىزدىن كەتمەيدىغان دادا بولىمەن.  بىر ئائىلە كىشىلىرى ئايرىلماي بىللە ياشايمىز. 

   ئايقىز خۇشاللىقتا دادىسىنىڭ بوينىنى قۇچاقلىدى. شېرزات بىر قولىدا ئايقىزنى، يەنە بىر قولىدا مېھراينى قۇچاقلىدى.

.....


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k