大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 6 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 6 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-01-25
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 7 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



5
4
3
2
1



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


6 - قىسىم


بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت رەنانىڭ جېنىنى كۆيدۈرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قۇربانغا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان ئىدى

بۇ خىل غەزەپ ،بۇ خىل ھېسسىيات رەنا نى بەش يىل قىينىغان ئىدى .  ئۇ ئايال ئۈچۈن ئۇنداق ئىش قىلغان   بۇ رەھىمسىز ئادەمنى رەنا ئاسانلىقچە بوش قويمايتتى .  رەنا  شىركەتتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۆزىنىڭ باش شىركەتكە پاش قىلمىغان ئىدى .   ئۇ يۈزىنى تۇتقانچە بۇرۇنقى ئازابلارنى ئويلاپ ، كارۋاتتا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى .  ياردەمچى رۇزى تېز سۈرەتتە رەنانىڭ تۇرۇشلۇق ئادرېسىنى تېپىپ ، ئۇنى قۇربانغا يوللاپ بەردى .  رۇزى ئادرېسنى قۇربانغا يوللاپ بەرگەن ۋاقىتتا قۇربان ھەيران قالدى .  پەرىدەنىڭ ئۆيىغۇ بۇ؟! .  رەنا بۇرۇنقى ۋاقىتتا پەرىدە بىلەن ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن  ئىكەنلىكى قۇربانغا ئايان ئىدى .  ھەي ، بۇ لايىھىلىگۈچى سوفىيە …  ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئايالىم رەناغا ئوپمۇ ئوخشايدۇ ، ھازىر ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى پەرىدەنىڭ ئۆيى ئىكەن ، بۇنىڭدا ئازراق مەسىلە بارمۇ قانداق ؟  ياكى بولمىسا ئۇ راستىنلا رەنامىدۇ ؟  ئۇ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ، ئاستاغىنە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى  ھەمدە ياردەمچى روزىغا :

- سەن تېز بېرىپ تەكشۈر ، بۇ سوفىيە زادى قانداق ئادەم ئۇنىڭ ھەممە ماتېرىياللىرىنى ماڭا تەكشۈرۈپ بەر .  بولۇپمۇ بەش يىل بۇرۇنقى ماتېرىياللارنى دەرھال ماڭا تەكشۈرۈپ بەر !

بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى رۇزى قۇربانغا باشلىق:  

لايىھىلىگۈچىنڭ ماتېرىياللىرى شاڭخەي گۇرۇھى تەرىپىدىن ئىنتايىن مەخپىي ساقلىنىدۇ ، ئۇنى سىرتقا تىنىشقا بولمايدۇ .  ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تۈزۈلمىسى ئىنتايىن چىڭ ئىكەن .  بەلكىم بىز ئاسانلىقچە بۇ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالماسلىقىمىز مۇمكىن .  مەن ئاللىقاچان ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈردۈم ، لېكىن ھېچقانداق ئۈنۈم بولمىدى.

- ئۇنداقتا سەن ئالاھىدە بۆلۈمنى ئىزدەپ ئۇ ئۇنىڭ ماتېرىياللىرىنى ماڭا تەكشۈرۈپ بەر !-دەپ يەنە تاپىلىدى .

قۇرباننىڭ بۇ ھالىتى روزىنى ھەيران قالدۇردى .  بۇ ئۇچۇرلار قۇربان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى .  ئۇ قايتا قايتا روزىغا تاپىلىدى .  رۇزى :

