
بۇ ئەسەرنىڭ 190-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179 |
| 180 |
181 |
182 |
183 |
| 184 |
185 |
186 |
187 |
| 188 |
189-قىسىم
ئۆتكۈرنىڭ ئەتىگەندە چېنىقىشقا چىقىدىغان ئادىتى بار ئىدى. فروزە بۇنى بىلەتتى، شۇڭا بىر جۈمە كۈنى كەچتە ئۇ ئۆتكۈرنى ئەتە ئەتىگەندە ۋېلىسپىت بىلەن قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى، ئۆتكۈرمۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئۇلار تېخى تاڭ يورۇماستىلا كۆرۈشۈپ ۋېلىسپىت مىنىپ شەھەر سىرتىغا ماڭدى. فروزەنىڭ ۋېلىسپىت ھەيدەش تېخنىكىسى خېلى ياخشى ئىدى، ئۇلار بىردەم ئالدى كەينى-بولۇپ، بىردەم ياندىشىپ مېڭىپ دېگەندەك كۆزلىگەن جايىغا بېرىپ، قۇياشنىڭ چىقىشىنى تاماشا قىلدى. فروزە بەك ھاياجانلاندى، ئۆتكۈرمۇ ئىستىپا بەرگەندىن بۇيان ئۆيدىن چىقماي دېگۈدەك ئولتۇرۇپ ئىچى سىقىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، بۈگۈن ئۇمۇ بەك خۇشال ئىدى. ئىككىيلەن ئۇ يەردىن يېنىپ ماڭدى، ئۆتكۈر فروزەنى ئۆيىدە بىللە ناشتا قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، فروزە خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. فروزە ۋېلىسپىتىنى پەسكە توختىتىپ تۇرۇشىغا ئۆتكۈر فروزەگە ماشىنىسنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىپ، ماشىنىنىڭ كەينىدىكى چىدىرنى ئالغاچ كىرىشنى ئېيتتى. ئۆتكۈر ھەر ئېھتىمالغا قارشى لازىم بولۇپ قالسا دەپ چىدىرنى ماشىنىسىنىڭ كەينىگە سېلىپ قويغان، ئەمدىلىكتە ھاجىتى يوق دەپ ئويلاپ ئۆيگە ئەكىرىۋەتمەكچى بولغان ئىدى. ئۇ ۋېلىسپىتىنى كۆتۈرۈپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋېلىسپىتىنى قويۇپ ئىشىكنى ئاچاي دەپ ئاچقۇچنى چىقىرىشىغا يان تەرەپتىن سەكرەپلا بىرەيلەن چىقتى.
_ مۇئەللىم، قايتىپ كەلدىڭىزما؟
_ ئەتىگەندە بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىسىز؟
_ تاڭ ئاتماستا كېلىپ ئىشىكىڭىزنى چەكسەم ئاچمىغانتىڭىز، سىزنى ساقلاپ ئولتۇرغانتىم _ ئۇ گۈلشەن ئىدى.
_ پۇتىڭىز ئاغرىپ كەتكەندۇ، ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ مېڭىڭ _ دېدى ئۆتكۈر ئىشىكنى ئېچىپ. گۈلشەن خۇشال بولۇپ ئۆتكۈرنىڭ كەينىدىن كىردى، ئۆتكۈر ئۇنىڭغا چاي قۇيۇپ بەردى.
_ رەھمەت، مۇئەللىم.
_ مېنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەنمىتىڭىز؟
_ سىزدىن ھېلىقى ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراي دەپ كەلگەنتىم.
_ بولدى، ئۆتكەن ئىش ئۆتتى. مەنمۇ چارچاپ قاپتىمەن، شۇڭا ئارام ئالاي دەپ ئىستىپا بېرىپ يېنىپ چىقتىم. بۇنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق، كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ.
گۈلشەن بىردەم جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن غەيرەت كەلگەندەك قىلىپ بېشىنى كۆتۈردى.
_ ئۆتكۈر مۇئەللىم، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. _ بۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈرگە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشى. ئۆتكۈر ئۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى، ئۆتكۈرنىڭ جىم ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ گۈلشەن يەنە ئېغىز ئاچتى.
_ مۇئەللىم، ھېلىقى كۈنى مېنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تىپىكى قىز ئەمەس دېگەنتىڭىز، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. كېيىن ئويلاپ باقسام، ئۇ چاغدا سىز مېنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز ئىكەنلىكىمنى كۆزدە تۇتۇپ، مېنى رەت قىلىدىغان باشقا گەپ تاپالماي شۇنداق دېگەندەك قىلىسىز. ئەمما ھازىر سىز مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئەمەس، شۇڭا مۇھەببەتلەشسەك تامامەن بولىدۇ دەپ ئويلاپ ئالدىڭىزغا كەلدىم.
