
بۇ ئەسەرنىڭ 173-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
172-قىسىم
مەن شۇ كۈنى كەچتە تەنھا بۈركۈتنىڭ ھەسەن ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
_ ئايالىمنى قايتۇرۇپ بەر! _ دېدىم ئۇنىڭغا. ئەسلى بىز بىر بىرىمىزگە دۈشمەن ئىدۇق، لېكىن يەنە بىر سەپتىكى ئادەملەر ئىكەنمىز، قارىماققا يېشىلمەس زىددىيىتىمىز باردەك، ئەمما ھالقىلىق ۋاقىتتا بىر بىرىگە ياردەم قىلىدىغانلار ئىكەنمىز. ھەسەن مېنىڭ قان ئېقىپ تۇرغان قولۇمغا قارىدى.
_ ئۇ نېمە دېسە شۇ.
ئۇ نىمە دەر؟ بىر كۈن ئۆتتى، ئۇنىڭغا تېلېفونمۇ قىلالمىدىم، ئۇ مەندىن قانچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەندۇ؟ مەنۋەر تۇتۇلمىغاننىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە بەك قاتتىق ئازار بەردىم.
_ سىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باراي! _ دېدى ئالىم. مەن بېشىمنى چايقاپ تېلېفونۇمدىكى ئورۇن بەلگىلەش يۇمشاق دېتالىنى ئاچتىم. ئۇ ھەسەننىڭ ئۆيىدە ئىدى. ئالىمغا ماشىنىنى ھەسەننىڭ ئۆيىگە يېقىن جايغا ھەيدەشنى ئېيتتىم. ھەسەننىڭ ئۆيىگە قاراپ تۇرۇپ ئالىمدىن سورىدىم.
_ ئالىم، مەنۋەر تېخى تۇتۇلمىدى، ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كەتسەم قانداق بولار؟ خەتەرگە ئۇچراپ قالارمۇ؟ لېكىن ئېلىپ كەتمىسەم، ھازىر ھەسەننىڭ تەنھا بۈركۈت ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالدى، ئۇ بۇ يەردە تۇرىۋەرسە ئوخشاشلا خەتەرلىكمۇ قانداق؟
_ مەنۋەر قېچىپ كەتكەن بىلەن بۇ شەھەردىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ، بىر نەچچە كۈنگە قالمايلا تۇتۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن قولىڭىز يارىلاندى، ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بارسىڭىز بولارمىكىن.
مەن يەنىلا ئۇنىماي نازىيە بار ئۆيگە قاراپ ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزىۋەتتىم. ئەتىسى ئەتىگەندە نازىيە ھەسەننىڭ ماشىنىسى بىلەن چىقتى، بىز كەينىدىن ئەگەشتۇق، ئۇ بىر سودا ساراينىڭ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىپ، سودا سارايغا كىرىپ بىردەمدە يېنىپ چىقىپ يولنى بويلاپ ئاستا ماڭدى. بېلىكىمگە قارىدىم، ئۇ مېنى بۇ ھالەتتە كۆرسە قورقۇپ كېتىشى ئېنىق، دەرھال چاپىنىمنى قولۇمغا يۆگىۋالدىم. نازىيە مېنى كۆرۈپلا قاچتى، مەن ئامالسىز ئۇنى تارتىپ مەجبۇرى ماشىنىغا چىقاردىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ چىرايىمغىمۇ قارىمىدى. ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغىنىمنى بىلىمەن. پۈتۈن دۇنيادىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ھەممىنى تۇتقان ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمدىن تىنىۋالالمايمەن، مەن بىر ئەرلىك سالاھىيىتىم بىلەن كەچۈرگۈسىز خاتالىق ئۆتكۈزدۈم. ئۇ خاپا بولۇش بىلەن ئۈمىدسىزلىنىش ئوخشىمايدۇ دېگەن، راست، مەن ئۇنىڭ مەن رازىيەنى ئېلىپ ماڭغاندىكى ئۈمىدسىزلەنگەن چىرايىنىڭ بۇرۇنقى خاپا بولغان ۋاقىتلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى سەزگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا ھازىرمۇ شۇنچىلىك سوغۇق نەزەردە قاراۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزى مېنىڭ يارىلانغان قولۇمغا چۈشكەندە مەندىن ئەنسىرىدى، ماڭا ئىچى ئاغرىدى، ھېچبولمىغاندا مۇشۇنىڭدىن كۆڭلۈم ئىللىدى.
