
بۇ ئەسەرنىڭ 154-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153-قىسىم
ئۇ ماڭا ھەممىنى سۆزلەپ بەردى. مەن قارىمايغا يېڭى كەلگەندە ئۆتكۈر بۇ يەرگە كېلىپ ئىلھام ئەپەندىمنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭغا ماڭا ياخشىراق قاراپ قويۇشنى تاپىلىغان ئىكەن، شۇڭا ساتتار دوختۇر مەن ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا باشقا بىر سىستېرا ئېلىپ مېنى خېلى يىنىكلىتىپ قويغان ۋە مائاش تارقاتقاندا ماڭا مىڭ يۈەن ئارتۇق بەرگەن ئىكەن، ئۆتكۈرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ساتتار دوختۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ماڭا شۇنداق ياخشى قارىغان ، ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ تاپىلىغانلىقىنى قەتئىي ئېيتماسلىقنى دېگەن ئىكەن.
_ ئۆتكۈر كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈمىد ئەپەندى كەلدى، ئۇ ماڭا 100 مىڭ يۈەن پۇل بېرىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە نازىيە ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ قالسا مەبلەغ نامىدا مۇشۇ پۇلنى بەرگەن بولسىڭىز دېگەنتى_ دېدى ساتتار دوختۇر ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ. پۇلنىڭ ئىشىدىن بۇرۇنلا خەۋەر تېپىپ بولغان ئىدىم، ئەمما ئۆتكۈرنىڭمۇ مەن ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، تېخىمۇ خىيالىمغا كەلمىگىنى ماڭا كىچىكىمدىن تارتىپ ماڭا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان، ماڭا روھى جەھەتتىن مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان «سىرداش دوستۇم» چايكا ئۆتكۈركەن ئەمەسمۇ. راستلا ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئەمدى ئويلاپ باقسام ھەر قېتىم ئۆتكۈر بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇنى يېڭىدىن تۇنۇشقان ئادەم ياكى ئۈمىدنىڭ نەۋرە ئىنىسى دەپ ئويلىماي، ئۇۇزن يىللىق دوستۇمدەك ئويلاپ كەپتىكەنمەن. چايكىنىڭ كاللامدىكى خىيالەن ئوبرازىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغىنىمۇ ئۆتكۈر ئىكەن. مەن نىمانچە دۆت، بۇ ئىشلارنى بۇرۇنراق ئويلاپ يېتىشىم كېرەك ئىدىغۇ. ئەسلى مەن تەلەيلىك ئەمەس، بەلكى تەلىيىم ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن كەلگەن ئىكەن ئەمەسمۇ.
ئۆتكۈر چايكا شۇكەن، ئەمما ھازىر ماڭا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولىۋاتقىنى بۇ ئەمەس. ئۈرۈمچىدىن يېنىپ كەلگىنىم بىلەن يۈرىكىم شۇ جايدا، ئۈمىدنىڭ يېنىدا قالدى، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغۇدەك جۈرئىتىم يوقمۇ ياكى تېلېفون قىلساممۇ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالىمەنمۇ ئۇقمىدىم، تېلېاوننى قوۇلمغا نەچچە ئېلىپ قايىغا قويۇپ قويدۇم. ھازىرقى ئىشىم تېلېۋىزوردىكى ۋە توردىكى خەۋەرلەرگە قاراش بولىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق خەۋەر يوق، ئەمما بىر ئويلىسام خەۋەرنىڭ بولمىغىنى خۇش خەۋەر ئىكەن.
قارىمايغا كەلگەن 10 كۈندىن بۇيان شىركەتنىڭ ئىشىنىمۇ تاشلاپ قويدۇم، يا گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيدۇ، كېچىسى ئۇيقۇ يوق، تورۇسقا قاراپ ياتقىنىم ياتقان. ئىشقىلىپ بىر ئىش بولىدىغاندەكلا بىلىنىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ھېس تۇيغۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. ھەسەن ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا ئىككى بالىنى ئوينىتىشقىمۇ يىتىشىۋاتىدۇ، ھازىر بالىلارغا قارىغۇدەك ھەپسىلەممۇ يوق. بالىلار ئويناۋېتىپلا تۇيۇقسىز «دادا» دەپ قالسا يۈرىكىم پىچاق تىققاندەك ئاغرىپ كېتىدۇ.
