
بۇ ئەسەرنىڭ 189-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179 |
| 180 |
181 |
182 |
183 |
| 184 |
185 |
186 |
187 |
188-قىسىم
ئۆتكۈر بېشىنى لىڭشىتتى.
_ بولىدۇ، ياخشى ئارام ئېلىڭ ئەمىسە.
فروزە ئىككىسى بىللە دوختۇرخانىدىن چىقتى.
_ ھازىرقى بالىلار بەك ئالدىراڭغۇ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدۇ ھە. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بۇ مەكتەپتە سىزگە كۈيۈپ يۈرگەنلەر ئاز ئەمەستەك قىلىدۇ ھە.
_ مېنى بۇنداق مازاق قىلماڭ ھە. ھازىرقى بالىلار بەك نازۇك، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
فروزە قەدىمىنى توختىتىپ، تولۇنئايغا قاراپ پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى.
_ ھەر بىر ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار مەيلى ياخشى ئىش بولسۇن ياكى يامان ئىش بولسۇن ھەممىسى ئادەمگە نىسبەتەن تەجرىبە-ساۋاق بولىدىكەن ھەم ئەسلىمە بولۇپ قالىدىكەن. ئادەم شۇ ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىدىكەن، پىشىدىكەن. كىچىكىمدە دادام بىلەن ئاپام ئاجرىشىپ كەتتى، ئاپام ئۇكامنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۆزۈمدە مۇستەقىللىق ئېڭى يېتىلدۈرگەن. دادام دائىم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مەغلۇپ بولغان ھايات دەيتتى، شۇنداق چاغلاردا مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ دادام پەخىرلەنگۈدەك نەتىجە يارىتىمەن دەيتتىم. سىزچۇ؟ مېنىڭچە ھەرقانداق ئادەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر بولمىغان بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
_ نۇرغۇن بالىلارغا قارىغاندا مېنىڭ بالىلىقىمنى خۇشال-خورام، غەمسىز ئۆتكەن دېسەممۇ بولىدۇ. بۇ غەمسىز تۇرمۇشۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا ئاخىرلاشقان. بىر كۈنى بىر پارچە ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسى قولۇمغا چىقىپ قالدى، مەن سوراپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاپام ئاخىرى راست گەپنى قىلغان. ئەسلى ئۇلار مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن، لېكىن مېنىڭ ئىمتىھانىمغا تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ماڭا دېمىگەن ئىكەن. مەنمۇ دادامنى سىرتتا خىزمەت قىلغاچقا، دائىم قايتىپ كېلەلمەيدۇ دەپلا بىلەتتىم. مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئاپام سۈت بېزى راكى دەپ دىئاگنۇز قويۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈگەپ كەتتى. چوڭ دادام مېنى يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن شاڭخەيگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى.
فروزە ئۆتكۈرنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقىنىنى بايقاپ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى.
_ بولدى، بولدى، بۇ گەلەرنى دىيىشمەيلى. ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. ھە راست، تاماقنى يەمدۇق، يىمەمدۇق؟
_ بەرىبىر ئۆيگە كەتسەممۇ ئۇيقۇم كەلمەيدۇ. يەيلى.
ئۇلار بىرلىكتە تاماق يەپ، پاراڭلىشى قايتىشتى، ئۆتكۈر فروزەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن قايتتى. فروزە ئۆيىگە كىرىپ بۈگۈن ئۆتكۈر بىلەن بىللە تاماق يىگەنلىكىنى ئويلاپ خۇشلۇقتىن نەچچىنى چۆرگىلىۋەتتى.
ئەتىسى فروزە ناشتا قىلىۋاتقاندا شېرزاتتىن تېلېفون كەلدى، شېرزات ئۇنىڭغا ھەيران قالارلىق ئىشتىن بىرنى يەتكۈزدى. تېلېفوننى قويۇپ بولۇپلا دەرھال خەۋەرلەر كۆزنىكىنى ئاچقان ئىدى، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى ھەر خىل شەكىلدە بىر كەلگەن ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار بىر بىرىدىن تېتىقسىز بولۇپ، ئۆتكۈرنى پۈتۈنلەي يەرگە ئۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆتكۈرنىڭ بۇ خەۋەرنى كۆرگەن كۆرمىگىنىنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى. ئۆتكۈر ناشتا قىلىپ بولۇپ مەكتەپكە مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن، ئاۋازىدىن قارىغاندا ئۇ تېخى كۆرمىگەندەك قىلاتتى. فروزە ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى بىۋاستە دېيىشنى خالىماي گەپنى ئەگىتىپراق دېدى.
