
بۇ ئەسەرنىڭ 172-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171-قىسىم
مەنۋەر ئىنتايىن ھىيلىگەر نىمىكەن، شۇنچە يىللاردىن بۇيان پەقەت قويرۇقىنى تۇتقۇزمىدى. تايىرنى تۇتقاندا ئۇلارنى مەنۋەر بىلەن ئالاقىسى بار بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمان بار ئىدى، ئەمما ساقچىلار ھازىرغىچە ئىز دېرىكىنى قىلالمىغان، ھەم ھېچقانداق ئىسپات تاپالماي كەلگەن ئىدى، بۇ قېتىم ئاران دېگەندە ئۇنىڭ سودا قىلىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر كەلگەندە ئۇنى قاچۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۆھرەتكە كەلسەك ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى مەن بىلىمەن، ئۇ بار جاينىڭ ئەتراپىغا كۆزىتىشكە ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇق، ئەمما بىرەر گۇمانلىق ئادەمنىڭ ئۇ تەرەپكە ئۆتكىنى بايقالمىدى. بەلكىم شۆھرەتنىڭ مەنۋەر بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەنۋەرنىڭ سودا قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتنى تاللىشىدىكى سەۋەب ئۇ ھازىر ساقچىلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن شۆھرەتنى ئىزدەۋاتقىنىنى بىلىدۇ، شۇڭا توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلماقچى بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئالىمغا ئۇچۇر قىلدىم.
_ «نازىيە باردۇ؟»_ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكەتتە ئەنسىرەيدىغىنىم ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى.
_«ماشىنىدا. ئۆيگە ئاپىرىپ قوياي دەپ ئېلىپ ماڭدىم. يولدا ماشىنا توسۇلۇپ تۇرۇپ قالدۇق.»
_ ئۇنى بىخەتەر ئۆيگە يەتكۈزۈپ قويغىن، ئاندىن ئىشنى باشلايلى»
_«خاتىرجەم بولۇڭ».
تەنھا بۈركۈتنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئۇلار نەچچە كلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ئارامگاھتا سودا قىلىدىكەن. مەن كومپيۇتېرنى ئېتىۋېتىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇردۇم. بىزدەك ئىش قىلىدىغانلارنىڭ بەزىدە پۈتۈن بىر ئۈمرىمىز بىر ئادەمنى تۇتۇش بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا پۇرسەت كەلگەندە مەيلى ھەرقانچە چوڭ خەۋپ خەتەر بولسۇن، تەييارلىقىمىز تولۇق بولسۇن بولمىسۇن چوقۇم تۇتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى پۇرسەت بىر كەتسە بەلكىم مەڭگۈ كەلمەسلىكى مۇمكىن. سائىتىمگە قارىدىم، يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن يولغا چىقسام بولىدىكەن. شىركەتتىن چىقىپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردۇم، ئالىم نازىيەنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ يېنىمغا كەلمەكچى بولغان ئىدى. « سەل تۇرۇپ نازىيەگە تېلېفون قىلىپ، تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ، ۋاقتىدا ئۇخلاڭ، مېنى ساقلىماڭ، مېنىڭ مۇھىم يىغىنىم بار دەيمەن. ياق، يىغىن دېگەن بىردەمدە تۈگەيدۇ، كوماندروپكىغا چىقىمەن دەي. ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىپ قايتىپ كېتەلمەي قالسام نازىيە مېنى ساقلاپ كەتمەمدۇ؟ » ئەمدى تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاي دەپ تۇرسام ئالىمدىن تېلېفون كەلدى.
_ نازىيە يوقاپ كەتتى. _ بۇنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
_ بۇ نىمە گەپ؟ _ ئۆزۈمنى ئامال بار تۇتىۋېلىشقا تىرىشىۋاتاتتىم.
_ بايا تاماكا ئېلىۋالاي دەپ تاللا بازىرىغا كىرىپ چىقساملا ئۇ ماشىنىدا يوق تۇرىدۇ، تېلېفون قىلسام ئۈزۈلۈپ كەتتى، كەينىدىن پەقەتلا ئۇلانمىدى، ئۇنى باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن.
