大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 3 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 3 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-01-22
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 4 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ






2
1



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


3 - قىسىم


قۇربان دەرھال زوڭزىيىپ ئولتۇردى، بۇ بالىنىڭ قېشى، قاپقارا ،كوزلىرى پارقىراپ تۇراتتى، شۇنچە مىھىربان كۇرنەتتى .  ئادەتتىكى چاغلارنى ئىلىپ ئىيتساق ، قۇربان بۇنداق ئىشلارغا  ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەيتى، ئەمما بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنى ئۆزىگە ئوخشىماي قالغاندەك ھېس قىلىدى:

- قانچە ياشقا كىردىڭ؟ ئاپاڭ، ساڭا بۇنداق ئىشتاننىمۇ  كىيدۈرۈپ قويامدۇ؟ -ئەرفاتنىڭ ئىشتىنىنىڭ سىرتمىسى دەرۋەقە قىسىلىپ قېلىپ ئىشتاننى سالاممايۋاتاتتى. ئەرفات پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:

- مەن 6 ياشقا كىردىم! بىر چوڭ ئوغۇل بالا!

-چوڭ ئوغۇل بالا سىيرىتماڭنى ئۆزۈڭ ئوڭشالمامسەن؟- قۇربان ئادەتتە بۇنداق كۆپ گەپ قىلمايتتى، لېكىن ھازىر ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى، ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ بالىىغا توختىماي قارايتتى.، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويدى.  ئەرفاتنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل خۇشاللىق كەيپىيات كۆرۈنۈپ تۇراتتى، .  قۇربان ئىشتىنىنىڭ سىيرىتمىسىنى ئاچقان شۇ پەيتتە، ئەرفات بىردىنلا ۋارقىراپ كەتتى :

-ۋايجان ، تاغا، مەن چىدىيالمىدىم!  

-نېمە؟ قۇرباننىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن، بىر خىل ئىسسىق دولقۇن ئۇننىڭ باش ئۇستىگە سىپىلدى .

- كەچۈرۈڭ، مەن قەستەن قىلمىدىم! -ئەرفات ئالدىراپ كەچۈرۈم سورىدى، قۇربان ئەمدى ئۆزىنىڭ يۈزىگە سىپىلگەن قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تامغا يۆلىنىپ قالدى! ئۇنىڭدەك  كاتتا   جەمەتىلىك گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرىغا  ئويلىمىغان يەردىن بىر كىچىك بالا ئۇنىڭ يۈزىگە سىيىپ قويدى؟ قۇربان ئاچچىقى كېلىپ ئورنىدىن تۇردى:

- شۇمتەك، بۇياققا چىقىە! ئۇ ئۇزۇن يىلدىن بېرى بۇنداق خاپا بولۇپ باقمىغان ئىدى ، ئەرفاتنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ئەمما يالغاندىن  يىغا-زارە قىلاتتى:

- كەچۈرۈڭ، مەن بايا ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم بولمىسا ئاپام پۇل چىقىرىپ  كىىيىملىرىڭىزنى  سىزگە تولەپ بەرسۇن،  دىدى جىدىيلىشىپ…

باش لىدېرىغا بىر كىچىك بالا كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى ؟ بۇ قانداق گەپ؟ قۇربان بۇ بىئارامچىلىقنى كۆڭلىدە كۆتۈرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدى، ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھېسسىيات ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى.  ئۇ تىزلىك بىلەن سۇيدۇكنى يۇيسىمۇ يەنىلا بىئارام بولدى، ئۇدا ئۈچ تۆت قېتىم قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۈزىنى ئۇۋۇلىدى، .  ئەرفات ئىزچىل سىرتتىكى شەپىنى ئاڭلاپ، چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.  بۈگۈن ئۇ نىڭغا نىسبەتەن كىچىككىنە بىر ساۋاق بولدى، قۇربان تىخىچە بىئارام بۇلاتتى  .ئەرفات يالغاندىن يىغلاپ تۇرۇپ:

-مىنى ئۇرماڭ ! مىنى ئۇغلىڭىز قاتارىدا كۆرەپ ئۇتىكۇزۋىتىڭ!مەن قەستەن قىلمىدىم،بۇ ئىشنى ئاپامغا دىمەڭ بولامدۇ ؟بولمىسا ئۇ مىنى ئۇرۇدۇ …ھۇ ھۇ.  

