大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 155 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 155  - قىسىم aybarawazi
2023-11-13
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 156-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

155-قىسىم  


   يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى، بىر كۈنى كەچلىكى ئىچىم پۇشۇپ سىرتقا چىقىپ ئايلاندىم، سىرتتا قار يېغىۋاتاتتى. كېيىن توڭلاپ كېتىپ بىر قەھۋەخانىغا كىردىم، قەھۋە بويرۇتۇپ ئىچىپ يەنە خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن.  مېنىڭ بۇنداق يالغۇز ھالەتتە بىر جايلارغا بېرىپ ئولتۇرۇپ باقمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ. ئۈمىد راستلا مېنى زادىلا يالغۇز قويۇپ باقمىغان. شۇنداق تۇرۇپ ئۇنىڭدىن رازى بولماي ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېتىپتىكەنمەن. 

_ ماڭىمۇ ئۇنىڭكىدەك قەھۋەدىن بىر ئىستاكان بېرىڭ! _ تۇيۇقسىز بىرى ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى.  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم-يۇ، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز قۇيۇلۇشقا باشلىدى. 

_ نازى، سەندە ئۆزگىرىش چوڭ جۇمۇ، ھازىر قەھۋە ئىستاكانلىرىنى تۇتۇشلىرىڭمۇ بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىپ،  يۈرۈش-تۇرۇش قىياپەتلىرىڭدىن ئېسىلزادىلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ_ ئۇ شۇنداق دېگەچ چاپىنىنى سېلىپ ئورۇندۇققا ئىلىپ قويۇپ يېنىمغا كەلدى، ئولتۇرغان ھالەتتە ئۇنى قۇچاقلىدىم. 

_ سېنى بەك سېغىندىم، نىگارىم. 

_ ھەي ھەي،  بۇنداق قۇچاقلاپ يىغلىغىلى تۇرساڭ باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن. ھازىر سەنمۇ خېلى داڭلىق شەخس بولۇپ قالدىڭ، ئەتە تورغا سۈرىتىڭ چىقىپ كەتمىسۇن يەنە! _ ئۇنىڭ مىجەزى يەنىلا بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرمەپتۇ. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ بۇرۇنقىدىن ئورۇقلاپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، كۆزىنىڭ ئەتراپىدا ئىنچىكە قورۇقلار پەيدا بولۇپتۇ. 

_ نىگار!_ بۇ ئىسىمنى چاقىرىپ باقمىغىنىمغا قانچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتى ھە؟ مەن تېخى ئەمدى بۇ ئىسىمنى چاقىرىشقا پۇرسەت بولمامدىكىن دەپتىكەنمەن. ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرساملا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇ يۈزۈمنى چىمدىدى. 

_ قارا سېنى! 

 ئۇمۇ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى.  خېلىغىچە بىر  بىرىمىزگە قاراپ ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ كەتتۇق، ئاخىرى ئارىدىكى جىمقىتلىقنى مەن بۇزدۇم. 

_ قانداق تۇرىۋاتىسەن؟

_ ياخشى! _ دېدى ئۇ ئالدىدىكى قەھۋەدىن بىر ئوتلىغاچ. ئۇنىڭ بۇنداق ئاددىيلا جاۋاب بەرگىنىدىن قارىغاندا ئۆزى توغرىلىق كۆپ سۆزلىگۈسى يوقتەك قىلاتتى. 

_ نازى، ھازىر سەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كاتتا سودىگەر بولۇپ كەتتىڭ، مەن ساڭا بەك قايىل ھەم سەن ئۈچۈن خۇش بولىمەن.

 يەنە جىمجىتلىق. خېلىدىن كېيىن ئۇ بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك يانچۇقىدىن بىر تال زەنجىرنى چىقاردى،  بۇ مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان زەنجىر شۇ ئىدى، لېكىن بۇلاپكىسى يوق تۇراتتى. 

_ نازى، سەن ماڭا سوۋغا قىلغان بۇ زەنجىرنى مەن راستلا بوينۇمدىن ئېلىپ باقمىغان، ھەتتا يۇيۇنغاندىمۇ بوينۇمدا تۇراتتى،  سەن سوۋغا قىلغان نەرسە بولغاچقا بەك ئەتىۋارلايتتىم. بۇلتۇر بىر كۈنى  ئۆيدىن ئەمدى چىقىشىمغا زەنجىر ئۈزۈلۈپ كەتتى،  بۇلاپكىسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتتى، پارە پارە بولۇپ كەتسىمۇ ئامراق نەرسەمنى تاشلىۋەتمەيمەن دە، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئىچىم سېرىلىپ، بۇلاپكىنى قوراشتۇرۇپ باقاي دەپ قولۇمغا ئېلىپ بىر نەرسىنى بايقىدىم. 

