大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 147 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 147  - قىسىم aybarawazi
2023-11-05
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 148-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

147-قىسىم  


   ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ئاغزىدىن ئەينى يىلى يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا تىترەپ كەتتىم، شېرزات بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىردەم ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قالدى، كەينىدىن ھالسىزلانغان بىر ھالەتتە ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلەندى. سوت ئاخىرلاشتى، نەتىجىدە ئابلەت ئەپەندىم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، ئايگۈل ھەدەم 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئايگۈل ھەدەم يىغلاپ كەتتى، ئەمما ئابلەت ئەپەندىم باشتىن ئاخىر شۇنچىلىك تەمكىن تۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا مەيدىسىنى كېرىپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇنى ئېلىپ ماڭغان چاغدىمۇ سالماق قەدەم بىلەن چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كېتىۋاتقاندا بىز تەرەپكە قارىدى، كۆزى ئۈمىدكە چۈشكەندە بىردەم تۇرۇپ قالدى، ئۈمىدنىڭ دادىسىغا قاراشلىرىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ ھېسسىيات باردەك قىلاتتى. 

_ شېرزات، جېنىم بالام!_ ئايگۈل ھەدەم شېرزاتقا قاراپ ۋارقىرىدى. شېرزات ئورنىدىن ئاستا تۇردى، ئۇ ئاپىسىنىڭ چاقىرىشلىرىغا پەرۋامۇ قىلماي  سوت مەيدانىدىن يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كەتتى. ئايگۈل ھەدەم بالىسىنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدى. مەن كۆز ئالدىمدا بولىۋاتقان بۇ ئىشلارغا ھېچ ئىپادىسىز قاراپ تۇراتتىم، ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىدا ئۇلار مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك ئىدى. 

سوت مەھكىمىسىدىن چىققاندا شېرزاتنىڭ پەلەمپەيدە يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم، ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قانداق قارىشى، نىمە دىيىشى  پەرۋايى پەلەك ھالدا ھۆكىرەپ يىغلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقى ئاتا _ ئانىسى تاشلىۋەتكەن بالىغىلا ئوخشايتتى.  ھەسەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قولىنى سۇندى، ئۇ ھەسەننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئورنىدىن تۇردى. ھەسەن گەپ قىلماي ئالدىدا ماڭدى، شېرزات ئۆكسۈگەن پىتى ھەسەننىڭ كەينىدىن بېشىنى سالغان ھالدا مېڭىپ ئاخىرى ھەسەننىڭ ماشىنىسىغا چىقتى. ھەسەن ماشىنىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن ماڭا قارىدى.  بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ھەسەن بىلەن تۇردى تاغامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا ھەر ئىككىمىز ھەقىقىي ئەھۋالدىن بىخەۋەر ئىدۇق،  مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئايدىڭلاشتى، يامان ئادەملەر تىگىشلىك جازاسىنى تارتتى. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ئۇنىڭ بۇ كۈلۈشىدە ماڭا تەسەللى بېرىش، مەدەت بېرىش...ئىشقىلىپ نۇرغۇن ھېسسىياتلار ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. 

_ ماڭايلى!_ دېدى ئۈمىد قولۇمنى تۇتۇپ. 

   بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۈرمىگە ئابلەت ئەپەندىمنى يوقلاپ باردۇق. ئۇ چېچى چۈشۈرىۋېتىلگەن، ئۇچىسىغا مەھبۇس كىيىمى كىيگەن ھالەتتە ئالدىمىزغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئىلگىرىكى نەزىرى ئۈستۈن، ھاكاۋۇر ۋاقتىدىكى بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىنەتتى. ئەسلى بۇ يېشىدا ئۇنىڭ راھەت كۆرىدىغان ۋاقتى ئىدى، ئەمما....ھەي......ھەممىسىگە ئۆزى سەۋەبچى، كىمدىن ئاغرىنغۇلۇق؟ 

   دادا بالا ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇردى، ھەر ئىككىسىنڭ بىر بىرىگە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغۇسى باردەك، لېكىن يەنە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەيۋاتقاندەك تۇراتتى. ئاخىرى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ئابلەت ئەپەندىمنىڭ كۈلكىسى بۇزدى. 

