大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 10 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 10 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-01-29
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 11 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1



9
8
7



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


10 - قىسىم



قۇربان ئۆزىنىڭ گۇمانىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بايقاپ   لايىھىلىگۈچى سوفىيەنى ئىزدەپ بارماقچى بولدى ،لېكىن كۆز ئارقىلىق يۈرەك تونۇغان بىلەن لېكىن ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى ئېنىقلا ئىدى .  بەش يىل ئاۋۋالقى ئۈچىنچى ئاينىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى دەل بەش يىل ئاۋۋالقى  ئوت  ئاپىتى  يۇز بەگەر كۇن ئىدى ،    ئۇنىڭغا يولۇققان ھەر خىل گۇمانلار  ھەرگۇزمۇ  ئۇدۇل  كىلىپ قىلىش  ئەمەس ئىدى .رەنانىڭ ئۇخىل  ناتۇنۇشلاردەك چىرايىدا  بۇ ئىشنىڭ  ئەمەلى ئەھۋالىنى بىلىش  ناھايىتى  تەس بوسىمۇ بەش يىلدىن كىيىن   رەنا سوفىيەنىڭ سالاھىيىتىدە ھازىرغىچە ياشاپ كېلىشىنى بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى . بۇ خىل ئەھۋال قۇربانغا ئېنىق ئىدى .  ئۇ تېزلىكتە  پەلەمپەيدىن   ئاستىقى قەۋەتكە  چۇشمەكچى بولدى ، ئۇ پەسكە چۈشۈپ قارىسا  مۇنىرە بىلەن فۇرقەت تاماق يەۋاتاتتى پۇرقەت دادىسىنى كۆرۈپلا تېزلىكتە دادىسى تەرەپكە يۈگۈرۈپ باردى .

مۇنىرە :

-فۇرقەت بارما ، قولۇڭ مەينەت داداڭنىڭ  كىيمىمنى تۇتما ؟

مۇنىرە فۇرقەتنى توسماقچى بولۇۋېدى .لىكىن  كىچىككەن ئىدى ئۇ ماي يۇقى  قۇلى بىلەنلا  دادىسىنىڭ  چاپىننىڭ پىشىنى تۇتى ،ھەم  دادىسىنىڭ  قوينىغا  ئۇزىنى ئاتتى . قۇربان بالىسنى كۇروپ  ئۇنىڭ مەڭزىگە سۇيۇپ قويدى : ئوماق  ئۇغلۇم داداڭننىڭ  سىرتتا  ئازراق ئىشى با ،بۇگەن   يەكشەنبە تۇرسا  ئەجەب سەھەر تۇرىۋاپسىلەرغۇ ؟  

فۇرقەت دادىسىغا :

-دادا ، مەن يەسلىدىكى دوستۇم بىلەن كېلىشىپ قويدۇم ،مەن ئۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ شىركىتىڭگە بېرىپ ئۇيناپ كىلىدىغانغا كبلىشتۇق ؟سىز شىىركىتىڭىزگە بىزنى ماشىنىڭىز بىلەن  ئاپىرىڭ  بولامدۇ؟ ئۇتۇنۇپ قالاي ؟فۇرقەت  دادىسىنىڭ  ئوڭ پاچىقىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى ،ئۇ  شۇ ۋاقىتتىكى چىراينى كوروپ  دەرھال  ئەرفاتنى ئەسلەپ  قالدى ،چۇنكى  بۇ چىراي    ئەرفاتقا ئوپمۇ ئوخشاش  . ئۇنىڭ ئويىچە بۇ ئەرفات دىگەن بالا خىلى   بولىدىغان بالا ئىدى.

