
بۇ ئەسەرنىڭ 180-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179-قىسىم
نىگارە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى ۋە كارى بولماي ئولتۇردى، ئەمما ئۇ ئايال نىگارەنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
_ نىگارە، ئاڭلىسام شىركەتتىن چىقىپ كېتىپ كاۋاپچىلىق يايمىسى ئېچىپتىكەنسىزغۇ؟ سىز بىلەن بىللە ئىشلىگەندە بىلمەپتىكەنمەن، قولىڭىزدىن بەك ئىش كېلىدىكەن ھە. شۇنداق تەستە تاپقان پۇلغا بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يىمەكچى بولغىنىڭىزغا ھەيران قېلىۋاتىمەن.
گەپ قىلىۋاتقان بۇ ئايال ئۇ شىركەتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇنى مازاق قىلغان ئايال گۈلمىرە شۇ ئىدى. نىگارەنىڭ بۇرۇنقى مىجەزىدە ئۇنىڭغا دەرھال جاۋاب قايتۇراتتى، ھەتتا ئۇرۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئۇ ھازىر ئۆزىنى ئىنتايىن بېسىۋالغان ھالەتتە ئولتۇراتتى. نىگارە جىم ئولتۇرغان بىلەن فەرۇق جىم ئولتۇرمىدى.
_ جېنىم، بۇياق كىم بولىدۇ؟ بۇرۇنقى خىزمەتدىشىڭىز ئوخشىمامدۇ؟ شۇنداق چوڭ شىركەتكىمۇ مۇشۇنداق ساپاسىز ئادەملەرنى خىزمەتچى قىلىپ ئالىدىكەن دەيمەن. بۇنداق چاكىنا ئادەملەر بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، تاماق بويرۇتايلى.
گۈلمىرە فەرقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاغزىغا گەپ كەلمەي قالدى. نىگارە ئالدىدىكى تاماق تىزىملىكىنى قولىغا ئېلىپ بولۇپ تاشلاپ قويدى ۋە بىر نەچچە خىل ئالىي دەرىجىلىك قورۇمىنىڭ ئىسمىنى دېدى، مۇلازىمەتچى خاتىرىلىۋېلىپ كەتتى. ئايال نىگارەنىڭ شۇنچە ئېسىل قورۇمىلارنىڭ ئىسمىنى تاماق تىزىملىكىگىمۇ قارىمايلا دەپ بەرگىنىدىن ھەيران قالدى.
نىگارە بۇرۇن ھېچنىمىدىن غەم قىلمايدىغان، پۇلنى سۇدەك خەجلەيدىغان قىز ئىدى، ئەمدىلىكتە تۇرمۇشى جاپالىق ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇنقىدىن مەنىلىك ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى، چۈنكى ھەرقانداق ئادەم ئۆزىگە تەۋە تۇرمۇشنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يارىتىشى كېرەك.
ئۇلارنىڭ تامىقى چىقىپ تۇرۇشىغا گۈلمىرە ئۇلارغا ئالىيىپ قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ دوستىنى قولتۇقلاپ چىقىپ كەتتى.
نىگارەنىڭ مۆلچەر تۇغۇت ۋاقتىغا بىر ئاي قالغاندا ئۇ شۆھرەتنى يوقلاپ باردى. بۇ قېتىم بارغىنىدا شۆھرەتنىڭ چىرايى سەل تاتىرىپ قالغاندەك كۆرۈندى، نىگارە نىمە بولغانلىقىنى سورىۋىدى، شۆھرەت ھېچ ئىش يوق دەپ جاۋاب بەردى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى بىر كۈنى فەرۇق نىگارەنى كاۋاپچىلىق يايمىسىغا قويۇپ قويۇپ ئۆزى ئۆيگە تاماق ئەتكىلى بارماقچى بولدى.
_ سىز جىم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن تاماقنى ئېتىپ قويۇپ قويۇپ سىزنى ئالغىلى كېلىمەن ھە.