_ سەن مېنىڭ بالام، لېكىن مېنى ئازراقمۇ تارتمىدىڭ. ھازىر نىمە ئويلاۋاتقىنىڭنى بىلىمەن، شۇڭا ماڭا ھېچنىمە دېمە، كىلىنىمنى چاقىر، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار.  

مەن سەل نېرىدا ئۆرە تۇرغان ئىدىم، ئابلەت ئەپەندىمنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەن بىلەن پاراڭلىشىمەن دېيىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،  يەنە كېلىپ بۇ ئۇنىڭ مېنى تۇنجى قېتى كېلىنىم دەپ چاقىرىشى.  ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئوتتۇرىمىزنى بىر ئەينەك توسۇپ تۇراتتى. 

دەسلەپتە تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى كۆرگەن چاغدا ئابلەت ئەپەندىمگە نەپرەتلەنگەن، چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدىم،  ھازىر ئۇ تۈرمىگە كىرىپ، ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن جازا ئۆتەۋاتىدۇ، ھازىر ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ئۆچمەنلىك قىلمايمەن، ھەرقانچە ئۆچمەنلىك قىلساممۇ ئەينى يىلى يۈز بەرگەن ئىشنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، دادام، ئاپاممۇ تىرىلىپ قالمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىشى بىلەن يەنىلا ئازابىم يىنىكلەپ قالماي ئەكسىچە  ئېغىرلىدى، چۈنكى ئۇنى ئۆز ئوغلى، يەنى مېنىڭ ئېرىم پاش قىلدى ئەمەسمۇ. ئۈمىد مەن ئۈچۈن ئۆچ ئالغان بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى ئاغرىدى، مېنىڭمۇ يۈرىكىم ئاغرىدى. ئابلەت ئەپەندىم مېنىڭ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى. 

_ ئۈمىد سىزنى بىرىنچى قېتىم ئۆيگە باشلاپ كەلگەندە سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا بىلىنگەن ئىدى، شۇڭا ئاستىرتتىن سىزنى تەكشۈرۈپ باقسام سىز 17 يىل بۇرۇن ماشىنا ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن نامان شوپۇرنىڭ قىزى ئىكەنسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ 17 يىلدا مەن بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىدىم، قىلغان ئىشىم كۆڭلۈمگە ئايان بولغاچقا دائىم خۇدۇكسىرەپلا يۈرەتتىم.  سىز پەيدا بولۇپ مەندىكى قورقۇنۇچ تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى، لېكىن بۇ ئىشنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. 

ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئۈمىد ئىككىمىز توي قىلغاندىن بۇيان ئابلەت ئەپەندىمنىڭ بىزنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى خۇدۇكسىرەشتىن بولغان ئىكەن. 

_ ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىشنىمۇ ئويلاشقان، چۈنكى شۇنچە يىللاردىن بۇيان مەن بەك كۆپ روھى ئازاب تارتىپ كەتتىم، كېچىسى دائىم قارا باساتتى،  لېكىن ھەر قېتىم بىر قارارغا كېلىپ بولۇپ يەنە جۈرئەت قىلالماي يېنىپ قالاتتىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئۇ چاغلاردا بەك ئاچكۆز ئىكەنمەن، مەقسىتىمگە يىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماپتىمەن،  شۇڭا ھازىر شېرزاتنىڭ ئاشۇنداق ئىشلىرىنى كۆرسەم بەك باشقۇرۇپ توسۇپ كەتمەيمەن، كۆڭلۈمدە ھەرقانداق ئەر كىشى مۇشۇنداق جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ چوڭ بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.  قىزىم، بىلىشىمچە سىز بەك ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان، كەڭ قۇرساق قىز. ئۈمىدتىن ئاغرىنماڭ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇ ئىشلارنى قىلغاندا ئۇ تېخى كىچىك ئىدى، ئۇنىڭدا خاتالىق يوق.

