大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 157 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 157  - قىسىم aybarawazi
2023-11-15
3
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 158-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

157-قىسىم  


     ئىككى دوختۇر نۇسۇلكىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۈمىدنى ياتقۇزدى ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرگۈچنى تاقىدى، بىللە كەلگەن ئىككىيلەن نۇسۇلكىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن مەنمۇ يۈگۈردۈم، قورققىنىمدىن پۇت قولۇمدا جان قالمىغان ئىدى. ھېلىدىن ھېلىغا ئۇنىڭ تاتىرىپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قارايتتىم، ئۇنى ئەمدى تاپقاندا ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم. قەلبىمدە ئۈنسىز نىدا قىلىپ كېتىۋاتىمەن: «ئۈمىد، غەيرەت قىلىڭ. ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ،  بالىلىرىمىزغا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ»

ھەممە ئادەم يېڭى يىل بايرام شادلىقىغا چۆمگەن چاغدا مەن ئۇلار بىلەن بىللە ھەربىي رايون دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئۇنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئىتىرىپ ئېلىپ كىرىپ كېتىلگىنىگە قاراپ تۇردۇم. ئۇنى جىددى قۇتقۇزىۋاتقان چاغدا ئالىم ماڭا بۇ جەرياندىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى: شۇ چاغدا ئۇ ئىنتايىن ئېغىر يارىلانغان بولۇپ ھۇشىغا كەلمەي يېتىپتۇ، ھەتتا دوختۇر، سېستىرالارغىچە ئۇنىڭ ھۇشىغا كېلىشىدىن ئۈمىد يوق دەپتۇ.  ئۇلارنىڭ ماڭا دېمەسلىكىدىكى بىر سەۋەب مۇشۇكەن، يەنە بىر سەۋەب ئەينى ۋاقىتتا سىرتقا ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ خەۋەر تارقىتىشتىكى يەنە بىر مەقسەت تايران، ئەنۋەرلەرنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن. ھەممەيلەن ئۇنىڭ ھۇشىغا كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ تۇرغاندا بىر نەچچە سائەت بۇرۇن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، يۈرەك سوقۇشى دەسلەپتە ئاجىز، ئاندىن نورماللىشىپ، بارلىق كۆرسەتكۈچلەر نورمال ھالەتكە ئۆتۈپتۇ. دوختۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ھەيران قاپتۇ. ئۇ ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئېچىپلا «بۈگۈن قانداق كۈن» دەپ سوراپتۇ. ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا بۈگۈن 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىكەنلىكىنى، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا يېڭى يىل كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ دوختۇر سېستىرالارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا  ئۇنىماي  بىپايان شىركىتىنىڭ ئۆگزىسىگە بارىمەن دەپ تۇرىۋاپتۇ، يەنە كېلىپ چوقۇم كاستيۇم كىيىپ بارىمەن دەپتۇ. ئۇ بىر ئىش قىلىمەن دېسە ھېچكىم توسۇيالمايدۇ. ئۇلار ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمەي ئاخىرى بىر دوختۇر بىلەن بىر سىستېرانى قوشۇپ ئەۋەتكەن ئىكەن. »

ئالىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يەنە كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم. ئەسلى ئۇ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، شۇنچە ئېغىر يارىلىنىپ ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقاندىمۇ  مېنى، ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلدىم، شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.  مېنى يەنە قورقۇنۇچ باستى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ؟ ياق، ئۇنىڭدىن ئەمدى ئايرىلىپ  قالسام بولمايدۇ، بىر قېتىم ئايرىلدىم، يەنە ئايرىلىپ قالسام بەرداشلىق بېرەلمەيمەن. ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتكەندە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ دوختۇر چىقتى. مەن دەرھال دوختۇرنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدىم. 

_ دوختۇر، ئۈمىد قانداقراق؟ ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىڭ. ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇنى چوقۇم قۇتقۇزىۋېلىڭ. 

شۇ تاپتا دوختۇرنىڭ ئاغزىدىن نەتىجە ئاڭلاشقا شۇنچىلىك تەقەززا بولىۋاتىمەن، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن قورقۇپ تۇرىۋاتىمەن. دوختۇر ماسكىسىنى ئېلىۋېتىپ يىنىك بىرنى تىنىپ ئاندىن كۈلۈمسىرىدى. 

