大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 5 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 5 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-01-24
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 6 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ




4
3
2
1



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


5 - قىسىم


-مەن كىمۇ ؟مەن بۇ شىركەتنىڭ كىيىنكى ئىزباسارى ۋارىسى،سەن قۇرباندىن يىراق تۇر,ئامانلىق قوغدۇغۇچى دەرھال بۇ خۇتۇننى قۇغلىۋىتىڭلار !- دىدى زەردە بىلەن. مۇنىرەنىڭ گەپلىرى ناھايىتى ئاچچىق ئىدى.

-كىيىنكى ۋارس -ئالدىرماڭ خانىم  مەن سىزگە بىر تەرەپنى چۇشەندۇرۇپ قۇيمىسام بولمايدۇ  …مەن خۇجايىنىڭلارنىڭ مۇھىم ئادىمى ،سىز ھازىر مىنى قۇغلىغان بىلەن ۋاقتى كەلگەندە مىنى يەنە تەكلىپ قىلارسىلەرمىكىن،-  ئۇ غەزەپلىك كوزلىرى بىلەن مۇنىرەگە تىكىلدى ،مۇنىرە ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەك  ئاچىقى كەلدى .چۇنكى بىرەسى ئۇنىڭغا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايتى شۇڭا  ئۇنىڭ بەك ئاچچىغى كەلگەن ئىدى  

-تىز يۇقال ئۇخلىماي چۇش كۇرۈپسەن ،دەرھال كۇزۇمدىن يۇقال ! مۇنىرەنىڭ تەلەپپۇزى ئىنتايىن قۇپال ئىدى، ئۇ شۇنداق دىگەنچە رەنانى  ئىتىرمەكچى بۇلۋىدى، رەنا چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى ،مۇنىرە يەرگە پالاقدە يىقىلىپ كەتتى  

-شىركەتنىڭ ۋارىسى خانىم ،ئىھتىيات قىلىڭ!-رەنا شۇنداق دىگىنچە مۇنىرەنى يۇلىمەكچى بولدى ،لىكىن مۇنىرە ئۇنىڭ قۇلىنى ئىتىرۋەتتى ھەمدە رەنانى بىر شاپىلاق ئۇردى . شاپىلاق ئاۋازى زالنى بىر ئالغان ئىدى ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ رەنانىڭ چېچىدىن قاماللاپ ئېلىپ ئاچچىقى بىلەن :

-سەن نىمەڭگە مىنىىڭ قۇربانىمنى ئازدۇرماقچى ؟سىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قۇياي ئەگەر سىنى شىركەتتە كۇرۇپ قالسام بۇ يۇزۇڭنى كويدۇرۋىتىمەن ،-دىدى .

توساتىن قۇربان يان تەرەپتىكى پەلەمپەي تەرەپتىپ يىتپ كەلدى .مۇنىرەنىڭ بۇ ھالىتى ئىتايىن قۇرقۇنۇشلىق ئىدى ،قۇربان ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى ئەزەلدىن كۇرۇپ باقمىغان ئىدى .رەنا قۇرباننى كۇرۇپ:

-سىلەر مىھمانغا مۇشتاق مۇئامىلە قىلامسىلە ؟سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار ئادەم بۇزەك قىلدى ،بەك قائىدە ئۇقمايدىكەنسىلە !

-بىز تىخى سىنى سېنى بوزەك قىلدۇقمۇ ؟  مەن دەرھال سەن تۈلكە جىن نى شىركەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىمەن .  

- قۇربان خوجايىن ،بۇ سىلەرنىڭ ئۇزۇڭلار تەكلىپ قىلغان مىھمانغا ،لايىلگۇچىگە تۇتقان مۇئامىلەڭلارما؟ ئەگەر قۇربان خوجايىن  ئۇزى توختامغا قول قۇيۇپ، بىزنىڭ شاڭخەي HJگۇرۇھى بىلەن ھەمكارلاشمىغان بولساڭلا ،بىزنىڭ گورۇھ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسان بۇزەك بولدىغان ئەمەستى ،  ئۇقۇپ قىلىڭلا دىدى رەنا.

