大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 180 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 180  - قىسىم aybarawazi
2023-12-08
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 181-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173
174
175
176
177
178
179


ئاخىرقى توي

(رومان)

ئاپتورى : دىلھايات

180-قىسىم  


   نىگارە فەرۇقنىڭ ئۈمىدكە ئاچچىقى بارلىقىنى بىلەتتى، ئەمما ئۈمىدنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندە فەرۇق ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. چوپچوڭ بىر ئەر كىشىنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىشىدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇق رىشتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. ئەلۋەتتە نىگارەمۇ ئۈمىدنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىنتايىن قايغۇردى، مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە نازىيەنىڭ يېنىدا بولالمىغىنىدىن كۆڭلى يېرىم بولدى. 

   بۇ يىل قىش بالدۇرلا كەلدى. قىشنىڭ كېلىشى بىلەن فەرۇقنىڭ كېتىدىغىنىغا ۋاقتىغا ئاز قېلىشقا باشلىدى. فەرۇق ھەر بىر كۈننى ئىنتايىن قىممەتلىك بىلىپ ئۆتكۈزىۋاتاتتى. 

ئۈمىدىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن نىگارەنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى، ئارامى پۈتۈنلەي بۇزۇلدى، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى يەنىلا بېرىپ نازىيەنى كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىلدى. فەرۇقنىڭ كېتىدىغىنىغا ئۇزۇن قالمىغان ئىدى، شۇڭا بىر كۈنى نىگارە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە بېرىپ  ئۆزى يالغۇز قايتىپ كېلىشنى ئېيتتى، فەرۇق بۇنىڭغا ئۇنىمىدى.

_ بالا تېخى كىچىك، بالىنى ئېلىپ بارسىڭىز سوغۇقتا بالىغىمۇ جاپا، سىزگىمۇ جاپا،  يەنە كېلىپ نازىيە بىلەن كۆرۈشمىگىنىڭلارغا بەك ئۇزۇن بولدى، گېپىڭلارمۇ يىغىلىپ قالغاندۇ؟  بالىغا بۇ يەردە مەن قاراپ تۇراي، سىز خاتىرجەم بېرىپ نازىيەنى كۆرۈپ، مۇڭدىشىپ كېلىڭ. 

   شۇنداق قىلىپ نىگارە بالىنى فەرۇققا تاپشۇرۇپ نازىيەنىڭ يېنىغا ماڭدى، ئەمەلىيەتتە بالىغا فەرۇق قارىسا ئۇ ئۆزى قارىغاندىنمۇ بەكرەك خاتىرجەم بولاتتى. نىگارە ئاخىرى نازىيە بىلەن كۆرۈشتى. شۆھرەتنىڭ ئىشىدا ئۇنىڭ نازىيەدىن ئاغرىنىشى ئورۇنسىز ئىدى، ئۈمىدتىمۇ خاتالىق يوق، خاتالىق بار دىيىلسە خاتالىق دەل شۆھرەتنىڭ ئۆزىدە. 

   بۇ بىر ئىككى يىل ئىچىدە ھەر ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىدا ئاجايىپ چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان ئىدى، بىردىنبىر ئۆزگەرمىگىنى ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە بولغان  دوستلۇق رىشتى ئىدى. ئۇلار ئۇزۇندىن ئۇزۇن مۇڭداشتى.  نازىيە نىگارەدىن بالىنى سورىغان ئىدى، ئۇ دىلدار قاراپ قالدى دېدى، فەرۇقنىڭ ئىزدەپ بارغان بارمىغانلىقىنى سورىغان ئىدى، ئېنىق جاۋاب بەرمىدى.  نىگارە يەنە دادىسىنى يوقلاپ باردى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تارتىۋاتقان بارلىق جاپالىرىغا دادىسى سەۋەبچى ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ فەرۇقنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن چېغىدا دادىسى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئۇ شۆھرەت بىلەن خاتىرجەم ياشاشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى، ئەمما بۇ خىيالىمۇ دادىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلدى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ نىگارەنىڭ دادىسى – دە. 