_ ھەيران قالارلىق ئىش بولدى، ھازىر ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتكۈچلىرى نورماللىشىپ خەۋپتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدى. 

دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇشلۇقتىن ھۆڭرەپلا يىغلاپ يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. شۇ تاپتا يىغلاپ تۇرۇپ كۈلىۋاتىمەن، كۈلۈپ تۇرۇپ يەنە يىغلاۋاتىمەن. بىلمىگەنلەر كۆرۈپ قالسا مېنى ساراڭ دەپمۇ قالاتتى. ئۇنى ئادەتتىكى  بالنىستقا يۆتكىدى، ئۇنى ئىتتىرىپ ئېلىپ چىققاندا ئەس-ھۇشى جايىدا ئىدى، مەن كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆزۈمنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماي ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردۇم، ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى بىر سىكۇنت نېرى قىلىشقىمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى.  ئۇ كۈچسىز قولىنى كۆتۈرۈپ بېشىمنى سىلىدى، ئۇنىڭ كۈلۈشىمۇ شۇنچىلىك ئاجىز، ئەمما تەسۋىرلىگۈسىز ئىللىق ئىدى. 

_ ھۇشسىز ياتقان چېغىمدا چۈش كۆردۈم، بەك ئۇزۇن چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە ئاپامنى، چوڭ دادامنى كۆردۈم، كېيىن نەزەر، نەزىرەنى ئېلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى كەڭرى بىر يايلاقتا يۈرەتتۇق، تۇيۇقسىز بىر بوران چىقىپ مېنى ئۇچۇرتۇپ كېتىپتۇ. مەن ئۇچۇپ ئۇچۇپ بېرىپ بىر قۇملۇققا چۈشۈپ قاپتىمەن. ئەمدى چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا ئالدىمدا شۇنچىلىك يوغان بىرى پەيدا بوپتۇ. ئۇ مەندىن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغىنىمنى سوراپتۇ، مەن بوراننىڭ ئۇچۇرتۇپ ئەكىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپتىمەن، ئۇ ماڭا «ياخشى كەپسەن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مەن بۇ يەردە يالغۇز ياشاۋاتاتتىم، ئەمدى ماڭا ھەمراھ چىقتى» دەۋاتقۇدەك،  مەن «ياق، مەن ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمەن، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويسام بولمايدۇ، يەنە بەك ئۇماق ئىككى بالام بار، ئۇلار مېنىڭ مېھرىمگە تېخى قانمىدى، مەن چوقۇم كېتىشىم كېرەك» دەپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ھەقىقەتەن مۇھەببەتلىك ئادەم ئىكەنسەن، ئەمىسە قايتىپ بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بالىلىرىڭغا ياخشى قارا» دەپلا يەنە بىر بوران چىقىرىپتىكەن، يېنىڭلارغا قايتىپ كەپتىمەن. 

ئۇ بۇ گەپلەرنى دەپ بولغۇچە دېمى يېتىشمەي قالدى، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ پىشانەمنى ئۇنىڭ پىشانىسىگە تەگكۈزدۈم. 

_ مېنى ئەمدى بۇنداق قورقۇتماڭ، بولامدۇ؟ مەنمۇ ئادەتتىكى ئاجىز، نازۇك بىر ئايال، بۇنداق چوڭ كۆڭۈل ئاغرىقىنى كۆتۈرەلمەيمەن. 

دەل مۇشۇ چاغدا «غىچ» قىلىپ ئىشىك ئېچىلىپ ئالدىدا نەزىرە، كەينىدىن نەزەر تايتاڭلاپ ماڭغان پىتى كىرىپ كەلدى. 

_ داددا، داددا! _   دەپ چۇرقىرىشىپ كەتتى ئۇلار.  ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھەسەن كېلىپ ئىشىك تۈۋىدە بىزگە قاراپ تۇراتتى. 

