大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 145 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 145  - قىسىم aybarawazi
2023-11-03
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 146-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

145-قىسىم  


 _  مەن كىچىك دادامنىڭ يېنىغا كېتىدىغان چاغدا سىزنى ئىزدەپ بارغان، سىز ئەمدى سومكىڭىزنى ئېسىپ ئۆيىڭىزدىن چىقىپتىكەنسىز. سىز شۇنچە چوڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بىلەن سىزگە بىرى ياردەم قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، يەنىلا بۇرۇنقى مەكتەپتە، يەنە شۇ سىنىپتا ئوقۇۋېرىپسىز. ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇچرىغان ئىشىمىز ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن سىز قىز بالا، نۇرغۇن ئىشلارغا سىزنىڭ كۈچىڭىز يەتمەيدۇ.  ئەمما مەن ئۆچ ئېلىشىم كېرەك. 

مەنمۇ ئۆچ ئېلىشىم كېرەك، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن.  

_ دادىڭىزنىڭ شۇ كۈنى ماشىنا ۋەقەسىگە يۇلۇقۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن، لېكىن ماڭا بۇ ئىككى ئىشتا ئابلەتنىڭ قولى باردەكلا بىلىنىدۇ،  سىزنىڭچىچۇ؟ 

مەن جاۋاب بەرمىدىم. ئەمما كۆڭلۈمگە ئايان، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز چوڭ دادامنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى.  ئۆتكۈر چوڭ دادامنى شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كەپتۇ. دوختۇرخانىغا بارغان ۋاقتىمىزدا چوڭ دادام كۆزىنى ئېچىپ ياتقان ئىكەن. كارىۋاتنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئادەملەر بار ئىكەن، ئابلەت ئەپەندىم، ئايگۈل ھەدەم، ئۆتكۈر، ھەتتا شەنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋە باشقا دوختۇرلارمۇ بار ئىكەن. چوڭ دادام بۇرۇن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى بولغان بولغاچقا  نۇرغۇن پىشقەدەم دوختۇرلار بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى ياخشى ئىكەن. شۇڭا ھەممىسى ئۇنىڭ بېشىدا تۇرغان بولسا كېرەك. چوڭ دادام بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئەمما ئۆزىگە قاراپ تۇرغان نەۋرىلىرىنى كۆرۈپ كۆزىگە ياش كەلدى، نەۋرىلىرىگە قىيمايۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.  چوڭ دادامنىڭ كۆزى نەزەر بىلەن نەزىرەگە چۈشكەندە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى...

شۇنداق قىلىپ چوڭ دادام كەتتى، ئۇ شۇنچىلىك خاتىرجەم كۆز يۇمدى. يېقىن ئادىمىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئازابلىنىپ كۆز ياشلىرىم قۇيۇلدى، ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈر قارىماققا ئۆزىنى تۇتىۋالغاندەك قىلغان بىلەن ھەر ئىككىسىنىڭ كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، ئويلىماپتىمەن، ئابلەت ئەپەندىممۇ ئازابلانغاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭدەك ئادەممۇ ئازاب دېگەننى بىلىدىكەن دېسە.

چوڭ دادامنىڭ بىز بىلەن بىللە كۈلۈپ ئولتۇرۇپ تاماق يىگىنى، بالىلىرىمنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلەتكىنىگە تېخى ئۇزۇن بولمىدىغۇ، ئەمدىلىكتە چوڭ دادامدىن ئايرىلدۇق دەپ ئازابلىنىپ ئولتۇرىمىز، ھاياتلىق شۇنداق بولىدىكەن، بىرلرى كېتىدىكەن، بىرلىرى كېلىدىكەن، كەتكەنگە ئاھ ئۇرۇپ يىغلايدىكەنمىز، كەلگىنىگە قۇچاق ئېچىپ يەنە ھاياتلىقنى داۋام ئېتىدىغان گەپكەن.   

ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەمنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق، ئەمما ئويلاپ باقسام ئۇلارنى مەن ھېچنىمە قىلالمىغۇدەكمەن، مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى يىتەرلىك ئىسپات توپلاپ ئۇلارنى قانۇننىڭ جازالىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئىكەن. ئۈمىد مېنىڭ نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىۋاتقىنىمنى بىلمىگەن بىلەن لېكىن مېنىڭ ئۆچ ئېلىش خىيالىمنىڭ ھېلىمۇ سۇسلاپ قالمىغىنىنى  ئېنىق بىلىدۇ. 

