大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 169 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 169  - قىسىم aybarawazi
2023-11-27
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 170-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

169-قىسىم  


دادامنىڭ يېنىغا كىرسەم ئايگۈل ھەدەم  دارىتمىلاپ يۈرۈپ ماڭا خېلى گەپ قىلىۋالدى، ئويلاپ باقسام دادام بۇ ئايال بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان ماڭا ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا ئۇزۇن ئولتۇرمايلا نازىيەنى ئېلىپ ماڭدىم.  مېنىڭچە ھازىر پەقەت نازىيە ئىككىمىزلا بىر بىرىمىزگە موھتاج ئىكەنمىز، بىر بىرىمىزگە ئىللىقلىق بېرەلەيدىكەنمىز. شۇڭا ئايرىلماي بىللە ياشىشىمىز كېرەك.

بۇ دادامنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم ئۇرۇشى ئەمەس، ئەمما بۇرۇن دادامنىڭ ماڭا بۇنداق نەپرەتلىك نەزەردە قاراپ باققىنىنى بىلمەيمەن. بەزىدە ئۆزۈمنى بەك بىچارە ھېس قىلىپ قالىمەن، ماڭا بىردىنبىر كۆيۈنىدىغان ئاپام بالدۇرلا كېتىپ قالدى، دادامنىڭ بولسا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادىمى مەن ئەمەس، ئەمما  دادامنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئىزچىل بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتقىنى مانا مەن. راستىمنى ئېيتسام بۇ ئىشلارنىڭ دەستىدىن بەك ھاردىم، بەك چارچىدىم.  ھازىر ماڭا بىردىنبىر ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان ئادەم دەل نازىيە.

ئەتىسى ئەتىگەن فەرۇقنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا يېتىپ قالغىنىنى كۆردۇق،  ئۇ نىگارەنىڭ دەرىدە ئۆزىنى يوقىتىپلا قويۇۋاتاتتى، ئۇ نىگارەنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەن، لېكىن نىمە ئامال؟

......

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كوماندروپكىغا چىقتىم، ئالدىنقى قېتىم رازىيە باش رول ئالماقچى بولغان فىلىمنىڭ رېژىسورى ماڭا تېلېفون قىلىپ، سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ قاتنىشىپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  مەن ئۇ فىلىمنى قوللىغۇچى سودىگەر، يەنە كېلىپ رازىيەنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىمىغىنىمغىمۇ خېلى بوپتۇ، ئۇنىڭدا بىرەر ئۆزگىرىش ياكى ئىلگىرىلەش بولدىمۇ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ باردىم.  رازىيە فىلىم ئىشلەش گورۇپپىسىدىكىلەر بىلەن خېلى چىقىشىپ قالغاندەك تۇراتتى،  ئۇ سەھنىدە تۇرۇپ مېنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قولىنى پۇلاڭلاتتى، مەنمۇ بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم. مۇراسىم ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ بېلىكىمگە ئېسىلدى.

_ ئۈمىد ئاكا، سىز كەپ قاپسىزغۇ؟ كېلىمەن دەپ ماڭا دەپمۇ قويماپسىز؟

_ مەنمۇ تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالدىم _ شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭدىن قولۇمنى تارتىۋالدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئازراق ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن ماڭماقچى بولدۇم.

_ بىللە تاماق يەيلىچۇ، ئۈمىد ئاكا، سىزنى مەن مېھمان قىلاي.

_ بولدى، رازىيە، بۇ قېتىمقى پۇرسەت ئاسان قولغا كەلمىدى، پۇرسەتنى قەدىرلەڭ، پۈتۈن زېھنىڭىزنى رول ئېلىشقا بېرىڭ، قىز بالا ساددىراق بولسا تېخىمۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.  

مېھمانخانىغا قايتىپ يۇيۇنۇپ چىقىپ نازىيەدىن تېلېفون كەلگىنىنى بىلدىم. چېچىمنى لۆڭگىدە سۈرتكەچ ئۇنىڭغا تېلېفون قايتۇردۇم. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىسام ماڭا تازا ئىشەنمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانىنى سۈرەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا يوللاپ بەردىم.

