大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 156 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 156  - قىسىم aybarawazi
2023-11-14
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 157-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

156-قىسىم  


     ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇراتتۇق،  مېنىڭ ئۇنىڭ غورۇرىغا تەگكۈم يوق، شۇڭا ئاۋۋال ئېغىز ئاچمىدىم. بىردەم شۇ ھالەتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئۇ ئېغىز ئاچتى. 

_ رەھمەت سىزگە، بۇ پۇلنى مەن ئۆتنە ئالغان بولاي، كېيىن چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن. 

_ قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۈگۈن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا باشقا تۇنۇمايدىغان بىرى بولغان بولسىمۇ مەن ئوخشاشلا ياردەم قىلغان بولاتتىم. مەن كىچىكىمدە بەك جاپادا چوڭ بولغان ھەم بۇرۇن مۇشۇنداق ئەھۋالغا مەنمۇ يۇلۇقۇپ باققان. ئۇنداق ئوڭايسىزلىق ۋە ئىلاجسىزلىقنى مەن ئوبدان بىلىمەن.

رازىيە  بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇردى. 

_ ئۈمىد ئاكامنىڭ ئىشىنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭ..._ ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي قالدى، كۆزەينكىنىى ئېلىۋېتىپ ئۈستەل ئۈستىدىكى قەغەزنى ئېلىپ بېشىنى پەس قىلىپ يېشىنى سۈرتتى. 

_ مەن بۇرۇن بەك كۆپ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن، ئۈمىد ئاكام مەندىن خاپا ئىدى،  مەن تېخى ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندا ئاندىن ئۇنىڭغا ناماقۇل بولاي دېگەن ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىزلا كېتىپ قېلىشىنى ئويلىماپتىمەن. ئەمدى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم  سوراش پۇرسىتىمۇ يوق بوپتۇ. ھۈ ھۈ ...

ئۇ دەسلەپتە ئۈنسىز ياش تۆككەن بولسا ئەمدىلىكتە ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلاپلا كەتتى. مەن كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ دېرىزىنىڭ سىرتىغا قارىۋالدىم، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كۆز ياشلىرىممۇ توختىماي قۇيۇلىۋاتاتتى. 

_ ناماقۇل بولۇش شۇنچىۋالا مۇھىممۇ؟  ياق، ھەرقانداق ئىش ھاياتلىقتەك مۇھىم ئەمەسكەن. 

_ مەن  بەك پۇشايمان قىلدىم، بۇرۇن ئۈمىد ئاكامنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئۇنى خاپا قىلىدىغان ئىشلارنى بەك كۆپ قىلىپتىكەنمەن، ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغان بولاتتىم. ھازىرغىچە ماڭا ياخشىلىق قىلغانلار كۆپ ئەمەس، لېكىن ئۈمىد ئاكام مېنى ھەممىدىن بەك  ئەتىۋارلاپ چوڭ كۆرگەن ئادەم، شۇڭا مەن باشقىلارنىڭ ئۇنى مەندىن تارتىۋېلىشىدىن، ئۇنىڭ ئەتىۋارلىشىدىن قۇرۇق قېلىشتىن قورقاتتىم.

_ ئۇ بەزىدە سىزنى ئەيىبلەپ ۋاقىراپ قويغان بىلەن لېكىن سىزگە ياخشى بولسۇن دەپلا ئويلايتتى، ئۇ سىزنى ئىزچىل ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرۈپ كەلگەن. 

رازىيە يىغىدىن ئۆزىنى توختىتۋالالمايۋاتاتتى.

_ لېكىن مەن ئۈمىد ئاكامنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالمىدىم _ ئۇ ئاخىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئۇدۇل قارىدى ، مەنمۇ باياتىن بېرى ئۇنىڭغا ئۇدۇلدىن سەپسېلىپ قارىماپتىكەنمەن، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ قاڭشىرىنىڭ ئۈستىدە كۆك ئىز تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 

_ ئېرىڭىز ئۇردىما؟

رازىيە بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ يېشىنى سۈرتتى. 

_ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا توي قىلغان، ئۇنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتىم.  يېڭى توي قىلغان چېغىمىزدا ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلدى، ئاغزىمدىن چىققىنىنى قىلىپ بەردى. ئىككى ئايلار ئۆتكەندىن باشلاپ كېچە كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان بولىۋالدى،  ھە دېسە ھاراق ئىچىپ كېلىپ مېنى ئۇرىدۇ،  مېنى ئادەم قاتارىدىمۇ كۆرمەيدۇ. بۇرۇن سىز بىلەن بەك پۇت تېپىشىپ كەتكەنتىم، بۇ ھالىمنى كۆرۈپ خوپ بوپتۇ دەۋاتقانسىز ھەقىچان. 

ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى چايقىدىم. 

_ ھەرگىز ئۇنداق ئويلىمىدىم.  سىزنى ياقتۇرمايمەن، بۇ راس، ئەمما سىز ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئۈمىدنىڭ ئورنىدا كۆڭلۈم يېرىم بولدى، چۈنكى ئۈمىد سىزگە ياخشى بولسۇن دەپلا ئويلايتتى. ئۇ سىز ئۈچۈن بەك زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئۇ ئېچىپ بەرگەن يولدىمۇ ئۆزىڭىز ياخشى ماڭالمىدىڭىز. بۇ ھالىتىڭىزنى ئۈمىد كۆرگەن بولسا چوقۇم مەندىنمۇ بەك كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ھەي، كىمدىن كۆرگۈلۈك. دەسلەپتە ئېرىڭىز بىلەن ياخشى كۆرشۈۈپ توي قىلمىغان بولغىيتتىڭىز؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، يۈز ئابروينى، پۇلنى دەپ توي قىلغان، شۇنداقتۇ؟ 

ئەگەر بۇرۇن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق گەپ قىلغان بولسام ئۇ چوقۇم   ئورنىدىن يۈگۈرۈپ قوپۇپ مەن بىلەن ئۇرۇشقان بولاتتى، ئەمما ھازىر ماڭا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي يېشىنى ئېقىتىپلا ئولتۇردى، ئاندىن:

_ توغرا، ئۆزۈمدىن كەتتى. بايغا تەگسەم  يەيدىغان، ئىچىدىغاندىن غەم قىلمايمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇ بىر قىزنى ئۆيگە باشلاپ كەپتۇ. بۇنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتۇم. ئۇ مېنىڭ كارتامنى توڭلىتىۋېتىمەن دېگەن، مەن تېخى ئۇنى ئاچچىقتا شۇنداق دەپ قويغانمىكىن دەپتىمەن، كىم بىلسۇن، ئۇ راستلا شۇنداق قىلىپتۇ. مەن  چاپاننى ئاپامغا ئالغان،  ھازىر ئۆزۈم پۇل تاپالمايمەن، ئاپامغا ئازراق نەرسە ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ چىرايىغا قارايدىغان گەپ، شۇڭا قىممەت پۇللۇق نەرسىلەرنى ئالالمايمەن. ماڭا كارتىنى بەرگىنى بىلەن ھېساباتنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدۇ، كارتىدىن كۆپرەك پۇل چىقىپ قالسا دەرھال مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ_ دېدى.

_ شۇڭا ئاياللار ھەرقانداق ۋاقىتا ئۆزى مۇستەقىل پۇل تاپالايدىغان ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك. 

_ رولغا چىقىپ باقمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بولدى، ھازىر ئادەتتىكى كىچىك روللارغىمۇ مېنى ئىزدەيدىغان ئادەم يوق.

_ ئادەم ئۆزىنى بەك ئۈستۈن چاغلاپ كەتسىمۇ بولمايدۇ.  بەك بولمىسا ھەممىنى باشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇغۇ، بۇ نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس، داڭلىق چولپانلارنىڭ ھەممىسى ئىشنى كىچىكىدىن باشلىغانغۇ. قايتا باشلاش قورقۇنۇچلۇق ئىش ئەمەس، قايتا باشلىغۇدەك جۈرئەتنىڭ بولماسلىقى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق. 

