
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 10 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 8 |
7 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
9 - قىسىم
شۇنداق قىلىپ پەرىيدە بىلەن رەنا تىزلىكتە دوختۇرخاندىن چىقىش رەسمىيتىنى بىجىرىپ تىز ئويگە قايىتماقچى بولدى, چۇنكى ئەرفاتىن رەنا بەك ئەنسىرگەن ئىدى ئۇ ئويگە قايتىپ كىلىشىگە ئەرافات دەرھال يۈگۈرۈپ چىقىپ:
- ئاپا قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟ قانداقراق تۇرىسىز؟ نېمانداق تېز دوختۇرخانىدىن چىقىۋالدىڭىز ؟ - ئەرافات ئاپىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوش بولۇپ كەتتى ، بۇ ۋاقىتتا ئەرافات ئاللىقاچان ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى ئۈستەل ئۈستىگە تىزىپ قويغان ئىدى, پەرىدە ئەرافات تەييارلىغان ناشتىلىقنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىچىدە تۇخۇم سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ بارلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئەرافاتقا :سولتەك ؟بۇ تۇخۇم سېلىنغان شوۋىگۈرۈچنى سەن تەييارلىدىڭمۇ ؟ ئەرافات بېشىنى سەل چايقاپ :
- ياق ، مەن بۇنى ئۆزۈم قىلمىدىم ، سىرتقا چىقىپ سېتىۋېلىپ ئەكىردىم ,لېكىن ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈم ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ ئاپامنى ياخشى باقىمەن . پەرىيدە :
-ئوھو ،شۇنداقمۇ؟ ياخشى بالا ! -خو دەپ ئوڭ قۇلىنى كۈتۇردى . رەنا ئوغلىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتتى ھەم ئوغلىنىڭ مەڭزىگە سۇيۇپ قۇيدى ،ئەرفات ھايات ئۇنىىڭغا بەرگەن ئەڭ كاتتا سوغىسى ئىدى ئۇ :
- بۇگۇن ھەپتىگە ئالتە ،دەرىس ئوقۇمايسەن تاماق يەپ بولوپ سىرىتقا چقىقىپ ئويناپ كىر ،-دىدى . ئەرافات بېرىپ ئاپىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ:
- ئاپا ،سىز تاماقنى يەپ بولۇپ ياخشى ئارام ئېلىڭ ، مەن دوستۇم بىلەن كېلىشىپ قويدۇم ، بىز سىرتقا چىقىپ ئوينايدىغان بولدۇق . سىز بۇ مېنىڭ بۇ تەلىپىمگە قوشۇلىدىغانسىز!؟ دېدى ئۇ ئۇتۇنگەن ھالدا.
رەنا رەت قىلمىدى ھەم :
- ماقۇل ، ئوغلۇم سىرتقا چىقساڭ بولىدۇ ، لېكىن چۇقۇم بەك ئېھتىيات قىل . ئەگەر بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئاپاڭغا تېلېفون قىل بولامدۇ؟
-بولىدۇ ئاپا .ئەرفات ئاپىسنىڭ قۇشۇلغىننى كۇرۇپ خوش بولوپ كەتتى ،ئۇنىڭ كۈلىشى بەك ئۇماق، ئادەمنى مەھلىيا قىلاتتى . پەرىدەنىڭ ئەرفاتنىڭ قىلقىغا بەكلا ئىچى كويدى تۇنۈگۇن ئاپىسنىڭ ئەھۋالىنى كورگەن ئەرفات بەكلا جىدىيلىشىپ كەتكەن ئىدى ھەم ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغان . شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئۈچەيلەن ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلدى ، ئەرافات تامىقىنى تېز يەپ بولۇپ ماڭاي دىيشىگە پەرىيدە :
-مەن سىنى ئاپىرىپ قۇيايمۇ ؟ ئەرفات :
- بولدى ئاچا مەن ئۇزەم بارمەن دەپ ،يۇگۇرۇپ چىقىپ كەتتى :
ھىشقىسى يوق ،ئۇنى بارغىلى قوي دىدى رەنا ،ئۇ ئوغلىغا ئىشنەتتى پەرىيدە سەل ئەنسىرەپ :
