大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 8 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 8 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-01-27
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 9 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1





7



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


8 - قىسىم



رەنا  تۇيۇقسىز بەش يىل بۇرۇنقى   ئوت كەتكەنكى ئىشلارنى ئەسكە ئالدى ھەمدە   قوغدىغۇچىنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرباننىڭ يول كۆرسەتمىسى بويىچە قىلغانلىقى ھەممە ئىشلارنى بىر قۇر ئويلاپ چىقتى

. ھەمدە ئىچىدە :  بۇنداق ئىپلاس ، ۋىجدانسىز ئەرلەرگە ئازابنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويۇش قويۇش كېرەك .

ئۆز سۆيگۈنى تەرەپتىن كەلگەن ، ئازابنىڭ قانداقلىقىنى راۋرۇس تېتىتىپ قويغاندا ، ئاندىن ئۇ سۆيگۈنىڭ نېمىلىكىنى ،قەدىرلەشنىڭ  نېمىلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ  .  ئۇ شۇ خىياللارنى قىلىۋاتقاندا  توساتتىن تېلېفون جىرىڭلىدى .تېلېفوننىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلۈۋەتتى .  تېلېفون شاڭخەي گۇرۇھىدىكى سەمەت دىرېكتوردىن كەلگەن ئىدى .  ئۇ تېلېفوندىكى سەمەت دېگەن ئۈچ  خەتنى كۆرۈپ   خوش  بولۇپ كەتتى:

- «سەمەت دېرىكتور » دەپ تېلېفوننى ئالدى  ئۇ خۇشاللىق بىلەن .  سەمەت دېرىكتور بەش يىل   بۇرۇنقى ئوت ئاپىتىدە رەنانى قۇتقۇزۇپ ،   ئۇنىڭغا يېڭى ئىسىم قويغان  لايىھەلەش كەسپىدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ، ئۇنىڭغا بىر يېڭى ھاياتلىق بەرگەن ئىدى .    رەنا سەمەت دېرىكتوردىن ئىنتايىن رازى ئىدى .شۇڭا سەمەت دىرېكتورنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ شۇنداق خوش بولۇپ كەتتى.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سەمەت دېرىكتور :

- قانداق رەنا ئۇ يەرگە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشىمىكەن!  ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى سىزنى قىيناپ قويمىغاندۇ ؟ - ئەسلى سەمەت دىرېكتورنىڭ رەنانى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكۈسى يوق ئىدى ، لېكىن رەنانىڭ كۆڭلىدە نەپرەت ئوتى  كۈچلۈك ئىدى ، ئەگەر ئۇ ئۆچ ئالمىسا ، بىر ئۆمۈر خۇشال بولالمايتتى .  ئۇنىڭ ئۈستىگە سەمەت دىرېكتورنىڭ رەنانى ئەۋەتىشى بۇ سەۋەبلەر بولماستىن ، يەنە ئۇنىڭغا خىزمەت تەجرىبە توپلاش ئۈچۈن ئىدى . رەنا سەمەت دىرېكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوش بولۇپ كەتتى :

-دىرېكتور ھەممە ئىشلار جايىدا ، قۇربان مەندىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى لېكىن ئۇ ھېچقانداق ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدى . سىز خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن ئېھتىيات قىلىمەن .

سەمەت دېرىكتور:

- ئەگەر ئۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا كۆنەلمىگەن بولسىڭىز تېزراق قايتىپ كېلىڭ . سىز بىلىسىز ، مەيلى نېمە ئىش بولمىسۇن ، مەن سىز بىلەن بىللە

سەمەت دىرېكتورنىڭ گەپلىرىدىن رەنا ئازراق تەسىرلەندى  ھەم:

- ھېچقىسى يوق ، سەمەت دېرىكتور ، سىزگە كۆپ رەھمەت . لېكىن بەزى ئىشلارنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن قىلمىسام بولمايدۇ . بۇ قېتىم قۇرباننىڭ ئەدىپىنى تازا بەرمىسەم بوممايدۇ ، يەنە كېلىپ ، سۈرىيە قۇربانغا موھتاج، گەپ بۇ يەرگە كەگەندە  ئىككىلا تەرەپ جىممىدە بولۇپ قالدى :

-سۈرىيە ياخشى تۇرۋاتامدۇ .؟

- ئۇ ياخشى ، ئەنسىرىمەڭ ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ ، ئۇ ئويغىنىپ قالسا سىز بىلەن ئەرافاتنى ئىزدەيدۇ .  لېكىن مەن ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن سىز ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ؟  

- رەھمەت ، سىزگە سەمەت دىرېكتور . رەنا سەمەت دىرېكتورغا رەھمەتتىن باشقىنى دېيەلمەيتتى .  

