
بۇ ئەسەرنىڭ 182-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179 |
| 180 |
181-قىسىم
شېرزاتنىڭ ھكايىسى
جەنۇبىي تاغدىكى نازىيە بىلەن ئۈمىد سالدۇرغان ئېسىل داچا. شېرزات ھويلىغا ئېسىپ قويۇلغان ئىلەڭگۈچتە ئولتۇراتتى، ئىچىدىن نىجات بىلەن ئامىنە چىقتى.
_ ئۇمىقىم، ئاۋايلاڭ. ئاستىراق، ئاستىراق!_ نىجات ئامىنەنى يۆلەپ ئاپىرىپ ھويلىدىكى چىملىقنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى.
_ ۋاييەي، ئەجەب ھاردىم – دېدى ئامىنە.
_ ھېرىپ كەتتىڭىزمۇ؟ مەن مۈرىڭىزنى تۇتۇپ قوياي ھە. بولدىمۇ، بەك ئاغرىتىۋەتمىگەندىمەن؟
_ ياق، ئاغرىمىدى. بەك خۇشياقتى، جېنىم.
ئامىنەنىڭ بۇيىدا قالغانلىقىنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ نىجات ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگىلى ئاز قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئامىنەنى ئېغىر بوي تۇرۇپ خىزمەت قىلسا جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئېيتقان ئىدى، ئامىنە بۇ گەپنى نازىيەگە دېۋىدى، نازىيە«ئەر كىشى ھەرقانچە قابىلىيەتلىك، كۆپ پۇل تاپالايدىغان بولسىمۇ يەنىلا ئايال كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا خىزمىتى بولۇشى، پۇل تاپالايدىغان ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك» دېگەندىن كېيىن ئىستىپا بېرىش نىىيىتىدىن ياندى.
شېرزات ئىلەڭگۈچتە بىردەم ئولتۇرۇپ ئىچى پۇشۇپ، ئارقا ھويلىغا ئۆتتى، ئارقا ھويلىدا ئۈمىد بىلەن نازىيە ئېچىلغان گۈللەرگە قاراپ بىر نىمىلەرنى دەپ پاراڭلىشىپ تۇراتتى.
_ نەگىلا قارىسا جۈپ جۈپ تۇرۇپ كەتكەن، كۆڭلۈمنى ئېچىپ كىلەمەن دەپ كەلسەم ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋېلىپ كېتىدىغان بولدۇممۇ نىمە، يەنىلا ئۆتكۈر ئاكام ئەقىللىقكەن، مۇشۇنداق بولىدىغىنىنى بىلىپ كەلمەپتىكەن. _ شېرزات ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەپ غۇدۇڭشىغان پىتى كەينىگە ياندى.
_ چىدىمىساڭ سەنمۇ جۈپ بولىۋال.
ئۈمىد شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا نازىيەنىڭ تېلېفونى سايرىدى.
_ ۋەي، مېھراي، ھە كەلدىڭىزما؟ بىز ئارقا ھويلىدا.
مېھراي دېگەن گەپنى ئاڭلاپ شېرزات جايىدا توختاپ، كەينىگە بىر قارىۋېتىپ يەنە ئالدىغا مېڭىپ ئارقا ھويلىنىڭ چېتىگە قويۇلغان ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى. بىردەمدىن كېيىن مېھراي ئايقىزنى يېتىلىگەن پېتى ئارقا ھويلىغا چىقتى.
_ نازىيە ئاچا! _ مېھراي نازىيەنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئاندىن ھويلىنىڭ چېتىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان شېرزاتنى كۆردى ۋە جىددىيلىشىپ كەتتى. شېرزات پۇتىنى ئالماپ مېھرايغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. مېھراي بۈگۈن چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ نازى شىركىتىگە كىرگەندىن ئۇنىڭدا خېلىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، كىيىم-كېچەككە دېققەت قىلىدىغان، گىرىم قىلىپ چىرايلىق يۈرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا سۈت رەڭلىك تىزىغا كېلىدىغان كۆڭلەك كىيىپ پۇتىغا ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىۋالغان، چېچى يەلكىسىگە يېيىلىپ تۇراتتى. شېرزات شۇ تاپتا مېھرايغا ئەزەلدىن بۇنداق دېققەت قىلىپ قاراپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
مېھراي ئەمدىلا يېگىرمە ياشتىن ئاشقان قىز، بۇرۇن مەيلى ئىقتىسادى ياكى كەيپىياتى جەھەتتىن بولسۇن، ياخشى بولمىغاچقا دائىم چۈشكۈن يۈرەتتى بەدىنىمۇ ئورۇق ئىدى. مانا ھازىر يۈزلىرىگە گۆش يۈگۈرۈپ، تېرىسى تېخىمۇ ئاقىرىپ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك بولۇپ قالغان ئىدى.
