大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 170 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 170  - قىسىم aybarawazi
2023-11-28
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 171-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

170-قىسىم  



   بىر كۈنى كەچتە تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ مەكتىپىگە باردۇق. مېنىڭ تۇرسۇن مۇئەللىمگە بولغان كۆز قارىشىم ئەزەلدىن ئىنتايىن ياخشى. ئەينى ۋاقىتتا مەن دائىم ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇنىڭ نازىيەگە سۈت بەرگىنىنى كۆرگەن. ئارىلىقتا تۇرسۇن مۇئەللىم نازىيەنى چاقىرىپ ئەچىقىپ كەتتى، ئۇنىڭغا نىمىلەرنى دېگىنىنى بىلمەيمەن، لېكىن مەندىن يوشۇرۇن دېگىنىدىن سەل بىئەپ ھېس قىلدىم.  بىز قايتىش ئۈچۈن ماڭغاندا نازىيە مەندىن غەلىتىلا سۇئال سورىدى. 

_ ئۈمىد، سىز زادى قانداق ئادەم؟ نىمىشقا كۆز ئالدىمدا تۇرسىڭىزمۇ سىزنى شۇنداق يىراقتا تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن؟ زادى نىمىشقىدۇ؟

......

شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىرىمىز خېلى ئىزىغا چۈشۈپ قالغان، ئەمما مەن رازىيەنىڭ ھۆسىن تۈزىتىپ نازىيەنىڭ چىرايىغا ئۆزگىرىپ كېلىشىنى ئويلىماپتىمەن.  ئۇنى كۆرگەن چېغىمدا ھەقىقەتەن بەك ھەيران  قالدىم، ئەمما چاقماق تېزلىكىدە ئۇنىڭ نازىيە ئەمەس، رازىيە ئىكەنلىكى ئېسىمگە كېلىپ ئۆزۈمگە كېلىۋالدىم. مەن رازىيەنىڭ ھامىنى بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇنى خېلى پىشىپ يېتىلىپ، ئەقىل تېپىپ قايتىپ كېلەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن مەن قارىسام ئۇ تېخىمۇ ھىيلىگەر بولۇپ كەلگەندەك قىلاتتى.  ئۇنىڭ چىرايىنى نازىيەگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش قىلىپ كېلىشىلا بۇنىڭ مىسالى.  مەن بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان،  كەسپى جەھەتتە رازىيەنى قوللايمەن، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمەن. ئەمما ھېسسىيات جەھەتتىن ئەمدى نازىيەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرسەم بولمايدۇ.  شۇڭا ئۇنى ئۆيدە قونۇپ قېلىڭ دېمەي يولغا سېلىپ قويدۇم، ئەمما ئۇ ئەتىسى شىركەتكە مېنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۇ مەقسىتىنى ئۇدۇللا ئېيتتى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شىركىتىمىز باشچىلىقىدا بىر سودا زىياپىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. زىياپەتكە چولپانلارنىمۇ تەكلىپ قىلماقچى ئىدۇق، ئۇنىڭمۇ قاتناشقۇسى بار ئىكەن. ئۇ بىر كىنودا رول ئېلىپ ئانچە مۇنچە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بولسىمۇ،  لېكىن ئۇنىڭ تاماشا ساھەسىگە كىرگەن ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس، تۇنۇش بىلىشلىرىمۇ كۆپ ئەمەس، شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۇنۇلۇش دەرىجىسىنى كۆتۈرمەكچى بولغان بولسا كېرەك.  ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_ رازىيە، كەسپى جەھەتتە مەن سىزگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمەن.ھەم ئۆزىڭىزنىڭمۇ ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  كەسپىي ھاياتىڭىزدا پەقەت تىرىشچانلىق بىلەن ئالدىڭىزغا مېڭىشقىلا بولىدۇكى، ھەرگىز ئېزىپ كېتىشكە بولمايدۇ، گېپىمنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. 

رازىيە نىمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندى بولغاي، بېشىنى لىڭشىتتى.

_ ماقۇل، ئۈمىد ئاكا، ماڭا يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنى چوقۇم قەدىرلەيمەن، 

......

