
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 3 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
2 - قىسىم
كۈچلۈك ئوت ئۇنىڭ جىسمىنى كۆيدۈرگەن ئىدى ، ھەتتاكى روھىنىمۇ يۇتىۋەتكەن ئىدى…
بەش يىلدىن كېيىنكى بىر كۇنى ياردەمچى رۇزى قولىدىكى ماتېرىياللارنى قۇربان خوجايىنغا يەتكۇزۇپ بەردى ،
-قۇربان دىرىكتۇر ،بۇ شاڭخەي Hj گۇرۇھنىڭ سىزگە ئەۋەتكەن لايىھىلىگۈچىنىڭ ماتېرىيالى. گېپىگە قارىغاندا ئۇلار ئۇرۇمچىگە كېلىپ بولۇپتۇ . بىز ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا چىقايلى . بۇ لايىھىلىگۈچى دۆلەت ئىچى سىرتىدا خېلى نام چىقارغان . ئۇنىڭ لايىھىلىگەن ماشىنىسى نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنگە يارايدىكەن . بىز بۇ قېتىم.شاڭخەي HJ گۇرۇھتىكىلەر بىلەن ھەمكارلاشمىساق بۇ لايىھىلىگۈچى بۇ بۇ يەرگەكېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلمايدىكەن .
”ماقۇل“ قۇربان ئاستاغىنە مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى .
- توغرا بۇ بەك مۇھىم لايىھىلىگۈچى ،- ياردەمچى بېشىنى لىڭشىتتى ! بۇ لاھىيەلىگۈچى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇسابىقە ماشىنىسىنى لايىھىلەپ چىققان . ئۇنىڭ لايىھىلىگەن مۇسابىقە ماشىنىسى بىرىنچى دەرىجىلىككە ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭ لايىھىلىگەن ماشىنىسى تېخى بازارغا چىقماي تۇرۇپلا نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى . ئۇ ماشىنىغا قويۇلغان باھا ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى. بۇ قېتىم ئۆزى ئۇرۇمچىگە كەپتۇ، خوجايىنمۇ مۇسابىقە ماشىنىسىنى ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەگەربۇ قېتىم بۇ لايىگۇچىنى شىركەتكە ئېلىپ قالالىساق ، ئۇنداقتا .…قۇربان كۆزىنى قىسىپ قۇيدى ، ئۇ لايىھىلىگۈچىنىڭ ماتېرىيالىنى بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن . لايىھلىگۇچنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپلا ھاڭ تاڭ قېتىپ قالدى :
«رەنا…؟!»
ئەجەبا ئۇنىڭ ئىسىمىمۇ رەنامىكىنە ؟ ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى. قۇربان:
-ئۇنىڭ رەسىمى يوقمۇ؟
-يوق، HJ گۇرۇھى سوفيەنىڭ ئۇچۇرلىرنى ئىنتاين مەخپىي قۇغدايدىكەن، مەن ھەر خىل يوللار بىلەن سوفىيەنىڭ رەسىمىنى تاپالمىدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ بىر قابىليەتلىك گۈزەل، چىرايلىق ئايال ئىكەن• دىدى رۇزى…
ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى ، پۈتۈن شاڭخەينى زىلزىلىگە سالغان ئاپتوموبىل لايىھەلىگۈچى ھەقىقەتەن بىر ئايال ئىدى ! يەنە كېلىپ ناھايىتى چىرايلىق ئايال ئىكەن! بۇ ھەقىقەتەن لوگىكىغا ماس كەلمەيدۇ. قايسى بىر ئايال ماشىنىغا قىزىقىدۇ ! قۇربان ئاخىرى رۇزى نىڭ گۇمانى بىلەن ئۇ ماتېرىيالدىكى رەنا دېگەن خەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالىدى، . ئۈستەلنى چېكىپ تۇرۇپ ئۇيلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى بىلگىلى بولمايتى ، بىراق ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ھالىتى قەلبىدە نىم ئويلاۋاتقىننى بىلدۇرۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەندىشە چىقىپ تۇراتتى،ئۇ رۇزىغا :
-سەن ئۇرۇنلاشتۇر ،مەن لايھىلىگۇچىنى ئالغىلى بارمەن ،-دىدى .
