
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 2 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
1 - قىسىم
قەدىرلىك دوستۇم ، كىشىلىك ھايات ئاجايىپ غايىباتلارغا تولغان .
مۇمكىن بولمايدۇ دېگەن ئىشلارمۇ ، بەزىدە مۇمكىن بولۇپ قالىدۇ
شۇنىڭدەك ، ئۆزىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان رېئاللىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ .
بىز ئالدىنقى ئەسەرلىرىمىزدە .گۈلنار قىزنىڭ قىساسقا باغلانغان ، ھاياتلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق . ئەمەلىيەتتە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ كەڭ باغرىدا . ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ كەتكەن تەڭسىزلىك دەرت ئەلەملەردە . بۇ دۇنيادىن جىمجىت ، كەتكەن كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس.
ئەمما بىز سىلەرگە سۆزلەپ بېرىۋاتقان بۇ ھېكايىلەردەك ئادەم مەيلى قانداقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمىسۇن ، پەقەت ئۆزىنى يوقاتمىسىلا ، ئۆز بەختى ئۈچۈن ئاخىرقى تېنىقىغىچە كۈرەش قىلسىلا ھامان بەخت . يەنە كەڭ قوينى ئاچىدۇ
نۆۋەتتە ، بىز گۈلنار قىزغا ئوخشاش يەنە بىر قىزنىڭ قىساسقا باغلانغان ئازابلىق كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى .…
رەنا ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش نەتىجەسىنى ئالغىندا ئىنتايىن ھاياجانلانغان ئىدى، ئۇنىڭ بويىدا قالدى، ئۇ قۇرباننىڭ بالىسىغا ھامىلدار بولغان ئىدى، ئۇلار توي قىلغان ئۈچ يىلنڭ ئىچىدە رەنا ئاخىر قۇرباننىڭ بالسىغا ھامىلدار بولدى، رەناغا نىسبەتەن بۇ ئاسانغا توختىمىغان ئىدى، ئۇھامىلدارلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىلىپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى، ئۇ بۇ خۇش خەۋەرنى قۇربانغا ھازىرلا دىگۈسى كىلىپ، سىرىتقا مىڭۋاتقاندا قارشىى تەرەپتە تونۇش بىر سايە شاپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.
-مۇنىرە؟
قۇرباننىڭ تۇنجى سۆيگىنى، ئۇقايتىپ كەپتۇ-دە، رەنا مۇنىرەنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ باردى، ئۇ قاراپ قىتىپلا قالدى، ھازىر شىركەتتە بولۇشقا تىگىشلىك قۇربان مۇنىرەنىڭ يىنىدا ئۇنى يۆلىگىنىچە كىلۋاتاتتى، مۇنىرەنىڭ قوسىقى قارىماققىلا تۆت بەش ئايلىق بولغانلىقى بىلنىپلا تۇراتتى،
-قۇربان ماڭا ھىچ ئىش يوق, جىددىلەشمەڭ بالا ئىنتاىىن ياخشى،
-يەنىلا تەكشۈرتىپ خاتىرجەم بولاي ، نىملا بولمىسۇن قوسقىڭىزدىكى بىزنىڭ جەمەتنىڭ چوڭ نەۋرىسى، قىلچىلىك سەۋەنلىك كۆرلىشكە بولمايدۇ،
مۇنىرە شۇنداق بەخىت ئىلكىدە يۈزلىردە تەبەسسۇم , قۇربان بولسا ئىنتايىن كۈيۈمچان، بۇ كۆرۈنۈش رەنانىڭ يۈركىگە پىچاق سانجىغاندەك ئاغىرىتتى،
-سىلەر نىمىش قىلۋاتىسىلە؟
رەنا قولىدا ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش، نەتىجىسىنى چىڭ سىقىمداپ تىرناقلىرى ئالقىنغا پاتۇرلۇپ تاتلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ يۈركىنىڭ ئاغرىشى، ئۇنىڭغا، ئالقىنغا سانجىلغان تىرناقنى بىلدۈرمىگىدەك قاتتىق ئازاپلىنىۋاتاتتى، رەنا تۇغما بالياتقۇ سوغۇق قاپلاپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ قۇربانغا بالا توغۇپ بىرىش ئۈچۈن ئۈچ يىل ئىچىدە پۈتۈن ئاماللارنى قىلدى، ھەممە دوختۇرخانلارغا كۆرنۈپ بولدى يىمىگەن دورىسى قالمىدى، بىرنەچچە قىتىم ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى، ئۇ ھامىلدار بولغان بۇ كۈندە مۇنىرەنىڭمۇ قۇرباننىڭ بالسىغا ھامىلداربولشىنى ھەرگىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى،