فەرۇق يېنىمغا كېلىپ مەندىن ئۇ مەست بولۇپ قېلىپ مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرىپ كېتىلگەندىكى ئىشنى سورىدى.  شۇ كۈنى كەچتە نەقمەيداندا مېنىڭ بار ئىكەنلىكىم راست، فەرۇقنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم، ئۆزۈم چىقىپ توسمىغىنىم راست،  لېكىن مەن ئالىمنى ئۇنىڭ كەينىگە سېلىپ قويغان.  ئەينى ۋاقىتتا ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئېغىر  بولۇپ كېتىشىنى مەنمۇ بىلمەيمەن دە، يەنە كېلىپ ئۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مەست بولۇپ قېلىشى ئەمەس. «مېنىڭ سەندەك ئاغىنەم يوق» فەرۇق مانا مۇشۇنداق دېدى. ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ ئۆتىۋاتقىنىمغا شۇنچە ئۇزۇن يىللار بولۇپتۇ، تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق گەپنى ئاڭلىشىم. مەنمۇ تاش يۈرەك ئادەم ئەمەس، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپنى ئاڭلىسام ئەلۋەتتە كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتىم. 

......

 شېرزات يەنە يېنىمغا كەلدى، بۇ قېتىم دادامنى بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۇدۇلۇمدا پۇتىنى ئالماپ مەغرۇر قىياپەتتە ئولتۇراتتى. 

_ ئەسلى مېنىڭ كەلگۈم يوق ئىدى، لېكىن دادام سەندىن تىجارەت ئىشلىرىنى ئۆگەن دەپ تۇرىۋالدى، ئامالسىز ئالدىڭغا كېلىپ قالدىم. سەن ئاكام بولغاندىكىن، شىركىتىڭگە كەلسەم ھېچبولمىغاندا مۇئاۋىن باش دېرىكتورلۇق ئورنىنى ماڭا بېرەرسەن، ئادەتتىكى خزمەتچى قىلىپ قويساڭ ئۆزۈڭنىڭ يۈزۈڭگىمۇ سەت. 

ئۇنىڭ يەنە مۇئاۋىن باش دېرىكتور بولغۇسى بولسا بوپتۇ، سىناپ باقسۇن، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇ توغرا يولغا مېڭىپ قالسا مەيلى ئەمەسمۇ. 

شىركەتنىڭ يىللىق پائالىيىتىنى بىر ئارامگاھقا ئورۇنلاشتۇردۇق، نازىيە بىلەن رازىيەنى ئېلىۋالدىم، يەنە نىگارە بىلەن شۆھرەتنىمۇ چاقىرىۋالدىم. شۆھرەت دېگەن بۇ ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ قويۇشۇم زۆرۆر دەپ ئويلايتتىم. ساقچى تەرەپ ئۇنى ئىچكىرىدىكى بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ گۇمان قىلاتتى، ھەم بۇ گۇمان بارغانچە ئىسپاتلىنىۋاتاتتى. لېكىن شۆھرەت ئاجايىپ ئېھتىياتچان، ھىيلىگەر ئادەمكەن، ئۇنىڭ گەپ سۆزىدىن ھېچقانداق يۇچۇق تاپقىلى بولمايدۇ.  

......

  يېڭى يىل ھارپىسى كۈنى دادام ئائىلە بويىچە بىللە تاماق يەيلى دېدى، مېنىڭ بارغۇم يوق، لېكىن نازىيە ماڭا بىر مۇنچە قائىدە سۆزلىدى، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خىجىل بولۇپ قالدىم. دادام ئەينى يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قانداق قىلغان ھە؟ ئايگۈل ھەدەم خېلىلا كېچىكىپ قالدى، قارىسام چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ، ئاغرىپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۇ كىرىپلا ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. 

_ مېنىڭ ئەزەلدىن سالامەتلىكىم ياخشى، كېسەل تىرىس قىلىپ تىگەلمەيدىغان ئايال ئىدىم، مۇشۇ قېتىم ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ ئىشىدا ئاچچىق يۇتۇۋېلىپ ھازىرغىچە ئەسلىمگە كېلەلمەيۋاتىمەن. 

