大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 154 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 154  - قىسىم aybarawazi
2023-11-12
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 155-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

154-قىسىم  


   مەن ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ توڭلاتقۇنى ئاچتىم،  توڭلاتقۇدا تۈزۈك كۆكتات قالمىغان ئىدى، قارىغاندا ئۇ ئۆيدە تاماق ئېتىپ باقمىغىلى خېلى بولغان بولسا كېرەك.  ئۇنىڭغا بۇ ئاشخانا ئۆيدە تۇنجى قېتىم تاماق ئېتىپ بەرگەن ۋاقتىم تۆنۈگۈنكىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ ئۈگرىگە ئامراق، ئۈگرە ئېتەي.  ئاۋۋال خىمىر يۇغۇردۇم، ئاندىن گۆش، كۆكتاتلارنى توغراپ قازانغا سالدىم. 

_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟_ دېدى ھەسەن. 

_  تاماق ئېتىمەن. 

_ مەن تاماقنى ئېتىپ بولدۇم، بالىلارغا يىگۈزۈپمۇ بولدۇم، شوۋىگۈرۈچ ئەتكەن، سىزگە ئازراق ئېلىپ قويدۇم، شۇنىلا ئىچىڭ.

_ ياق، ئۈمىد  ئۈگرىگە بەك ئامراق.  ئۇ كەلگۈچە ئوخشىتىپ ئۈگرە ئېتىپ قوياي. 

ھەسەن گەپ قىلمىدى.  تاماق پىشتى، چىنىگە ئۇسۇپ ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىپ ئۇنى ساقلىدىم،  سائەتكە قارىمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدىغۇ دەيمەن، ئالدىراش بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.  يەنە بىردەم ساقلاي، ئەگەر ئۇ كەلگەندە ئاش چاپلىشىپ كەتسە قايتا ئېتىپ بېرەي. ئۇ كەلگۈچە بىكار ئولتۇرماي بىر ئىش قىلغاچ تۇراي. نىمە ئىش قىلسام بولار؟  دەرھال ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ئۇنىڭ ئالماشتۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە سېلىپ قويغان كىيىملىرىنى يۇيۇپ بالكونغا يايدىم. يامغۇر  تېخى توختىمىغان ئىدى، بىردەم يامغۇرغا قاراپ تۇردۇم، بىر چاغدا كىيمىمنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكىنىنى سەزدىم، ئەمما قانداق قىلىپ ھۆل بولۇپ كەتكىنىنى بىلەلمىدىم. مەن يا كىيمىم بىلەنلا مۇنچىغا چۈشمىسەم كىيمىم نىمىشقا ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؟ ھە... يامغۇر ياغقىنى راستكەن، چۈشۈم ئەمەسكەن،  مەن ھازىر چۈش كۆرىۋاتمايمەن، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى راستكەن، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنى راستكەن. خىيالىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى،  ئۇ يەنە قايتىپ كېلەرمۇ؟ ماشىنىسىنى ھەيدىگەن پېتى ھويلىغا كىرىپ «مەلىكەم، مەن قايتىپ كەلدىم دەرمۇ؟»  ئۇنىڭ كىيىملىرىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ يىغلاپ ئاخىرى پۈتۈنلەي سېزىمىمنى يوقاتتىم. چۈش كۆردۈم، ئىنتايىن ئۇزۇن چۈش،  چۈشۈمدە پۈتۈنلەي بۇرۇنقى ئىشلارنى كۆردۈم،  بۇرۇن مېنى بىئارام قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھازىر بەرىبىر بولۇپ قالدى، شۇنداق ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىم قانداق ئىش بولاتتى؟  ئويغانغان چېغىمدا ئۇنىڭ قۇچىقىدا ياتىمەن، ئۇنىڭ قۇچىقى ھېلىمۇ شۇنداق ئىللىق، شۇنداق راھەت. بۇ چۈشۈم ئەمەس، ياق، بۇ ھەرگىز چۈشۈم ئەمەس. 

_ ئۈمىد قايتىپ كەلدىڭىزما؟  مەن سىزدىن خاپا بولمىدىم،  راست دەۋاتىمەن، سىزنىڭمۇ قىينىلىدىغان يېرىڭىز بارلىقىنى بىلىمەن،  بۇندىن كېيىن ياخشى ئۆتەيلى، تايىنى يوق ئىشلارنى دەپ ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلمايلى،  بولامدۇ؟ 

_    نازىيە! _ دېدى بىرەيلەن. 

