大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 178 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 178  - قىسىم aybarawazi
2023-12-06
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 179-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173
174
175
176
177




ئاخىرقى توي

(رومان)

ئاپتورى : دىلھايات

178-قىسىم  


      ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى ئامبۇلاتورىيەگە باردى، دوختۇر ئۇنىڭ قىزىتمىسىنى ئۆلچەپ 39دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. نىگارە بويىدا بارلىقىنى ئېيتىپ پەقەت جۇڭيىچە دورا كېسىپ بېرىشنىلا ئېيتتى. دوختۇر ئۇنىڭغا قاينىتىپ ئىچىدىغان جۇڭيىچە دورا يېزىپ بەردى ۋە بۇ دورىلارنىڭ تەبىئىتىنىڭ مۆتىدىل ئىكەنلىكى، قۇرساقتىكى بالىغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. نىگارە دوختۇرخانىدىن چىققاندا يامغۇر تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئامبولاتورىيەگە كىرىپلا كۈنلۈكنى ئىشىك تۈۋىگە قويۇپ قويغان ئىدى، ماڭاي دەپ كېلىپ قارىسا كۈنلۈك يوق، كىم ئېلىپ كەتكەندۇ؟  قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان، يامغۇر ھازىرچە توختايدىغاندەك ئەمەس. بۇ ئامبولاتورىيە ئۇنىڭ ئۆيىگە يىراقمۇ ئەمەس،  تېزرەك ماڭسا بىردەمدە بېرىپ بولىدۇ، ئۇ سىرتقا چىقىش ئۈچۈن قەدىمىنى ئېلىشىغا بىر قول كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى ۋە بېشىغا بىر كۈنلۈك تەڭلىدى. بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، فەرۇق ئىكەن.  نىگارە ئۇنىڭ قولىنى سىلكىدى.

_ مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. 

_ مېنى نىمە دېسىڭىز دەڭ، لېكىن سىز بىلەن كارىم بولماي تۇرالمىغۇدەكمەن _ ئۇ شۇنداق دەپ كۈنلۈكنى نىگارەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، نىگارە تاكى ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرۇپ  ئاندىن ئۆيىگە قايتتى. بۈگۈنكى يۈتۈپ كەتكەن كۈنلۈك قوشنىسىنىڭ كۈنلۈكى ئىدى، تۆلەپ بېرىشى كېرەك تە، لېكىن فەرۇق بەرگەن كۈنلۈكنى قوشنىسىغا بېرىۋەتكۈسى كەلمىدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىگە يېنىپلا بىر دۇكانغا چىقىپ كۈنلۈكتىن ئىككىنى ئېلىپ بىرىنى قوشنىسىغا بېرىپ، يەنە بىرنى ئۆيىگە قويۇپ قويدى. ئاندىن دورىنى قاينىتىپ ئىچتى. بىر نەرسە يىگۈسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ بالىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئىسسىق بىر چىنە سۇيۇقئاش ئىتىپ ئىچىپ يوتقانغا كىرىپ تەرلەپ ياتتى. ئەتىسى ئەتىگەن ئويغانغاندا قىزىتمىسىمۇ يېنىپ، خېلىلا يىنىكلەپ قالغان ئىدى. شۇڭا يەنىلا تەييارلىقلىرىنى قىلىپ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭدى......

كەچتە يايمىنى يىغىپ ھارۋىنى ئىتتىرىپ ھويلىغا كىرىشىگە ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇندۇق قويۇپ ئولتۇرغان فەرۇخقا كۆزى چۈشتى. 

_ مەن سىزنى كېتىڭ دېگەنغۇ؟ يەنە قايتىپ كەپسىزغۇ؟

فەرۇق ئىككى پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ گېپىنى پەرۋايىغا ئالمىغان قىياپەتتە چېچىنى كەينىگە تاراپ قويدى. 