ئۇ دارىتمىلاپ تۇرۇپ مېنى تىللاۋاتاتتى، مېنىڭ ھېلىقى يەرنى ھەسەنگە بېرىۋەتكىنىمدىن ئاغرىنىۋاتاتتى، لېكىن بۇ گەپ ماڭا تەسىر قىلماي ، شېرزاتنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا تىگىپ كەتتى.  ئۇ قولىدىكى چوكىنى ئۈستەلگە قارىتىپ ئاتتى، ئايگۈل ھەدەمنىڭمۇ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالدى. 

_ ئادەم بولغاندىكىن، ئاغرىيدۇ، ساقىيىدۇ شۇ، بۇنىمۇ ئاشۇنىڭغا باغلىۋالامسەن؟  ئادەم ئۆلۈپ قالسا ھېچ يېرى ئاغرىمايدۇ،  تىرىك جان بولغاندىكىن ئاغرىيدىغان گەپ. 

_ شېرزات، مەن دېگەن سېنىڭ ئاپاڭ، ماڭىمۇ شۇنداق گەپ قىلامسەن؟_ ئەمەلىيەتتە ئايگۈل ھەدەم مېنىڭ ئالدىمدا يۈزىنى قويىدىغان يەر تاپالمايۋاتاتتى. شېرزات ئورۇندۇقنى تېپىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. 

_ شېرزات، نەگە بارىسەن؟  تېخى تاماق يىمىدىڭ! _ شېرزات كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى. داداممۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلساممۇ بەرىبىر  دەپ ئويلىدىمىكىن، گەپ قىلماي جىملا ئولتۇردى.  ئەسلىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغۇم يوق ئىدى، كېتىدىغانغا باھانە تاپالماي تۇرسام رازىيەنىڭ ۋاستىچىسى تېلېفون قىلىپ  ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، يىغلاپ توختىمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، شۇ تېلېفوننى باھانە قىلىپ يېنىپ چىقتىم. 

رازىيە تۇرغان مېھمانخانىغا باردىم، ياتىقىغا كىرسام، تومپۇچكا ئۈستىدىكى سۇس چىراق ياندۇرۇپ قويۇلغان، رازىيەنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالەتتە كرىسلودا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى، مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپلا ماڭا ئېسىلدى. 

_ ئۈمىد ئاكا، ئاخىرى كەلدىڭىز، مەن سىزنى ئەمدى ماڭا قارىمامدىكىن دەپتىكەنمەن.

ئۇنىڭ قولىنى ئاستا ئۆزەمدىن ئاجرىتىپ، بېرىپ يەنە بىر كرىسلودا ئولتۇردۇم. 

_ ياقەي، نىمىشقا ئۇنداق قىلىمەن؟ 

ئۇ يەنە يېنىمغا كېلىپ بېلىكىمنى تۇتۇپ، بېشىنى مۈرەمگە قويدى. 

_ ئۈمىد ئاكا، ئۆينى سېغىندىم، ئاپامنى سېغىندىم، ئاچامنى سېغىندىم. ھەممە ئادەم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ ئولتۇرغاندا مەن يالغۇز ، بەك غېرىبسىنىپ كېتىۋاتىمەن.  ئۈمىد ئاكا، بۈگۈن كېچە كەتمەي ماڭا ھەمرا بولۇڭ، بولامدۇ؟  ئۆزۈم يالغۇز قورقىدىكەنمەن.  

_ رازىيە، يالغۇزلۇقتىن قورقسىڭىز ياخشىراق يىگىتتىن بىرنى تېپىپ توي قىلىڭ. مەن  ئايالىم بار، ئائىلەم بار ئادەممەن،  ھازىر بېرىپ ئايالىمغا ھەمرا بولمىسام بولمايدۇ_ دەپ ئۇنى ئىتتىردىم، ئۇ تېخىمۇ چىڭ يېپىشتى. 

_ كەتمەڭە، ئۈمىد ئاكا. 