مانا ئىش ئوخشىدى ، ئەرفات راسا يالغان يىغلاپ بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇردىغان بولدى . قۇربان بۇنى كۇرۇپ ھاڭ تاڭ قالدى

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

-ئوزەمنىڭ ئوغلى ؟

ئەينى ۋاقىتتا رەنا ئۆلمىگەن  بولسا ئارمىزدىكى بالىمىزمۇ مۇشۇ بالىدەك چوڭ بولغان بولاتتى؟قۇربانىڭ يۇركى قانداقتۇر بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى،ئۇنىڭ بىرجۈپ  قارا كوزى ئۇنىڭغا قۇيۇپ قۇيغاندەك ئۇخشايتى… بۇ قىتىملىق كۇتۇۋىلىش قۇربانغا نىسبەتەن بىر ئۇتمۇشنى قايتىدىن ئەسلەتتى  …ئۇ ئەرفاتغا كۇلۇپ تۇرۇپ:بۇ ئىشلارنى مەن ھىچكىمگە دىمەيمەن ،ئاپڭغىمۇ دىمەيمەن   …سەنمۇ بۇ ئىشلانى قالايمىقان دەپ يۇرمە

بۇندىن كىيىن مىنى كۇرەپ قالساڭ تۇنماسىقا  سال  دىدى…ئۇنىڭ تەلەپپۇزى قۇپال چىققاتتى  …ئەرفات خۇددى  ئەيىپلىشگە ئۇچۇرغاندەك كوز ئىپادىسدە قۇربانغا قارايتى ھەمدە :ماقۇل مەن  ھىچكىمگە دىمەيمەن …دىدى …

بۇ قىتىلىق ئىش قۇربانغا بىر ساۋاق بولغان ئىدى،قۇربان  گەپنى دەپ بولوپ ئارقىدىن تازلىق ئۇيگە كىرىپ كەتتى ھەمدە  جۇمەكنى ئىچىپ قۇلىنى يۇزىنى  ئارقا ئارقىدىن يۇيۇشقا باشلىدى…سىرىتتىن ياردەمچى رۇزىنىڭ  ئاۋازى ئاڭلاندى :

-خۇجايىن بىرەر ئىش بولمىغاندۇ…ياردەمچنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان قۇربان سەل جىدىيلىشپ تىزلىكتە چىقىپ كەتتى ،ئەرفات سىرت جىمغاندىن كىيىن  تازلىق ئۇيدىكى كۇزتىش ئاپراتىنى پاكىز سۇرتۇپ قۇينىغا سىلىپ چىقىپ كەتتى…بۇ ۋاقىتتا رەنامۇ جىدىيلىشىپ تازلىق ئۇيدىن چىقتى .قارسا ئۇغلىنىڭ سايىسىمۇ يوق ئۇ ئەنسىرەپ تەرەپ -تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى ،ئۇ ئۇغوللار ھاجەتخانىسىغا بىر قارشىغا قۇربان چىقىپ كەلدى .ئۇنىڭ ئۇستى باشلىرى ھۆل ئىدى  .  ئېنىقلا بايا يۇيغاندەكلا تۇراتتى .  قۇربان بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ سىرتقى سالاپىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم    ئىدى .  رەنا ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ئېنىق چۈشىنەتتى .  رەنا ئۇنىڭ    بۇ ۋەيرانە ھالىتنى كۇرۇپ كۇڭلىدە بىرخىل دىلغۇل بۇلۇپ قالدى    قۇربان ئاچچىقىدا  ھاجەتخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئارقىدىن ، ئەرافات ينىىپ چىقتى :

-ئەرفات !