گەرچە ئۇ قۇرباننىڭ يۈزىگە سېيىۋېتىپ   ھەممە خەقنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراتقان  تەقدىردىمۇ لىكن   ئۇنىڭغا  بىرخىل  ئامراقلىقى كىلەتتى ، ھەي نىمدەپ  بۇ سولتەكنى  ئويلاپ  قالمەن ؟ قۇرباننىڭ  قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتتى . مۇنىرە  پات پات  قۇربانغا  قاراپ قۇياتتى ،بەش يىلنىڭ ئالدىدا  مۇنىرە فۇرقەتنى يەڭگىدى  .  ئۇ فۇقەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا .  قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە تۇرۇپ قالغان ، لېكىن قۇربان مۇنىرەگە ئازراقمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلمايتتى ، ئەمما   فۇرقەتكە  ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى .  قۇربان ئەزەلدىن فىرقەتتىن رازى ئىدى .  بۇ قېتىملىق ئۆتۈنۈشى قۇرباننى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى، مۇنىرە  فۇرقەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، دەرھال ئۇنى قۇچاقلاپ ئېلىپ كەتتى ھەمدە:  

داداڭنىڭ شىركىتى سەن كىچىك بالىلار كىرىپ ئوينايدىغان يەرمۇ؟ ناۋادا شىركەتنىڭ مەخپىيەتلىكى سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كەتسە مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالامسەن ؟ئەڭ ياخشىسى ئۆيدىن چىقماي جىم ئولتۇر ،- دىدى ئاچىقلىنىپ . فۇرقەت ئاپىسنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ  تاس قالدى يىغلىۋەتكىلى ،قۇرباننىڭ ئاچچىقى كىلىپ :

-نىم قىلغىنىڭ بۇ …بالىغىمۇ  مۇشتاق مۇئامىيلە قىلامسەن ؟  ئۇ چوڭ بولسا بەربىر  شىركەتنىڭ ۋارىسى بولىدىغۇ ؟  بىر نەچچە بالىنىڭ شىركەتكە كىرىپ ئوينىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .  بۇنىڭدىن كېيىن   فۇرقەتكە   ئاز قوپاللىق قىل!   

قۇربان شۇنداق دېگىنىچە ، فۇرقەت نى مۇنىرەنىڭ قوينىدىن تارتىپ ئېلىپ :

-ئاپپاق ئوغلۇم يىغلىما ،سەن دوستۇڭ بىلەن نەدە كېلىشىپ قويدۇڭ ، تامىقىڭنى يەپ بولساڭ ، ئىككىمىز دوستۇڭنى ئالغىلى بارايلى بولامدۇ ؟ يىغلىما داداڭ  سىىنى بەك  ياخشى كۇردۇ؟ دىدى مۇلايىملىىق بىلەن  ئۇنى بەزلەپ  ھەم پىشانىسىگە  سۇيۇپ  قۇيدى. بۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ داۋامىنى ئوقۇڭ

- ئوۋ  دادام نېمىدېگەن ياخشى ، ماقۇل  دادا  !  فۇرقەتنىڭ چىرايىغا دەرھال كۈلكە يۈگۇردى .  مۇنىرە قۇرباننىڭ ئۆزىگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى ، لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ياخشى  مۇئامىلىسىگە  ئۇچراپ باقمىدى.  قۇرباننىڭ فۇرقەتكە قىلغان مۇلايىم مۇئامىلىسى مۇنىرەنىڭ سەل ھەستىنى  قوزغىغانىدى ، ھەم:

-قۇربان بولمىسا مەنمۇ بىللە باراي   نېمىلا بولمىسا فۇرقەت تېخى كىچىك كىچىك ، مەن ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ ؟

مۇنىرە قۇرباننى قۇشۇلىدۇ  دەپ  ئويلىغان ،لىكىن قۇربان چاپىننى قىقىپ قۇيۇپلا سۇغۇققىنە تەلەپپۇزدا:

-ھىشقىسى يوق  سەن بارمىساڭمۇ بولىدۇ،  مەن فۇرقەتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن . يەنە كېلىپ سەن شىركەتنىڭ ئادىمى ئەمەس ، ئۇ يەرگە بارساڭ توغرا بولمايدۇ ،-دىدى   .قۇرباننىڭ بۇ گېپى مۇنىرەگە قاتتىق زەربە بولدى .  ئۇ ئاچچىقىدا:

-قۇربان ، بۇ نېمە دېگىنىڭىز ،بۈگۈن دېگەن شەنبە تۇرسا دەم ئېلىش كۈنى شىركەتتىمۇ ئادەم يوق .مەن بارسام قانداق ياخشى بولمايدۇ؟ -مۇنىرەنىڭ راسلا  ئاچچىقى  كەپ كەتتى. ئەسلىدە  مۇنىرەنىڭ  شىركەتكە كىرگۇسى ، شىركەتتى ئىشلارنى بىلگۇسى كىلەتتى ،لىكىن  قۇربان  ئەزەلدىن قۇشۇلمايتى .دەسلەپىدە مۇنىرە ئۇزىنىڭ  نامىدا كىچىك تىپتىكى شىركەتتىن  بىرىنى ئاچماقچى ھەم قۇربانغا  ياردەم قىلغۇسى بار لىقىنى ئېيتقان ،  لىكىن قۇربان  ئۇنىڭ   بۇ تەلىپىگىمۇ قوشۇلمىغان ئىدى . ئەمەلىيەتتە  ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ  قۇربان بىلەن كۆپرەك بىللە بولىۋېلىش ئۈچۈن ئىدى . ھازىرمۇ  قۇربان مۇنىرەنىڭ رەنجىگەنلىكىنى كۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا: سەن بارساڭ  راسلا  بولمايدۇ،

يەنە كىلىپ شىركەتتە تۇزۇم با .كۇزۈتۇش ئاپراتىمۇ با  ،خىزمەتچىلەر كورسە  تەسىرى  ياخشى بولمايدۇ !-دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ .مۇنىىرە بۇگەپنى ئاڭلاپ  تاس قالدى يىغلاپ تاشلىغىلى .مۇنىرە :

-قۇربان ،سىز مىنىڭ شىركەتكە ئاۋارچىلىق  يەتكۇزۇپ قۇيشىمدىن ئەنسىرەپ  رەت  قىلۋاتامسىز ؟لىكىن مەن يەىنىلا  بۇ ئائىلنىڭ  ئادىمى ، بۇ ئائىلىگە ياخشى بولسۇن دەيمەن ئەلۋەتتە ،- دىدى  يىغلامسىراپ .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

قۇربان:

- بۇنى بىلىمەن ،لىكىن شىركەتنىڭ تۇزۇمى شۇنداق تۇرسا، مىنى قىينىساڭ  ياخشى بولماس .قۇرباننىڭ گەپلىرى  شۇنچىلىق  قۇپال، بىرخىل  بۇيرۇق مەنىسى  چىقىپ تۇراتتى .     مۇنىرە  يەنە  داۋاملىق  ئىيتىۋىرشنىڭ  قۇرباننى  ئاچچىقىنى كەلتۇرۇپ  قۇيۇدىغانلىقىنى  ئىنىق ھىس قىلىپ  ئارتۇق گەپ قىلمىدى   ھەمدە فۇرقەتكە  تاماق  يىگۇزۇپ  ئولتۇردى .

ئۇ كوڭلىدە قاچان ، قانداق  قىلسام بۇ ئائىلنىڭ رەسمىي ئادىمى بولارمەن  دىگەنلەرنى ئۇيلىدى . كوڭلى  ناھايىتى بىسرەمجان ئىدى . ئۇ ئۇغلىغا  تاماق يىگۇزۇپ بوغاندا  بالىسى ئۇيناقشىغىنچە دادىسىغا ئىسىلىپ ئەركىلەپ  چىقىپ كەتتى .بۇنى كۆرۈپ مۇنىرەنىڭ   ئوغلىغا سەل  ھەسىتى قوزغالى ھەم غۇژژىدە بولۇپ ،-ھەي بۇ كىچىك  سولتەك  قۇرباننىڭ بارلىق مېھرىنى ئىگەللىۋالدى ،دىسە .