كەچقۇرۇن شامال چىققاچقا كوچىدا تۈزۈك ئادەممۇ يوق، نىگارە بىردەم ئولتۇرۇپ بېقىپ ئاستا نەرسە- كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ فەرۇقنى ساقلىدى، فەرۇق كەلمىگەندىن كېيىن ئۇ ھارۋىنى ئىتتىرىپ ماڭدى. بىر قايرىلمىغا كەلگەندە ئالدىدىن بىر نەچچە ئەر چىقىپ ئۇنىڭ يولىنى توستى، نىگارە سەل بىنورمال ھېس قىلدىيۇ، كارى بولماي ئۇلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. ئۇلار ئۇنى ماڭغۇزمىدى. نىگارە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ سورىدى:
_ كاۋاپ يىمەكچىمىتىڭلار؟ كەچۈرۈڭلار، دۇكاننى يىغىپ بولدۇم، ئەتە كېلىڭلار ھە.
_ سەن شۆھرەتنىڭ خوتۇنى شۇغۇ؟ - دېدى ئارىدىكى بىرى قوپاللىق بىلەن.
_ ھە، شۆھرەتنىڭ خوتۇنى بولسام نىمە بوپتۇ؟
_ دېدىمغۇ، ئۇ شۆھرەتنىڭ خوتۇنى، قۇرسىقىدىكى شۆھرەتنىڭ بالىسى. ئۇنداق ۋىجدانسىز خۇمپەرنىڭ بالىسىنى يوقىتىش كېرەك. ئۇرۇڭلار! – ئۇ شۇنداق دەپ نىگارەنىڭ قۇرسىقىغا بىرنى تەپمەكچى بولۇۋىدى، نىگارە ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋالدى. ئۇنىڭ بويرۇقى بىلەن قالغان بىر نەچچەيلەنمۇ تەڭلا يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنى ئارىغا ئېلىۋالدى. نىگارەنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قېچىپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناپ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بۇرۇن تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىدا تېرىنېر بولغاندىكى ماھارىتى يەنىلا بار ئىدى.
_ۋوي، ماھارەت بىلىدىكەن تېخى. قانداق قىلالايسەنكىن قېنى. ئۇرۇڭلار.
ھەممىسى تەڭلا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. نىگارە قۇرسىقىنى ئاۋايلاپ بەك كۈچىيەلمىدى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا كۈچ ئېلىشىپ بولالماي تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان ئىدى، بايا گەپ قىلغان ئەر كېلىپ پاچىقىنى دەسسەپ تۇرىۋالدى. نىگارەنىڭ قۇرسىقىغا ئاچچىق ئاغرىق كىرىپ كەتتى. ئۇ «ۋايجان» دېگەچ ھېلىقى ئەرنىڭ بېلىگە ئۇردى. نىگارەنىڭ مۇشتىمۇ قاتتىق بولغاچقا ئەرگە خېلى قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك ئۇ بېلىنى تۇتۇپلا ئىنجىقلاپ نېرى كەتكەن ئىدى، نىگارە ئورنىدىن تۇرىۋالدى.
_ شۆھرەتنىڭ كاساپىتىدىن ئاكام شۇ يولغا مېڭىپ قالغانلىقتىن داداممۇ ئاچچىقتا بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتتى. شۆھرەت بولمىغان بولسا ئائىلىمىز ئۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇنداق خۇمپەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى قۇرۇتىۋېتىش كېرەك.
نىگارەنىڭ تۈگۈلۈپ ئۇرۇشقا تەمشەلگەن مۇشتى ئەرنىڭ ئۇ گەپلىرى بىلەن ئاستا پەسكە چۈشتى، ئەمما دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ قۇرسىقىغا بىرى كېلىپ كۈچەپ تېپىۋەتتى. نىگارە كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ تامغا يۆلىنىپ سېرىلىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئەر يەنە ئالدىغا مېڭىۋىدى، كەينى تەرەپتىن مۈرىسىگە بىر كالتەك تەگدى. فەرۇق كالتەكنى ئۇلارغا تەڭلىگەچ نىگارەنىڭ يېنىغا كەلدى.
_ قانداقراق؟ نەچچە ئەر كىشى بىر ھامىلدار ئايالنى بوزەك قىلىدىغانغا نۇمۇس قىلىشساڭ بولمامدۇ؟
تۇيۇقسىز يېقىنلا يەردىن بىر ماشىنىنىڭ چىراق يورۇقى كەلدى.
_ ئاكا، ئادەم كەلدى! _ دېدى ئارىدىكى بىرى.
_ ئەمدى ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى بالىمۇ ساق قالمايدۇ، بولدى، كېتەيلى . يۈرۈڭلار.