رەنا ئۇنى كۇرۇپلا  ئۇنىڭ بىلكىدىن تۇتۋالدى   ھەمدە ئەنسىرەپ    بالىسىغا بىر قۇر قاراپ  چىقتى .  ئۇ بالىسىغا   بىر ئىش بولمىغانلىقىنى كۇرۇپ كۇڭلى خاتىرجەم بولدى …لىكىن ئۇ يەنىلا جىدىيلەشىتى ئەرفات ئاپىسىغا :

-ئاپا نىم بولدىڭىز …مەن ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقتىم، باشقا ئىش يوق ،ئەنسىرمەڭ بولدى …ئابايقى ئاكاش بەك كىلىشكەن ئىكەن …سىزچىچۇ؟  

ئەرفات گەپنى دەپ بولوپ قۇرباننىڭ كەينىدىن بىرھازا قاراپ تۇرۇپ قالدى ،رەنانى سەل جىمجىتلىق ئورۋالدى …سەن بىر ئۇغۇل بالا تۇرۇپ باشقىلار نىڭ  كىلشكەن كىلىشمىگەنلىكىگە سەپ سىلىپ نىم قىلسەن …يۇر كىتىمىز دىدى نارازى بوپ .شۇنداق دىگىنچە رەنا ئىگىلىپ ئەرفاتنى كۇتۇرۇپ مىڭىشقا تەمشەلدى ،رەناغا ئۇغلىنىڭ گىپى سەل ئۇيلاندۇرۇپ قۇيدى …چۇنكى بۇ كىچىك ئۇغۇلغا ئاپىسىنى ئازاپقا سالغان بۇ ئادەمنىڭ دەل مۇشۇ كىلىشكەن ئادەم ئىكەنلىكى ئايدىڭ بولدى . ئەرفات ئاپىسنىڭ چىراينى كۇرۇپ سەل  ھەيران قالدى ھەمدە كىچىك قۇلنى ئاپىسنىڭ بۇينىغا ئالدى  دە ،

-ئاپا سىز ئىزدەۋاتقان  ،ئادەم دەل مۇشۇنداق ئادەمغۇ؟

رەنا  ئاچىقلىنىپ :

-كىچىك سولتەك چوڭلارنىڭ ئىشغا ئاز ئارلاش…بۇ قىتىم سىنى پەرىدەگە يەسلىگە ئەكىرىپ قۇيغىن دەپ تاپىلايمەن…سەن ئاۋال مەكتەپتە ياخشى  ئۇقۇ ،پەرىدە ئاچاڭمۇ سىنىڭ ھالىڭىدىن ياخشى  خەۋەر ئالىدۇ ،سىنى مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇرۋالسام ،مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن،-

ئۇ  ئۇغلىنى كۇتۇرگىنىچە سىرىتقا قاراپ ماڭدى …لىكىن ئۇنىڭ قولى تىتىرەپ توختىمايتى ،چۇنكى ئۇ كوڭلىدە ئۇغلۇم نىمىشقا قۇرباننى كىلىشكەن دەپ ئويلىغاندۇ دەپ ئويلىدى ،گەرچە ئۇغلى قۇربانغا قۇيۇپ قۇيغاندەك ئۇخشىسىمۇ ،ئۇغلىنىڭ قۇربانغا قاراشلىرى رەنانى بىر ئاز ئەنسىرىتكەن ئىدى …ئەرفات بۇلسا رەنانىڭ ئۆلۇم ئاغزىدىن ئاران قۇتۇلۇپ ئاران بىقىپ چوڭ قىلغان بالىسى تۇرسا  …بۇ بالنىڭ قۇربان بىلەن  ھىچقانداق مۇناسىۋتى يوق ،ئۇ قۇرباننىڭ بالىنى ئۇزىنىڭ يىنىدىن قايتۇرۇپ ئەكتىشىگە مۇتلەق يول قۇيمايتى ،رەنا بۇلارنى ئۇيلاپ سەل تۇرۇپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى …ئەرفات گەرچە كىچىك بولغىنى بىلەن  ئاپىسىنىڭ ھەر كىچىسى يامان چۇش كۇرۇپ قۇرباننىڭ ئىسىمنى تىلغا ئالغانلىقنى بىلەتتى .رەنا قۇربان بىلەن بولغان ئىشلارنى ئوغلىغا دىمگەن ھەم ئۇنىڭ بىلشىىمۇ خالىمايتى ، ئۇنىڭغا بىلدۇرمەي كەلگەن ئىدى  …لىكىن ئەرفات بىلەتتى ھەم كوڭلىدە ئاپىسىنىڭ ئۆچىنى ئىلىش توغرىسىدا پىلانمۇ تۇزۇپمۇ قۇيغان ئىدى …

