
بۇ ئەسەرنىڭ 166-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165-قىسىم
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كونا تىپتىكى ئاۋاز ياڭراتقۇنى چوڭ دادامنىڭ بۇرۇنقى ياتىقىدىن ئەكىلىۋالغان ئىدىم، كونا لېنتىنى ئۇنىڭغا سېلىپ قويسام نازىيە بۇنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولۇپ كەتتى ۋە تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىچىسىنىڭ ئاۋازىنىڭ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ مېنى كۆز ئالدىمدىلا ماختىغىنىدىن سەل خىجل بولۇپ قالدىم.
چوڭ دادامنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئارىلىقمىز خېلىلا يېقىنلىدى، ياق، توغرىسى كۆڭلىمىز يېقىنلىدى. كۈنلىرىمىز مۇشۇنداق بەخت ئىچىدە داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىزىرىشىپ قالدۇق، ھەتتا ئۇ ماڭا ئاجرىشىپ كېتەيلى دېدى. ئۇ مېنىڭ مېھراينى تەكشۈرتۈشكە ئېلىپ بارغىنىمنى كۆرۈپ قاپتۇ، مەن ئۇنىڭ ئىزىمغا چۈشۈشىنى ئويلىماپتىمەن. ئۇ ماڭا ئاجرىشايلى دەپ ئۇچۇر يېزىپ قويۇپ تېلېفون قىلسام ئالمىدى. دوختۇرخانىغا بارسام مەمۇرىي بىنانىڭ ئىشىكى تاقىۋېتىلىپتۇ. ئۇ ئىشىكنى ئاچقۇزۇشقا كۈچۈم يەتمەيدۇ ئەمەس، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇ خىزمەت قىلىدىغان جاي، ئۇنداق قىلسام ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى ياخشى بولمايدۇ. دوختۇرخانىدىن چىقىپ مېھرايغا تېلېفون قىلىپ ئەتە ئەتىگەن ئۇنى شېرزاتنىڭ يېنىغا ئاپىرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا بىر كېچە ساقلىدىم. ئەتىسى ئەتىگەن ئۇنىڭ چىققىنىنى كۆرۈپلا بېرىپ ئۇنى كۆتۈرۈپلا ماشىنىغا سالدىم، ئۇنىڭغا راستلا ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئاق قارىنى پەرق ئەتمەيلا مەندىن گۇمان قىلغىنىغا، ئۇنداق ئىش چىققاندا مەندىن سورىماي ئاجرىشايلى دېگىنىگە ئاچچىقىم كەلدى. ئاجرىشىش ماڭا نىسبەتەن ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس ، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئالغاندىن باشلاپ ئاجرىشىشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىدىم. شېرزاتنىڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا دەپ باقمىغان ئىدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا بەك كۆپ ئىشلارنى بىلدۈرگۈم يوق، يەنە كېلىپ بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق، مەن ئۇنى غەمسىز ياشىسىكەن دەپ ئويلايمەن. لېكىن ھازىر ئۇنىڭغا شېرزاتنىڭ ئىشىنى دېيىشتىن باشقا ئامال يوق بولۇپ قالدى. مېھراينى ئالىم ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ كەلگۈچە ماشىنىدا ساقلاپ ئولتۇردۇق.
ئۇ شېرزات بىلەن مېھراينىڭ ئىشىنى بىلگەندىن كېيىن مېھرايغا مەندىن بەكرەك ئىچ ئاغرىتىپ كۆڭۈل بۆلدى، ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. لېكىن مۇشۇ قېتىمقى ئىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىدە ھەقىقەتەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم. ئويلاپ باقسام بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن يوشۇرغىنىم توغرا بولماپتۇ. ئۇنى كۆپ ئىشلارنى بىلىپ، كاللىسىغا كىرگۈزىۋېلىپ بىئارام بولمىسۇن دەپ ئويلىغان ئىدىم، نەتىجىدە تېخىمۇ بىئارام قىلىپ قويۇپتىمەن، ئۇ مېنى بەك سىرلىق ھېس قىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى شىركەتكە ئېلىپ بېرىپ كۆرسەتتىم.