ئالىم ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا بېرىپ دوختۇرنى ئۆيگىلا چاقىرىپ كېلىپ قولۇمنى تاڭدۇردى. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام قولۇمنىڭ يارىلانغىنىدىن خۇش بولدۇم، چۈنكى ئۇ مېنىڭ يارىلانغىنىمنى دەپ بولسىمۇ يېنىمدىن كەتمىدى، ماڭا نىسبەتەن ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.
ئۇنىڭ قولۇمنىڭ قانداق بولۇپ يارىلانغانلىقىنى بىلگۈسى كەلدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا راست گەپ قىلمىدىم، چۈنكى نۇرغۇن گەپلەرنى ئۇنىڭغا دېسەم بولمايتتى. ئۇ ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزگىرىپتۇ. ئۇ ماڭا سىز ساقايغاندا ئاجرىشىپ كېتەيلى دېدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىگە قانداقمۇ ماقۇل دىيەلەي؟ مەن قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، ئەركىلەپ يۈرۈپ مېنى كەچۈرىۋېتىشىنى ئۆتۈندۈم. ھېلىقى كۈنى كەچتە مەن رازىيەنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە چوڭ بىر تۈگۈن پەيدا بولغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۆڭلۈمدە پەقەت ئۇنىڭلا بارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولدۇم. لېكىن ھازىر مەنۋەر مېنىڭ سالاھىيىتىمنى بىلىپ بولدى، ئۇ تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن مەن ھەرۋاقىت ھۇشيار تۇرۇشۇم كېرەك.
نازىيە ئۇخلاپ قالغاندا مەن ئالىمنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم.
_ «بۈگۈن كەچتىكى ھەرىكەتتە شۆھرەتنى تۇتماقچى. سىز ياخشى ئارام ئېلىڭ».
قۇچىقىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان نازىيەنى ئاستا ياستۇققا ياتقۇزۇپ قويۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ چىقتىم. تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتتى، يولدا كېتىۋاتسام يەنە ئالىمدىن ئۇچۇر كەلدى.
_«ئىش پۈتتى، مەن قاتناشمىدىم».
ئەگەر نازىيە بۇ ئىشنى بىلسە نىگارەدىن ئەنسىرەپ كېتىدىغان بولدى دە. ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەينى كەينىدىن ئازار بېرىپ كېتىۋاتىمەن، لېكىن ماڭىمۇ ئامال يوق، چۈنكى زىممەمدە مەسئۇلىيەت بار. كىچىكىمدىن تارتىپ زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ زىيىنىدا ۋەيران بولغان ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا بۇنىڭ ئازابىنى ئوبدان بىلىمەن، شۇڭا مەن پۇرسەت بولسىلا تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنىڭ زەھەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھاياتىمنى تەقدىم قىلىشقىمۇ رازىمەن.
ئۇ ماڭا بىر قېتىم ئۆز تەم ناشتلىقخانىسىنىڭ كاۋا مانتىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرگەن ئىدى، شۇ ئېسىمگە كېلىپ ماشىنىنىڭ رولىنى بۇراپلا شۇ ياققا قاراپ ماڭدىم. ئۇنىڭغا ھەر ئاماللار بىلەن ياخشىچاق بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئۇ ئاشخانىدىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ بولغان ئىكەن، ئىشىكىنى خېلى ئۇرۇپ باقساممۇ ئاچمىدى. ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى بىلەن بىر نەچچە قېتىم يىغىلىشلاردا پاراڭلاشقان، ئانچە مۇنچە تۇنۇشلۇقىمىز بار ئىدى، ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ كېلىش مەقسىتىمنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ خۇشاللىق بىلەن ئاشپەزگە مەخسۇس ماڭا ئاتاپ كاۋا مانتىسى پىشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاشپەز مانتا تۈگكەچ كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ ئۈمىد باش دېرىكتور، ئايالىڭىز بەك تەلەيلىككەن جۇمۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا كاۋا مانتىسى يىگۈسى كېلىپ قالسا ئالايىتەن كېلىپسىز مانا _ دېدى.