چوڭ دادام كۆز يۇمۇپ ئون كۈنلەر ئۆتكەن بىر كۈنى ئۈمىد چوڭ ئۆيگە تاماققا بارىدىغان بولدۇق دېدى. ئۇ ئىككىسىنى كۆرسەم چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كېلىدىغان تۇرسا، ئۇلار بىلەن قانداقمۇ بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يىيەلەيمەن؟ ئۇنىڭ بۇ يولسىز تەلىپىگە مەن قانداقمۇ ماقۇل دىيەلەيمەن؟ لېكىن ئۈمىد قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

_ ماڭا ئىشىنىڭ، مەن سىزگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىمەن_ دېدى. 

بالىلارنى ئۆيگە قويۇپ قويۇپ ئىككىمىزلا بارماقچى بولدۇق، ئۈمىدنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرى سەل سىرلىق كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ماڭا نىسبەتەن سەمىمىي. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغۇم بولمىسىمۇ ئۈمىدنىڭ ماڭا قانداق ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلگۈم كەلدى. كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئەينەكنىڭ ئالدىدا خېلىغىچە تۇردۇم، مەن بۇرۇنقى ساددا، ئاجىز مەن ئەمەس،  ھازىر مەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم، ئەمما قەلبىمنى ئۆچ ئېلىش ئوتى ئۆرتەۋاتىدۇ.

ئىشىكتىن چىقساق ھاۋا ھېلىلا يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۈمىد بۈگۈن يېپيېڭى ئاق كۆينەك كىيىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۈگۈن كىيىۋالغىنى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغانراق، كەڭتاشىراق كەلگەن ئاق كۆينەك ئىدى.  بىز ئاۋۋال تاللا بازىرىغا بېرىپ سەي-كۆكتاتلادىن ئالدۇق. ئۇنىڭ كۆكتاتنى تۈجۈپىلەپ تاللاپ ئېلىۋاتقىنىغا قاراپ  سەل گاڭگىراپ قالدىم. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىللە ئۆتكەندىن بۇيان ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقتى ساناقلىقلا، لېكىن ھەر قېتىم ماڭا ئۇنىڭ بارغۇسى كەلمىسىمۇ ئامالسىز بېرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى.  لېكىن بۇ قېتىم ئۇ بۇ بىر ۋاق تاماققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتاتتى. 

تاللا بازىرىدىن چىقىپ ماڭدۇق، يولبويى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق.  مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىم ئىنتايىن مۇرەككەپ، جىددىيلىشىش، نەپرەت، ئارىسالدى بولۇش...ئىشقىلىپ نۇرغۇن مۇرەككەپ ھېسسىياتلار ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما شۇنىسى ئېنىق، مەن ئۈمىدنىڭ دادىسىدىن نەپرەتلىنىمەن، ئۇنى چايناپ پۈركۈۋەتسەم دەيمەن.  مەن ئۈمىد بىلەن يېڭى توي قىلغاندا ئۇ مېنى سۈرۈشتۈرۈپتىكەن، دېمەك شۇ چاغدىلا ئۇ مېنىڭ ئۆزى قەستلىگەن نامان ئىسىملىك كىشىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى بىلگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۈمىد ئىككىمىزنى ئايرىۋەتمەكچى بوپتىكەن. ئەسلى ئۇنىڭ ئۈمىد ئىككىمىزگە قارشى تۇرۇشى مېنىڭ نامرات بولغانلىقىم، ئىقتىدارسىزلىقىم، ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغانلىقىم سەۋەبلىك ئەمەسكەن،  ھەقىقىي سەۋەبى ئۇ مېنىڭ ئۆزى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئادەمنىڭ قىزى ئىكەنلىكىمنى بىلىدىكەن، شۇڭا ئۈمىدنىڭ يېنىدا يۈرسەم خۇدۇكسىرەپ قالسا كېرەك. ئۇ مېنىڭ ئۈمىدنىڭ پۇلىنى كۆزلىشىمدىن ئەنسىرىمەيدىكەن، بەلكى ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىشىمدىن قورققان ئىكەن.  ئەمما بۈگۈنكى بۇ تاماقنى ئۇلار بىلەن بىللە يىيىشكە ماقۇل بولغان ئىكەنمەن،  ئۈمىدكە ئىشىنىشىم، ئۇنىڭ ماڭا مەن رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىم كېرەك. 

_ نازىيە، ماڭا ئىشىنىڭ. ھەممە ئىشنى ماڭا تاپشۇرۇڭ، بولامدۇ؟_ ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن ئۈمىد قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.  ماقۇل دەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ كۈلدى ۋە پىشانەمگە بىرنى سۆيدى. 