-مۇنىرە قۇلۇڭنى بوشات !

مۇنىرە قۇرباننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى، لىكىن ئۇنىڭ مۇنىرەنى قۇيۋەتكۇسى يوق ئىدى .

-سىلەرنىڭ بۇ ئىسىل خىنىمڭلار ماڭا قول تەككۈزدى .

-مۇنىرە قۇيۋەت، -قۇربان مۇنىرەنى سىلكىۋەتتى ھەم ئاچچىقى بىلەن ئۇنىڭغا ئالايىدى .مۇنىرە :

-ئۇ سىزنى ئازدۇرغىلى كەلگەن تۇلكە جىن ،مەن پەقەت ئۇنىڭ ئەدىبىنى بىرىپ قۇياي دىگەن .

-ئاغزىڭنى يۇم ، ئۆتە بىر تەرەپكە !

قۇربان مۇنىرەنىڭ قولىنى تارتىپ ئاجرىتىپ بىر تەرەپكە ئىتترۋەتتى ھەمدە رەناغا:

سوفىيە خىنم، كەچۇرۇڭ ،بىز ئالدىڭىزدا خىجىل ئۇ شۇنداق دېگەچ يۆلىمەكچى بولۇپ قولىنى رەناغا تەڭلىدى .رەنانىڭ چىچى نى مۇنىرە بۇزۋەتكەن بولغاچقا قولىدا چېچىنى تۈزىگەنلىك بولۇپ قۇربانغا ئۇزاتمىدى . ئۇ قۇربانغا :

-قۇربان دىرىكتۇر ،مىنىڭچە بىزنىڭ توختامدا مەسلە بۇلۇشى مومكىن ،مەن باش شىركەت بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مائاشنى قايتا ئويلاشسام ھەم بىزنىڭ ھەمكارلىشىدىغان ئىشنىمۇ قايتا ئويلاشسام بولغۇدەك …رەنانىڭ گىپى ئۇنى ۋە شىركەتىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى رەنانىڭ بۇ گەپلەرنى يۈرەكلىك قىلالىغانلىقىدىن ھەم ئۇنىڭ لايىھىلىگۈچى ئىكەنلىكىدىن قاتتىق ھەيران قالدى .ئارقىدىنلا :

-سوفىيە خىنم ،سىز خاتا چۇشۇنۇپ قاپسىز ،مۇنىرە بۇ شىركەتىنىڭ ئادىمى ئەمەس .ئۇ-مىنىڭ ئايالىم ، كەچۇرۇڭ ئۇ ئاباي سىزگە ئەدەىپسىزلىق قىپ قۇيدى ،سىزدىن كەچۇرۇم سورايمەن.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ رەنا ئىنتايىن بىئارام بولدى .ئەينى ۋاقتىدا قۇربان رەنانى بۇنچىلىق قۇغدىمايتى:

-ئايالىم دەڭ ، قۇربان دىرىكتۇر ھەتتا سىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىڭىزمۇ مىنى قارىشى ئالمىسا ،قىلغان مۇئامىيلىسى مۇشۇ تۇرسا  سىلەرنىڭ شىركەت بىلەن بىز قانداق ھەمكارلىشىمىز ؟   قۇربان خوجايىن بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز قانۇنغا خىلاپ ئەمەس،  مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەرنىڭ مۇئامىلەڭلار بەك چەكتىن ئېشىپ كەتتى .  مەن يەنىلا بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزنى قايتىدىن ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىمەن .   رەنانىڭ يۈزى قىزىرىپ ئىششىغان ئىدى ، چاچلىرى ھېلىھەم قالايمىقان ئىدى .  لېكىن ئۇ يەنىلا شۇنداق چىرايلىق  تۇراتتى .  ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭماقچى بولدى ، قۇربان ئۇنىڭ بېلىكىدىن  تۇتۇۋالدى .  