بەش يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھېچكىم ئۇنىڭ جەسىتى تاپالمىغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بۇ كىشىنىڭ رەنا بولۇپ چىقىشغا زادىلا ئىشەنمىدى. جەسەت تەكشۇرگۇچى ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەچكە ھەممە يەر كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن، ئۇ بۇ ئىشلارنى بىر قۇر ئۇيلاپ چىقتى …لىكىن قۇربان بۇ لايىھىلىگۈچىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان ئىدى. رۇزى سەل ھاڭۋېقىپ قالدى،نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ بەش يىلدىن بۇيان قۇرباننىڭ تۇنجى قىتىم ئۆزى بىرىپ مېھمان كۈتۈۋېلىشى ئىدى .. نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمدىلا يېتىپ كەلدى. ماشىنا ئايرودرومغا كەلگەندە، رەنا يۈك-تاق ساندۇقىنى تارتىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدىن چىقتى. قۇڭۇر بۇدرە ئۇزۇن چاچ چىرايلىق يۇز… قاملاشقام بەدەنلىك بىرسىما ئۇدۇل تەرەپتىن كىلۋاتاتتى …ئۇنىڭ قىشىدا ئاخسا كىيم كەيگەن،تىرىسى ئاق ،كىرپىكلىرى ئۇزۇن بىر كىچىك ئۇماق بالا ئۇيناخشىنغىنچە كىرىپ كەلدى … ئانا بالىنىڭ بۇ ھالىتى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئىدى . ئەتراپتىكى كىشىلەر يىنىش- يېنىشلاپ ، ئۇلارغا قاراپ قوياتتى . … رەنا ئوغلىغا :
-ئەرفات، بۇ يەر دېگەن ئۇرۇمچى شاڭخەي ئەمەس. شۇڭا سەن كەپسىزلىكىڭنى تاشلاپ ، ماڭا ياخشى ئەگەش .… دىدى . ئۇ بالىسىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ تۇرۇپ . رەنا ئوغلىغا قارىغانسېرى ئوغلىنىڭ قول كۆتۈرگەندىكى ھەرىكىتى قۇرباننىڭ سىماسىنى ئەكىس ئېتەتتى .، بىراق ئۇ ئوغلى ئەرفاتنىڭ ئۆزىگە بەكرەك ئوخشىشىنى خالايتتى.
- ئاپا، دىدى ئەرفات: سىزگە نېمەبولدى؟
رەنا بارماقلىرىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ كاللىسىنى نوقۇپ تۇرۇپ: ئۇنداق ئادەم ئالدايدىغان چىرايىڭ بىلەن ماڭا ئەركىلىمە، سەن مېنىڭ ئوغلۇم، سېنىڭ قانداق قىلىقىڭ ماڭا ئايدىڭ، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، بۇ قېتىم ئۇرۇمچىگە كەلدۇق ، ياۋاشلىق بىلەن، جېدەل قىلما، ئاڭلىدىڭمۇ؟ دىدى .
ئوغلى يۇۋاشلىق بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى . رەنا ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ”سەن بىر ھىيلىگەر قۇرت . شۇڭا ئالدىنالا گەپنى دەپ ئەسكەرتىپ قويمىسام بولمايدۇ . بىز ماڭايلى . بىز ئاۋۋال ئايرودۇرۇمدىن چىقايلى . بىردەم تۇرۇپ پەرىدە ئاچاش تېلېفون قىلىدۇ ،بىز ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرىمىز ،
-ماقۇل دىدى .ئەرفات كۈلۈمسىرىگىنىچە . ئۇنىڭ كۈلۈشى پەرىشتىلەرگە ئوخشايتتى . رەنا ئۇغلىنىڭ قولىدىن تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭماقچى بولدى . توساتتىن ئەرفات بىرتونۇش سىمانى كۆردى . تەقى تۇرقى ئۇنىڭغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. ئۇ خۇددى تېنىگە سوغۇق سۇ تۆكۈۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتكەن ئىدى . بۇ ئادەم ھېلىقى قۇربان ئىدى ، رىۋايەتتىكى ئۇنىڭ دادىسى …ئەرفات ئوغرىلىقچە ئاپىسىغا قاراپ قويدى ئاپىسى بولسا ھە دەپ ، تېلېفون نومۇرى ئىزدەۋاتاتتى . ئۇ تۇيۇقسىز ئاپىسىغا :
- ئاپا ، قورسىقىم بەك ئاغرىپ كەتتى ئوبۇرنىغا بېرىپ كېلەي . بۇ يۈزلىرى قىزارغانچە قورسىقىنى تۇتۇپ تۇراتتى . ئاپىسى ئۇنىڭغا :
-ئۇنداقتا مەن سەن بىلەن بىللە باراي دېدى ھەم ئوغلىنى قۇچاقلاي دەپ تۇرۇشىغا ئوغلى سىلكىنىپ چىقىپ :
- ئاپا ، چىدىيالمىدىم، مەن ئۆزۈم بېرىپ كېلەي ، -دەپ يۈگۈرۈپ كەتتى . ئاپىسى ئۇنى يان تەرەپتە تېلېفون نومۇرى ئىزدىگەچ ساقلىماقچى بولدى …
-ۋەي پەرىيدە، مەن رەنا، مەن قايتپ كەلدىم، - تىلفۇندا پاراڭلاشتى ،پەرىيدە رەنانىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىدى ،بەش يىلدىن بۇيان ئۇلار ئالاقىنى ئۈزۈپ باقمىغان ئىدى .دوستنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇققان پەرىيدە تىلفۇندا جاۋاب قايتۇرۇپ :
-سەن ئايرىدۇرۇمدا بولساڭ مەن سېنى ئالغىلى باراي،
-بولدى دوستۇم مەن ئوغلۇم بىلەن بىللە كەلگەن. بىردەم تۇرۇپ تاكسى توسۇپ ئۆيۈڭگە بارساقلا بولدى ، ئاۋارە بولما ،
-سەن؟ - رەنا بىر تەرەپتىن ماڭغاچ ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلىپ بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتتى ،بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ ھەيران قالدى ھەم بىر نەچچە مىنۇتتا داڭقېتىپ تۇرۇپلاقالدى .
