大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 163 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 163  - قىسىم aybarawazi
2023-11-21
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 164-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

163-قىسىم  


     سوت مەيدانىدىكى ھەممىسى بىز تەرەپكە قاراشتى، شېرزاتمۇ ئاڭلىغان بولسا كېرەك، ئۇمۇ بۇ تەرەپكە قارىدى، مەن قىزغا ئەڭ يېقىن بولغاچقا يۈگۈرۈپ بېرىپ تۇتىۋالدىم. ئۇ كۆزىنى ئېچىشقا شۇنچىلىك تىرىشاتتى يۇ،  لېكىن ماغدۇرى يەتمەيۋاتاتتى، ئاغزىدا بولسا شېرزاتنىڭ ئىسمىنى پىچىرلايتتى. ئۇ قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىم، دوختۇر بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئۇنىڭ بويىدا بارلىقىنى ئېيتتى.  ھەيرانلىق بىلەن ئۇ قىزغا قارىدىم، قىز قارىماققا بەكلا كىچىكتەك قىلاتتى، بۇ مېھراينى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىم. ئۇنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ۋاقتىدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، ئۇ خېلىغىچە ھۇشىغا كەلمىدى، مەن ئۇنىڭ تېلېفونىدىن ئۆيىدىكىلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ تېلېفون قىلدىم،  ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر جۈپ ئەر_ خوتۇن بالنىستقا كىرگەن چېغىدا مېھراي يېڭىلا ھۇشىغا كەلگەن،  مېھراينىڭ بۇيىدا بارلىقىنى ئاڭلىغان ئايالنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگەردى ۋە ئۇنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى. مېھراي ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ يىغلاپلا ياتاتتى. ئايال ئۇنى تىللاشتىن توختاپ يېنىدا ئۆرە تۇرغان ماڭا قارىدى ۋە بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك دەرھال مېھراينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى. 

_ ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى سېنىڭ بالاڭما؟ ئۇنى  سەن ھامىلدار قىلىپ قويدۇڭمۇ؟ 

باياتىن بېرى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىم ياتقان مېھراي ئەمدىلىكتە جىددى تۈسكە كىردى. 

_ ئەمەس، ئەمەس، ئۇ ئەمەس. 

ئايال ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سالماي مېنى تىللاشقا باشلىدى. 

_ تۇرقۇڭغا قارىسا خېلى تۈزۈك بىر نىمىدەك قىلىسەن، قىلغان قىلىقىڭ ئادەمنىڭ قىلىقى ئەمەسكەن،  بۇ قىز تېخى كىچىك تۇرسا. 

ئەسلى كارىم بولماي ئولتۇراي دېگەن ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مېنى تىللاشلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ چىرايىغا بىر قارىۋېتىپ پەس ئاۋازدا دېدىم:

_ مەن ئەمەس. 

ئايال ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆزۈمگە تىقىۋەتكىلى تاس قالدى. 

_ مەن ئەمەس؟ مۇشۇنداق دەپلا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالايمەن دەپ قالدىڭما؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق. 

ئۇ ئۆرۈلۈپلا كارىۋاتتا ياتقان مېھراينىڭ بېشىغا نۇقۇشلىدى. 

_ سەن بەڭۋاشنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قارا. سېنى مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە نىمە جاپالارنى تارتمىدۇق ھە؟ مۇشۇنداق يۈزىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈرەمسەن؟ 

مېھراي يىغلاپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمايۋاتاتتى. 

_ ھازىرلا قۇرسىقىڭدىكى بىر نىمىنى يوقات. 

باياتىن بېرى ھېچقانداق گەپ قىلماي جىم ياتقان مېھراي بۇ گەپنى ئاڭلاپ چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. 

_ ياق، ياق، مەن بۇ بالىنى تۇغىمەن. 

_ نىمە دېدىڭ؟_ ئايال تېخىمۇ ئاچچىق بىلەن مېھراينىڭ قۇلىقىدىنلا تارتتى. 

_ ھېلىمۇ يۈزىمىزنى قويغىدە يېرىمىزنى قويمىدىڭ، يەنە بالىنى تۇغىمەن دەۋاتقىنىنى بۇنىڭ. 