مەن مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم، مېنىڭچە ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش مەن ئۈچۈنمۇ زور بەخت. مەن ئۇنىڭ بۇ مانتىنى يىگەندە ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالىشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن. مەن مانتىنى ئېلىپ چىققاندا يامغۇر شارقىراپ يېغىپ كەتتى، چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدىدىم. يولبويى مانتىنى مۇزلاپ قالمىسۇن دەپ چاپىنىمنىڭ ئىچىگە سېلىپ ماڭدىم. ئۆيگە كىرىپ يۈگۈرگەن پىتى ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ھۇجرىغا كىرسەم ئۇ يوق. كاللامدا دەرھال«مەن چىقىپ كەتكەندە ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟» دېگەن گۇمان ئەكىس ئەتتى. خىيالىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا ئۇنىڭ بالكوندىن كىرگىنىنى كۆرۈپ «ئۇف» دېدىم ۋە بېرىپلا ئۇنى قۇچاقلىدىم. ئۇ مەن ئەكەلگەن مانتىنى ئىككى چىشلەم يەپلا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋەتتى، ئۇ يېقىندىن بۇيان ئاشقازىنىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مانتىنى مېنىڭ يىيىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. مەن ماقۇل دەپلا پاك پاكىز يەۋەتتىم، ئۇلا خۇش بولىدىغان ئىش بولسا مەن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقىمۇ رازى.
كېيىن نىگارە كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستى-بېشى بەك ۋەيرانە ئىدى. نازىيە نىگارە بىلەن يەنە بىر ھۇجرىدا بىللە ياتتى، يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتكەن پىتى ئۇخلىيالمىدىم، قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدىمىكىن، مەنمۇ بىر خىل ئەنسىز بولۇپ قالدىم، ئويلاپ باقسام ئاستا-ئاستا ئۇنىڭدىن ئايرىلالماسلا بولۇپ قاپتىمەن. ئۇ يېنىمدا بولمىسا بىر يېرىم كەمدەكلا ھېس قىلىدىكەنمەن. سەھەر سائەت تۆتلەر بولغاندا ساقچىلاردىن تېلېفون كەلدى، ئۇلار ئەزىمەتنى تېپىپتۇ. ئەزىمەت شەھەر سىرتىدىكى بىر ئىجارە ئۆيگە يوشۇرنۇپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىنى بىر كۈنى تۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلسە كېرەك، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىدىيىسىدە تەييارلىق بار ئىكەن. ساقچىلار ئۇنى تۇتقاندا ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەپتۇ، ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ تازا نورمال ئەمەسلىكىنى بايقاپ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپتىكەن، ھەقىقەتەن روھى كېسەل ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ راست روھى كېسەل ياكى قەستەن شۇنداق بولۇۋالغانلىقى ماڭا نامەلۇم. ئەتىسى نازىيەنى روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردىم، ئۇ ئەزىمەتنى كۆرگەندە خۇش بولدىمۇ ياكى ھېسداشلىق قىلدىمۇ بىلمەيمەن.
ئۇ يەردىن يېنىپ ئۆيگە بارساق رازىيە كەپتۇ. راستىمنى ئېيتسام مەن بەك چارچىدىم، نازىيەمۇ چارچىدى، ئەمدى رازىيەنىڭ جىدىلىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقتىمىز، ھالىمىزمۇ يوق. مەن رازىيە سەۋەبلىك يەنە نازىيەنىڭ كۆڭلىنىڭ ئاغرىشىنى خالىمايمەن.
_ رازىيە، ئادەم چوڭ بولۇشى، چوڭ بولغانچە ئەقىل تېپىشى كېرەك، ھازىر ئارزۇيىڭىزمۇ ئەمەلگە ئاشتى، ئەمدى مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا دەخلى قىلماڭ، مېنىڭ ئائىلەم بار، قوغدايدىغان ئادىمىم بار، مېنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويۇڭ.
رازىيە يىغلاپ تۇرۇپ ئاچىسىنى پەش قىلدى. توغرا، مەن نازىيەگە ۋىجدان قەرزىم بار دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن رازىيەگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدىم، ئەمما مەن قىلالايدىغان ئىشىمنىڭ ھەممىنى قىلىپ بولدۇم، شۇڭا رازىيەنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىدىغان يېرىم يوق.