_ ئۇنى ئۆزۈم ئىزدەي، سەن ئەسلى پىلان بويىچە ھەرىكەتنى باشلاۋەر! _ ئالىمنىڭ تېلېفۇنىنى قويۇۋېتىپ نازىيەگە تېلېفون قىلسام تېلېفونى ئىتىك. بىردەم ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن تېلېفونۇمدىن ئورۇن بەلگىلەش يۇمشاق دېتالىنى ئاچتىم، ئۇنىڭ بوينىدا مەن سوۋغا قىلغان زەنجىر بار بولسىلا ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلەيتتىم.
تېلېفون ئىكرانى ئۇنىڭ ئورنى بىر تاغنىڭ باغرىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. دەرھال ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدىم، لېكىن ھازىر دەل قاتناشنىڭ قىستاڭچىلىق مەزگىلى بولغاچقا ھېلى ئۇ يەردە، ھېلى بۇ يەردە ماشىنىلار توسۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن. دەسلەپتە نازىيەنىڭ ئورنى مىدىرلىماي تۇرغان ئىدى، ئەمدى تاغنىڭ ئۈستىگە قاراپ يۆتكىلىشكە باشلىدى. قاتناش قىستاڭچلىقى پەسىيەي دېمەيتتى. ماشىنىنى بىر يەرگە توختىتىپ پيادە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا تېلېفونۇمغا بىر ناتۇنۇش نومۇردىن تېلېفون كەلدى.
_ ئۈمىد، خوتۇنۇڭ بىلەن ئاشناڭ بىزنىڭ قولىمىزدا، ئۇلارنى تىرىك كۆرەي دېسەڭ ئۆزۈڭ يالغۇز كەل، ئېسىڭدە بولسۇن، يالغۇز كېلىسەن، بىزگە كاللا ئوينىتىمەن دەيدىغان بولساڭ بۇ ئىككىسىنى تەڭلا قىيادىن تاشلىۋېتىمەن.
_ سىلەرگە قانچە پۇل كېرەك؟_ دېدىم مەن ئۇدۇللا.
_ پۇل؟ ھەسەن ئاكامدا پۇل كەم ئەمەس. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تېز كەل. _ ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بار يېرىنى دەپ بەردى، ئۇنىڭ دېگىنى تېلېفوندىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان جاي بىلەن بىر ئىدى. ئاران دېگەندە قىستاڭچىلىقتا قالغان ماشىنىلارنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ ماينى قۇلاققىچە دەسسەپ ئۇچقاندەك ھەيدىدىم.
نازىيە بىلەن رازىيەنىڭ باغلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ھەسەن مەندىن نازىيە بىلەن رازىيەدىن بىرنى تاللاپ ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقاندا مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئىدىم. ئۇلارغا گەپ قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن ئىدى، نازىيە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، لېكىن رازىيە يىغلاپ يالۋۇرۇپ ئۆزىنى ئېلىپ كېتىىشمنى ئۆتۈندى. ئەلۋەتتە مەن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايمەن، ئەگەر چوقۇم بىر ئادەم ئۆلۈشى كېرەك بولسا مەن ئۆلۈشكە رازى ئىدىم.
ھەسەننىڭ يېقىندا مومىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنىنى بىلىمەن، يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمنىڭ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭ نازىيەنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ نازىيەنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلىدۇ. ئەمما رازىيە قېپ قالسا بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمايمەن. رازىيە توختىماي ماڭا يالۋۇرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۆلگۈسى يوقكەن، ئەمما نازىيە يەنىلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىملا تۇرىدۇ. بىلىمەن، مېنىڭ تاللىشىمدىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاغرىدى، بىراق ماڭا ھازىر بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. مەن رازىيەنى ئېلىپ ماڭغۇچە نازىيە بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭ مەندىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگىنىنى ھېس قىلالايمەن.
