大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 4 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 4 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-01-23
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 5 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ





3
2
1



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


4 - قىسىم



شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورۇندۇقتىن بىرنى ئەكىلىپ ، ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ، ئۆزىنىڭ ۋە ئاپىسىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىم ئىشكاپىغا بىردىن بىردىن ئاستى .  تۇيۇقسىز سىرتتا پەرىدە ئاچاشنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

- رەنا قايتىپ كەلدىڭمۇ؟ قېنى ، مەن كۆرۈپ باقاي ، سەن ئورۇقلىدىڭمۇيوق .؟ پەرىدە ئاچاش كىرىپلا رەنانى قۇچاقلىدى  . ئۇ رەنانى كۆرگىنىدىن   شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى.  رەنا ئاچىسىغائوخشايدىغان بۇ دوستىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى .

- ئەخمەق قىز ، نېمىشقايىغلايسەن ؟ مەن ياخشى تۇرمامدىم مانا .  پەرىدەممۇ ئەگىشىپ يىغلىدى.   

-پەرىدە . جېنىم دوستۇم سېنى بەك سېغىندىم .

-بۇنىڭدىن ، كېيىن كەتمە ،مەن سېنى باقاي دېدى!

- ماقۇل ، مەن ۋاقتىنچە سېنىڭدىن ئايرىلمايمەن،  بۇ قېتىم مەن ساڭا مېنى بېقىشقا پۇرسەت بېرەي .دىدى رەنا چاقچاق قىلىپ  .ئۇلار شۇنداق يىغلىشىپ ، بىر بىرىنى سېغىنىشىپ كۆرۈشتى .  رەنا پەرىدەنى ياتاق ئۆي تەرەپكە باشلىدى  ئوغلىغا :

-ئەرافات ، پەرىدە ئاچاڭغا سالام قىلغىن .

رەنا ئىشىكتىن كىرگەندە ئەرافات ئۈستەلنىڭ ئۈستىگەچىقىپ ، كىيىملەرنى ئېسىۋاتاتتى .  ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىگە ئەرافات ھودۇقۇپ كېتىپ ، ئۈستەل دىن يېقىلىپ تۇرشىغا .  ئېھتىيات قىل .  رەنا ئالدىدابىر قەدەم مېڭىپ بالىسىنى تۇتۇۋالماقچى بولدى . پەرىدە مۇئەللىمۇ  بوش كەلمەي بالىنى تۇتۇۋالماقچى بولدى   لېكىن ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا يەرگەيىقىلىپ چۈشتى .  پەرىدە مۇئەللىم   ئەپچىللىك بىلەن يىقىلىشتىن بۇرۇن  ئەرافاتنى تۇتۇۋالغان ئىدى .  ئەرافاتنىڭ ئاپپاق بويۇنلىرى  پەرىدەنىڭ قوينىدا ئىدى ، پەرىدە ئۇنى كۆرۈپ :

- رەناغا ئوغلۇڭ بەك كېلىشكەن ئىكەن ،- دېدى .  پەرىدە گەپنى دەپ بولۇپ ئەرافاتنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى .  ئەرافات   خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى  :

- سەن قېرى خوتۇن نېمىشقا مېنى سۆيىسەن ؟ - كىچىك بالىنىڭ بۇ گېپى بىلەن پەرىدەنڭ كۆڭۈلىنى سۇغۇق سۇ سەپكەندەك بولدى.

-  قۇربان خوجايىن جىددىيلەشمەڭ. بىز بۇ ۋىدىئونى تىزگىنلىمەكچى بولۇۋاتىمىز .    لېكىن ، كومپيۇتېر تورئارقىلىق   ۋىروسلىنىپ كەتكەن بولغاچقا.  كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى كومپيۇتېرنى ئوڭشاۋاتىدۇ .   

-بۇ قايسى ساراڭنىڭ ئىشى ؟ مۇشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ   ئەدىبىمىزنى بەمەكچىمۇدۇ؟ - ياردەمچى روزىنىڭ گېپى  قۇرباننىڭ قاپاقلىرىنى تۈرگۈزىۋەتكەن ئىدى.  ئەجەبا بىرسى بۇ ئىش ئارقىلىق قۇربانغا تاقابىل تۇرماقچىمىدۇ ؟

قۇربان ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر قۇر ئويلاپ چىقتى .  ئۇ ھېلىقى كىچىك بالىنى ئويلىدى  .  ئۇ بۇبەش ئالتە ياشلىق كىچىك بالا ، بۇ ئىشنى قىلالمايدۇ دەپ ئويلايتتى .    لېكىن بۇ ئىشنى شۇ كىچىك بالىدىن باشقا   كىم ئۇقىدۇ ؟  ئۇ ئويلىغانسېرى قايمۇقۇپ قالدى      ئۇ چاپىننىڭ تۈگمىسىنى بوشىتىپ ،سەل ئازادە بولدى .

