
بۇ ئەسەرنىڭ 165-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
164-قىسىم
بىردەم تىللىشىشلاردىن كېيىن نازىيە ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىدى، دېمىسىمۇ كېچىچە ئۇخلىماي قىينىلىپ ھەم جىسمانى ھەم روھى جەھەتتىن قىينىلىپ چىققان ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ دە. ئۇنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا چىرايى تاتارغان ھالدا ياتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشتىكى مەقسىتىم ۋە دوختۇرخانىغا ئالدىراپ تىنەپ كېلىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈنلا ئىدى، ئۇنى بىلەن بەك يېقىن بولۇپ كېتىشنى خالىمايتتىم. ئاخىرى ئۇنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ دوستىغا تېلېفون قىلدىم.
دەلمۇ دەل بىر ئاي ئۇنى ئويلاپ قالماي دەپ ئۆزۈمنى قەستەن ئالدىراش قىلىپ يۈردۈم. بىر نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىغۇم كەلگەندىمۇ يەنە ئۆزۈمنى بەك تەستە تۇتىۋېلىپ تېلېفون قىلمىدىم. ئۇمۇ ماڭا تېلېفون قىلمىدى، بەلكىم مەندەك يولدا ئۇچراپ قالغان ناتۇنۇش ئادەمنى ئۇنتۇپمۇ قالغاندۇ؟ مەن نەچچە قېتىم كەچلىكى ئوغرىلىقچە بېرىپ ئۇنىڭ دېرىزىسىگە پەستىن قاراپ بىردەم تۇرۇپ قايتىپ كەلدىم، ئەمما ئۈستىگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. مەن پەقەت ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىنلا ئەنسىرەيمەن، ئۆزۈمنى يەنىلا ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن دەپ ئويلايمەن.
نازىيەنى يەنە بىر قېتىم ئاغىنەم فەرۇقنىڭ بەزمىخانىسىدا ئۇچراتتىم. ئالدىنقى قېتىم تاغدا پەيدا بولۇپ قالغاندەك، بۇ قېتىممۇ تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە ئۇ بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزىۋالالمايلا قالدىم. ئۇنىڭ روھى ھالىتىدىن قارىغاندا بۇ بىر ئاي جەريانىدا خېلى ئوبدانلا ئەسلىگە كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۇدۇل كېلىپ ماڭا سالام قىلدى، شۇ چاغدا مېنىڭ سودىدىكى ئىككى ھەمكارلاشقۇچۇم ئۆزلىرىنىڭ قىزىنى ماڭا تونۇشتۇرۇش كويىدا بولۇۋاتاتتى، ئۇلاردىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەي تازا بېشىم قېتىپ تۇرىۋاتقاندا ئۇ كېلىپ قالدى. ئۇ يېنىمغا كېلىشىگىلا ئۇنى ئۇلارغا بولغۇسى ئايالىم دەپ تۇنۇشتۇردۇم، ئەمەلىيەتتە مەن چاقچاق قىلمىغان ئىدىم. لېكىن نازىيە مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى نەدىن بىلسۇن. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە چىقىمەن دەپ دوستى بىلەن چىقىپ كېتىپ خېلىغىچە كىرمىدى. ئۇ كىرمىگەنچە كۆزۈمنى ئۇ كەتكەن تەرەپتىن ئۈزەلمەيتتىم، ئاخىرى ئەنسىرەپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، ھېلىمۇ چىقىپتىمەن، ئۇ دەل ئەزىمەت بىلەن ئۇنىڭ ھېلىقى ئاشنىسىنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچراپ تۇرغان ئىكەن، بارغان پىتى ئۇنى سۆرەپ مەيدانغا ئېپ چۈشۈپ كەتتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ تانسا ئوينىيالىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. شۇنداق، مەن ئۇنى بېلىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ تانسا ئوينىدىم، مەقسىتىم بىر تەرەپتىن ئۇنى بايىقى ئىككى نىجىسنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كېتىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زورىغا بېسىپ كەلگەن يۈرىكىمدىكى ئوت يىلىنجاپ ئوت بولۇپ يانغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناۋاتقان شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭغا بىر ئۈمۈر ياخشى قاراش قارارىغا كەلدىم. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ بېشىغا يەنە ئىش كەلدى، ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆلۈپ كەتتى.