بۇرۇن كوماندروپكىغا چىقساممۇ زېرىكىپ كەتمەيتتىم، ئۆيدىمۇ بەرىبىر يالغۇز، قەيەردىلا بولسا ئۇخلايدىغانلا ئىشقۇ دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ھاياتىمدا نازىيە پەيدا بولغاندىن باشلاپ  كوماندروپكىغا چىقسام ۋاقىت بەك تەستە ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. بىر كۈننى بىر يىلدەك ئۆتكۈزۈش دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. شۇڭا قولۇمدىكى ئىشلارنى تېز تېز تۈگىتىۋېتىپ قەرەلدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۆيگە قاراپ چاپتىم، ئەمما ئۆيگە كەلسەم نازىيە يوق،  بالكوندىن سىرتقا قاراپ تۇرغان چېغىمدا ئۇنىڭ ھەسەننىڭ ماشىنىسىدىن چۈشىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭغا بەك ئاچچىقىم كەلدى، مەن ئۇنىڭغا ھەسەندىن يىراق يۈرۈڭ دېگەن ئەمەسمىدىم. ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئەمەس، توغرىسىنى ئېيتقاندا مەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ئۇ مېنىڭ رازىيە بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن گۇمان قىلىپ قالغان ئىدى، مەن رازىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمنى ئۇنىڭدىن يوشۇرمىدىم. لېكىن ئۇ يەنىلا مەندىن گۇمان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، شۇنداق قىلىپ يەنە گەپ تالىشىپ قالدۇق. تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى شۇنچىلىك چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم، ئىككىمىز يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمىزدا ھېچبولمىغاندا جىمجىت ئولتۇرۇپ پاراڭلىشالايتتۇق، تۇرمۇش توغرىلىق پىكىرلىشەلەيتتۇق، لېكىن ھازىرچۇ؟ ھازىر بىر بىرىمىزگە ئازار بېرىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق. ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى تۇتىۋېلىپ ئويلىنىپ باقىدىغان ۋاقتىمىز بولغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا ئۆيدە تۇرماي چىقىپ كەتتىم.

شۇ كۈنى كەچتە 520 بەزمىخانىسىغا بېرىپ ئاغىنىلىرىم بىلەن راسا ئىچىپتىمەن، ئۇنىڭ «ئاشقازىنىڭىز ياخشى ئەمەس، ھاراق ئىچمەڭ» دېگەن گېپىنى ئۇنتۇپلا كەتتىم، ئەكسىچە ئاشقازان كېسىلىم قايتا قوزغىلىپ يەنە دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىشىمنى ئارزۇ قىلاتتىم، شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۇ يەنە ماڭا پۈتۈن مېھرىنى بېرىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى. راسا كۆڭۈللۈك ئولتۇرىۋاتساق ئۆتكۈر بىر تېلېفوننى ئېلىپلا چاپىنىنى ئالدى.

_ سىلەر ئولتۇرىۋېرىڭلار، مېنىڭ ئىشىم چىقىپ قالدى.

_ بىر ئوبدان ئولتۇرىۋېتىپ نەگە بارىسەن؟_ نىجاتنىڭ سۇئالى جاۋابسىز قالدى. بەزمىخانىدىكى جۈپ جۈپ ئولتۇرغانلارنى، ئويناۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز ئۇنى سېغىنىپ كەتتىم، ئۇ ھازىر ئۆيدە نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ ماڭا قىيداپ تاماق يىمەي ئولتۇرامدىغاندۇ؟ مېنى ساقلاپ ئۇخلىماي مېھمانخانا ئۆيدە تۈگۈلۈپ ئولتۇرامدىغاندۇ؟  ئورنۇمدىن تۇردۇم.

_ مەنمۇ ئۆيگە قايتاي.

يولدا كېتىۋېتىپ ئويلاشتىم، ئەر ئايال ئۇرۇشۇپ قالغاندا چوقۇم ئەر كىشى ئاۋۋال باش ئېگىشى كېرەك، يەنە كېلىپ مەن ئۇنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرىمەن، سەل تۇرۇپ ئۇنىڭغا ناماقۇل بولۇپ، تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلىنى ئالاي، ئەگەر تاماق يىمىگەن بولسا تاماق ئېتىپ بېرەي، مېھمانخانا ئۆيدە تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان بولسا كۆتۈرۈپ ھۇجرىمىزغا ئەچىقىپ كېتەي. ئۆيگە كەلسەم چىراقلار يېنىق ئەمەس، ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ. ئۇ يوق. نەرسە كېرەكلىرىمۇ يوق، تېلېفونى ئېتىك. ئۇنى ئىزدىدىم، ئۇنىڭ بېرىش ئىمكانىيىتى بار جايلارنىڭ ھەممىسىگە باردىم.  نىگارەنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدىم، ئۇ مېنى تىللاپلا كەتتى.

_ ئۈمىد، زادى نىمە بولىۋاتىسىلەر؟ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئۇ بارمۇ يوق؟ نىمىدېگەن تۈگىمىگەن جىدەل بۇ؟

_ ئەلۋەتتە بار.

