大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 182 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 182  - قىسىم aybarawazi
2023-12-10
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 183-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173
174
175
176
177
178
179
180
181




ئاخىرقى توي

(رومان)

ئاپتورى : دىلھايات

182-قىسىم  


  نازىيە مېھراي بىلەن ئايقىزنى ئاپىرىپ قويىدىغانغا ئادەم ئورۇنلاشتۇردى. نىجات بىلەن ئامىنەمۇ كەتتى، داچىدا ئۈمىد بىلەن نازىيە قېپ قالدى، ھازىر ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن ئارام ئېلىش، ساياھەت قىلىش بىلەنلا ئۆتۈۋاتاتتى. ئىككىيلەن يەنە ئارقا ھويلىغا چىقىپ گۈللەرگە قاراپ ھوزۇرلانغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، نازىيە ئانچە خۇشال بولالمايۋاتاتتى. 

_ نىمە بولدىڭىز ، مەلىكەم؟ 

_ بالىلارنى سېغىنىپ كەتتىم. 

_ بالىلارنى كۆرمىگىنىڭىزگە ئەمدى ئىككى كۈن بولدىغۇ؟ يەنە كېلىپ بالا باققۇچىلار بالىلارغا بىزدىنمۇ بەكرەك ياخشى قارايدۇ. ئارام ئالغاندا خاتىرجەم ئارام ئېلىڭ. ئەتە قايتىپ بېرىپ بالىلار بىلەن كۆرۈشەيلى. قانداق؟

_ ماقۇل ماقۇل! _ دېدى نازىيە كىچىك بالىدەك چاۋاك چېلىپ. 

......

  ئايقىز ماشىنىدا ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ ياتاتتى، ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ، يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالەتتە چىچەن ئىدى. 

_ ئاپا، دادام نىمىشقا بىز بىلەن بىللە تۇرمايدۇ؟ باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى دادىسى ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىدىكەنغۇ. 

مېھراي بۇنىڭغا نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟ 

_ يېنىڭىزدا مەن بارغۇ، قىزىم. مەن سىزگە ھەمرا بولىمەن، ھە. 

   ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن مېھراي ئايقىزنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ تارتمىدىن كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېلىپ مۇنۇلارنى يازدى. 

_«ئەقلىمنى تېپىشىم كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ قەلبىىدىن ئورۇن ئالالمايدىغىنىمنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىدىن ئۈمىد كۈتىدىغاندىمەن؟»

شېرزات ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ئەمدى ئۆيىگە كىرىپ تۇرۇشىغا يەنە تېلېفون كەلدى. 

_ ۋەي، جېنىم، كېلىپ بولالمايسىزغۇ؟

_ ئىچىمنى سىقماڭە _ ئۇ تېلېفوننى كرىسلوغا تاشلاپ قويۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ ياتتى. لېكىن كارىۋاتتا ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ يېتىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى. نىمىشقا مېھراينىڭ باشقا بىر ئەر بىلەن كۆرۈشكىنىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كېتىدۇ؟ ئۇ مېھراينى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيتتىغۇ؟ بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ گۆدەكلىكتىكى تەنتەكلىكىدىن بولغان ئىشلار ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ خىيالىرى ئۇنىڭ مېھراي بىلەن يېڭى تۇنۇشقان چاغلىرىغا كەتتى. 

ئۇ مېھراينى تۇنجى قېتىم بىر ئاشخانىدا كۆرگەن ئىدى، مېھراي ئۇ يەردە كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلەيتتى.  شېرزات بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن دائىم ئۇ ئاشخانىغا باراتتى. ئۇ ئاشخانىدا مېھرايدىن باشقا يەنە بىر نەچچە كۈتكۈچىمۇ ئىشلەيتتى، شۇڭا دەسلەپتە مېھراي شېرزاتنىڭ دېققىتىنى تارتالمىغان ئىدى. تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۇنىڭ دوستلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ قاچىسىدىكى تاماقنىڭ ئارىسىدىكى چاچنى كۆرسەتتى. 

_ ۋوي، قاراڭلار، شېرزاتنى ئارىمىزدىكى ھەممىدىن باي، ھەممىدىن كېلىشكەن دەپ تامىقىنىمۇ ئالاھىدە چىقىرىپ بەردىمۇ نېمە؟ _ دېدى. 