بۈگۈن ئەزىمەتنىڭ ھېلىقى نايناق بىلەن تويى بولىدىغان كۈن. نەچچە كۈن بۇرۇن ئالايىتەن ئۇنىڭغا ئاتاپ ئالغان مەرۋايىت مارجاننى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدۇم، بەك ياراشتى. بۈگۈن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم، ئۇنى بۈگۈن بىر ھەيران قالدۇرىۋېتەي.
يىگىت بىلەن قىز مەيدانغا كىرگەندە نازىيەگە سىنچىلاپ قارىدىم، مەقسىتىم ئۇنىڭ ئەزىمەتكە ھازىر قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى. ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق بىئاراملىق ئالامىتى كۆرۈلمىدى، دېمەك سەل تۇرۇپ ئويۇننىڭ قىزىقى چىققاندا ئۇمۇ ھوزۇرلىنىپ كۆرىدىغان بولدى.
_ رەھمەت سىزگە. ھېلىمۇ ياخشى مەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپتىكەنسىز، بولمىسا ھازىرقى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشەلمەس بولغىيتتىم.
ئۇنىڭ ئەزىمەتكە دېگەن بۇ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلدۈم، بۇ مەمنۇنلۇق كۈلكىسى ئىدى، ئۇ ئاخىرى چوڭ بوپتۇ، ھەممىنى ئىچىگە يۇتمايدىغان بوپتۇ. بىردەمدىن كېيىن نازىيە تازىلىق ئۆيىدە ئەزىمەتنىڭ ئايالى بىلەن گەپ تالىشىپ قاپتۇ. ئىشىكنى تېپىپلا ئېچىپ كىرگەن ۋاقتىمدا ئۇ ئۆمىلەپ يۈرۈپ مەرۋايىت مارجاننىڭ مەرۋايىتلىرىنى تېرىۋاتقان ئىكەن. بوينىدىكى قىزىرىپ قالغان ئىزنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى. ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇم، ئىچىمدە «خەپ» دېدىم. تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ ئۇنى ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقتىم، بۇ يەردە تۇرۇپ كۆرسەك ھەممىنى ئېنىق كۆرەلەيتتۇق. چوڭ ئىكراندىكى ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ ئەزىمەتنىڭ چىرايى بەك سەتلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزمۇنلار بىلەن پۈتۈن توي مۇراسىمى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، بايا تازىلىق ئۆيىدە نازىيەنى بوزەك قىلغان ئەزىمەتنىڭ ئايالى قانغا مىلەنگەن ھالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلدى. نازىيە بۇ ئىشنى مېنى قىلدى دەپ گۇمان قىپتۇ، مەنمۇ تەن ئالدىم. ئەسلى بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرغۇم يوق ئىدى، لېكىن ئۇنى يەنە كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ قالمىسۇن دېدىم، ئەزىمەتتەك ئادەملەرگە كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىش ئەرزىمەيدۇ. دېگەندەك ئۇنىڭ ئەزىمەتنىڭ ئايالىغا ئىچى ئاغرىدى، ئۇ بالىدا ھېچقانداق خاتالىق بولمىسا دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ ئۇلارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرىۋېتىش مەقسىتىم يوق ئىدى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شاڭخەيدە ئىشلەۋاتقان نەۋرە ئىنىم ئۆتكۈر قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نازىيە ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۇ ھامان بىلەتتى، بۇنىڭغا نىسبەتەن تولۇق ئىدىيىۋى تەييارلىقىممۇ بار. ئەمما ئۆتكۈر قايتىپ كەلگەن كۈنى نازىيە تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ قالدى. ئۇ 520 بەزمىخانىسىغا بارايلى دېدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر يەرگە بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى. ئۇ بېرىپلا بويرۇق قەرت ئويناش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر ئىش بارلىقىنى پەملىدىم. بىر نەچچە قول ئوينىغاندىن كېيىن بويرۇق ئورۇنلاش قەرتى ئۇنىڭغا چىقىپ قالدى. بويرۇق ئۇ چوقۇم ئىشىكتىن كىرگەن بىرىنچى ئادەم بىلەن تۇنۇشۇشى كېرەك ئىدى. كىم بىلسۇن، ئىشىكتىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتكۈر كىردى. ئۇنىڭ ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا ئۇدۇل بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى، لېكىن ئىشلارنىڭ بۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قېلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئۇلار كىچىك چېغىدا ئاستى ئۈستى قوشنا بولۇپ ئولتۇراتتى، لېكىن ئارىدىن بەك ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى، نازىيە ئۇنى تۇنۇدىمۇ تۇنۇمىدىمۇ بىلمەيمەن، لېكىن ئۆتكۈرنىڭ ئۇنى بىر قاراپلا تۇنۇپ قالغىنىنى بىلىپ قالدىم. ئۇلار ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ بەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىشتى. ئاندىن ئىككىسى بىللە يېنىمىزغا كەلدى، مەن چاندۇرماي نازىيەنى يېنىمغا تارتىپ ئۇنى ئۆتكۈرگە ئايالىم دەپ تۇنۇشتۇردۇم. ئۆتكۈر بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران قالدى ھەم ئۈمىدسىزلەندى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ھېلىمۇ نازىيەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدىم. نازىيەنىڭ ئۇنى تۇنۇمىغىنى ۋە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغىنىدىن ئۆتكۈرنىڭ ئۇنىڭغا ئەزەلدىن كۆڭلىدىكىنى دەپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەجىبا ئۇ نازىيەنى ياخشى كۆرمەمدىكىنە؟ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا پۇرسەت دېگەن كۆپ ئىدىغۇ. ئويۇننى داۋاملاشتۇردۇق، بۇ قېتىم بويرۇق ئورۇنلاش نۆۋىتى ماڭا كەلدى، بويرۇق بىر سۇئالغا چوقۇم راست گەپ بىلەن جاۋاب بېرىش ئىدى، بۇنىمۇ نازىيە تەلەپ قىلدى.
_ سىزنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشىڭىز ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنمىتى؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، ئۇنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ھېچقانداق ئىدىيىۋى تەييارلىقىممۇ يوق ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىم ھەرگىزمۇ ئەزىمەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ كىمدىن نىمە گەپ ئاڭلاپ قالغاندۇ؟ دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئۇ مېنىڭ جاۋاب بەرمىگىنىمنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇنى تۇتىۋالدىم، ئۇنىڭ ماڭا قارىشىدىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىمنىڭ چوڭ دادامنىڭ كېسىلى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەنمەيدىغاندەك قىلاتتى. لېكىن مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى قانداق دەيمەن؟ دېسەم بولمايدۇ. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى سىلكىۋېتىپ چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن چىققۇدەك جۈرئىتىم يوق، ئۇنىڭغا نىمىدەپ چۈشەندۈرۈشۈمنى راستلا بىلمەيمەن. ئۆتكۈر ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن ئۆتكۈرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى، ئەمما مەن خۇش بولدۇم، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ يېنىدا ئۆتكۈر بولسا مەن خاتىرجەم بولىمەن.
تەخمىنەن 20 مىنۇتلاردىن كېيىن بەزمىخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭ شەرقى بازاردىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۇنىڭ بايىقى ئاچچىقىدىن قارىغاندا بۈگۈن كەچتە داچىغا كەتمەيدىغىنى ئېنىق، چوقۇم مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ. ئويلىغىنىمدەك ئارىدىن ئىككى ئۈچ سائەتلەر ئۆتكەندە ئۇ كەلدى، ئۇنى ئۆتكۈر ئەكىلىپ قويغان ئىدى. ئۇنى قويۇپ قويۇپ ئۆتكۈر كەتتى، ئۇ مېنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى، ئەتىسى تېلېفون قىلسام تېلېفوننىمۇ ئالمىدى. ئاخىرى دوختۇرخانىنىڭ قىزىق لىنىيىلىك تېلېفونىغا ئۇرۇپ ئالاقىلىشىپ كەچتە ئۆيدە كۆرۈشىدىغان بولدۇق. ئويلىمىغان يەردىن جىددى يىغىن ئاچىدىغان ئىش چىقىپ قېلىپ، ئالىمنى نازىيەنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئەۋەتتىم. يىغىن ئېچىۋېتىپمۇ بىردەم بىردەم سائەتكە قارايتتىم، ئاخىرى يىغىننى تۈگىتىپ ئۆيگە باردىم، دەرۋازا ئالدىغا كېلىپلا چىراقنىڭ يېنىقلىق تۇرغىنىنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا ئۆيگە كىرسەم، ئۆيدە مېنى ساقلاپ ئولتۇرغىنى نازىيە ئەمەس دادامكەن.