نازىيە ئاپىسىنىڭ جەسىتىنى قۇچاقلاپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئەزگۈدەك يىغلاپ كەتتى. دېمىسىمۇ ئۆسۈملۈك ئادەم بولسىمۇ، گەپ قىلالمىسىمۇ، كۆزىنى ئاچالمىسىمۇ ھەر ھالدا نازىيە بۇ دۇنيادا ھېچبولمىغاندا ئاپام بارغۇ دەپ كۆڭلى توق يۈرەلەيتتى. ئەمدىچۇ؟ كىچىكىدە دادىسىىدىن ئايرىلىپ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئاپىسىنى بىردىنبىر روھى يۆلەنچۈك قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇ ئەمدى ئاپىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشىمنى بىلەلمەيتتىم.
ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتقان ۋاقتىمىزدا يامغۇر چىلەكلەپ قۇيۇۋەتتى. ماشىنىدا كېتىۋاتىمىز، ئۇ توختىماي يىغلايتتى، مېنىڭ بىر قولۇم رولدا، يەنە بىر قولۇم بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالغان ئىدىم، ھازىر ئۇنىڭغا پەقەت مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا تەسەللى بېرەلەيتتىم.
_ نىمىشقا ماڭا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز؟_ تۇيۇقسىز شۇنداق دەپ سورىدى ئۇ. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتتى، لېكىن ئىزچىل جۈرئەت قىلالماي كەلدىم. ئۇنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاب بەرمىدىم.
شەرقى بازارغا يېتىپ بارغان ۋاقتىمىزدىمۇ يامغۇر توختىمىغان ئىدى، مەن ئۇنى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇش ئۈچۈن ماڭدىم، بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر شامال بىلەن قولۇمدىكى كۈنلۈك ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ ماڭا ئۆيگە چىقىپ كۈنلۈك ئېلىپ بېرىمەن دەپ تۇرىۋالدى، ماقۇل بولۇپ چىقتىم. ئۇ كۈنلۈك ئالغىلى كىرىپ كەتكەن پۇرسەتتە مەن شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دېرىزىسىدىن تەلمۈرۈپ قارايدىغان، ئىشىكىنىڭ ئالدىدىن قىيماي كېتىدىغان بۇ ئۆيگە سەپسېلىپ قارىدىم. ئەمما دەل شۇ چاغدا تېلېفون كېلىپ قالدى. تېلېفون مېھرايدىن كەلگەن ئىدى، ئۇماڭا بىئارام بولىۋاتىمەن دېدى، ئامالسىز ئۇنڭ كۈنلۈكنى ئېلىپ چىقىشىنى ساقلىمايلا كېتىپ قالدىم، چۈنكى مېھراينى قوغداشمۇ مېنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرەمدىكى ئىش ئىدى.