قارىمايغا كېلىپ 12-كۈنى تاڭ ئاتارغا يېقىن تېلېفونۇم سايرىدى، ئىكراندا ئۇنىڭ ئىسمى سەكرەپ تۇراتتى. تېلېفونغا قاراپلا ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتىم. بۇ ئۇنىڭ بىز ئاجرىشىپ كەتكەندىن بۇيان ماڭا تۇنجى قېتىم تېلېفون قىلىشى. تېلېفوننى ئالدىم، لېكىن قارشى تەرەپ جىمجىت.
_ ئۈمىد، بۇ سىزمۇ؟ گەپ قىلىڭە.
_ نازىيە، مەن سىزنى سۆيىمەن! _ بىز تۇنۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق گەپ چىقىشى. مەن بۇ گەپكە شۇنچىلىك زار بولغان ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك ئاجىز، كۈچسىز.
_ ئۈمىد، نىمە بولدىڭىز؟ ئاۋازىڭىز نىمانداق ئاجىز چىقىدۇ؟
_ سىزنى سۆيىمەن، سىزنى سۆيىمەن، سىزنى سۆيىمەن! _ ئۇ بۇ سۆزنى تەكرارلاۋەردى، كۆزۈمدىن ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى. لېكىن ئۈمىدنىڭ ئاۋازى بارغانچە پەسلەپ كېتىۋاتاتتى.
_ ئۈمىد، گەپ قىلىڭە، مېنى قورقۇتماڭ! _ تېلېفوننى تۇتۇپ تۇرغان قولۇم تىترەپ كەتتى.
_ ئۈمىد، ئۈمىد! _ قارشى تەرەپتىن سادا كەلمىدى. كارىۋاتتىن چۈشۈپ يالىڭاياقلا سىرتقا يۈگۈردۈم، ئىشىك تۈۋىدە ھەسەن تۇرۇپتۇ.
_ نېرى تۇرۇڭ! _ دەپ چاقىرىدىم مەن. لېكىن ئۇ مىدىرلىماي تۇراتتى.
_ تېخى تاڭ ئاتمىدى، نەگە بارىسىز؟_ دېدى ئۇ.
_ ئۈمىدكە بىر ئىش بوپتۇ، ئۈرۈمچىگە قايتىمەن.
_ بارسىڭىز بولمايدۇ.
_ چوقۇم بارىمەن! _ يىغامنى توختىتالمايۋاتاتتىم. لېكىن ھەسەن مېنى ماڭغىلى قويمىدى.
_ قانداقلا ئىش بولسا تاڭ ئاتقاندا بىر گەپ بولسۇن.
_ ياق، مەن ئۇنىڭغىچە ساقلىيالمايمەن، ئۇنىڭغا بىر ئىش بوپتۇ، ھازىرلا ماڭىمەن.
_ ھازىر ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان يوق.
_ ماشىنىچۇ؟ ماشىنا بىلەن ماڭساق بولىدۇغۇ؟
ھەسەن مېنىڭ نىمىلا دېسە ئۇنىمايدىغىنىمنى بىلگەن بولسا كېرەك.
_ ھە، بالىلارنى ئويغىتىپ كىيىندۈرۈڭ ئەمىسە_ دېدى. نەرسە كېرەكلىرىمنى بىردەمدە يىغىشۇرۇپ، بالىلارنى كىيىندۈرۈپ تەييار بولدۇم. كۆڭلۈم تىنەپ كېتىۋاتاتتى. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا ئۇنى كۆرەلەيمەن. لېكىن بۇ نەچچە سائەت ماڭا نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئەسىردەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. يولبويى ھەسەننى تېز ھەيدەڭ دەيمەن، ھەسەن ھېلىمۇ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن ماڭا ماشىنا مىسىلداپ مېڭىۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. مۇمكىن بولسا، قانىتىم بولسا ھازىر ئۇچۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بارغان بولسام دەپ كەتتىم. ئۈرۈمچىگە بارساق يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ. ئاخىرقى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى كۆرۈندى. ئالىم بىزنى شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.
_ ئۈمىد قانداقراق؟_ سورىدىم مەن ئۇنى كۆرۈپلا.
_ ئىدىيىڭىزدە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ، نازىيە ئاچا_ دېدى ئالىم.