_ كەتمەڭ، ئۈمىد، مەن سىزگە موھتاج، سىزدىن ئايرىلالمايمەن، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ. 

_ نازىيە كۆزىڭىزنى ئېچىڭ! 

كۆزۈمنى ئاچتىم، ئۇف، يەنە چۈشۈمكەن، نىمانداق تۈگىمىگەن چۈش بۇ؟ ئويغىنىپ ئېسىمگە كەلسەم ياستۇقنى قۇچاقلاپ يېتىپتىمەن. 

_ بۇنداق قىلماڭ، نازىيە، بالىلار سىزگە موھتاج. ئۇلار دادىسىدىن ئايرىلدى، ئەمدى ئاپىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالسۇن دەمسىز؟

_ نىمىشقا مېنى ئويغىتىۋېتىسىز؟ ئۇنى چۈشۈمدە بولسىمۇ ئۇزۇنراق كۆرىۋالسام بولمامدۇ؟

ئۆتكۈر مېھرىبانلىق كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى. 

_ نازىيە، بۇنداق قىلماڭ. بەزىلەر ئاغرىق سىلاق بىلەن، بەزىلەر ھەرخىل ھادىسىلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، قانداق قىلىمىز؟ قالغانلار يەنە ھايات كەچۈرمىسەك بولمايدۇ، رېئاللىققا يۈزلىنىڭ. بۇنداق قىلىپ ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرىۋالسىڭىز بولمايدۇ. 

ئىككى قۇلىقىمنى ئېتىۋالدىم.

_ بولدى دېمەڭ، مېنىڭ ئاڭلىغۇم يوق.  ماڭا نىمىشقا بۇنداق تاشيۈرەكلىك قىلىسىلەر؟ نىمىشقا ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى قايتا قايتا تەكىتلەۋېرىسىلەر؟ نىمىشقا؟

_ نازىيە، ئۈمىدتىن ئايرىلىپ ئازابلىنىۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن،  مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. لېكىن ئويلاپ بېقىڭ، نازىيە، ئۈمىد يالغۇز سىزنىڭ ئېرىڭىز بولۇپلا قالماي، يەنە نەزەر بىلەن نەزىرەنىڭ دادىسى، سىز ئۈمىدتىن ئايرىلغان شۇ دەقىقىدە ئىككى بالا دادىسىدىن ئايرىلدى،  ئەمدىلىكتە ئۇلارنى ئانا مېھرىدىنمۇ مەھرۇم قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ؟

_ بالىلىرىم؟ بالىلىرىم قېنى؟

_ ئۇخلاپ قالدى _ دېدى ئۆتكۈر. ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقماقچى بولۇپ مىدىرلىدىم، لېكىن ئۆتكۈر:

_ جىم يېتىڭ، قىزىتمىڭىز تېخى چۈشمىدى_ دېدى. 

ئۆتكۈر تاكى ئاسما ئوكۇل چۈشۈپ بولغىچە يېنىمدا ئولتۇرۇپ ئاندىن قىزىتمامنى بىر ئۆلچىگەندىن كېيىن كارىۋاتتىن چۈشۈشۈمگە يول قويدى.  قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى، بالىلارنىڭ ھۇجرىسىغا كىرسەم بالىلار ئۇخلاپ قاپتۇ، خېلى ئۇزۇن يىغلىغان بولسا كېرەك، يۈزىدە ھېلىمۇ ياش يۇقى بار ئىكەن.  بالىلارغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى. كىچىككىنە تۇرۇپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالدى،  مەنمۇ دادا مېھرىدىن مەھرۇم چوڭ بولغان، لېكىن ھەرھالدا دادىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلالىغان، لېكىن ئۇلارچۇ؟  قەغەز بىلەن ئۇلارنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ، يوتقاننى يېپىپ قويدۇم. ھەسەن بىر ياندا ئولتۇرۇپ قوراشتۇرۇپ بولۇنمىغان ئايروپىلان مودېلىنى قۇراشتۇرىۋاتاتتى.

_ كىيمىڭىزنى تۇرسۇنئاي ئالماشتۇرۇپ قويدى _ دېدى ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماي.  شۇندىلا ئۇچامدا ئۇخلاش كىيىمى بارلىقىنى بايقىدىم.  مەن ئۈستەلگە قويۇپ قويغان بىر چىنە ئۈگرە تېخىچە جايىدا تۇرۇپتۇ،  ئىچىدىكى سۈيى تۈگەپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. شۇندىلا ھەقىقىي ئۆزۈمگە كەلدىم، مەن ھەرقانچە ساقلىساممۇ ئۇ قايتىپ كەلمەيدىكەن، ئۇنىڭدىن راستلا ئايرىلىپ قاپتىمەن.  

