大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 167 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 167  - قىسىم aybarawazi
2023-11-25
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 168-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

167-قىسىم  


       قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ سىرتقا چىقتىم، مەن تېخى شىركەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېتىپ بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لىفىت 12-قەۋەتكە چۈشكەندە فروزە چىقتى،

_ ۋوي، بەك كەچ قاپسىزغۇ؟ _ دېدى ئۇ كۈلۈپ. بېشىمنى لىڭشىتىپلا قويدۇم. 

شىركەتتىن چىقتۇق. 

_ تېخى تاماق يىمىگەنسىز؟ سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي. بەرىبىر مەنمۇ يالغۇز _ دېدى فروزە، راستىمنى ئېيتسام مەن قەيەرگە بېرىپ تاماق يېيىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىغان ئىدىم.  مەنمۇ تاماق يىسەم يالغۇز يەيدىكەنمەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر ئاشخانىغا كىردۇق. تاماق تىزىملىكىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدۇم. 

_ نىمە يىگۈڭىز بولسا بويرۇتىۋېرىڭ، بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي. 

فروزە ئارتۇق گەپ قىلمايلا بىر نەچچە خىل قورۇما بويرۇتتى،  مەن ھاراق قوشۇپ قويدۇم.  تاماق چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم، فروزە بەك زېرەك قىز، ئۇ مېنىڭ روھى ھالىتىمدىن بىر ئىش بولغانلىقىنى سېزىپ قالدى. 

_ نىمە، كەيپىياتىڭىز تازا ياخشى ئەمەسمۇ نىمە. ئويلاپ باقاي ھە، يېقىندىن بۇيان شىركەتنىڭ ئىشلىرى ياخشى يۈرۈشۈپ كېتۋاتىدۇ،  دېمەك سىزنى بىئارام قىلىۋاتقىنى شىركەتنىڭ ئىشى ئەمەس. ئۇنداقتا  يەڭگىمىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپسىلەردە؟ 

_ ھەئە، ئۇ مېنى سىزدىن كۈنلەپ قالغان ئوخشايدۇ _ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. 

تاماق چىقتى، ھاراقمۇ چىقتى، ھاراقنى بىر رومكىغا قۇيۇپ گۈپپىدە ئىچىۋېتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. 

  _ مەن بەزىدە سىلەر ئاياللارنى زادىلا چۈشەنمەي قالىمەن. سىزمۇ بىر ئايال كىشى، قېنى دەپ بېقىڭە،  سىلەر زادى نىمە ئويلايسىلەر؟ بۇرۇن ئۇنى چۈشىنىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئەمدى قارىسام ئۇنى قىلچە چۈشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. 

   فروزە بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. 

_ مەن سىزنى قىلالمايدىغان ئىشى يوق، مۇكەممەل ئادەم دەپ ئويلايتتىم، سىزنىڭمۇ بېشىڭىزنى قاتۇرىدىغان ئىشلار بار ئىكەن ھە؟ 

   چىڭقىلىپ كەتكەن ئىككى چېكەمنى ئۇۋىلىغاچ جاۋاب بەردىم. 

_ مەنمۇ ئادەم تۇرسام، ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ بېشىمنى قاتۇرىدىغان ئىشلار بولىدۇ دە. 

   سىرتتا تۇيۇقسىز گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقتى. نازىيە گۈلدۈرمامىدىن قورقاتتى، ئۇنىڭدىن ئەنسىرىدىم، لېكىن ئۇنىڭ يېنىدا ئۆتكۈر بارغۇ.  بۇ خىيال كاللامغا كېلىشى بىلەن كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تاماقنى قويۇپ توختىماي ھاراق ئىچىشكە باشلىدىم.  ھاراق تەسىر قىلدىمىكىن، بېشىم قېيىپ ئېغىرلىشىشقا باشلىغاندا فروزەگە :

_ سىز كېتىۋېرىڭ، مەن يەنە بىردەم ئولتۇراي!_ دېدىم. فروزە مېنى ھاراق ئىچىشتىن توسماي كۈلۈپ قويۇپلا ئولتۇردى. 

_ كېرەك يوق، ئىچكۈڭىز بولسا ئىچىۋېرىڭ، بەرىبىر مېنىڭمۇ باشقا ئىشىم يوق،  سەل تۇرۇپ مەست بوپ قالسىڭىز بىرەر ئادەم چاقىرىپ سىزنى ئاپىرىپ قويۇشقا بولسىمۇ يارايمەن، بولمىسا مەست پىتى كوچىدا يېتىپ قالسىڭىز يۈزىڭىزگىمۇ سەت. 