سىرىتىن ئوغلىنىڭ  :دادا  تىز ماڭايلى بولمىسا  دوستۇم ساقلاپ قالىدۇ  ئۇنى مىنى يالغانچى دەپ  قالمىسۇن يەنە !

دادىسى :

-ماقۇل ،چىقە ماشىغا ئوغلۇم ؟-دىگەن  گەپلىرى ئاڭلاندى شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئويدىن خۇشاللىق بىلەن چىقىپ كەتتى. ئۇلار ماشىنى يەسلىگە ھەيدەپ كەلدى ،بۇ ۋاقىتتا ئالىقاچان ئەرفات كىلىپ بولغان ئىدى ،ماشىنا توختىغاندىن كىيىن فۇرقەت  تىزلىكە ماشىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ ۋاقىردى:

-ئەرفات ،تىز چىقە !دادام بىزنى شىركەتىكە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلىدىغان بولدى .

ئەرفات ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ سەل گاڭگىراپ  قالدى ، قۇربان  ماشىنا ئىشىكىنى ئىچىپ چۇشىشىگە فۇرقەتنىڭ  دادا  دەپ چاقىرىشلىرى ئەرفاتنى سەل بىئارام قىلىپ قويغان ئىدى .قۇربان ئەرفاتنى كوروپ ئوغلىنىڭ  دوستىنىڭ بۇ بالا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا بۇ بالنىڭ يۇزىگە تەرەت قىلىپ قۇيغانلىقى ئىسگە كەلدى ھەم ھەيران قالدى.

ئەمما ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۇرمىدى . كۆپىچە ئادەملەر قۇرباننى كورسە شۇنداق ۋاي دەپ  ھالى قالمايتى ،لىكىن ئەرفات ئۇنداق قىلمىدى ئۇ كولۇمسىرەپ:

-تاغا ياخشىمۇسز ؟ بىز يەنە كۇرۇشۇپ قالدۇق؟

،-دىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەدەپىلىك سالمىنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ چىرايغا سەل كۇلكە يۇگۇردى :

-سەن فۇرقەتنىڭ ساۋاقدىشى بولامسە؟

-شۇنداق ،بىز  بىر يىللىقتا ئوقۇيمىز،-دىدى ئەرفات كۇلۇپ تۇرۇپ . ئەرفاتنىڭ گەپ سوزلىرى  ناھايىتى مۇلايىم ئىدى . قۇربان ئەرفاتتىن ئاتا ئانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سوراشنى ئويلىدى ، لىكىن ئويلاپ باقسا بۇ ئىشلارنى بىر كچىك بالىدىن سورسا تازا قالملاشمىغاندەك ھىس قىلدى،مۇشۇ خىياللاردا ئۇلار شىىركەتكىمۇ كىلىپ  قالغان ئىدى” ئەرفات“دەپ  چاقىردى فۈرقەت .ئۇ ماشىنىدىن چۇشۇپ شىركەتكە كىرىپ كەتتى .قۇرباننىڭ كالىسىدا نۇرغۇن خىيال ،ئۇمۇ ماشىننى چەتكە توختىىپ قۇيۇپ شىركەتكە كىرىپ كەتتى

ئۇ كىرگەندىن كىيىن ئۇلارغا شىركەتنى بىرقۇر چوگلىىتىپ چىقتى ،يول بويى قۇربان ئەرفاتقا  قاراپ قۇياتتى ،خۇددى  بۇ كىچىك بالىنى بۇرۇن بىر يەردە  كورگەندەك،  بىر خىل  تۇنۇشتەك تۇيغۇ ھىس بولاتتى .شۇنداق قىلىپ ئۇلار شىركەتنىمۇ چوگلەپ بولدى ھەمدە ئەرفاتنى ئاپىرىپ قويماقچى  بولدى .ئەرفات قۇربانغا :

-بولدى تاغا ،مەن  دارىلىتامغا بىرىپ ئىش قىلمىسام بولمايدۇ ؟ ئۇلارغا  خالىسانە ئىش قىلشىپ بىرمەن .