_ مەن سىزگە قىز دوستۇم بار دېگەنتىمغۇ؟ _ دېدى ئۆتكۈر ئامال بار ئاۋازىنى مۇلايىم چىقىرىشقا تىرىشىپ.
_ ئىشەنمەيمەن. مەن...
_ ئۆتكۈر، بۇ ياققا چىقىڭە، بۇنى كۆتۈرەلمىدىم.
_ ھە _ ئۆتكۈر دەرھال سىرتقا چىقتى، كەينىدىن گۈلشەنمۇ چىقتى. فروزە چۇۋۇلۇپ كەتكەن چىدىرنى يىغالماي تۇرغان ئىكەن. ئۇ گۈلشەننى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى.
_ قىزچاق، كەلگەنمىتىڭىز؟ قانداقراق؟ خېلى ئەسلىڭىزگە كېلىپ قالدىڭىزمۇ؟
گۈلشەن فروزەنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغاچقا دەماللىققا قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭغىچە ئۆتكۈر چىدىرنى ئۇنىڭ قولىدىن ئالدى، فروزە ئۆيگە كىرگەچ گۈلشەنگە قاراپ:
_ نىمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ كىرىڭە، بىللە ناشتا قىلىمىز. مەكتەپكە بارىدىغانسىز ھەقىچان. كېچىكىپ قالماڭ يەنە، ھە راست بۈگۈن دەم ئېلىش _ دېدى. بىلمىگەن ئادەم ئۇنى بۇ ئۆينىڭ ئايال خۇجايىنى بولسا كېرەك دەپ قالاتتى.
_ سىلەر....سىلەر ئاخشامدىن بۇيان بىللىمىتىڭلار؟_ سورىدى گۈلشەن.
_ ھەئە. ھەر ئىككىمىز خىزمەت، خىزمەت دەپ چارچاپ كېتىپتۇق. شۇڭا ئارام ئېلىپ كېلەيلى دەپ دالىغا چىقىپ تۈنىگەنتۇق _ ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ ئۆتكۈرگە قاراپ قويدى.
_ ئالدىمدا بۇنداق ئويۇن قويماڭلار! _ دېدى ئۇ تۇيۇقسىز. ئۆتكۈر بىلەن فروزە تەڭلا ئۇنىڭغا قارىدى.
_ مەن ئېنىقلىدىم، ئۇ سىزنىڭ قىز دوستىڭىز ئەمەس، سىزنىڭ نەۋرە سىڭلىڭىزكەن.
_ نەۋرە سىڭلىڭىز؟_ دېدى ئىككىيلەن تەڭلا.
_ ھەئە. سۈرۈشتۈردۈم، بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى سىزنىڭ نەۋرە ئىنىڭىزكەن، بۇ ئاچام باش دېرىكتورنىڭ ئاچىسىىكەن، دېمەك ئۇ سىزنىڭ نەۋرە سىڭلىڭىز دېگەن گەپ.
ئۆتكۈر بىلەن فروزە دەسلەپتە سەل تىڭىرقاپ قالدى، ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن سەل مۇرەككەپ، ئەمما گۈلشەنگە چۈشەنچە بەرمىسە ھەقىقەتەن بولمايدىغان يېرىگە يەتكەن ئىدى.
_ قىزچاق، سىزگە راستلا قول قويدۇم جۇمۇ. مۇشۇ ئىشنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بىلىپ بوپسىز. دېمەك ئۆتكۈر مۇئەللىمنى راستلا ياخشى كۆرىدىكەنسىز. سىزگە راست گەپنى ئېيتاي، مەن ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئەمەس، ئەمما مېنىڭ ئىنىم ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئىكەنلىكى راست. چۈنكى مېنىڭ ئىنىم مېنىڭ ئانا بىر دادا باشقا ئىنىم. ئىنىمنىڭ دادىسى ئۆتكۈرنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاكىسى. ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟
گۈلشەننىڭ كۆزىدە ياش لىغىرلىدى. فروزە ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىككىنە ئۇرۇپ قويدى.
_ ئىشىنىمەن، سىزگە چوقۇم سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە سىز ياخشى كۆرىدىغان بىرى ئۇچرايدۇ.
_ لېكىن مەن پەقەت ئۆتكۈر مۇئەللىمنىلا ياخشى كۆرىمەن، ئەمدى باشقا بىرىنى ياخشى كۆرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس _ گۈلشەن شۇنداق دېگىنىچە يىغلىغان پىتى چىقىپ كەتتى. ئۆتكۈر گۈلشەننىڭ يەنە ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ قالغاندەك تۇراتتى.