-سىز بۇ يەردە نىمىش قىلسىز؟
قۇربان قاپاقلىرى تۈرىلگىنچە رەنادىن سورىدى، بايامقى ئىللىقلىق، بايامقى تەبەسسۇمدىن قۇرباننىڭ چىرايىدا ئەسەرمۇ يوق ئىدى، رەنا قۇرباننىڭ بۇ پۇزىتسىيەسىنى كۆرۈپ، كۆڭلى قاتتىق يىرىم بولدى ،چىدىماي قايتۇرۇپ دىدى:
-مەن بۇيەردە نىمىش قىلمەن ؟ قۇربان مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز، سىز ئۈچىنجى شەخىسگە ھەمرا بولۇپ ھامىلە تەكشۈرۈشكە كىلىپ تۇرۇپ، نۇمۇس قىلماي مىنىڭ بۇيەردە نىمىش قىلغىلى كەلگىنىمنى سوراۋاتامسىز؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
- قۇربان كەچۈرۈڭ ،ھەممىنى قىلغان مەن. سىزنىمۇ چېتىۋالدىم، ئەگەر مەن قايتىپ كەلمىگەن بولسام، بۇبالىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سىزگە ئىيتمىغان بولسام ياكى تاش يۈرەكلىك بىىلەن بۇ بالىنى ئالغۇزۋەتكەن بولسام، رەنامۇ خاتا چۈشىنىپ قالمايتتى، كەچۈرۈڭ ھەممىسى مىنىڭ خاتالىقىم،- مۇنىرە يۈگۈرىپ چىقىپ كەتتى،
-روزى مۇنىرەنىڭ كەينىدىن ئەگەش ،ئۇنىڭ قورسقىدىكى بالىنى ئاۋايلا ، بالىغا بىرە ئىش بوپ بوپ قالسا ،جاۋابىنى سەندىن ئالىمەن! - قۇرباننىڭ ئاۋازى بىرخىل ئەنسىرگەندەك جىددى چىقۋاتاتتى، قۇرباننىڭ يىنىدىكى ياردەمچسى رۇزى تىز سۈرەتتە مۇنىرەگە ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى،
شۇ تاپتا رەنانىڭ يۈركى قاتتىق سىقىلىپ ئاغرىپ كىتىپ باراتتى، قۇربان ئەزەلدىن رەناغا بۇنداق كۆيۈنۈپ باقمىغان،
-قۇربان ۋۇ ئەبلەخ ! - رەنا شۇنداق قولنى كۆتۈرۈپ قۇرباننىڭ يۈزىگە بىر شاپلاق سالاي دىگەندە ئويلىمىغان يەردىن قۇربان رەنانىڭ قولنى يىرىم يولدا چىڭ سىققىنغىچە تۇتۋالدى، - رەنا سەن ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ھىلە ئىشلىتىپ كارۋىتىمغا چىقىۋېلىپ ،مېنى مەجبۇرى ئىلشقا قىستغان ۋاقتىڭدىلا تويدىن كىيىن مىنىڭ سەن ئىرىشمەكچى بولغان مىھىر مۇھەببەتنى بىرەلمەيدىغىنىمنى بىلشىڭ كىرەك ئىدى، مەن سىنى ئەسكەرتىپ قوياي ، مۇنىرەنىڭ قورسىقىدىكى بالا مەن ئۈچۈن ،مۇھىمى ئۇنىڭدا ئاققىنى بىزنىڭ جەمەتنىڭ قىنى . ناۋادا سەن ئۇنىڭغا بىرەر يامان نىيەتتە بولساڭ سىنى ھەرگىز بوش قويۋەتمەيمەن، ۋاقتى كەلگەندە ئەرئاياللىق مىھىرگە يۈز قارمىدى دەپ مەندىن ئاغرىنما، - قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا رەنانى بىرنى سىلكىۋىتىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغىندا رەنا ئۆزىنى تۇتالماي يىقلىپ ياندىكى تامغا يۆلىنىپ قالدى، قولىدىكى ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش نەتجەسى ئاستا ئاستا لەيلىگىنىچە قۇرباننىڭ ئالدىغىلا ئۇچۇپ چۈشتى،
-سىىنىڭ بويۇڭدا قاپتىما؟
قۇرباننىڭ كۆزى بىردەمدە داڭ قىتىپ قالغان ئىدى، رەنا كۈلۈپ تاشلىدى، كۆز ياشلىرى كۆز چانقىنى ئەگىپ چۈشىتى،
ـ بويۇمدا قالسىمۇ نېمە بومماقچى ؟ ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويغان ، لېكىن سىز ئىشەنمىدىڭىز . مەيلى مەن سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمدىن قەتئىينەزەر ، سىز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالىسىز . ھازىر سىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىڭىز ھەتتا سىزگە بالا تۇغۇپ بەرمەكچى . قۇربان ، مەن سىزنى سۆيىمەن ، لېكىن مېنىڭمۇ ئىززەت -ھۆرمىتىم ۋە غۇرۇرۇم بار ! بۇ بالىنى مەن بىر تەرەپ قىلىۋېتىمەن . بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇمىساق بولمايدىغان يەرگە كەلدى!