- نېمە بولدىڭىز قۇربان خوجايىن . ئايالىڭىزنىڭ ئۇرۇغىنى ئاز كەلگەندەك ، سىزمۇ ئۇرۇپ يەنە بىر يۈزۈمنىمۇ  كۆكەرتىپ قوياي دەمسىز ؟  

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، قۇرباننىڭ دەرھال قاپىقى تۈرۈلدى .نەچچە يىللاردىن سودا  ساھەسىدە بىرەسى ئۇنىڭغا  بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى يەنە كېلىپ  بۇ قىتىمقسى  ئايال ئىدى

پىشىپ يېتىلگەن رەنانىڭ گەپدانلىقىمۇ تالانتىغا ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى . قۇربان توختىماي سۆزلەۋاتاتتى، ھەم ئۇنىڭ بىلكىنى تۇتىشى رەنانىڭ  ۋۇجۇدىدا بىر خىل تونۇش سېزىمنى پەيدا قىلدى .   ئۇ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

-قۇربان دېرىكتور ئاۋۋال ئۆينىڭ ئىشىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ،-  دېدى دە  كەينىگە ئۆرۇلۇپ  گۇرۇھدىن ئايرىلدى،   ئۇنى قۇرباننىڭ گەپلىرىمۇ توسۇپ قالالمىدى.    مۇنىرە رەنانىڭ شىركەتتىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرۈپ  دەرھال قۇربانغا :

- كەچۈرۈڭ ،مەن ئۇنىڭ بۇ شىركەتكە كەلگەن لايىھىلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئۇقماپتىمەن ، راستلا مەن قەستەن قىلمىدىم دەپ يېلىندى .  قۇربان كەسكىنلىك بىلەن ئۇنىڭغا ۋاقىرىدى :

-بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلگەن ئىدىڭ !

مۇنىرە :

-ئەتىگەن قارىسام ناشتا قىلماي ماڭدىڭىز سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىز ياخشى ئەمەس ، سىزگە ناشتىلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدىم ئاقىۋەت ئۇنى شىركەتتە كۆرۈپ قالدىم .  مەن تېخى بۇ قىزنى سىزنى ئىزدەيدىغان ، سىزنى ئازدۇرماقچى بولغان ئايال ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىپتىمەن .  كەچۈرۈڭ قۇربان مەن راستىنلا قەستەن قىلمىدىم .  قۇربان ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن مۇنىرەگە بىر قاراپ قويدى .  توي قىلغىلى بەش يىل بولدى .  قۇربان ئەزەلدىن مۇنىرەنىڭ بۇ خىل بەتبەشىرە ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى قۇرباننىڭ نەزىرىدە مۇنىرە ئىنتايىن مۇلايىم بىر قىز ئىدى ، لېكىن بۈگۈن ئوخشىمايتتى .  قۇربان ئۇنىڭغا :

ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭنى بىلىۋال ، سەن قوپال مۇئامىلە قىلغان ئۇ ئايال .  مەن ھەمكارلاشماقچى بولغان شاڭخەي .Hj  گۇرۇھىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ بىزگە ئەۋەتكەن ماشىنا لايىھىلىگۈچى ئىدى ،سەن بۇ قېتىم ئۇنى رەنجىتىپ قويدۇڭ .  ئەگەر ئۇ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا  ئۇنىمىسا ، بىزنىڭ شىركەت بىر مىليون زىيان تارتىدۇ  .  سەن بۇ پۇلنى بىر ئۆمۈر  تېپىپ بولالمايسەن .  نېمە دېسەڭ دە ، قانداق ئامال تاپساڭ كارىم يوق ئۇ ئايالدىن كەچۈرۈم ، سوراپ بۇ ئىشنى ھەل قىل ، بولمىسا يۈك تاقلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيدىن كەت!