مېھراي يىغلاپ تۇرۇپ پەس ئاۋاز:

_ بۇ بالىنى چوقۇم تۇغىمەن، ھەرگىز ئالدۇرىۋەتمەيمەن _ دېدى.  ئايال يېنىدا ئىزچىل بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرغان ئەرگە قاراپ ئاچچىق كۈلدى. 

_ ماقۇل، تۇغقۇڭ بولسا تۇغىۋەر. لېكىن ساڭا دەپ قوياي، بۈگۈندىن باشلاپ سەن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئادىمى ئەمەس، ئۆيگە قەدەم باسقۇچى بولما.

ئايال شۇنداق دەپ يېنىدىكى ئەرنىڭ قولىنى تارتىپلا چىقىپ كەتتى. كېيىن بىلسەم ئۇ مېھراينىڭ ھاممىسى ئىكەن، مېھراينىڭ ئاتا ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىز چىل تاغىسى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.  ھاممىسى كەتكەندىن كېيىن ئۇ خېلىغىچە يىغلىدى. مەن بىر ياندا قاراپلا تۇردۇم، راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىشىمنى بىلمەيتتىم. ئۇ يىغىسىنى توختاتقان ئاندىن ئۇنىڭدىن سورىدىم. 

_ قۇرسىقىڭىزدىكى شېرزاتنىڭ بالىسىمۇ؟ 

ئۇ ھېلىلا يىغىدىن توختىغان، بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى، ئۇ تېزلىكتە يېشىنى سۈرتىۋېتىپ بېشىنى لىڭشىتتى. 

_ ئۇ بۇيىڭىزدا بارلىقىنى بىلەمدۇ؟ _ يەنە سورىدىم. ئۇنىڭ كۆزىدىن يەنە ياش  ئەگىدى، ئۇ چىرايىمغا بىر قارىۋېتىپ بېشىنى پەس قىلىپ چايقىدى. 

_ بالىنى راستلا ساقلاپ قالامسىز؟ _ راستىمنى ئېيتسام ئالدىمدىكى بۇ قىزغا ئېچىنىۋاتاتتىم. ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ قەتئىيلىك بىلەن ماڭا قارىدى. 

_ ساقلاپ قالىمەن، بۇ بالىنى چوقۇم تۇغىمەن. 

ئەمدى ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى قەتئىيلىكتىن قارىغاندا ئۇنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرىدىغاندەك ئەمەس. 

_ مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد، شېرزاتنىڭ ئاكىسى.

_ ئاكا، شېرزات ئىكىمىزنىڭ تويلىشىش خېتىمىز بار، مەن ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇن نوپۇس دەپتىرىنى ئوغرىلاپ چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن تويلىشىش خېتى ئېلىۋالغان. لېكىن بۇنىڭدىن تاغام بىلەن ئاچامنىڭمۇ خەۋىرى يوق، شېرزاتمۇ  چوڭلارغا دېمىگەن. 

ھەي، بۇ بالىلارنىڭ بەڭباشلىقىنى نىمە دەي. خەير، بولىدىغان ئىش بوپ بوپتۇ، ئەمدى مەن نىمىمۇ دىيەلەي. مېھراينى ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى ئۆيگە بارغۇچى بولما دەپ كەتتى، ئۇ بالىنى تۇغىمەن دەيدۇ، مەن بولساممۇ ئۇنى بۇنداقلا تاشلىۋېتەلمەيمەن دە.  ئامالسىز ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. بىر ھېسابتا شېرزاتنىڭ تۈرمىگە كىرگىنى ياخشى بولدى دېسەكمۇ بولىدۇ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇ پاتقاققا چوڭقۇرلاپ پېتىپ كەتمەيدىغان بولدى. 

لېكىن مېھراي بىلەن قۇرسىقىدىكى بالىنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى خاتا قىلغاندەك ھېس قىلىپمۇ قالدىم. ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىغان تاللىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، شۇنداقلا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مېھراي، شېرزات، شۇنداقلا مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.  دادامنىڭ ئۇ نەرسىنى تەلتۈكۈس تاشلىغان تاشلىمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر تاشلىمىغان بولسا مۇشۇ قېتىم شېرزاتنىڭ ئىشىدىن كېيىن ئويغانسا، ئەقلىنى تاپسا بولاتتى. 

......

ۋاقىت چىقىرىپ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنىڭ يۇرتىغا باردىم. ئۇنىڭ ئۆيى بەكلا ۋەيرانە، ئۆيىدە ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ئاپىسى بىلەن سىڭلىسىلا بار ئىدى. ئىشىك ئالدىغا كېلىپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كەتتىم. 