رەنا ئۇغلىنى قۇچاقلىغىنىچە ئايرىدۇرۇىمدىن چىقىپ كەتتى، ئۇ چىقىپ بىر تاكسى توستى ھەمدە پەرىيدەنىڭ ئۇيگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.

بەش يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۇيى ئۇزگەرمىگەن ئىدى …ئۆينىڭ ئاچقۇچىمۇ بۇرۇنقى جايدا ئىدى ،رەنا تۇنۇش يول بىلەن ئاچقۇچنى ئىلىپ ئۇينىڭ ئىشىكنى ئاچتى .ئۇلار ئۇيگە كىردى ،بۇ ئۆي چوڭمۇ ئەمەس ،ئۈچ ھۇجۇرلۇق ئوي ئىدى ئۆينىڭ سايمانلىرىنىڭ  جايلىششى بەكلا رەتلىك ئىدى :تۇيۇقسىز ئەرفات دىدى:

-ئاپا سىزنىڭ ھۇجىرىڭىز قەيەردە؟ئوڭ تەرەپ ئاۋۇ يەردە ،بۇرۇن ئاپاڭ ئا شۇ ھۇجۇردا ،ئۇخلايتى ، - دىدى  رەنا  ۋە  سەل ئۇھسىنىپ قۇيدى …

پەرىيدە بىلەن رەنا ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار،يەنە كىلپ يىقىن سىرداش دوسلار ئىدى تۇتۇق دادىسى داۋاملىق ئۇنى بۇزەك قىلغان چېغىدا پەرىيدەدوستىنىڭ   ئۇيىدە تۇراتتى …بۇ ئۆي ئۇننىڭ ئۇزىنىڭ ئۇيىدەك بوپ قالغان ئىدى . ئەرفات ئاپىسىنىڭ چامداننى ئاپىسىنىڭ ھۇجۇرسىغا ئەكىرىپ قۇيدى ،ئۇنىڭ ئۇيىگە ئاپىسنىڭ ياش ۋاقتىدىكى رەسمىي  ئىسىقلىق تۇراتتى،لىكىن ئەرفات بۇ رەسىملەرنى تۇنىمايتى ،ئۇ رەسىمنى كۇرۇپ بوپ ئاپىسىغا بىر قاراپ قۇيدى ،ھازىر ئاپىسىنىڭ كوز ئەتىراپى قىزرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى ،چۇنكى ئۇ رەسىم ھازىرقىدە ئۇنداق چىرايلىق ئەمەس ئىدى …ئۇ ۋاقتىدىكى رەسىمدىن بىرخىل بالىلىق سەبىيلىك چىقىپ تۇراتتى ،رەنا ئۇزنىڭ بۇرۇنقى رەسىملىرىنى كۇرۇپ قوللىرى بىلەن سىيلاپ كەتتى…لىكىن بۇرۇنقى ئۇتمۇش ئۇنىڭ يۇرىكىدىن ئۇنۇتمىغىدەك دەز قالدۇرغان ئىدى .ئۇنىڭ كۇڭلى يىرىم بولدى

ئەرفات ئۇقۇشمايلا سۇئال سوردى :