قۇرباننىڭ تەلەپپۇزى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى . مۇنىرە دەرھال قۇربانغا:

- قۇربان بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ ، سىز ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلسىڭىز ئادىل بولمايدۇ ، نېمىلا بولمىسۇن مەن فۇرقەتنىڭ ئاپىسى سىزنىڭ ئايالىڭىز . مەن خاتالىقىمنى تونۇدۇم ئۆزگەرتسەم بولىدۇغۇ ، لېكىن مەن قەستەن قىلمىدىم .  

ئۇ شۇنداق يالۋۇرسىمۇ قۇربانغا ھېچ تەسىر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى  ، بەش يىل بولدى .مۇنىرە پەقەت  فۇرقەتنىڭ ئاپىسى سۈپىتىدىلا بۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ئىدى .  لېكىن ، قۇربان مۇنىرەگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايتتى .  قۇربان پەقەت فۇرقەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى لېكىن مۇنىرەگە بولسا يات ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى .  كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قۇربان مۇنىرەگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئۇنى جنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ دەپ ئويلايتتى .  ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ئىدى .  ئۇ قۇرباننىڭ ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ، پەقەت فۇرقەتنىڭ ئاپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالغانىدى .  بەش يىلدىن بېرى   ئۇ كۆڭلىدىن مۇنىرەگە ئورۇن بەرمىگەن ئىدى   ھەتتا ھۇجۇرسىدىمۇ بىللە ياتمىغان ئىدى .  ئەگەر مۇنىرە بۇ سەۋەبلىك قۇربان ئائىلىسىدىن ئايرىلسا ئۇنىڭ ھېچنىمىسى يوق بولاتتى .  مۇنىرە يەنە قۇربانغا يالۋۇرۇپ :

- قۇربان بۇنداق قىلماڭ، ماڭا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلماڭ . مەن سىزگە فۇرقەتىنى  تۇغۇپ بېرىمەن دەپ تاس قالغان جېنىمدىن ئايرىلغىلى .  ئەجەبا شۇ ۋاقىتنى سىز ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟  

قۇربان كەسكىنلىك بىلەن :

-ئەگەر سەن مۇشۇنداق قىلمىغان بولساڭ ، قانداق بولۇپ بىزنىڭ ئۇيدە تۇرالايتتىڭ،- دېدى . مۇنىرە :

-ماقۇل مەن ئۇ ئايالدىن كەچۈرۈم سوراي، پەقەت مېنى قوغلىمىسىڭىزلا بولدى

قۇرباننىڭ مۇنىرەگە مۇئامىلىسى ئىنتايىن قوپال ئىدى ،ئۇ بۇنى كۆرۈپ بەدەنلىرى تىترەپ كەتتى . بۇنداق رەھىمسىز يىگىت بىلەن ئۇنىڭ ئۆتكەن ئۆمرى   ھەقىقەتەن بىر ئېچىنىشلىق ئىدى .  يەنە قۇربان ياندىكى كاتىپقا تاپىلاپ :  

-كاتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن مۇنىرەنىڭ شىركەتكە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ . ئەگەر ئۇ كېلىپ قالغانلىقىنى بىلىپلا قالسام ئىستېپا بېرىپ كېتىسەن .دىدى  . بوۋاقىتتا قۇربان مۇنىرەنىڭ ھېسسىيات بىلەن ئويلىشىپ ئولتۇرمىدى .  ئۇ بىر مۇنچە سوغۇق گەپلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن زالدىن ئايرىلدى .  ياردەمچى رۇزى قۇرباننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

قۇربان روزىغا :

سەن سوفىيە  خېنىم قايسى مېھمانسارايغا چۈشىدۇ، ئېنىقلاپ باق .  ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن   ئۇنىڭغا ، ئازراق سوۋغات بۇيۇمى ئەۋەت .  

رۇزى :

- مۇنىرە بېرىپ كەچرۇم سورايدىغان بولدىغۇ ،بىز يەنە سوۋغات بېرىپ ئېلىپ بارامدۇق ؟- دېدى .  