ئۇ قۇربان ئىدى .
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
قۇربان رەنانى كۆرگەن چاغدا، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ بەدەن شەكلى، مېڭىش قىياپىتى رەناغا ئوخشايىتى. ئۇ ئىختىيارسىز يان تەرەپكە مېڭىپ كەتتى، ياردەمچى رۇزى قاتارلىق ھەمىسى ھەيران قالدى ، قۇرباننىڭ ھىچبىر ئايال بىلەن بۇنداق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى ، بولۇپمۇ بەش يىل ئىلگىرى تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئشتىن كېيىن، ئۇ خۇددى مۇز ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى . ئۇ ئىختىيارسىز رەناغا قاراپ قويدى… رەنامۇ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چىرايى ناھايىتى مۇكەممەل ئىدى خۇددى سەنئەتكارلار ئويۇپ چىقارغاندەك،. .
بىراق قۇربان سەل ئۇزىنى ئوڭشىۋاغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭ قوشۇمىسى سەل تۈرۈلدى، قەدەملىرى ئىختىيارسىز كەينىگە چېكىندى، سوغۇققىنا:
- كۆزىڭىزگە قاراپ مېڭىڭ .، دېدى. رەنا سوغۇقنىنە كۇلۇپ قۇيدى . بۈگۈنكى كۈندە بۇ چىراي بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتى. ئۇ تېرىسى ئوتتا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولدى ، قورسىقىدىكى بالىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، توققۇز ئايلىق ئازاپقا بەرداشلىق بېرىپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى .ھەر يېرىم كېچىدە ئۇ قاباھەتلىك چۈشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، ھەر قېتىم كۆز يېشى بىلەن لۆڭگىنى ھۆل قىلىۋەتكىنىنى تېخى ئۇنۇتمىغان ئىدى . مانا ئەمدى باش جىنايەتچى كۆز ئالدىدا، ئۇنىڭ ئىختىيارسىز مۇشىلىرىنى تۈگىلىپ كەتتى ، قۇربان ھەقىقەتەن ئىپلاس ئىدى، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقىسى ئۇنىڭدىن سوراپ باققۇسى كەلدى . رەنا ھازىرغىچە ئۇنى ياخشى كۇرەمدۇ ؟دىگەندەك خىيال كالىسىدىن كەچتى … قارسا ئۇغلىنىڭ ساپاقلىق كەمپۈت ئۇنىڭ كاستۇم- بۇرۇلكىسىغا چاپلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدى ،ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-كەچۈرۈڭ، بايا سىزنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىڭىزنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەپتىمەن، بولمىسا مەن سىزگە بىرنى تۆلەپ بېرەي. تېلېفون بادۇ مەن پۇل ئىتىپ بىرەي ؟ رەنانىڭ ئاۋازى بىرئاز بوغۇق تۆۋەن ئىدى. قۇرباننىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى. كوڭلىدە ئۇ ئەمەس! چىراي ئەمەس، ئاۋازمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، رەنانىڭ ئاۋازى خۇددى سوپىسوپىياڭدەك جاراڭلىق، ئەمما كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايال چىرايلىق بولسىمۇ، ئاۋازى تۆۋەن ۋە بوغۇق ئىدى. بەلكىم باشقىلارغا نىسبەتەن، بۇ خىل ئاۋازنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇنىڭ چىرايى پۈتۈنلەي ئۇزگىرىپ كەتكەن ئىدى.