   نىگارە ئۇزۇن تۇرمايلا قايتىپ كەلدى. يېڭى يىل ھارپىسى كېلەي دېدى، دېمەك فەرۇقنىڭ كېتىدىغان كۈنلىرىگە ئاز قالدى. ئۇ ئەمدى يەنە ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرىۋالسا بولمايتتى. 

_ قايتىپ كېتىڭ. ئۆيىڭىزدىكىلەر يولىڭىزغا قاراپ قالدى ھەقىچان. ھېلىمۇ ماڭا بەك كۆپ ياردەم قىلدىڭىز، مەن سىزدىن بەك مىننەتدار! – كرىسلودا شەپقەت بىلەن ئۇيۇنچۇق ئويناپ ئولتۇرغان فەرۇق نىگارەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. شۇ كۈنى كەچتە ئۇ بازارغا بېرىپ بىر مۇنچە نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كەلدى. بالىلار كىيىملىرى، ئويۇنچۇقلار، بالىلار تۇرمۇش بۇيۇملىرى، سۈت پاراشۇكلىرى،  نىگارە كىيىدىغان كىيىملەرمۇ بار ئىدى. 

_ مەن ئەتە ماڭىدىغان پويىز بېلىتىنى ئالدىم. ئەسلى يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرغۇم بار ئىدى، لېكىن بىر نەچچە كۈن ، بىر نەچچە ھەپتە، ھەتتا بىر نەچچە ئاي تۇرساممۇ سىزنىڭ قارارىڭىزدىن يانمايدىغىنىڭىزنى بىلىمەن.  ماقۇل، مەنمۇ سىزنىڭ قارارىڭىزغا ھۆرمەت قىلاي.

ئەتىسى نىگارە فەرۇقنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي بالىنى ئېلىپ پويىز ئىستانىسىسىغا فەرۇقنى ئۇزاتقىلى باردى. فەرۇق يانچۇقىدىكى بىر تال بانكا كارتىسىنى نەچچە تۇتۇپ نەچچە جايىغا قويۇپ بولدى، چۈنكى ئۇ نىگارەنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ ھەرگىز فەرۇق بەرگەن كارتىنى ئالمايدۇ. پويىز كۈتۈش زالىدا فەرۇق شەپقەتنى قۇچىقىغا ئېلىپ توختىماي سۆيەتتى. دېمىسىمۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇ بالىنىڭ پوق-سۈيدۈكىدىن تارتىپ ئادالاپ قارىدى، گەرچە ئۇ فەرۇقنىڭ ئۆز بالىسى بولمىسىمۇ ئەمما ئۆز بالىسىغا  بېرىدىغان مېھىرنى شەپقەتكە بەردى، مانا ئەمدى ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇ ھەقىقەتەن قىيالمايلا قېلىۋاتاتتى. كانايدىن فەرۇق چىقىدىغان پويىزنىڭ بېلەت تەكشۈرۈشى باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئاۋاز كەلدى. فەرۇق شەپقەتنى يېنىش يېنىشلاپ سۆيۈپ ئاندىن نىگارەگە بەردى. 

_ مېنى،بالىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. سىزمۇ ئۆزىڭىزگە تىگىشلىك بەختىڭىزنى تېپىڭ! _ نىگارە ئاغزىدا ئۇنداق دېگەن بىلەن يۈرىكى نەشتەر سانچىلغاندەك ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى.

_ سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىم مۇمكىن ئەمەس.لېكىن سىز يوق تۇرمۇشقا كۈنۈشكە تىرىشىمەن. بۇندىن كېيىن تىرىك مۇردىدەك ياشايمەن.    

نىگارە بېشىنى كۆتۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ فەرۇققا كۆز يېشىنى كۆرسەتكۈسى يوق ئىدى. 