_ ياخشىمۇسىز، مەن يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن قوشنىڭىز. ھېلىلا كۆچۈپ كەلدىم تېخى.  

نىگارە ئۇنىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى. دېمىسىمۇ ھويلىدا بىر بىكار ئۆي بار ئىدى، ئۆينى كىمگە بېرىش ئۆي ئىگىسىنىڭ ئەركىنلىكى، بۇنىڭغا نىگارە بىر نىمە دىيەلمەيدۇ دە.  نىگارە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ھارۋىنى بىر بۇلۇڭغا جايلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە نىگارە كۆكتات ئېلىپ كەلگەندە فەرۇقنىڭ ھويلىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. 

_ خەيرلىك سەھەر! _ دېدى ئۇ نىگارەگە سالام قىلىپ. نىگارە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرماي ئۆيىگە كىرىپ داسلارنى ئېلىپ چىقىپ كۆكتاتلارنى ئادالاپ يۇيۇشقا تەييارلىق قىلدى، لېكىن سۇ توختاپ قالغان ئىدى. ئۇ بۇ ھويلىدىن ئۆي ئىجارىگە ئالغاندىن باشلاپ سۇ توختاپ باقمىغان، شۇڭا ئۇ زاپاس سۇ ئېلىپمۇ قويمىغان ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟  بۇ چاغدا ئۆي ئىگىسى ئايال چىقتى. 

_ كۆپچىلىك، سۇ تۇربىسىنى رىمۇنت قىلىدىكەن، شۇڭا بۈگۈن بىر كۈن سۇ توختايدىكەن. مەھەللىنىڭ يەنە بىر بېشىغا بارساڭلار بىر قۇدۇق بار،  سۇ ئىشلەتسەڭلار شۇ يەرگە بېرىپ ئەكەلسەڭلار بولىدۇ.

نىگارە كەينىگە بۇرۇلۇپ كىرىپلا بىر چېلەك كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆي ئىگىسى كۆرسەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدى. سۇ بار جاي بەكمۇ يىراق ئەمەس ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ سۇ ئالاي دەپ تۇرۇشىغا فگرۇق چېلەكنى تارتىۋالدى.

_ مەن سۇ ئالاي، سىز كۆكتاتلارنى يۇيۇڭ. 

ئەسلى فەرۇق نىگارەنىڭ كەينىدىن كۆكتاتلار بىلەن داسلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى.  

_ نىمانداق بۇدۇشقاقتەك ئادەم سىز؟

_ كۆكتاتلارنى بىر چېلەك سۇدىلا يۇيۇپ بولالمايسىز، شۇڭا مۇشۇ يەرگىلا ئەكەلدىم، مەن سۇ ئېلىپ بېرەي، سىز يۇيۇڭ،  مۇشۇنداق قىلساق بىردەمدىلا يۇيۇپ بولىمىز. 

ئەمدى نىگارە تارتىشىپ ئولتۇرماي خالتىدىكى ئادالاپ تەييار قىلىنغان كۆكتاتلارنى داسقا چىلىدى، فەرق چېلەككە سۇ ئېلىپ داسقا قۇيدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر مۇنچە كۆكتاتنى بىردەمدىلا يۇيۇپ تەييار قىلىپ بولدى. 

ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە نىگارەنىڭ گۆش ۋە كۆكتاتلارنى زىخقا ئۆتكۈزۈشىگە ياردەملەشتى. نىگارە ھارۋىسىنى تەييارلاپ، نەرسە كېرەكلىرىنى بېسىپ ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا فەرۇق كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىققان ئىدى. 

_ خىزمەتچى ئالامسىز؟ 

_ سىزدەك كاتتا خۇجايىننى قانداقمۇ بۇنداق ئىشلارغا سالغىلى بولسۇن. 

_ بۇرۇن قولىنى ھېچقانداق ئىشقا ياقمايدىغان مەلىكە قىز جېنىدا مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ كۆنگەن يەردە مەن قىلالمامدىكەنمەن؟ مەن دېگەن ئەر كىشى جۇمۇ. 

