大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 143 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 143  - قىسىم aybarawazi
2023-11-01
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 144-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

143-قىسىم  

 

  مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي يان تەرەپتىكى ئادەم يوق ئورۇنغا كىرىپ ئولتۇردۇم، ئۇلار مېنى كۆرمەيتتى. 

_ قېنى، ئىچىڭە، ھەسەن ئاكا، بۈگۈن مەست بولغىچە ئىچىمەن دېگەنتىڭىزغۇ؟_ بىر ئايالنىڭ غىلجىڭشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ ئىچەيلى، ئىچەيلى_ بۇ ھەسەننىڭ ئاۋازى ئىدى. 

_ ھەسەن، نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز بۇنداقلار...._ تۇرسۇنئاي گېپىنى توختىتىۋالدى، ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، پەمىمچە، ئۇ بۇنداقلارغا يېقىن كەلمەڭ، پاكىز ئەمەس دېمەكچى ئىدى، لېكىن دېمىدى. 

_ قانداق نىمە بۇ؟ ئىشىڭنى قىلە _ دېدى بىرى. 

_ چىدىماي قالغان ئوخشايدۇ بۇ ئەركەكزەدەك_ دېدى يەنە بىرى. 

_ يوقىلىش. 

_ ساڭا دەۋاتىدۇ، يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسەن؟

_ سىلەرنى دەۋاتىمەن. يوقىلىش. 

_ بۇ نىمە قىلغىنىڭىز،  ھەسەن ئاكا، ئۆزىڭىز ماڭا ھەمرا بولۇڭلار دەپ چاقىرغانغۇ، ئەمدى قوغلاۋاتىسىزغۇ؟

_ يوقىلىش دەۋاتىمەن! _ ھەسەننىڭ ئاۋازى تېخىمۇ ئۈنلۈك چىقتى. 

  ئىككى ئايال بىر نىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى،  ھەسەن ئۇلارنىڭ بايا تۇرسۇنئاينى سەتلىگىنىدىن خاپا بولدىمۇ ياكى باشقا ئىشقىمۇ بىلمەيلا قالدىم. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن تۇرسۇنئاي ھەسەننىڭ يېنىدا ئولتۇردى. 

_ كۆپ ئىچىۋاپسىز، سىزنى ئاپىرىپ قوياي. 

_ يېنىمدا ئولتۇرىڭە. 

   بايا تۇرسۇنئاينى ھېلىقى ئىككى ئايال بىلەن ئۇرۇشۇپ قالمىسۇن دەپ تۇرغانتىم، ئەمدى ئۇلارنىڭ گېپىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمەي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. 

نىجات ئامىنەگە ئاتاپ خېلى رومانتىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بىز ئىزچىل نىجاتنى مۇھەببەتلىشىشنى بىلمەيدۇ، قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالمايدۇ دەپ ئويلايتتۇق، ئەسلى كۆڭلىدىكى ئادىمىنى تاپقاندا ئۇمۇ خېلى رومانتىككەن. 

خېلى كەچكىچە ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتماقچى بولۇپ چىقتۇق، ئۈمىد ئازراق ھاراق ئىچكەچكە ماشىنىنى ھەيدىسە بولمايتتى، شۇڭا ماشىنا ھەيدەپ بېرىدىغانلارغا تېلېفون قىلىپ،  ئىككىمىز ماشىنىنىڭ كەينىدە ئولتۇردۇق. يولدا كېتىۋېتىپ قوسىقىم «غۇررىدە» قىلىپ قالدى. 

_ قۇرسىقىڭىز ئاچتىما؟_ دېدى ئۈمىد. مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ بېشىمنى سىلاپ:

_ ئۆيگە بېرىپ سىزگە ئۆز قولۇم بىلەن تاماق ئېتىپ بېرەي ھە_ دېدى. 

ئۆيگە بارساق بالا باققۇچىلارمۇ، بالىلارمۇ ئۇخلاپ بوپتۇ. ئۈمىد توڭلاتقۇنى ئېچىپ قاراپ ئۈگرە ئېتىپ بېرىدىغان بولدى. مەن ئىشىك تۈۋىدە ئۇنىڭ تاماق ئەتكەن ھالىتىگە قاراپ تۇرۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ ھەرىكىتى شۇنداق چاققان، چۈمۈچنى تۇتۇشلىرى، كۆكتاتلارنى توغراشلىرى...بەئەينى ھەرىكەتتىكى ماي بوياق رەسىمنىڭ ئۆزى.  مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر ئەر مېنىڭ ئېرىم ھە؟  بۇنى ئىلگىرى تارتقان جاپالىرىمنىڭ مۇكاپاتى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن، ئۇنى قەدىرلىشىم، ئائىلەمنى قەدىرلىشىم كېرەك.  مەن بەك بەختلىك. تەييار كېسىگلىك چۆپ بار بولغاچقا تاماق بىردەمدىلا تەييار بولدى. يۇمغاقسۈتنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان بىر چىنە ئۈگرە ئالدىمغا كەلدى، ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ ئۈگرىنى ئىشتىھا بىلەن ئىچتۇق. 