-ماقۇل ، مەن ھازىر بېرىپ تەكشۈرەي دەپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى . قۇربان ئاچچىقىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى ، ھەمدە تاماكىسىنى ئېلىپ شوراپ چېكىپ كېتەتتى .  قولىدىكى تاماكا ئۇنىڭ بىسەرەمجانلىقىنى بېسىقتۇرمايۋاتاتتى ، ئۇ موخۇركىسىنى قولغا ئالدىدە  شوراپ شوراپ چېكىپ كەتتى .  ئۇ كۆڭۈلدە   ئوخشىمايدىغان يۈز ئوخشايدىغان بەدەن شەكىل ،دوستلىرىمۇ ئوخشاشكەن ،  ئەگەر بۇ لايىھىلىگۈچى راستىنلا رەنا بولسا ، ئۇ قۇرباننى تونۇماي قالارمۇ ؟  قۇربان ئۆزىنىڭ بەش يىلنىڭ ئالدىنقىدەك رەنانىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتى .  بەش يىل بۇرۇن زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەن ئىدى ؟   توردا رەنانىڭ ئاشنىسى بىلەن  ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى، جەسەدنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر چىققاندا ئۇ ئىشەنمىگەن. ئۇ ئۇزىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايالنىڭ قانداقسىگە باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ؟، بىراق ئۇ يوقاپ كەتكەندە  يەنە بىر قوغدىغۇچىنىڭ جەسىدىمۇ تېپىلمىغان .

بۇ ئىشلارغا قۇرباننىڭ پەقەت ئىشەنگۈسى كەلمىدى . رەنانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغىنى قۇربانغا ئېنىق ئىدى .  ئەينى ۋاقىتتا رەنانىڭ قورسىقىدا بار ئىدى ، ئەگەر ئۇ ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن بولسا ، بالىمۇ ئۆلگەن بولاتتى .  ئۇ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ  تاماكىنى  كۈچلۈك شورايتتى .  تاماكا تۈگەپ قولنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلمىغان ئىدى .  ئۇ كۆڭۈلدە رەنا بولسا  ئاغرىقتىن شۇنچە قورقاتتى ،  ئۇ ئوت ئاپىتىدە بەدەنلىرى كۆيگەندە قانچىلىك قىينالغان بولغىيدى…ھە  ؟  بۇ خىل ئويلار بۇ خىل ئەنسىرەشلەر بىلەن قۇربان زىھنىنى خىزمەتكە يىغالمىدى. ، ئاقىۋەت ئۇ چاپاننى كىيىپ  ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى .  

- خوجايىن قەيەرگە بارىسىز ؟

- بىردەم سىرتقا چىقىپ كىرەي ، بۈگۈن ئاچىدىغان بارلىق يىغىنلار ئارقىغا چېكىندۈرۈلسۇن .

ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان كاتىپ سەل ھاڭۋېقىپ قالدى .  بۇ ئىشى قۇرباننىڭ تۇنجى قېتىم خىزمەت  ۋاقتىدا خىزمەتتىن قېچىشى ئىدى .   باشقىلار نېمە دەپ ئويلىشىشتىن قەتىينەزەر ، قۇربان شىركەتتىن چىقىپ ماشىنىغا چىقىپ ، پەرىيدەنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .  ئۇ پەرىدەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى  قاتتىق باستى .  قوڭغۇراق ئاۋازى رەنانىڭ ئۇيقۇسىنى ئويغىتىۋەتتى .  ئۇ بىر ئاز ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ، ھەي پەرىدە كەلدىمۇ نېمە؟ ، ياكى بولمىسا   ئۇ سىرتتىن تاماق بۇيرۇتقانمىدۇ ؟ - لېكىن پەرىدە بۇنداق ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشمەيدىغۇ ؟  ئەجەبا مۇنىرە كەلگەنمىدۇ ؟  ئەگەر شۇنداق بولسا   رەنا مۇنىرەگە ئاسانلا ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەن بولاتتى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

ئىشىك قوڭغىرىقى يەنە توختىماي جىرىڭلىدى ، بىراق رەنا ئاڭلىمىغاندەك يەنىلا ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن شۇ يەردە ياتتى ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھىسياتى بۆلەكچە ئىدى.  ئەنە ،  ئاشۇ ئەر بىلەن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق ھايات كارتىنىلىرى ، باشقا ئادەمنى تېپىۋېلىپ قىلغان ھاقارەتلىرى ، ئۇنىڭغا قىلغان سوغۇق مۇئامىلىلەر ئۇنى   ھايات كەچۈرۈش جاسارىتىدىن مەھرۇم قىلىپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى.  ئەگەر ئەرفاتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇنى ئىلھاملاندۇرمىغان بولسا، بەلكىم ئەينى چاغدا ئۇ شۇ ئوت ئاپىتىدە ئۆلمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئازاپلا ئۇنى قىيناپ ئۆلتۇرۇشكە  يىتەتى …