نازىيە ئايقىزنى كۆتۈرۈپ يۈزىگە سۆيدى ۋە مېھراينى شېرزات ئولتۇرغان ئورۇندۇقتىن بەش ئالتە مېتىر نېرىدىكى يەنە بىر ئورۇندۇققا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزدى.
_ مېھراي، مەن سىزگە دېگەن فۇرقەت دېگەن يىگىت بىر داڭلىق شىركەتتە ئىشلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئاچىسى بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەيدىغان غوللۇق خادىم، مەن ئۇ يىگىتنىمۇ نەچچە قېتىم كۆرگەن، سالام-سائىتى جايىدا. ئۆزى بەك كېلىشكەن، سالاپەتلىك يىگىت. ئاتا ئانىسىمۇ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر، كۆرۈشۈپ بولىدىكەن دەپ قالسىڭىز تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ، ئارىلىشىپ سىناپ باقمامسىلەر؟ مىجەزىڭلار چىقىشىپ قالسا ئۇزۇنغا قالمايلا توي ئوينامدۇق تېخى.
مېھراي ئوغرىلىقچە شېرزاتقا قارىدى، شېرزات باشقا ياققا قاراپ ئولتۇراتتى. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن نازىيە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كېيىنلىكى توغرىلىقمۇ ئويلىشىپ قويۇشنى، ماقۇل دېسە لايىق تونۇشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان، مېھراي ئۇ چاغدا ئانچە ئىرەنشىپ كەتمىگەن، لېكىن نازىيەنىڭ بۇنچە تېزلا ئۆزىگە لايىق تونۇشتۇرۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. نازىيەمۇ ئەلۋەتتە مېھرايغا كۆڭۈل بۆلۈپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا مېھراي دەماللىققا رەت قىلىۋېتىشتىن خىجىل بولدى. «بوپتۇ، كۆرۈشۈپ باقاي، ياقتۇرمىدىم دەپ جىم تۇرىۋالساملا بولمىدىمۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ شېرزاتنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى، ئەگەر ئۇنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولسا ھەرگىز كەلمەيتتى دە. بايىقى گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۇ قانداق ئويلاپ قالغاندۇ؟
مېھراي نازى شىركىتىگە كىرگەندىن بۇيان بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى يۈرەكلىك بولۇپ قالغان ئىدى، ئەمما شېرزاتنىڭ ئالدىدا ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى توخۇ يۈرەك، قورقۇنچاق مېھرايغا ئايلىنىپ قالدى. بىردەمدىن كېيىن نازىيەگە تېلېفون كەلدى.
_ ھە، فۇرقەت، كەلدىڭىزما؟ بولىدۇ، بولىدۇ. مېھراي ھېلىلا چىقىدۇ، ساقلاپ تۇرۇڭ ھە. مېھراي، ئۇ يان تەرەپتىكى ئارامگاھتا سىزنى ساقلايدىغان بولدى. مەن دېگەندەك بولسۇن، ئەگەر چىقىشىپ قالغۇدەك بولساڭلار چىڭ تۇتۇڭ ھە. ئايقىز، مەن بىلەن تۇرۇپ تۇرۇڭ ھە، قىزىم، ئاپىڭىز ھېلىلا يېنىپ كېلىدۇ. ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۇنىڭ قولىدا بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل بار ھە.
مېھراي ئورنىدىن تۇردى ۋە شېرزاتقا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي بېشىنى تۆۋەن سالغان پېتى سىرتقا ماڭدى. ئۈمىد ئاستا كېلىپ نازىيەنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.