_ تۆنۈگۈن ھېلىقى قىزنىڭ ئىشى چىققاندىن كېيىن بۈگۈن مەكتەپكە بىر كەلدى ھەقىچان. شۇڭا بىر نەچچە كۈن مەكتەپكە بارماي ئارام ئالسىڭىزمۇ بوپتىكەن، بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ بۇ ئىش باشقىلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە بارغان بولسىڭىزمۇ بولاتتى.
ئۆتكۈر كۈلدى.
_ ھېچقىسى يوق. «قۇرسىقىڭدا ئاغرىق بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما» دەپتىكەن. مېنىڭ قورقۇشۇم يوق، يەنە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسىنى قالدۇرۇپ قويسام بولمايدۇ. خوش، مەن ئىشقا كېچىكىپ قالماي يەنە.
فروزە تېلېفوننى قويۇۋېتىپمۇ جايىدا ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ ئەزەلدىن قانداقلا ئىشقا دۇچ كەلسە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى، ئەمما بۇ ئىش ئۆتكۈرگە، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تاقىشىپ قېلىۋىدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىنى تەمكىن تۇتالمىدى. ئۇ يەنە خەۋەرلەر سەھىپىسىگە قارىۋىدى، بايىقى خەۋەرنىڭ چېكىلىشى دەھشەت تېز ئۆرلەپتۇ. ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ھاي بەردى، ئۆتكۈرمۇ دېدىغۇ، «قۇرسىقىڭدا ئاغرىق بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما» دەپ. دەل مۇشۇ چاغدا شىركەت تەرەققىيات ئىشخانىسىدىن تېلېفون كەلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا بەزى ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، فروزە تېلېفوننى قويۇپ تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ ماشىنىسىنى ئۆتكۈرنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ھەيدىدى. ئۇ ئەمدى ئىشىكنى چېكەي دەپ تۇرۇشىغا ئۆتكۈر ئىشىكنى ئاچتى.
_ بۈگۈن سىلەرنىڭ بۇرۇن تۇرغان بىنانى چاقىدىكەن، بېرىپ كۆرۈپ كېلەمسىز؟
فروزە كونا ئۆيىنىڭ ئۆتكۈرگە نىسبەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئارقىلىق ئۇنى مەكتەپكە بېرىشتىن توسۇپ قالماقچى بولغان ئىدى. ئۆتكۈر تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خەۋەردىن سەل ئارىسالدى بولۇپ قالدى، ئۇ سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ ماقۇل دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى.
بىر نەچچە يىل ئىچىدە بۇ يەردىكىلەر ئاساسەن كۆچۈپ بولغان، ھەتتا نازىيەمۇ ئۆيىدىكى نەرسىلىرىنىمۇ يۆتكەپ كېتىپ بولغان ئىدى. شۇ تاپتا بىنانى چاقىدىغانلار ماشىنىلىرىنى تەييار قىلىپ بولغان ئىدى. ئۆتكۈر بىناغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتى. مۇشۇ بىنانىڭ ئالدىدا ئۇ نازىيەنى ساقلايتتى، نازىيە مۇشۇ ئىشىكتىن چىقاتتى، ئاندىن ئىككىسى بىللە مەكتەپكە ماڭاتتى. ئەمما ئۇ ئەسلىمىلەر تولىمۇ يىراقتا قالدى.
ئۇلار كېلىپ بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر ماشىنا كېلىپ توختىدى، ماشىنىدىن ئۈمىد بىلەن نازىيە چۈشتى. نازىيە ئاستا بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆتكۈرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ بىناغا قارىدى. بۇ كونا بىنادا نازىيەنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى تۇرغان، ئۇ چاغدا ئۇ تولىمۇ بەختلىك ئىدى.
_ يىراققا كېتىڭلار، بىنانى پارتىلىتىمىز _ كانايدىن بىر ئىشچىنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى.