شۇنداق قىلىپ نازىيەنىڭ ئاپىسى كەتتى، دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر يېقىنى بولغان ئاپىسىمۇ كېتىپ ئۇ ھەقىقەتەن تىكەندەك يالغۇز قالدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بەرگۈم كەلدى، لېكىن نىمە ئىش قىلىپ بېرەرمەن؟ ئەتىسى بىر نەچچە گېزىتخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ سەككىز يىل بۇرۇنقى ئىشقا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى يىغىشقا باشلىدىم. شۇ كۈنى كەچتە مەن بىر زىياپەتتە ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز نىجاتتىن تېلېفون كەلدى، تېلېفوننى قويۇپلا يوقىلاڭ باھانىدىن بىرنى تېپىپ يېنىپ چىقىپ نىجاتنىڭ چايخانىسىغا باردىم. يولدا بارغۇچە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، جىددىيلىشىپلا باردىم. ئۆزۈممۇ ھەيران، مەن ئاللىقاچان ھەرقانداق ئىشقا يۇلۇققاندا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالايدىغان، قىلچە ھودۇقمايدىغان پىسخىكىلىق ساپانى ھازىرلاپ بولغان، لېكىن نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسىلا تۇرالماي قالىدىغاندىمەن؟
ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئەزىمەت بىلەن ئاشنىسى كۆزۈمگە چېلىقتى، كىرىشىم دەل ئەزىمەتنىڭ ئاشنىسىنىڭ نازىيەنى ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرۈشىگە ئۇدۇل كېلىپ قاپتۇ، تېزدىن بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ ئىتتىرىۋەتتىم. ئەزىمەت ئاشنىسىنى ئېلىپ كەتتى. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ئۇنىڭ ھېلىمۇ يەنە ئەزىمەت بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرگىنىنى ئويلاپ سەل ئاچچىقىم كەلدى. يەنە بىر تۇرۇپ ئۆزۈمگە كۈلگۈم كەلدى، نىمىگە ئاچچىقىم كېلىدىغاندۇ؟ ئىشقىلىپ ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئۇ ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن كۆرۈشتۈم دەيدۇ، كىچىككىنە، ئاجىز بىر قىزنىڭ ئۆچ ئالىمەن دېگەن گېپىدىن ھەم كۈلگۈم كەلدى ھەم ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم. ئۇ يەنە ئەزىمەت بىلەن ئەتە ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى دەپ بەردى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىن خۇش بولغاندەك بولۇپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ بارغانسېرى ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايۋاتقىنىمنى ھېس قىلدىم، بۇرۇن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ يۈرۈشۈم ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتسام تېخىمۇ ئازار يەپ قالارمۇ؟ بۈگۈنكىدەك ئىش يەنە يۈز بېرىپ قالارمۇ؟ بۇ ھاماقەت قىز تېخىچە ئۆزىنى قوغداشنى بىلمەي يۈرسە. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكۈم كەلمىدى، بەلكىم ئۇ كۆز ئالدىمدا يۈرسە ئاندىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولارمەن.
ئەتىسى نازىيە ئاخىرى ئاجرىشىپ ئەركىنلىككە چىقتى. مەن دوستلىرىم بىلەن ۋېلىسپىت مىنىپ تاغقا چىقشقا كېلىشتۇق، نىگارە ئۇنى بىللە ئېلىپ كەلدى. ئۇ كۈنى ئۇ ئالاھىدە گىرىم قىلغان بولسا كېرەك، تال تال كىرپىكلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق كۆرسىتىۋەتكەن ئىدى. شۇ كۈنى نىگارە قەستەن ئۇنى مېنىڭ ۋېلىسپىتىمنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ قويدى. يولبويى ھاياجىنىمنى بەك تەستە بېسىپ ماڭدىم. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان، مانا بۈگۈن رېئاللىققا ئايلاندى، بىر ئويلىسام چۈشۈمدەكلا بىلىنىدۇ. كەچ كىرگەنچە كەيپىياتىم بۇزۇلۇشقا باشلاندى، چۈنكى ئۇ كۈنى ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئاپام ھايات چاغدىكى نۇرغۇن ئىشلار ئېسىمگە كەلدى، ساددا، بىغۇبار نازىيەگە قاراپ ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى. ئەگەر ئۇ مەخپىيەتلىكنى بىر ئۆمۈر ئاشكارىلىماي ساقلىغىلى بولسا مەنمۇ ئۇنى بىر ئۆمۈر قوغدىيالايمەن.
تاغدىن ماشىنا بىلەن قايتتۇق. فەرۇق بىلەن نىگارەنى باشتا ئاپىرىپ قويۇپ نازىيەنى قەستەن ئەڭ كەينىدە ئېلىپ ماڭدىم.