مەن كۈلۈپ قويۇپ ھارىقىمنى ئىچىۋەردىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر تېلېفون كەلدى، ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا بەك ئاچچىقلاپ كەتتى. تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ ماڭا قاراپ ئاچچىق كۈلدى. 

_ ئاپام بىلەن دادىڭىزنىڭ قانداق خىيالى بارلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز ھەقىچان. تېلېفون قىلغىنى ئاپامكەن، ئۇ بىزگە مېھمانخانىدىن بىر ياتاق ئېلىپ قويۇپتۇ، تازىمۇ...

_ ياخشى بوپتۇغۇ! _ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمىدى. 

_ ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلىڭ! _ دېدىم مەن يەنە.  مەن ھاراقنىڭ ھەممىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئىككىمىز ئاشخانىدىن چىقىپ، تاكسى بىلەن فروزەنىڭ ئاپىسى بىزگە ياتاق تەييارلاپ قويغان مېھمانخانىغا ماڭدۇق.

   مەن ھەقىقەتەن بەك كۆپ ئىچىۋالدىم، مېھمانخانىغا قانداق ۋاقىتتا باردۇق، فروزە قاچان كېتىپ، نازىيە يېنىمغا قانداق ۋاقىتتا كەلدى، ھېچنىمىنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ كاللامدا ئۇ شۇنچە قاتتىق يامغۇرغا قارىماي يېنىمغا كەلگەن ئىكەن، مېنى مۇھىم بىلىدىكەن دېگەن نەرسىلا بار ئىدى. ھەر ئىككى ئادەم بىر بىرىگە باش ئېگىشنى خالىمىغاندا مەست بولىۋېلىشمۇ ياخشى ئامالكەن. ھى ھى ھى.  ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغاندىكى تۇيغۇ بەك راھەت، ئۇنى سېغىنىپتىمەن، ھەقىقەتەن بەك سېغىنىپتىمەن. ئەمدىلىكتە ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلدىم.  لېكىن ئۇنىڭغا بۇ گەپنى بەك كۆپ دەۋەتسەم بولمايدۇ،  مېنىڭچە بىر ئادەمگە ئۇنداق دېيىش ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۈمۈرلۈك ۋەدە، ئەمما مەن بۇ ۋەدەمگە بىر ئۆمۈر ئەمەل قىلالامدىم يوق بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ ھازىر بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دەيدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى.  شۇنداق قىلىپ ئارىمىزدىكى تۈگۈن يېشىلدى.  سەھەردە تېلېفونۇمغا بىر ئۇچۇر كەلدى، ئەزىمەتنىڭ دېرىكى بوپتۇ، ئۇ شىشۇاڭبەننادىكەن.  يۈننەن بېرمىغا يېقىن، زەھەر سودىسىمۇ ئەڭ ئەۋج ئالغان جاي، مېنىڭ ئالاھىدە خىزمىتىم سەۋەبلىك ئۇ تەرەپتە تۇنۇشلىرىم خېلى بار، ئۆزۈممۇ ئالايىتەن بېرما تىلى ئۆگەنگەن ئىدىم.

   بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ساياھەت قىلىپ كېلىمىز دەپ بىر نەچچىمىز شىشۇاڭبەنناغا قاراپ ئۇچتۇق.  ئەزىمەت ئۆزىنىڭ بۇنچە ئاسان قولۇمغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولغىيتتى. ئەزىمەتنى تۇتۇپ ئاپىرىپ نازىيەنىڭ قولىغا قامچىنى تۇتقۇزۇپ قويدۇم، ئەسلى مەقسىتىم ئۇمۇ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مەن نازىيەنىڭ ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىمەن.  شۇنداق قىلىپ شىشۇاڭبەننادا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەلدۇق. 

قايتىپ كېلىپلا دادامدىن شېرزاتنىڭ دېلوسى توغرىلىق ئەرز سۇنماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم.  دادام قانچە پۇل كەتسە مەيلى، بىر ئامال قىلىپ شېرزاتنى ئەچىقىۋالايلى دېدى.  شېرزات ئۆزىنى بىلمەي ئەگىشىپ قاپتىمەن دېدى،  بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بىلمەيمەن.  دادام ئۇنىڭغا بەك ئامراق، بۇنى ئوبدان بىلىمەن. ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىشىدە مېنىڭمۇ ئانچە مۇنچە مەسئۇلىيىتىم بار، ئەگەر ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ توغرا يولدا مېڭىپ، ياخشى ئادەم بولسا بۇمۇ مەيلى ئەمەسمۇ. لېكىن قانۇن ھامان قانۇن، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپ باراۋەر. مەنمۇ تىرىشىپ باقاي قېنى. 