_ كۆڭلىڭىزدە ئۇ بولغاندىكىن، ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇنىڭ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سىزمۇ ھېس قىلغانسىز. بىر بىرىڭلارنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرۈشكەندىكىن بىر بىرىڭلارنى ئۇنداق قىينىماڭلار. بىر بىرىڭلارنى قەدىرلەڭلار. ھازىر ئۇ يېنىڭىزدا قەدرىنى بىلمەيسىز، مۇشۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ئۇ راستلا سىزدىن ئايرىلىپ كەتسە ئەڭ ئازابتا قالىدىغىنى سىز بولىسىز جۇمۇ.

نىگارە ھاياجاندا سۆزلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ نىمىشقا بۇنداق دەيدىغانلىقىنى مەن ئەلۋەتتە چۈشىنىمەن.

_ مەن خاتا قىپتىمەن، ئۇنى تېپىپ كېلىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ.

ئۇرۇشقان ۋاقتىمىزنى ئويلاپ باقسام مەن ھەقىقەتەن بەك ئاشۇرىۋېتىپتىمەن، نازىيەنىڭ كۆڭلى نازۇك، ئۇنداق قوپاللىقنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇنى تاپالماي تازا ئەنسىرەپ تۇرغان چېغىمدا چوڭ دادام تېلېفون قىپتۇ.

_ ھە، بەڭۋاش، نازىيەدەك شۇنداق ئوڭلۇق قىزنىمۇ خاپا قىلىپ قاچۇرۇپ قويدۇڭما؟  تاپالماي تازا ئەنسىرەۋاتقانسەن؟

چوڭ دادامنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ باردەكلا قىلاتتى.

_ نازىيە سىزنىڭ يېنىڭىزدىكەندە؟

_ ھەئە، مېنىڭ يېنىمدا، لېكىن ھازىرچە كەلمەي تۇر، ھازىر ئۇنىڭ ئاچچىقى تېخى يانمىدى.  ئاچچىقى يانغاندا ئاندىن كېلىپ ناماقۇل بول. سەن كەلگەندە مەنمۇ ئوبدان ئەدىپىڭنى بېرىپ قويمىسام بولمايدۇ.

بىر نەچچە كۈننى خۇددى بىر نەچچە يىل، بىر نەچچە ئەسىرنى ئۆتكۈزگەندەك ئۆتكۈزدۈم. ئۇ كېتىپ ئالتىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالكونغا چىقسام قار يېغىپتۇ. چوڭ دادامدىن ئۇچۇر كەلدى.

_«ھەي بەڭۋاش، بۈگۈن ساماۋەر شورپىسى يەيلى دەپ تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇ يەردىمۇ قار ياغدى، نەرسە كېرەك ئەكىلىشمۇ ئەپسىز، قالغان ئىش ساڭا قالدى ئەمىسە».

تېلېفوننى قويۇپلا كىيىملىرىمنى كىيىپ تاللا بازىرىغا يۈگۈردۈم....

چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ماڭا نازىيە ئىشىك ئېچىپ بەردى...

تاماق يەۋاتقاندا چوڭ دادام بىر مۇنچە كونا سۈرەتلەرنى ئېلىپ چىقتى، ئارىدا بىرى ئۆتكۈر بىلەن نازىيەنىڭ كىچىكىدە چۈشكەن سۈرىتى ئىكەن، چوڭ دادام شۇ چاغنى ئەسلەپ، ئۇلار ئۆي كۆچىمىز دېگەندە ئۆتكۈرنىڭ كۆچمەيمەن دەپ يىغلاپ تۇرىۋالغانلىقىنى دەپ بەردى. ھەممىمىز ئوڭايسىزلاندۇق، ياق، توغرىسى مەنلا يالغۇز ئوڭايسىزلانغان ئىدىم.

تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ قار ئېتىشتۇق.  مەن ئۇنىڭغا مۇراسىمدا رازىيەنى كۆرگەن ئىشىمنى  دەپ بەردىم، ئۇمۇ قانداق بولۇپ ھەسەننىڭ ماشىنىسى بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى دەپ بەردى. گەپ ئارىلىقىدا ئۇ مەندىن ھېلىقى يەر توغرىلىق سورىدى، ھېلىقى كۈنى ھەسەن نازىيە ئارقىلىق ماڭا تەھدىت سېلىپ ئۇ يەرنى سورىمىغان بولسىمۇ مەن يەنىلا بېرەتتىم. چۈنكى ئائىلىمىز ھەسەننىڭ ئائىلىسىگە قەرز، لېكىن بۇنى ئۇنىڭغا دېسەم بولمايتتى. ئەينى يىلىدىكى ئىش توغرىلىق ئۇنىڭ بىلىدىغانلىرى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى.  شۇنداق قىلىپ ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىق يېشىلىپ ئۆتكۈر، نازىيە، مەن ئۈچىمىز بىللە قايتتۇق.