ئۇ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئاخىرىدا ، بۇ ئىشنى مۇنىرە قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى .    مۇنىرە رەنانىڭ تۇرمۇشىنى بۇزغان ئىدى. ،  ئۇ قۇرباننى ئازدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە بالىدىن بىرنى يەڭگىپ بەردى .  ھەمدە بارلىق سەت نام ئاتاقنى رەنانىڭ ئۈستىگە ياغدۇردى ، ئۇنى قىيما قىيما قىلىۋەتسىمۇ رەنانىڭ  ئازابىغا تەڭ بولمايتتى .  ئۇ مۇنىرەگە شۇنچىلىك ئۆچ ئىدى  .  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ ئاددىي ئادەم ئەمەسلىكىنى ئۇنچە ئاسان بوزەك بولمايدىغىنىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلايتتى .  قۇربان ئۆينىڭ قوڭغۇرىقىنى بېسىۋىرىپمۇ ئۆيدىن  سادا چىقمىغانلىقتىن ، ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەتمەكچى بولدى    قۇربان ئۆيدىن پەرىدە بىلەن رەنانىڭ بىرگە چىقىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلغان ئىدى، لېكىن ئىشنىڭ ئەكسىچە ھېچكىم چىقمىدى .   قۇربان ئۈمىدنى ئۈزمەي ، ئىشىكنى يەنە ئون مىنۇت باستى ، بىر ئازدىن كېيىن رەنا ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.  رەنا ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا ئىشىك تەرەپكە چىققان ئىدى .  ئۇخلاش كىيىمىدىن ، ئۇنىڭ بەدەنلىرى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

- كىمۇ؟ ، نېمىدېگەن ئەدەپسىزلىك بۇ !

رەنانىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن قۇربان خۇددى ئۆز ئايالىنى كۆرگىنىدەك قېتىپلا قالدى .

-رەنا ؟ - قۇربان قېتىپلا قالدى . رەنا قۇرباننىڭ پەرىدەنىڭ ئۆيىگە كېلىشىنى  خىيالىغىمۇ كەلمىگەن ئىدى .  قۇربان نېمىگە كەلگەندۇ ؟  ئۇ مېنىڭ پەرىدەنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلگەندۇ ؟     رەنا ئۆزىنىڭ رەنا ئىكەنلىكىدىن قۇرباننىڭ گۇمان قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان سەزگەنىدى ، لېكىن قۇرباننىڭ بۇنچە تېز ئۇنى ئىزدەپ كەلگەنلىكى خىيالىغىمۇ كەلمىگەن .

ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن

- قۇربان دېرىكتور ، سىز نېمىگە كەلدىڭىز؟- دېدى .  ئۇنىڭ قۇربان دېرىكتور دېگەن ئاۋازى   قۇرباننى   سەل جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى .  قۇربان   گۇمانلىق نەزەرىدە رەناغا قاراپ تۇراتتى …  قۇرباننىڭ قاراشلىرى رەنانى تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرغانىدى .  ئاخىرىدا رەنا ئېغىز ئاچتى :

- دىرېكتور ، سىز نېمىشقا بۇ خىل نەزەردە ماڭا قارايسىز ؟ سىز بىرەر نەرسىنى خاتا چۈشىنىپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟  سىز بۇنداق قاراپ تۇرىۋەرمەي ئۆيگە كىرىڭ، بولمىسا خوشنىلار كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ .

-سىز زادى كىم؟- دېدى قۇربان ھاياجانلىنىپ .  قۇربان رەنانىڭ ئىككى بېلىكىنىنى تۇتۇۋېلىپ .  گۇمان نەزىرىدە  ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارايتتى

رەنا كۆزلىرىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچماقچى بولدى يۇ، لېكىن ئۇنداق قىلىشقا ئاجىزلىق كەلدى . بەش يىلنىڭ   ئالدىدىكى رەنا قۇرباننىڭ بۇنداق قاراشلىرىدىن شۇنچىلىك قورقاتتى ، لېكىن ئۇ يەنىلا كەسكىنلىك بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .  

- قۇربان دېرىكتور ،مەن كىمكەنمەن؟ يەنە قويۇۋەتمىسىڭىز ئامانلىق   قوغدىغۇچىنى  چاقىرىمەن .

ئەگەر باشقا ئايال بولغان بولسا ، قۇربان ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالاتتى .  لېكىن بۇ  لايىھىلىگۈچىنڭ  رەنا ئىكەنلىكىدىن  گۇمان قىلغان قۇربان رەناغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .  ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن ئەنسىرىگەن رەنا تام تەرەپكە ئۆزىنى دالدا  قىلىۋالدى.  قۇربان ئۆزىنى تۇتالماي يەنە:  

-رەنا خېنىم ،سىز ئەڭ ياخشىسى مەن بىلەن ئويناشماڭ . ماڭا ھيىلى ئىشلىتىمەن دېمەڭ .  مەن قۇربان دېرىكتور خالىغانچە باشقىلارنىڭ باشقىلار ئوينىشىدىغان ئادەم ئەمەس   ئەگەر ئاچچىقىمنى كەلتۈرۋەتسىڭىز ، مەن سىزنىڭ ئۇستىخانلىرىڭىزنى سۇندۇرۋېتىمەن .   

بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ ئىككى بىلىكىنى قۇربان ئىككى قولىدا چىڭ سىقىمداپ تۇراتتى .  رەنا كەسكىنلىك بىلەن قۇرباننىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى .  ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى .  ئۇنىڭ قۇربانغا قاراپ  ، كۈلۈشى ئىنتايىن ئوماق ئىدى :

- قۇربان دېرىكتور سىز مېنى قىستاۋاتامسىز ماڭا تەھدىت سېلىۋاتامسىز .؟ سىلەرنىڭ بۇ قىلىقىڭلار سىلەرنىڭ گۇرۇھىنىڭ ئادەم ئەپ قېلىش ۋاسىتەڭلارمۇ ؟   

- رەنا ، سېزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە ؟ سىز بۇ يەرگە كېلىپ مەن بىلەن ئايالىمغا نېمە ئىش قىلماقچى ، يەنە كېلىپ سېزنىڭ ئىسمىڭىز بىلەن مېنىڭ بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ ئىسمى ئوپمۇ ئوخشاش . يەنە كېلىپ ئايالىمنىڭ يېقىن دوستى سېزنىڭمۇ دوستىڭىز ئىكەن ،  بۇ ئەجەبا ئۇدۇل كېلىپ قېلىشمۇ ؟  

قۇربان جىددىيلىشىپ ئېغىر ئېغىر تىنىۋاتاتتى ئۇنىڭ تىنىقىدىن چىققان ئىسسىق ھور رەنانىڭ يۈزىگە ئۇرۇلاتتى .؟  قۇرباننىڭ ھازىرقى سالاپىتى يەنىلا كىشىنى مەھلىيا قىلاتتى .  لېكىن ئۇ ۋىجدانسىز ئەبلەخ ئىدى .  رەنا سەل ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ ئېغىز ئاچتى :  