كېيىن ئالىمدىن ئاڭلىسام تايران ئۆزىنى مەلۇم قىپتۇمىش. ئۇ ئۈمىد ئۆلۈپتۇ، ئەمدى قېچىپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى قالماپتۇ، ئارزۇيۇمغا يېتىپتىمەن دەپتۇمىش. لېكىن ئۈمىدنى ئۆلتۈرگىنى تايران ئەمەس، پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى ھېلىقى ئەنۋەر ئىكەن. ئەنۋەر  تېخى تۇتۇلماپتۇ، ئەمما ساقچىلار ھەممە يەرگە توزاق قۇرۇپ ئىزدەۋېتىپتۇ. يېڭىدىن ئىگىلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا ئۇ ئىككى شىرىكى بىلەن تاغقا قېچىپ كېتىپتۇمىش،  پەستە ساقچىلار بار بولغاچقا ئۇ قېچىپ كېتەلمەيدىكەن، ئەمما ئۇ بىر ئايال بىلەن بىر بالىنى تۇتقۇن قىلىۋاپتۇ، شۇڭا ساقچىلار يىنىكلىك بىلەن ئۇنىڭغا قول سالالمايۋېتىپتۇ. 

_ ئۈمىد زادى نىمە ئادەم؟_ دەپ سورىدىم ئالىمدىن. 

_ ئىشقىلىپ ئادەتتىكى سودىگەر ئەمەس _ دەپ مۈجىمەللا جاۋاب بەردى ئۇ. ئۇنىڭ ئادەتتىكى سودىگەر ئەمەسلىكىنى مەنمۇ بىلىمەن، ئەمما ئۇ مەيلى قانچىلىك سىرلىق بولسۇن ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئۆمۈرلۈك سۆيگەن ئادىمىم. مەن ئۇ ماڭا قالدۇرۇپ قويغان ئالتۇن ئۈزۈكنى چىقىرىپ قولۇمغا تاقىۋالدىم. ئۈزۈكنى كېچە كۈندۈز قولۇمدىن ئالمىدىم، ئۇ ئۈزۈك ماڭا ھەمراھ بولاتتى، تەسەللى بولاتتى، چۈنكى ئۇ ئۈمىدنىڭ قۇيۇن يانچۇقىدا تۇرغان، ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئەڭ يېقىن جايدا تۇرغان. 

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا ئاستا بۇرۇنقىدەك ئەس ھۇشۇم جايىدا ئەمەس ساڭگىلاپ يۈرۈشتىن خېلى روھلۇق يۈرىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلىدىم. شۇ ئەمەسمۇ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان رېئاللىقنى قوبۇل قىلماقتىن باشقا نىمە ئامال بار؟

 بىر كۈنى ئۆيدە بالىلارنى ئوينىتىپ ئولتۇرسام ئىشىك چېكىلدى، ئاچسام  كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىۋالغان بىر ئەر كىشى تۇراتتى. 

_ ياخشىمۇسىز؟  كىمنى ئىزدەيسىز؟

_ ياخشىمۇسىز، نازىيە خانىم، مەن بىپايان شىركىتىنىڭ ئادۋۇكاتى بولىمەن. 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈمىد بىر يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ بىپايان شىركىتىدىكى 51 پىرسەنت پاي چېكىنى بۆلۈشتۈرۈپ قويغان ئىكەن، ئۇنىڭ 21 پىرسەنتىنى ماڭا، 20 پىرسەنتىنى شېرزاتقا، قالغان 10 پىرسەنتىنى ئۆتكۈرگە بۆلۈپ بەرگەن ئىكەن. ئۈمىدنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى بىپايان شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلدى، دېمىسىمۇ شۇنچە چوڭ گورۇھ ھازىر خۇددى بېشى يوق چىۋىندەك بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭا ئۇلار مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىپ باش دېرىكتور سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىۋېتىپتۇ. مېنىڭ قولۇمدىمۇ خېلى زور نىسبەتتىكى پاي چېكى بار بولغاچقا مېنىڭمۇ مۇدىرىيەت يىغىنىغا قاتنىشىشىمنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

 مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىلىدىغان كۈنى مەن ئالايىتەن بىر قۇر كاستيۇم يوپكا كىيىپ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ، چېچىمنى بانتىلاپ، گىرىم قىلغان ئىدىم، تاتىرىپ كەتكەن چىرايىم خېلىلا ئېچىلىپ قالدى. بىپايان شىركىتىنى ئۈمىد قۇرۇپ چىققان، ھازىر ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىگىلىكى ۋەيران بولۇپ كەتسە بولمايدۇ دە. ئەگەر مەن مۇشۇنداق ئۆزۈمنى تاشلىۋېتىپ يۈرىۋەرسەم ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى يەردە قويغان بولمامدىمەن؟  مەن ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئىزچىل ماڭا مەدەت بېرىپ، مېنى تەربىيىلەپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم، ئۇ مېنى قەيسەر بولسۇن دېمەكچى ئىكەن. چۈنكى ئۇكوزىنىڭ كۈندە سۇنمىغان بىلەن ھامان بىر كۈنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن.  مېنى شۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق ھالەتتە تۇرسۇن دېگەن ئىكەن. 

كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ماشىنامنى ھەيدەپ بىپايان شىركىتىگە باردىم. ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋالدىم دېگىنىم بىلەن بىپايان شىركىتىگە قەدەم بېسىشىم بىلەن كۆڭلۈم يەنە يېرىم بولدى.  ھەر قېتىم بۇ يەرگە ئۇنى ئىزدەپ كېلەتتىم، ئەمما بۇ قېتىم كەلگىنىمدە ئۇ يوق.  ھەممەيلەن ماڭا ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن سالام قىلاتتى، ھەتتا لىفىتقا چىقسام بىرەيلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بەردى.  مەن ئۇدۇل ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار يىغىنىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. يىغىن زالىنىڭ ئىشىكى ھىم يېپىلغان، يىغىن باشلىنىپ بولغان ئىكەن، ئىچىدە تالاش تارتىش ئەۋجىگە چىققان ئىدى. مەن ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاندىن ئىشىكنى ئىتتىردىم.  مېنى كۆرۈپ ھەممەيلەن خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ، نەزىرى ماڭا تىكىلدى. ئۈمىدنىڭ بۇرۇن ئولتۇرىدىغان ئورنىدا شېرزات ئولتۇراتتى،  ئېنىقكى قالغان پاي چىكلار شېرزاتنىڭ ئۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشىغا قايىل بولمىغاندەك قىلاتتى. 

_ كەچۈرۈڭلار، كېچىكىپ قالدىم! _ شېرزاتنىڭ يېنىدىكى بىر بوش ئورۇنغا كېلىپ ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردۇم. قالغانلار مېنىڭ پەيدا بولغىنىمدىن ئەجەبلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى، ئادۋۇكات دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ چۈشەنچە بەردى. 

_ نازىيە خانىمنىڭ قولىدا بىپايان شىركىتىنىڭ 21 پىرسەنت پاي چىكى بار،  شۇڭا ئۇنىڭ بۇ مۇدىرىيەت يىغىنىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار. 

ئاندىن پاي چىكلار ھەممىسى ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىشتى، ھەممىسى شېرزاتنى ئىقتىدارسىز، شىركەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرساق بولمايدۇ دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ نىشانلاپ قويغان ئادىمىنى باش دېرىكتورلۇق ئورنىغا ئولتۇرۇغۇزۇش مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى.  شېرزاتنىڭ بۇرۇنقى ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق، ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ جىملا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىمەن،  قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇ ئۆزى يالغۇز شۇنچىۋالا ئادەمگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، يەنە كېلىپ ئۇ تېخى ياش، شىركەتكە كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىدى،  شىركەتكە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بىرەر ئىش قىلىپ باقمىدى، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ «بىكار تەلەپ بايۋەچچە»، قالغان پاي چىكلارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى ئېنىق. ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم ۋە ئورنۇمدىن تۇردۇم، ھەممەيلەن ماڭا قارىدى. 

_ مەن قولۇمدىكى 21 پىرسەنت پاي چىكىنى شېرزات دېرىكتورغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلدىم. 

شېرزات ھەيرانلىق بىلەن  بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. 