......

شېرزات چىقتى. مەن ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ نازىيەنى ئىزدەپ بارىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن.  شۇ كۈنى قېلىن قار ياغدى،  نازىيە خېلى كەچ بولغىچە قايتىپ كەلمىدى، تېلېفن قىلسام ئۇلانمىدى، ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم. ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئاچچىقىدا چوڭ دادامنىڭ يېنىغا كەتكىنى ئېسىمگە كەلدى، لېكىن بۇ قېتىم ئۇنى خاپا قىلىپ قويمىغان تۇرسام.  يېرىم كېچىگىچە ئۇنى ئىزدىگۈدەك يەرنىڭ ھەممىسىدىن ئىزدىدىم، ئەمما تاپالمىدىم.  يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا شېرزات كەلدى، ئۇ نازىيەنىڭ تېلېفونىنى بېرىپ، ئۇنى تاغقا ئېلىپ چىققان ئىشنى ئېيتىپ بەردى. ئەسلى ئۇنىڭ تازا بىر ئەدىپىنى بەرگۈم بار ئىدى، لېكىن شۇنچە سوغۇقتا نازىيەنىڭ يالغۇز قالغىنىنى ئويلاپ ۋاقىتنى سوزغۇم  كەلمەي ئۇنى ئىتترىۋېتىپلا سىرتقا چاپتىم. لېكىن تاغ يولى توسۇۋېتىلگەن، ھاۋا سوغۇق، نازىيەنىڭ تېخىچە تاغدا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم. دەرھال گۈرجەك تېپىپ كېلىپ قارنى تازىلاپ ماڭغۇدەك يول ئاچتىم، شېرزاتمۇ بىر نەچچەيلەننى چاقىرىپ تازلىشىپ بەردى. تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا مەخسۇس قار تازىلايدىغانلار كەلدى.  تاغقا چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم، تاغدا بىر كېچە قالدى، ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراقتۇ  دەپلا ئويلايتتىم.

نازىيەنى ئاخىرى تاپتىم، ھەسەنمۇ بار ئىكەن، ھەسەننىڭ بىر پۇتى يارىلىنىپتۇ. نازىيە شېرزاتنى كۆرۈپلا بىر شاپىلاق ئۇردى. ئۇ ئاچچىقتىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى. شېرزاتنىڭ تۆنۈگۈن كەچتە دەپ بەرگەنلىرى بىلەن نازىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭ تۆنۈگۈن كېچىنى قانچىلىك ئىلاجسىزلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆزۈمگە قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، مەنمۇ ئەر كىشى بولدۇممۇ؟ ئۆز ئايالىمنىمۇ قوغدىيالماي يۈرسەم. ماشىنا تاغ باغرىدا توختىتىغلىق ئىدى، نازىيەنى تاغدىن يۈدۈپ ئېلىپ چۈشتۈم. يولبويى بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدۇق، كېيىن ئۇ ھەسەن بىلەن ئارىسىدا ھېچقانداق ئىش يوقلۇقىنى ئېيتتى، مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. جىم تۇرىۋېلىشىم ئۇنىڭغا خاپا بولغىنىم ئەمەس، بەلكى قورققانلىقتىن ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى ئىزدەپ تاپالماي قالسام قانداق قىلارمەن؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كېتەرمۇ؟

شېرزاتنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئائىلە يىغلىشىدا نازىيە بارمىدى، مەنمۇ ئۇنى زورلىمىدىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ بارغۇم يوق ئىدى. تاماق ئۈستىلىدە ئاساسەن ئايگۈل ھەدەمنىڭلا ئاۋازى، ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتاتتى، ئېنىقكى ئۇ شېرزاتنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن بەكلا خوش بولغاندەك قىلاتتى. گېلىمدىن تۈزۈك بىر نىمە ئۆتمىدى، ئۇزۇن ئولتۇرمايلا قايتتىم. نازىيە مېھراينىڭ يېنىغا كەتكەن، شۇ يەردە قونۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ ئايقىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شېرزاتنىڭ بالىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، بىلسەم بىلمىسەم بۇ ئاپىسىنىڭ كۆرسەتمىسى. مېھراي يىغلاپ تۈگىشىپلا كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، ساقچىغا مەلۇم قىلدىم، ھازىر بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئۇ خوتۇننىڭ خىيالى بالا ئارقىلىق مېھرايغا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى ئايرىۋېتىش. مەن مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەرنى بەك يامان كۆرىمەن. بۇرۇن مەن شېرزاتنىڭ دادامنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىپمۇ باققان، ئەمدى قارىسام گۇمان قىلىشنىڭ ئورنى يوقكەن، مىجەزىدىن تارتىپ دادامنى كىيىپلا چىقىپتۇ.