- ئەخمەق قىز ، نېمىلەرنى دەۋاتىسىز ؟ ئەگەر مېنىڭ ياردىمىم تەگكۈدەك ئىشلار بولۇپ قالسا ئىمكانقەدەر ماڭا ئېغىز ئىچىڭ، ئەرافات بىر ئاز كەپسىز ، ئەگەر ئۇ سېزنىڭ پىلانىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىش بولسا، مەن ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ياندۇرۇپ ئەكىلەي.   

-ھېچقىسى يوق ، ئەرافات شۇنداق گەپ ئاڭلايدۇ، ئەرافات قېشىمدا بولسا ماڭا سەل ئارام بولىدىكەن ، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربان ئەرافاتنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيدۇ   .

-بىلمىگىنى ياخشى ،بىلمىسە ئەرافاتقا زىيان زەخمەت سالالمايدۇ .  سەمەت دىرېكتور رەنانىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، سەل ئىككىلىنىپ قالدى .   

-ھە ، بوپتۇ مەيلى ، مەيلى نېمە ئىش قىل قىلىڭ مەن سىزنى قوللايمەن .

- رەھمەت ، سىزگە، لېكىن قۇربان ھازىر مەندىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى ، ئۇ ھەتتا بەدىنىمدىكى كۆيۈك ئىزلارنى تەكشۈرۈپ تاپماقچى ،     سىزنىڭ  ئىشەنچلىك ئادىمىڭىز بارمۇ ؟  مەن بايا قۇرباننى كۆرگەن ئىدىم .  ئۇنىڭ گۇمانلىق نەزىرى ئاللىقاچان ماڭا چۈشۈپ بولدى .  بۇ قېتىمغۇ ئۇنى بۇنى دەپ ئۆتۈپ كېتەمەن .كېيىن يوشۇرۇپ بولالماسلىقىم مۇمكىن .  رەنانىڭ مەقسىتى قەستەنگە قۇرباننى ئازدۇرۇپ ، ئۇنى  ياخشى كۆرگۈزۈش ئاقىۋەتتە ، ئۇلار بىرگە بولۇپ قالسا ، ئۇ كۆيۇك ئىزنى چۇقۇم كۆرەتتى .  سەمەت دىرېكتور سەل سۈكۈتكە چۆمدى .  ھە راست ئىسىمگە كەلدى، ئۈرۈمچىدە   بەدەنگە گۈل چىكىدىغان نامى چىققان بىر تۇنۇشىم بار، ئۇنىڭ بىلەن خېلى يىقىنلاردىن ئىدۇق، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بەدەنگە گۈل چەكتۈردىغان  چەكتۈرىدىغان ئۇرۇنلېرى  بار ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇ بۇئىشلارنى قىلمايۋاتقان،  ،ئۇ  مېنىڭ يۇرتىدىشىم ، سىز ئاشۇ يەرگە باسىڭىز سىزگە ياردەم قىلىدۇ .  مەيلى كېيىن نېمە ئىشلار بولسۇن قۇربان ھەرگىزمۇ ھىچنىمىنى  سېزەلمەيدۇ .  

- رەھمەت سىزگە ،-دېدى رەنا خۇشال بولۇپ .

رەنا بىلەن سەمەت دېرىكتور   سۈرىيەنىڭ گەپلىرىنى دىيىشكەچ  تېلېفوننى قويىۋەتتى .  سۈرىيەنىڭ كېسىلى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى ، ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئىدى .رەنا مۇ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ  سەل بىشى قاتتى .

