大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 168 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 168  - قىسىم aybarawazi
2023-11-26
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 169-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

168-قىسىم  

      

   بىر كۈنى نازىيە يىغىن زالىغا ئۈسۈپلا كىردى، يىغىن تارقىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ماڭا تۆنۈگۈن شوپۇرلۇق مەكتەپتە ھەسەننى ئۇچرىتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. تۆنۈگۈن بولغان ئىشنى نىمىشقا ئۇ ئەمدى دەيدۇ؟ كۆڭلۈمدە سەل گۇمان پەيدا بولدى، لېكىن چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولدۇم. ئۇ مېنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ تۆنۈگۈن دېمىگەنلىكىنى، تۆنۈگۈن ئىزىغا چۈشكەن ماشىنىنى پەستە كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن  مەندىن ئەنسىرەپ ئامالسىز دېگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن ئادەمنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. دادام ماڭا سۈرەتنى كۆرسىتىپ، نازىيەنى ھەسەن بىلەن چاتىقى بار دېدى. دادامنىڭ گېپىنى جايىدىلا ئۈزۈۋەتتىم. ئەينى يىلى ھەسەن بىلەن نازىيەنىڭ ئائىلىسىگە شۇنچە چوڭ دىشۋارچىلىقلارنى كەلتۈرگەن ئادەمنىڭ ئەمدىلىكتە ئالدىمدا نۇمۇس قىلماي بۇ گەپلەرنى دەۋاتقىنىغا ئاچچىقىم كەلدى. 

نازىيەنىڭ ھەسەن بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشىنى خالىمايتتىم، شۇڭا ئۇنى شوپۇرلۇق مەكتەپكە بارماسلىققا كۆندۈرمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۇ بۇ ئىشقا كەلگەندە بەكلا جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدى. شۇڭا مەن قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىدىغان بولدۇم.  يېقىندىن بۇيان نازىيە بىلەن رازىيە خېلى چىقىشىپ قالغاندەك قىلاتتى، دېمىسىمۇ رازىيە ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ خېلىلا كەچ قايتىپ كەلگەچكە ئىككىيلەننىڭ ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىمۇ بەك ئاز ئىدى. ئالدىنقى قېتىم رازىيە بىلەن قىزىرىشىپ قالغاندىن كېيىن نازىيەنىڭ رازىيە بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم. 