ئۆزۈمنى تەستە بېسىۋېلىپ سائىتىمگە قارىدىم، مەنۋەرنىڭ سودىسى باشلىنىدىغان ۋاقىتقا ئازلا قالغان ئىدى. تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئالىمغا تېلېفون قىلاي دەپ قارىسام توكى تۈگەپ كېتىپتۇ. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايتتى، شۇنىڭ بىلەن رازىيەنى ئېلىپلا تاغدىن پەسكە قاراپ ھەيدىدىم. ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كېتىۋاتاتتىم، بۇ ۋاقىتنىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغىنىمغا ئۆزۈمگە ئۆزۈم قاتتىق ئاچچىقىم كېلىپ كېتىۋاتاتتى. رازىيە قورققىنىدىن ۋاقىرىۋەتتى،
_ ئۈمىد ئاكا، ئاستىراق، نىمانچە تېز ھەيدەيسىز؟
بىز كېتىۋاتقان تاغ شەھەرنىڭ جەنۇبىدا، مەنۋەر سودا قىلىدىغان جاي شەھەرنىڭ شىمالىدا، دەلمۇ دەل قارشى يۆنىلىش ئىدى.
_ ئۆزىڭىز مېنى ئېلىپ كېتىڭ دېدىڭىز، ئەمدى نىمە كۆرسەك تەڭ كۆرىمىز.
_ ئۈمىد ئاكا، نىمە بولدىڭىز؟ مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، بۇنداق قىلماڭ. مېنىڭ راستلا بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكۈم يوق.
ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. شەھەر مەركىزىگە بارغاندا ماشىنىنى توختاتتىم.
_ چۈشۈڭ! _ رازىيە ئالاقىزادە بولغان ھالدا ماشىنىدىن چۈشتى.
_ ئۈمىد ئاكا، سىز قەيەرگە بارىسىز؟
ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي ماشىنىنى قوزغىتىپلا كېتىپ قالدىم. ئارامگاھقا ئاز قالغاندا يېقىنلا يەردىن بىر ئايال چىقتى ۋە مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى. مەن يېقىنلاپ كەلگەندە ماشىنامغا ئارتىلىپلا قۇسۇۋەتتى. ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈردۈم.
_ بارماڭ، يالغانكەن! _ ئايال پەس ئاۋازدا ماڭا شۇنداق دەپ قويدى ۋە ئاۋازىنى كۆتۈردى.
_ كەچۈرۈڭ، ماشىنىڭىزنى بۇلغاپ قويدۇم. ماشىنىڭىزنى يۇيىدىغان پۇلنى مەن چىقىراي_ ئايال شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن نەچچىنى چىقاردى ۋە ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئاتتى. ئۇ كەينىگە نەچچە قەدەم يېنىپ كېتىۋىدى، ماشىنىدىن چۈشۈش نىيىتىمدىن يېنىپ ماشىنىنى ھەيدىگەن پېتى سەل نېرىغا بېرىپ توختىدىم.
_ تۇرسۇئاي، نىمە بولدىڭىز؟ ھەسەن ئاكام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭلارما؟ ھاراق ئىچكەن ئوخشىمامسىز؟ _ ماشىنىنىڭ كەينى ئەينىكىدىن بىر ئەرنىڭ چىقىپ بايىقى ئايالنى يۆلەۋاتقىنىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئىسمى تۇرسۇنئاي ئىكەندە.
_ ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماڭ.
_ راستلا ئۇرۇشۇپ قاپسىلەردە، يۈرۈڭ، ئىچىگە كىرىپ كېتىڭ، ئاغرىپ قالسىڭىز ھەسەن ئاكامنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
تۇرغان يېرىمدىن ئايرىلدىم. شەھەر رايونىغا كىرگەندىن ماشىنىنى ئەپلىك بىر جايغا توختىتىپ دېرىزىنى چۈشۈرۈپ ئولتۇردۇم. قارلار خېلىلا ئېرىپ قالغان ئىدى، ھاۋامۇ ئۇنچىۋالا سوغۇق ئەمەس، ئەمما نىمىشقىكىن مەن بەك توڭلاپ كېتىۋاتاتتىم. بىر قاپ تاماكىنى چېكىپ تۈگەتكەن چېغىمدا ئالىم ماشىنىغا چىقتى.
_ بۈگۈن ئۇلار راستلا ئارامگاھقا بېرىپتۇ، لېكىن سودا قىلمىدى، مەنۋەر ئۇنى بىر قېتىملىق زىياپەتكە ئۆزگەرتىۋەتتى. قارىغاندا ئۇ تەنھا بۈركۈتتىن گۇمانلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ، پەمىمچە ئۇ بۇ قېتىم قەستەن يالغان خەۋەر تارقىتىپ تەنھا بۈركۈتنى سىنىغان بولسا كېرەك.