_ بۇ ئىشىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ جېنىمنى باقالىسام چوڭ گەپ، سىزگە مائاش بېرەلمەيمەن. 

_ ماڭا مائاش بەرمىسىڭىزمۇ كۈندە ئۈچ ۋاق تامىقىمنى كۆتۈرسىڭىزلا بولدى. 

نىگارە ئۇنىڭغا نىمىلا دېسە بىكار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن قالغاندىن كۆرە كارى بولماي يۈرسىلا بولمىدىمۇ؟ 

 شۇ كۈندىن باشلاپ فەرۇق كۈندە نىگارە بىلەن بىللە بازارغا چىقتى، ئۇ يېتىشەلمىگەندە بېرىپ كاۋاپنى زىخقا ئۆتكۈزۈشۈپ، پىشقان كاۋاپنى خالتىغا قاچىلىشىپ بەردى. ئۇ ئالدىراش ئەمەس چاغلاردا بىر يانغا ئۆتۈپ گەپ قىلماي جىم تۇراتتى. نىگارەنىڭ كاۋاپچىلىق يايمىسىغا ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم كېلىپ كاۋاپ يەپ كېتىدۇ، ئەمما ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بۇرۇن چوڭ بىر شىركەتنىڭ درىكتورىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ كاتتا بەزمىخانىنىڭ خۇجايىنى ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتتى.

تاماق ۋاقتى بولغاندا فەرۇق ئۆيگە قايتىپ بېرىپ تاماق ئېتىپ ئەكىلىپ، كۆكتات ساتىدىغان مومايغىمۇ بىر كىشىلىك بېرەتتى. نىگارە يىمەيمەن دەپ تۇرىۋالسا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلاتتى. 

_ سىزنىڭ يىگۈڭىز كەلمىگەن بىلەن بالىنىڭ يىگۈسى باردۇ؟ بۇنداق قىلسام ئۆزىڭىزنى ماڭا قەرز بولۇپ قالغاندەك ئويلىماڭ، ھامان ئۆزۈمگىمۇ تاماق ئېتىمەن،  قوشنا قولۇمغا تاماق سۇنغاننىڭ ئورنىدا سەل ئارتۇقراق ئېتىپ سىلەرگە ئېلىپ كېلىمەن شۇ. مېنى يېڭىدىن كۈچۈپ كەلگەن قوشنىڭىز ئورنىدا كۆرسىڭىز بولىۋېرىدۇ، مەن سىزگە ئىشلەيدىغان ئادەم، ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىسەم ئىككى ئېغىز تىللاپ قويسىڭىزمۇ ئېغىر ئالمايمەن. 

ھەر كۈنى كەچتە فەرۇق سەل بالدۇر قايتىپ نىگارە كەلگۈچە تاماق ئېتىپ تەييار قىلىپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە فەرۇقمۇ تاماق ئېتەلمەيتتى،  شۇنداقتىمۇ توردىن ئىزدەپ، قوشنىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئېتىپ قولى خېلى كېلىپ قالدى.  راستىنى ئېيتقاندا، فەرۇق كەلگەندىن بۇيان نىگارە خېلىلا ئارام تېپىپ قالدى. تامىقى جايىدا، ئارام ئېلىشى جايىدا بولغاچقا روھى-كەيپىياتىمۇ ياخشى بولۇپ قالدى. ئۇ فەرۇخقا ئانچە – مۇنچە گەپ قىلىپ قويىدىغان بولدى، ئەمما يەنىلا ئارىلىق ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. 