_ رەھمەت سىزگە، مەلىكەم. 

ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇ ئالغان سەي-كۆكتاتلارنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا ماڭدى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. ئىشىك قۇڭغۇرىقى بېسىلغاندىن كېيىن ئىشىكنى ئايگۈل ھەدەم ئاچتى.  بىزنىڭ كېلىدىغانلىقىمىزدىن ئۇنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك، بىزنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ بىر چەتكە ئۆتتى. 

_ قېنى، كىرىڭلار.  

ئۆيگە كىردۇق، ئۈمىدنىڭ دادىسى كۆرۈنمەيتتى. 

_ دادىڭىزنىڭ مىجەزى يوق، ئۈستىدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ، دادىسى، بالىلار كەپتۇ_ دېدى ئۇ. گەپنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا ئۈستۈنكى قەۋەتتىن يۆتەلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ۋە ئابلەت ئەپەندىم پەلەمپەيدىن ئالدىرىماي چۈشتى. ئۇمۇ بىزنىڭ تۇيۇقسىز كەلگىنىمىزدىن ھەيران قالغاندەك قىلاتتى. ئەجىبا بۈگۈن ئۇلار تاماققا چاقىرغان ئەمەس، بەلكى بۇ ئۈمىدنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوخشىمامدۇ؟ 

_ دادا! _ دېدى ئۈمىد. 

_ بۈگۈن مېنى يوقلاپ كېلىش ئېسىڭگە كېلىپ قاپتۇغۇ؟

_ ھە، بۈگۈن بىكار بولۇپ قاپتىكەنمىز، شۇڭا سىلەر بىلەن بىللە تاماق يەيلى دەپ كەلگەن، لازىملىقلارنى ئۆزىمىز ئېلىپ كەلدۇق، بۈگۈن تاماقنى مەن ئېتىمەن. 

ئابلەت ئەپەندىم ئاشخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئۈمىدنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇمۇ ئۈمىدنىڭ بۇنداق تەشەببۇسكار بولغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان بولسا كېرەك.  ئۈمىدنىڭ بۈگۈن نىمىشقا بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم، لېكىن ئۇنىڭ ماڭا جاۋاب بېرىمەن دېگەن گېپىگە ئىشىنىپلا ئولتۇرىمەن. ئايگۈل ھەدەممۇ ھەيرانلىق بىلەن بىردە ئۈمىدكە بىردە ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇلار بىلەن كارىم بولماي ئۈمىدنىڭ كەينىدىن ئاشخانا ئۆيگە كىردىم. 

ئۈمىد كۆكتاتلارنى چىقاردى، ئاندىن ئەكەلگەن بېلىقنى ئېلىپ داسقا سالدى، ئاندىن ماڭا قاراپ:

_ يېڭىمنى تۈرۈپ قويۇڭە!_ دېدى.  مەن ئىككىلا يەڭنى تۈرۈپ قويدۇم.  ئاندىن ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىگە قاراپ تۇردۇم، ياردەملىشىمەن دېسەممۇ ئۇنىڭ ئۇنىمايدىغىنى ئېنىق.  بۇرۇن بىلمىگەن ۋاقتىمدىغۇ مەيلىتى، ئەمما ھازىر بۇ ئۆيدىكى ئىككىيلەننىڭ دادامنى قەستلىگەن ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىدا تۇرىمەن، سەل تۇرۇپ بىر ئۈستەلدە تاماق يەيمەن تېخى.  ئويلىسام بەك بىمەنە. قېنى قانداق ئىشلار بولىدىكىن، بىر قاراپ باقاي. 

ئۈمىد گۈرۈچ ئاش دۈملىدى، گۆشلۈك گۆشسىز قىلىپ نەچچە خىل قورۇما قورۇدى.  مەن باشتىن ئاخىر ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي ئىشىك تۈۋىدە قاراپلا تۇردۇم.  تاماق پىشىپ ئۇ ئۈستەلگە تىزىپ بولۇپ ئاندىن دادىسىنى چاقىردى. 

_ دادا، تاماق پىشتى. 