ئۇ بىر  كىچىك خالتىنى چىقاردى، ئۇنىڭدا ئۈزەكچىدەك بىر نەرسە تۇراتتى. 

_ بۇ نىمە؟

_ شۇ چاغدا مەنمۇ قىزىقىپ بۇنى تەكشۈرتۈپ باققانتىم،  ئىز قوغلىغۇچكەن قارا. 

_ ھە؟ ئىز قوغلىغۇچ؟_ ھەيران قالدىم. 

_ دېمەك بۇنى سەنمۇ بىلمەيسەن، شۇنداقمۇ؟  سېنىڭ بۇنداق قىلمايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن،  لېكىن بۇنى چوقۇم ئۈمىد قىلغان دەپ گۇمان قىلىمەن.  بىز ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق چەت، ئادەم بارمايدىغان يەرگە يوشۇرنىۋالساقمۇ ساقچىلار بىزنى بەك ئاسانلا تۇتىۋالغان. 

ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىدى. بۇ زەنجىرنى ئۈمىد بەرگەن ھەمدە نىگارەگە بېرىڭ دەپ ئالاھىدە جىكىلىگەن،  مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى راستلا نىگارەگە ياردەم قىلالمىغىنىدىن خىجىل بولۇپ سوۋغا قىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. 

_ نىگار، كەچۈرگىن، بۇ ئىشنى مەن راستلا بىلمەيدىكەنمەن، مەن ئۈمىدنى ئىزچىل بىر سودىگەر دەپلا بىلەتتىم. ماڭا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىڭغۇ دەيمەن، مېنى ئۇر، تىللا. شۆھرەتنى مەن تۇتۇپ بەرگەن بولۇپتىمەن.  كەچۈرگىن. 

_ كەچۈرۈم سورىغىدەك ئىش يوق، يامان ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ ھامان تۇتۇلاتتى.  لېكىن شۆھرەت نۇرغۇن ئادەملەرگە يامانلىق قىلغان بولسىمۇ ماڭا ھېچقانداق يامانلىق قىلمىدى، شۇ ئىشنىمۇ مېنى دەپ قىلغان، ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى مەن ئۆمۈر بۇيى قايتۇرۇپ بولالمايمەن. 

_ نىگار، مەندىن رەنجىپ، شۇڭا مېنى ئىزدىمىگەنمىتىڭ؟ 

_ ياق، مەن سەندىن ئاغرىنمايمەن، ئاغرىنغان بولسام بۈگۈن ئىزدەپ كەلمىگەن بولاتتىم. 

_ دېمەك مەخسۇس مېنى كۆرگىلى كەپسەن، شۇنداقمۇ؟ 

_ شۇنداق بولماي ئەمىسە.  ئۈمىدنىڭ ئىشىنى ئاڭلىدىم، سېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىمەن، بۇ ئىشتىن چوقۇم ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى دەپ سەندىن ئەنسىرەپ يېنىڭغا چاپمامدىم. 

_ رەھمەت ساڭا. مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ يەنە مەن بىلەن ئالاقىلاشمىغان بولساڭ راستلا كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولاتتى.

_ نازى، ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن يېقىن دوست بولۇپ ئۆتتۇق، ئاخىرىغا بېرىپ سەن بىر زەھەر چەكلەش ساقچىسى بىلەن توي قىلىپسەن، مەن بىر زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن توي قىلىپتىمەن.  ئەمما بۇ ئىشلارغا نىمە ئامال؟ يەنە بىر بىرىمىزگە ماي تارتىپ يۈرسەك ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قىيناشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ.  قانداق دېدىم؟