دېمەك بىر يالغان خەۋەر ئۈچۈن مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمنى تاغدا تاشلاپ قويۇپ كەپتىمەن دە.
_ تەنھا بۈركۈت ئۇلارنىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ. تۇرسۇنئاي خەۋەرنى بىلگەندە بىزگە ئۇقتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قاپتۇ. بۈگۈن كەچ ئۇلار ئۇ يەرنى كۆتۈرە ئېلىۋاپتۇ، شۇڭا ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئادەملىرىدىن باشقا ئادەم يوق. مەنۋەر بەكمۇ ئېھتىياتچان ئادەم، كىرگەن ھەرقانداق ناتۇنۇش ئادەمگە دېققەت قىلىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى مېنىڭ بىر تۇققىنىم شۇ يەردە ئاشپەزلىك قىلىدىكەن، مەن كىرگەندە تۇققىنىم مېنى كۆرۈپ سالام قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەنۋەرمۇ مەندىن گۇمان قىلمىدى بولغاي. بىردەمدىن كېيىن سىرتتا ئاشپەزنى چاقىر دېگەن گەپلەر بولۇندى، مەن چىقسام تۇرسۇنئاي بىر تەخسە توخۇ قورۇمىسىنى كۆرسىتىپ پۇراپ قالغان گۆشتە قورۇما قورۇپسىلەر دەپ ئالدىمغا كەلدى، ئاندىن ماڭا مەنىلىك قارىشىدىن ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنىپ قالغانلارغا چېكىنىش توغرىلىق ئۇچۇر قىلىۋەتتىم. سىزگىمۇ دەپ قوياي دەپ تېلېفون قىلسام تېلېفونىڭىز ئىتىك، ھېلىمۇ ياخشى سىز كېچىكىپ كېلىپسىز. بۈگۈن كەچتە بىزمۇ ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغاچقا مەنۋەر تەنھا بۈركۈتتىن ئەمدى گۇمان قىلماسلىقى مۇمكىن. خاتالاشمىسام ئۇ مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە ھەرىكەتنى باشلايدۇ. ھە راست، نازىيەنى تاپتىڭىزمۇ؟
كۆزۈمنى يۇمۇپ ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا يۆلەندىم.
_ ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇنىڭ يۈرىكىنى، مۇھەببىتىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.
_ كەچۈرۈڭ، بۈگۈن مەندىن كەتتى_ دېدى ئالىم.
_ ياق، بۇمۇ بولغىنى، مەندىن يىراق تۇرسا، خەۋپ خەتەردىنمۇ يىراق تۇرىدۇ. ھە راست، بىر نەچچە كۈنگىچە تەنھا بۈركۈت بىلەن ئالاقىلاشمايلى، تۇرسۇنئاي بىلەن تەنھا بۈركۈتنىڭ خەۋىرىنى كۈتەيلى.
ئالىم ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن نازىيەنى قويۇپ قويغان جايغا يەنە باردىم، ئەمما ھېچكىم يوق. ئۆيگە كىرسەم ھەممە يەردە ئۇنىڭ سىماسى، كارىۋات بېشىدا ئۇخلاش كىيىمى قاتلاپ قويۇپ قويۇلغان. ئاستا بېرىپ ئۇنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنى قولۇمغا ئالدىم، مۇزلاپ كېتىپتۇ، دېمەك ئۇ بولمىسا ھەممە نەرسە سوغۇق بولۇپ كېتىدىكەن، ھەتتا بۇ ئۆيمۇ. «مەلىكەم، مېنى كەچۈرۈڭ، ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بېرىڭ!»