ئابلەت ئەپەندىمنىڭ مېنى «قىزىم» دەپ چاقىرغىنىدىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى، ئەجەبلەنگەن ۋە ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ ئورنىدىن تۇردى، ئاۋۋال ماڭا ئاندىن سەل نېرىدا ئۆرە تۇرغان ئۈمىدكە قاراپ ئاستاغىنە مېڭىپ چىقىپ كەتتى.  راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بايا چىقىپ كېتىۋاتقاندىكى ھالىتى مەن ئۇنى تۇنۇغاندىن بۇيانقى ئەڭ مەردانە ھالىتى بولسا كېرەك. 

تۈرمىدىن قايتىپ كېتىۋېتىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق، كەچلىك تاماقتىن كېيىن مەن قىزىمنى كۆتۈرۈپ ھۇجرىغا كىرىپ كەتتىم. يېقىندىن بۇيان  نەزىرە ھە دېسە غىڭشىپ بىز بىلەن بىللە ياتىمەن دەپ تۇرىۋالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى،  ئەمدى نەزىرەنى كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزۇپ تۇرسام، نەزەرنىڭ «ئاپا، ئاپا» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، بېرىپ ئىشىكنى ئاچسام ئۇ بالا باققۇچىنىڭ قولىدىن سۆرەپ بىزنىڭ ھۇجرىمىز تەرەپكە كېلىۋاتقان ئىكەن.

_ سىڭلىملا سىلەر بىلەن بىللە ياتامدۇ دەپ قىزغىنىپ قاپسەن دە، بالام.  ماقۇل، سەنمۇ بىللە يات ھە!_ شۇنداق دەپ نەزەرنىمۇ ئەكىرىپ كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزدۇم.  ئىككى بالىنى پەپىلەپ يۈرۈپ بەك تەستە ئۇخلىتىپ تۇرسام ئىشىكنىڭ ئاستا ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدىم. ئۈمىد پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كېلىپ كارىۋاتقا ئاۋايلاپ چىقىپ ياتتى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، يۈرىكىمنى بىر تاش بېسىپ تۇرغاندەك شۇنچىلىك بىئارام ئۇخلىدىم، ھېلىدىن ھېلىغا چۈچۈپ ئويغىنىپ كېتەتتىم. يېرىم كېچىدىن ئاشقان ۋاقىتتا ئۇيقۇم ئېچىلىپلا كەتتى،  قارىسام ئۈمىد ياتقان يېرىدە يوق تۇراتتى.  ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتراپىمغا قارىدىم، تۇيۇقسىز بالكوندا «چاك» قىلپ چاقماقنىڭ يېقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ساپما كەشنى كىيىپ بالكونغا چىقتىم. ئۈمىد تاماكا چېكىپ تۇراتتى. كەينىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تاماكا چېكىپ تۇرغان ھالىتى شۇنچىلىك ھەسرەتلىك كۆرۈنەتتى. ئۇ ماڭا دائىم مەندىن بىر ئىشلارنى يوشۇرىۋاتقاندەك، قاتمۇ قات قىيىنچىلىق، بېسىم ئىچىدە قىينىلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالماي تىپىرلاۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ.

_ تاماكا شۇنداق ياخشى نەرسىمۇ؟ نىمىشقا بۇنداق چېكىۋېرىسىز؟_ دېدىم مەن ئاستاغىنە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ. 

_ بەزىدە تاماكىنى ئىسىنى سۈمۈرۈش ئۈچۈنلا چەكمەيمىز.

_ ئىچىڭلار سىقىلىپ چېكىسىلەر _ دېدىم مەن ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ. 

_ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرىسىز، لېكىن ئۇنىڭ قەيىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى سورىسا دەپ بېرەلمەيسىز، ئەمما ئۇ ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن، تاماكا چېكىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش. 

_ دەۋاتقىنىڭىز مەنمۇ؟_ سورىدىم مەن. ئۇ بېشىنى بۇراپ ماڭا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ سورىدى.

_ سىزنىڭچىچۇ؟

 مەن نەدىن بىلەي؟ مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، ماڭا نىسبەتەن ئۇ ھېلىمۇ ئىنتايىن سىرلىق ئادەم. ئۇ قولىدىكى تاماكىنى چېكىپ بولۇپ:

_ يۈرۈڭ، كىرىپ كېتەيلى_ دېدى. 

ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ ئەمدىلا يورۇغان چاغ، پەستىكى مۇزىكا ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام ئۈمىد ياتقان يېرىدە يوق ئىدى. ئىشىكنى ئېچىپ ئاستاغىنە مېڭىپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتۈم. بىرىنچى قەۋەتنىڭ ھويلىغا قارىغان دېرىزىسى ئوچۇق ئىدى، دېرىزىدىن قارىسام ھويلىدا ئاق كۆينەك كىيىۋالغان بىرى قولىدا بىر گىتار تۇتۇپ تۇراتتى. مەن بۇ مەنزىرىنى بۇرۇن چۈشۈمدە كۆرگەن ئىدىم، مانا ئەمدى ئۇ يەنە ھويلىدا گىتار تۇتۇپ ئولتۇراتتى.  يەنە چۈشۈممىدۇ دەپ قولۇمنى چىمدىپ باقتىم،  ئاغرىپ كەتتى، دېمەك چۈشۈم ئەمەسكەن.  مېھمانخانا ئۆيدىن ھويلىغا چىقىپ ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئىلگىرى بىر قېتىم ئۇنىڭ گىتىرىنى تۇتۇپ قويغىنىم ئۈچۈن ئۇ تۇنجى قېتىم ماڭا ئاچچىقلىغان ئىدى، ئۆتكۈر بىلەن فەرۇق ماڭا ھېلىقى نازىيە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ گىتارنى قايتا قولىغا ئالماس بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ھازىر ئۇ گىتار چېلىپ ئولتۇرىدۇ. 

مېنىڭ كەينىدە تۇرغىنىمنى بىلىپ قالدىمىكىن، ئۇ ئاستا كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى. 

_ ئەتىگەندە سەھەردە، يولغا چىقتىم سەپەرگە ( ناخشا) _ ئۇ ناخشىسىنى باشلىشى بىلەنلا كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى.  مەن بۇرۇن بۇ ئۈمرۈمدە ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقىنىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيمەن دەپ ئويلايتتىم. ئۇنىڭ گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالىتى نەقەدەر سۆيۈملۈك. ئۇنىڭ قانچىلىك ئىچى ئاچچىق بولغىنىنى مەن ھېس قىلالايمەن، ئەمما ئۇنىڭغا قانداق تەسەللى بېرىشنى نىمە قىلىپ بېرىشنى بىلمەيمەن. مەن بەك يارىماسمۇ؟ ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ ئازابلىنىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىسەم.

ئاستا بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىدىم. 

_ مېنى كەچۈرۈڭ. 

ئۇ گىتارنى دۈمبىسىگە ئېسىپ ئېڭىكىمنى كۆتۈرۈپ مېنى ئۆزىگە قاراتقۇزدى. 

_ ياقتۇردىڭىزمۇ؟ 

مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. 

_ ياقتۇرغان بولسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئېيتىپ بېرەي. 

_ ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مەن بىر مۇزىكا ئەترىتىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، ھەتتا ھازىرغىچە ياخشى كۆرىمەن، ئۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئىسمى «تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتى»_ دېدىم مەن. 

ئۇ ھاياجاندا پىشانەمگە سۆيدى، پىشانەمگە ئىككى تامچە ئىسسىق ياش تامچىدى. 

ئىككىمىز ھويلىدا ئولتۇرۇپ قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۆردۇق. 

_ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مۇزىكا ئەترىتىڭلارغا نىمىشقا تىكەنقۇش دەپ ئىسىم قويغانتىڭلار؟ تىكەنقۇش دېگەن قانداق قۇش ئۇ؟ 

ئۈمىد گىتارنى يېنىغا قويۇپ قويۇپ مۈرەمدىن قۇچاقلىدى. 

_ تىكەنقۇش مەڭگۈ توختىماي ئۇچىدىغان قۇش، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا بىر تال تىكەننى ئىزدەپ توختايدىكەن، ئاندىن ئۆزىنى ئەڭ ئۇزۇن تىكەننىڭ ئۈستىگە قويۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمى تىكەنقۇش ئىكەن. 

مەن دۇنيادا بۇنداقمۇ قۇشنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. 

_ ئەپەندىم، خانىم، قاراڭلار! _ بالا باققۇچىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭلا كەينىمىزگە قارىدۇق. نەزەر كىچىك، ئۇماق پۇتلىرىنى يۆتكەپ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. 