سۇرىيەمۇ قۇربان بىلەن رەنانىڭ قىزى ئىدى .ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قوشكېزەك ئاتا قىلىنغان .ئەرفات بولسا شۇنچە ساغلام لىكىن سۇرىيە كىسەلمەن ئىدى .رەنا ئۇنى يەڭگىگەن ۋاقىتتا    دوختۇر ، ئۇنىڭغا بالىڭىزنى قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ ، ئۇنىڭ كېسىلى ئىنتايىن ئېغىر .  ئۇنىڭ ئاشقازان ،بۆرەك  ئاستى بىزى  تۇغماي كېسىلى بار ئىكەن .  ئۇ باشقا كىچىك بالىلارغا ئوخشاش ساغلام چوڭ بولالمايدۇ ،-دېگەن ئىدى.   لېكىن ئۇ سەمەت دىرېكتورنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئەمەلىي كۈچ ئارقىلىق ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ھاياتى ساقلىنىپ قالدى .  سۈرىيە بىر يىلنىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش كۈندە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىناتتى .  ئۇنىڭغا ئاشقازانغا نەيچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ   تاماق يېيىشى ئىنتايىن تەس ئىدى .  چىراييىمۇ سارغىيىپ كەتكەن ، رەنا داۋاملىق بۇ ئىشنى ئويلىغاندا   قۇربانغا بولغان نەپرىتى نەچچە ھەسسە كۈچىيىپ باراتتى . ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاشۇنداق قىلمىغان بولسا بۇ بالا مۇشۇنداق بولۇپ قالامتى .  سۈرىيە بەش يىلدىن بۇيان مۇشۇ ئازاپتا ئۆرتىنەتتى ،  لېكىن ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بۆرەك تېپىلمىغان ئىدى .   سۈرىيە بىلەن  قۇرباننىڭ بۆرىكى مەنپىي قۇتۇپلۇق بولغاچقا ، بىر بىرىگە ماس كېلەتتى ،  ئەينى ۋاقىتتا دوختۇر ئەگەر سۈرىيەنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ بۆرىكىنى ئۇنىڭغا يۆتكىسەك  ئۇنى قۇتقۇزۇش مۇمكىنچىلىكى بار دېدى .لېكىن بۇ ۋىجدانسىز قۇرباننىڭ بۆرىكىنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا قۇربان رەنانىڭ بويىدا بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئوت قويۇپ قەستلىگەن تۇرسا   ئۇنىڭ بۇ بالىنى قۇتقۇزۇشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟  بۇ خىل نەپرەت بۇ خىل ھېسسىياتنى   ھېچكىم ئىچىگە سىغدۇرالمايتتى ، لېكىن رەنا   بەش يىل چىداپ كەلگەن ئىدى .  ئۇ داۋاملىق كۆڭلىدە ئۆز سۆيگىنىدىن كەلگەن ئازابنىڭ قانداقلىقىنى قۇربانغا تېتىپ قويماقچى بولدى

يەنە بىر ئويىدا   قۇرباننىڭ قارنىنى  يېرىپ  ، بۆرىكىنى ئېلىپ قىزنى قۇتقۇزماقچىمۇ بولدى ،  قۇربان سۈرىيەگە قەرز.شۇڭا رەنا  بۇنداق قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.  مۇشۇنداق ئاچچىق خىياللار رەنانىڭ كالىسىدىن كەچتى  ، ئۇ   ئۇ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ   يۈزنى سوغۇق سۇدا يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى  قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە ئويلاندى .  ئۇ يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن سەمەت خوجايىن دېگەن شاڭخەينىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى ھېلىقى جايغا باردى .    

- ئۇستازىم سىزنى سەمەت خوجايىن تونۇشتۇرغان دەيدۇ ، بىر   قاپقارا چاچلىق ،  كېلىشكەن يىگىت ئۇنىڭغا ئىللىق قاراپ رەنانى   ئىچىگە ئېلىپ كىردى ، رەنا كارۋاتتا ياتتى .  ناركوزدىن كېيىن ،  يىڭنە بىلەن بىردىن بىردىن چەكمەكتە ئىدى   ئۇنىڭ بەدىنى ئىنتايىن ئاغرىغان ئىدى .  لېكىن ، بۇ ئاغرىق ئازاب   ئەينى ۋاقىتتا ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيگەنلىكى ئازابنىڭ   بىر پىرسەنتىگىمۇ تەڭ ئەمەس ئىدى .  ئۇنىڭ بەدەنلىرى بىر بىرلەپ چەكتۈرۈلمەكتە ،لېكىن ئۇ ئاغرىقققا  چىشىنى چىڭ چىشلەپ چىدىدى ،  بەش ئالتە سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ چەكتۇردىغان ئىشمۇ تۈگەپ قالاي دېگەن ئىدى .  ئۇ ئۇ يەردىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە  قايتىپ كەلدى .