_ مەلىكەم، ئۇنىڭ ئىچىگە ئوتنى بەك كۈچلۈك يېقىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟
_ بۇ ئىنىڭىز تەپسەم تەۋرىمەسنىڭ ئۆزىكەن، ئوت كۈچلۈكرەك بولمىسا تۇتاشمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
شېرزات بىردەم ئولتۇرۇپ باقتى، يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ باقتى، قارىماققا بىر ئىشقا ئىچى تىتىلداۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ نازىيە مەنىلىك كۈلۈپ ئۈمىدكە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
مېھراي نازىيە دېگەن ئارامگاھقا كىرىپ ئىچىگە قارىدى، سەل چەترەك ئىككى كىشلىك ئۈستەلدە كۆك رەڭلىك كاستيۇم بۇرۇلكا كىيگەن، كۆزەينەكلىك بىر ئەر يالغۇز ئولتۇراتتى، قولىدا بىر تال ئەتىرگۈل بار ئىدى، مېھراي نازىيە تونۇشتۇرغان ئەرنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ يېنىغا باردى.
_ سىز فۇرقەت ئەپەندىم بولامسىز؟
ئەر كۆزەينىكىنى سەل ئۈستىگىرەك سۈرۈپ مېھرايغا بىر قارىۋېتىپ ئالدىراپ-تىنەپ ئورنىدىن تۇردى.
_ ھە، ھە، مەن شۇ، سىز مېھراي خانقىز بولامسىز؟ قېنى، ئولتۇرۇڭ!_ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقنى سۈرۈپ مېھراينى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
_ مېھراي خانقىز، كۆڭلىڭىز نىمە تاماقنى تارتىدىكىن؟
_ نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ، مەن تاماق تاللىمايمەن _ دېدى مېھراي ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋېلىپ.
فۇرقەت كۈتكۈچىنى چاقىرىپ بۇ ئارامگاھنىڭ ئەڭ كوزۇر تامىقىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سوراپ ، ئىككى خىل تاماق ۋە ئاپلىسىن شەربىتىدىن ئىككى ئىستاكان ۋە مارۇژنى بويرۇتتى.
_ قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇنداق ئىچىملىككە ئامراق بولىدىكەن، شۇڭا ئۆزۈم بىلىپ بويرۇتىۋەردىم.
_ رەھمەت.
تاماقلار چىقتى، لېكىن مېھراي چوكىنى تۇتماي ئولتۇراتتى. فۇرقەت گېلىنى قىرىپ قويۇپ گېپىنى باشلىدى.
_ خانقىز...
_ مېنى مېھراي دەپ چاقىرىۋېرىڭ، خانقىز دېسىڭىز مەن كۆنەلمەيدىكەنمەن. _ مېھراي فۇرقەتنىڭ گېپىنى بۆلدى.
_ ھە، مېھراي. مەن سىزنى ياقتۇردۇم، سىزنىڭچە مەن قانداقكەنمەن؟ ئەگەر بولىدىكەن دېسىڭىز ئەتىلا بېرىپ ئۆيلىنىش خېتى ئېلىپ، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەيلى.
_ ھە؟ _ مېھراي چۈچۈپ ئىتتىكلا بېشىنى كۆتۈردى. _ بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟
_ «سۆرەلگەن ئىش بۇزۇلار» دېگەن گەپ بار. بەزى ئىشلارنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز تېز قىلىۋەتكەن ياخشى. مېنىڭ ئايلىق مائاشىم سەككىز مىڭ يۈەن، ئۈچ ياتاقلىق بىر يۈرۈش ئۆيۈم، 200 مىڭ يۈەنلىك ماشىنام بار، ھېچقانداق قەرزىم يوق، ئەگەر مەن بىلەن توي قىلىپ قالسىڭىز تۇرمۇشتا ھېچقانداق غەم يوق ياشايسىز. سىزنىڭ باشقا شەرتلىرىڭىز بولسا دېسىڭىز بولىدۇ.
فۇرقەتنىڭ مەغرۇرلۇق بىلەن دېگەن سۆزلىرىدىن قارىغاندا ئۇ ئۆزىنى خېلى پۇلدار، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، قىزلار «ۋاھ» دەيدىغان ئەر دەپ قارايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
_ ئىككىمىز ئەمدى تۇنۇشتۇق، بىر بىرىمىزنى چۈشەنمەيمىز، بۇنداق تېزلا توينىڭ گېپىنى قىلساق بەك تېز بولۇپ كىتەمدۇ قانداق؟
_ ئەمەلىيەتتە لايىق تونۇشتۇرۇش مال سېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ، ئالىدىغان نەرسىنى بولىدىكەن دەپ قارىغاندا ئىككىلەنمەسلىك كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ ياخشىسىنى ئىزدىگۈسى كېلىپ، ئاخىرى «تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ» دېگەندەك ئىش بولىدۇ.