قۇربان كۈلۈپ قويۇپ :

- مۇنىرە سوۋغات بۇيۇم بارسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى بار بولغاچقا ئاپاردى ،  بىزنىڭ سوۋغات بۇيىمى بېرىشىمىز شىركەتتىن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراش يۈزىدىن،  بىز قىممەت سوۋغات بويۇمى   سوۋغا قىلساق ، ئۇ بىز بىلەن ھەمكارلاشماي قالمايدۇ ، سوۋغات بۇيۇمىنى تەييارلاپ قۇي ، ئۆزۈم ئاپىرىپ بېرىمەن .  

ياردەمچى رۇزى ئۇ گەپنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدى :

-دىرىكتۇر ، سىز بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭغا بەك يۈز بېرىۋەتكەنلىك بولماسمۇ ؟

-مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئاپىرىپ بەرسەم ، ئۇ چۇقۇم ماڭىمۇ يۈز بېرىدۇ بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ . بولدى ، مېنىڭ دېگىنىمچە ئىش بېجىر،-  ئۇ گەپنى دەپ بولۇپلا ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى .    روزى قۇرباننىڭ گەپلىرىنىڭ ئاڭلاپ سەل گاڭگىراپ قالدى .  ئۇ ئەزەلدىن قۇرباننىڭ بىر ئايال ئۈچۈن بۇنچىلىك ئەستايىدىل بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى .  بۇ لايىھىلىگۈچى ئايال راستىنلا   شۇنچە سېھرى كۈچكە ئىگىمىدۇ؟    ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى مۇز ئادەم قۇرباننمۇ  ئېرىتكەن ئىدى .

مۇنىرە شىركەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، دورىخانىغا بېرىپ ، مۇز ۋە بىر نەچچە ئىششىق توختىدىغان دورا سېتىۋالدى ۋە ئۇنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتى .

بەختىمگە يارىشائەرفات پەرىيدەگە ئەگىشىپ يەسلىگە كەتكىن ئىدى، بولمىسا ئوغلى ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ قالاتتى، يەنە ئۇيان-بۇيان سوراپ  رەناننىڭ بىشنى ئاغرىتىۋىتەتتى ، ئۇ ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتتا ئەرفات ئۇنىڭغا ئۇمۇد ئاتا قىلدى، ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ  ئوغلىنى ئويلىغاندا ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى خېلىلا ياخشىلىنىپ قالاتتى.  ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ مۇز پارچىسنى يۈزىگە سۈركىدى ، سوغۇق  مۇز پارچىسى ئۇنىڭ تىننى تىترىتىۋەتتى.  

مۇنىرە ھازىرغىچە نىمىشقا قۇرباننىڭ خانىمى بولمايدۇ ؟نىم  ئۈچۈن؟ ئۇ قۇربانغا  بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، بۇ دەل بىر ئۇنىڭ توھپىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرباننىڭ ئۇنىڭغىمۇ مۇھەببىتى بار تۇرسا؟ بىراق نېمىشقا ئۇ مۇنىرەگە قۇپال مۇئامىيلە قىلىدۇ؟ رەنا  بۇ ئومۇمىي ئەھۋالنى ئويلىيالماي ئۆزىنىڭ بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

بىراق بۈگۈن مۇنىرە ئۇنى ئۇرغان بۇ بىر شاپىلاق بىلەن ئۇ ئۇنداق ئاسان بولدى قىلىشنى ئويلاشمىدى.  قۇرباننىڭ HJ گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، ئۇ چوقۇم  رەنادىن ئەپۇ سورايدۇ.  ۋاقتى كەلگەندە   رەنا بايا يېگەن بىر شاپىلاقنى ياندۇرۇپ بەرمەكچى بولغان ئىدى .  لېكىن ، نېمىلا بولمىسۇن رەنا ھازىر قۇرباننىڭ ئايالى ئەمەس ئىدى .  بەش يىل بۇرۇنقى رەنا ئوت ئىچىدە ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىدى .  بەش يىل ئاۋۋالقى ئوت رەنانىڭ جېنىنى كۆيدۈرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قۇربانغا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان ئىدى .



داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k