قاتتىق يامغۇر ياغقان بىر كۈنى، نىگارە بازارغا چىقماي شۆھرەتنى يوقلاپ باردى. شۆھرەت نىگارەنىڭ ئورۇقلاپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنى ئىشقا بەك ئۇرۇپ كەتمەسلىكىنى ئېيتتى، نىگارەمۇ ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتتى.  تۈرمىدىن چىقىپ قايتىپ كېلىۋېتىپ نىگارەنىڭ بوينىغا ئېسىۋالغان نازىيە يېڭى يىلدا سوۋغا قىلغان زەنجىرى ئۈزۈلۈپ كەتتى. بۇلاپكىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئۈزەكتىن ئۇ نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى، نۇرغۇن ئېھتىماللىقلارنى ئويلىدى.  تاماق ۋاقتىدا ئۇ فەرۇقتىن  نازىيەنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. فەرۇق سەل ئېچىنغاندەك جاۋاب بەردى. 

_ ئۇ ھازىر ئۈمىد بىلەن بىر يەردە ئەمەس.

نىگارە بۇ گەپنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئىلگىرى ئۈمىد بىلەن نازىيەنىڭ ئەڭ بەختلىك بىر جۈپلەر دەپ قارايتتى، ئۇلارغا ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتى. ئەمدىلىكتە ئۇلار ئايرىلىپ كېتىپتۇ. 

_ نىمىشقا؟ 

 _ ۋاي تاڭ_ فەرۇق مۈرىسىنى قىستى. 

كېچە، نىگارەنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى. ئۇلار نىمىشقا ئايرىلىپ كەتكەندۇ؟ نىمىشقا بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەر ئاخىرىغىچە بىللە بولالمايدىغاندۇ؟ فەرۇق بىلەن ئۇمۇ بىر بىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، لېكىن ئاخىرىغا بارغاندا يەنىلا ئايرىلىپ كەتتى. 

دەل شۇ ۋاقىتتا فەرۇقمۇ ئۇيقۇسى قاچقان ھالدا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇراتتى. بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا ھېلىقى ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولسا نىگارەمۇ ھازىرقىدەك جاپادا قالمايتتى. فەرۇق ئۇنى چوقۇم بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرەتتى. 

ئەتىسى ئۇلار يەنە ھارۋىنى ئىتتىرىپ بازارغا چىقتى. كاۋاپ پىشۇرىۋېتىپ نىگارەنىڭ قولىغا ماي چاچراپ كەتتى. فەرۇق كۈيۈنگەن ھالدا ئۇنىڭ قولىغا پۈۋلىگەچ قارىغان ئىدى، نىگارەنىڭ قولىدا نۇرغۇن ماي چاچرىغان داغلار تۇراتتى. دېمەك بۈگۈنكى ئىش بۇرن تالاي قېتىم يۈز بەرگەن.  

_ كىم سەن؟ نىمىشقا يەڭگەمنىڭ قولىنى سىلاپ يۈرىسەن؟ يەڭگە، ئۇ سىزنى بوزەك قىلمىغاندۇ؟ 

نىگارە قارىغان ئىدى، ئالدىدا ئۇلارغا قاراپ ھۈرپىيىپ تۇرغىنى شۆھرەتنىڭ ئىنىسى، يەنى ئالدىنقى قېتىم نىگارەگە نەسىھەت قىلغان ھېلىقى شاۋكەت ئىدى. 

_ كىم بولۇشۇم بىلەن سېنىڭ نىمە كارىڭ؟

ئۇنىڭ «يەڭگە» دەپ چاقىرغىنى فەرۇقنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا تەگكەن ئىدى. نىگارە ئۇلارنىڭ ئۇرۇشۇپ قالىدىغانلىقىنى پەملەپ دەرھال ئارىغا چۈشتى. 

_ ئۇرۇشساڭلارمۇ يىراققا بېرىپ ئۇرۇشۇڭلار، تولا مېنىڭ سودامغا تەسىر يەتكۈزمەڭلار. ھەر ئىككىڭلار بۇ يەردە تۇرماڭلار، ماڭا ھېچقانداق ياردىمىڭلار كېرەك ئەمەس. 