-ئاپا بۇ رەىسىمدىكى  كىمۇ ؟ پەرىيدە ئاچاممما؟

رەنا ياندۇرۇپ :

-ياق ئۇغلۇم …بۇ رەسىم ئاپاڭنىڭ بۇرۇنقى رەسمى،- رەناننىڭ ئاۋازى ناھايىتى بۇغۇق چىقاتتى …ئامال بار ئەمەلىيەتتنى يۇشۇراتتى ،ئامال بار ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يوشۇراتتى .  ئەرافات ناھايىتى سەزگۈر بالا بولغاچقا ، ئاپىسىنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىپ بولاتتى  :  ئۇ تۇيۇقسىز ئاپىسىنىڭ قولىنى تارتىپ :   

- ئاپا ، قورسىقىم ئاچتى .  سەن بېرىپ ئاشخانىغا قاراپ باققىنە ،  يېگۈدەك نەرسە بارمۇ ؟ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى …دىدى  ھەمدە ئاپىسىنى ئاشخانا تەرەپكە ئىتتىرىپ ماڭدى .  رەنانىڭ ئازابى بىردىنلا تارالغان ئىدى .  ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە ئەرافات بىر نەرسە يېمىگەن ئىدى .  رەنا ، بۇنى ئويلاپ دەرھال چاپىنىنى سالدى .  ھەمدە يەڭلىرىنى  تۈرۈپ:  

-ماقۇل ، ماقۇل ، ئاپاڭ ساڭا تاماق قىلىپ بەرسۇن ، سەن ئۆزۈڭ يالغۇز بىر تەرەپتە ئويناپ تۇرغىن ، پەرىدە ئاچاڭنىڭ ئۆيلىرىنى قالايمىقان قىلما، ھە .  

- ۋاي – ۋۇي ئاپا ، ئۇقتۇم .  

ئۇ مېڭىپ ئاپىسىنىڭ ھۇجرىسىغا باردى . ئاپىسىنىڭ كونا رەسىملىرىنى   تېلېفوندا سۈرەتكە تارتتى .    ھەم ئۆينىڭ ئىچىدىكى كومپيۇتېرنى ئاچتى .  ئۇ كومپيۇتېرنى ئېچىپ رەسىملەرنى كىرگۈزدى .  بىر دەمنىڭ ئارىلىقىدا  ئۇ ئاپىسىنىڭ خەتلىرىنى ئىزدەپ تاپتى .  بۇ خەتلەرنىڭ ئىچىدە قۇربان بىلەن رەنانىڭ توي قىلغاندىكى سۈرەتلىرى   ھەمدە توي قىلغاندىكى ئۇچۇرلار تۇراتتى .يەنە تىخى ،ئاپىسىنىڭ قۇربان تەرپىدىن كۇيدۇرۇلگەنلىكى ئاشۇ ۋاققتىكى ئاپىسغا  ئائىت ھەممە  ئۇچۇرلا تۇراتتى  

ئاپامنىڭ ئاشىنىسى ؟  بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن…  ئاپامنىڭ بىرلا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىى بار ، ئۇ بولسىمۇ قۇربان تۇرسا .  لېكىن ئەرافات ئاپىسىنىڭ قۇربانغا ئىچىدىن ئۆچ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيتتى .  بەلكىم قۇربان ئاپامغا يۈز كېلەلمىگۈدەك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان بولسا كېرەك .

شۇنىڭ بىلەن ئەرافات قۇربانغا ئائىت ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تاپماقچى بولدى .  بۇرۇن داۋاملىق ئاپىسى كېچە كېچىدىن جۆيلۈپ قۇرباننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىدا .  ئۇ ئاللىقاچان قۇرباننىڭ ئىسمىنى ،  ئائلە ئارقا كۆرۈنۈشىنى   ئىش قىلىپ قۇرباننىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېنىق ئىدى .  ئەرافات تۇيۇقسىز قۇرباننىڭ بىر كىچىك بالىنى قۇچاقلاپ تۇرغان رەسىمنى كۆردى .  ئۇ تۇيۇقسىز كۆڭلدە ئويلىدى ، بۇ كىچىك بالا زادى كىمدۇ ؟  شۇ زامات ئۇ بۇ كىچىك بالىنى تەكشۈردى .  ئاخىرىدا بۇ بالىنىڭ قۇربان ئائىلىسىدىكى فىرقەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى .  ھازىر بۇ بالا ئۇنىڭدىنئالتە ئايلىق چوڭ ئىدى.