ئالىمنىڭ پەرىزى توغرىكەن، مەنۋەر سودىنى ئەتىسى يېرىم كېچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئورنى يەنە ھېلىقى ئارامگاھ ئىكەن. مەن كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ، بېلىمگە بىر تال پىچاق ۋە تاپانچامنى قىستۇرۇپ تەييار بولدۇم، مەن ئۆزۈمنىڭ ماشىنامنى ھەيدىمىدىم، ئالىم ئادەتتىكى «داجۇڭ» ماشىنىدىن بىرنى ھەيدەپ كەلدى، بۇ باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىپ كەتمەيتتى. ساقچىلارمۇ ئۇ يەرگە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. بىز ئارامگاھقا نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان جايدا توختىدۇق. ئۇلار سودىنى سائەت بىردە باشلىماقچى ئىكەن، مەنۋەر شۇنداق ھىيلىگەر، بەلكىم ۋاقىتنى خاتا دەپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىز ھەر ئېھتىمالغا قارشى تولۇق تەييارلىق ھالەتتە تۇردۇق، ئارامگاھنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىگىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىنى تۇرغۇزغان ئىدۇق. سائەت 11، ئارامگاھنىڭ ئىچى يەنىلا شۇنداق قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە، بىرەيلەن زوق _ شوق بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. سائەت 12 دە ئىككى دانە قارا رەڭلىك پىكاپ ئۇچقاندەك كېلىپ ئارامگاھقا كىرىپ كەتتى. دۇربۇن بىلەن قارىدىم، ماشىنىدىن بىر نەچچەيلەن چۈشۈپ ئەتراپقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى. 12 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ئارامگاھنىڭ ئىچىدە ۋاراڭ چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئىكى ئادەم ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ بىر ماشىنىنىڭ يېنىغا يۈگۈردى.
_ مەنۋەر شۇ! _ دېدى ئالىم. كەينىدىنلا بىر نەچچە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى يۈگۈرۈپ چىقىپ ساقچى ماشىنىسى بىلەن كەينىدىن قوغلىدى.
_ قوغلايلى! _ دېدىم مەن.
ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ چاقىغا باشتىلا بىرەر نەرسە تىقىۋېتىلگەنمۇ قانداق، ئېتىلىپ كېتىپ ماشىنا قىيسىيىپ كېتىۋاتاتتى. ماشىنا تېخى توختىماي تۇرۇپلا ئىچىدىكى ئادەم ماشىنىدىن دومىلاپ چۈشۈپ يان تەرەپتىكى قىياغا چۈشۈپ كەتتى. مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ مەنۋەر قاچقان يۆنىلىشكە قاراپ يۈگۈردۈم، ساقچىلارمۇ كەلدى.
_ مەنۋەر، ئەڭ ياخشىسى يۇۋاشلىق بىلەن چىق، ئەمدى ھېچيەرگە قاچالمايسەن.
مەنۋەر بىلەن شىرىكى پەس تەرەپتىكى تاشيولغا چۈشۈپ جېنىنىڭ بارىچە ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى. ساقچىلارمۇ كەينىدىن قوغلىدى.
_ مەنۋەر، توختا، توختىمىساڭ ئوق چىقىرىمەن.
تۇيۇقسىز يىراقتىن ماتورنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مەنۋەر ئالدىدىكى ئۈچ كوچا ئېغىزىغا كەلگىنىدە ئىككى موتوسىكىلىت ئىككى تەرەپتىن كەلدى، قارشى تەرەپتىكى موتوسىكىلىت ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى، دەل مۇشۇ چاغدا ئايلانمىدىن چۈشكەن موتوسىكىلىت ئۇدۇل بېرىپ مەنۋەرنى يەرگە يىقىتتى، شىرىكى دەرھال مەنۋەرنى يۆلىدى.
_ ئاكا، ئاكا، قانداقراق؟
مەنۋەر يۈرىكىنى تۇتۇپ، «تۈف» قىلىپ بىر پارچە قان تۈكۈردى ۋە غەزەپ بىلەن موتوسىكىلىت مىنىۋالغان ئادەمگە قارىدى.
_ ھەسەن، مېنى سېتىۋەتكەن سەن ئىكەنسەن دە. _ مەنۋەر تۇيۇقسىز يېنىدىن بىر تاپانچا چىقىرىپ ھەسەنگە قارىتىپ ئاتتى، ھەسەن موتوسىكىلىتتىن دومىلاپ چۈشۈۋالغاچقا ئوق ئۇنىڭغا تەگمىدى. ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن كەلگەن ئادەم بولىۋاتقان ئىشلاردىن قورقۇپ كەتكەن چېغى، موتوسىكىلىتنى جىددى تورمۇزلاپ كەينىگە بۇرۇلۇشقا تەييارلاندى. لېكىن ئۇ كېچىككەن ئىدى، مەنۋەر كەينىگە نەچچە قەدەم چېكىنىپ ھېلىقى ئادەمنى موتوسىكىلىتتىن تارتىپ چۈشۈرۈپ بېشىغا تاپانچا تەڭلىدى.