_ بايىقى كىچىك قىزچاق سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ، ساڭا ئالاھىدە كۆزدە قاراپتۇ _ دېدى يەنە بىرەيلەنمۇ. ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شېرزاتنىڭ ئېسىگە كەلدى، ئۇلار ھەر قېتىم مۇشۇ ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەندە تاماقنى بىر قىزچاق ئېلىپ چىقاتتى. ئۇ ئىختىيارسىز بېشىنى بۇراپ ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇ باشقا بىر ئۈستەلنى يىغىشتۇرىۋاتاتتى. قىز بېشىنى بۇراپ بىرەيلەننىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئىنتايىن ئورۇق، كىيىنىشىمۇ ئىنتايىن ئادەتتىكىچە بىر قىز ئىدى، قارىماققا ئائىلە شارائىتى تازا ياخشى ئەمەستەك كۆرۈنەتتى. شېرزاتنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ دوستلىرى يەنە چاقچاق قىلىشقا باشلىدى. 

_ شېرزات، كۆزۈڭ چۈشۈپ قالمىغاندۇ؟ 

_ ئىشىڭنى قىلە. _ ئۇ ئالدىدىكى تاماقنى نېرى سۈرۈپ قويدى، لېكىن يا خۇجايىننى چاقىرىپ تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلمىدى، يا كۈتكۈچى قىزنى چاقىرىپ گەپ قىلماي جىملا ئولتۇردى. چۈنكى ئۇ بۇ ئاشخانىنىڭ خۇجايىنى بىلەن تۇنۇشىدۇ، خۇجايىننىڭ ئايالى بىر نەچچە يىل بۇرۇن راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ،  نۇرغۇن قەرزگە بۇغۇلۇپ قېلىپ،  مىڭبىر تەستە مۇشۇ ئاشخانىنى ئېچىۋالغان ئىكەن، شۇڭا شېرزاتنىڭمۇ خۇجايىنغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگۈسى كەلمىدى بولغاي.  ئەمما شېرزات قىزغا دېققەت قىلىشقا باشلىغاندىن باشلاپ خۇجايىننىڭ بۇ قىزغا سەل قىلىقسىزلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. 

_ مېھراي، مېھمانغا قاراڭ. مېھراي، بۇ چاينى مېھمانغا قۇيۇپ بېرىڭ، مېراي، كىيمىڭىزنى ئوڭشاپ قوياي...._ شۇنىڭدىن كېيىن شېرزات بۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ مېھراي ئىكەنلىكىنى بىلدى. خۇجايىن ھەرقانداق قىلىقسىزلىق قىلسىمۇ مېھراي قارشىلىق قىلالمايتتى. 

بىر كۈنى شېرزات دوستلىرى بىلەن يەنە شۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ قايتقان چېغىدا كەچ سائەت ئوندىن ئاشقان ئىدى، ئۇلار چىقىپ كەتكەندە ئاشخانىدا مېھراي بىلەن خۇجايىن ئىككىسىلا قېپ قالغان بولۇپ، خۇجايىن مېھراينى مېھمانلار كەتكەندە قاچا قۇچىلارنى يۇۋېتىپ ماڭىسىز دەپ ماڭغۇزماي ئېپ قالغان ئىدى.  شېرزات موتوسىكىلىتىنى مىنىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز تېلېفونىنى ئاشخانىدا ئۇنتۇپ قالغىنى ئېسىگە كېلىپ كەينىگە ياندى. شېرزات ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىشى بىلەن ئىچىدىن يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. 

_ خۇجايىن، مەن قەستەن چاقمىدىم. سىز كەينىمدىن كېلىپ گەپ قىلغانتىڭىز، چۈچۈپ كېتىپ قولۇم تېگىپ كېتىپتۇ.  كەچۈرۈڭ، مەن تۆلەپ بېرەي.    

_ مەنمۇ بۇ ئاشخانىنى ئاران تەستە ماڭدۇرىۋاتىمەن. بىر مۇنچە تەخسىلەرنى چېقىۋەتتىڭىز، پۇلىنى مائاشىڭىزدىن تۇتىۋالىمەن دېسەممۇ يەتمەيدۇ، قانداق تۆلەيسىز، دەڭە؟ - خۇجايىن ئاستا كېلىپ مېھراينىڭ قولىنى تۇتتى. 

_ گېپىمگە ماقۇل دېسىڭىز تەخسىلەرنىڭ پۇلىنى سۈرۈشتۈرمەيمەن، مائاشىڭىزنى ئۆستۈرۈپ بەرگەندىن سىرت، يەيدىغان، ئىچىدىغىنىڭىزنى  تەل قىلىپ بېرىمەن.