رازىيە ماڭا قارىدى. كۆزى تېخىچە ياش يۇقى تۇراتتى. مەن ھېسابات قىلىدىغان پۇلنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ سومكامنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم.  شۇنداق، قايتا باشلاش قورقۇنۇچلۇق ئىش ئەمەس، قايتا باشلىغۇدەك جۈرئەتنىڭ بولماسلىقى قورقۇنۇچلۇق، ئەمما مەن قايتا باشلىغۇدەك جۈرئەتنىڭ بولماسلىقىدىن ئەمەس،  قايتا باشلاش پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقىدىن قورقىمەن. ئەگەر ھەممىنى قايتىدىن باشلاش پۇرسىتى بولغان بولسا، ئەگەر راستلا شۇنداق پۇرسەت بولغان بولسا مەن ئۆزۈمدىكى ھەممە نەرسىگە تىگىشىشكىمۇ  رازى ئىدىم. لېكىن ئۇنداق پۇرسەت يوق، مەڭگۈ كەلمەيدۇ. 

ئەتە يېڭى يىل دېگەن كۈنى چۈشتە ئۆتكۈر تېلېفون قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈن داچىغا كېلىپ مەن بىلەن بىللە تاماق يىگۈسى بارلىقىنى، تەييارلىقنى ئۆزى قىلىپ، كەچتە تاماقنىمۇ ئۆزى ئېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ماڭا ئايان، ئۇلار يېڭى يىلدا مېنى غېرىبسىنىپ قالمىسۇن دەپ كەلمەكچى. كەچتە شېرزات، مېھراي، نىجات، ئامىنە ھەممىسى كەلدى، مەن ھەسەنمۇ بۇ يەردىن تېخى كەتمىدى دەپ ئويلاپ تېلېفون قىلغانتىم، ئۇمۇ تۇرسۇنئاينى ئېلىپ كەلدى. تاماق ئۈستىدە ھېچكىم كۆڭۈلسىز پاراڭ قىلىشمىدى، خۇددى دۇنيادا ئەزەلدىن ئۈمىد ئابلەت دەپ بىرى بولۇپ باقمىغاندەك، ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاتىرىسىنى يوقاتقاندەك.  ئەمما مەن ئۇنى ئۇنتۇيالمايمەن، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇنى تېخىمۇ ئەسلەيمەن. تاماقتىن كېيىن ئۇلار بەزىلىرى تېلېۋىزور كۆرۈپ، بەزىلىرى بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردى، مەن ئاستا بالكونغا چىقىپ سىرتقا قارىدىم. ئۇ يوق، پۈتكۈل دۇنيارىم قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. تۇيۇقسىز يىراقتىن ساليوت ئېتىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز بىلەن كۆز ئالدىم يورۇپ كەتكەندەك بولۇپ، دەرھال قايتىپ كىرىپ كرىسلونىڭ ئۈستىدىن سومكامنى، چاپىنىمنى ئېلىپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم. باشقىلار نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ كەينىمدىن چىقىپ بولغۇچە مەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ مېڭىپ بولغان ئىدىم. ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ ئۇلارغا قاراپ ۋاقىرىدىم. 

_ مەن بىر يەرگە بېرىپ كېلەي.  ئەنسىرىمەڭلار. ھېچ ئىش بولمايدۇ. 

يولدا ماشىنىلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. مەن خۇددى ئۇچرشىشقا ئالدىراپ ماڭغان يىگىتتەك ماشىنىنى  بەك تېز ھەيدەپ كېتىۋاتىمەن، كۆڭلۈم تىنەپ كېتىۋاتىدۇ.  ماشىنىنى ئۇدۇل بىپايان شىركىتىگە ھەيدىدىم، شىركەتنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى مېنى تۇنۇغاچقا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. مەن ئۇدۇل ئۆگزىگە چىقتىم. رىشاتكىنىڭ يېنىغا كېلىپ يىراقلارغا قارىدىم.  شۇ يىلى يېڭى يىل بولىدىغان كېچىسى ئۈمىد ئىككىمىز دەل مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ساليوت ئېتىلغىنىنى كۆرگەن ئىدۇق. ئۇ ھەر يىلى يېڭى يىلنى مۇشۇ يەردە كۈتىۋالايلى دېگەن. 