_ ئادەم 18 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولۇشى كېرەك، مەيلى ئاتا ئانىڭىز ياكى باشقىلار بولسۇن، ھېچكىم سىزگە مەڭگۈ قاراپ بولالمايدۇ.
رازىيە گېپىمنى ئاڭلاپ يىغلىغان پىتى چىقىپ كەتتى. مەن نازىيەنىڭ رازىيەنى كۆرۈپ ھېلىقى كۈنى كەچتىكى ئىش ئېسىگە كېلىپ قايتىدىن ئۈمىدىسزلىككە پاتمىسۇن دەپ ئەنسىرىدىم، مەنۋەر تېزرەك تۇتۇلسا، نازىيە بىلەن تېزرەك داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسەم دەپ ئارزۇ قىلىپ كېتىۋاتىمەن. مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن راسلا بەك قورقىمەن.
بىر نەچچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن شىركەتكە باردىم، ئىش دېگەن يىغىلىپ كېتىپتۇ. پات ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىمنى ئويلىسام يۈرىكىم خۇشلۇقتىن تىپچەكلەپ كىتىدۇ.
ئىشىك يىنىك چىكىلىپ ئالىم كىرىپ كەلدى.
_ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەي دەۋاتامسىز؟ مەنۋەر بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيدۇ، ئۇ بۇ شەھەردىن چىقىپ كىتەلمىگەن ئىكەن، چوقۇم بىر ئامال قىلىپ سىزدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. مەنۋەرنىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، پەقەت بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان نازىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مۇراسىمىنى تولا ئويلاپ شۇ شىرىن چۈشۈمدىن ئويغانغۇم كەلمىگەن ئىدى.
_ ئۇ پەيدا بولىدىغانلا ئىش بولسا توي مۇراسىمىنى چوقۇم ئۆتكۈزىمەن.
توي مۇراسىمىمىزغا بىر نەچچە كۈن قالغاندا مەن نازىيەنى ئېلىپ بېرىپ توي كۆڭلىكى تاللىدۇق، تويلۇق سۈرەتكە چۈشتۇق. ئۇنىڭ توي كۆڭلىكى كىيگەندىكى ھالىتى ئاجايىپ گۈزەل. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى توي مۇراسىمى كۈنى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئويلاشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپلا يۈردۈم. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزەلەيدىغان مۇشۇ بىر نەچچە كۈننىڭ بىر سىكۇنتىنىمۇ ئىسراپ قىلىۋەتكۈم كەلمەيتتى.
كاتىپىمغا شىركەتنىڭ مىكرو بلوگىدا مېنىڭ توي خەۋىرىمنى ئېلان قىلىشنى ئېيتتىم، توي خەۋىرىم بىردەمنىڭ ئىچىدە پۈتۈن شەھەرگە پۇر كەتتى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ كەينىمگە يانالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن. ئەينى يىلى بۇ يولغا مېڭىشنى قارار قىلغان چېغىمدىلا بۇ يولنىڭ مەڭگۈ كەينىگە قايتقىلى بولمايدىغان يول ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. خەۋەر تارقىتىلىپ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن شىركەتتە ئولتۇرسام رازىيە تېلېفون قىلىپتۇ.
_ ئۈمىد ئاكا، سىز بىلەن كۆرۈشەي دېگەنتىم.
ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
_ مەن ئالدىراش_ دېدىم پەرۋاسىزلا.
_ كەلمەيدىغان بولسىڭىز مەن ئۆلۈپ بېرىمەن.
«ئۇف، 20 نەچچە ياشلىق قىز ھە دېسە ئۆلىۋالىمەنلا دېگەن». ئاخىرى ئامالسىز باردىم. ئۇ مېنى كۆرۈپلا كۈلدى.
_ ئۈمىد ئاكا، ئاخىرى كەلدىڭىز. راستلا توي قىلىدىغان بولدىڭىزما؟ _ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا ئېسىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن ئىدى، يىغلىغىنىغا خېلى بولغان بولسا كېرەك.
_ مەن توي قىلىپ بولغىلى خېلى بولدى، توي مۇراسىمىنى ئەمدى ئۆتكۈزمەكچى شۇ.