_ ئەنسىرىمەڭ، ئىشىنىمەن، ئۇ ئەمدى ئۇنداق ئەخمىقانە ئىش قىلمايدۇ.
فروزە تۇيۇقسىز بايا گۈلشەننىڭ دېگەن ئاخىرقى گېپىنى ئويلاپ قالدى، توغرا، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن، ئىككىنچى ئادەمنى كۆڭۈلگە سىغدۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
_ سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ھە، مەن ناشتىلىق تەييارلاپ چىقاي! _ ئۆتكۈر شۇنداق دەپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. فروزە مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ئولتۇرۇپ، بىر چەتكە قويۇپ قويۇلغان ئۆتكۈرنىڭ چامادانىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ خۇددى ھازىرلا سەپەرگە ماڭىدىغاندەك قويۇپ قويۇلغان ئىدى. ئۆتكۈر ئۆز قولى بىلەن سوغۇق سەي بىلەن ئەتكەنچاي تەييارلاپ چىقتى، ئىككىيلەن ناشتا قىلغاچ ئولتۇرۇپ فروزە سورىدى.
_ سەپەرگە چىقىدىغان ئوخشىمامسىز؟
_ ھەئە، شاڭخەيدىكى مەن ئوقۇغان داشۆنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مېنى تەكلىپ قىلىپتۇ، شۇنىڭغا بارىمەن.
_ ياخشى بوپتۇ، مۇشۇ باھانىدا ئۆزىڭىزمۇ كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كەلگۈدەكسىز.
فروزە ئىشقا باراتتىم دەپ ئۆتكۈرنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن ئولتۇرمايلا يېنىپ چىقتى. ئىككى قېتىم گۈلشەننىڭ ئالدىدا ئۆتكۈرنىڭ قىز دوستى قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققىنىدىن فروزە ئۆزىنى باشقىچە بەختلىك سەزگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ گۈلشەنگە ئوخشاشلا ئۆتكۈرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. ئوخشىمايدىغان يېرى فروزە گۈلشەندىن چوڭ، ئۇنىڭغا قارىغاندا پىشقان، ئۇنىڭدەك ئەخمىقانىلىق قىلمايدۇ، ئۇمۇ ئۆتكۈرگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ باققان، ھەتتا توي قىلماقچىمۇ بولغان، لېكىن يەنىلا توختاپ قالغان.
ئۇ ئۆتكۈرنى ئۇزىتىپ قويغىلى ئايرۇدرومغا بارماقچى بولغان ئىدى، ئۆتكۈر ئۇنىمىدى. ئۇ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغاندا ئۇنىڭغا تېلېفون كەلدى. تېلېفون قىلغىنى شېرزات ئىدى.
_ ئاچا، ئىشخانامغا بىر كىرە.
شېرزاتنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن ئىدى، شېرزات ئۇنىڭغا بىر ھۆججەتنى سۇندى.
_ ئاچا، شاڭخەيگە بىر بېرىپ كەلسەڭ بولارمىكىن.
شاڭخەي دېگەن گەپنى ئاڭلاپ فروزەنىڭ يۈرىكى تىپچەكلەپ كەتتى.
_ نىمىشقا مەن بارىمەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ ھاياجىنىنى زورىغا بېسىپ.
_ بۇ توختام بەك مۇھىم، سەن بارساڭ مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن.
_ بۇنداق ماختاۋاتساڭ رەت قىلساممۇ قاملاشمىغۇدەك.
شۇنداق قىلىپ فروزە شۇ كۈننىڭ ئەتىسىلا شاڭخەيگە قاراپ ئۇچتى. ئۇ شېرزاتنىڭ بۇ ئىشقا قەستەن ئۇنى ئەۋەتكىنىنى بىلەتتى، چۈنكى شېرزاتنىڭ ئۆتكۈرنىڭ شاڭخەيگە كەتكىنىدىن خەۋىرى بار ئىدى. ئۇ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ، ئالدىن زاكاز قىلىپ قويۇلغان مېھمانخانىغا چۈشۈپ نەرسە كېرەكلىرىنى جايلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئارام ئالغاچ ئۆتكۈر بىلەن قانداق كۆرۈشۈش توغرىلىق پىلان تۈزدى. ئۇ چۈشكەن مېھمانخانا ئۆتكۈر بارىدىغان مەكتەپكە يېقىن ئىدى، قارىغاندا شېرزات بۇنىمۇ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغاندەك قىلاتتى. ئۇ شاڭخەيدىكى دوستلىرى ئارقىلىق ئۆتكۈرنىڭ مەكتىپىنىڭ پائالىيىتىنىڭ ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى ۋە يەنە دوستلىرى ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان تەكلىپنامىدىن بىرنى قولغا چۈشۈردى. ئۇ ئاۋۋال ئۆتكۈر بىلەن كۆرۈشۈپ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشىنى بېجىرىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ ئۇخلاپ قالدى.