بۇ ۋاقىتتا پەرىدەنىڭ دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتتى  بولۇپ قالغانىدى .  رەنا ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئاشخانىغا كىرىپ بىرنەچچە خىل قورۇما سەي قورىدى ، ئۇنىڭ بەدەنلىرى شۇنداق ئاغرىيتتى ،قەدەملىرىنىمۇ تەستە ئالاتتى   نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ، بۈگۈن ئۇ زۇكامداپ قېلىپ  دورا ساندۇقىدىن زۇكام دورىسىنى ئىزدەپ ئىچىۋەتكەننىڭ ياقىسى كارۋاتتا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى ،  ئەرافات بىلەن پەرىدە دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى ،قارىسا ئۆيدە ئادەم يوق .  لېكىن تاماق ئۈستەل ئۈستىدە تىزىقلىق تۇراتتى .  

- ئاپا ، ئاپا ، بىز كەلدۇق . ئەرافات ئويناقشىغىنىچە ئاپىسىنى ئىزدەپ   ئاپىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىشىگە  ئاپىسى كارۋاتتا ھوشسىز  ھالەتتە ياتاتتى .  

-ئاپا ، نېمە بولدىڭىز ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ ؟-دىدى ئەنسىرەپ ، - پەرىدە ئاچا تېز كەلگىن ،ئاپام قىزىپ قاپتۇ ،-دىدى يەنە ئاپىسىنىڭ بىشىنى سىيلاپ .

پەرىدە ئارافاتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، يېتىپ كەلدى  ھەم رەنانىڭ چىرايىغا قاراپ :-ئەرافات ، تېز 120 گە تېلېفون قىل ، ئاپاڭنىڭ قىزىتىشى ئادەتتىكى قىزىتىش ئەمەس ، تېز بول ،-دېدى    جىددىيلىشىپ .

ئەرافات جىددىيلىشىپ ، تېلېفوننى تېزلىكتە ئالدىدە   120 گە تېلېفون قىلدى. رەنانىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئىدى .  جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تېزلىكتە كەلدى  ھەم ئاپىسىنى ئېلىپ كەتتى  

پەرىدە ئەرافاتقا تەسەللىي بەرگەچ: ئەرافات ، ئەنسىرىمە ، ئاپاڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ ،-دېدى .

پەرىدە ئەرافاتقا تەسەللىي بەرگىنى بىلەن ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىمۇ بىئارام بولدى . جىددىي قۇتقۇزۇش  ماشىنىسى رەنانى  دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ باردى . ئەسلىدە  رەناغا سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدىغان دورىلارنى جىق ئۇرغاچقا  شۇڭا قىزىپ كەتكەن ئىكەن .  دوختۇر  بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇلارغا كايىپ :

- بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار ؟ بەدەن چەكتۈرىمەن دەپ مۇشۇنداق بىمارغا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتەمسىلەر ؟ -دوختۇر سەل كايىدى ،  ئەرافات بىلەن پەرىدە دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى . رەنانىڭ   جاننى ئالقانغا قويۇپ بەدەن چەكتۈرگەنلىكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۇتمىدى ،- لېكىن ، پەرىدە توساتتىن بىرئىش يادىغا كەلدى -دە دوختۇرغا:

- بىز خاتا قىلدۇق ، ئۇنى ياخشىراق داۋالاپ قويۇڭ… دېدى .

-خاتىرجەم بۇلۇڭلا ،بۇگۇن كەچە تەكشۇرۇشتن ئۇتۇپ كەتسە  چاتاق چىقمايدۇ ،ئۇنىڭ بەدىنىگە چەكتۇرگەندە زەھەرلىك دورا ئىشلەتكەن چۇقۇم دىققەت قىلسۇن ،مەن يىزىپ بەرگەن دورىنى ۋاقتىدا يىسۇن ،-دەپ تاپىلىدى  پەرىدە دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل بولدى .  ئۇ رەنانىڭ كىيىملىرىنى بىر قۇر تەكشۈرىۋەتكەندىن كېيىن قارىسا بەدىنى چىكتۇرگەندىكى ئىز كىيمىغىمۇ چىقىپ كەتكەن ئىدى  . رەنا ئەزەلدىن بەدەن چەكتۈرۈشنى خالىمايتتى، نېمە ئۈچۈن بۇ قىتىم  پۈتۈن بەدىنىگە چەكتۈرگەندۇ ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ »دېگەن سوئاللار ئۇنىڭ كاللىسىدىن كەچتى  رەنا كارۋاتتا ھوشسىز ياتاتتى .   ئەرافاتنىڭ كاللىسدا  نۇرغۇن سۇئال ،  ئۇ ئاپىسىدىن بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدى . ئۇ كۆڭلىدە بۇ ئىشنى چۇقۇم ئىنىقلاشنى قارار قىلدى.


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0