_ ئۈمىد ئاكا! _ تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئېچىپ بىر قىز چىقتى، ئۇ  نازىيەنىڭ سىڭلىسى رازىيە ئىدى. بۇرۇن نازىيە ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ بارغاندا كىچىكلا قىز ئىدى، ھازىر بويىمۇ ئۆسۈپ چوپ چوڭلا بولۇپ كېتىپتۇ ھەم چىرايىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاچىسىغا تېخىمۇ ئوخشاپ كېتىپتۇ.  ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيىگە كىرىپ ئاپىسىدىن ئەھۋال سورىدىم، ئېلىپ كەلگەن سوۋغا سالاملارنى بېرىپ، ياخشى ئارام ئېلىشنى، ئۇلارنى يەنە يوقلاپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. 

_ ئۈمىد ئاكا، مۇشۇنداق كەلگەن ۋاقتىڭىزدا ئاچام بولغان بولسا قانچە خۇش بولۇپ كىتەر ئىدى ھە. 

رازىيەگە قارىدىم، ئۇ نازىيەگە قارىغاندا يۈرەكلىك، ئۇنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندىلا شۇنداق ئويلىغان ئىدىم، چوڭ شەھەرگە تۇنجى قېتىم بارغاندىمۇ ئۇنىڭدا قىلچە يىتىرقاش دېگەن نەرسە بولمىغان، بۇ جەھەتتە ئۇ نازىيە بىلەن قىلچە ئوخشاشمايتتى، ئەمما ئۇلاردا بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ رازىيەمۇ ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتاتتى، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە رازىيە نازىيەنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرار.

_ ئاچىڭىز راستلا خۇش بولارمىدى؟

_ ئەلۋەتتە خۇش بولىدۇ، ئاچام سىزنى بەك ياخشى كۆرەتتى، سىزمۇ ئاچامنى بەك ياخشى كۆرىسىزغۇ، مەن بۇنى ئوبدان بىلىمەن. 

رازىيەنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ نازىيەنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرىۋاتقاندا بىر كۈندىلىك خاتىرىنى تېپىۋاپتۇ، خاتىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.   نازىيەنىڭ ماڭا بولغان كۆڭلىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئەمدى ئامالسىزمەن، ئەمما رازىيە بىلەن ئاپىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ئازابىمنى يىنىكلەتكىلى بلىدۇ دەپ ئويلايمەن. رازىيەنىڭ بېشىنى سىلىدىم.

_ ياخشى ئوقۇڭ، رازىيە. 

_ چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن، ئۈمىد ئاكا! _ دەپ بېشىنى لىڭشىتتى رازىيە.

يولدا كېتىۋېتىپ كاللامدا نۇرغۇن خىيال، شۇ چاغدا ئەزىمەتكە ھېلىقى گەپنى دېمىگەن بولسام، ھاراق ئىچمىگەن بولسام، ئۇ تېلېاون قىلغاندا ئالغان بولسام، ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇرغان بولسام بەلكىم بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى.  مېنى شۇنچە يىللاردىن قىيناپ كېلىۋاتقىنىمۇ مۇشۇ خىياللار ئىدى، ھازىر مەن ئۇلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرگەندىن باشقا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيتتىم. 

قايتىپ بارغاندىن كېيىن دادامنى يوقلاپ باردىم، شېرزاتنىڭ ئىشىنىڭ دادامغا ئېغىر زەربە بولغانلىقىنى بىلىمەن، دادامنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمىسەممۇ لېكىن بۇرۇنقىدەك ئۆچمەنلىك قىلمايتتىم.  قانداقلا قىلغان بىلەن تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى ئۇنىڭ قېنى ئەمەسمۇ.  ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ خېلىغىچە دەرۋازىغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم، دەرۋازىنى ئېچىپلا ئاپام چىقىپ قالغان بولسا يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەرمىدى ھە؟ لېكىن ئاپام يوق، ئاپام كەتتى، كەلمەسكە كەتتى. 

ئۆيگە كىردىم، ئايگۈل ھەدەم تاماق ئېتىۋېتىپتۇ، مېنى كۆرۈپ باشقىچە جىددىيلىشىپ كەتتى. بۇ ئايالغىمۇ ھازىر بەك ئۆچمەنلىق قىلىپ كەتمەيدىغان بولدۇم. 