قۇربانىنىڭ كۆزى بىردىنلا مۇلايىملاشتى . ئۇ تېز قەدەم بىلەن رەنانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى قۇچاقلاپ ،دوختۇرخانىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى .
-رەنا ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز ؟ مېنى سىزنى ئەمرىمگە ئېلىشقا قىستىغان سىز ، ھازىر بالا كېرەك ئەمەس دېگەنمۇ سىز ،مىنى راسلا ئاچچىغى يوق قۇربان دەپ ئالقىنىڭىزدا ئوينىتىۋاتامسىز ؟ سىزگە دەپ قوياي ، بۇ بالىنىڭ تۇغۇلۇش-تۇغۇلماسلىقىدا مېنىڭ دېگىنىم ھېساب !
-قۇربان مېنى قويىۋەت!بۇ ئەسلىدىنلا مېنىڭ بالام ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
رەنا ئاچچىقتىن زەردە بولسىمۇ قۇرباننىڭ قۇچىقىدىن ئاجرىيالمىدى.
-سىزنىڭ بالىڭىز؟ مەن بولمىسام سىز جىنىسسىز كۆپىيەلەمتىڭىز؟ رەنا ئەڭ ياخشىسى،بۇنداق ۋاقىتتا مىنىڭ ئاچچىغىمنى كەلتۈرمەڭ،
قۇرباننىڭ چىرايلىق مۆلدۈردەك كۆزلىرى بىردىنلا يۇمۇلۇپ كەتتى ، كىشىگە بىسىم ئەكلىدىغان سوغۇق ھىدى ھەش - پەش دېگۈچە ئەتراپنى قاپلاپ ، كىشىگە ئىنتايىن سىقلىق تەسىر بېرەتتى . دەل شۇ چاغدا ، ئۇنىڭ تېلېفونى تۇيۇقسىز سايردى .
تېلېفون ئېلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ، قۇربان رەنانى بوشاتتى ، ئەمما بىر قولى بىلەن ئۇنى چىڭ تۇتۋالغان ئىدى، ئۇنىڭدىن زومىگەرلىك چىقىپ تۇراتتى،
رەنا ئىختىيارسىز بىرخىل ئازاپقا تولدى، ئۇ داۋاملىق بىر خىل خاتا سىزىمدا بوپ قالىدۇ، قۇربان ئۇنىڭغا ئازدۇر كۆپتۇر كۆڭۈل بۆلدىغاندەك بىر خىل سىزىم بولدۇ، خۇددى ھازىر قىدەك.
-نىمە دىدىڭ ؟ مۇنىرى ئۆزنى ئۆلتۈرۋالماقچىمىكەن؟
-ئۇنى تۇتىۋال، مەن ھازىرلا بارىمەن،
قۇرباننىڭ تۇيۇقسىز جىددىلىشىپ كەتكىننى كۆرگەن رەنا باياتىڭزە ئىللىق تۇيغۇسى ئاستائاستا سوغۇشقا باشلىدى،
-.قۇربان، سىز بەك رەيىمسىز ئىكەنسىز .