_ نەزەر مالاڭايدىغان بولدى. 

مەن ھاياجانلانغىنىمدىن ئۈمىدنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدىم. ئۇ تەمكىن تۇرغان بىلەن كۆزلىرىدىن ئۇنىڭمۇ ھاياجانلانغىنى چىقىپ تۇراتتى. نەزىرە ئاكىسىنىڭ ماڭغىنىنى كۆرۈپ يەنە بىر بالا باققۇچىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشىمەن دەپ تۇرىۋالدى،  بالا باققۇچى ئۇنى ئاستا يەرگە قويۇۋىدى، ئۇ دەسلەپتە قورقۇپ كرىسلونى تۇتۇپ ماڭدى، ئاندىن كرىسلونى قويۇۋېتىپ كىچىككىنە پۇتلىرى بىلەن بىردىن بىردىن دەسسەپ مېڭىپ ئالدىمىزغا كەلدى.  شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. 

ئىككى ئايدىن كېيىن بارلىق شوپۇرلۇق ئىمتىھان تۈرلىرىنى تۈگىتىپ پراۋامنى قولۇمغا ئالدىم. 

9-ئايدا ئايقىزنى يەسلىگە بەردۇق. يەسلىگە تىزىملاتقان كۈنى  مەن مېھراي بىلەن بىللە  ئايقىزنى ئېلىپ يەسلىگە باردۇق. تىزىملىتىدىغانلار كۆپ ئىدى، يەسلىگە بالىسىنى ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەر-ئاياللار ئىدى. مېھراينىڭ سەل كۆڭلى يېرىم بولغاندەك قىلسىمۇ لېكىن چاندۇرمىدى. ئۇ ئايقىزنى ئېلىپ بىر چەتتە ئوينىتىپ تۇردى، مەن ئۆچىرەتتە تۇردۇم. ئالدىمدا تۆت ئادەم قالغاندا تۇيۇقسىز بىرى كېلىپ پەس ئاۋازدا ماڭا گەپ قىلدى. 

_ ئۆچىرەتتە مەن تۇراي. 

بۇ ئاۋازدىن چۈچۈپ يېنىمغا قارىسام شېرزات تۇراتتى. 

_ ئەسلىمۇ بالىنى يەسلىگە تىزىملىتىش مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم.  ئۆچىرەتتە مەن تۇراي. 

مېھرايغا قارىدىم، ئۇمۇ ھەيرانلىقتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى. ئاستا ئورنۇمنى شېرزاتقا بېرىپبىر چەتكە ئۆتتۈم ۋە ئايقىزنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىقلارنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. 

نۆۋەت شېرزاتقا كەلگەندە ئۇ كۆزنەكنىڭ ئالدىغا بېرىۋىدى، كۆزنەكنىڭ ئىچىدىكى قىز بېشىنىمۇ كۆتۈرمەيلا قولىنى سۇندى، شېرزات قولىدىكى ماتېرىياللارنى قىزغا بەردى. 

_ بالىنىڭ ئىسمى؟_ دېدى قىز. 

_ ئايقىز شېرزات. 

مېھرايغا قارىدىم، شېرزاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ مېھراينىڭ كۆزىگە لىققىدە ياش كەلگەن ئىدى. 

شۇنداق قىلىپ ئايقىزنى يەسلىگە بېرىپ بولۇپ مېھراينى شىركەتكە خىزمەتكە قوبۇل قىلدىم. ئۇنىڭ شىركەتكە يېڭى كەلگەندىكى ھالىتى مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مىنەۋەر خانىمنىڭكىگە يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىمغا ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. مەن ئۇنى باشلاپ گىرىمخانىغا ئېلىپ كىرىپ ئۆز قولۇم بىلەن چېچىنى تارىدىم،  مېھراي جىددىيلىشىپ:

_ نازىيە ئاچا، ئۆزۈم  تاراي _ دېدى. 

_ جىم ئولتۇرۇڭ.  مېھراي، سىز شۇنداق چىرايلىق، ھازىر تازا ھاياتىي كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋاقتىڭىز. 

_ نازىيە ئاچا، نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن.  خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم تىرىشىمەن، مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن. 



ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0