_ نازىيە_ دەپ قولىنى تۇتتۇم. ئۇ بەكلا ئەندىكتى. مەن ئۆزۈمنى تەمكىن تۇتۇشقا بەك تىرىشىۋاتاتتىم.
_ دوختۇرخانىدا دېگەن گېپىم ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەزىمەتكە سەن بۈگۈنى نازىيە بىلەن ئاجراشساڭ ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دېگەن ئىدىم.
_ مەن سىزنى چاقچاق قىلدىمىكىن دەپتىمەن. _ ئۇنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى پەملىگەن ئىدىم.
_ مەن چاقچاق قىلمىدىم. _ قانداق قىلاي، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولغان دەپ راست گەپنى قىلاي دېسەم، ھېلىقى مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقىمەن، مېنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنى يېنىمدا تۇرغۇزۇپ قوغدىغۇم بار. ئاخىرى ئامال تاپتىم.
_ چوڭ دادام لىمفا راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالدى، دوختۇر ئۇنى كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى يىللا ياشىيالايدۇ دەيدۇ. چوڭ دادامنىڭ بىر ئارزۇسى بار، ھاياتلىقىمدا سېنىڭ تويۇڭنى بىر كۆرىۋالسام دەيدۇ....
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئۆيلىنىش خېتى ئالدۇق، ئەمدى ئۇ مېنىڭ قانۇنلۇق ئايالىم بولدى. ئۇ «نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ قالدىڭىز؟» دەپ سورىۋىدى، مەن چۈنكى سىز ساددا، سەمىمى دەپ جاۋاب بەردىم، ئەمما ھەقىقىي سەۋەبى ئۇمۇ ئەمەس، ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە بىردىنبىر. سەۋەب مۇشۇ.
ئەسلى ئۇنى شۇ كۈنىلا يېنىمغا ئېلىپ كەتكۈم بار ئىدى، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ رايىغا بېقىشنى توغرا تاپتىم. ئەمما كېيىن تۇرىدىغان ئۆيىڭىزنى كۆرىۋېلىڭ دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى ئۆيگە باشلاپ ئاپاردىم. ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە كۆرگەن چېغىمدا قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن، شۇنچە يىللاردىن بۇيانقى ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىمغا ئۆزۈم ئىشەنچ قىلالماي يۈرۈپتىكەنمەن، بۈگۈن ھەقىقىي جاۋابىنى تاپتىم، مەن ئۇنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلغان ئەمەسكەنمەن، ئەسلى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن.
تۇيۇقسىز چوڭ دادامدىن تېلېفون كەلدى، چوڭ دادام يىراقتا يالغۇز بولغاچقا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتىم، ئۇنىڭ تېلېفونىنى قويۇپلا نازىيەنى ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدىم. ئەمما يېتىپ بارغاندىن كېيىن چوڭ دادامنىڭ بىزنى ئالداپ يېنىغا ئاپارغانلىقىنى بىلدىم. شۇ كۈنى كەچتە نازىيەنىڭ تېلېفونىدا «چايكا» ئىسىملىك بىرى بىلەن پاراڭلاشقىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم، ئۇ ئىزچىل ئۆتكۈر بىلەن ئالاقىلىشىپ كېلىۋېتىپتۇ. لېكىن پەرىزىمچە ئۇ «چايكا»نىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇغۇ دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى مەنمۇ كيۇ كيۇدىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ نازىيەنىڭ كيۇكيۇسىنى قوشۇۋالدىم. چوڭ دادامنىڭ يېنىدا ئىككى كۈن تۇرۇپ قايتتۇق، ئۇنى ئۇدۇللا ئۆيۈمگە ئەكىلىۋالدىم، مانا ئەمدى ھەقىقىي ئەر_ خوتۇنلاردىن بولدۇق. ئاھ!، مەن نىمىدېگەن بەختلىك. ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن چېغىمدا چىراقنى ياندۇرۇپ بىرى يولۇمغا قاراپ ئولتۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ساقلاپ ئولتۇرغىنى مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم!