قۇربان ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ،بىر كىچىل بالىغا  نەدىن كەلگەن ئەقىل بۇ  ؟سىلەر نەچچىڭلار بارسىلەر ؟ ئاپاڭ  داداڭمۇ بارامدۇ ؟

- ياق مەن ئۇزۇم يالغۇز بارمەن ،-دىدى ئەرفات ،- ئەگەر ماقۇل كورسىڭىز مىنى شۇ دارلىتامغا  ئاپىىرىپ قۇيسىزڭىز ،-رەخمەت  ئەرفات  بەك مۇلايىم ئىدى  .

فۇرقەت چۇشۇنەلمەي:

-سەن ئۇيەرگە بىرىپ نىمە قىلسەن ؟ ئۇيەردىكى بالىلار ھەمىسى  يىتىم سەن ئۇلار بىلەن ئوينىساڭ  بولمايدۇ .

قۇربان:

-سەن نىم دەۋاتىسەن ؟- دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ ، ئىككىلىسى ئوخشاش ياشتىكى بالىلار ،قۇربان كوڭلىدە بۇ ئىككى بالىنى سىلىشتۇرۋاتاتى.

لىكن ئەرافات كۈلۈپ تۇرۇپ:

- ئاپام ، ماڭا يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى ، ئۇلارغا قانچە ياخشىلىق ، ياخشى ئىشلارنى قىلساق  بىز توغرا ئىش قىلغان بولىمىز .ئۇلارنىڭ كوڭلى  سۇنۇق بولىدۇ ،كىچىك ، ئاز ئىش قىلساقمۇ ئۇلارنى خۇش قىلساق  بىزمۇ خۇش بولىمىز دېگەن .

ئەرفاتنىڭ بۇگەپلىرى قۇرباننى ھاڭ تاڭ  قالدۇردى خۇددى نۇغۇن يىللارنى  ئىگىرى بىر دۆت خۇتۇن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دىگەن ئىدى.

- ئاپاڭنىڭ ئىسمى نېمە ؟ - دېدى قۇربان ئىشارەت ئارىلاش .  ئۇ بۇ سوئالنى سوراشنىڭ ئىنتايىن بىمەنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى ، لېكىن ئۇ سوراپ بولدى ،  ئەمدى  گەپنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايتتى .  ئەرافات قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل  ھەيران قالدى ،لىكىن يەنىلا  كۈلۈمسىرىگەن ھالدا :

-تاغا سىز تۇيۇقسىزلا ئاپامنىڭ ئىسمىنى سورىسىڭىز سەل قاملاشماي قالارمۇ؟ مېنى تېزراق ئاپىرىپ قويۇڭ، بولمىسا مەن كېچىكىپ قالىمەن ،-دىدى جىدىيلىشىپ. بىر  ئالتە ياشلىق  بالا   قۇرباننى ئەدەپسىز دېدى ، قۇربان سەل جىمىپ قالدى :

- ماقۇل ، ماشىنىغا چىقە!-  قۇربان ئەرافاتنى ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن   دارىلېتامنىڭ باشلىقى بىلەن ئەرافات ناھايىتى تونۇش ھالدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خاتىرجەم ھالدا ئۇ يەردىن ئايرىلدى .  ئۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ، فۇرقەتنى ئۆيگە ئاپىرىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۆزى رەنانىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .

قۇربان ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان ئاساستا ، تۇيۇقسىز رەنانى شۇنداق كۆرگۈسى كېلىپ كەتتى ، ئۇنىڭ چىرايلىرى قىزىرىپ ، جىددىيلىشىۋاتاتتى .  بۈگۈن پەرىدە ئەسلىدە دوستى رەناغا ھەمراھ بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرماقچى ئىدى ، لېكىن يەسلىدە جىددىي ئىش چىقىپ قالغانلىقتىن ، يەسلى باشلىقى ئۇنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن . قۇربان  رەنانىڭ ئويگە كىلىپ   ئىشىك قوڭغۇرىقىنى توختىماي باستى. بۇ ۋاقىتتا رەنا شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتاتتى .ئۇ چالا  ئۇيقۇ ئويغىنىپ مۈشۈك كۆزدىن قۇربان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتتى

-ھەي بۇ  ئادەمنىڭ كىلىشى  ھەقىقەتەن تىز ئىكەن،- دىدى كوڭلىدە .  ئۇ ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن  كېيىن ئىشىكنى ئاچتى :

-قۇربان دېرىكتور ، سىز نېمە دەپ كەلدىڭىز ؟ رەنانىڭ گەپ سۆزلىرى ئىنتايىن تەبىئىي چىقىۋاتاتتى .قۇربان رەناغا ئىختىيارسىز قاراپ قويدى ، ئۇ رەنانىڭ ئىككى مەڭزىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى ، يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى .

قۇربان تۇيۇقسىز قولى بىلەن رەنانىڭ پېشانىسىنى تۇتتى  .  رەنا چۆچۈپ ئارقىغا ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتى .

” مىدىرلىماڭ “ دىدى قۇربان كەسكىنلا . قۇرباننىڭ قولى رەنانىڭ پېشانىسىگە تېگىشى بىلەن رەنانىڭ بەدىنى تىترەپ كەتكەن ئىدى ، چۈنكى بىر خىل ئىللىق سېزىم ئۇنىڭ بەدىنىنى ئورىغان.  رەنا شۇنداق   يۇۋاشلىق بىلەن جىم تۇراتتى .  قۇربان سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن :

- شۇنداق  قىزىپ قالغان تۇرۇقلۇق ئۆيدە ياتتىڭىزمۇ؟ كىچىك بالىمۇ سىز ؟دەرھال كىيىم ئالماشتۇرۇڭ ، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي !

رەنا قۇرباننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇ ئەزەلدىن قۇرباننىڭ ئالدىدا بۇنداق جىددىيلىشىپ باقمىغان ئىدى. ”ھەي ئەر كىشى دېگەن ناھايىتى پەسكەش كېلىدۇ زادى “ دەپ ئويلىدى ئىچىدە  « ئۆيدىكى ئايال  ئۇنى ياخشى كۆرسە قەدىرلىمەيدۇ ، سىرتتىكى ئاياللارغا ۋاي دەپ ھالى قاممايدۇ  . رەنا كوڭلىدە  زاڭلىق قىلىپ كۇلۇپ قويدى ، لىكىن  سىرىتقا  چىقارمىدى :

- قۇربان خوجايىن رەھمەت سىزگە . مەن بايا دوختۇرخانىدىن كەلگەن ئىدىم ،دوختۇرخانا باشلىقى مېنى ۋاقتىدا دورا يەڭ ، دەپ ھاۋالە قىلدى .ھازىر خىلى  ياخشى  بولوپ قالدىم .

-ئەمسە كىرىپ  دەم  ئالماي  بۇ يەردە  نىمىش  قىلسىز ؟قۇربانىڭ گىپى ناھايىتى كەسكىن ئىدى. رەنا  ھەيران قالدى  ،ئۇ كەلمىگەن بولسا  ئۇ  ئىشىك  ئىچىپ  يۇرەمتى؟ قۇربان رەنانىڭ نېمە ئويلىشىغا ئىرەن قىلماي  رەنانى  كۇتۇرۇپ  ئۆينىڭ ئىچىگەئەكىردى .

-قۇربان دىرىكتۇر نېمە قىلىۋاتىسىز ؟ تېزدىن مېنى يەرگە چۈشۈرۈۋېتىڭ ؟ - رەنا قۇرباننىڭ قۇچىقىدا سەل تولغىنىپ باقتى ، گەپ قىلىپ باقتى ، لېكىن قۇربان ئۇنى چۈشۈرۋەتمىدى ،



داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k