فەرق قولىدىكى كالتەكنى تاشلاپ نىگارەنى كۆتۈرۈپ يول بويىغا چىقىپ تاكسى توسۇپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. ...
ئۇ ئوپېراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىلدى، فەرۇق سىرتتا بىر مىنۇتنى بىر يىلدەك ئۆتكۈزۈپ تىت تىت بولۇپ ساقلىدى. ئۇ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. «نىمىشقىمۇ بالدۇر كەتكەندىمەن؟ ئۇنى بىللە ئېلىپ كەتسەم بولماسمىدى؟ بىر كۈن دۇكان ئاچمىغانغا نىمە بولماقچىتى؟ »
_ نىگارەنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بارمۇ؟ _ سىستېرا يۆگەككە يۆگەلگەن بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سورىدى.
_ مە...مە...مەن شۇ! _ فەرۇقنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.
_ مۇبارەك بولسۇن، پاقلاندەك ئوغلىڭىز بار بولدى.
فەرۇق دوختۇرخانىدا نىگارەنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي قارىدى، لېكىن ئەر كىشىنىڭ تۇغۇت بېقىشى يەنىلا سەل بىئەپ بولىدىكەن، ئۇ يەنىلا تۇغۇت باققۇچى ئايالدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ، تاكى نىگارە دوختۇرخانىدىن چىققۇچە تۇغۇت باققۇچى ئايال بىلەن ئىككىسى بالا بىلەن نىگارەگە قارىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئۆيگە قايتىپ چىققاندىن كېيىن فەرۇق نىگارەگە قارايتتى، بالىغا قارايتتى، تاماق ئېتەتتى، بالىنىڭ زاكىلىرىنى يۇياتتى. بالىنى يۇيۇندۇراتتى، كەچتە بالا ئەمگەندىن باشقا ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە ئۆزى قارايتتى.
_ مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، لېكىن ئاياللار قىرقى ئىچىدە ياخشى كۈتۈنمىسە كېسەللىك ئاسارىتى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. تىنىڭىز ساق بولسا بالىغا ياخشى قارىيالايسىز.
شاۋكەت نىگارەنى كۆرگىلى بىر قېتىم كەلدى، ئۇ نىگارەنىڭ يېنىدا فەرۇقنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلماي، ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قويۇپ قويۇپ ئۇزۇن ئولتۇرمايلا كەتتى. نىگارە بالىغا شەپقەت دەپ ئىسىم قويدى. ئۇنىڭ ئەسلىمۇ تىنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە بالا ئانا سۈتىگە تويماي ئاساسەن دېگۈدەك سۈت پاراشۇكى بىلەن باقتى. نىگارەنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى يېتىپ قالمىسۇن دەپ، فەرۇق بالىنىڭ كارۋىتىنى نىگارەنىڭ زال ئۆيىگىلا توختىتىپ، يېنىغا كىچىك كارىۋاتتىن بىرنى قويۇپ كېچىسى شۇ يەردە قارايتتى.......
شۇنداق قىلىپ ھەش –پەش دېگۈچە بالا ئىككى ئايلىق بولدى. ئىككى ئايدىن بۇيان فەرۇقنىڭ تارتقان جاپالىرىنى نىگارە كۆرۈپ تۇردى، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ تەسىرلەنگەن ئىدى، ئەمما بۇنداق كېتىۋەرسىمۇ بولمايدۇ دە. ئاخىرى بىر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۇ ئېغىز ئاچتى.
_ ھازىر بالىمۇ ئىككى ئايلىق بولۇپ قالدى، مېنىڭمۇ سالامەتلىكىم ئاساسەن ئەسلىگە كېلىپ قالدى. بۇ يەردە تۇرىۋەرسىڭىزمۇ قاملاشمايدۇ، سىزنىڭمۇ تۇققانلىرىڭىز، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بار، ئەمدى بۇ يەردە بىزگە قاراپ تۇرىۋەرمەي ئۆزىڭىزگە تەۋە تۇرمۇشىڭىزنى باشلاڭ.
فەرۇق نىگارەنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك تامىقىنى يەۋەردى. نىگارە گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ سىز بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز مەن بەك ئوڭايسىزلىنىپ كېتىدىكەنمەن. ھېلىمۇ ماڭا قىلغان ياردىمىڭىزدىن مەن بەك مىننەتدار. رەھمەت، مۇشۇنچىلىك بولسا يېتەر، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ.