_ ھېلىمۇ ئاچامنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟
_ ياق، ياخشى كۆرمەيمەن. _ كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب بەردىم، ئۇنىڭ مەندىن ئۈمىدلىنىپ قېلىشى ياكى ئاچىسىنى پەش قىلىپ يەنە ماڭا بېسىم ئىشلىتىشىنى خالىمايمەن. توغرا، بەلكىم ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە بىلەن ئارىمىزدا بەلكىم مۇھەببەت بولۇپ باقمىغان بولسا كېرەك، ۋە ياكى ئارىلىقتىكى ئاشۇ ئىشلار بولمىغان بولسا ئارىمىزدا مۇھەببەت شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولارمىدىكىن. رازىيە بېشىنى چايقىدى.
_ ئۈمىد ئاكا، نازىيەنى ياخشى كۆرەمسىز؟
_ شۇنداق، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
_ ئۇنى ئەينى يىلى ئاچامنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ بەك ياخشى كۆرەمسىز؟
_ توغرا، ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن. مەڭگۈ.
رازىيە «ئىشەنمەيمەن» دەپلا كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلدى.
_ رازىيە، ساراڭلىق قىلماڭ! _ ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ ئۆرۈلۈپلا ماڭدىم. رازىيە كەينىمدىن كېلىپلا مېنى بېلىمدىن قۇچاقلىدى.
_ ئۈمىد ئاكا، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە مەن سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەجىبا سىز ئازراقمۇ ھېس قىلمىدىڭىزما؟ مېنىڭ قەيىرىم ئۇنىڭغا يەتمەيدىكەن؟ ئۇ دېگەن باشقىلاردىن ئاشقان بىر نىمە.
_ ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ! _ ئۇنىڭ قوللىرىنى تەستە بېلىمدىن ئاجرىتىپ ئىتتىرىتىپ كەينىمگىمۇ قارىماي چىقىپ كەتتىم. رازىيە ۋارقىراپ يىغلىغان پىتى قېپ قالدى، ئۇنىڭغا بولغان سەۋرچانلىقىم، ھسداشلىقىمنىڭ ھەممىسى ئۇ نازىيەنى «باشقىلاردىن ئاشقان» دېگەن دەقىقىدە پۈتۈنلەي غايىپ بولدى. مېھمانخانىدىن چىقىپلا ئالىمغا تېلېفون قىلىپ، نازىيەنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى تاپىلىدىم. ھازىر ھېچقانداق ئىش يوقتەك قىلغان بىلەن، مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتىم.
ئەتە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ دېگەن كۈنى مەن توي مۇراسىمىمىز ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مېھمانسارايغا باردىم. مېھمانساراينىڭ ئىچى ئەتىكى توي مۇراسىمى ئۈچۈن بېزىلىپ تەييارلاپ بولۇنغان ئىدى. دېرىكتور ماڭا ھەممە يەرنى بىرەر قۇر كۆرسەتتى.
_ ئۈمىد باش دېرىكتور، خاتىرجەم بولۇڭ، ئەتە توي مۇراسىمىڭىزنى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتكۈدەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز.
مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم، ئىچىمدىن خۇشال بولالمايۋاتاتتىم. سەھنىنىڭ بىر تەرىپىگە چوڭايتىلغان تويلۇق سۈرىتىمىز قويۇپ قويۇلۇپتۇ. سۈرەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم.
شىركەتكە قايتىپ تۇرۇشۇمغا ئالىم كەلدى.
_ نازىيە بايا پويىز ئىستانسىسىغا دوستىنى ئۇزاتقىلى باردى، لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇنى ئۆيگە ساق سالامەت ئاپىرىپ قويدۇم.
بېشىمنى لىڭشىتتىم، ئەمما ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مۇراسىمىنى ئويلىساملا مېنى ئىختىيارسىز ئەنسىزلىك بېسىۋېلىۋاتاتتى.
_ ساقچىلار مېھمانساراينىڭ ئەتراپىدا گۇمانلىق ئادەملەرنى بايقاپتۇ. قارىغاندا مەنۋەر راستلا قېچىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بىرەر ھەرىكەت قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك.
ئەمەلىيەتتە مەن مەنۋەرنىڭ بىرەر ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، بولمىسا مېنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىم بىكارغا كەتمەمدۇ؟ دەل مۇشۇ چاغدا كاتىپىم ئالدىراش-تىنەش كىرىپ كەلدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