_ قايسىڭ يېقىن كېلىدىغان بولساڭ ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتىمەن.
ساقچىلارمۇ جايىدىلا توختاپ قالدى. موتوسىكىلتنىڭ كەينىدە نۇرغۇن ئۆردەكلەر بار بولۇپ، ئەتىگەندە بازارغا ماڭغان بىرى بولسا كېرەك. ئۇ ئادەم بەكلا قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ مەنۋەرگە يالۋۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
_ مېنى قويۇۋېتىڭ ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن بىر ئاددى دېھقان، ئۆيدە ياشانغان ئاپام بىلەن بالىلىرىم بار.
_ ئاغزىڭنى يۇم.
ساقچىلار يېقىنلىشىشقا پېتىنالماي ئۇنى گەپ بىلەن قايىل قىلماقچى بولدى.
_ مەنۋەر، بۇنداق قىلىۋەرسەڭ ئۆزۈڭگە پايدىسىز. تاپانچىنى تاشلاپ تەسلىم بول.
ئۇ قولىدىكى تۇتقۇننى توسۇپ تۇرۇپ موتوسىكىلىتقا مىندى، شىرىكىمۇ چاققانلىق بىلەن سەكرەپ چىقىپ ئۇنىڭغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇردى، ئۇلار تۇتقۇننى ئالدىغا قىلىپ بېشىغا تاپانچىنى تەڭلىدى.
_ بىھۇدە قان تۆكۈلمىسۇن دېسەڭلار جايىڭلاردا جىم تۇرۇڭلار. بىز بۇ يەردىن كېتىۋالساقلا ئۇنى قويۇۋېتىمىز. _ ئۇ شۇنداق دەپ موتوسىكىلىتنى ئوقتەك ھەيدىدى، بىر موتوسىكىلىتقا ئۈچ ئادەمدىن باشقا كەينىگە بىر مۇنچە ئۆردەكلەر تېڭىلغان بولغاچقا تەبىئىيلا قىسىلىپ قالغان ئىدى، بىردەمدىن كېيىن تۇتقۇن سېرىلىپ چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ تۇتقۇن بىلەن كارى بولماي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. تۇتقۇننىڭ قۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەن ساقچىلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. مەن ھەسەن مىنىپ كەلگەن موتوسىكىلىتنى مىنىپ كەينىدىن قوغلىدىم. مەنۋەرنىڭ كەينىدە ئولتۇرغىنى ھە دەپ ماڭا ئۇنى بۇنى ئاتاتتى، مەن موتوسىكىلىتنى S خېتى شەكلىدە ھەيدەپ ئۇ ئاتقان نەرسىلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز بېغىشىمغا بىر پىچاق كېلىپ تىلىۋېتىپ ئۆتۈپ كەتتى. چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردىم. ئالدى تەرەپتە جىددىي قايرىلىدىغان جايغا كەلگەندە يولدا ياتقۇزۇپ قويۇلغان موتوسىكىلىت يولۇمنى توستى، بۇ ئۇلار مىنگەن موتوسىكىلىت ئىدى، مەن دەرھال تورمۇز قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۇ موتوسىكىلىتقا سوقۇلۇپ ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتتىم. ئوڭ تەرەپتىكى قىيادا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئىككى ئادەمنى ئاران ئىلغا قىلالىدىم، يېنىمدىن تاپانچامنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتىم. كەينىدىكىسى تىزلىنىپ قالدى، مەن ئىككى سەكرەپ بېرىپ ئۇنى يەرگە باستىم. ساقچىلارمۇ كەينىمدىن كېلىپ ئۇنىڭ قولىغا كويزا سالدى. لېكىن مەنۋەر قېچىپ كەتتى، ساقچىلار شۇ ئەتراپنى بىر كېچە ئىزدەپمۇ ئۇنى تاپالمىدى. مەنۋەردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى قولغا چۈشتى. ساقچىلار مېنى يۆلەپ يول بويىغا ئەچىققاندا ئالىم ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ بولغان ئىدى. ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ھەسەننى كۆرۈپ قالدىم.
_«تەنھا بۈركۈت».
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