      رازىيە مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالغان كۈنى كەچلىكى نازىيەنى مەن بىلەن بىللە ياتسۇن دەپ تۇرىۋالدى، نازىيەمۇ ماقۇل بولدى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ يەنە ئۇرۇشۇپ قېلىشىنى ئويلىماپتىمەن.  يېرىم كېچىدە ئاۋازنى ئاڭلاپ رازىيە ياتىدىغان ھۇجرىغا كىرسەم ئۆي شۇنداق قالايمىقان، نازىيە ئۆرە تۇرۇپتۇ، رازىيە يەردە ئولتۇرۇپ يىغلاۋېتىپتۇ،  مەن بېرىپ رازىيەنى يۆلىدىم، ئۇ مەن بۇ ئۆيدە ئارتۇقچە دەپ ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى. دەماللىققا كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتالىقىنى بىلەلمىدىم. سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي چاپىنىمنى كىيىپ رازىيەنى ئىزدەپ چىقتىم، تېلېفون قىلسام ئېلىنمىدى.  خېلى يەرگىچە ماڭغان بولساممۇ تاپالمىدىم.  تاڭ ئاتقۇچە ئىزدىدىم،  يوق. ئۇنىڭدىن راستلا بەك ئەنسىرىدىم.  رازىيە پىيادە مېڭىپ قانچە ئۇزۇن ماڭالايتتى، شۇنىڭ بىلەن خاتا ماڭغان ئوخشايمەن دەپ تەتۈر يۆنىلىشكىمۇ مېڭىپ باقتىم، يەنىلا تاپالماي داچىغا كەلسەم نازىيەمۇ يوق. كرىسلوغا چۆكۈپلا قالدىم. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن،  نازىيە كىردى، شۇ چاغدىلا مەن ئۇنىڭمۇ رازىيەنى ئىزدەپ چىققانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغۇدەك ھالىم يوق ئىدى، لېكىن نازىيە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە ھازىر كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا بولۇشى مۇھىم ئەمەس، يەنە كېلىپ مېنىڭمۇ نازىيەنى ئەيىبلەش خىيالىم يوق، چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان رازىيەنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدىم. ھازىر رازىيەنى تېپىش ھەممىدىن مۇھىم. بىر قىزبالا ئۆيدىن ئاچچىقلاپ چىقىپ كېتىپ بىر كېچە قايتىپ كىرمىدى، ئەلۋەتتە نازىيەمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. كېيىن نازىيەنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن فەرق بىلەن ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىپ باقتىم، رازىيە تۇرغان مېھمانخانىغىمۇ بېرىپ باقتۇق، ھېچيەردە يوق.  بىر ئادەم يوقاپ كەتسە چوقۇم  24 سائەت بولغاندا ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا بولىدۇ،  نازىيە ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقىرايلى دېدى. ئۆتكۈر بىلەن فەرۇقمۇ كەلدى، ھەممىمىز ئولتۇرۇپ خەۋەر ساقلىدۇق، ئۆتكۈر تاماق ئەتمەكچى بولۇپ نازىيەنى چاقىرىپ ئاشخانا ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. تۇيۇقسىز نازىيەنىڭ قولىنىڭ يارىلانغىنى ئېسىمگە كېلىپ دەرھال ئاشخانىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتىم. مەن ھەرگىزمۇ رازىيەنى دەپ نازىيەنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىنىم يوق، ئەمما رازىيەنى تاپالماي كۆڭلۈم پاراكەندە بولغاچقا تازا بەك دېققەت قىلىپ بولالماپتىمەن.  تاماق ئەمدى ئاغزىمىزغا تېگىشىگە  رازىيەنىڭ ئۇچۇرى كەلدى. تېلېفون قىلغىنى ئۇچار تاش قورغىنىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچى بولۇپ ئۇ رازىيەنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دەرھال باردۇق. رازىيە تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ، ئۇنىڭ بۇنچىۋالا جاھىللىقىنى ئويلىماپتىمەن. لېكىن  شۇ چاغدا ئۇنىڭغا بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلساممۇ بولمايتتى، ئۇنىڭ قىيادىن چۈشۈپ كېتىشىدىن بەكمۇ قورقتۇم.  شۇنداق خەتەرلىك پەيىتتە يەنىلا نازىيە ئەقىللىق ئىكەن، مەنمۇ ئامالسىز رازىيەگە يان باستىم، مېنىڭ ئىشىمنىڭ نازىيەنىڭ كۆڭلىگە كەلگىنىنى بىلىمەن، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدا ماڭا ھەقىقەتەن باشقا ئامال يوق.  

رازىيەنى مىڭبىر تەستە ئۈستىدىن چۈشۈرىۋېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەتتىم. يولدا كېتىۋېتىپ نەچچە قېتىم تېلېفونۇمنى چىقىرىپ نازىيەگە تېلېفون قىلماقچى بولدۇم، ئەمما رازىيەنىڭ كەيپىياتىنى ئويلاپ يالتىيىپ قالدىم. 

   ئۆيگە بېرىپ رازىيەنى مىڭ بىر تەستە پەسكويغا چۈشۈرۈپ ياتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىمەن دېسەم ئۇ قولۇمدىن تارتتى. 

_ ئۈمىد ئاكا، چىقىپ كەتمەي ماڭا ھەمرا بولۇڭ، بولامدۇ؟ مەن قورقىدىكەنمەن. 

مەن كارىۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم. 

_ قورقماڭ، سىز ھازىر مېنىڭ ئۆيۈمدە. سىز ئۇخلىغىچە يېنىڭىزدا ئولتۇراي. 

رازىيە كۆزىنى يۇمسىلا مەن بىر يەرگە قېچىپ كېتىدىغاندەك كۆزىنى يۇمماي ئېچىپلا ياتاتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىم بىلەن نازىيەدىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم. 

_ قۇرسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ سىزگە يىگۈدەك نەرسە تەييارلاپ بېرەيمۇ؟ 

_ ياق، ئاچمىدى _ رازىيە بېشىنى چايقىدى. 

_ سىزنى ئىزدەيمەن دەپ تۈزۈك بىر نەرسە يىمەي مېنىڭ قۇرسىقىم ئېچىپ كەتتى _ دېدىم مەن. 

_ ئەمىسە مەن سىزگە تاماق ئېتىپ بېرەي _ ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، مەن ئۇنى مۈرىسىدىن بېسىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم. 

_ بولدى، سىز ئۇخلاۋېرىڭ، ئۆزۈم ئېتەي. 

ئۇنىڭغا يوتقاننى يېپىپ قويۇپ پەسكە چۈشتۈم. ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرمەي كرىسلودا ئولتۇرۇپ نازىيەگە تېلېفون قىلدىم، تېلېفوننى ئۆتكۈر ئالدى. 