ئۈمىد بالىلارنى كۆرۈپ يەنە كۆزىگە يىغا ياماشتى.  ئىككى بالىنى كۆتۈرۈپ كارىۋاتنىڭ قىرىغا ئالدىم. ئۇ بالىلارنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ:

_ مەن قايتىپ كەلدىم، بالىلىرىم، ئەمدى ئايرىلماي بىللە ياشايمىز! _ دېدى.  مەن ھەسەنگە قاراپ «رەھمەت» دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ بىزنىڭ خۇشال خورام جەم بولغىنىمىزنى كۆرۈپ ئاستا كەينىگە ياندى. 


يېرىم يىلدىن كېيىن    سەنيا 

   دېڭىز ساھىلىدا كىچىك تىپتىكى ناخشا ئېيتىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلار ئەينى يىللاردىكى «تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتى»نىڭ ئەزالىرى. ئۈمىد بىلەن فەرۇق گىتار چېلىۋاتىدۇ، ئۆتكۈر چاتما دۇمباقنى ئىشتىياق بىلەن ئۇرىۋاتىدۇ، نىجات ئاككاردىيوننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىۋاتىدۇ،  تۆت ئەر كىشىنىڭ ناخشا ئاۋازى پۈتۈن دېڭىز ساھىلىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى. ئەتراپىمىزدا بارغانسېرى تاماشىبىنلار كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتى»نى بىلسە كېرەك، بىر بىرىلىرىنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلىشىپ، «شۇكەن» دىيىشىۋاتاتتى. نەزەر مېنىڭ قۇچىقىمدا، نەزىرە ئامىنەنىڭ قۇچىقىدا، بىز سەل نېرىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ نومۇرىدىن ھوزۇرلىنىۋاتاتتۇق. ئۈمىد ھە دېسە بىز تەرەپكە قارايتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مۇھەببەت تاراپلا تۇراتتى. ئامىنە ئىككىمىزمۇ ئىختىيارسىز ئۇلار بىلەن تەڭ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كېتەتتۇق.  بىر چاغدا نەزەر قۇچىقىمدىن سېرىلىپ چۈشۈپ ئۇلار تەرەپكە كەتتى، ئۇ ئۇدۇل دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ گىتارغا ئېسىلىپ، تارىسىنى ئىككى تارتىپ باقتى، ئاندىن ئۆتكۈرنىڭ ئالدىغا بېرىپ چاتما دۇمباقنىڭ تايىقىنى تالاشتى، ئۆتكۈر تاياقنى ئۇنىڭغا بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئالدى، ئۇ تاياق بىلەن دۇمباققا قالايمىقان ئۇرغىلى تۇردى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرالىغىنىدىن خۇش بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ ئۇماق قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۈمىد نەزەرنى قۇچىقىغا ئېلىپ يۈزىگە بىرنى سۆيدى ۋە ئېگىز كۆتۈرۈپ چۆگىلەتتى، نەزەر ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتى، بۇنى كۆرۈپ نەزىرە چىدىمىدى، ئۇمۇ ئامىنەنىڭ قۇچىقىدىن سېرىلىپ چۈشۈپ دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئېسىلدى،  ئۈمىد كۈلۈپ نەزەرنى قويۇپ قويۇپ نەزىرەنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چۆگىلەتتى. ئۇلارغا مەمنۇنلۇق بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ «بەخت» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 

 سەنياغا بارغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر ساياھەت نۇقتىسىغا بارغانتۇق، ئۇ يەردە بىر فىلىم ئىشلەش گورۇپپىسىنى ئۇچرىتىپ قالدۇق. شۇ كۈنى سۇغا چۈشىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى ئېلىۋېتىپتىكەن، ئايال ئارتىس بىر شاپىلاق يەپ ئاندىن سۇغا ئىتتىرىۋېتىلىدىكەن،  بىزمۇ قىزىقىپ قاراپ تۇردۇق، مۇشۇ بىرلا كۆرۈنۈشنى بەك كۆپ قېتىم ئالدى، ئەڭ ئاخىرىدا رېژىسور ئايال ئارتىسقا يەنىلا بولمىغانلىقىنى، يەنە بىر نەچچە قېتىم ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئايال ئارتىس ھەر قېتىم سۇغا چۈشكەندە تىنالماي قالاتتى. بىز بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ كەتمەكچى بولدۇق. 