تاماقتىن كېيىن ئۇ قاچىلارنى ئۆزۈم يۇيىمەن، سىز ھۇجرىغا چىقىپ كېتىڭ دەپ تۇرىۋالدى، مەن ئۇنىماي مېھمانخانا ئۆيدىكى كرسلودا ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، بىر چاغدا بىرى مېنى كۆتۈرۈپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ كارىۋاتقا قويدى. ئاندىن ئۈستۈمگە يوتقاننى يېپىپ قويۇۋېتىپ:

_ مەلىكەم چارچاپ كېتىپتۇ-دە. سىز بۇنداق چارچاپ كەتسىڭىز مېنىڭ ئىچىم ئاغرىپ كېتىدىكەن_ دېگەنلىرىنى غۇۋا ئاڭلىدىم، لېكىن كۆزۈمنى ئاچالمىدىم. 

ئەتىسى ئەتىگەن ئەمدى ئويغىنىپ ئورنۇمدىن تۇراي دەپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدىكى ئىستاكانلارنىڭ مىدراپ كېتىۋاتقىنىنى بايقىدىم. كارىۋاتمۇ مىدىرلاشقا باشلىدى. ئۈمىد ئىككىمىز تەڭلا بىر-بىرىمىزگە قارىدۇق، «يەر تەۋرىدى» . ئالدىراپ تىنەپ ئورنىمىزدىن تۇرغاندا تەۋرەش توختاپ قالدى،  شۇنداقتىمۇ  كىيىملىرىمىزنى كىيىپ سىرتقا چىقتۇق، ئىككى بالا باققۇچىمۇ بالىلارنى كىيىندۈرۈپ تەييار بولۇپ چىقىپتۇ. 

_ بۇ داچىغۇ يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىنغان، شۇنداقتىمۇ  ھەر ئېھتىمالغا قارشى بۇ ئۆيدە تۇرمايلى_ دېدى ئۈمىد. 

داچىدىن چىقتۇق، يولغا چىقساق خېلى كۆپ ئادەملەر سىرتقا چىقىۋاپتۇ.  شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم يەر تەۋرىدى،  توردىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئىككى پۇتۇمدا جان قالمىدى. فروزە بېيجىڭغا بېرىپ بولۇپ ماڭا تېلېفون قىلىپتىكەن، ئۇ تېلېفوندا تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بۇرۇنقى مەكتەپتىن باشقا چەت يېزىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئىزدەپ بارسام تاپالماي قالمىسۇن دەپ دەپ قويغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.  خەۋەردە دىيىلگەن جاي دەل تۇرسۇن مۇئەللىم كەتكەن جاي شۇ ئىدى. دەرھال ئۈمىد بىلەن شۇ يەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق.  

ئۇ بىر چەت يېزىدىكى ئىنتاين چەت بىر كەنتتىكى مەكتەپ ئىكەن، ماشىنا بىلەن كەنت ئېغىزىغىچىلا بارالىدۇق، قالغان يولنى پىيادە بېسىشقا توغرا كەلدى، كەنتتىكىلەر مېنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىۋالغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا ساپما كەش ئەچىقىپ بەردى. مەكتەپنىڭ سىنىپى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بىر سىنىپ بالىنىڭ ھەممىسى ئاستىدا قالغان ئىكەن، ئوفىتسېر ئەسكەرلەر جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپتۇ. بىز بېرىپ ئىككى سائەتلەردىن كېيىن شېرزاتمۇ كەلدى. ئۇ بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك يان تەرەپتە تۇرغان گۈرجەكنى ئېلىپ كولاشقا باشلىدى...

تۇرسۇن مۇئەللىمنى كۈمۈلۈپ قالغان جايدىن ئېلىپ چىققاندا ئۇ بەدىنى بىلەن ئىككى بالىنى توسۇۋالغان ئىكەن، ئۇ ئىككى بالا ساق قاپتۇ، ئەمما تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆلۈپ كېتىپتۇ.  تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ تۇپا بېسىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم. 

_ دادا، دادا_ شېرزات  تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى. 

تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ياتىقىدىكى نەرسىلەرمۇ ئېلىپ چىقىلدى. ئۇ نەرسىلەر ئىچىدە قېلىن بىر خاتىرە كۆزۈمگە ئالاھىدە چېلىقتى. خاتىرىنى ئېلىپ ئۈستىدىكى توپىسىنى قېقىۋېتىپ  ۋاراقلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز مېنىڭ ئىسمىمنى كۆرۈپ قالدىم. شېرزات يىغلىغان پىتى نەرسە-كېرەكلەرنى بىر خالتىغا سېلىۋاتاتتى، ئۇ دېققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خاتىرىنى سومكامغا سېلىۋالدىم.  

فروزەمۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلدى.

ئەتىسى مەن شىركەتكە بارمىدىم، ئۈمىد ناشتا قىلىپ بولۇپلا ئىشقا كەتتى.  مەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ بالكونغا چىقىپ ئولتۇرۇپ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى ئاچتىم.  ئاخشام ئۆيگە كېلىپلا خاتىرىنى كۆرمەسلىكىمدىكى سەۋەب، كۆڭلۈمدە بىر خىل تەشۋىش بار ئىدى. چۈنكى تۇنجى قېتىم تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بارغان چېغىمدا ئۇ ماڭا ئۈمىد بىلەن ئاجرىشىپ كېتىڭ دېگەن ئىدى. شۇڭا تۇرسۇن مۇئەللىم بىرەر ئىشنى بىلەمدىكىن دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم، تۆنۈگۈن خاتىرىدە ئۆزۈمنىڭ ئىسمىمنى كۆرۈپ بۇ گۇمانىم تېخىمۇ كۈچەيدى.  بەلكىم  دېيىش ئەپسىز بولغان ئىشلار بۇ خاتىرىگە يېزىلغان بولسا كېرەك. 

تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇپ بولۇپ بالكوندا يېرىم كۈن مىدىرلىماي بىر نۇقتىغا تىكىلىپلا تۇرۇپتىمەن. ھازىر ياز پەسلى بالكونغا قۇياش نۇرى چۈشۈپ ئىسسىق تۇرغان بولسىمۇ مەن توڭلاپ تىترەپ كېتىۋاتاتتىم.  چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مېنى تاماق يىيىشكە چاقىردى. 

_ يىمەيمەن، سىلەر يەۋېرىڭلار_ ئاۋازىمنى ئۆزۈم ئاران ئاڭلىدىم. 

كىچىكىمدە ئائىلىمىز بەك باي باياشات بولمىسىمۇ لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن بەختلىك ياشايتتۇق، لېكىن بىر كېچىدىلا ھەممە ئىشلار ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتتى.  مەن ھازىرغا قەدەر ئۇ ئىشلارنى بىر تاساددىپىيلىق دەپ ئويلايتىم، ئەمما تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم، ئۇ ھەرگىزمۇي تاساددىپىيلىق ئەمەسكەن. تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسى مۇنداق باشلانغان ئىكەن. 

_«ئايگۈل بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئۇ توغرىلىق ئېقىپ يۈرگەن بەزى پىتنە-پاساتلارنى ئاڭلاپ قالدىم، ئەمەلىيەتتە توي قىلىپ ئۇزۇنغا بارمايلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ خاتا قىلغىنىمنى ھېس قىلغان ئىدىم. نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيمەن ئەمەس، بىلمەسكە سېلىپ يۈرىۋاتاتتىم. قىزىم بىلەن ئوغلۇم كەينى-كەينىدىن تۇغۇلدى، ئەمما بۇ بالىلارمۇ ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملىيەلمەيۋاتاتتى. 

ئىچىم سىقىلغاندا ئانچە مۇنچە ھاراق ئىچىپ قويىدىغان بولدۇم، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ شېرزاتنى يىتىلەپ چىقىپ كەتتى، خېلى كەچ بولغۇچە قارىسام كەلمىدى. فروزە قىزىم بەك زېرەك، ئۇ چىرايىمغا قاراپلا كەيپىياتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالدى ۋە ماڭا تاماق ئېتىپ بەرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ بويى ئوچاققا يەتمەيتتى، شۇنداقتىمۇ ئورۇندۇقنى قويۇپ گۈرۈچ ئاش دۈملەپ تۇخۇم قورۇپتۇ.  ئۇ كىچىككىنە قولى بىلەن سۇنغان تاماقنى ئېلىۋېتىپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى. بىز تاماقنى يەپ بولغاندا خېلىلا كەچ بولدى، لېكىن ئۇ تېخى كەلمىدى. بايا تاماقتىن كېيىن ئىچكەن ئازراق ھاراقنىڭ تەسىرىمۇ بىلمىدىم، تۇيۇقسىز ئاچچىقىم كەلدى. قىزىمغا بالدۇر ئۇخلاڭ دەپ تاپىلاپ قويۇپ  پەلتويۇمنى كىيىپ سىرتقا چىقتىم.  ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى ئوبدان بىلىمەن.  