_ ئۇ كەتتى _ دادام پەرۋاسىز ھالدا شۇنداق دەپ ئۆزىنىڭ بۈگۈن كەچتە غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ قارىسام ئۇ نەرسە كېرەكلىرىنىڭ ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ كېتىپتۇ. تېلېفون قىلسام ئۇلانمىدى. پەسكە چۈشۈپ دادامدىن سورىدىم.
_ ئۇنىڭغا نىمە دېدىڭ؟
_ بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان ئايال بىلەن ئۆي تۇتاي دېمەيۋاتقانسەن؟
_ مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمەن. مەن بەزىلەردەك ۋىجدانسىز ئەمەس.
_ نىمە دەۋاتىسەن، مەن دېگەن سېنىڭ داداڭ جۇمۇ.
_ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشۈمگە شۇنداق قارشى تۇرىدىكەنسەن، بىرەر ئىشتىن ئەنسىرەۋاتامسەن قانداق؟
دادامنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
_ مېنىڭ ئەنسىرىگۈدەك نىمە ئىشىم بار ئىدى؟ مەنمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىمەن، مۇشۇ شارائىتىڭ بىلەن قانداقلا قىز دېسەڭ تاپالايتتىڭغۇ، نىمىشقا چوقۇم بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئايال بىلەن توي قىلىسەن؟ بۇنىڭدا چوقۇم بىر مەقسىتىڭ بار.
شۇ تاپتا نازىيەدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن، دادامنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىنى ئېنىق. دادام بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرۇشقىمۇ رايىم بارمىدى. ئۇنى ئىزدەپ چىقماقچى بولۇپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم.
_ سەن مۇھەببەت دېگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيسەن، سېنىڭ ماڭا بۇ توغرىلىق ئۇنى بۇنى دەيدىغانغىمۇ ھەققىڭ يوق، شۇڭا مېنىڭ ئىشلىرىمغا ئارىلاشما.
ئۆيدىن چىقىپ ئۇدۇل شەرقى بازاردىكى ئۆيگە باردىم، لېكىن ئۇ يوق. بۇنچە كەچتە ئۇ نەگىمۇ بارار؟ ئۇنىڭ بىرەر ئۇرۇق تۇغقىنىمۇ يوق، توغرا، چوقۇم نىگارەنىڭ يېنىغا كەتتى. نىگارەگە تېلېفون قىلدىم، ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا نازىيە ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەن. ئۇنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ خاتىرجەم بولدۇم.
شەرقى بازاردىكى ئۆيدىن چىقىشىمغا تېلېفون كەلدى، ئالىم ئىككىمىز كېچىلەپ بازىغا باردۇق. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنداق جىددى يىغىن بىر نەچچە قېتىم ئېچىلغان، يىغىن دەپ چاقىرغاندا قولىمىزدا ھەرقانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ تاشلاپ قويۇپ بېرىشىمىز كېرەك. يولدا كېىۋېتىپ نازىيەگە كيۇكيۇدا ئۇچۇر قىلىۋەتتىم. «نازىيە، بۇ بىر نەچچە كۈندە سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن. مەندىن قېچىپمۇ يۈرمەڭ، سىزگە ئۆزىڭىزنى بېسىۋالغۇدەك ۋاقىت بېرەي».
ئالىم ماڭا بىر تال تاماكا سۇنغاچ سورىدى.
_ ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزما؟
_ بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئەڭ كونترول قىلغىلى بولمايدىغىنى ئادەمنىڭ يۈرىكى ئىكەن.
_ ئۇنىڭ سىز سەۋەبلىك بىرەر خەتەرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەمسىز؟ _ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم. بۇنى مەنمۇ بۇرۇن ئويلىغان.
_ قورقىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمدا تۇرمىسا تېخىمۇ خەتەر ئىچىدە قالىدىكەن، باشقىلارنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمايمەن.
_ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىكەنسىز دە.
_ دەسلەپتە ھەقىقەتەن ھېسداشلىق قىلغان ئىدىم، لېكىن بارغانچە ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۇنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.
......