فەرۇق كەتمىدى، ئۇ نىگارەنىڭ خاپا بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلدى ۋە كەينىدىن شاۋكەتكە قاراپ :

_ مەن ئۇ يېڭىدىن قوبۇل قىلغان خىزمەتچى – دەپ قوشۇپ قويدى.  شاۋكەت ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىشەنمىدى، ئەلۋەتتە، ئەمما نىگارە قاپىقىنى تۈرۈپلا تۇرغاچقا ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى ۋە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كېتىپ قالدى.  

_ كاۋاپ كۈيۈپ كەتتى – دېدى كاۋاپداننىڭ ئالدىدا تۇرغان خېرىدار. نىگارە شۇندىلا ئېسىگە كېلىپ كاۋاپنى كۆتۈرىۋالدى. 

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شاۋكەت يەنە كەلدى. 

_ ساڭا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى، ئاۋۇ ياققا بارايلى – دېدى ئۇ فەرۇققا. ئۇ بارمىسا شاۋكەتتىن قورققاندەك بولۇپ قالاتتى. يەنە كېلىپ بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئالدىنقى قېتىمدىكىدىن يۇمشاپ قالغان ئىدى. 

_ شۆھرەت ئاكام سەن بىلەن كۆرۈشسەم دەيدۇ – دېدى ئۇ فەرۇققا. 

تۈرمە. 

فەرۇق بىلەن شۆھرەت ئەينەكنىڭ ئىككى تەرىپىدە قولىدا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. 

_ نىيىتىڭدىن تېخىچە يانمىغان ئوخشىمامسەن؟ _ دېدى شۆھرەت ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ. 

_ ماڭا مۇشۇ گەپنى دېيىش ئۈچۈن چاقىرغانمىتىڭ؟ قانداق بولۇشۇم بىلەن سېنىڭ نىمە كارىڭ؟ ئۇنى مۇشۇنداق جاپاغا قويغان سەن، بىلىپ قوي.

_ راست دەيسەن، ئۇنىڭ جاپاغا قويغىنى مەن.  ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرۈپ ئۆتىمەن دەپ ۋەدە بېرەلەمسەن؟ 

فەرۇق جاۋاب بەرمىدى، ئەمما ئۇ كۆڭلىدە ئاللىبۇرۇن جاۋاب بېرىپ بولغان ئىدى. 

_ ئەگەر ئۇنى مەڭگۈ ياخشى كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن دەپ ۋەدە بېرەلىسەڭ، ئۇنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن. ئۈرۈمچى ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاي، ھەممە نەرسە تۇنۇش. «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» دەپتىكەن، ئۇنى يەنىلا ئېلىپ كەتكىن، بۇ يەردە يالغۇز جاپا تارتىپ يۈرمىسۇن.

فەرۇق تۈرمىدىن چىقىپ ئاۋۋال  سودا سارايغا بېرىپ نىگارەگە ھامىلدارلار كىيىملىرىدىن ئالدى، ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناپ قالغاچقا كىيىملىرى پاتماي قالغان ئىدى.  ئۇ يەنە خېلى كۆپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالدى، بوۋاقلار بۇيۇملىرى ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بوۋاقلار كىيىملىرىدىن نەچچە قۇر، يەنە سوسكا دېگەندەك نەرسىلەردىن سېتىۋالدى. ئۇ سودا-سارايدىن چىققاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇدۇل نىگارە كاۋاپ ساتىدىغان يەرگە بارغان ئىدى، نىگارە يوق، ئالدىراپ-تىنەپ ئۆيگە كېلىپ ھويلىغا توختىتىپ قويۇلغان ھارۋىنى كۆرۈپ ئاندىن كۆڭلى تىندى.  نىگارە كرىسلودا يېتىپلا ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ چېچى كرىسلونىڭ ياستۇقىغا يېيىلىپ تۇراتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ فەرۇق ياخش كۆرىدۇ دەپ چېچىنى ئۆستۈرگەن، كېيىن ئاچچىقىدا كېسىۋەتكەن بولسىمۇ چېچى يەنىلا ئۆسكەن ئىدى. ئۇ ئاستا كېلىپ نىگارەنىڭ چېچىنى سىلىغان ئىدى، ئۇ ئويغىنىپ كەتتى. نىگارە كۆزىنى ئېچىپلا چېچىنى سىلاپ تۇرغان فەرۇقنى كۆرۈپ ياتقان پىتى ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى. 