ھېلىقى تاش قېزىش مەيدانىغا ئابلەت خۇجايىن بىر كىچىك ئۆي سېلىپ شۇ يەردە تۇرىدۇ، زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئەر كىشىلەرمۇ ئۇ يەرگە كىرىپ ئانچە مۇنچە ئارام ئالىدۇ. ئايگۈل ئادەتتە  بەك پاكىز ئايال بولغان بىلەن  ھە دېسە ئاشۇ توپا چاڭلىققا چاپاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئىش بارلىقىنى بىلسەممۇ بىلمەسكە سېلىپ قۇلىقىمنى يۇپۇرۇپ يۈرەتتىم.  

شۇ كۈنى زاۋۇتتا ۋەقە چىقىپ ئىشچىلار بالدۇرلار تارقىلىپ بولغان ئىكەن،  ئابلەت خۇجايىننىڭ ھېلىقى كىچىك ئۆيىنىڭ چىرىقى يېنىقلىق تۇرغىنىنى كۆرۈپ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. ئايگۈل ئىچىدە بولغان ھالەتتىمۇ مەن نىمە قىلالايمەن؟  ئۇلارنى نەقمەيداندا تۇتىۋالامدىمەن؟ ئايگۈلنى ئۇرۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىتەمدىمەن؟  بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئاستا ئۇ ئۆيگە يېقىنلاشتىم. ئۆيدىن ئىككىيلەننىڭ پاراڭلىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.  مەن دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ قەدىمىمنى توختاتتىم. شۇ كۈنى كەچتە مەن ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم، ئۇ ئىشلارنى قايسى قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاي، قايسى قەلىمىم بىلەن يازاي! ئۇلار شۇ كۈنى كەچتە نامان ئىسىملىك بىر كىشى ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق ماشىنا ۋەقەسى توغرىلىق، يەنە شېرزاتنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى توغرىلىق نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىشتى. ئەسلى ئايگۈل شۇنچە كۆپ ئىشلارنى مەندىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئىكەن،  مەن ئۈمۈرلۈك ھەمراھىم دەپ بىلگەن بۇ ئايال بىر زەھەرخەندە ئايال ئىكەن ئەمەسمۇ. 

بىر چاغدا ئايگۈل ئىشىكنى ئېچىپلا  دېرىزىنىڭ يېنىدا تۇرغان مېنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ يەنىلا ئىنكاسى تېزكەن، كېلىپلا مېنى قۇچاقلىدى، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمىسىڭىز دەپ يالۋۇردى. شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قانداق كەتكىنىمنى بىلمەيمەن. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا ئېسىلىپ، سۆيۈپ ئەمدى ئابلەت بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقى، مەن بىلەن چىرايلىق ئۆي تۇتىدىغانلىقى، ئۇنىڭمۇ قىينىلىدىغان يېرى بارلىقىنى ئېيتىپ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمەسلىكىمنى ئېيتتى. ئۇنى ئىتتىرىۋەتتىم.  لېكىن ئۇنىڭ ئالدىمدا يالۋۇرۇپ تۇرغان تۇرقىغا قاراپ سەل ئېرىپمۇ قالدىم،  قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مەن ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان ئايال ئەمەسمۇ، يەنە كېلىپ ئىككى بالامنىڭ ئاپىسى. شېرزات مەندىن بولغان بالا بولمىغان بىلەن ئۇنىڭ نىمە خاتالىقى بار؟  چوڭلارنىڭ خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى بالىلار تۆلىسە قانداق بولىدۇ؟ 

بىر نەچچە كۈن ئۇنىڭغا قارىماي يۈردۈم، ئاخىرى سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىدىم. مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە مەن تۇنجى قېتىم خوتۇن ئالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ئۆيلەرنى پاكىزە تازىلايتتى، ئۈچ ۋاق تاماق شۇنداق جايىدا ئېتىلەتتى،  فروزەنىڭ چېچىنى تاراپ ئىككى تال بۇغۇپ قويدى تېخى، كەچتە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلەتتى، بالىلارمۇ بۇنىڭدىن بەك خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنى ئۆزگەرگەن بولسا، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك دەپ بۇ مەخپىيەتلىكنى يۈرىكىمگە كۈمۈۋېتىشنى قارار قىلدىم. 