_ ياق، خۇجايىن، ئۇنداق قىلماڭ_ مېھراي قورققىنىدىن يىغلىۋەتتى.  

شېرزات ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ كىردى.  

_ تەخسىلىرىڭىزگە نەچچە پۇل تۆلەتمەكچى ئىدىڭىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ خۇجايىندىن. خۇجايىن ئۇنىڭدىن سەل ئەيمىنىپرەك جاۋاب بەردى. 

_ بەش ئالتە يۈز يۈەن بولسا بولار. 

شېرزات دەرھال يانچۇقىدىن يۈز يۈەنلىكتىن پۇلدىن ئالتىنى ئېلىپ خۇجايىننىڭ يۈزىگە ئاتتى. 

_ پۇلنى مەن تۆلەپ بېرەي، ئۇنىڭ مائاشىنى بېرىڭ، ئەتىدىن باشلاپ بۇ يەرگە ئىشقىمۇ كەلمىسۇن، بۇنداق پالاكەت قىز بۇ يەردە سىزگە ئىش تېپىپ بېرىپلا يۈرگىدەك.

 ئۇ شۇنداق دەپ مېھراينى ئېلىپ چىقتى. 

_ چىقىڭە! _ موتوسىكىلىتنىڭ كەينىنى كۆرسەتتى ئۇ. مېھراي سەل قورۇنۇپراق قاراپلا تۇردى، 

_ چىقىڭ دېگەندىكىن چىقمامسىز؟ مەن سىزنى يىمەيمەن. ئۆيىڭىز قەيەردە ئاپىرىپ قوياي. 

مېھراي ئاستا بېرىپ موتوسىكىلىتنىڭ كەينىگە مىندى. شېزات موتوسىكىلىتنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كوچا چىرىقىمۇ يوق، بىر قاراڭغۇ كوچىغا كەلگەندە توختاتتى. 

_ مېنىڭ ئۆيۈم بۇ يەردە ئەمەس، بۇ يەردە نىمىشقا توختايسىز؟ 

_ قىزچاق، بەك ساددىكەنسىز، مەن بىلەن مېڭىڭ دېسەملا كېتىۋاتىسىز، مېنىڭ ئەسكى ئادەم بوپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپمۇ قويمىدىڭىز دەيمەن.

_ مېنىڭچە سىز ئەسكى  ئادەم ئەمەس. 

_ مېنىڭچە؟ 

_ ھەئە. 

_ ئۇنداقتا مەن بىلەن توي قىلىڭ دېسەممۇ ماقۇللا دەيدىكەنسىز دە. 

مېھراي جاۋاب بەرمىدى. 

_ ئاتا ئانىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟ _ يەنە سورىدى شېرزات.

_ ئاتا-ئانام بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، مەن تاغام بىلەن ھاممامنىڭ يېنىدا تۇرىمەن. بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە چىقتىم. تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ، ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى تاپاي دېگەنتىم.  

   شېرزات بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى. مېھراي شېرزاتنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە قاراپ تۇراتتى، قارىغانسېرى شېرزات كۆزىگە شۇنچىلىك كېلىشكەن كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. 

ئەتىسىدىن باشلاپ مېھراي ئىشقا بارمىدى، شېرزاتمۇ ئۇ ئاشخانىغا قايتا بارمىدى. ئۇلارمۇ قايتا ئۇچرىشىپ باقمىدى. 

شېرزاتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ، دوستلىرى ئۇنىڭغا ئالاھىدە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز دەپ چاقىردى، ئۇ بارسا مېھراي ئولتۇرۇپتۇ. 

_ ئاغىنە، قىز دوستۇڭنى ئەكەلدۇق،  زېرىكىپ قالمىسۇن دېدۇققۇ سېنى. 

دوستلىرىنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقىنىنى ئۇ بىلدى، ئەمما مېھراينىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگۈسى كەلمەي يېنىغا بېرىپلا ئولتۇردى.  پۈتۈن زىياپەت جەريانىدا مېھراي پەقەتلا گەپ قىلمىدى، شېرزات دوستلىرى بىلەن ئويناپ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى. كەچتە دوستلىرى شېرزاتنى مېھرايغا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قېلىشتى.  مېھراي شېرزاتنى مىڭ تەستە يۆلەپ سىرتقا ئېلىپ چىقتى، ئەمما ئۇ ئۇنى قەيەرگە ئېلىپ بېرىشنى بىلمەيتتى. 