_  بەك كەچ بوپ كېتىپتۇ، مەن ماڭاي ئۇ ئۆيدە مېنى ساقلاۋاتىدۇ_ شۇنداق دەپلا ئورنۇمدىن تۇردۇم. 

_ ئۈمىد ئاكا!

ئۇنىڭ چاقىرىشىغا پەرۋا قىلماي مېڭىۋەردىم. ئۆيگە بارسام چىراق يېنىقلىق تۇرۇپتۇ، دېمەك ئۇ مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. تېلېفونۇمنىڭ رازىيەنىڭ يېنىدا قېپ قالغىنىنى بىلمەپتىمەن، ياق، مەن ئۇنىڭ يېنىدا تېلېفونۇمنى  چىقارمىغان، دېمەك ئۇ قەستەن ئېلىۋاپتۇ. ئۇنىڭ تېلېفوندا نازىيەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان گەپ قىلىشىنى تېخىمۇ ئويلىماپتىمەن. لېكىن نازىيەنىڭ ھازىر خېلىلا ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان بولغانلىقىنى، بىر ئىشقا ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. 

ئەتىسى ئەتىگەندە ئالىم مېنى ئالغىلى كەلدى. 

_ شۆھرەت بىر ھەرىكەت قوللىنىدىغاندەك تۇرىدۇ_ دېدى ئۇ. 

_ ئۇنىڭ مەنۋەر بىلەن ئالاقىسى بارمىكەن؟ 

_ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. 

 بىر كۈنى تۇيۇقسىز شۆھرەت توغرىلىق ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇ يەنە قايتىدىن كونا كەسپىنى باشلىۋالغان ئىدى. ئالىمغا ئۇنى چۈچۈتۈپ قويماي ئاستىرتتىن داۋاملىق كۈزىتىشنى ئېيتتىم. يېڭى يىل ھارپىسى كۈنى شۆھرەت بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، مەن خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. ئۇ چاغان ئۆتكەندە نىگارە بىلەن ساياھەتكە چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ نىمە چوت سوقۇۋاتقىنىنى بىلگەندەك قىلدىم. ئۇ يەردىن يېنىپ نازىيە بىلەن بىپايان شىركىتىنىڭ ئۆگزىسىگە باردۇق. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىلنى قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ، لېكىن مەن  يېنىمدا ئۇ بولسىلا بولدى دەپ قارايمەن. شۇ كۈنى مەن نازىيەگە ئىككى تال زەنجىر بەردىم، بىرىنى ئۆزى تاقاشنى، يەنە بىرىنى نىگارەگە بېرىشنى ئېيتتىم. ئۇ ئىككى تال زەنجىرنىڭ بۇلاپكىسىغا ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىلغان ئىدى. بىرىنچىدىن، نازىيە كەينى كەينىدىن خەتەرگە يۇلۇقۇپ كېتىۋاتىدۇ، مەن سەل قورقۇپ قالدىم، ئىككىنچىدىن، شۆھرەت قېچىپ كېتىشنى پىلانلاۋاتقان بولسا، مەن ئۇنىڭ بارىدىغان يېرىنى بىلىشىم كېرەك. نازىيە بىلەن نىگارەنىڭ دوستلۇقىدىن پايدىلىنىشىم خاتا، بۇنى تەن ئالىمەن، لېكىن مەن ئۇنى خۇسۇسىي ئىشىم ئۈچۈن قىلمىدىم. 

بۇ نازىيە ئىككىمىز بىللە كۈتىۋالغان تۇنجى يېڭى يىل. مەن ئۇنىڭغا ھەر يىلى مۇشۇ يەردە يېڭى يىلنى بىللە كۈتىۋالايلى دېدىم، ئۇمۇ قوشۇلدى، بۇ ئارىمىزدىكى ۋەدە بولۇپ قالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا نازىيە يەنە يوقاپ كەتتى، بۇ قېتىم ئۇنى ئەزىمەت ئېلىپ كەتكەن ئىدى،  ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ بوينىدىكى زەنجىردىكى ئىز قوغلىغۇچقا ئاساسەن ئۇنى تاپتىم. ئۇنى تاپقان چېغىمدا ئەزىمەت قېچىپ كەتكەن، نازىيە پۇت قولى باغلانغان ھالەتتە كىيىم ئىشكابىغا سولاپ قويۇلغان ئىكەن. ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، شۇنىڭ كېيىن بىر نەچچە كۈنگىچە ئېسىگە كېلەلمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدىم، تەسەللى بەردىم، بىللە سەيلە قىلغىلى ئېلىپ چىقتىم. ئۇنىڭغا ھېلىقى زەنجىرنى سوۋغا قىلغىنىمدىن خوش بولدۇم، ئۇ زەنجىر بولمىسا ئۇنى قانداق تاپار بولغىيتتىم؟