- ھاجىتى يوق.
ئۇ كاستۇم – بۇرۇلكىنى سېلىۋېتىپ، ئانچە يىراق بولمىغان ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇددى يىرگىنىشلىك ئەخلەتتىن بىرنى تاشلىۋەتكەندەك بولدى. رەنانىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ بەلكىم بىر بولۇشى مۇمكىن،رەنا سوغۇققىنە كۈلۈپ ئۇنىڭ سىماسىغا قارىدى، ھەمدە مىڭىپ كەتتى .ئۇ ئۆزىنىڭ پات ئارىدا كۈتىۋالىدىغان لايىھىلىگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە قانداق ئىپادە بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
قۇرباننىڭمۇ بىر ئاز ئاچچىقى كەلدى، نېمىگە ئاچچىقلانغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيتتى. ئۇ ئايال ئېنىقلا رەنا ئەمەس، بىراق نېمىشقا ئۇنىڭغا شۇنچە تونۇش تۇيغۇ بېرىدۇ؟ ياق، ئۇ ئەمەس! رەنا بوغان بوسا ئۆزى تەشەببۇسكار بوغان بولاتتى،. ئۇ رەنا نىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىنىق بىلىدۇ، بىراق بايىقى ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ھېچقانداق ھېسسىيات كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ كۆزى رەناغا ئوخشايتى ،قۇربان تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختىتىشىشغا ياردەمچى رۇزى بىر-بىرلەپ كۆزۇتۇپ ماڭغاچ قۇرباننىڭ دۈمبىسىگە سوقۇلدى،
- قۇربان دېرىكتور، كەچۈرۈڭ، -دىدى رۇزى ئۆزىنىڭ قاڭشارلىق بۇرۇنىنى سىلاپ ئالدىراپ كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنگەندىن كېيىن. ئۇ قۇرباننىڭ كۆزىنىڭ ئىزچىل رەنادا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. رەنا بىلەن قۇربان قىسقا ۋاقىت ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇدۇل تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ قەدىمى ۋە يول ماڭغان ھالىتى ...قۇربان كۆزىنى يەنە بىر قېتىم قىسىپ قويدى،
-سىز ئۇ ئايالغا قىزىقىپ قالدىڭىزغۇ؟ -قۇربان تۇيۇقسىز رۇزىغا ئالىيىپ قويدى،رۇزى دەرھال ئاغزىنى يۇمۇۋالدى:
- مەن تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ كېلەي.
قۇربان نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدى، تىت-تىت بولۇپ كەتتى ، ئۇ بىر ئۆرۈلۈپلا، تېز سۈرئەتتە ھاجەتخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. رۇزى قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىنى ناھايىتى ئاز كۆرگەچكە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالماي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. قۇربان ھاجەتخانىغا كىرىپ، جۈمەكنى ئېچىپ، سۇنى يۈزىگە چېچىپ، ئۆزىنى سەگىتىشكە باشلىدى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كىيىمىنى بىرى تارتقاندەك ھېس قىلغان قۇربان قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ، بۇرۇلۇپ قارىدى تەخمىنەن بەش -ئالتە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ كىيىمىنى تارتىتى، خۇددى دەيدىغان گېپى باردەك قىلاتتى "! . ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزى ئۇنى ئازراق تونۇيدىغاندەك ھېس قىلدۇردى.
- تاغا، سىز ماڭا ياردەم قىلالامسىز؟ ئەرفات خاتىرجەم ھالدا قۇربانغا قارىدى، ئۇ ئەرفاتنى كورۇپ بىردىنلا كۆڭلى يۇمشاپ قالدى.
- سېنىڭ ئاپاڭ چوڭلارچۇ؟
- ئاپام ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا كىرەلمەيدۇ! دىدى ئەرفات. قۇربان كۆز ئالدىدىكىگە ئىشەنمىدى ، تۇيۇقسىز ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتتى دە:- مەن نېمىگە ياردەم قىلىمەن؟
-ئىشتىنىمنىڭ سىيرىتمىسى قىسىلىپ قالدى، بەك تىت-تىت بولۇپ كەتتىم، تاغا، ماڭا ياردەم قىلىپ ئىشتىنىمنىڭ سىيرىتمىسىنى ئېچىپ بېرەمسىز؟ ئەرفات تەلمۇرۇپ قۇربانغا قاردى …ئۇنىڭ ئىككى پۇتى جىم تۇرمايتى…چۇنكى ئۇنىڭ بەكلا قىستاپ كەتكەن ئىدى…
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