_ مېھمانخانىغا بارىمەن، ئۆيگە بارغۇم يوق_ دېدى شېرزات مەستلىكتە. مېھراي ئەتراپقا قارىۋىدى، يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر مېھمانخانا بار ئىدى. ئۇ شېرزاتنى يۆلەپ يولدىن ئاران ئۆتكۈزۈپ مېھمانخانىغا ئېلىپ كىردى. شېرزات جايىدا ئوڭلاپمۇ تۇرالمىغىنى بىلەن مېھراينىڭ يۆلىشى ئاستىدا كىملىكىنى چىقىرىپ مېھمانخانا رەسمىيەتلىرىنى ئۆزى بىجىردى.  مېھراي ئۇنى ياتاققا ئېلىپ كىرىپ، كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ قويۇپ ئايىقىنى سالدۇرىۋېتىپ، يوتقاننى يېپىپ قويماقچى بولۇپ تارتقان ئىدى، شېرزات دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى......

   ئەتىسى شېرزات كۆزىنى ئاچقاندا مېھراي بىر ياندا يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئاخشام بولغان ئىشلارنى غۇۋا ئېسىگە ئالدى. «ئاپلا» دەپ پىشانىسىگە ئۇردى ئۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم دائىم ئۇنىڭغا «ئوغۇل بالا دېگەن قىلغان ئىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك » دەپ تەربىيە قىلاتتى، شۇڭا ئۇ خېلى مەسئۇلىيەتچان چوڭ بولغان ئىدى. 

_ بولدى، بولدى، يىغلىماڭ. مەسلىكتە بىلمەي قاپتىمەن. لېكىن مەن ئۇنداق نامەرتلەردىن ئەمەس. ئەتە ئەتىگەن سىز تاغىڭىزنىڭ ئۆيىدىن نۇپۇس دەپتىرىنى ئوغرىلاپ چىقىڭ، مەنمۇ ئۆيدىن نۇپۇس دەپتىرىنى ئەكىلەي، ئىككىمىز ئۆيلىنىش خېتى ئالايلى، ئاندىن بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەرگە دىيىش دېمەسلىكنى ئويلىشايلى. 

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەتىسى خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا بېرىپ ئۆيلىنىش خېتى ئالدى. مېھراي قانداقلا ئىش بولسا شېرزاتنىڭ ئاغزىغا قارايتتى، شېرزات ئوڭغا مېڭىڭ دېسە سول تەرەپكە قاراشقىمۇ پىتىنالمايتتى. ئۇلار ئۆيلىنىش خېتى ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شېرزات تۇتۇلۇپ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى، مېھرايمۇ بويىدا قالغانلىقى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن چېكىندى، تاغىسى بىلەن ھاممىسى ئۇنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقاردى.......

  ......

   بىپايان شىركىتى. شېرزات باش دېرىكتور ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتى، ئالدىدا بىر مۇنچە ھۆججەتلەر بار ئىدى. ئۇ نازىيە بىلەن ئۆتكۈرنىڭ ياردىمىدە شىركەتنى ئوڭۇشلۇق ھالدا قولىغا ئېلىۋالغىنى بىلەن باشقىلارنىڭ شىركەتنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق ئەندىشە قىلىشىپ دىيىشكەن گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالاتتى.  ئۇ باش دېرىكتور بولغاندىن بۇيان خېلى كۆپ پاي چىكلار پېيىنى قايتۇرىۋالدى ۋە مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرمۇ كەينى كەينىدىن ئىستىپانامە سۇنۇشقا باشلىدى. ئىقتىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھەرقانداق كارخانىغا نىسبەتەن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش،  لېكىن سانى بەك كۆپىيىپ كەتسە بۇ كارخانا تەرەققىياتىغا ھەقىقەتەن پايدىسىز. بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئىستىپانامىلەر يەنە تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىپتۇ.  ئۈمىدنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن شېرزات شىركەتنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان ئىدى، ئۈمىد ئۇنىمىدى. ئۇ ئەمدى قالغان ئۈمرىنى خوتۇن بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلىدى. 

_ كىرىڭ! _ ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ئالدىدىكى بىر پارچە ئىستىپانامىنى ئېچىپ ئوقۇدى ۋە ئۈستەل ئۈستىگە تاشلىدى. 

_ بوپتۇ، كەتسە كەتسۇن، ھەممىسى كەتسۇن. ھەممىسىنى تەستىقلىدىم. 