شۆھرەت راستلا قېچىپ كەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بەك ھىيلىگەر نىمىكەن، ئازراق بىر ئىشنى سېزىپ قالغان بولسا كېرەك، غىپپىدە تىكىۋېتىپتۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيمەن، چۈنكى نازىيە ھېلىقى زەنجىرنى نىگارەگە بېرىپتىكەن، ئۇ زەنجىر نىگارەدە بولسا، نىگارە شۆھرەتنىڭ يېنىدا بولسىلا ئۇنى تېزلا تېپىۋالالايمەن. شۆھرەتنىڭ  كەينىدە يۈرىدىغان ئادىمىدىن بىرى تۇتۇلدى، ئۇ شۆھرەتنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار تۇتۇش بويرۇقى چىقاردى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغاندىلا مەن شۆھرەتنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەتتىم، لېكىن ئۇ تۇتۇش بويرۇقىنى مەنۋەر كۆرۈشى كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭ شۆھرەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولسا چوقۇم شۆھرەت تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن پەيدا بولۇپ، شۆھرەتنى ساقچىلاردىن بۇرۇن تاپىدۇ. 

......

بىر كۈنى كەچلىكى نىجات مېنى چايخانىسىغا چاقىردى، ئۇ فەرۇق ئىككىمىزنى كېلشتۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە چاقىرغان ئىكەن. ئەمەلىيەتتە مەن فەرۇقتىن خاپا بولمىدىم، ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇم، ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى ئۇنداق ئاجىز دەپ قارىمايمەن، ماڭا پەقەت ئازراق ۋاقىت كېرەك. 

_ ئاغىنە ئەرنىڭ پۇت قولى، ئايالى كىيىمى دېگەن گەپ بار، ھازىر مېنىڭ پۇت قولۇممۇ يوق بولدى، كىيمىممۇ يوق،  مەن ھەممىدىن ئايرىدىم، بىلىۋاتامسەن؟_ دېدى فەرۇق. 

ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ قارىماققا ھېچقانداق ئىشنى ئىچىگە ئالمىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە دوستلۇققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم. فەرۇق ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى نازىيە بىلەن نىگارەنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. نازىيە نىگارەنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشتىن شۇنچىلىك بىئارام بولدى. ئەينى يىلى نازىيەنىڭ دادىسىنىڭ ئىشىغا دادام سەۋەبچى بولۇپ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر ئازابقا قويۇپتىكەن، ئەمدىلىكتە مەن ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئىشىغا سەۋەبچى بولۇپ ئازابقا قويۇۋاتىمەن، لېكىن ماڭا راستلا باشقا ئامال يوق. 