 يىغلاپ ئاۋازىم چىقىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ كۈنى كەچتە ئىككىمىز خېلى كەچكىچە ئولتۇرۇپ مۇڭداشتۇق. كېيىن  KTV غا  ناخشا ئېيتقىلى بېرىپ ئاغىل تاغىل توۋلاپ پۈتۈن دەرت ئەلەملىرىمىزنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئۇ يەردىن چىقىپ ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆيگە ئېلىپ كەتتىم. مەن ئۆزۈم سېتىۋالغان ئۆينى مېھرايغا بېرىپ داچىغا كۆچۈپ بېرىۋالغان ئىدىم. ئۆيگە بارساق بالىلار ئۇخلاپ بوپتۇ، بىز پۇتىمىزنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىردۇق، بالا باققۇچى ئويغىنىپ كېتىپ چىراقنى ياندۇرماقچى بولۇۋىدى، نىگارە ئۇنىمىدى.  ئىككىمىز كارىۋاتنىڭ يېنىدا بالىلارغا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئاستا يېنىپ چىقتۇق. مېھمان ھۇجرىسىغا كىرىپ يەنە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇ سومكىسىدىن بىر جۈپ كۈمۈش پۇت زەنجىرىنى چىقاردى، بۇ ئۇنىڭ بالىلىرىمغا قىلغان سوۋغىسى ئىكەن. 

_ سېنىڭ كەلگىنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم،  نىمىگە بۇنداق ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنسەن دەيمەن  چىقىمدار بولۇپ _ دېدىم مەن. 

_ بىلىمەن، ھازىر سېنىڭ ماددى نەرسىلەرگە ئېھتىياجىڭ يوق، شۇنداق بولسىمۇ بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، ياراتساڭ قوبۇل قىلغىن. 

ئۇ بۇنداق دېگەن يەردە يەنە ئالمىسام بولمايدۇ-دە. 

_ رەھمەت ساڭا! ھە راست، سېنىڭ بالاڭچۇ؟ 

_ قالدى، بالا بىلەن بىر يەرگە بېرىشمۇ ئەپسىز ئادەمگە. 

_ سەن بۇ يەرگە كەلسەڭ بالىلارغا كىم قارايدۇ؟ _سورىدىم مەن چۈشەنمەي. 

_ دىلدار تەتىل قىلىپ بارغان ئىدى، بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم، بالىمۇ ئاچىسىغا بەك ئامراق، ئۇمۇ بەك ئىدىتلىق ئىش قىلىدىغان قىزكەن، شۇڭا بالىنى خاتىرجەم تاپشۇرۇپ قويۇپ كەلدىم.

ئۇ تېلېفونىنى چىقىرىپ بالىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسەتتى،  بالا كۆزلىرى يوغان، بەك ئۇماق، نىگارەنىڭ ئۆزىلا ئىدى.   ۋاقتىنى ھېسابلاپ باقسام  بالا مېنىڭ بالىلىرىم بىلەن ئايلىقلا پەرقلىنىدۇ. تۇيۇقسىز فەرۇق ئېسىمگە كېلىپ قالدى. 

_ ھە راست، فەرۇق سېنى ئىزدەپ باردىمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقتىڭمۇ؟ 

نىگارە بېشىنى لىڭشىتتى، ئەمما ئۇ توغرىلىق كۆپ گەپ قىلمىدى. 

_ شۆھرەت ھاياتلا بولىدىكەن، مەن ئۇنى ساقلايمەن. 

 بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمىزدىكىدەك ئىككىمىز بىر يوتقاندا ياتتۇق. ئۈمىد ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈم يالغۇز، بەزىدە قورقۇپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، بۈگۈن كېچە نىگارەنىڭ قوينىدا شۇنداق راھەتتە ئۇخلاپتىمەن. 

ئەتىسى ئەتىگەن ناشتا قىلىۋاتقاندا نىگارەگە دەيمۇ دېمەيمۇ دەپ ئاخىرى ئېغىز ئاچتىم. 

_ نىگار، پەرھات دادامنى كۆرۈپ كەلسەڭ بولمامدۇ؟  سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسكەن، ۋاي ئىسىت دەپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن. 

_ بۇنداق دەپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ، قارا سېنى، دېمىسەڭمۇ سەل تۇرۇپ بارىمەن_ دېدى ئۇ. 

ناشتا قىلىپ بولۇپ نىگارە كەتتى. كەچتە قايتىپ كەل دەپ تاپىلىساممۇ كەلمىدى. دادا بالا ئىككىسىنىڭ گېپى تۈگىمىگەن چېغى دەپ ئويلىدىم، ئەمما ئەتىسى ئۇ ماڭا تېلېفون قىلغاندا پويىزغا چىقىپ بولۇپ، خوشلىشىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق جىمجىتلا كېتىپ قېلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن.  ئۇنىڭ بالىسىغا سوۋغا بېرەي دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما ئۇ كەتتى. شۇ ئەمەسمۇ، ئەمدى بۇرۇنقىدەك بولالمايمىز، چۈكى كەينىمىزدە بىز غېمىنى يەيدىغان ئادەملىرىمىز بار. 