_ ئۈمىد، سىز ئۆزىڭىز ھەر يىلى مۇشۇ يەردە بىللە يېڭى يىلنى كۈتىۋالىمىز دېگەن، مانا، مەن كەلدىم، لېكىن سىزچۇ؟ سىز قەيەردە؟ مېنى ئالداپسىز! _ ئۈنۈمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم. ئاسماندا ھەر خىل شەكىللىك ساليوتلار ئېتىلىپ كېچە ئاسمىنىنى كۈندۈزدەك يورۇتىۋەتكەن ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنى بەك سېغىندىم، بەك بەك سېغىندىم، بەك بەك بەك سېغىندىم. قەلبىمدىكى سېغىنىش تۇيغۇسىنى قانداق ئىپادىلەپ بېرىشنىمۇ بىلمەيتتىم.  پەقەت ئاسمانغا قاراپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم. تۇيۇقسىز ئۆگزىگە چىقىدىغان تۆمۈر ئىشىك «تاراق» قىلىپ ئېچىلغاندەك بولدى.  بۈگۈن شىركەتتىكىلەرنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگىنى ئېنىق، بۇ كەچتە كىممۇ بۇ يەرگە كېلەتتى دەپ ئويلىدىم.  شۇنداقتىمۇ ئاستا ئۆرۈلۈپ ئىشىك تەرەپكە قارىدىم. كۆلۈم بىر ئىشنى تۇيغاندەك يۈرىكىم تىپچەكلەپ كەتتى. ئىشىككە سىنچىلاپ قارىسام ئىككى قولتۇقىدا ئىككى ھاسا تايىنىۋالغان بىرى ئۆزىنى رۇسلاپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ھاسسىنى تايىنىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. يېقىنلاپ كەلگەندە قارا خۇرۇم ئاياق، كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىۋالغان قاملاشقان بىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.  بۇ چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ؟ يا ئۇنى بەك سېغىنىپ كەتكەنلىكتىن مەندە خىيالى تۇيغۇ پەيدا بولدىمۇ؟ ئۇ مەندىن نەچچە مېتىرلا نېرىدا توختاپ ماڭا قاراپ بېشىنى چايقىدى. مەن مىدىرلاشقا، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، ھەتتا نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقىۋاتاتتىم، ئەگەر بۇ چۈشۈم بولۇپ قالسا، مىدراپ قالساملا ئويغىنىپ كېتىشتىن قورقاتتىم. يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.  مەن نىمە بولدۇم؟ كېچە كۈندۈز سېغىنغان ئادىمىم كۆز ئالدىمدا تۇرسا، نىمىشقا مىدىرلىيالمايمەن؟  نىمانچە تېز سوقىسەن، يۈرىكىم، سەن زارىقىپ كۈتكەن ئادەم كۆز ئالدىڭدا تۇرىدۇ، مەيلى بۇ چۈش بولسۇن ياكى راست بولسۇن،  ئىشقىلىپ ئۇ ھازىر سېنىڭ ئالدىڭدا، بۇنچىۋالا ئەنسىز سوقمىغىن.

بۇ مېنىڭ چۈشۈمغۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشۈۋاتقان نۇرلار نىمە ئۈچۈن راستتەكلا؟ 

_ سىزگە ھەر يىلى يېڭى يىلنى بىللە ئۆتكۈزىمىز دەپ ۋەدە بەرگەنتىم، مانا مەن كەلدىم. كېچىكىپ قالمىغاندىمەن؟ 

ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياشلىرىم كونتروللۇقىنى يوقاتتى. يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭمۇ كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى. مەن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئالدىمغا ماڭدىم، پۈتۈن بەدىنىم ھاياجاندىن تىترەيتتى، لېكىن ھەر بىر قەدەمنى شۇنچىلىك ئاۋايلاپ دەسسەۋاتاتتىم. راستىمنى دېسەم بۇنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈزىگە سىنچىلاپ قارىدىم، يۈزىنى سىلىدىم، كۆزىدىن ئېقىۋاتقان يېشىنى ھېس قىلالىدىم، قولىنى تۇتتۇم، ئۇنىڭ قولى ئىسسىق تۇراتتى.   چۈشۈم ئەمەسكەن، بۇ ئوڭۇمكەن. 

_ كېچىكمىدىڭىز. ھېلىمۇ ئۈلگۈرىمىز! _يىغىدىن ئاۋازىم بۇغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ ياشلىرىمنى سۈرتتى. 

_ سىز قايتىپ كەلدىڭىز شۇنداقمۇ؟ بۇ چۈشۈم ئەمەس،  ئوڭۇمكەن، توغرىمۇ؟

_ توغرا، مەلىكەم، مەن قايتىپ كەلدىم، مەن يېنىڭىزغا قايتىپ كەلدىم، سىز چۈش كۆرمىدىڭىز! _ ئۇ شۇنداق دەپ يۈزۈمنى ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ كالپۇكۇمنى چىشلەپ تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا كونتروللۇقۇمنى يوقاتتىم. 