-ئۇ تىخى ئەمدى 5 ياش ،بىرەر ئىش بولوپ قالسا قانداق قىلىمىز ؟دىدى ئۇ -ھىچقىسى يوق ،شاڭخەيدىكى ۋاقىتتا ۋاقىتتا سىرىتقا چىقىپ نەرسە كىرەك سىتۋالاتتى ،بەك يامان بۇ ئۇغلۇم ،بوش كورمە سەن!-دىدى مەغرۇرلىنىپ ،لىكىن پەرىيدەنىڭ چىرايىدىن ئەنسىرگەنلىك ئالاماتى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى . ئۇلار تاماق يەپ بولوپ تىلۋۇزۇرنى ئاچتى .تىلۋۇزۇردا خەۋەر چىقىۋاتاتتى . خەۋەردە مۇنىرەنىڭ رەنادىن كەچۇرۇم سورىغانلىقى ئېكران چىقىپ تۇراتتى .ئۇ: سوفىيە خېنىم مېنى كەچۈرۈڭ . مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ قويدۇم . بۇ مېنىڭ شەخسىيەتچىلىكىمدىن بولدى . ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم . سىز مېنى ئۇرسىڭىزمۇ تىللىسىڭىزمۇ كۆڭلۈمگە ئالمايمەن ، لېكىن بىرلا ئۈمىدىم سىز قۇرباننىڭ گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىقنى بۇزمىسىڭىز . چۈنكى بۇ ھەمكارلىق قۇربان باشلىق ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم . ئۇ بۇ ھەمكارلىق توختام ئۈچۈن كېچە كۈندۈز ياخشى ئارام ئالمىدى . سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي . مېنى بۇ بىر قېتىم كەچۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز ، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئۇقۇشماسلىق سىلەرنىڭ توختامغا تەسىر قىلمىسىكەن؟ سىز ئۇ گۇرۇھقا بېرىپ ئىشلىگەن بولسىڭىز . ئۆتۈنۈپ قالاي .؟ مەن راس خاتا قىلدىم ، ئۇ يىغلاپ تۇرپ رەنادىن ئۇتۇنگەنلىك ۋىيدىئۇ قۇيۇلۋاتاتتى .رەنا مىيىقدا كۇلۇپ تۇرۇپ:بۇ خۇتۇن نىمدىگەن ھىلىگەر ئۇ نەدىمۇ سەمىيمى كەچۇرۇم سورسۇن ،ئەمەلىيەتتە ئۇ سەمىيمى كەچۇرۇم سورغان بىلەن لىكىن ئۇنىڭ قۇرباننى ئادىمى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قۇربانغا ياخشىچاق بولغانلىقى مانا مەندەپلا چىقىپ تۇراتتى…بۇ خۇتۇن ئۇيۇن قۇيۇشقا نىم دىگەن ئۇستا ! نىمدىگەن قاملاشمىغانلىق بۇ؟ ئۇ پەرىيدەگە قاراپ كۇلۇپ قويدى، پەرىيدە :
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
لىكىن رەنا خىيالى تۇراتتى ،پەرىدە بوسا دوستى ئۈچۈن ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى …چۇنكى دوستى نۇرغۇنلىغان دوشمەنلەرنىڭ ئوبىكتى بۇلۇپ قالاي دىگەن ئىدى …
رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ پەرىدەنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويدى :
- دوستۇم خاتىرجەم بول ، مەندىن ئەنسىرىمە ، مەن بەش يىل ئاۋۋال ئاۋۋالقىدىكى رەنا ئەمەس ، گەرچە مۇنىرە بۇ قېتىم بۇ ئىش ئارقىلىق ماڭا تاقابىل تۇرغان تۇرغان بولسىمۇ ئۇ چۇچۇرىنى خام ساناپ قاپتۇ، خاتىرجەم بول ، قۇربان ئۇزى مېنى ئىشقا ئالغىلى كېلىدۇ ؟
پەرىدە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ:
-قۇربان سېنى ئالغىلى كېلەمدۇ؟ راستمۇ يالغانمۇ ؟. قانداقمۇ مومكىن بولسۇن؟ پەرىيدە ھەيران قالدى ھەمدە ھۇجۇرسىغا كىرىپ كەتتى
رەنا ھۇجرىسىغا قايتقاندىن كېيىن قولغا تىلىفۇننى ئالدى دە ، قۇربانغا خەت يازدى . ”قۇربان دېرىكتور كەچۈرۈڭ . بەلكىم ماڭا ئۈرۈمچىنىڭكى ھاۋاسى ماڭا ياقمىغان بولۇشى مۇمكىن . مەن باش شىركەتكە ئىلتىماس سۇندىم ، باش شىركەت سىلەرگە باشقا بىر ماشىنا لايىھىلىگۈچى ئەۋەتىدىغان بولدى . مۇنىرە خىنىمنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇنداق مەندىن كەچۈرۈم سورىشى مېنى ئازراق ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى ؟ ئۇشۇنداق بولغانكىن مەن شاڭخەيگە قايتىپ كېتەي . خوش … سوفىيە …“ رەنا ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپ ھۇجرىسىغاكىرىپ ئۇخلاپ قالدى . قۇربان رەنانىڭ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئازراق گاڭگىراپ قالدى چۈنكى رەنا يوللىغان بۇ نومۇر ئەينى ۋاقىتتا رەنا ئوتتا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىشىلتىلمىگەن نۇمۇر ئىدى ،كىيىن بىر سەۋەبلەر بىلەن نۇمۇرنى ئىچىپ ئۇزىنىڭ شەخسى نۇمۇرى قىلۋالغان ئىدى ، بۇ تېلېفون نومۇرىنى ھەتتا مۇنىرەمۇ ئۇقمايتتى. ياردەمچىسى روزىلا بىلەتتى ئۇنىڭدىن باشقا رەنا ئۇقاتتى . ئەمدىلىككە كەلگەندە ، لايىھىلىگۈچى سوفىيە بۇ نومۇر ئارقىلىق قۇربانغا ئۇچۇر يوللىغان ئىدى ، شۇنداقكەن بۇ رەنا بوممىسا كىم ؟ نۇرغۇن سوئاللار ئۇنىڭ كاللىسىدىن كەچتى . ئۇ سەل ئۇزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن ياردەمچى روزىغا تىلفۇن قىلدى :
-ۋەي ،مەن ساڭا سوفىيەنى ئىنىقلا دىگەن ئىش قانداق بولدى ؟ رۇزى تېلېفوننى ئېلىپ چۆچۈپ كەتتى ، بۈگۈن دەم ئالىدىغان كۈن ئۇ تازا بىر ئۇخلىۋالاي دېگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ بۇ گېپى روزىنى ئۇيقىدىن بۇزۋەتتى، ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا :
-خوجايىن ، مەن بارچە ئاماللار بىلەن ئۇنى تەكشۈرۈپ چىقتىم . سوفىيە بۇ ئايال راستىنلا كىچىكىدىن شاڭخەيدە چوڭ بولغان ئايال ، ئۇ باشلانغۇچ ،يەسلى ئوتتۇرا مەكتەپ ،تولۇق ئوتتۇرا ھەممە مەكتەپلەرنى شاڭخەيدە ئوقۇغان ، مەن ئۇنىڭ دوستلىرىدىنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى سوفىيە ئىكەن ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇرغا ئىرشەلمىدىم . ياردەمچى روزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ ئاچچىقى كېلىپ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كەتتى :
-سەن راست گەپ قىلە سوفىيە دېگەن بۇ ئايالنىڭ بىرەر ئوقوش جەرياندا بىرەر ئىشقا يولۇققان بىرەر ئېغىر ۋەقەگە يولۇققان ئىشلىرى بارمۇ يوق ؟ قۇرباننىڭ بۇنداق سورىشىدىن ياردەمچى رۇزى ئەندىكىپ كەتتى ، ساڭا يېرىم سائەت ۋاقىت بېرەي ، ئۇنىڭ ھەممە ئۇچۇرلىرىنى تەكشۇرۇپ بەر ماڭا!؟قۇربان روزىنىڭ جاۋابىنى كۈتمەي تېلېفوننى قويىۋەتتى . سوفىيە ئەگەر شاڭخەيدە تۇرغان بولسا ، ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى بار بولىدۇ . لېكىن سوفىيە دېگەن ئايال ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى ، ئەجەبا بۇ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشمىىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سوفىيەنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئەڭ دوستى پەرىدە ئىدى . نۇرغۇن سوئاللار قۇرباننىڭ كاللىسىغا ياغاتتى . قۇربان تارتمىدىن بەش يىل ئاۋۋالقى ئاجىرشىىش خىتى ۋە تويلۇق ئۇزۇكنى ئۈستەل ئۈستىگە ئالدى . ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ بۇ تويلۇق ئۈزۈكنى رەناغا ئېلىپ بەرگەن ئىدى . گەرچە ئۇ رەنا بىلەن ئۆزى خالاپ توي قىلمىغان بولسىمۇ ، رەنانىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلىنى قۇربان ئۆزى ئۇقاتتى . قۇربان كۈنلۈكى كېچىلەپ خىزمەت قىلىپ ، قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، رەنا ئۇنى كېچىچە كۈتۈپ ، ئۇنىڭ كىلىشىگە قىزىق تاماقنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلاتتى ، ئۇنىڭ ئۈچ يىل كۇينىشى ئوزگىرەپ قالمىغان ئىدى ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلغان ئىدى . چۈنكى رەنا قۇرباننى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى . قۇربان گەرچە رەنانىڭ ئۆزىگە بىر بالا يەڭگىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغۇسى كەلمەيتتى تۇرمۇشتا بالا بولمىسا ، مۇھەببەتنىڭ بولغىنى بىكار ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ، رەنا بالا تۇغۇش ئۇچۇن جۇڭيىچە دورىنى يېسە بەدىنىگە تەسىر نەچچە قىتىم دوختۇرخاندا يىتىپ جىندىن ئايىلغىلى تاسلا قالغان ،قۇربان بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا سەل ئىچ ئاغرىتقان ، لېكىن نېمە سەۋەب بولغان بولدىكىن تاڭ قۇربان ئۇنىڭغا ئىنتايىن قوپال مۇئامىلە قىلاتتى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى ، لېكىن رەنا قۇربانغا مۇشۇنداق قۇپال مۇئامىيلە قىلسىمۇ لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى .لىكىن قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى ئۇزىلا بىلەتتى .قۇربان ئەزەلدىن رەنانى ئويلاپ باقمىغان ئۇنىڭ ئۇچۇن ياشمۇ توكۈپ باقمىغان ئىدى ،بىر كۇنىسى ئۇ كارۋاتتا قىززىپ يىتىپ قالغان ۋاقىتتا ئۇ قىينالغىنچە قۇرباننىڭ ئىسمىنى نەچچە قىتىم چاقىرغان،ئۇنى قۇربانمۇ ئاڭلىغان ئۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئۇزىنى شۇنچىلىك ياخشى كۇردىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى ،لىكىن رەناغا ياخشى مۇئامىلە قىلاي دېگەن ۋاقىتتا مۇنىرە بىر بالىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەن . بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كاللىسى ئىنتايىن قالايمىقان بولغان ئىدى . ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ رەنانى چەتكە ئېلىپ چىققۇزماقچى ھەمدە قورسىقىدىكى بالىنى باققۇزماقچى ئىدى ، لېكىن ئاشنىسى بىلەن ئوت ئاپىتىگە ئۇچۇرغانلىقى ئاڭلىدى،لىكىن بۇ ئىش ئۇنىڭ كالىسىدىن ئوتمەيتى …ئۇزىنى چىن يۇركىدىن سۇيدىغان بۇ ئايالنىڭ قانداق ئۇنداق قىلغانلىقى نۇرغۇن يۇرەكنى ئەزگۇدەك سوئاللار ئۇنى قىينانتى ئەمما بۇ ئىشلار پەقە ت رەنا كىلىپ قۇربانغا دىسە ئايدىڭ بولاتتى .مانا ئەمدىلىكتە ئۇ قايتىپ كەلدى …لىكىن ئۇنىڭ رەنا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ئىغىزغا ئالغۇدەك بىرەر سەۋەب يوقتە ؟شۇنداقتىمۇ قۇربانغا بىر خىل سىزىم بولاتتى ، خۇددى ئايالى قايتىپ كەلگەندەك ……
يىرىم سائەت ئۇتۇپ كەتكەندىن كىيىن ياردەمچى رۇزى خەۋەر ئىلىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ جىدىيلىشىپ :
-خوجايىن بەش يىل بۇرۇن سوفىيە خانقىز ماشىنا ۋەقىسىگە ئۇچۇرغان ھەمدە چەتكە چىقىپ داۋالاتقان.
-بەش يىل بۇرۇن؟ دىدى قۇربان جىددىيلىشىپ : - شۇنداقمۇ ، ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بارمۇ؟ بەش يىل بۇرۇنقى قايسى ۋاقىتىكەن ؟
- ئۈچىنچى ئاينىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى .
قۇربان روزىنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۇمانىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى سەزدى . چۈنكى بەش يىل بۇرۇنقى ئوت ئاپىتى دەل ئۈچىنچى ئاينىڭ يىگىرمە سەككىز يۈز بەرگەن ئىدى.
قۇربان يەنە روزىغا سوفىيە قايسى دوختۇرخانىغا قەيەرگە چىقىپ داۋالانغان ، قايسى دوختۇر مەسئۇل بولغان ؟ ئۇنىڭ قېشىدا كىم بار ؟، ھەممىسى ماڭا ئېنىقلاپ بەر ،-دېدى . رۇزى خوجايىننىڭ گەپلىرىدىن ئاڭلاپ ئىنتايىن گاڭگىرىغان ئىدى .
- ماقۇل بولىدۇ . خوجايىن ، مەن ھازىرلا بېرىپ تەكشۈرەي ،-دەپلا ئىشخاندىن چىقىپ كەتتى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