ئەتىسى فروزە چېچىنى بىر تال بۇغۇپ، ئۆزىگە ئىنتايىن يارىشىدىغان ھاۋا رەڭ كۆڭلىكىنى كىيىپ، سۇس گىرىم قىلىۋالدى. سىرتتا بىر ئاشخانىدا ئاددىيلا ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن مەكتەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ مەكتەپكە يېقىنلاشقانچە ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى. بۈگۈن مەكتەپنىڭ 100 يىللىق خاتىرە تويى بولغاچقا مەكتەپنىڭ ئىچى سىرتى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئىدى. ئۇ تەكلىپنامىنى كۆرسىتىپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان زالغا ئوڭۇشلۇق كىرىۋالدى. پائالىيەت زالىغا كىرىپلا ئىشىكنى ئوڭ تەرىپىدە كۆرگەزمە تاختايلىرى تىزىلغان، ئۇنىڭدا بۇرۇن ئوقۇغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈرەتلىرى چاپلاقلىق ئىدى، فروزە بىر قاراپلا ئۆتكۈرنىڭ سۈرىتىنى تېپىۋالدى. ئۇنىڭ قەلبىدە پەخىرلىنىش ھېسسىياتى باش كۆتۈردى. فروزە زالغا كىرىپلا سەل نېرىدا بىرەيلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان ئۆتكۈرنى كۆردى، ئەمما دەرھال يېنىغا بارماي مېھمانلار قاتارىغا بېرىپ تىزىلىپ ئولتۇردى. ئولتۇرۇپ بولۇپ خېلى قاراپمۇ ئۆتكۈرنى كۆرمىدى، لېكىن ئۇ يەنىلا خاتىرجەم، چۈنكى سەل تۇرۇپ ئۆتكۈر سەھنىگە چىقىپ سۆزلەيدۇ ئەمەسمۇ. ئۇ مەكتەپنىڭ ئۆتكۈرنى سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلەتتى.
پائالىيەت باشلاندى، دەسلەپتە ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى، ئاندىن ۋەكىللەر سۆز قىلىدىغان باسقۇچقا كەلدى. ئۆتكۈر بەشىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقتى. رىياسەتچى ئۆتكۈرنىڭ مەكتەپتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى شەرھلىگەندە فروزە يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدى. ئۇ سەھنىدە ئىنتايىن سالماق ھالەتتە سۆزلىدى، تاماشىبىنلار گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى. سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئال سورايدىغان باسقۇچىغا كەلدى. ئۆتكۈر ئۆزىدىن سورالغان سۇئاللارغا قىسقا ئەمما مېغىزلىق جاۋاب بەردى. تۇيۇقسىز سورالغان بىر سۇئال ئۇنى مەڭدىتىپ قويدى.
_ سىزدىن بىر گەپنى سوراپ باقسام. سىز مەكتەپتە شۇنداق ياخشى ئوقۇپتىكەنسىز، كېيىن يۇرتىڭىزغا قايتىپ دوختۇرخانىدا ئىشلەپسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن داشۆدە ئوقۇتقۇچى بولۇپسىز. ئاڭلىسام خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بېرىپسىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟
_ ساۋاقداش بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بەرمىسەم بولامدۇ؟ _ سۇئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى ئۇ.
_ مەكتەپتە بىر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن قىلغان سەتچىلىكىڭىز ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، مەكتەپتە تۇرغۇدەك يۈزىڭىز قالماي، مەكتەپتىن ھەيدەلگەن، توغرىمۇ؟
تاماشىبىنلار غۇدۇرلىشىشقا باشلىدى. ئۆتكۈر بۇنداق گەپنىڭ چىقىشىنى ئويلىمىغاچقا نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
_ ساۋاقداش، بۇ سۇئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرەي! _ تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئولتۇرغان فروزە تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنىگە قاراپ ماڭدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكۈرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشتا پەرۋاسىز ئولتۇرالمايتتى. ئۇ سەھنىگە چىقىپ ئۆتكۈرگە بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىدىن مىكروفوننى ئالدى.