فەرۇق يەنىلا گەپ قىلمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ كەتكۈسى يوق ئىدى، ئۇ نىمە دەپ گەپ باشلاشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، بالىنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ قالدىمىكىن، قىقىراپ يىغلاپ كەتتى. فەرۇق دەرھال قولىدىكى چوكىنى قويۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ بالىغا سۈت پاراشۇكى تەڭشەپ ئېلىپ چىقىپ ئىمىتكەن ئىدى، بالىنىڭ يىغىسى توختاپ چىپىلداپ ئىمىپ كەتتى. ئۇ كېچە كۈندۈز دېگۈدەك بالىغا قاراپ يۈرۈپ، بالىنىڭ يىغىسىغا قاراپ ئېھتىياجىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولغان ئىدى. ھازىرمۇ بالا يىغلىغان ئىدى، قۇرسىقى ئاچقىنىنى بىلىپ كىرىپ سۈت پاراشۇكى تەييارلىدى..... شۇنىڭدىن كېيىن نىگارەمۇ ئۇنى كەتكۈزىۋېتىش توغرىلىق گەپ قىلمىدى.
بالا ئۈچ ئايلىق بولغاندا قىش كەلدى. نىگارە ئەتىدىن كەچكىچە فەرۇقنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يېتىۋېرىشكە ئۇنىماي كاۋاپچىلىق يايمىسىغا چىقىمەن دەپ تۇرىۋالدى، فەرۇق ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمەي ئاخىرى ئۇ قېلىپ ئۆيدە بالىغا قارايدىغان، نىگارە چىقىپ كاۋاپچىلىقىنى قىلىدىغان بولدى. ھويلىدىكى قوشنىلار ئۇنى خوتۇنىنىڭ پۇلىنى خەجلەيدىغان كۆرۈپ قالدى، ئەمما فەرۇقنىڭ بۇلار بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى. قىشلىق تەتىلدە دىلدار قايتىپ كەلدى. ئۇ دەسلەپتە فەرۇقنى بۇ يەردە كۆرۈپ تازا قوبۇل قىلالمىدى، ئۇ بالىنى ئەركىلىتىپ قويغاندىن باشقا ئارتۇق گەپمۇ قىلمايتتى، كېيىن ئۇ شۆھرەتنى يوقلاپ كەلگەندىن كېيىن فەرۇققا بولغان مۇئامىلىسىمۇ ئۆزگەردى.
يېڭى يىل كەلدى. يېڭى يىل ھارپىسى كۈنى كەچتە دىلدار بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالماقچى بولغانلىقىنى، بۈگۈن كەچتە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. نىگارەمۇ بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلاپ، مول بىر ۋاق تاماق تەييارلىدى ۋە تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ يەنە فەرۇققا ئېغىز ئاچتى.
_ ئەسلى بۇنداق دەۋەرمىسەم بولاتتى، ئەمما ماڭىمۇ ئامال بولمىدى. سىز تېخى ياش، بۇ يەردە بىزنى دەپ ياشلىقىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. مېنىڭ مىجەزىمنى بىلىسىز، مەن قارار قىلغان ئىشىمدىن يانمايمەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا قايتىپ كېتىڭ.
فەرۇق خېلىغىچە ئويلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا گەپ باشلىدى.