 يېقىندىن بۇيان نازىيە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا ئىزدىنىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۆلۈكىدىن ئۆگىنىۋاتقىنى جۇڭيى تىبابىتى كەسپى، بۇ ئۆتكۈرنىڭ كەسپى بىلەن يېقىنلىشىپ قالىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭدىن ئانچە مۇنچە سوئاللارنى سورىسا ئۆتكۈر دەرھال جاۋاب بېرەلەيتتى،  مەن بولسام ھېچنىمە دەپ بېرەلمەي ئولتۇرغاندا ئەينى ۋاقىتتا تىرىشىپ ئوقۇمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. 

بىر كۈنى كەچتە ئۆتكۈر ھاراق ئىچەيلى دەپ تۇرىۋالدى،  مەنمۇ ماقۇل بولدۇم. نازىيە بىردەم يېنىمىزدا ئولتۇرۇپ بىردەمدىن كېيىن ئۇخلايمەن دەپ چىقىپ كەتتى. ئۆتكۈر ئىككىمىز خېلى كەچكىچە ئىچتۇق، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ماڭا كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى.  مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆتكۈر قائىدە يۇسۇنلۇق، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلاچى بالا ئىدى. مۇزىكا ئەترىتىدىكى چاغدىمۇ ئۇ بىزگە تېكىست يېزىپ بېرىپ، چاتما دۇمباق چېلىپ بەرگەندىن باشقا ، ھاراق ئىچىش، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشقا ئارىلاشمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھاراق ئىچەيلى دېيىشىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. ئۇنىڭ ھاراق كۆتۈرەلمەيدىغىنىنى بىلمەن، نەچچە رومكا ئىچىپلا يۈزى قىزىرىشقا باشلىدى. 

_ ئۈمىد، كىچىك ۋاقتىمىزدا نازىيە ئىككىمىز قوشنا ئولتۇراتتۇق، بۇنى بىلىسەنغۇ.  مەن ئۇنى شۇ چاغدىلا بەك ياخشى كۆرەتتىم،  بەلكىم ئۇ چاغدىكى ياخشى كۆرۈش نىمىگە ھېساب بولاتتى دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن، ئەمما شۇ چاغدىكىسى ئەڭ ساپ، ئەڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش بولىدۇ. ئۇنى شۇنىڭدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا بەك ئورۇق، لېكىن كۆزلىرى يوغان، كىرپىكى ئۇزۇن، ئاۋازىمۇ بەك يېقىملىق ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۆزۈمدىكى ھېسسىياتنىڭ قانداقلىقىنى دەپ بېرەلمەيتتىم، لېكىن ئۇنى قوغدىسام، قولۇمدىن كېلىشىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم دەپلا ئويلايتتىم. بەلكىم كېيىن بىز كۆچۈپ كەتمىگەن بولساق، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇنداق كېلىشمەسلىك يۈز بەرمىگەن بولسا، مەنمۇ ئوقۇشقا كەتمىگەن بولسام بەلكىم توغرا ۋاقىتتا ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويالار بولغىيتتىم، ئەمما مەن بەكمۇ كېچىكىپتىمەن.   كىچىكىمدىن تارتىپلا ھەرقانداق ئىش قىلسام بەك ئېھتىيات قىلاتتىم،  نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە كېلىشمەسلىك چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ مېنىڭ كۆزلىرىمدىن ھېسداشلىق نۇرلىرىنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. ئادەم ئەڭ قىيىن كۈندە قالغاندا ئەڭ قورقىدىغىنى باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشى.  ئەمما مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىككىڭلارنىڭ توي قىلغانلىقىنى بىلىپ شۇنچىلىك تەساددىپىيلىق ھېس قىلدىم، دەسلەپتە تەن بەرگۈم كەلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ساڭا قاراشلىرىدىن ئەمدى ماڭا مەڭگۈ پۇرسەت بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. ئۈمىد، ئۇ سېنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتما، ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىنى قىلچىلىك ئاغرىتىپ قويساڭ مەن ئۇنى سەندىن تارتىۋالىمەن. 

ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم. 

_ نىمىگە كۈلىسەن؟ مېنى جۈرئەت قىلالمايدۇ  دەۋاتامسەن ياكى ئۇنچىلىك بىڭىسى يوق دەپ ئويلاۋاتامسەن؟

مەن بېشىمنى چايقىدىم. 