_ سىز كىرىپ كېتىڭ ئەمىسە، مەنمۇ ماڭاي، خوش. سالامەت بولۇڭ! – ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدى، كەينىگە بىرەر قېتىم ئۆرۈلۈپمۇ قارىمىدى. فەرۇق ئورنىدا مىدىر قىلماي نىگارەنىڭ بالا كۆتۈرۈپ مېڭىپ كېتىۋاتقىنىغا تىكىلىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى.  تۇيۇقسىز فەرۇقنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ يىغلاپ كەتتى. شۇ يىغلىغان پىتى بېرىپ بېلىتىنى تەكشۈرتتى، پويىزغا چىقىپ ئورنىدا ئولتۇرغاندىمۇ يىغىسى پەسەيمەيۋاتاتتى. ئۇ ھازىر ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نىمە دەپ قېلىشى بىلەنمۇ پەرۋايى پەلەك، ئىچىدىكى پۈتۈن دەرت –ئەلىمىنى يىغلاپ مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ قويماقچى بولغاندەك سىلكىنىپ-سىلىكىنىپ يىغلايتتى. پويىزنىڭ گۈدۈك ساداسىغا ئەگىشىپ فەرۇقمۇ كەتتى، يۈرىكىنى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويۇپ كەتتى. 

  بالىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ بىر يەردە تۇرغان نىگارەنىڭ ماڭغۇدەك مادارى قالمىغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ چىن كۆڭلىدىن فەرۇققا قىيمايتتى. كۆزىدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى. ئۇ ماشىنىغىمۇ ئولتۇرماي بالىنى قۇچاقلىغان پىتى ئۆيىگە مېڭىپ قايتتى. ئۇ تېخى ئەمدى كۈنلىرىم ئىزىغا چۈشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، كىم بىلسۇن، تېخىمۇ چوڭ دىشۋارچىلىق ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى. 

 نىگارە ھەر ئايدا بالىسىنى ئېلىپ شۆھرەتنى يوقلاپ باراتتى، يېقىندىن بۇيان شۆھرەتنىڭ چىرايى تازا ياخشى ئەمەس، لېكىن نىگارە سورىسا ئۇ ھېچ ئىش يوق دەپ تۇرىۋالاتتى، شۇڭا نىگارەمۇ بۇ توغرىدا ئارتۇق ئويلىنىپ كەتمىدى. نىگارە ئادەتتە كاۋاپچىلىق يايمىسىغا بالىنى ئېلىپ چىقاتتى، ئۇنى بەك يۈگۈرۈپ كەپسىزلىك قىلىپ كەتمىسۇن دەپ ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى، لېكىن بالا يالغۇز ئويناپمۇ زېرىكىپ قالاتتى، سودا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە ھېلىقى كۆكتات ساتىدىغان موماي بالىغا قارىشىپ بېرەتتى.

8-ئاي.  شەپقەتنىڭ ئىككى ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر كۈنى كېچىدە نىگارەنىڭ تېلېفونى ئەنسىز سايرىدى. نىگارە تېلېفوننى قويۇپلا بالىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا يۈگۈردى. دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكىدە ئىككى ساقچى تۇراتتى، نىگارە ئۇلارغا كىملىك، ئۆيلىنىش خېتى قاتارلىق نەرسىلىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىچىگە كىرگىلى قويدى. شۆھرەت ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئاغزى، بۇرنىغا ھەرخىل شىلانكىلار تىقىلغان ھالەتتە ياتاتتى. ئىكراندا ئەگرى بۈگرى مېڭىۋاتقان سىزىقلارغا قارىسا ئاندىن ئۇنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. نىگارە ئاستا كېلىپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى. ئۇ شۆھرەتنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارغا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردى؟ ئۇ يېنىپ چىقسا بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىمىز دەپ زور ئۈمىدتە تىرىشىۋاتقان ئىدىغۇ؟ شۆھرەت ئۇنىڭ ئۈمىدى، ئارزۇسى بولۇپ قالغان ئەمەسمىدى؟ 