قۇربان دەرھال ئېغىز ئاچتى . سوفيە كەلدىمۇ؟  قۇربان ئاتايىن ئايرودرومغا سوفىيەنى ئالغىلى بارغان ئىدى .  لېكىن ، سوفىيەنىڭ   قانداقلىقى ئۇنىڭغا نامەلۇم ئىدى .  ئۇ ياردەمچى   روزىغا تاختاي كۆتۈرۈشكە  ھاۋالە قىلغان .  لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلمىدى .  رۇزى دەرھاللا تېمىنى يۆتكەپ :

- خوجايىن سوفىيە ئاللىقاچان ئۈرۈمچىگە كېلىپ بولدى.  ھېلىقى شاڭخەي گۇرۇھىدىن  ئاللىقاچان   بىزگە ئۇچۇر كېلىپ بولدى.  بەلكىم ، بىز كېچىكىپ بارغاندىمىز .

- نىملا بولمىسا بىز لايىھىلىگۈچىنىڭ يۈزىنى دەپ ئۇنى ئالغىلى باردۇق .بىز خىلى ئۇنىڭ ھۇرمىتىنى قىلدۇق …دىدى  قۇربان دەرھاللا ،- سەن ئاۋۋال توردىكى ۋىدىئونى بىر تەرەپ قىل.  ئەگەر يەنە بىر تەرەپ قىلمىساڭ ، ئۆزۈڭگە بىر قەبرە ياسىتىۋال ،سېنى ئۇزىتىپ قويىمەن،  يۇقال چىقىپ كەت ،-دىدى   قۇربان روزىنىڭ گېپىنى بولۇپ.  رۇزى گەپنى ئاڭلاپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى .  روزى تەكشۈرۇگەندىن كىىيىن  ئۇنىڭ سىستېمىغا بىر قارا مېھمان ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆردى .  قۇربان ئىشخاندا  ئولتۇرۇپ كومپيۇتېرنى ئاچتى .  دەرۋەقە مەلۇم بىرسى ئۇنىڭ   كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى .  ئىشنىڭ چوڭ يېرى شۇكى   شىركەت   ئالاقىدار  سىستىمىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچۇرغان ئىدى …زادى كىم ؟  قۇربان كومپيۇتېرغا     سىستىمىنى ئەسلىگەكەلتۇردىغان  سان سىپىرلانى كىرگۇزدى ،لىكىن ئۇنۇمى بولمىدى .

ئەرفات پەرىدەنىڭ ھۇجۇررىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكى كۆرۈپ.  دەرھال   كومپيۇتېرنى ئاچتى .ھەمدە بىرىنىڭ ئۇنىڭ ھۇجۇم پىرۇگىراممىسىغا  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۇردى كومپىيوتېر دابىردىنلا قىزىل  رەقەم كۇرنۇشكە باشلىدى .ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۇرلۇپ كەتتى …قۇربانىڭ شىركىتىدىمۇ بۇنچىلىك ئەقىللىق ئادەم بارلىقىغا ئەقلى يەتمەيتى،ئەرفات تىزلىكتە كومپىيۇتىرنى يەنە بىر خىل پىرۇگىرىمما  كىرگۇزدى…قۇربانمۇ بوش كەلمىدى …ئۇنىڭ تور يولىدا ماڭغان يولىنى قۇلۇپلاپ قۇيدى …كىم بۇلىشىڭدىن قەتنى نەزەر مەن سىنى قىزىپ چىقىمەن دىدى …قۇرباننىڭ قاپاقلىرى تۇرۇشتىن توختىمايتى …ئۇئۇزى قۇل تىقىپ بۇ قارا مىھماننى ئىزدەپ تاپماقچى بولدى .لىكىن كوڭلىدە بۇ ھۇجۇمچىنىڭمۇ بۇش  ئادەم  ئەمەسلىكىنى بىلگەن ئىدى …ئەرفات ئوزىنىڭ پىرۇگىرمىسىى بايقالغاندىن كىيىن ،ئۇزىنىڭ  تور يولى قۇلۇپلىنىپ قالدى …چاتاق بولدى …سىزلىپ قالدىم …ئۇلار مىنىڭ ئورنۇمنى تىپىۋالسا بولمايتى  …ئەرفاتمۇ ئەقلىنى ئىشىلتىپ  كومپۇتىرغا باشقا بىر تور ئۇلىغۇچنى چاتتى …كومپۇتىردا ”دىد“ ئاۋازنىڭ چىقىشى بىلەن  ئۇنىڭ مامۇ پىروگىرىمىسى بۇزۇلغان ئىدى …قۇربان  ئۇنىڭ تور يولىغا قۇلپا سىلىپ قۇيغان ئىدى …قۇربان  ئۇ تور يولىنى كوروپ

-قايسىڭ با ،تىز كىرىش!