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلىكى ئۆيگە ھەسەن كەلدى. ئۇ كەلگەندە مەن ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتاتتىم، ئۇ كىرىپ ياردەملىشەي دېۋىدى، ئۇنىمىدىم. لېكىن ئۇ  ئاشخانا ئۆيگە كىرىۋېلىپ كۆكتاتلارنى بولسىمۇ ئادالاپ بېرىمەن دەپ تۇرىۋالدى. 

تاماق پىشىپ باشقىلار يەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ھەسەنمۇ يەپ بولۇپ چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم. 

_ ھەسەن، بارغۇڭىز كەلگەن يەرگە بېرىڭ، قىلغۇڭىز كەلگەن ئىشنى قىلىڭ. مېنى قوغداش مەجبۇرىيىتىڭىز يوق. 

_ مەندىن شۇنچىلىك بىزار بولۇپ كەتتىڭىزما؟

مەن بېشىمنى چايقىدىم. 

_ ياق، ئۇنداق ئەمەس. سىزنى مېنى دەپ قىلىدىغان ئىشلىرىنى قىلالماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. ياخشىراق بىرەر قىزنى تېپىپ تويىڭىزنى قىلىۋالسىڭىز بولاتتى. مەن..._ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدىم. 

_ مېنىڭ ئەمدى توي قىلغۇم يوق! _ دېدى ئۇ كېسىپلا، ئاندىن يەنە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ چاقچاق قىلدى. 

_ مېنى توي قىلىڭ دېگىنىڭىز بىلەن  نەزەر بىلەن نەزىرە چوڭ بولغاندا بالىلارغا دادا كېرەكتۇ.  مەن يا سىزنى ماڭا تېگىڭ دېمىسەم، بالىلىرىڭىزغا دادا بولاي دەيمەن شۇ. 

_ ھەسەن! _ دېدىم مەن خىجىل بولۇپ. 

_ چاقچاق قىلىپ قويدۇم. بىلىمەن، ھازىر سىزگە مېنىڭ كېرىكىم قالمىدى، ماقۇل، مەن كېتەي.  

مەن قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ يۇيۇپ بولۇپ چىقسام ھەسەن بايىقى ئولتۇرغان جايىدا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا بالا باققۇچى بالىلارنى ئۈستىدىن ئېلىپ چۈشتى. بالىلار يېقىندىن بۇيان ھەسەن بىلەن تولا ئۇچراشقاچقا ئۇنىڭدىن يىتىرقىمايتتى. ھەر ئىككىسى قۇچىقىنى كېرىپلا ھەسەننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ھەسەن ھەر ئىككى بالىنى كۆتۈردى ۋە قۇچىقىغا  ئولتۇرغۇزۇپ ئۇلارنى سۆيدى.  ھەقىقىي مۇھەببەت چىن يۈرەكتىن چىقىدۇ، ھازىر ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان مېھرى مۇھەببىتى ۋە قىيالماسلىقى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن چىقىۋاتقىنىغا ئىشىنىمەن. ئۇ بالىلارنى سۆيۈپ، قېنىپ قېنىپ پۇرىۋالغاندىن كېيىن  يەرگە قويغان ئىدى، بالىلار تايتاڭلاپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئويۇنچۇقلىرىنى قولىغا ئالدى. بالىلارنىڭ دۇنياسى ئىنتايىن ئاددى ھەم شادىمان، ئۇلار ئايرىلىش ئازابى دېگەنلەرنى بىلمەيدۇ. ھەتتا مەن ئۇلارغا  ھەسەن داداڭلارغا خوش دەڭلار دېسەم، خوشال ھالدا قولىنى پۇلاڭلاتتى. مەن ھەسەننى دەرۋازىنىڭ سرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتىم، سىرتتا قار يېغىۋاتاتتى. ئۇ ماشىنىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ چاقچاق قىلدى. 

_ مېنى قۇچاقلاپ خوش دېمەمسىز؟ 

ئۇ كۈلۈپ تۇرغىنى بىلەن، راستىمنى ئېيتسام مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتاتتى. 

_ بولدى، چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، قىزچاق_ دېدى ئۇ. مەن ماقۇل دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ قارىسى يۈتكىچە جايىمدا مىدىرلىماي قاراپ تۇردۇم. بىر چاغدا يىراقتا تۇنۇش بىر گەۋدىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.  يېقىنلاپ كەلگەندە قارىسام خاتا تۇنۇماپتىمەن، ئۇ فەرۇق ئىدى. فەرۇقنى كۆرۈپلا يەنە كۆڭلۈم يېرىم بولدى. كۈنلەرنڭ بىرىدە مەن مۇشۇنداق دەرۋازا ئالدىدا قاراپ تۇرسام، ئۈمىد تۇيۇقسىز كېلىپ قالسا، خۇشاللىقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەرمۇ؟ ئەمما ئۇ كەتتى، بالىلارنى ۋە مېنى تاشلاپ كەتتى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. 