_ ئالدى بىلەن مەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مەن ئۆتكۈر مۇئەللىمنىڭ قىز دوستى، ئۇنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەم دېسەممۇ بولىدۇ. ئەمدى سورىغان سۇئالىڭىزنى تۈزىتىپ قوياي. بۇ گەپنى قەيەردىن ئاڭلىدىڭىز بىلمەيمەن، ئەمما توغرا ئاڭلىمىغىنىڭىز ئېنىق تۇرۇپتۇ. ئالدى بىلەن ئۆتكۈر مەكتەپتىن ھەيدەلمىگەن، ئۆزى ئىستىپا بەرگەن. ئۇنىڭ مەكتىپىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى راست، بۇ ئەلۋەتتە ئۇ نۇمۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ئىش. ياخشى كۆرۈش ھەر خىل بولىدۇ، بەزىلەر ھۆرمەتتىن ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر قايىللىقتىن ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما بۇنى ھەممە ئادەمنىڭ توغرا چۈشىنەلىشى ناتايىن. دەل سىز خەۋەرنى خاتا ئاڭلىغان ياكى خاتا كۆرىۋالغاندەك، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتكۈر مۇئەللىمنى ياخشى كۆرۈشىنىمۇ بەزىلەر توغرا چۈشىنەلمىگەن، ھەسەت قىلغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭغا قارا ساناش مەقسىتىدە ھەر خىل گەپ-سۆزلەرنى تارقاتقان. ئەمما راست يالغان بولالمايدۇ، يالغانمۇ راست بولالمايدۇ. بۇ ئىش شۇ كۈنىلا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان. بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكىنىگىمۇ خېلى بولۇپ قالغان، سىزنىڭ ئەمدى بولغاندا، يەنە كېلىپ مۇشۇنداق سورۇندا بۇ ئىشنى سۆرەپ چىققىنىڭىزغا قاراپ سىزنىمۇ ئۆتكۈرگە تۆھمەت قىلغان شۇ كىشىنىڭ شىرىكىمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن.
سۇئال سورىغان ئوقۇغۇچى بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالدى. فروزە گېپىنى تۈگىتىپ مىكروفوننى رىياسەتچىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆتكۈرنىڭ قولىنى تۇتۇپ پەسكە قاراپ ماڭدى. تۇيۇقسىز پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. ئۆتكۈر تېخىچە ھەيرانلىقىنى بېسىۋالالماي تۇراتتى. ئۇ فروزەنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغىنىغا ھەيران بولسا، ئۇنىڭ بايىقى سۆزلىرىدىن ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقى ئېشىۋاتاتتى. ئۇلار بىللە مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىقتى.
_ كەچۈرۈڭ، بۈگۈن سىزگە خەۋەر قىلمايلا كېلىپ، سىزنىڭ روخسىتىڭىزسىز ئۆزۈمنى سىزنىڭ قىز دوستىڭىز دەپ تۇنۇشتۇرۇپ قويدۇم، ئەمما سىزنىڭ بۇ يەردىمۇ يەنە تۆھمەتكە قېلىشىڭىزنى خالىمىدىم_ دېدى فروزە سەل خىجىل بولغان قىياپەتتە.
_ كېرەك يوق، رەھمەت سىزگە. بايا سىز ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىڭىز ئۆزۈمنى قانداق چۈشەندۈرەر بولغىيتتىمىكىن تاڭ_ دېدى ئۆتكۈر مىننەتدار بولغان ھالدا.
_ ئەمىسە مەن ماڭاي، سىزنىڭمۇ باشقا ئىشلىرىڭىز بار ھەقىچان. پۇرسەت بولسا يەنە كۆرۈشەرمىز.
فروزە ئۆتكۈر بىلەن خوشلىشىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە كېتىۋېتىپ يول بويىدا ئولتۇرغان بىر بوۋايغا كۆزى چۈشۈپ قالدى، بوۋاينىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، كىيىملىرى يىرتىلغان، قولىدا بىر پارچە سۈرەت بار ئىدى، ئاغزىدا بولسا بىرلا گەپنى تەكرارلايتتى.
_ ماڭا ئوغلۇمنى تېپىپ بېرىڭلار، ئوغلۇمنى تېپىپ بېرىڭلار.
دەل شۇ چاغدا بىر شامال كېلىپ بوۋاينىڭ قولىدىكى سۈرەتنى ئۇچۇرۇپ كەتتى، بوۋاي ئورنىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇپ سۈرەتنىڭ كەينىدىن قوغلىدى، سۈرەت فروزەدىن سەل نېرىدىكى بىر تۈۋرۈككە كېلىپ چاپلىشىپ توختىدى، فروزە ئىختىيارسىز بېرىپ سۈرەتنى قولىغا ئالدى. سۈرەتتىكى بالا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تۇنۇش كۆرۈندى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