_ نازىيە سەن بىلەن بىللىما؟ 

_ ھەئە، ئۇ مەن بىلەن بىللە_ دېدى ئۇ. 

_ ئۇ قانداقراق؟ سىلەر قەيەردە؟ مەن ھازىرلا ئالغىلى باراي. 

_ بولدى، سەن ئاۋۋال رازىيەنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىل، شۇنداق بولسۇن ھە. ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. تېلېفوننى كرىسلوغا تاشلاپ قويدۇم.  يېرىم كېچىدە ئالىمدىن تېلېفون كەلدى، ئۇ تەكشۈرۈپتۇ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان رازىيەنىڭ دادام بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتى سەل كۆپرەك ئىكەن، ئۇنى ئۇچار تاش قورغىنىغىمۇ دادام ئېلىپ بارغان ئىكەن،  دېمەك دادام رازىيەدىن پايدىلىنىپ نازىيە ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى ئىكەن دە. كېچىچە كرىسلودا ئولتۇرۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە نازىيەنى ئالغىلى باردىم. ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ بەك بىئارام بولدۇم.

_ ئۈمىد، بۇنداق قىلما. نازىيەمۇ ئايال كىشى، رازىيەدىن ئەقىللىقراق شۇ..._ ئۆتكۈرنىڭ قالغان گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى، راست دەيدۇ، نازىيە ھەقىقەتەن بەك ئەقىللىق، شۇڭا مەن تۆنۈگۈن كەچتە رازىيە تەرەپتە تۇردۇم، بۇ ھەرگىزمۇ نازىيەنى نىمە بولساڭ بول دېگىنىم ئەمەس.  

_ مە، نازىيەنىڭ بوينىدا يارا  بار ئىكەن، بۇنى ئەتىگەن كەچتە سۈركەپ قوي، ۋاقتىڭ يەتمىسەم ماڭا تېلېفون قىل، مەن بېرىپ سۈركەپ قوياي._ ئۆتكۈرنىڭ تەلەپپۇزىدىن قاتتىق ئاچچىقلانغىنى چىقىپ تۇراتتى.  

    ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن نازىيەنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ھەتتا ئۆزىنى قەستەن مەندىن قاچۇرىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى. كېيىن مەن نازىيە بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا دادام بىلەن رازىيەنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ماڭا مېنىڭ ھەممە گېپىمنى ئۇنىڭغا دېگەن ۋاقتىم ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەڭ بىخەتەر سېىزىدىغان ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما مەن بەزى گەپلەرنى ئۇنىڭغا دىيەلمەيتىم، بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا يىتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەن بولسام كېرەك. لېكىن رازىيەنىڭ ئىشى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئارىمىزدىكى تۈگۈن يېشىلگەندەك بولدى.  شۇنىڭدىن كېيىن رازىيەنى سەنئەت مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدۇم، مەن تېخى ئۇنى ئۆيدىن كەتكۈزىۋەتسەملا ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. 

   شېرزاتقا سوت ئېچىلىدىغان كۈنى مەن ئابلىز بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىپايان شىركىتى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەن ئىنتايىن قارام سودىگەرگە ئايلانغان ئىدىم. ئەمما ماڭا نىسبەتەن شىركەت ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس، شۇڭا بۇ قېتىملىق باغلىشىشتا مەن ئۇتتۇرۇپ قيوغان تەقدىردىمۇ قورقمايمەن.  ھەسەننىڭ نازىيەنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىشىنى ئويلىماپتىمەن.  مەن يېڭىلىپ قېلىشتىن قورقمايمەن، لېكىن نازىيەنىڭ ئالدىدا يېڭىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن. مەن ئۇنىڭدىن «ھېچنىمەم يوق بولۇپ قالسىمۇ مەيلىمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ «ھېچنىمىڭىز قالمىغان تەقدىردىمۇ يېنىڭىزدا مەن بار» دېدى. شۇ چاغدا مەن شىركەتنى قولدىن بېرىپ قويساممۇ مەيلى، يېنىمدا ئۇ بولسىلا بولدى دەپ ئويلىدىم. لېكىن يەنىلا مەن يەڭدىم. 

......

   فەرۇق مەست بولۇپ قېلىپ ئىش چىققان كۈنى.  مەن بەزمىخانىنىڭ ئاۋاز تەڭشەش ئۆيىگە كىردىم، قۇلىقىغا نائۇشنىك تاقىۋالغان تېخنىك خادىم ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلاتتى. 