ئۇلار كوچا ئېغىزىغا يېنىپ چىقتى. «بوم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىنا بىر دۆۋە توپىغا ئايلاندى.
_ بۇمۇ بولدى، بۇ بىنامۇ بەك كونىراپ كەتكەن، چېقىۋېتىدىغان يەرگىمۇ يەتكەن _ دېدى ئۆتكۈر ئىچىدىكى ئاچچىقنى تەستە بېسىپ.
_ توغرا دەيسىز. جەمئىيەت تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، مۇھىت ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېمىسىمۇ بۇ بىنا شەھەر گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بىنا بولۇپ قالغان _ دېدى نازىيەمۇ. ئەمما ئۇنداق دېگىنى بىلەن ئۇنىڭمۇ ئىچىنىڭ ئاچچىق بولىۋاتقىنى ئېنىق. ئۆتكۈر سائىتىگە قاراپ ئىشقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. فروزە بۇنى ئاڭلاپ دەرھال گەپ قىستۇردى.
_ بۈگۈن ئىشقا بارماي دەم ئېلىڭە.
_ بۈگۈن دەم ئالە. بىزنىڭمۇ كۆرۈشمىكىمىز تەس بولۇپ كەتتى. بۈگۈن ئاران بىر يىغىلغاندا تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى! _ دېدى ئۈمىد.
_ تاماق يەيدىغانغا پۇرسەت كۆپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويسام بولمايدۇ. _ ئۇ شۇنداق دەپلا بېرىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. فروزە ئۇنى توستى ۋە تېلېفونىنى چىقىرىپ خەۋەردە دىيىلگەن مەزمۇننى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. ئۆتكۈر كۈلۈپ قويدى.
_ بۇنداق ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن دەرسنى توختاتسام بولمايدۇ.
_ سىز ھازىر مەكتەپكە بارماي ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلسىڭىز بولاتتى _ دېدى فروزە. ئۆتكۈر ماشىنىغا چىقىپ ئوت ئالدۇردى.
_ «ئاق قارا قارا بولالمايدۇ، قارا ئاق بولالمايدۇ» _ دېدى ۋە ماشىنىنى قوزغاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ تۆنۈگۈن كەچتىلا بۇ ئىشنىڭ بۇنداقلا بېسىلىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلگەن، ئەمما ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى. ئەمما مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن، ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش تازا ئاقىلانە چارە ئەمەس. ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىغا يېقىن كەلگەندە ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە مېۋە شۈپەكلىرى، تۇخۇملار ئېتىلىشقا باشلىدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشكەندە ئەتراپتىكىلەر ئۇنى كۆرسىتىپ بىر نىمىلەرنى دىيىشكە باشلىدى. ئۆتكۈر ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ماشىنىسىنى تاقاپ ئىشخانا بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بۇرۇن خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن قىزغىنلىق بىلەن سالاملىشاتتى، ئەمما بۈگۈن ئۇنىڭدىن يىرگەنگەندەك بىر خىل نەزەردە قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۆتكۈر ئەمدى ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۈستىلىگە كېلىشىگە غېنى مۇئەللىم كەلدى.
_ خەۋەرنى سەنمۇ كۆرگەنسەن. مەنغۇ سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن قارىسام ئىش بەك يوغىناپ كەتكەندەك تۇرىدۇ، بىرەرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغان بولغىيمىتىڭ؟ سەندىن ئالالمىغان نىمە ئۆچى بار بولغىيتتى دەيمەن. مەكتەپ مۇدىرى سېنى ئىشخانىسىغا كىرسۇن دەيدۇ، ئىدىيەڭدە تەييارلىق قىلىپراق كىرەرسەن.
ئادەتتە مەكتەپتە ئۆتكۈر مۇشۇ غېنى مۇئەللىم بىلەن خېلى يېقىن ئۆتەتتى. مانا بۇ ئىش چىقىۋىدى، ئادەتتە ئۇنىڭغا خېلى قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭدىن نەچچە مېتىر ئارىلىق قويۇپ مېڭىۋاتىدۇ، ئەمما غېنى مۇئەللىم ئۇنداق قىلمىدى، ئۆتكۈر بۇنىڭدىن خۇش بولۇپ قالدى.