يۈرىكىم توختاپ قالغاندەك بولۇپ لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئالىم ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭدى، ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باردۇق. ئۇ ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىدا ئىكەن، بۇ يەر باشقا دوختۇرخانىلاردىكىدەك ئۇنداق ئاۋات ئەمەس، ھەممە يەر جىمجىت، كىشىگە بىر خىل سۈرلۈك تەسىر بېرىدىكەن. ئالىم ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى، مەن كەينىدە، ئەڭ كەينىدە ھەسەن ئىككى بالىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن كارىدوردا مېڭىۋاتىمىز، بارغانچە جىددىيلىشىپ پۇتلىرىم ئالمىشىپ قېلىۋاتىدۇ. كارىدورنىڭ ئۇ بېشىغا بېرىپ قايرىلىشىمىزغا بىر نەچچە ساقچى كۆرۈندى. ئالىم بېرىپ ساقچىلارغا بىر نىمىلەرنى دېۋىدى، ھەممىسى بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى. بىردەمدىن كېيىن ئالىم يېنىمغا كېلىپ نېرىدىكى بىر ئۆينى كۆرسەتتى.
_ ئۇ ئاۋۇ ئۆيدە.
يۈرەك سوقۇشۇم تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتتى، پۇتلىرىمنى ئاران يۆتكەپ ماڭدىم، پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ دېرىزىدىن قارىدىم، ئۇ كارىۋاتتا ياتاتتى، ئاغزى بۇرنىغا ئۇزۇن شىلانكىلار تىقىپ قويۇلۇپتۇ. دېرىزىگە ئېسىلىپلا يىغلىۋەتتىم. كارىۋاتنىڭ يېنىدا بىر نەچچە دوختۇرلار بىر ئىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولسا كېرەك، بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ بولۇپ ھەممىسى بېشىنى چايقاشتى ۋە ئۈمىدنىڭ ئاغزى، بۇرۇنلىرىغا تىقىپ قويغان شىلانكىلارنى تارتىپ ئېلىپ ئۈستىگە ئاق رەخت يېپىپ قويدى.
_ ياق! _ ئېتىلىپ كىرمەكچى بولۇۋىدىم، بىر ساقچى كېلىپ تۇتىۋالدى. بىر نەچچە دوختۇر ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كېتىشتى. دوختۇرلار چىقىشىغا مەن بېرىپ قولىغا ئېسىلدىم.
_ دوختۇر، نىمىشقا ئۇنى قۇتقۇزمايسىلەر؟ ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇنداقلا ۋاز كەچمەڭلار. يەنە ئازراق تىرىشىپ بېقىڭلار، ئۇ بۇنداقلا بەل قويۇۋەتمەيدۇ، بولامدۇ؟
بىر دوختۇر بېشىنى چايقىدى.
_ كەچۈرۈڭ، ئۇنى جىددىي قۇتقۇزغىنىمىزغا تۆت سائەتتىن ئاشتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى توختاپ بولغىلى خېلى بولدى.
دوختۇر بىلەن ساقچىغا قارىدىم.
_ ئىشەنمەيمەن. ئۇ تاڭ ئاتاي دېگەندە ماڭا تېلېفون قىلغان تۇرسا، قانداقسىگە يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالىدۇ؟
بىر ساقچى ئالدىمغا كەلدى.
_ سىز نازىيە بولامسىز؟ _ ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ سومكىسىدىن بىر خالتىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
_ ئۇ بۇنى سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلغان ئىدى.
قولۇمنى سۇندۇم، ئۇ خالتىدىكى نەرسىنى ئالقىنىمغا قويدى. بىر تال يىپقا ئۆتكۈزۈپ قويۇلغان نەرسىلەر ئىدى. داچىنىڭ ئاچقۇچى، يەنە بەزى نەرسىلەر بار ئىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دېققىتىمنى تارتقىنى ئۇ ماڭا بېرىشكە تېخى ئۈلگۈرمىگەن ھېلىقى ئالتۇن ئۈزۈك ئىدى، ئالتۇن ئۈزۈككە قان يۇقۇپ قالغان، ئېنىقكى بۇ ئۇنىڭ قېنى. ئۇنىڭ ماڭا ئاخىرقى قېتىم تېلېفون قىلغاندىكى ئاۋازىنى ئەسلىدىم، شۇنچىلىك كۈچسىز، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ماڭا تېلېفون قىلغان بولسا كېرەك. نەرسىلەرنى قولۇمدا تۇتۇپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، ئورنۇمدىن تۇرغۇدەك ماغدۇرۇم قالمىغان ئىدى. ھۆڭرەپ يىغلىدىم، بار ئاۋازىم بىلەن يىغلىدىم. ئەتراپىمدا قاراپ تۇرغان دوختۇر، ساقچى، ئالىم، ھەسەن ھېچقايىسىسى ماڭا تەسەللى بەرمىدى. چۈنكى ھازىر ئۇلار نىمىلا دېسىمۇ ماڭا تەسەللى بولالمايتتى، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم، مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالدىم. ئاھ، بۇ ئازابنى قايسى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەي!