مېھراي ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ كىشىگە قارىدى، بۇ ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقى شارائىتى بوپ قالىدىكەن، لېكىن مېھراينىڭ كۆڭلىدە باشقا بىر ئادەم بار تۇرسا، ئۇنىڭغا ئورۇن بېرەلمەيدۇ دە. مېھرايغا نىسبەتەن بۈگۈنكى كۆرۈشۈش پەقەت رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ فۇرقەت دېگەن كىشىنىڭ كۆز قارىشى تازا نورمال ئەمەستەكلا قىلاتتى. ئەمما مېھراي ئۇنى قانداق رەت قىلىشنى بىلمەيۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇلار ئولتۇرغان ئارامگاھقا شېرزاتمۇ كىرىپ، يېقىنلا يەردىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنى كۆرۈپ مېھراي تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى. فۇرقەت ئۇنىڭ گەپ قىلماي جىمجىت ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ يەنە ئۆزى گەپ ئاچتى.
_ مېھراي. نىمە بولدىڭىز؟ گەپ قىلمايسىزغۇ؟ قانداقلا شەرتىڭىز بولسا دېسىڭىز بولىۋېرىدۇ. مۇنداق بولسۇن، سىزگە بولغان سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مائاش كارتامنى سىزگە تاپشۇراي، قانداق؟ _ فۇرقەت شۇنداق دەپ ئىچ يانچۇقىدىن بىر دانە بانكا كارتىسىنى چىقىرىپ مېھرايغا سۇندى. مېھراي بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندى.
_ فۇرقەت ئەپەندى، مېنىڭچە...
_ ئاپا! _ ئايقىز پىلدىڭلاپ يۈگۈرگەن پىتى كەلدى. مېھراي ئايقىزنى كۆرۈپ يەلكىسىدىن يوغان بىر پارچە تاشنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ كەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئايقىزنى قۇچىقىغا ئالدى. فۇرقەت تۇيۇقسىز بىر قىزنىڭ كېلىپلا مېھراينى ئاپا دېگىنىدىن ھەيران قالدى.
_ بۇ...بۇ نىمە ئىش؟ سىزنىڭ بالىڭىز بارما؟
مېھراي ئايقىزنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيدى.
_ ھەئە، بۇ مېنىڭ قىزىم.
_ ئەمىسە....بالىنىڭ دادىسىچۇ؟
_ مانا! _ شېرزات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى.
_ با...با...باش دېرىكتور! _ فۇرقەت شېرزاتنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى ۋە سومكىسىنى ئېلىپ مېھرايغا قارىدى.
_ مېھراي خانقىز، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىز بولمىغان بولسۇن. بايا دېگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىنى ياندۇرىۋالاي. خوش مەن، كەتتىم.
بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالماشقاندىن كېيىن كۆپچىلىك دائىم بۇ ئىككى باش دېرىكتورنى سېلىشتۇرىدىغان بولدى. ئۈمىد باش دېرىكتور خىزمەتتە ئەستايىدىل، خىزمەتچىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويغان بىلەن ئادىمىگەرچىلىكنى بىلەتتى، لېكىن شېرزات باش دېرىكتورنىڭ سەل ئوڭ تەتۈرى يوق، خۇشلۇقى تۇتۇپ قالسا خىزمەتچىلەر بىلەن ئىچقۇيۇن تاشقۇيۇن بولۇپ كېتىدىغان، ئاچچىقى كەلگەندە ئادەم قاراشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان كىشى ئىدى. بايا فۇرقەت ئۇنىڭ چىرايىدىن بۈگۈن كەيپىياتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالغان ئىدى. شېرزات بايا فۇرقەت ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇردى. مېھراي ئايقىزنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:
_ نازىيە ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا چىقىپ ئويناپ تۇرۇڭ، سەل تۇرۇپ يېنىڭىزغا چىقىمەن.
ئايقىز دادىسى بىلەن ئاپىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سىرتقا ماڭدى. شېرزاتنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى.
_ بەك ئەرگە تەگكۈڭىز كېلىپ كەتتىما؟
_ ياق، ياق، ئۇنداق ئەمەس. مەن..._ مېھراي ئۇنىڭغا چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ئىشىكتىن كىرىۋاتقان نازىيەنى كۆرۈپ قالدى. نازىيە ئۇنىڭغا «چۈشەندۈرمەڭ» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. مېھراي نازىيەنى كۆرۈپ كۆڭلى سەل جايىغا چۈشتى.