فەرق يېنىمغا كەلدى ۋە بىردەمگىچە گەپمۇ قىلماي جىم تۇردى. 

_ ئۆيگە كىرەيلى! _ دېدىم مەن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ. 

ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭغا ئىسسىق چاي دەملىدىم، ئۇ چاينى ئىچكەچ ئولتۇرۇپ سۆزىنى باشلىدى. 

_ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئاغىنە بولدۇم دېگىنىم بىلەن مۇشۇ چاغقىچە ئۇنى ھەقىقىي چۈشەنمەپتىمەن. ئۇنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت، بۇرچ تۇيغۇسى بار ئىكەن ئەمەسمۇ،  ئەمما ھېچقايسىمىز ئۇنى چۈشەنمەپتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ قانچىلىك كۆڭلى يېرىم بولغان بولغىيتتى. 

يەنە يىغام باشلاندى. ئۇ ماڭا بىردەم تەسەللى بېرىپ، بالىلارنى كۆرۈپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئولتۇرمايلا كەتتى. 

يېڭى يىلغا نەچچە كۈن قالغان بىر كۈنى ئىدى. تاللا بازىرىغا باردىم، ئەمما كىرىپ بولۇپ نىمە ئالغىلى كەلگىنىمنى ئۇنتۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن  مەقسەتسىزلا تاللا بازىرىنى چۆرگىلىدىم. يېقىندىن بۇيان مۇشۇنداق قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەيدىغان، ئۇنۇتقاق بولۇپ قالدىم.  كىيىم-كېچەك ساتىدىغان يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم،  بايرامغا ئاز قالغاچقا كىيىملەرنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ پائالىيەت قىلغان بولسا كېرەك، بەك كۆپ ئادەم ئولىشىۋالغان ئىدى. باھاسى چۈشكەن مامۇق چاپانلارنى تالىشىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر تۇنۇش چىراينى كۆرۈپ قالدىم.  ئۇ رازىيە ئىدى. ئۇ يۈزىنىڭ يېرىمىنى توسۇۋالغۇدەك چوڭ قارا كۆزەينەك تاقاپ،  بېشىغا شەپكە كىيىپ چوڭ ئاپاشلارنىڭ ئارىسىدا كىيىم تالىشىۋاتاتتى. ئۇ تالىشىۋاتقان كىيىمگە قارىسام چوڭ ئاپاشلار كىيىدىغان مامۇق چاپان ئىكەن. ئۇ مىڭ بىر تەستە چاپاندىن بىرنى ئېلىپ پۇل تۆلەش ئورنىغا بېرىپ پۇل ئالغۇچىغا بىر كارتىنى سۇندى. 

_ كەچۈرۈڭ، خانىم، كارتىڭىز توڭلىتىۋېتىلىپتۇ،  باشقا كارتا بارمۇ؟ _ رازىيە بىردەم تۇرۇپ كېتىپ پورتمالىدىن يەنە بىر تال كارتىنى چىقاردى. ئۇنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  رازىيە پورتمالىنى ئاختۇرۇپ ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ كەتتى.  كەينىدە ئۆچىرەتتە تۇرغانلار غۇدۇراشقا باشلىدى. 

_ نەچچە پۇل؟ _ دەپ سورىدىم مەن. 

رازىيە ئاۋازىمنى ئاڭلاپ تېزلا كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى، ئۇنىڭ كۆزىنى كۆزەينىكى توسۇۋالغاچقا ئېنىق كۆرەلمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ھەيرانلىق ھەم ئوڭايسىزلىق ئىچىدە قالغانلىقىنى پەرەز قىلالايمەن. 

_ 268 يۈەن_ دېدى پۇل يىغقۇچى قىز.  ھە، دەپ تېلېفونۇمنى چىقاردىم. _ مەن تۆلىۋېتەي. 

قىز ئىككىلىك كودنى سكانېرلاپ پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كىيىمنى خالتىغا سېلىپ رازىيەگە سۇندى. رازىيە بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئاخىرى يەنىلا كىيىمنى ئالدى.  تاللا بازىرىدىن چىقىپ ئىككىمىز بىر چايخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k