_ باش دېرىكتور بولۇپ ئاچچىقىڭ بەك يامان بولۇپ كەتتىمۇ نىمە؟_ بۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ شېرزات دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. 

_ ئاچا! _ ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ئۈستەلدىن سەكرەپ ئۆتۈپلا ئاچىسىنى قۇچاقلىدى. 

_ كېلىدىغان ئادەم ماڭا دەپ قويساڭ بولماسمىدى، ئالدىڭغا چىقاتتىم ئەمەسمۇ.

ئەمەلىيەتتە فروزە ئىشىكتىن كىرگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ باش دېرىكتور بولغاندىن كېيىن قانچىلىك بېسىمغا ئۇچراۋاتقىنىنى ھېس قىلغان ئىدى.  ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا فروزە شېرزاتنى بەك چىڭ باشقۇراتتى ھەم ئامراقلىق قىلىپ ئەركىلىتىپمۇ قوياتتى. شۇڭا شېرزات ئاچىسىنى كۆرۈپلا كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ ئۇنى بوينىدىن قۇچاقلاپ تۇرىۋالدى. 

_ يېنىمدىن كەتمە، سېنى ئەمدى كەتكۈزمەيمەن. 

_ مەنمۇ سېنى چوقۇم مېنىڭ ياردىمىمگە موھتاج بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئاتايىن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىۋېتىپ يېنىپ كەلدىم مانا. ئۇكامغا ياردەم قىلمىسام كىمگە ياردەم قىلىمەن؟ 

دەل شۇ چاغدا كارىدوردا ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە يېقىنلاپ كېلىپ شېرزاتنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. 

_ شېرزات باش دېرىكتور. بۇ ياق كىم ئەمدى؟ _ ئۇ ئىشخانىغا كىرمەي تۇرۇپلا ئاچىسىنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ تۇرغان شېرزاتقا قاراپ چەكچەيدى. فروزە ئۇنىڭغا قارىدى. ئالدىدا تۇرغان بۇ قىز گىرىمنى ئېقىپ چۈشكۈچە قىلىۋالغان، كىيىۋالغان كىيىمى ۋە ئېسىۋالغان سومكىسىدىن ئادەتتىكى قىز ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. فروزە ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك ھېس قىلدىيۇ، لېكىن قەيەردە كۆرگىنىنى ئېسىگە ئالالمىدى. 

_ شېرزات، زۇمرەت جېنىمنى سېغىنىپ كەتتىم دەپ يېنىمغا بارامدىكىن دەپ يولىڭىزغا بەك قارىدىم،  قارىڭىزمۇ كۆرۈنمىدى._ ئۇ كىرىپلا كرىسلودا ئولتۇردى. فروزە شېرزاتنىڭ قوللىرىنى بوينىدىن ئاجرىتىپ ئۇمۇ بېرىپ ئولتۇردى. 

_ كىم سىزنى بۇ يەرگە كېلىڭ دېدى؟ نىمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ 

_ مەن كەلمىسەم يا سىز بارمىسىڭىز.  شېرزات، بۇ قىزنىڭ قەيىرى ياراپ قالدى سىزگە؟ يا چىراي دېسە چىرايى يوق، فىگور دېسە فىگورى يوق، مېنىڭ قولۇمغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىكەنغۇ. 

_ ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ.  مېڭىڭ كېتىڭ! _ دەپ ۋارقىرىدى شېرزات. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دومسىيىپ يۈگۈرگەن پىتى ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. فروزەنىڭ ئەمدى ئېسىگە كەلدى، زۇمرەت دېگەن بۇ قىز تور چولپىنى ئىدى.

_ كېلەر كەلمەيلا ئۇيۇنۇڭنى كۆرگىلى تۇردۇمغۇ مەن، نىمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ. 

_ ئاچا، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇنداقلا ئارىلىشىپ قويغان، ئۆزى چاپلىشىۋېلىپ بارىدۇ قارا.  بەك زېرىكتۈرىۋەتتى. 

_ سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ، ئەمدى بەڭباشلىقىڭنى تاشلا. مۇنداقلا ئارىلىشىپ قويغان دەپ مېھرايغا قىلغانلىرىڭنى باشقا بىرىگە قىلىپ سالما ھە. 

_ ماقۇل، ئاچا، گېپىڭنى ئاڭلايمەن. 

فروزە ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ھەيران قالدى،  شېرزات ھەقىقەتەن بۇرۇنقىدىن خېلىلا چوڭ بولغان ئىدى. 



ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k