_ ئۈمىد ئاكا! _ كەينىمىزدىن تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بىز بۇ ئاۋازنى ئاڭلىمىغاندەك كەينىمىزگە قاراپمۇ قويماي مېڭىۋەردۇق.  نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ ئىسىمنى چاقىرغانلارغا پەرۋا قىلماسلىققا ئادەتلىنىپ قالغان ئىدۇق. بىردەمدىن كېيىن بىرى كېلىپ ئالدىمىزنى توستى. بۇ دەل بايىقى قايتا قايتا سۇغا چۈشكەن رولنى ئېلىۋاتقان ئارتىس_ رازىيە ئىدى. ئۇ بىر ماڭا، بىر ئۈمىدكە قاراپ ھەيرانلىق ھەم ھاياجان بىلەن:

_ ئۈمىد ئاكا، تېخى ھاياتكەنسىز، سىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم! _ دېدى.  ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى بايا قاراپ تۇرغاندىلا تۇنۇپ بولغان، ئۈمىدنىڭ تۇنۇماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما... ئۈمىد ئۇنىڭغا خېلى قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:

_ كەچۈرۈڭ، خاتا تۇنۇپ قاپسىز! _ دېدى.  بۇ گەپنى ئاڭلاپ رازىيەنىڭ كۆزىدە ياش ئەگىدى،  ئۈمىد مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئۇنى ئايلىنىپ ئۆتتى.  رازىيە يەنە كەينىمىزدىن يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇ چېچىدىن ئېقىۋاتقان سۇنى بىر سىقىۋەتكەندىن كېيىن ئۈمىدكە قاراپ زورىغا كۈلۈمسىرىدى. 

_ كەچۈرۈڭ، مەن بايا سىزنى راستلا خاتا تۇنۇپ قاپتىمەن. سىزنى بىرەيلەنگە ئوخشىتىپ قاپتىمەن. سىز ئۆز ئاكامدىن چارە كۆرىدىغان بىر ئاكامغا بەك ئوخشايدىكەنسىز،  ياخشىمۇسىز، مېنىڭ ئىسمىم رازىيە، مېنى ناتونۇش ئادەم دەپ قارىسىڭىز بولىۋېرىدۇ، مەن سىزگە پەقەت  بەختلىك بولۇڭ  دېمەكچى.  ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! 

 ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس، لېكىن ئۇ يەنىلا زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. 

_ رەھمەت سىزگە!_ دېدى ئۈمىدمۇ. 

 بىز مېڭىپ بولغاندا ئامىنە تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ يۈگۈرۈپ كەتتى ۋە بىزگە تېخىچە قاراپ تۇرغان رازىيەنىڭ يېنىغا بېرىپ قولىغا سېلىۋالغان زەنجىر بىلەيزۈكىنى ئۇنىڭغا بەردى. 

_ رازىيە، ياخشىمۇسىز.  بۇرۇن مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. بايا شۇنداق تىرىشىۋاتقان ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم، غەيرەت قىلىڭ. تىرىشقان ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. 

ئامىنە ئۇنى بېرىپ بولۇپ يەنە يۈگۈرۈپ يېنىمىزغا قايتىپ كەلدى. بىز خېلى ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن كەينىمگە قارىسام رازىيە تېخىچە بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم، ئەمما مۈرىسىنىڭ سىلكىنىۋاتقىنىنى ھېس قىلالىدىم، دېمەك ئۇ تېخىچە يىغلاۋاتاتتى. ئارىدىن شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، شۇنچە ئىشلار يۈز بېرىپتۇ، ھازىر ئۆزۈمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭغا قاراپ قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم ۋە ئىچىمدە:«غەيرەت قىلىڭ، تىرىشقان ھەرگىز يەردە قالمايدۇ!» دېدىم.  

ئەتىسى چارچاپ قالدىممىكىن، ياتاقتىن چىققۇم كەلمىدى، ئۈمىدمۇ ماڭا تارتىشىپ چىقمىدى، قالغانلار باشقا ياقلارغا مەنزىرە كۆرگىلى كېتىشتى. بىزنى ياخشىراق ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ بالىلارنىمۇ ئۇلار ئېلىپ كەتتى.  ناشتا قىلىپ بولۇپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرساق ئۈندىدار توپىمىزغا ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇرنى فەرۇق يوللىغان ئىدى. 