ئابلەت ئەپەندىم تېلېۋىزورنىمۇ ئاچماي مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ھاڭۋېقىپلا ئولتۇراتتى. ئۈمىدنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ تاماق ئۈستىلىگە كەلدى ۋە ئۈستەلدىكى قورۇمىلارغا خېلى قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئاستا ئولتۇردى.  ئۈمىد ئايگۈل ھەدەمنى چاقىرمىدى، ئۇ بىردەم قاراپ تۇرۇپ بېقىپ ئۆزىلا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ ئىككىيلەن بىر يەردە، ئۈمىد ئىككىمىز بىر يەردە ئولتۇردۇق. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ئۈمىدنىڭ بۈگۈنكى ئىش ھەرىكەتلىرىدىن ھەيران قېلىۋاتقىنى چىقىپلا تۇراتتى، ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەيران ئىدىم. 

_ دادا، ھەممىسى سەن ئامراق قورۇمىلار.  بۇرۇن سېنىڭ نېمىگە ئامراق ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيتتىم، بىر چاغدا ئاپامدىن سوراپ بىلىۋالغان،  مەن تاماقنى ئاپامدەك ئوخشىتىپ ئېتەلمەيمەن،  شۇنداقتىمۇ يەپ باققىن، ئاغزىڭغا  تېتامدىكىن بىلمىدىم. 

ئۈمىد ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئالدىدا قەستەن ئاپىسىنى تىلغا ئېلىپ گەپ قىلىۋاتاتتى.  ئايگۈل ھەدەم بۇنىڭدىن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى،  ئابلەت ئەپەندىمنىڭمۇ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ئۇ بېلىق قورۇمىسىدىن بىر چوكا ئېلىپ ئاغزىغا سالدى ۋە :

_ بەك ئوخشاپتۇ،  قاچانلاردا تاماق ئېتىشنى ئۆگەنگەنتىڭ؟  داداڭ تۇرۇپ مەن ئەجەب بىلمەيدىكەنمىنا!؟_ دېدى. 

ئۈمىد بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ چوكىنى تۇتۇپ قورۇمىلارغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئاستاغىنە گەپ باشلىدى. 

_ چوڭ دادامدىن ئاڭلىسام، مەن تۇغۇلغاندا سەن «مەن دادا بولدۇم، پاقلاندەك ئوغلۇم بار بولدى» دەپ بەك خۇش بولۇپ كېتىپتىكەنسەن ھەم  مەندىن نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ ئىسمىمنى «ئۈمىد» قويۇپتىكەنسەن. 

ئابلەت ئەپەندىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلدى. 

_ يېڭىدىن دادا بولغاندا ھەممە ئادەم خۇش بولىدۇ-دە. ئۆزىنىڭ بالىسىنى كۆرسە كىممۇ خۇش بولمايدۇ دەيسەن؟ 

_ كىچىكىمدە سەن نەگە بارساڭ مېنى بىللە ئېلىپ باراتتىڭ، دائىم بوينۇڭغا مىندۈرۈپ يۈرەتتىڭ، بوينۇۇڭغا مىنىۋالسام ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ئادەمدەك ھېس قىلاتتىم، شۇ چاغدا سەن مېنىڭ نەزىرىمدە گىگانت ئادەمگە ئوخشايتتىڭ. 

_ ھازىرچۇ؟  ھازىر نىمىگە ئوخشاپ قالدىم؟  مايمۇنغا ئوخشاپ قالدىمما؟ 

بۇ گەپكە ئۈمىد جاۋاب بەرمەي،  گېپىنى داۋاملاشتۇردى.

_ كېيىن ماڭا ھەمرا بولىدىغان ۋاقتىڭ بارغانچە ئازلاپ كەتتى.  ھەر قېتىم ئاپامدىن «دادام نەگە كەتتى؟» دەپ سورىسام، ئاپام «داداڭ بەك ئالدىراش» دەيتتى.  مېنىڭ نەزىرىمدە ئاپام شۇنچىلىك مۇلايىم، مېھرىبان، چىرايلىق ئايال ئىدى. سېنىڭ  قانداق بولۇپ ئاپامنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغىنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايگۈل ھەدەم ئولتۇرالماي قالدى. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ئۆيىنى بۇزمىغان بولسا ئۈمىدمۇ مۇكەممەل ئائىلىدە چوڭ بولۇشى مۇمكىن ئىدى. تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئالدىمدىكى بۇ خوتۇنغا بولغان ئۆچمەنلىكىم ھەسسىلەپ ئاشتى. 

_ پەقەت چۈشەنمىدىم،  نىمىشقا بىر ئۆمۈر بىرلا ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ ئۆتمەيسەن؟ شۇ چاغدا ئۆي دېگەن نەرسە كۆزۈڭگە كۆرۈنمىدى، لېكىن مەن ئاپامنىڭ كۆڭلى ئازار يىمىسۇن دەپ سېنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىشكە خېلى تىرىشىپ باقتىم. 