_ سىز بىردەم ئارام ئېلىڭ، مەن تۇراي_ دېدىم ئۇنىڭغا. ئۈسكۈنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىر چاغدا كۆزۈم نازىيە بىلەن نىگارەگە چۈشۈپ قالدى، ئۇلار ماڭا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغاچقا كۆرمىدى. 

_ فەرۇق ئاكام مەست بوپ قاپتۇ _ بايىقى تېخنىك بالا شۇنداق دېدى. ئۇ كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە چىقىپ قارىسام فەرۇقنى بىرەيلەن يۆلەپ ئەچىقىۋېتىپ كېتىۋېتىپتىكەن، نازىيە بىلەن نىگارەمۇ بۇنى كۆرمىدى. نائۇشنىكنى تېخنىكقا بېرىپ سىرتتا تۇرغان ئالىمغا تېلېفون قىلدىم. 

_ فەرۇق مەست بوپ قاپتىكەن، بىرەيلەن ئېپ چىقىپ كەتتى،  سەن كەينىگە چۈش، بۇ يەردە مەن بار. 

_ ماقۇل. 

   تەخمىنەن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن مەن كۆزىتىپ تۇرغان ئايرىمخانىنىڭ ئىچىدىن شۆھرەت چىقىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن سىرتقا چىقىپ شۆھرەتنىڭ بىر تاللا بازىرىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. بۇ چاغدا ئالىمدىن تېلېفون كەلدى. 

_ ئىشەنچلىك خەۋەرگە قارىغاندا، بۈگۈن كەچتىكى خەۋەرنى شۆھرەت بىزنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن چىقارغاندەك قىلىدۇ. 

تاللا بازىرىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي سورىدىم. 

_ ئاغىنەم قانداق بولدى؟

_ ئۇدۇلدىكى مېھمانخانىغا ئەكىرىپ كەتتى. 

يولدىن ئۆتۈپلا ئالىمنىڭ ماشىنىسىنى كۆردۈم. بېرىپلا ماشىنىغا چىقتىم. 

_ ئۇلار كىرىپ كەتكىلى 20 مىنۇتتەك بولدى، كىرەي دەپ تۇرسام بىر خەۋەرچى ئۇچراپ قېلىپ كىرەلمەي قالدىم _ دېدى ئۇ. ئۇنىڭ دەيدىغان يەنە بىر گېپى باردەك، قەستەن دېمەيۋاتقاندەك بىلىندى. 

_ يەنە نىمە ئىش بار، دەۋېرە.

_ بايا نازىيە ئاچاممۇ مۇشۇ مېھمانخانىغا كىرىپ كەتتى، يېنىدا بىر قىز بالا بار ئىكەن. 

تېلېفونۇمنى  چىقىرىپلا نازىيەگە تېلېفون قىلدىم، ئۇ مەن نىگارەنىڭ ئۆيىدە دېدى، ئۇ يالغان ئېيتىشنى بىلمەيدۇ، يالغان ئېيتسىلا چاندۇرۇپ قويىدۇ، بەكرەك سوراپ تۇرىۋالسام ئاندىن ئۆزىنىڭ مۇشۇ مېھمانخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن تېخى فەرۇقنى تاپماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىشى ئاشكارىلىنىپ بوپتۇ.  ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئويغىتالمىدىم، بەكلا قاتتىق مەست بولۇپ كېتىپتۇ. نىگارە ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، توي تەكلىپى قويغاندا سېلىپ قويغان ئۈزۈكنى ئېتىۋېتىپ چىقىپ كەتتى، نازىيە ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى. فەرۇق خېلىدىن كېيىن دەلدەڭشىگە پېتى ئۇلارنىڭ كەينىدىن چىقتى. ئۇ شۆھرەت بىلەن يولدىلا ئۇرۇشۇپ كەتتى،  مەن شۆھرەتنى توسۇپ، فەرۇقنى ئېلىپ كەتتىم.  شۇ ئىشتىن كېيىن نىگارە ئۇنىڭ بىلەن ئادا جۇدا بولۇپ كەتتى، فەرۇق باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.  