ساقچى ئۇنىڭغا شۆھرەتنىڭ كېسەللىك تارىخىنى كۆرسەتتى، شۆھرەت بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىدى. ئەينى يىلى دىلدار بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا شۆھرەت بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان، ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزى شۇنداق كېسەگە گىرىپتار بولغان ئىدى. ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، شۆھرەتنىڭ كېسىلى بۇلتۇرلا بايقالغان، ئەمما ئۇ ئۆيىدىكىلىرىگە  ئېيتماسلىقنى تەلەپ قىلغاچقا نىگارەگە خەۋەر قىلمىغان ئىكەن. ئەمما ئۇ داۋالاشنىمۇ رەت قىلىپ، كېسىلى ئېغىرلاپ بۈگۈنكىدەك ھالەت شەكىللەنگەن ئىكەن. 

 نىگارە شۆھرەتنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئالقىنىنى ئېچىپ شەپقەتنىڭ قولىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.  

_ مەن كەلدىم، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ. بالىمىزنىمۇ ئېلىپ كەلدىم، ماڭا بىر قاراپ بېقىڭە.  ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز يوقما؟ 

ھەيران قالارلىق ئىش، خېلىدىن بېرى ھۇشسىز ياتقان شۆھرەت ئاستا كۆزىنى ئاچتى. ئۇ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان نىگارە بىلەن بالىسىنى كۆرۈپ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى. 

_ مەن سىزنى سۆيىمەن. بالىغا ياخشى قاراڭ.

_ مەن سىزنى ساقلايمەن، قايتىپ چىقسىڭىز بالىمىزنى بىللە باقىمىز دېگەنتىمغۇ؟ نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ _ نىگارە ھاياجانلىنىپ قالدى. شۆھرەت ئاستا قولىنى كۆتۈرگەن ئىدى، نىگارە دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى. 

_ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن بىللە ئۆتۈڭ. سىز بەختلىك بولسىڭىز مەنمۇ خۇش بولىمەن. 

_ بۇنداق گەپلەرنى قويۇپ ياخشى داۋالىنىڭ، شەپقەت ئىككىمىز سىزنى ساقلايمىز. 

دىلدارمۇ كېچىلەپ يېتىپ كەلدى. ئۇ شۆھرەتنىڭ يېنىغا كىرىپلا يىغلىغان پىتى بۆرىكىنى ئۇنىڭغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۆھرەتنىڭ يۈزىدە ئازابلىق كۈلكە ئەكىس ئەتتى. ئۇ نىگارەگە  بالىنى بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنى، كىچىك بالا بۇ يەردە تۇرىۋەرسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  شۆھرەتنىڭ دىلدارغا ئايرىم دەيدىغان گېپىنىڭ بارلىقىنى پەملىگەن نىگارە ئارتۇق گەپ قىلماي بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ شۆھرەتنىڭ يېنىغا يەنە كىرگەندە دىلدارنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن، شۆھرەتنىڭمۇ ئاخىرقى تىنىقلىرى قالغاندەك قىلاتتى......

شۇنداق قىلىپ شۆھرەت كەتتى. ئۇ ھايات چېغىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش كېلىشىمنامىسىگە ئىختىيارلىقى بىلەن قول قويغان ئىكەن. شۆھرەت ھاياتىدا نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەزالىرى نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. 

......

فەرۇق ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 520 بەزمىخانىسىنى قايتا قولىغا ئالدى. ئۇ ھازىر بۇرۇنقى شوخ، جانلىق فەرۇق ئەمەس، يېقىن دوستى ئۆلۈپ كەتتى، سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلدى، شۇڭا ئۇ بەكلا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ئىدى. كېيىن ئۈمىدنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغىنىدا ئۇنىڭغا قايتا جان كىردى. لېكىن يەنىلا بىر يېرى غەمكىن، يەنە كېلىپ ھاراققا بەك بېرىلىپ كەتكەن ئىدى. 