ئابلەت ئەپەندىم يۆتىلىپ كەتتى. 

_ ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى، ئەمدى تىلغا ئالمىساق قانداق؟ 

ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئەمدى چىدىغۇچىلىكى قالمىغان بولسا كېرەك، چوكىنى تاراققىدە قويدى.

_ مەن تويدۇم، سىلەر ئالدىرىماي يەڭلار_ شۇنداق دەپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ماڭدى. ئۈمىد ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي گېپىنى داۋاملاشتۇردى. 

_ كېيىن سەندىن بەك ئۈمىدسىزلەندىم.  سەن ئاپامنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويۇپلا قالماي يەنە..._ ئۇنىڭ ئاۋازى بۇغۇلۇپ قالدى، ئۇ بىردەم تۇرىۋالغاندىن يەنە گېپىنى باشلىدى:

_ مەن نامرات ئائىلىدە ياشاشقىمۇ رازى ئىدىم، بىلەمسەن، دادا.  نامراتلىقنىڭ قورقۇنۇچلۇق يېرى يوق، قورقۇنۇچلۇقى ئائىلىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى. 

_ بولدى، بولدى، گەپنى ئەگىتمە. قانداقلا گەپ بولسا ئۇدۇل دەۋەر، ئىككىمىز ئاتا بالا، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. 

ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ دادىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىدى. 

_ دادا، بۇ بىر ۋاق تاماق سەن بىلەن بىللە يىگەن ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر ۋاق تاماق بولدى.  سەن بىلەن بۇنداق كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ تاماق يەپ باققان ۋاقتىمنى ئېسىمگە ئالالمايمەن.  بۈگۈنكى بۇ تاماق ئىككىمىز بىللە يىگەن ئاخىرقى بىر ۋاق تاماق، كەچۈرگىن، دادا، سېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۇزىتىپ قويىدىغان بولدۇم. 

سىرتتىن دۈپۈرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى،  ئاندىن بىر توپ ساقچىلار كىرىپلا بىز ئولتۇرغان تاماق ئۈستىلىنىڭ ئەتراپىغا تىزىلدى.  بىر نەچچە ساقچى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. ئۈمد ئورنىدىن تۇرۇپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان مېنى بىر يانغا ئىتتىرىپ قويدى. ئابلەت ئەپەندىم ئۆزىنى ئېلىپ قاچمىدى، بىر ساقچى كېلىپ ئۇنىڭ قولىغا كويزا سالدى. ئابلەت ئەپەندىم شۇنچىلىك تەمكىن تۇراتتى، بەلكىم ئۇ بۈگۈن ئۈمىدنىڭ تۇيۇقسىز تەشەببۇسكار بولۇپ كېتىشىدىن، بايا تۇيۇقسىز كېلىپ قۇچاقلىشىدىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك.  لېكىن مەن بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. ئۈمىدنىڭ  ماڭا بېرىدىغان جاۋابىنىڭ بۇنداق ئېنىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، ئۇ ھەقىقەتەن مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى بەك ئېنىق ئايرىيدىكەن. 

_ مېنى قويۇۋېتىڭلار! 

ئۈستۈنكى قەۋەتتىن ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ساقچىلار ئۇنى ئېلىپ چۈشتى، ئۇ پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ ئابلەت ئەپەندىمنىڭمۇ قولىغا كويزا سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى. 

_ مىنى نىمىشقا تۇتىسىلەر؟

ئارىدىكى بىر ساقچى تۇتۇش بويرۇقىنى چىقاردى ۋە دانىمۇ دانە قىلىپ ئوقۇدى:

_ ئابلەت، ئايگۈل، سىلەرنىڭ 17 يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتىڭلار بارلىقى توغرىلىق قولىمىزدا يىتەرلىك ئىسپات بار، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن سىلەرنى قولغا ئالىمىز، ئەگەر بۇنىڭغا نارازىلىقىڭلار بولسا يۇقىرىغا ئەرز قىلساڭلار بولىدۇ. ئېپ مېڭىڭلار. 

گەرچە ئۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىگە 17 يىل بولغان بولسىمۇ، ساقچىلار بۇ ئىشنى ئېنىقلىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا ساقچىنىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئايگۈل ھەدەممۇ جىمىپ قالدى ۋە دەلدەڭشىپ جايىدا جىم تۇرالماي قالدى. 

لېكىن ئۇلارنىڭ يىتەرلىك ئىسپات دېگىنى قانداق ئىسپاتتۇ؟


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0