_ نىگارە، ماڭا بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ، بولامدۇ؟ پەقەت بىر يىللا. ئەگەر كېلەر يىلى يېڭى يىل ھارپىسىغىچە قارارىڭىزدىن يېنىپ، مېنى قوبۇل قىلىشنى خالاپ قالسىڭىز، مەن ھالىڭىزدىن مەڭگۈ خەۋەر ئېلىشقا، بالىنى ئۆزۈمنىڭ بالامدەك كۆرۈشكە ۋەدە بېرىمەن. ئەگەر يەنىلا قارارىڭىزدىن يانماي قالسىڭىز مەن كېتىمەن، مەڭگۈ سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن. بولامدۇ؟ مۇشۇ بىر يىللا. ئەگەر ماڭا مۇشۇ بىر يىل پۇرسەت بەرمىسىڭىز مەن راستلا تەن بېرەلمەيمەن. چۈشەندىڭىزمۇ؟
نىگارە فەرۇققا قارىدى، فەرۇقنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا ئۇ بۇ ئىشنى ئويلىغىلى خېلى بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ فەرۇقنىڭ ئۆزىگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما فەرۇققا پۇرسەت بېرەلمەيدۇ، چۈنكى شۆھرەت ئۇنى دەپ خاتا يولغا قايتا مېڭىپ ھازىرقى ئاقىۋەتكە قالغان، ئۇ شۆھرەت ئۈچۈن باشقا ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ، بالىسىنى ياخشى بېقىپ قاتارغا قوشۇشى كېرەك. ئەمما فەرۇقنىڭ بايىقى گەپلىرىدىن ئۇ يەنىلا فەرۇقنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش قارارىغا كەلدى.
_ بولىدۇ، ئەمىسە بىر يىللا. يېڭى يىل ھارپىسىدا خوشلىشىمىز. گېپىمىز گەپ. _ ئۇ شۇنداق دەپ چىمچىلاق بارمىقىنى چىقاردى، فەرۇقمۇ چىقىرىپ ئىككىيلەن باغلاشتى. ئىككىيلەن «باغلىشايلى...» دەپ تۇرۇشىغا شەپقەت ئويغاندى. نىگارە ئورنىدىن مىدراپ بولغۇچە فەرۇق يۈگۈرۈپ بېرىپ بالىنى قولىغا ئالدى، بالىنىڭ يىغىسى شۇ ھامان توختىدى. كىچىك بالا كىمنىڭ ئۆزىگە ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ دېگەن گەپ راست بولسا كېرەك.
ئەتىسى ئەتىگەن نىگارە ھويلىغا چىقىشىغا فەرۇقنىڭ ئىشكتىن چىقىشى ئۇدۇل كېلىپ قالدى.
_ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! _ دېدى ئۇ.
_ بىرگە بولسۇن. ئەمىسە بۇ يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا ۋەدىڭىز بويىچە ئىش قىلىسىز ھە؟ ئۇنتۇپ قالماڭ.
فەرۇق تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا بىر يىل دېگىنىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى. چۈنكى بىر يىل ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ نىگارەنىڭ مىجەزى فەرۇققا بەش قولدەك ئايان، بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ قارارىدىن يېنىشى ناتايىن. شۇنداقتىمۇ مۇشۇ بىر يىلنى بولسىمۇ قەدىرلەي دەپ ئويلىدى ئۇ.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دىلدارنىڭ تەتىلى توشۇپ مەكتىپىگە قايتماقچى بولدى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا نىگارە ئۇنىڭغا نازىيەگە ئۆزىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ھېچنىمە دېمەسلىكنى، تېلېفون نومۇرىنىمۇ دەپ بەرمەسلىكنى ئېيتتى. چۈنكى ئۇ ئۇنى ئەنسىرىتىپ قويۇشنى خالىمايتتى.
بىر كۈنى كەچلىكى نىگارە ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، نازىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا داڭلىق ماركا ياراتقان كارخانىچى بولغانلىقىنى، ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايالغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ سەھنىدىكى قىياپىتى، گەپ سۆزلىرى بۇرۇنقىدىن ئاسمان زېمىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان ئىدى. نىگارە بىلەن نازىيەنىڭ تۇرمۇشى ئالمىشىپ قالغاندەك ئىش بولغان ئىدى. نازىيە كىچكىدە بەك جاپا تارتقان، مانا ھازىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال بولۇپتۇ، نىگارە بۇرۇن جاپانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى، ئەمما ھازىر جاپانى يەتكۈچە تارتىۋاتىدۇ. لېكىن نىگارە يەنىلا نازىيە ئۈچۈن خۇش بولدى، ئۆزى بىلەن ئۆزى چاۋاك چېلىپ كەتتى.
ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، فەرۇق ۋاقىتنىڭ ئاستىراق ئۆتۈشىنى، مۇمكىن بولسا ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئۈمىدنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كېلىشى بىلەن ئۇلار شۇنچىلىك ئازابلاندى، ھەر ئىككىسىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىق خەۋىرى نىگارەنىڭ گۇمانىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۈمىد ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