- سىزنىڭ ئايالىڭىز ھېلىقى مۇنىرە ئەمەسمۇ ؟

رەنا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇھسىنغان ھالدا قۇربانغا قارىدى . ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى قۇربانغا بۇ لايىھىلىگۈچىنىڭ  رەنا ئىكەنلىكىنى سەزدۈرۈپ تۇراتتى .  ئۇ مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن مېنى  نېمىشقا تونۇمايدۇ ؟ نېمىشقا مېنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار قۇرباننىڭ كاللىسىدىن كەچتى ؟  ئۇنىڭ بۇ چىرايى بىزنىڭ كەچمىشتىكى رەنانىڭ چىرايى ئەمەسمۇ ؟  ئەجەبا بەش يىل ئاۋۋالقى ھېلىقى ئوت ؟  قۇربان دەرھال رەنانىڭ بوينى ۋە ياقىسىنى قايرىشقا باشلىدى .  رەنا ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى :

-نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ قولىڭىزنى تارتىڭ سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي ؟

بۇ ۋاقىتتا رەنانىڭ بەدەنلىرى تەرگە چۆمۈلگەنىدى .  رەنا ئوت ئاپىتىدە كۆيگەن بەدەللىرىنى ئالدىنالا تۈزەپ ئوپراتسىيە قىلىپ  بولغان ئىدى ، ئۇنىڭ بەدىنىدە  ھېچقانداق ئالامەت كۆيگەنلىك ئىزلار يوق ئىدى .    بۇ خىل ئەھۋالدا ، ئۇ ھېچنېمىنى بايقىيالمايتتى .  يەنە كېلىپ ، ئۇ  شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئەڭ تالانتلىق لايىھىلىگۈچىسى ئىدى .  بۇ قۇرباننىڭ نەزىرىدە رەنا ئەمەس دېگەن خاتا سېزىمنى ئەكس ئەتتۈردى .  رەنانىڭ ئىللىق قاراشلىرى قۇرباننىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن ئىدى ، لېكىن يەنىلا گۇمان قىلاتتى .  

-سىزنڭچە مەن نېمە ئىش قىلماقچىدەك تۇرىمەن ؟

رەنا تەن ئالمىغان ئىدى . بۇ خىل ئەھۋال قۇرباننىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ، رەنانى تېخىمۇ كۈچەپ قاماللىدى .

رەنا قورقۇپ كەتتى.   قۇربان ئىنتايىن رەھىمسىز ، جاھىل ئادەم ئىدى ،ئۇ بىر ئىشنى قىلىمەن دېسە بارلىق كۈچى بىلەن شۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان   تەرىپى رەناغا ئايان ئىدى .  رەنا قۇرباننىڭ ئۆزىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن سەزگەن ، لېكىن بۇنچە تىز گۇمانلىنپ سىزىلىپ قىلىشنى   ئويلاپمۇ باقمىغانىدى .  قۇربان ئەگەر رەنانىڭ بەدىنىدىن بىرەر كۆيۈك ئىزىنى سېزىۋالغۇدەك  بولسا رەنانىڭ بۇرۇندىن تۈزگەن پىلانىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ناھايىتى تەس ئىدى .  رەنا بۇلارنى ئويلاپ ، دەرھال ئېسىنى يىغىپ ، تېز سۈرەتتە كاللىسى بىلەن قۇرباننىڭ بۇرنىغا ئۇسسىدى .  ئاغرىقنىڭ تەسىرىدە قۇربان رەنانىڭ قولىنى قويۇۋەتتى ، قۇرباننىڭ بۇرنى قاناپ كەتتى .  ئۇ بىر تەرەپتىن بۇرنىدىكى قاننى سۈرتكەچ  زەھەرلىك كۆزلىرى بىلەن رەناغا تىكىلدى ھەمدە :  

- رەنا ،سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى مەن ئوبدان بىلىمەن ، لېكىن   لېكىن سىز مېنى ياخشى كۆرمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدىڭىز؟ بۇ ئىشىڭىز سەل  قاملاشمىدىمۇ قانداق ؟سىز رەنا بولمىسىڭىز زادى كىم ؟سىزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىڭىز زادى قانداق ؟  رەنا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، يۈرىكى توختىماي سوقۇپ كەتتى .



داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k