_ مەنمۇ قولۇمدىكى 10 پىرسەنت پاي چىكىنى شېرزات دېرىكتورغا ئۆتۈنۈپ بېرىمەن! _ تۇيۇقسىز ئىشىك تۈۋىدە ئۆتكۈر پەيدا بولدى. يىغىن مەيدانى يەنە جىمجىتلىققا چۆكتى، ئۆتكۈر كىرىپ يېنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇردى. ئادۋۇكات شېرزاتنىڭ 51 پىرسەنتلىك پاي چىكى بىلەن شىركەتنىڭ پاي كونترول ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  قالغان پاي چىكلار بۈگۈن شېرزاتنى غۇلىتىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ كەلگەن بولسا كېرەك، ئەمما ئۇلار ئۆتكۈر ئىككىمىزنىڭ قولىمىزدىكى بارلىق پاي چېكىنى شېرزاتقا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقىمىزنى ئويلىمىغان ئىدى. ئارىدىن بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ پېيىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

_ بولىدۇ. قانچىڭلار پېيىڭلارنى قايتۇرىۋالىمەن دېسەڭلارمۇ مانا ئۆتكۈزىۋېلىشقا مەن تەييار. بىپايان شىركىتىگە مىنا شىركىتى ئارقا تىرەك بولالايدۇ_ دېدىم.  ئۇلارنىڭ بەزىلىرى  مېنىڭ مىنا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئىكەنلىكىمنى ئەمدىلەتىن بىلگەن بولسا كېرەك، بىراقلا زۇۋانى بېسىقتى. 

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شېرزات يەنىلا ئورنىدىن تۇرماي ئولتۇراتتى، ئۇ بۈگۈنكى يىغىننىڭ غەلىبىسىدىن بەك خۇش بولۇپ كەتكەندەكمۇ قىلمايتتى. 

 _ شېرزات، ئۈمىد ئىككىڭلار قانداقلا بولمىسۇن دادا بىر ئاكا-ئۇكا. شىركەت قۇرۇش ئاسان، ماڭدۇرماق تەس، بىپايان شىركىتىنى سىزگە تاپشۇرىمەن، ئۇنى چوقۇم ياخشى ماڭغۇزۇپ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

شېرزات بېشىنى كۆتۈرگەندە كۆز جىيەكلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى بايقىدىم. 

_ رەھمەت ئاچا، رەھمەت ئۆتكۈر ئاكا! _ بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مېنى ئاچا دەپ چاقىرىشى. يەڭگەمۇ دېمەي ئاچا دەپ چاقىرغىنىدىن باشقىچە سۆيۈنۈپ كەتتىم.  

_ مېنى پەقەتلا بۇنداق چاقىرىپ باقمىغانتىڭىز ھە؟ _ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. 

_ بۇرۇن كىچىكلىك قىلىپ قويۇپتىمەن، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئاچا. 

_ كۆڭلۈمگە ئالغان بولسام بۈگۈن سىزنى قوللىمايتتىم_ دېدىم. 

_ ئۈمىدىڭلارنى چوقۇم ئاقلايمەن!_ دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ. 

ئۆتكۈر ئىككىمىز يىغىن زالىدىن چىقىپ لىفىتقا قاراپ كېتىۋېتىپ ماڭا ئىنتايىن تۇنۇشلۇق بولۇپ كەتكەن ئىشخانىغا قاراپ يەنە كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى. 

_ باش دېرىكتور!_ دەپ سالام قىلدى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان بىر قىز. بۇ چاقىرىشتىن يۈرىكى «قارتتىدە» قىلىپ قالدى، تېزلا كەينىمگە قارىسام شېرزات كېلىۋاتقان ئىكەن. توغرا، ھازىر ئۇ بۇ يەرنىڭ باش دېرىكتورى ھە. ئۇ قىز ماڭىمۇ  سالام قىلىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى.  مەن ھەرقانچە قوبۇل قىلدىم، كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم دېگىنىم بىلەن يەنىلا ئۇنى تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم. بىپايان شىركىتىدىن چىققان چېغىمىزدا قار يېغىشقا باشلاپتۇ.  

_ چىداملىق بولۇڭ، نازىيە! _ دېدى ئۆتكۈر. 

_ چوقۇم. چوقۇم چىداملىق بولىمەن! _ دېدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ. «توغرا، مەن چىداملىق بولۇشۇم كېرەك، چۈنكى ئۇ مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپتىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم ھەممىگە بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك! لېكىن ئۇنى ھەرۋاقىت سېغىنىمەن، بەلكىم مەڭگۈ سېغىنىپ ئۆتۈشۈم مۇمكىن!»

   


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k