كېيىن بىر كۈنى ئۇ ماڭا خىزمەت تاپقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، سەۋەبى: ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن كۆڭلۈمدىكى ئادىمىمنى ئۇچىرىتىپ قالغاندا ئۇ ئورنىنى بوشىتىپ بېرەرمىش، شنىڭ ئۈچۈن ئۆزى مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولماقچى ئىكەنمش. ئۇنىڭغا مېنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم سىز دېمەكچى بولدۇم يۇ، ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم.
ئۇنى سودا سارايغا ئېلىپ بېرىپ كىيىم_ كېچەك، ئاياق ئېلىپ بەردىم، ئۇنىڭغا كېرەكلىك نەرسىنىڭ ھەممىنى تەييار قىلىپ بەرسەم دەيمەن. ئۆيگە قايتىپ كېتىۋېتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋاتقان بىر رېستۇراننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدۇق. ئاياللار توي كۆڭلىكى كىيسە بەك گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ دىيىشىدىكەن، مەن نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭ توي كۆڭلىكى كىيگەن ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققان، ئۇ چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق كىلىنچەككە ئايلىنىدۇ، مەن ئۇنىڭ قولىنى يىتىلەپ ماڭغان چېغىمدا چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەمگە ئايلىنىمەن. لېكىن...... لېكىن مەن ئۇنىڭغا داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيمەن، ئۇنىڭ مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىنى بەك داۋراڭ سېلىۋەتسەم بولمايدۇ. بەك داۋراڭ سېلىۋەتسەك ئۇنىڭغا ياخشى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدىغىنىمنى ئېيتقان ۋاقتىمدا ئۇنىڭ چىرايىدا ئۈمىدسىزلىك ئەكىس ئەتتى. كۆڭلۈمدە «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كەتكەندە چوقۇم كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن» دەپ ئويلىدىم ھەم شۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشىنى ئۈمىد قىلدىم.
بىر كۈنى دوستلىرىمىزنى ئۆيگە چاقىردۇق، ئەسلى ئىشلار شۇنداق ياخشى بولىۋاتقان، ئويلىمىغان يەردىن نازىيە ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چاپىنىمنى ئېلىپ چۈشىدىغان ۋاقىتتا گىتارنى بىللە ئېلىپ چۈشۈپتۇ. مەن بۇ گىتارنى تۇتۇپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغان، چۈنكى مۇشۇ گىتارنى كۆرسەملا ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنىڭ ئالدىدىكى يۈز كېلەلمەسلىك، ئەيىبكارلىق تۇيغۇم قايتىدىن قوزغىلىپ ئازابلىنىپ كېتەتتىم. گىتارنى كۆرۈپلا ئاچچىقلىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئەمەس، ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى. ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سورىغاندا ئاندىن ئۆزۈمگە كەلگەندە بولدۇم، ئۇنى قورقۇتىۋەتتىممۇ نىمە؟
......
باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتىكەن، شۇ كۈنى بەزمىخانىدا بوتۇلكا بىلەنلا ھېلىقى ئەرنىڭ بېشىغا ئۇرغان چېغىمدا كۆڭلۈم يايراپ كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاغزى بەك بىزەپ ئىكەن، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنى ھاقارەتلىدى. گەرچە ئۇ ئۆلۈپ كەتكىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا بىرەرىنىڭ ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىشىغا يول قويمايمەن. لېكىن نازىيەنىڭ يېنىمغا ئېتىلىپ كەلگىنىنى كۆرگەن چېغىمدا ئۇنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغىنىنى پەملىدىم. ھېلىمۇ ياخشى بوتۇلكا مېنىڭ بېشىمغا تەگدى، ئۇنىڭ يارىلانمىغىنىدىن خۇش بولدۇم ھەم ئۇنىڭ مېنى دەپ ئېتىلىپ كەلگىنىدىن تەسىرلەندىم، دېمەك ئۇنىڭ كۆڭلىدىمۇ مەن بار ئىكەنمەن. ھەممەيلەن مېنى ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە سەۋەبلىك بۇ نازىيەگە يېقىنلاشقان دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچاندىن باشلاپ كۆڭلۈمگە ئورناپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا نازىيەمۇ مېنى شۇنداق ئويلاپ قاپتۇ، راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىدىم. ئۇنىڭغا يىتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەن بولسام كېرەك. ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئاندىن بۇ ئۆينىڭ ئۆيگە ئوخشىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۈمۈر بىللە ئۆتۈش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇنىڭغا ئۇنىڭ مەن ئۇزۇندىن بۇيان ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتسام بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ مېنىڭ سۆزلىرىمدىن بىرەر مەنانى بىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.
ھە راست، چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بارغان چېغىمىزدا چوڭ دادام بىزگە بىر توي باغىقىنى بەردى، ئۇ خەمىت دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ چوڭ دادامنى قىزىنىڭ تويىغا تەكلىپ قىلغان باغىقى ئىدى، خەمىت دوختۇرخانا باشلىقى دېگىنى ئەزىمەتنىڭ ئاشنىسى ئايگۈزەلنىڭ دادىسى ئىدى. چوڭ دادام توي مۇراسىمىغا ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بېرىپ كېلىشىمىزنى ئېيتتى. ئاھ، بۇ ئىشلارغا نىمە دەي!؟
دوختۇرخانىغا بېشىمدىكى تىككەن يىپنى تەرگۈزۈش ئۈچۈن بارغاندا نازىيە شەنخۇا دوختۇرخانىسىدىن خىزمەت تاپتى.
شۇ كۈنى كەچتە مەن مۇھەررىرنى 520 بەزمىخانىسىدا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدىم، بۇ ئىشنى نازىيەنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم، شۇڭا ئالىم ئۇنى بالدۇرلا ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى. مۇھەررىر ماڭا ئەينى يىلىدىكى ماتېرىياللارنى بىرمۇ بىر كۆرسەتتى. گەرچە بۇ ئىشنىڭ بولغىنىغا شۇنچە يىللار بولغان بولسىمۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ يەنىلا غەزىپىم قاينىدى. نازىيەنىڭ ئۆلۈمىنى ئەزىمەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغىنى ئېنىق، ئەمما بۇنىڭدا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار. بۇ ئىش بەلكىم مەڭگۈ مېنى ئازابلايدىغان ئىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كۆڭلۈم يېرىم ھالەتتە ئۆيگە قايتقۇم كەلمىدى، شۇڭا نازىيەگە ئۇچۇر قىلىپ بۈگۈن كەچتە ئۆيگە قايتمايمەن دېدىم، ئەمما كېيىن قارىسام گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ كەتتى، تۇيۇقسىز بىر ئىشنى كۆڭلۈم تۇيغاندەك بولۇپ ئۆيگە چاپتىم، دېگەندەك ئىشىكتىن كىرىشىمگە نازىيە يۈگۈرگەن پىتى كېلىپ ئۆزىنى باغرىمغا ئاتتى.
ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەلنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆڭلەك ئالغىلى باردۇق. سودا سارايدا ئايگۈزەل بىر كۆڭلەكنى ياقتۇرۇپ قاپتىكەن، ئەمما ئەزىمەت ئۇنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپلا يىلى چىقىپ كەتتى. مانا، پۇرسەت دېگەن مۇشۇنداق ئۆزى كېلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ نازىيەگە ئۇ كۆڭلەكنى ئېلىپ بەردىم، نازىيەنىڭ كۆڭلەككە خەجلىگەن پۇلغا ئىچى ئاغرىپ كەتتى، ئەمما بۇ تېخى ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