تايراننىڭ ئىنىسى تايىرنىڭ تۇتۇلغىنىغا سەككىز يىل بولدى، ئەمما تايران ئۆتۈپ كەتكەن ھىيلىگەر نىمىكەن، ھازىرغىچە تۇتۇق بەرمەي يۈرىدۇ. ساقچىلار ھەر خىل يىپ ئۇچلىرى ئارقىلىق ئۇنى پايلاپلا يۈرىۋاتىدۇ، شېرزات تۇتۇلۇپ قالغان چاغدىمۇ ئېرىشكەن ئۇچۇر ئىشەنچلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى مەنۋەر ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ مەنۋەر نۇقتىلىق كۈزىتىش ئوبىكتىمىز بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئىز دېرىكى بولغان ھامان ھەرىكەت قوللىنىدىكەنمىز.
......
ئۆتكۈر ماڭا شەنخۇا دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ چوڭ دادام شۇ يەردە ئىشلىگەن، يەنە كېلىپ ئۇ شەھىرىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى بولغاچقا شۇ يەرنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما مەن يەنە بىر سەۋەبنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇنىڭ نازىيەنى دەپ بارغىنى ئېنىق. مەن ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرۇپ كوماندروپكىغا چىقىپ كەتكىنىمنى، ئۇنىڭغا ياخشى قاراپ قويۇشنى ئېيتتىم. ئەسلى پىلان بويىچە بازىدا يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرماقچى ئىدۇق، لېكىن مەن ئۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم. كەچقۇرۇن نىگارەگە تېلېفون قىلغان ئىدىم، ئۇ نازىيەنىڭ ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، كېچىلەپ قايتتىم. كېيىن ئويلاپ باقسام بۇنداق ئالدىراپ قايتىپ كەلمىسەم بوپتىكەن. بۇنداق ئالدىراپ كەلمىگەن بولسام ئۇنىڭ ئەزىمەت بىلەن دىيىشكەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالماس بولغىيتتىم. ئۇ ئەزىمەتكە ئۇنىڭغا قىيداپ مەن بىلەن توي قىلغانلىقىنى، ئەزىمەتنى بەك سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى. نازىيەنىڭ ئەزىمەتنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ئۇ مېنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگىنىمنى بىلىپ، قەستەن مېنىڭ چىشىمغا تىگىش ئۈچۈن شۇنداق دەپ قويدى، چوقۇم شۇنداق. شۇنداقتىمۇ دەماللىققا بۇ گەپلەرنى قوبۇل قىلالماي كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ماڭدىم، پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ ئىچىمدىكى ئاچچىقنى سىغدۇرالماي دېرىزىگە بىر مۇشت قويۇپ دېرىزىنى چېقىۋەتتىم. «جاراڭ جۇرۇڭ» قىلغان ئاۋاز دوختۇرخانىغا بىر كەلدى. دېژۇرنى سىستېرا بىلەن دوختۇر چىقىپ مېنىڭ ياق دېگىنىمگە ئۇنىماي ئەكىرىپ قولۇمنى تېڭىپ قويدى.
شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ يېنىغا بارمىدىم، ھېچكىمدىن ئەھۋالىنىمۇ سۈرۈشتۈرمىدىم. ئەر كىشى دېگەن غورورى بىلەن ياشىشى كېرەك، ئۇ شۇنداق دېگەن ئىكەن، مەنمۇ ئۆز ھۆرمىتىم بىلەن تۇرۇشۇم كېرەك. لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چىدىمىدىم. تاتە ئۇنداق غورۇرنى دېدىم. ئۇ ماڭا تېلېفون قىلمىدى، بەلكىم مېنى سېغىنمىغاندۇ؟ لېكىن مەن ئۇنى بەك سېغىندىم.
مەن ئالدى بىلەن ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنىغا بېرىپ ئوڭشاشقا بېرىپ قويغان مەرۋايىت مارجاننى ئالدىم، ئاندىن دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلىدىم. ئاياللار بەك ھېسسىياتچان كېلىدۇ، بەلكىم مەرۋايىت مارجان بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىپ قېلىشىم مۇمكىن، چۈنكى ئۇ بۇ مارجاننى بەك ياخشى كۆرگەن. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئەزىمەت بىللە چىقتى، ھەتتا مېنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ئەزىمەتنىڭ ماشىنىسى تەرەپكە ماڭدى، بەكلا ئاچچىقىم كەلدى ھەم بەك جىددىيلەشتىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ھەقىقەتەن بەك قورقتۇم. ئۇنىڭدىن ئايرىلسام قانداق بولۇپ كېتىشىمنى بىلمەيتتىم.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