_ «قۇرسىقىڭدا ئاغرىق بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما» دەپتىكەن. _ ئۆتكۈر شۇنداق دەپ قويۇپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ماڭغاچ ئەينى ۋاقىتتا نازىيەنىڭ پىتنە - پاساتقا قالغان ۋاقىتلىرىنى ئويلىدى، نازىيەدەك ئاجىز ئايال كىشى يېڭەلىگەن يەردە ئۇ بەل قويۇۋەتسە بولامدۇ؟ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى، مۇدىر تەكەللۇپ بىلەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئەمما ئۆتكۈر ئولتۇرماي ئۆرە تۇردى.
_ ئۆتكۈر مۇئەللىم، سىز بۇرۇن مەكتىپىمىزدە ئوقۇغان، مەكتىپىمىزنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئىدىڭىز، كېيىن ئاسىرانتلىقتا ئوقۇدىڭىز. مەكتىپىمىز سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان ئىدۇق. سىزنى جەمئىيەتكە ياراملىق دوختۇرلارنى تەربىيىلەپ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ دەپ ئۈمىدىمىز زور ئىدى.
_ مۇدىر، قانداقلا گەپ بولسا ئۇدۇل دەۋېرىڭ _ دەپ مۇدىرنىڭ گېپىنى بۆلدى ئۇ. مۇدىر گېلىنى قىرىپ قويدى.
_ ئەمىسە ئۇدۇللا دەۋېرەي. توردا تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرنى سىزمۇ كۆردىڭىز ھەقىچان. سىز مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكىنىڭىزنى مەنمۇ بىلىمەن، مەنمۇ ئىزچىل بۇنى بىر ياخشى ئىش دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما تۆنۈگۈن كەچتىكىدەك ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئويلىماپتىمەن، بۇ ئىشنىڭ بۇ دەرىجىدە يوغىناپ كېتىشىنى تېخىمۇ ئويلىماپتىمەن. مەكتىپىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان.
_ مۇدىر، دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم. بۇ ئىش مەكتەپنىڭ شان-شەرىپىگە تاقاشقان بولسا، مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقەمنى ئۈزەي.
مۇدىر سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، چۈنكى ئۇمۇ توردا تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلەتتى.
_ ئۆتكۈر، قارىمامسىز بۇ ئىشنى. مەنمۇ ئالدىڭىزدا بەك خىجىل بولىۋاتىمەن.
_ خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ._ تۇيۇقسىز ئىشىك تۈۋىدە فروزە پەيدا بولدى، ئۇنىڭ كەينىدە ئىككى ساقچى بار ئىدى. ئەسلى ئۆتكۈر مەكتەپكە ماڭغاندىلا ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن. ساقچىلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ مۇدىر سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدى. شۇنداقتىمۇ چوڭ بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغاندىكىن، بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋالمىسا بولمايدۇ دە. مۇدىر ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى ساقچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
_ جاپا چېكىدىغان بولدۇڭلار. بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ، ئۆتكۈر مۇئەللىمنى ئاقلاپ چىقىدىغان ئىش بولسا ئەلۋەتتە بەك ياخشى بولاتتى.
ئون مىنۇتتىن ئىككى ساقچى ئۇلارنى باشلاپ، بىر كۆپ ئىقتىدارلىق سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. سىنىپتا دەرس ئۆتۈلىۋاتقان ئىكەن. ساقچىلار كىرىپ مۇئەللىمگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۇدۇل كەينىدىرەك ئولتۇرغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا ماڭدى. ئوغۇل ئوقۇغۇچى ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ قاچماقچى بولغان ئىدى، ساقچىلار تېزلىكتە بېرىپ ئۇنى تۇتىۋالدى. ئوقۇتقۇچى دەرسنى توختىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن چۈشۈشكە بويرۇدى. ئوقۇغۇچىلار بىر بىرلەپ چىقىپ كېتىشتى، ئەڭ ئاخىرىدا سىنىپتا مەكتەپ مۇدىرى، ئۆتكۈر، فروزە، ئىككى ساقچى ۋە بايىقى ئوغۇل بالىلا قېپ قالدى. ئوغۇل بالا ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى نىمە ئۈچۈن ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى بىلسە كېرەك، شۇڭا ئۆزىنى ئاقلاپمۇ يۈرمىدى. بۇ چاغدا كارىدوردا بىرىنىڭ يۈگۈرگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ كەينىدىنلا گۈلشەن سىنىپقا ئوقتەك ئېتىلىپ كىردى. ئۇ ئاۋۋال ئۆتكۈرگە قاراپ خىجىل بولغاندەك بولدى، كەينىدىنلا ئۇدۇل ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ كىيىمنى تارتقۇشلىدى. ساقچىلار توسسىمۇ ئۇنىمىدى.