 بىر كۈنى ئۇ بەزمىخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئىدى، مۇلازىمەتچى كىرىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى. 

_ دېرىكتور، بىر قىز سىز بىلەن كۆرۈشسەم دەيدۇ.

_ كىمكەن؟

_  بىر قىز. 

دوستلىرى چاۋاك چېلىشتى. 

_ ۋوي ۋوي ۋوي، مانا، فەرۇق ئەمدى بەختىڭ ئېچىلىدىغان بولدىمۇ نىمە، ئۆز ئايىقى بىلەن ئالدىڭغا كەپتۇ.  

فەرۇق ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي سىرتقا چىقتى، مۇلازىمەتچى پوەينىڭ ئالدىدا تۇرغان قىزنى كۆرسەتتى. 

_  ئەنە، ئاشۇ قىز شۇ. 

ئۇ قىز دىلدار ئىدى. 

_ ۋوي، دىلدار قىز، كەپ قاپسىزغۇ؟ ئوينىغىلى كەلدىڭىزما؟ خالىغانچە يەپ ئىچىپ ئويناڭ، پۈتۈن چىقىمىڭىز مەندىن. 

_ مەن سىزگە بىر پارچە خەتنى بېرىپ قوياي دەپ كەلگەنتىم – ئۇ شۇنداق دەپ سومكىسىدىن بىر پارچە خەتنى چىقىرىپ فەرۇققا سۇندى. فەرۇق خەتنى ئېچىپ قارىدى، بۇ نىگارەنىڭ خېتى ئەمەس ئىدى. 

_ كەچۈرۈڭ، بۇ خەتنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم. بۇنى شۆھرەت دادام كۆز يۇمۇش ئالدىدا سىزگە بېرىپ قويۇشۇمنى ئېيتقان ئىدى. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ يەنىلا سىزگە بېرىشنى توغرا تېپىپ ئېلىپ كەلدىم، مەن كەتتىم ئەمىسە. 

خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىدى. 

_«مەن بولالمىدىم. نىگارە سېنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى يېنىڭغا ئېلىپ كەت، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن. رەھمەت ساڭا.    شۆھرەت»

......

كاۋاپچىلىق يايمىسىدا خېرىدار ئىنتايىن كۆپ ئىدى، نىگارە ئۆزى يالغۇز يېتىشەلمەيلا قېلىۋاتاتتى. تازا ئالدىراش كاۋاپ پىشۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز تېلېفونى سايراپ كەتتى، نىگارە كارى بولماي كاۋىپىنى پىشۇرىۋەردى، تېلېفونمۇ سايراۋەردى، ئۇ ئالدىدىكى خېرىدارنى ماڭغۇزىۋەتكەندىن كېيىن تېلېفونىغا قارىۋىدى، شەپقەتنىڭ يەسلىدىكى مۇئەللىمى نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ كەتكەن ئىكەن، ئۇ مۇئەللىمگە تېلېفون قايتۇرۇشىغا تېلېفونىنىڭ توكى تۈگەپ ئېتىلىپ قالدى. ئۇ كۆكتات ساتىدىغان مومايغا كاۋاپدىنىغا قاراپ قويۇشنى ئېيتىپ تاكسى توسۇپ يەسلىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئەمدى شەپقەتنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز قۇلىقىغا كىردى. 

_ ئاپا، ئۇ مېنى باشتا ئۇردى. 

_ ئۆزۈڭ مېنى دادىسى يوق، يىتىمەك دەپ تىللىدىڭغۇ. 

شەپقەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نىگارەنىڭ يۈرىكى قارتلا قىلىپ قالدى. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپلا كىردى. مۇئەللىم ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى. 