_ سىز مېنى سىزگە چاپلىشىۋالمىسۇن دەپ بەك قورقىسىزغۇ؟ مەن توي قىلىپ كەتسەم سىزنىڭمۇ باش ئاغرىقىڭىز ساقىيىدۇ ئەمەسمۇ؟ _ بۇ ئۇنىڭ شېرزات بىلەن تۇنۇشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن جاۋابلىشىشى. شېرزاتنىڭ قاپىقى تېخىمۇ تۈرۈلدى. بۇرۇن نىمە دېسە ئالدىدا خوش دەپ تۇرىدىغان، ئۇنىڭغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ سېرىق تۈكنىڭ بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن جاۋابلىشىۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان.
_ سىزگە دەپ قوياي، ئايقىزنىڭ ھەرقانداق ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا خورلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا مەندىن ئاغرىنىپ قالماڭ.
مېھراي قورقتى، ئەمما قورققىنىنى چاندۇرسا بولمايتتى.
_ شۇڭا مەنمۇ تاللاۋاتىمەنغۇ، مەن چوقۇم ئايقىزنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرىدىغان بىرىنى تېپىپ توي قىلىمەن _ ئۇ بۇ گەپلەرنىڭ ئاغزىدىن قانداق بولۇپ چىقىپ كەتكىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ شېرزاتنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىككىنچى قارىماي قويۇشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى، چۈنكى مېھراي شېرزاتنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. لېكىن نازىيە ئۇنىڭغا شېرزاتنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ بەكلا قۇلىقى يۇمشاق بولۇپ كەتكەنلىكى، نىمىلا دېسە شەرتسىز بويسۇنغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، راست شۇنداقمىدۇ؟ ئۇ خىيال بىلەن ئولتۇرغاندا شېرزاتنىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى. ئۇ تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ ئىكرانىغا قاراپلا قويۇپ قويدى، تېلېفون سايراپ سايراپ توختاپ قالدى، ئەمما كەينىدىنلا يەنە سايرىدى، ئۇ ئاچچىقىدا تېلېفوننى ئالدى.
_ ۋەي.
_ ۋەي، جېنىم. سىزنى بەك سېغىندىم، مېنى كۆرگىلى قاچان كېلىسىز؟
ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈستەللا بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئەتراپ جىمجىت بولغاچقا شېرزاتنىڭ تېلېفونىدىكى غىلجىڭشىپ تۇرۇپ دېگەن گەپلەرنى مېھراي ئېنىق ئاڭلىدى. شېرزات مېھرايغا بىر قاراپ ئاۋازىنى قەستەن سىلىق چىقىرىپ جاۋاب بەردى.
_ ساقلاپ تۇرۇڭ.
_ ئەسكى! مېنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتمەڭ ھە! _ تېلېفوندىن ئايالنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى. شېرزات تېلېفوننى قويۇپ مېھرايغا قاراپمۇ قويماي سىرتقا ماڭدى. مېھراي ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ئىدى. بايا ئىشىكتىن كىرىپ شېرزاتنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي بىر دالدىغا بېرىپ ئولتۇرغان نازىيە ئاستا مېھراينىڭ يېنىغا كەلدى.
_ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مېھراي. بۈگۈنكى ئىش خېلى ئۈنۈملۈك بولدى.
مېھراي ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندەك نازىيەگە قارىدى.
_ كىشىلەر« مۇھەببەت ئۇچۇمۇڭدىكى قۇمغا ئوخشايدۇ، قانچە چىڭ سىقساڭ شۇنچە ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ » دېيىشىدىكەن. مەن بۇرۇن ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى ئەمدى مۇمكىن بولمامدىكىن دەپ ئويلايتتىم، بۈگۈن شېرزاتنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا يەنىلا مۇمكىنچىلىك بار ئىكەن.
مېھراي تېخىمۇ گاڭگىرىدى، راستلا مۇمكىنچىلىك بارمىدۇ؟ لېكىن مېھرايغا ئۇ مېھرايدىن تېخىمۇ بىزار بولۇپ كەتكەندەك بىلىندىغۇ؟
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