شۇ كۈنى كەچتە ئەزىمەت ماڭا ئۇچۇر قىلىپ يەنە نازىيەنى پەش قىلىپ تەھدىت سالدى.  يېرىم كېچىدە نازىيەگە ئۇقتۇرماي سىرتقا چىقتىم.  ئۇ مېنى ئۇچار تاش قورغىنىغا كەل دېدى، بىلىشىمچە ئۇنىڭ ئىككى مەقسىتى بار، بىرى پۇل، يەنە بىرى بۇرۇن تارتقان ئىزا ئاھانەتلىرى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش.  مەن ئۇچار تاش قورغىنىغا ئەمدى بېرىشىمغا يان تەرەپ پارتىلىدى.  ماشىنىنى چەتكە توختىتىپ بۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم.  لېكىن ئەزىمەتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، پەقەت قورغاننىڭ  ئىچىدىن بىر خىزمەتچىنىڭ يۈگۈرۈپ چىققىنىنى، بىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشكە تېلېفون قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، بىردەمدىن كېيىن بىر نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى كېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى. ھېلىمۇ ياخشى ئوت ۋاقتىدا ئۆچۈرىۋېلىندى، ئەگەر قورغاننىڭ كەينىدىكى ئورمانلىققا تۇتىشىپ كەتكەن بولسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.  ئوت ئۆچۈرىۋېلىنغاندىن كېيىنمۇ ئەزىمەت كۆرۈنمىدى، تېلېفون قىلسام تېلېفونى ئىتىك.  بۇ خۇمپەر مېنى ئەخمەق قىلىپتۇ دە.  شېرزات ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ ئالدىدىكى كامېرانى كۆرۈپ، ئۇنىڭدا مېنىڭ ماشىنامنى كۆرۈپ بۇ ئىشنى مېنى قىلدى دەپ ئويلاپ قاپتۇ. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار ئىكەن، لېكىن مەن قىلمىغان ئىشنى بوينۇمغا ئالالمايمەن دە. نازىيەمۇ بۇ ئىشنى سىز قىلدىڭىزمۇ دەپ سورىدى. 

_ مەن ئەمەس، ماڭا ئىشىنىڭ! _ دېدىم مەن. 

_ سىزگە ئىشىنىمەن! _ دېدى ئۇمۇ. 

ئۇنىڭ بىر ئېغىز «ئىشىنىمەن» دېگەن گېپى بىلەن بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلىرىم كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. 

ئۇچار تاش قورغىنىغا يەنە بېرىپ كامېرانى كۆرۈپ باقتىم، ئۇنىڭدا مېنىڭ ماشىنام بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىدىن باشقا بىرەر يىپ ئۇچى يوق ئىدى.  لېكىن مېنى ئەزىمەت ئالداپ ئۇ يەرگە ئاپارغان ئىكەن، بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن گەپ. لېكىن ئۇنىڭ تېلېفونى ئىزچىل ئۇلانمىدى، ئۇ بىراقلا يوقاپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ قورقۇپ يوشۇرنىۋالغانمىدۇ يا؟

يېقىندىن بۇيان بەك كۆپ ئىشلار يۈز بەردى، يەنە كېلىپ ھەممە ئىش بىراقلا كەلدى. مەنۋەر، شۆھرەت، ئەزىمەت، ھەسەن...ھەممىسىنىڭ ئىشى تۇرمۇشىمىزنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. مەن يوشۇرنۇپ تۇرغان ئادەمنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.  مەنۋەردىن گۇمان قىلىمەن، لېكىن ئۇ ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ. ئەزىمەت مەندىن ئۆچ ئالماقچى، شىشۇاڭبەننادىن قايتىپ كەلگەندىن تارتىپ ئۇ قانداق قىلىپ مەندىن ئۆچ ئېلىشنىڭ كويىدا بولۇپلا يۈرىدۇ. ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىش تېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىمەن.  نازىيەنىڭ ئۆيدىن چىقىشىنى چەكلەپ قويالمايمەن، شۇڭا ئالىمنى نازىيە قەيەرگە بارسا بىللە ئېلىپ بېرىشقا بويرۇدۇم.  ئالىم ئۇنى تامامەن قوغداپ كېتەلەيدۇ. لېكىن ئىشلار دائىم تۇيۇقسىزلا يۈز بېرىپ قالىدۇ. 

بىر كۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرسام ئالىمدىن ئۇچۇر كەلدى. 

_«تەنھا بۈركۈتتىن ئۇچۇر كەلدى، مەنۋەر چوڭراق بىر ئىش قىلىدىغان ئوخشايدۇ». 

شۇ كۈنى كەچتە چوڭ بىر سودا بولىدىكەن، بۇنىڭغا مەنۋەر ئۆزى قاتنىشىدىكەن، تەنھا بۈركۈت ئۇنىڭ ئېنىق ئورنى بىلەن ۋاقتىنى دەپ بەردى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k