_ كۆپچىلىك،  ئۇلار ئىككىسى ياتاقتا قالدى،  قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ توپقا يوللىمىسا ئۇلارنى بىزنى تاشلاپ باشقا ياققا ئوينىغىلى كېتىپ قاپتۇ دەپ  كەچۈرمەيمىز ھە، قانداق دېدىم؟ 

_ چاتاق يوق! _ دېدىم مەن بىرىنچى بولۇپ جاۋاب قايتۇرۇپ.

_ ئەۋەتىڭە ئەمىسە. 

_ ئۇنداق ئەۋەتىڭە دېسىلا ئەۋەتىدىغان ئىش يوق، چوڭراق قىزىل بولاقتىن بىرنى ئېتىڭ، ئاندىن ئەۋەتىمەن.  

_ گېپىڭىز گەپ ھە؟ 

_ ئەلۋەتتە. 

 فەرۇق بىردەمدىلا 88 يۈەن 8 مو قىزىل بولاق ئاتتى، مەن تېزلىك بىلەن ئېلىۋالدىم. 

_ سۈرەتچۇ؟ _  دەپ ئۇچۇر يوللىدى ئۇ. 

_ مانا! _ دەپلا بىر كىچىك ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئويناۋاتقان سۈرىتىنى يوللاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى ئالايىتەن ئىككىمىزنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويدۇم. 

_  بولدىمۇ؟ 

فەرۇق ھاڭۋېقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىدىن بىرنى يوللىدى ۋە كەينىدىنلا يەنە ئۇچۇر يوللىدى. 

_ بولدى، بولدى. تازا قاملاشتى. ئالدىنىپ كەتتىم _ دە. 

توپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتىشتى. مەنمۇ كۈلۈپ دومىلاپ كەتتىم. ئۈمىد نىمىگە كۈلۈپ كېتىۋاتىسىز دەپ سورىغانتى، تېلېفونىڭىزغا قارىڭە دېسەم، توپتىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ كىيىمىنى ئالماشتۇرىۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆكرىكىدە بىر نەرسە كۆرۈپ قالغاندەكلا قىلدىم. 

_ توختاڭە! _ دېدىم مەن جىددىيلا. 

_ نىمە بولدى؟_ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى ئۇ. 

مەن ئاستا بېرىپ ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قارىسام ئىنتايىن چىرايلىق، نازۇك قىلىپ چېكىلگەن مېنىڭ ئىسمىم تۇراتتى. 

_ بۇ...

_ سىزنى يۈرىكىمگە ئەڭ يېقىن جايدا تۇرسۇن دېدىم! _ دېدى ئۇ. مەنمۇ ئارتۇق گەپ سورىمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ گېپىدىن پۈتۈن بەدىنىمگە ئىللىق بىر سېزىم تارىدى. 

_ مەندىن مەڭگۈ ئايرىلماڭ، بولامدۇ؟ _ دېدىم مەن ئۇنىڭ باغرىغا يۈزۈمنى يېقىپ. 

_ ھەرگىز.  مەن سىز ئۈچۈن ياشايمەن.

 ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققان ماڭا بىر كىملىكنى كۆرسەتكەن، كىملىكتە ئۇنىڭ ئىسمى ئۈمىد ئەمەس، بەلكى  ئارمان ئىدى. ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.

_ بۇرۇنقى ئۈمىد يوق،  ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتتى، ھازىر ئالدىڭىزدا تۇرغىنى نازىيە ناماننىڭ ئېرى ئارمان ئابلەت. 

شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇرۇنقى ھاياتىدىن تامامەن خوشلىشىپ، يېڭى ئىسمى بىلەن يېڭىچە ھاياتىنى باشلىدى.  يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يېڭى ھاياتىدا ئۇ بارلىقى بىلەن مېنىلا سۆيەتتى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالىدا مەن ۋە ئىككى بالىمىزلا بار ئىدى. 

مەن مانا مۇشۇنداق بەختلىك! 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k