_ خاتىرجەم بول، مەن ئۇنىڭغا مەڭگۈ ياخشى قارايمەن، ھەرگىز كۆڭلىنى ئاغرىتمايمەن. ساڭا ئۇنى تارتىۋالغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن.  

راستىمنى ئېيتسام، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىم مېنىڭ ئەڭ زور بەختىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتىم. ئاشقازىنىم ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقان چېغىمدا ئۇنىڭ يېنىمدا بولۇشى بىلەن يوقىتىپ قويغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان تۇيغۇنى قايتا تېپىۋالغاندەك بولدۇم. شۇ قېتىم دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ماڭا ھاراق ئىچكىلى قويمىدى،  بۇنىڭدىن مەنمۇ خۇش بولدۇم، چۈنكى ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتاتتى. 

مەن دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن نازىيە غەلىتىلا بولۇپ قالدى، ھە دېسە تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنى تىلغا ئالاتتى. مەندىن غەلىتە سۇئاللارنى سورايتتى. ئەگەر سەككىز يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتقىلى بولغان بولسا قايسىمىزنى تاللايتتىڭىز؟ بۇ ئۇنىڭ دائىم سورايدىغان سۇئالى بولۇپ قالدى.  مەن بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئۇنىڭغا قانداقمۇ  يەنىلا ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنى تاللايتتىم دىيەلەيمەن؟  چۈنكى ئۇ چاغدا مېنىڭ نەزىرىمدە مېنىڭ ئالدىمدا تۇرغان نازىيەنى ياخشى كۆرۈش سالاھىيىتىم يوق ئىدى. ئۇنىڭغا يالغان ئېيتسام بولمايدۇ، راست گەپ قىلسام كۆڭلى يېرىم بولىدۇ، شۇڭا بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرمىدىم.  ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ رازىيەنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ ماڭا شۇ ئىشنى دەپ بەردى. 

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆتكۈر كۆچۈپ كەتتى،  بەلكىم ماڭا ھەممە گەپنى ئېيتقاندىن كېيىن تۇرىۋېرىشتىن ئۆزىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بولسا كېرەك.  مەنمۇ بەك تارتىشىپ تۇرىۋالمىدىم. 

......

فەرۇق بىلەن نىگارە ئىككىسى ئۆگزىدىن چۈشۈپ كېتىپ يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا نازىيە تولىراق دوختۇرخانىدا بولدى، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام ئۇ مەن دوختۇرخانىدا دېدى، لېكىن مەن بارسام يوق، نىگارە ئۇنى ھېلىلا چىقىپ كەتكەن دېدى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ تۇرۇشۇمغا تېلېفوم كەلدى، ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپتۇ. ئۇ مېنىڭ سەۋەبىمدىن خەتەرگە ئۇچراشقا باشلىدى، مەن ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەردى، بۇ تۇنجى قېتىملىقى.

ھەسەننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشى توغرىلىق بۇرۇن ئاڭلىغان ئىدىم، ئائىلىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قەرز ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا شۇ چاغدىلا ھەسەننىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش ئەمەس، بەلكى ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنىدىكى  ھېلىقى بىر پارچە يەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىدىم. لېكىن نازىيە بۇ گەپنى سورىغاندا راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. نازىيەنىڭ دادىسىنىڭ ئىشى توغرىلىق ھەسەننىڭ قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ماڭا نىسبەتەن خەۋپ خەتەر ئىكەنلىكى ئېنىق، مەن ئەينى يىلىدىكى ئىشلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.  

......

رازىيەنىڭ كېلىشى بىلەن نازىيە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈشكە باشلىدى.  نازىيە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى رازىيە ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتى،  شۇنچە يىللاردىن بۇ نۇمۇر ئۆزگەرمىگەچكە مېنىڭ تېلېفونۇمدىكى ئىسمىمۇ ئۆزگەرمىدى.  رازىيە كېلىشتىن بۇرۇن ماڭا تېلېفون قىلمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ كېلىشى ماڭا سەل تەساددىپىيلىقتەك تۇيۇلدى. ئەمما مەن ئۇنى نازىيە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ ئويلىمايتتىم،  لېكىن نۇرغۇن ئىشلارنى مەن كونترول قىلالمايدىكەنمەن. نازىيە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مەن رازىيەگە ئوبدان قارىدىم، ئېنىقراقىنى ئېيتقاندا ئەينى ۋاقىتتا نازىيەگە قارىغاندىنمۇ بەكرەك ياخشى قارىدىم. نازىيەگە بولغان قەرزىمنى رازىيەگە قايتۇرۇشنىلا ئويلايتتىم. رازىيەنىڭ بويى ئۆسۈپ چوپ چوڭلا بولۇپ كېتىپتۇ. لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ يەنىلا بىر بالا. نازىيە رازىيەنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن دېدى، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان،  قانداقلا بولمىسۇن رازىيە بىر قىز بالا، سىرتتا يالغۇز تۇرسا مەنمۇ خاتىرجەم بولالمايمەن. كىم بىلسۇن، زىددىيەت شۇنىڭدىن باشلاپ باشلاندى. 