بىردەمدىن كېيىن تۇيۇقسىز يىغامنى توختىتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
_ مەن ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىمەن.
ساقچى مېنى يەنە توستى.
_ ئۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمان، يەنە كېلىپ ئۈمىدنىڭ ماتېرىيالىدا ئۇ بويتاق دەپ يېزىلغان، شۇڭا ئېلىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ.
ۋەتەن ئۈچۈن؟ قۇربان بولغان؟ قەھرىمان؟
_ ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشىڭىزغىمۇ يول قويۇلمايدۇ، بۇمۇ سىزنى قوغداش ئۈچۈن. توغرا چۈشەنگەن بولسىڭىز.
ئۇنى يېنىغا كىرەلمەيمەن، ئېلىپ كېتەلمەيمەن. ئەمدى يەنە... ئۇنىڭغا مۇشۇ يەردە قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قولۇمدىن كەلمەيدىكەن. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى، تۇيۇقسىز بالامنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ مېنى سەگىتتى. ئۇلارغا مېنىڭ يىغلىغىنىم تەسىر قىلدىمۇ يا كىچىككىنە يۈرىكى دادىسىنىڭ كېتىپ قالغىنىنى سەزدىمۇ ھەر ئىككىسى تەڭلا قىقىراپ يىغلاپ كەتتى.
_ بالىلارنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ كەتتى، يۈرۈڭ، كېتەيلى_ دېدى ھەسەن مېنى تارتىپ.
دوختۇرخانىدىن قانداق يېنىپ چىققىنىمنى بىلمەيمەن. سىرتتا يامغۇر تېزلىشىپ شارقىراپ يېغىۋاتاتتى. چىققان پېتى ئۆزۈمنى يامغۇرغا تۇتتۇم، يامغۇرنىڭ مېنى سەگىتىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، بۇ ئىشلارنىڭ بىر چۈش بولۇپ قېلىشىنى، يامغۇرنىڭ مېنى چۈشتىن ئويغىتىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ھەسەن كەينىمدىن مېنى چاقىردى.
_ ماشىنىغا چىقىڭ! قىزچاق.
ماشىنىغا چىقتىم. ھەسەن ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى.
_ ئىككى بالا ئۈچۈن بولسىمۇ سىز تىك تۇرمىسىڭىز بولمايدۇ، نازىيە. بالىلار سىزگە موھتاج، قاراڭە ئۇلارنىڭ سىزگە تەلمۈرۈپ تۇرغىنىغا.
مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىملىق يوقىتىشلارغا دۇچ كەلدىم، ھەر قېتىم بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن. ھەر قېتىم يۈرىكىم يېرىلىپ كەتكەندەك بولىدۇ، ھەر قېتىم مەلۇم بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىمەن، ئەمما مەنمۇ بىر ئادەم، يۈرىكى گۆشتىن تۈزۈلگەن بىر ئادەم، بىر ئاجىز ئايال كىشى.
ھەسەن مېنى داچىغا ئاپىرىپ قويدى. داچىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىردىم، ھەممە نەرسە شۇنچىلىك تۇنۇش، ھەممە نەرسىدە ئۇنىڭ ئىزى بار، يۈرىكىمگە يەنە ئاغرىق كىردى.
_ كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېلىڭ، ئاغرىپ قالماڭ يەنە _ دېدى ھەسەن.
ئۇنىڭ گېپىگە ئىرەن قىلماي ھەتتا ئايىقىمنىمۇ ئالماشتۇرماي كىرىپ كەتتىم. ئۆي شۇ پىتى، مەن كەتكەن چاغدىكىدىن قىلچە ئۆزگەرمەي تۇرۇپتۇ. مۈشۈك قەيەردىن پەيدا بولدىكىن، كېلىپلا ئايىقىمغا ئۆزىنى سۈركىگىلى تۇردى.