-رەنا سەن قايتقاچ تۇر ، بۇ ئىشلارنى ئۆيگە قايتقاندا مەن ساڭا چۈشەندۈرۇپ قۇيىمەن دىدى قۇربان قاپىقىنى تۇرۇپ، قۇربان ياردەمچى رۇزىدىن كەلگەن تىلفۇننى ئۇزۋەتتى ئۇنىڭ چىرايىدىن ئەنسىرەش ئەكس ئېتىپ تۇراتتى . ئۇئاستا رەنانىڭ قولنى قويىۋەتتى .رەنا ئۇنىڭغا :
- سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ مۇنىرەنىڭ ئىشى مۇھىم .…دىدى رەنانىڭ يۈرىكىدىنقان ياشلار قۇيۇلماقتا ئىدى . .قۇربان بۇ ۋاقىتتا نېمە دېيەلەيدۇ ؟ ھېچ نېمە دېيەلمەيدۇ. پەقەتلا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئۇنى ئۇزىتىپ قۇيدى . رەنا ئۆيگەقايتىپ كەلدى ، كۆڭۈلدە ئويلايتتى ئاشۇنداق كۆڭلىدە باشقا بىرى بار ئەر، مۇشۇنداق تۇرمۇش ئۇنى قىيناپ يۈرىكىنى لەختە لەختە قىلغان ئىدى. ئۇ بۇتۇرمۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن خىزمەتكار ئۇنىڭغا سالام قىلغان ئىدى . لېكىن ئۇ ھېچ نېمىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاستاغىنە نەرسە -كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ ، ئاق قارا سىرلانغان ھۇجرىدا گەپ قىلماي جىم ئولتۇراتتى . ئۇ شۇ ئولتۇرغىنىچە ئىرى بىلەن بوغان تۇرمۇشنىڭ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىرى ئۈچۈن ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى چۇشۇنۇپ يەتتى . ئۇ كۆڭلىدە بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئاخىرلاشتى ، دەپ ئويلىدى . ئۇ ياتاقتا ئۆزى يالغۇز ئېىرنى بىر كېچە كۈتتى ، لېكىن ئۇنىڭغا ئېىرىدىن بىرتېلېفونمۇ كېلىپ قويدى . بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەختە لەختە قىلىغان ئىدى… ئۇ ئولتۇرۇپ ، ئۆز ئۆزىگە قورسىقىمنى سيلاپ تۇرۇپ :
- جېنىم قوزام ، ئاپاڭنى كەچۈر . ئاپاڭ ساڭا بىر مۇكەممەل ئائىلە ئاتا قىلالمىدى . بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرۈمدە پۈتكۈل مۇھەببىتىمنى ساڭابېرىمەن…
ئۇ قۇسىقىدىكى بالىسغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلاپ كۆزيېشى كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى . ئۈستەل ئۈستىدە ئاجرىشىش خېتى تۇراتتى ، ئۇ ئاجرىشىش خېتىگە ئىمزا قويدى . ئاجرىشىش خېتىدىكى ھەربىر خەت، ئۇنىڭ يۈرىكىنى قىيما چىيما قىلىۋەتكەن ئىدى . ئۇ يەنە تويلۇق ئۈزۈكنى قولدىن ئاجرىتىپ ئىلىپ ئاجرىشىش خېتىنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ تويلۇق ئۈزۈك ئۇ يولدىشىنىڭ ئۇنىڭغابولغان مۇھەببىتى ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۈزۈكنى شۇنداق ئاسراپ قۇلىدىن چۇشۈرمەيتى . بۇ ئۈزۈكنى ئېلىۋېتىشى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن يولدىشى بىلەن مۇناسىۋتى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشقاندەك ھىس قىلاتتى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ناھايىتى يارىماستەك ھېس قىلىپ ، ھەمدە بۇ ئىشقا يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلماي . يۈك تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلدى. نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشىغا ئىشىك باقار ئۇنى توستى ھەمدە ئۇنىڭغا:
- خانىم ، توختاپ تۇرۇڭ، خوجايىن بىزگە ئالاھىدەتاپىلاپ خانىمنى چەتكە چىقىرىشقا ، چەتكە ئاپىرىپ قويۇشقا ھاۋالە قىلغان ئىدى . يۈرۈڭ ، بىز ھازىر يولغا چىقايلى ؟
ئۇ ئىشىك باقارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، ناھايىتى ئاچچىقى كەلدى ھەمدە :
- مەن نېمە ئۈچۈن چەتكە چىققۇدەكمەن چىقمايمەن!