بازىدىكى ۋاقىتتا بىز پىسخولوگىيەنىمۇ ئۆگەنگەن، رازىيەنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەسكەن، بەزىدە باشباشتاقلىقمۇ قىلىپ قويىدىكەن، ئۇنى بىلىپ تۇردۇم، لېكىن بەك ئىرەنشىپ كەتمەپتىمەن. ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىنى ئائىلە شارائىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن. بەلكىم نازىيە ھايات بولغان بولسا ئۇ بۇنچىۋالا بولۇپ كەتمەس بولغىيتتى دەپمۇ ئويلىدىم.  نازىيە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا ئوبدان قارايمەن دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم ۋەدە بەرگىنىم، رازىيەنىڭ بەك رايىغا باققىنىممۇ راست. لېكىن ئاخىرىغا بېرىپ ئىشلارنى ئۇنچىۋالا مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن. 

نازىيەنىڭ سۈرىتى چېقىلىپ كەتكەندە ياتاق ئۆيگە كىرسەم رازىيە يەردە ئولتۇرۇپ يىغلاۋېتىپتۇ، شۇ چاغدا نازىيەگە قاتتىق تەگكىنىم راست،  مېنىڭ خاپا بولغىنىم سۈرەتنىڭ چېقىلىپ كەتكىنى ئەمەس، بەلكى رازىيە ئۆيىمىزگە كېلىپلا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرگىنى ئىدى. ئەمما كۇتۇپخانىغا كىرىپلا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم، مەن نىمە قىلىپ قويدۇم؟ نىمە قىلىۋاتىمەن؟ نىمىشقا نازىيەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىمەن؟ مەن ئەڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمايدىغان ئادەم ئۇ ئىدىغۇ؟ 

ئاشخانا ئۆيدىن چىرقىرىغان ئاۋاز چىقتى، نازىيە قولىنى سىلكىپ تۇرۇپتۇ، رازىيەنىڭ قولىدا چۈمۈچ بار ئىكەن. نازىيەنىڭ قولىنى تۇربىغا تۇتتۇم، لېكىن ئۇ قولىنى سىلكىۋېتىپلا ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.  مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي جايىمدا ترۇپلا قالدىم. 

_ ئۈمىد ئاكا، تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ، سوۋۇپ قالسا تەمى قالمايدۇ_ دېدى رازىيە. 

_ ئۆزىڭىز يەڭ. 

توڭلاتقۇدىن مۇز خالتىسىنى ئېلىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ نازىيەنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە ياقتىم. ئۇنىڭ يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم مىڭنى تىللاپ كەتتىم. ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش ئاقسا مېنىڭ يۈرىكىم پارە پارە بولۇپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ مېنىڭ بۇ ھېسسىياتىمنى چۈشەنمەيدۇ. لېكىن قانداق قىلىمەن؟ ھەر ئىككىسى مەن ياخشى قاراشقا ۋەدە قىلغان ئادەملەر. بىرىنى دەپ يەنە بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرسەم بولمايدۇ. ئاخىرى بىر ئامال تاپتىم، رازىيەنى ئاپىرىپ ئەكىلىشكە ئالىمنى مەسئۇل قىلىپ قويدۇم. ئەتىسى كەچتە ئالىم رازىيەنى ئالغىلى بېرىپ تاپالماپتۇ. رازىيەدىن بەك ئەنسىرىدىم، ئۇ بۇ يەرنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن نازىيەگە قانداق يۈز كېلەلەيمەن؟ ئەمدى ئىزدەپ چىقاي دەپ تۇرسام ئۇ تېلېفون قىلىپ كېچىلەپ مەشق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىدىم. لېكىن ئۇ چاغدا دادامنىڭ نازىيە ئىككىمىزنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن قىلغۇدەك ئەسكىلىك بولسا قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتىم. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k