_ نىمىشقا ئەمدى كېلىسىز؟ نىمىشقا بۇرۇنراق  كەلمەيسىز؟ سىزدىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى، سىزنى قانچىلىك سېغىنىغىنىمنى بىلەمسىز؟ نىمىشقا يۈرىكىم پارە پارە بولۇپ كەتكەندە ئاندىن كېلىسىز؟ 

ئۇ ئىككى قولتۇقىدا تۇتۇپ تۇرغان ھاسسىنى تاشلىۋېتىپ  مېنى تارتىپلا باغرىغا باستى.  لېكىن جايىدا مۇقىم تۇرالماي كەينىگە يىقىلىپ چۈشتى. 

_ ئۈمىد! _ ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم، لېكىن يەنىلا تۇتىۋالالمىدىم. بۇنى كۆرۈپ بىر نەچچەيلەن يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى دوختۇرمۇ بار ئىدى. 

_ نازىيە ئاچا! _  بۇ ئالىمنىڭ ئاۋازى ئىدى. كەينىدىن بىر نەچچەيلەن چاقلىق ئورۇندۇقتىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئاندىن ھەممەيلەن كەينىگە يېنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئىككى پۇتىنى تۇتتۇم. 

_ پۇتىڭىزغا نېمە بولدى؟ 

ئۇ مېنى ئىككى قولۇمدىن تارتىپ تۇرغۇزدى. 

_ ئىككى پۇتۇمدىن ئايرىلىپ قالغان بولسام، ئۆمىلەپ بولسىمۇ يېنىڭىزغا سىز بىلەن يېڭى يىلنى بىللە كۈتۈۋالغىلى كېلەتتىم. چۈنكى مەن سىزگە ۋەدە بەرگەن، سىزگە بەرگەن ۋەدەمدە تۇرمىسام بولمايدۇ. 

توغرا، ئۇ ھېلىغۇ ھاسا تايىنىپ كەپتۇ، ئىككى قولى، ئىككى پۇتى يوق ھالەتتە كەلسىمۇ يەنىلا خۇش بولاتتىم. چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنى چوڭقۇر ھېس قىىپ يەتتىمكى ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بوپتۇ. ئۇنى قۇچاقلىدىم، ھېچقانداق گەپ سورىمىدىم. ئۇ ھاياتكەن، مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەممىدىن مۇھىم. 

چىڭ قۇچاقلىشىپ تۇردۇق، پەستە ۋاراڭ چۇرۇڭ بولۇپ كىشىلەر تەتۈر ساناققا چۈشتى. ئۈمىد ئىككىمىزمۇ ئەگىشىپ سانىدۇق. 

_10، 9، 8،7 ،6 ،5 ،4 3، 2، 1     

_ يېڭى يىل كىردى، مەلىكەم. يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! 

_ ياق، يېڭى يىلىمىزغا مۇبارەك بولسۇن! 

_ مەلىكەم، سىزنى سۆيىمەن! _ قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلىدى ئۇ. قەددىمنى رۇسلاپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى كۆرەلىدىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق جىمجىت قارىشىپ تۇرۇشنىڭمۇ نەقەدەر زور بەخت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتىم. 

_ مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن، چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن.

ئۇ قولىنى سۇنۇپ مېنى قۇچاقلىماقچى بولۇپ سۇندى يۇ، تۇيۇقسىز كۆكرەك تەرىپىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قالدى. 

_ نىمە بولدىڭىز؟_ سورىدىم ئەنسىز بولۇپ.  

_ ھېچ ئىش يوق. يېنىمدا سىز بولسىڭىزلا ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ. 

بۈگۈن قار يېغىۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كىيىملىرى بەكلا نىپىز ئىدى. ئۇ ئاغزىدا «ھېچقىسى يوق» دېگىنى بىلەن كۆكرەك تەرىپىدىن قان تەپچىرەپ چىقىۋاتاتتى. قورققىنىمدىن ۋارقىرىۋەتتىم.

_ ئالىم! _ چاقىرغىنىمنى ئاڭلاپ ئالىم بىلەن ئىككى دوختۇر يۈگۈرۈپ كەلدى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k