- كەچۈرۈڭ ، خانىم . خوجايىن بىزنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانىدى. بۇ ئىشتا سىزنىڭ رايىڭىزغا بارساق بولمايدۇ . ئىشىك باقار گېپىنى دەپ بولۇپلا رەنانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بىر مۇش بىلەن ئۇرۇپ خانىمنى يېقىۋەتتى ، ھەمدە رەنانى ماشىنىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقتى . ھەمدە رەنانى بىر كېرەكسىز نەرسە ساقلايدىغان ئامبارغا ئېلىپ بېرىپ ، كيىمىنى سالدۇرۇپ سولاپ قويدى .ئۇ رەنانىڭ يالىڭاچ ھەر بىر كۆرۈنۈشلەرنى رەسىمگە تارتتى .تۇيۇقسىز ئىشىك باقارغا تىلفۇن كەلدى ”ۋەي ،مۇنىرە خىنىم ،ھەممە ئىشلار جايىدا .“ تىلفۇن قىلغان مۇنىرە ئىدى يېنىدىكى ئادەم ھەر بىر كۆرۈنۈشلەرنى رەسىمگە تارتىپ بولغاندىن كېيىن . مۇنىرە:
- ناھايىتى ياخشى ، بىردەم تۇرۇپ رەسىملەرنى تورغا يوللىۋېتىڭلار . ئىشىنىمەنكى ، قۇربان بۇ رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن ، بۇ ئايالنى خۇتۇن قىلمايدۇ . سىلەر ئۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن ھەممە ئىشلارنى پاكىز تۈگىتىڭلار .
-خوپ خىنىم! - ئىشىك باقار تېلېفوننى قويىۋەتكەندىن كېيىن . ئامبارنىڭ ئەتراپىغا بېنزىن چېچىپ ، قولىدىكى بىر ئوت پارچىسىنى ئېتىۋەتتى . ئەتراپنىڭ ھەممە يېرى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئەتراپتىكى غەيرى پۇراقتىن نەپەس ئېلىش تەس ئىدى . توساتتىن رەنا ئۇيغاندى قارىسا ئەتراپ ھەممە يەردە ئوت كۆيۈپ كەتكەن، ئوتتىن چىققان قويۇق ئىس ئۇنىڭ دېمغىنى بوغاتتى، ئۇ توختىماي يۆتىلەتتى. ھەمدە ئەتراپتىكىلەرگە قۇتقۇزۇڭلار ، قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرايتتى .رەنا يالىڭاچ بەدىنىنى سۆرەپ ، ئامبارنىڭ ئىشىكىگە تاياق بىلەن ئۇردى . ئىشىك باقار رەنانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭغا:
-كەچۈرۈڭ ، خانىم ، بۇ خوجايىننىڭ بۇيرۇقى . سىز خاتىرجەم كېتىۋېرىڭ ، بىزنىڭ خوجايىن سىزگە ئاتاپ يەرلىك جاي تەييارلاپ قويدى .رەنابۇنى ئاڭلاپ ئۇشتۇمتۇت توختاپ قالدى ، كوڭلىدە :
ئەجەبا قۇربان مېنى ئۆلتۈرمەكچىمىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ ئۇ مۇنىرە دىن بالسى بولغانلىقى ئۇچۇنمۇ؟ ئەجەبا ئۇ مۇنىرەگە خانىملىق ئورنىنى بەمەكچىمىدۇ؟ ھەمدە ئۇنىڭ بالىسنى ئۆزنىڭ بالىسى قىپ نام بەرمەكچىمىدۇ ؟قۇربان بەك رەيىمسىز ئىكەنسەن! ھەتتا ئۆزۈڭنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالاڭنىمۇ سىغدۇرمىدىڭ.
-قۇربان بەك رەيىمسىز ئىكەنسەن! ھەتتا ئۆزۈڭنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالاڭنىمۇ سىغدۇرمىدىڭ ؟
رەنا قايغۇدىن يۇركى پارەپارە بولۇپ كەتكەن ئىدى…ئۇ ئىچى ئىچىدىن ئاچىقلىنىپ : قۇربان مەن ساڭا ئوچ… سەن بەك رەھىمسىز …مەن كور بوپ قاپتىمەن… سەندەك رەيىمسىز ئەرنى ياخشى كۆرۇش بىر خاتالىق ، ئەگەر كېلەركى ئۆمرۈم بولسا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلگەن ئازابنىڭ قانداقلىقىنى ساڭا تېتىتىپ قويىمەن !
رەھىمسىز ئوت ئۇنىڭ گەپلىرىنى يۇتىۋەتكەن ئىدى . كۈچلۈك كۆيۈۋاتقان ئوتتا بەدەنلىرى كۈييۋاتاتتى، ئاخىر ئۇ نەپەس ئالالماي يىقىلىپ چۈشتى . كۈچلۈك ئوت ئۇنىڭ جىسمىنى كۆيدۈرگەن ئىدى ، ھەتتاكى روھىنىمۇ يۇتىۋەتكەن ئىدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