_ دادامچۇ؟_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلماي. 

_  ئەنە!  دادىسى، ئۈمىد كەپتۇ. 

دادام بالكوندا ئولتۇرغان ئىكەن، بەك تەستە ئورنىدىن تۇردى.

_ سەن تۇيۇقسىزلا كەلگەندەك، شېرزاتمۇ ئىشىكتىن تۇيۇقسىزلا كىرىپ قالغان بولسا ھە. 

ئالدىدا مەن تۇرسام دادام يەنە ئۇنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتى. مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ياخشى ئارام ئال دەپ قويۇپ يېنىپ چىقتىم.  يولدا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز يول بويىدا قاقلانغان تاتلىقياڭيو سېتىۋاتقانلارغا كۆزۈم چۈشتى، ماشىنىنى توختىتىپ قاقلانغان تاتلىقياڭيودىن ئىككى تال ئېلىپ شەرقى بازارغا قاراپ ماڭدىم.  ھېلىقى چاغدا بىر تاتلىقياڭيو ئەكىلىپ بەرگەن پىتى بۇ يەرگە كېلىپ باقمىغىنىمغىمۇ بەك ئۇزۇن يىللار بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر كۆچۈپ كېتىپ تۈزۈك ئادەممۇ قالماپتۇ. ئۇنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قارىسام بىر نەچچىلا ئۆينىڭ چىرىقى يېنىقلىق، ئەمما نازىيەنىڭ ئۆيى قاپقاراڭغۇ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقتىم. ئىشىكىنىڭ ئالدى توپا چاڭ بولۇپ كېتىپتۇ، قارىغاندا بۇ ئىشىك ئېچىلىپ باقمىغىنىغىمۇ خېلى ۋاقىت بولغاندەك قىلاتتى.  ئۇ كۆچۈپ كەتكەنمىدۇ يا توي قىلىپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۆتكۈر ئىزچىل شاڭخەيدە، ئادەتتە بەك ئالدىراش، ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بەك تەستە ئالاقىلىشىمەن، دېمەك ئۇلارنىڭ بىر يەرگە كېلەلىشى ناتايىن. ئەگەر ئۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان بولسا كىم بىلەن توي قىلغاندۇ؟ بەختلىك بولالىغانمىدۇ؟ تاتلىقياڭيونى ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىغا ئىلىپ قويدۇم. بۇ ئىشىكنى ئەزەلدىن ئېچىپ باقمىدىم، ئەمدىلىكتە ئاچىدىغانغا تېخىمۇ پۇرسەت يوق. تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم. ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىم زادى قانداق ھېسسىياتتۇ؟  بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ياخشى كۆرەمدىم؟  ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانغا سالاھىيىتىم توشمايدۇ. 

ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى، مەن تېخى ئەمدى نازىيەنى قايتا ئۇچرىتىشقا پۇرسەت بولمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما ئۇ تۇيۇقسىزلا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى.  شۇ كۈنى كەچتە تاغدا ئۇنى كۆرگەن چېغىمدا تۇنۇيالماپتىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرقى شۇنچىلىك ۋەيرانە،  چاچلىرى چۇۋۇلۇپ يۈزىنى توسۇۋاپتۇ، كىيىملىرى لاي پاتقاق بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ نازىيە ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن. ئەمما ئۇنىڭغا يېقىندىن قارىغان چېغىمدا ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان كۆزلىرىنى كۆرگەن چېغىمدا تۇنۇدۇم، ئۇ شۇكەن.  ئۇ بۇ كېچىدە بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىدىغاندۇ؟ بۇنچىلىك بولۇپ كەتكۈدەك ئۇنىڭغا زادى نىمە بولغاندۇ؟  بۇ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىشتىن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئۇنىڭ گەپ قىلماي تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ۋېلىسپىتىمنى مىنىپلا كەتتىم.  شۇنچە يىللاردىن بېرى مەن ھەرقانداق ئىشقا ئۇچرىساممۇ ئالاقىزادە بولمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ئۇچراپ قېلىشىغا راستلا بەرداشلىق بېرەلمىدىم.  ۋېلىسپىتنى جىددى تورمۇزلىدىم، ئۇ يىغلاۋاتاتتى، مېنىڭ ئىچ باغرىمنى ئېزىۋەتكۈدەك يىغلاۋاتاتتى، شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يىغلاۋاتاتتى. چىدىيالمىدىم، ۋېلىسپىتنىڭ رولىنى بۇراپ كەينىمگە ياندىم، ئۇنىڭ يېنىغا ناتونۇش بىر ئادەم قىياپىتىدە باردىم. 

ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بولۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولدۇم، ئۇنىڭ مېنىڭ تېلېفونۇمنى ئېلىپ دوستىغا تېلېفون قىلىپ دېگەن گەپلىرىدىن ئۇنىڭ بالىسى يوق بولغانلىقىنى بىلدىم. كۆڭلۈمدىكى بىئاراملىقنى بېسىش ئۈچۈن توختىماي تاماكا چەكتىم. ئۇنى بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ يېنىپ بېرىپ ماشىنىنى يۇغۇزىۋېتىپ ماشىنا ئورۇندۇقىدا ئۇيۇپ قالغان قاننى كۆرۈپ يۈرىكىم پۇچۇلىنىپ كەتتى. ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي ماشىنىنى مۇشتلاپ كەتتىم. 

_ ئۈمىد باش دېرىكتور، نىمە بولدىڭىز؟ _ ماشىنىنى يۇۋاتقان يىگىت مېنىڭ روھى ھالىتىمنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى. 

_ ھېچنىمە _ شۇنداق دەپ يان تەرەپكە بېرىپ ئولتۇردۇم. ماشىنىنى يۇغۇزۇپ چىقىپ ماشىنىدا ئولتۇرىمەن، ئىچىم تىتىلداپ كېتىۋاتاتتى، قەيەرگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم. ئۆيگە بېرىپ مۇزدەك سۇدا يۇيۇندۇم، ئۆزۈمگە ئۆزۈم سۆزلەيتتىم. ئۈمىد كاللاڭنى سىلكىۋەت،  سېنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقۇدەكمۇ سالاھىيىتىڭ يوق. بۇ قېتىمقىسى تەساددىپى ئۇچرىشىپ قېلىشلا بولسۇن!  شۇ كۈنى كېچىسى بىر كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزدۇم. ئەتىسى ۋاققىچە ياتتىم، شىركەتكىمۇ بارمىدىم. نازىيەنىڭ غېمىنى يىمەي دەيمەنيۇ لېكىن يۈرىكىمنى باشقۇرالمايۋاتاتتىم. تۆنۈگۈن ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس تۇراتتى، ئۇ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن بەك چوڭ زەربىگە ئۇچراپتۇ، ھازىر قانداقراق تۇرغاندۇ؟ ئاخىرى چىدىماي ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم.  ھازىرغۇ مەن ئىكەنمەن، ناتۇنۇش بىرى بولسىمۇ ئۇنى ئۇنداق ھالدا تاشلاپ قويۇپ كارى بولماي قالمايدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلسەم نىمە بوپتۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دوختۇرخانىغا بارغان چېغىمدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئۇنى نۇقۇشلاپ تۇرۇپ بوزەك قىلىۋاتقان ئىكەن.   دەل شۇ چاغدا ئاندىن ئۇنى بوزەك ھېلىقى ئەرنىڭ ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەزىمەت، ھەي ئەزىمەت، بىر نازىيەنى بوزەك قىىپ بېشىغا چىققان ئىدىڭ، ئەمدى......

«رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ» دېگەندەك ئىش بولدى دە.  دەل شۇ چاغدا كاللامدا ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمەن دېگەن خىيال باش كۆتۈردى.  دەرھال بېرىپ نازىيەنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدىم، قىزىق ئىش، ئەزىمەت مېنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ سەككىز يىل بۇرۇن مەن ئۇزۇن چاچ قويۇپ جەمئىيەتتە ئويناپ ئۇچۇپ يۈرىدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئۇنى ئۇرغان چېغىمدا چىرايىمغا قارىغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەي ئۇرىۋېرىپتىكەنمەن، شۇڭا ئۇنىڭ مېنى تۇنۇمىغىنىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما مەن ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىم، ئەمدى تېخىمۇ شۇنداق. 

_ سەن بۈگۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشساڭ ئەتىسى مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن! _ ئەزىمەتكە مۇشۇنداق دېدىم، ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم. ئەمما نازىيەنىڭ ئۇنداق چۈشەنمىگىنى ئېنىق. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k