ھەسەن بالىلارنى قويۇپ چىقىپ يۈك تاقىلارنى ئەكىردى ۋە ئالدىراش ئاشخانا ئۆيگە بالىلارغا يىگۈدەك نەرسە تەييارلاش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى.
ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرەپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم. كارىدوردا بىر نەچچە بالىلار ماشىنىسى تۇراتتى. ئۇلارنى ئاتلاپ ئۆتۈپ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم. بۇ ئۆي بالىلارغا خاس قىلىپ بېزەپ قويۇلغىنىدىن ھەقىقەتەن خەۋىرىم يوق ئىدى، ئۈمىد بىز ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن قىلغان بولسا كېرەك. ئۆي ئىچىدە لاتا قونچاقلار ، يەنە ماشىنىلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا تېخى قوراشتۇرۇپ بولۇنمىغان ئايرۇپىلاندىن بىرى تۇراتتى. ئۇنىڭ بەداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئايرۇپىلان قوراشتۇرىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىپ كۆز يېشىم يەنە ئېتىلىپ چىقتى. ئاستى ئۈستى بالىلار كارىۋىتىنىڭ ئاستى قىزلارغا خاس ھالرەڭ، ئۈستى ئوغۇللارغا خاس كۆك رەڭ بېزەلگەن ئىدى.
ئۆزىمىزنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، ھەممە نەرسە شۇ پىتى. ئورۇندۇققا بىر گىتار، ئۈستەلگە بىر نوتا دەپتىرى قويۇپ قويۇلۇپتۇ. ئاستا بېرىپ نوتا دەپتىرىنى قولۇمغا ئالدىم، تاراققىدە قىلىپ بىر نەرسە ئۈستەلگە چۈشتى، ئەسلى نوتا دەپتىرىنىڭ ئۈستىگە بىر دانە بارماق دېسكا قويۇپ قويۇلغان ئىكەن، بايا ئۇنىڭغا دېققەت قىلماپتىمەن. بارماق دېسكىنى ئېلىپ كومپيۇتېرنى ئېچىپ، ئۇنى چاتتىم. كېلىشكەن، سالاپەتلىك، ئىسسىق چىراي ئۈمىد ئىكراندا پەيدا بولدى. كۆرۈنۈش سەل تۇتۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ چىرايى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ، ھاراق ئىچكەن بولسا كېرەك. ئۇ كرىسلوغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ گىتار چېلىپ كۆزىنى يۇمۇپ ناخشىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىۋاتقىنى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «شامال» دېگەن ناخشا ئىدى.
_ يامان ئىكەن سېغىنىش دېگەن،
ئۆرتەيدىكەن دىللارنى ئەلەم.
يۈرەك كۆيسە بىراۋغا ئەگەر،
شامالغىمۇ يىغلاركەن ئادەم....
ئۇ ناخشىنى ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك بېرىلىپ، مۇڭ بىلەن ئېيتىۋاتاتتى. ئىككى كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولسمۇ كۆزىدىن دۇمىلاپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياش ئېنىق كۆرۈندى. ناخشا تۈگىدى، ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ ئېكرانغا قاراپ كۈلدى.
_ مەلىكەم، سىزنى سۆيىمەن. مېنى كەچۈرۈڭ.
كەينىدىنلا ئۇ ئىكراندىن غايىپ بولدى. ئېتىلىپ بېرىپ ئىكرانغا ئېسىلدىم، لېكىن ئۇنى تۇتىۋالالمىدىم. ئۈستەلگە ئېسىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىدىم. پەستىن چىقىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى، ئۇ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بىردەم تۇرۇپ كىرمەي يەنە كەينىگە يېنىپ چۈشۈپ كەتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىكى نەرسىلەرگە قارىدىم، تۇيۇقسىز ھۇشۇمنى تاپقاندەك بولۇپ يۈرىكىم يايراپ كەتتى. مەن بايا چۈش كۆرۈپتىمەن، بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى چۈشۈمكەن. پەستىكى قەۋەتكە قاراپ يۈگۈردۈم. ھەسەن بالىلارغا شوۋىگۈرۈچ ئىچكۈزىۋتقان ئىكەن. ئۈستۈنكى قەۋەتتىن يۈگۈرۈپ چۈشكىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ قېتىپلا قالدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