ساقچىلار كەلگەندىن كېيىن ئۇلار بالىنى ئېپ چىقىپ بەردى. مېھراي بالىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن شېرزات متوتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ ئۇچقاندەك كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ تۇتۇشۇپ قالدىم، نازىيەمۇ ماشىنىدىن چۈشتى،  شېرزات ھە دەپ نازىيەگە ھاقارەت قىلاتتى. نازىيە ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ نىمىگە جىددىيلىشىۋاتقىنىنى بىلىمەن، ئۇ مېنىڭ شېرزاتنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ھەسەن ئىككىسىدىن گۇمان قىلىپ قېلىشىمدىن قورقىدۇ. ئاخىرى نازىيە مېنىڭ ماشىنامنى ھەيدەپ ماڭدى. ئۇ تېخى پراۋا ئالمىغان، ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى يوق دىيەرلىك. ئاخىرى ۋەقە چىقىپ ماشىنا توختىدى. ئۇ ھۇشىدىن كېتىپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى يىنىك يارىلىنىپتۇ. لېكىن ئۇ پراۋىسىز ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغاچقا بىر تەرەپ قىلىش بەكلا تەسكە چۈشتى. قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن چىققان چېغىمدا بىر نەچچە لۈكچەكلەر بىلەن سۈركىلىشىپ قېلىپ ئۇرۇشۇپ كەتتىم، ئارىدىكى بىرى پىچاقنى چىقىرىپ بېغىشىمغا تىقىۋەتتى.  ساقچىلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپلا ھېلىقى لۈكچەكلەر قېچىپ كەتتى. ساقچى ئىدارىسىدىن چىققان چېغىمدا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، ساقچىلار مېنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولغان ئىدى، ئۇنىمىدىم.  قولۇمدىن قان ئېقىۋاتقىنىغا قارىماي دوختۇرخانىغا نازىيەنىڭ يېنىغا ماڭدىم.  يولدا كېتىۋېتىپ بايىقىلار بىلەن سۈركىلىشىپ قالغىنىمنى ئويلىدىم، بۇ ئىش بۈگۈنلا بولغان ئەمەس،  مەن ھەر قېتىم يول قويۇپ كېلىۋاتقان.  قارىغاندا بۇ ئىش ئادەتتىكى مۇنداقلا سۈركىلىپ قېلىش ئەمەستەك قىلاتتى. دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇدۇل ئۆتكۈرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.

_ نازىيەنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن.

_ نىمىشقا؟

_ مەن سىرتتا دۈشمەنلىك بولۇپ قالدىم، سەنمۇ ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇشىنى خالىمايسەنغۇ دەيمەن _ ئۆتكۈر قولۇمغا قارىدى.

_ قولۇڭغا نىمە بولدى؟

_ ئېغىر ئەمەس.

بالنىستنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم، قولۇمدىن قان تامچىلاپ ئېقىۋاتاتتى. بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئىشىكنى ئىتتىرىپلا كىردىم.  ھەسەن چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.

_ ئالىمەن دېگىنىڭنى بەردىم، ئادەم دېگەن ئۇنچىۋالا ئاچكۆز بولمايدىغان.

_ بەزى نەرسىلەرنى سەن قەدىرلىيەلىسەڭ باشقىلار ئېلىۋالىمەن دەپمۇ ئېلىپ كىتەلمەيدۇ. قەدىرلىمىسەڭ لىۋىڭنى چىشلەپ قالىسەن.

ھەسەننىڭ دېگىنى توغرا، شۇڭا نازىيەنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن دەپمۇ ياخشى قىپتىمەن. نازىيە مەندىن نىمىشقا مېنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كېلىسىز دەپ سورىۋىدى، مەن يېنىمدا تۇرسىڭىز خاتىرجەم بولىدىكەنمەن دېدىم. بۇ كۆڭلۈمدىكى گېپىم ئىدى.

_ ماڭا بىر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن قورقتىڭىزما؟

_ ھەئە. مېنىڭ سىز بىلەن ئۇزۇنراق بىللە ياشىغۇم بار.

مەن راستلا قورقىمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامالسىز قېلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن.


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k