سوت ھۆكۈمىدە ھەسەننىڭ ئىنىسىنىڭ ئەسلى ھۆكۈمى ساقلاپ قېلىنىپتۇ. مەن ۋەدە قىلغىنىم بويىچە ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنىدىكى بىر پارچە يەرنى ھەسەنگە بەرمەكچى بولدۇم.  ھەسەن بىلەن مېنىڭ ئىشخانامدا كۆرۈشتۇق، ئۇ كەلگەندە  نازىيەمۇ بار ئىدى.  مەن ئۇنىڭغا مەن ئامراق تاماقنى ئېتىپ تۇرۇڭ دېگەننى باھانە قىلىپ ئۆيگە ماڭغۇزىۋەتتىم.  نازىيە كەتكەندىن كېيىن ھەسەن ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. مەن ھېلىقى يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامنامىسىنى ئۇنىڭغا بەردىم، ئۇ بىرەر قۇر كۆرۈپلا قول قويدى. 

_ سەن دېگەن يەرنى بەردىم، ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇمدىن يىراق يۈر! _ دېدىم ئۇنىڭغا. 

_ خوتۇنۇڭنى تارتىۋېلىشىمدىن قورقۇۋاتقان ئوخشىمامسەن؟ ئۆزۈڭگە شۇنچىلىك ئىشەنچىڭ يوقما؟ 

_ قانداقلا ئىش بولسا مانا مەن بار، ئۇ دېگەن بىر ئايال كىشى، ئۇنىمۇ ئارىمىزدىكى زىددىيەت قاينىمىغا سۆرەپ كىرمە. 

_ ئەنسىرىمە. مەن ئەمدى بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن.  سەندىن ئالغان بۇ يەردە چوڭ بىر قۇرۇلۇش قىلىمەن، خوتۇنۇڭنىڭ كەينىدە يۈرۈشكە ۋاقتىممۇ چىقمايدۇ. 

ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇلۇش دېگىنىنىڭ نىمىلىكىگە قىزىقمايمەن. كېيىن ئۇنىڭ ئۇ يەرگە قەبرە سالماقچى بولغىنىنى ئاڭلىغاندىمۇ ئانچە ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمىدىم،  قانداقلا بولمىسۇن بىز ئۇنىڭغا قەرز، ئۇچار تاش قورغىنىنى ئۆرىۋېتىمەن دېسىمۇ مەيلى. لېكىن دادام بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاچچىقىدا مېنى ئۇرۇپ بېشىمنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن خاپا بولىدىغىنىنى بىلەتتىم،  شۇڭا دادام ئاچچىقلاپ كەتكەندە، ھەتتا بېشىمنى يېرىۋەتكەندىمۇ مەن يەنىلا  بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم. لېكىن دادام مېنى ئۇرىمەن دەپ كالتەك كۆتۈرۈپ كەلگەندە نازىيە مېنى توسۇۋېلىپ كالتەك نازىيەگە تەگكەندە چىداپ تۇرالمىدىم. ئۇ نىمانچە ئەخمەقتۇ، مەن بىر ئەر كىشى،  كالتەك تەگكەنگە ھېچنىمە بولمايمەن، لېكىن ئۇ بەك ئاجىز تۇرسا.  

دادامنىڭ ئاچچىقلانغىنىنى توغرا چۈشىنىمەن. ئۇنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىغاندا مېنىڭ قىلغىنىم خاتا، شۇڭا دادام ئۇرۇپ بېشىمنى يېرىۋەتسىمۇ غىڭ قىلمىدىم. لېكىن ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مەن خاتا قىلمىدىم.  دادام ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلىنىپ كەتكەچكە قان بېسىمى ئۆرلەپ ھۇشىدىن كەتتى.  دادامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ چوڭ چاتاق يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بېشىنى تاڭدۇردۇم. دوختۇر مېنىڭ بېشىمدىن بىر نەچچە تال ئەينەك پارچىسىنى ئېلىۋەتتى. 

بەزىدە شۇنداق ئويلاپ كېتىمەن، ئەگەر ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى دادام ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ ئائىلىمىز باشقىلارنىڭكىدىن نامرات بولسىمۇ ئېسىل كىيىم كىيىپ، ئېسىل نازۇ نىمەتلەرنى يىيەلمىسەممۇ  خاتىرجەم ئۆتكەن بولساق مەن شۇنىڭغا رازى بولاتتىم.   شۇنداق بولسا مەنمۇ ھازىرقىدەك بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە قالمايتتىم،  ئۆز ئەمگىكىم بىلەن تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاپ، دادام بىلەن ئاپامنى ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلاتتىم.  لېكىن ئەپسۇس!  دادامنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەل مېنىڭ زىممەمگە يۈكلىنىپ، مېنى بىر ئۆمۈر بېسىم ئىچىدە ياشايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.  نىمە ئامال؟ كىم مېنى مۇشۇنداق دادىنىڭ بالىسى بولۇپ قالسۇن دەپتۇ؟


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k