_ ئۇزۇن چېچىڭىز بەك يارىشىدىكەن، شۇڭا سىلىغۇم كېلىپ...- فەرۇق يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. 

نىگارە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى......

ئەتىسى ئەتىگەندە فەرۇق ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىققاندا نىگارە گۆش، كۆكتاتلارنى تەييارلاپ ھارۋىغا سېلىپ بولغان، لېكىن ئۆزى كۆرۈنمەيتتى. فەرۇق ئۇنى نەگە كەتتىكىن دەپ ئەتراپقا قاراۋاتقاندا ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى، ئۇ چېچىنى كېسىپ، بۇرۇنقىدەك قىسقا قىلىۋەتكەن ئىدى. 

ئۇ كىرگەن پىتى بېرىپ ھارۋىنى ئىتتىرىپلا سىرتقا ماڭدى. فەرۇق ئۇنىڭ كەينىدىن يېتىشىۋالدى. 

_ مەيلى ئۇزۇن چاچ بولۇڭ ياكى قىسقا چاچ بولۇڭ، مېنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلۈم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.   تاقىرباش بولىۋالسىڭىزمۇ ئوخشاش. 

نىگارە گەپ قىلماي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. نىگارەنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاشقانچە ھەرىكەت قىلىشىمۇ قولايسىز بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ھارۋىنىمۇ بەك تەستە ئىتتىرىپ مېڭىۋاتاتتى.

_ مەن ئىتتىرەي! – فەرۇق شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىدىن ھارۋىنى ئېلىۋالدى.  چۈشتىن كېيىن خېرىدار سەل ئازلىغاندا فەرۇق نىگارەگە:

_ بۈگۈن يايمىنى بالدۇرراق يىغايلى! – دېدى. 

_ نىمىشقا؟

_  سىزنى ئوبدانراق تاماق يىگۈزۈپ كېلەي. بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. 

_ تولا يالغان ئېيتماڭ، سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز  10-ئايدىغۇ. 

فەرۇق نىگارەنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىدە تۇتقانلىقىدىن خۇش بولدى.

_ ئىككىمىز دوست بولغاندىكىن، بىللە بىر ۋاق تاماق يىسەك ھېچنىمە بولماس.  

   قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندا ئۇلار يايمىنى يىغىپ، ئۆيگە بېرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تەييار بولدى. فەرۇق نىگارەنى ئېسىل بىر رېستۇرانغا باشلاپ كەلدى. رېستۇران ئالاھىدە بېزەلگەن ئىدى، نىگارە بۇ يەرگە كىرىپ سەل قورۇنۇپ قالغاندەك بولدى. ئىلگىرى ئۇ بۇنداق جايلارنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى، بىر ۋاقلىقىغا نەچچە يۈز يۈەنلىك تاماق يەۋەتسىمۇ كۆزىنى مىت قىلىپ قويماي پۇلىنى تۆلىۋېتىپ چىقىپ كىتەتتى. ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ كۈنلىرى ئىنتايىن يىراقتا قالغاندەك بىلىنەتتى.  ئۇلار فەرۇق ئالدىن زاكاز قىلىپ قويغان دېرىزە تۈۋىدىكى بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردى. 

_ ۋوي، خاتا تۇنۇپ قالمىغاندىمەن؟ بۇ نىگارە ئەمەسمۇ؟ 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k