......

نازىيە بەك ئەقىللىق، زېرەك قىزكەن،  بەزىدە ئۇنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدىكى تەمكىنلىكىگە قاراپ ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ، ھازىر ئۇنىڭ ئويناپ كۈلۈپ يۈرىدىغان چاغلىرى ئىدىغۇ. ئۇ جاپا تارتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقاچان روھىنى چۈشۈرۈپ باققىنى يوق. بەلكىم ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگىنىدىن بىلمىگىنى ياخشىدۇ.  شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ قەلبى ئۆچمەنلىك ئازابىدا ئۆرتەنمەيدۇ، ئۇ يەنىلا مۇھەببەت ئىچىدە ياشىيالايدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەن ھالەتتىمۇ ئۇ نىمە قىلالايتتى؟ نىمىگە كۈچى يېتىدۇ؟  مەن تۇرمۇشتا، ئۆگىنىشتە ئۇنىڭغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدىم، ئەسلى ئۇنى بېقىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشنى خالىمىدىم. 

شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا ئايگۈلگە قارىغۇم كەلمەس بولۇپ قالسىمۇ چىداپ ئۆتۈۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ھېلىقى ئادەم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىگەنلىكىنى بىلىمەن،  لېكىن ئۇنىڭ بىلەن نىمە كارىم، ئۇ ھەركۈنى بۇ ئۆيگە، بالىلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسىلا بولمىدىمۇ. ئەينى ۋاقىتتا بالىلىرىمنى دەپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قالغان بولسام، ئەمدىلىكتە يەنە بالىلىرىمنى دەپ چىداپ ئائىلەمنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.  لېكىن ئاستا_ ئاستا ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئۆيگە قايتماس بولىۋالدى. مېنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئۇ ئىشنى ئاشكارىلاپ قويمايدىغىنىمغا كۆزى يەتكەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئۆتىۋېرىشكە چىدىمىدىم، بالىلارمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاجرىشىپ كېتىش تەكلىپىنى قويدۇم،  نامدا بار، ئەمەلدە يوق بۇ ئۆينى تۇتقاندىن تۇتمىغان ياخشى ئەمەسمۇ. 

شۇنداق قىلىپ ئۇ شېرزاتنى ئېلىپ كەتتى، فروزە مەن بىلەن قالدى. ئۇ كەتكەن كۈنى كەچتە مەن ئۆيدە ھاراق ئىچتىم، مەست بولۇپ يىغلىدىم، لېكىن نىمىگە يىغلاۋاتقىنىمنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا مۇھەببەت يوقلۇقى ماڭا ئايانغۇ، يەنە نىمىگە يىغلايمەن، بەلكىم ئۆتۈپ كەتكەن ئۈمرۈمگە ئېچىنىپ يىغلاۋاتسام كېرەك....

.....

 سىنىپىمدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىدىغانغا فروزەنى چاقىرسام ئۇ  دوستلىرىنى چاقىرىپتۇ، ئويلىماپتىمەن، ئۇنىڭ دوستى ئەينى يىللاردىكى ھېلىقى كىچىك قىز نازىيە نامان  ئىكەن ئەمەسمۇ.  مەن شۇ كۈنى  نازىيەنىڭ ئابلەتنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلغانلىقىنى بىلدىم. بۇنى ئاڭلاپ ئۇچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك  ئەندىكىپ كەتتىم. بۇ قانداق ئىشتۇ ئەمدى؟ 

ئابلەتنىڭ چوڭ ئوغلى چوڭ سودىگەر، ئىنتايىن ياراملىق بالا بوپتۇ، ئۆزى كېلىشكەن، تەمكىن، ئېغىر بېسىق، ئۇنى تېلېۋىزورلاردا تولا كۆرۈپ قالىمەن. نازىيە ئۇنىڭ بىلەن ياشىسا بەختلىك بولالمايدۇ دىيەلمەيمەن، ئەمما بۇ ئىشنى ھېچ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم، ئۈمىدنىڭ دادىسى نازىيەنىڭ دادىسىنى قەستلىگەن باش جىنايەتچى تۇرسا. 

قانداق قىلاي؟ مەن يەنە نىمىمۇ دىيەلەيمەن؟ ئۇنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشتىن باشقا قولۇمدىن نىمىمۇ كەلسۇن. خەير، بۇ مەخپىيەتلىكنى يۈرىكىمگە مەڭگۈلۈك كۈمۈۋېتەي!»

تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشقان ئىدى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0