_ قانداقلا ئۆچۈڭ بولسا مەندىن ئالساڭ بولمامدۇ؟ نىمىشقا ئۆتكۈر مۇئەللىمگە تۆھمەت قىلىسەن؟ ئۆتكۈر مۇئەللىم ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن تۇرسا، نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟
ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى بىلەن ئوغۇل بالا ئاخىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى. ئەسلى ئۇ گۈلشەننى ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما گۈلشەن ئىزچىل ئۇنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن، كېيىن ئۇ گۈلشەننىڭ ئۆتكۈر مۇئەللىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆتكۈر مۇئەللىمگە نىسبەتەن كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك قوزغىلىپتۇ، بولۇپمۇ تۆنۈگۈن كەچتىكى گۈلشەننىڭ ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇ ئاچچىقىدا ھېلىقى خەۋەرنى تورغا يوللىغان ئىكەن. لېكىن ئۇمۇ ئۇ خەۋەرنىڭ ئۇنچىۋالا تېز تارقىلىدىغانلىقىنى، بۇنچە چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. كېيىن ئىشنى يىغىشتۇرىۋالالماي قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغان چېغىدا، ئۇنىڭ تور ئادرىسىغا ئاساسەن ساقچىلار ئۇنى تېپىۋالغان ئىكەن.
_ ئۆتكۈر مۇئەللىم، مەن بەك كەم ئەقىللىق قىپتىمەن، مېنى كەچۈرىۋەتكەن بولسىڭىز.مەنمۇ ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىدە يوغىناپ كېتىشىنى ئويلىماپتىمەن _ ئوقۇغۇچى ېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۆتكۈردىن كەچۈرۈم سورىدى، قارىغاندا ئۇ راستلا پۇشايمان قىلغاندەك قىلاتتى. سىنىپقا كىرگەندىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تۇرغان ئۆتكۈر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى ئىش بىلەن ئۇنىڭ ئىناۋىتى پۈتۈنلەي يەرگە ئۇرۇلغان ئىدى، ئەمما ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئاچچىقلانمىدى. ئالدىدا تۇرغىنى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ ئۆتكۈرنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاپ باققان، ئۆتكۈر ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ باققان.
_ بۇ ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاقىۋىتىنى ئويلاپ باققانمىتىڭ؟ مېنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىشىم مۇھىم ئەمەس، بۇ ئىشىڭنىڭ بىر قىز بالىغا نىسبەتەن قانچىلىك چوڭ تەسىر كۆرسىتىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
ئوقۇغۇچى ئۇنىڭغا كەچۈرۈڭ دېيىشتىن باشقا گەپ قىلالماي تۇراتتى.
_ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىڭنىڭ، مېنى ئاقلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. ئاقلاشقا تىگىشلىك ئادەم گۈلشەن. كەچۈرۈمنى ئۇنىڭدىن سورا.
ئىشلار ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ئۆتكۈرگە، مەكتەپكە نىسبەتەن سەلبى تەسىر پەيدا قىلغاچقا ئۆتكۈر ئىستىپا بېرىشتە چىڭ تۇرىۋالدى. گۈلشەن ئۇنىڭدىن كەتمەسلىكنى ئۆتۈندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يالۋۇردى، مەكتەپ مۇدىرىمۇ ئۇنى ئېلىپ قالماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇ يەنىلا قارارىدىن يانمىدى. فروزە ئۇنىڭ قېپ قېلىش ياكى كېتىشى توغرىلىق ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ قارارى، فروزەمۇ ئۇنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ئەلۋەتتە. ئۆتكۈرنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ياخشى خىزمەت تاپالىشى تەس ئىش ئەمەس. شۇنداق قىلىپ ئۆتكۈر خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش بىلەن بۇ ئىش ئاخىرلاشقان بولدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