_ شەپقەتنىڭ ئاپىسى، شەپقەت ساۋاقدىشىنى ئۇرۇپتۇ. سىزگە تېلېفون قىلسام ئالمىدىڭىز. ئىش تېرىغان ئىكەن، ھەل قىلمىساق بولمايدۇ. ئاۋۋال بالىنىڭ ئاپىسىدىن كەچۈرۈم سوراڭ، ئاندىن داۋالىتىش پۇلىنى بىر نىمە دىيىشەرسىلە. 

نىگارە شەپقەتنىڭ پىشانىسىدىكى كۆكىرىپ قالغان يەرنى كۆرۈپ زۇڭزىيىپ ئولتۇردى. شەپقەت ئاپىسىنىڭ ئۆزىنى تىللىشىدىن قورقۇپ تۇراتتى. لېكىن نىگارە ئىڭىشىپ ئولتۇرۇپ شەپقەتنىڭ يۈزىنى ئالقانلىرى ئىچىگە ئالدى. 

_ ئاغرىۋاتامدۇ، بالام.

ئاپىسىدىن تازا تىل ئاڭلايدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان شەپقەت ئاپىسىنىڭ كۈيۈنۈپ تۇرۇپ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ۋاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. 

_ قانداق ئاپا سىز؟ بالىڭىزغا قانداق تەربىيە قىلىسىز؟  نىمىشقا بالىلارنى ئۇرىدۇ دەيمەن- يەنە بىر بالىنىڭ ئاپىسى شەپقەت بىلەن نىگارەنى قوشۇپلا ئەيىبلەپ چۈشكەن ئىدى. 

_ توغرا، مەن بالامغا ياخشى تەربىيە قىلالماپتىمەن، بالىڭىزنى ئۇرۇپتۇ، لېكىن سىز سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ بالىڭىز نىمىشقا مېنىڭ بالامنى تىللايدۇ؟ 

_ ئاپا، شەپقەت مېنى باشتا ئۇردى، مەن ھېچنىمە قىلمىساممۇ مېنى ئۇردى. ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالا ئاغزىنى ئۈمچەيتىپلا تۇراتتى. بۇنى ئاڭلاپ شەپقەتمۇ جىم تۇرمىدى. 

_ يالغان ئېيتما. سەن مېنى دادىسى يوق، يىتىمەك دەپ تىللىغاچقا مەن سېنى ئۇردۇم. 

_ باشقلار سېنى شۇنداق دېگەچكە مەنمۇ شۇنداق دېدىم. دېمىسىمۇ سېنىڭ داداڭ يوققۇ شۇ. 

شەپقەت ئاپىسىنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

_ ئاپا، مېنىڭ دادام بارغۇ، ئۇنىڭغا دەپ بەرگىنە، مېنىڭ دادام بارغۇ، ئىچكىرىدە چوڭ سودا قىلىدۇغۇ ھە. ساۋاقدىشىمغا شۇنداق دېگىنە! _ دېدى. نىگارەنىڭ ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ ، ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى.

_ كەچۈرۈڭلار، مەن كېچىكىپ قالدىم.  

بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممەيلەن ئىشىككە قارىدى، ئىشىك تۈۋىدە فەرۇق تۇراتتى. ئۇ ئاستا كېلىپ شەپقەتنى يەردىن ئېلىپ كۆتۈرۈپ پىشانىسىگە سۆيدى. 

_بالام، مېنى كەچۈرگىن، سىلەرنى يالغۇز قويدۇم، ئەمدى ئۈچىمىز ئايرىلماي بىللە ياشايمىز. 

يەسلىنىڭ كارىدورىدا شەپقەتنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن «دادا، ئەمدى كەتمەيسەنغۇ ھە، مېنى جىق يەرلەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىسەنغۇ» دېگەن ئاۋازى ياڭرىدى. 

_ ئەلۋەتتە بالام. ساڭا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن، ئەڭ ياخشى جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىمەن. 

 نىگارە شەپقەتنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ خۇشاللىق كۈلكىسىنى توختىتىۋالالمىغان ھالدا ئۇلارنىڭ كەينىدىن مەمنۇنلۇق بىلەن قارىدى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0