ئەرافات   ۋاقىتنى ھېسابلاپ باقماقچى بولدى .…  ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل   ئەجەبلىنىش ئەكىس ئېتەتتى .  ئويلىغىنىدەك فىرقەت ئۇنىڭدىن چوڭ ئىدى .  بۇ دەرۋەقە قۇرباننىڭ ئوغلى ئىدى .  لېكىن بۇ بالىنى رەنا تۇغمىغان .  ئۇنداقتا قۇرباننىڭ ئۆزىدىن چوڭ ئوغلىنىڭ بارلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟  دېمەك ،قۇربان سىرتتا ئاشنا ئوينىغان .  شۇنداق قىلىپ قۇربان ئاپامنى بوزەك قىلغان.  ئەرافات ئاپىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن رەسىملىرىنى   ئاچتى .  ئۇنىڭ غەزەپ نەپرەتكە تولغان  ئىككى كۆزى   قۇرباننڭ  جىسمىنى روھىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە يېتىپ ئاشاتتى .  دەرۋەقە ، ئايرودرومدىكى ھاجەتخانىدا ئۇنى جازالىغىنى ئازلىق قىلاتتى .  ئەرافات يانچۇقىدىن ھاجەتخانىدا سېلىۋالغان كۆزىتىش ئاپپاراتىنى   كومپيۇتېرغا چاتتى .  ئۇ ھەم  تېز سۈرەتتە تور ئادرېسىنى ئۆزگەرتىپ   قۇرباننىڭ يۈزىگە تەرەت قىلىۋەتكەنلىكى سۈرەتلىك ۋىئىدىيۇنى تور تورلارغا يوللىۋەتتى .  ئۇ يوللاپ بولغاندىن كېيىن ، ئىچىدە مىيقىدە كۈلۈپ قويدى .  قۇربان سەن ئاپامغا زىيانكەشلىك قىلغان ئەبلەخ ئەمەسمۇ ؟  سەنمۇ تورلاردىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولغاندىن كېيىنكى تەسىرىڭنىڭ تەمىنى تىتىپ باق  

ئۇ ھەممە ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە فۇرقەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى . تەكشۈرۈپ ئاخىرىدا ئۇنىڭ پەرىدە ئاچاشنىڭ يەسلىسىدە ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدى .ئۇ كوڭلىدە دىمەك ئۇرۇمچىدىكى يەسلىمۇ بوپقالغۇدەك دەپ ئۇيلىدى ،  ئۇ شۇنداق دەپ ئىچىدە  كۈلۈپ قويدى . ئاندىن ئۇ كومپيۇتېردىكى   تەكشۈرگەن ھەممە ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن توكتىن ئاجرىتىۋەتتى .  ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ  ئاپىسىنىڭ يۈك تاقلىرىنى  جايلاشتۇردى .  ئۇ چاماداندىكى كىيىملەرنى رەتلىك ئېلىپ  كىيىم ئاسقۇچقا بىردىن ئېسىپ   كىيىم ئىشكاپىغا بىردىن بىردىن  ئېسىشقا ئۇرۇندى يۇ ، لېكىن ئۇ بويى پەتەك بولغانلىقتىن ئاسالمىدى  .ئۇ ئۆزىنىڭ پۇتىغا قاراپ ، كۆڭلىدە   مەن ئەمدى ياخشى تاماق يەپ   چوڭ ئادەم بولۇپ ئاپامنى قوغدايمەن دەپ ئويلىدى .



داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0