ياردەمچى رۇزى تىز سۇرئەتتە كىرىپ كەلدى :

-خۇجايىن …

-رۇزى تىز ئىنىقلا!؟  

-بۇ ... بۇ تور يولى ئادىرس  زادى نەدە ئىكەن …رۇزى تەكشۇرۇپ  ھاڭتاڭ قالدى ھەم قۇربانغا:

- باشلىق بۇ سىزنىڭ بۇرۇنقى ئوينىڭ  ئادىرسى ئىكەن، -رۇزى كىكەچلەپ كەتتى .  قۇرباننىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىخمۇ ئاچىقى كەلدى  :

-رۇزى …

-راست خوجايىن …سىزنىڭ بۇرۇنقى ئۇينىڭ ئادىرسى

-مەن بۇرۇن بۇ تور يولىنى ئۆز قولۇم بىلەن بىكىتكەن ئىدىم …

قۇربان جىمدە بوپ قالدى بەلكىم بىرەسى تۇر يولىنى ئۇزگەرتىۋەتكەن گەپ …ئۇنىڭ جەمەتىدىكەر بۇنداق قىلىشقا پىتىنالمايدىغان تۇرسا!؟ …

-تىز بول كىم بولىشىدىن قەىتنئى نەزەر بۇ ۋىيدىۇنىڭ كىمنىڭ تارقاتقانلىكىنى ئىنىقلا …

رۇزىنىڭ زىمىسىگە ئىغىر يۇكتىن بىرى چۇشكەن ئىدى …قۇربانمۇ ئەسىرەپ تۇرغىنچە ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرۇپ قالدى …

ئەرفات ئۇزىگە : - تاس قالدىم ئاباي بايقىلىپ  قالغىلى ،بۇندىن تىخىمۇ پەخەس بولسام بولغۇدەك .

-تاماق يەڭلا ئاپىسنىڭ  ئاۋازى ئاڭلاندى …ئاپىسنىڭ گىپى ئۇنى چۇچتىۋەتتى ھەمدە ئىشىكتىن كىرشىگە تىزلىكتە كومپۇيۇتىردا ئۇيۇن ئۇينىغانلىق ئىكراننى چىقىرىشقا ئاران  ئۇلگۇردى :

- ماقۇل ئاپا …ھازىر چىقاي …

رەنا ئېكراننى كۇرۇپ :- ساڭا نەچچە قىتىم ئىيىتتىم ئاز  ئۇينا ئۇيۇننى …بىردەم تۇرۇپ  پەريىدە ئاچاڭدىن كەچۈرۇم سورا،- دىدى .

ئەرفاتنىڭ قاپىقى تۇرۇلدى :

-ئاپا خاتالىشىپ قالمىغانسىز؟ مەن ئۇنىڭدىن كەچرۇم سورامىدىم  

ئۇ مىنى باشتا بوزەك قىلغان تۇرسا ،-ئەرفات ئۇۋاللىققا ئۇچۇرغاندەك كوزلىرى بىلەن ئاپىسغا قاراپ.

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

- مەن سىنىڭ ئاپاڭ ،پەرىيدە ئاچاڭ سىنىڭ ئۇقۇتقۇچۇڭ ، ئۇنىڭغابۇنداق مۇئامىيلە قىلسا ياخشى بولمايدۇ .ئەمەلىيەتتە پەريدە ئاچاڭمۇ سىنى بەك ياخشى كۇرىدۇ.

-ماقۇل ،مەن كەچۈرۇم سوراي .

ماقۇل …

ئەمەلىيەتتە پەرىيدەمۇ ئەرفاتنى ياخشى كۆرەتتى . دوستىنىڭ يۇزىنى دەپ ئۇ جىق گەپ قىلمىغان ئىدى .شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇ كىچنى كۇلكە چاقچاق بىلەن ئۇتكۇزدى . ئەتىگىنى رەنا ئورنىدن تۇرشىغا ئەرفات ئالىقاچان ئۇرنىدىن تۇرۇپ  ناشتىلىق ئەكىرىپ ئۇستۈلگە تىزىپ بولغان ئىدى …

-ئاپا خەيرىلىك سەھەر

-ئەرفاتنىڭ تەرققى تۇرقى قۇربانغا ئوخشايىتى .لىكىن قۇربان ئۇنىڭغا بىرەر قىتىممۇ كۇينۇپ باقمىغان ئىدى . ئەرفات ئۇنىڭ يۇلەنچىكى ،ئەڭ يىقىن ئادىمى ئىدى …

-خەيرىلىك سەھەر…رەنا ئوغلىنىڭ بىشىنى سىيلاپ قۇيدى ،پەرىيدە سىرىتىكى پاراڭنى ئاڭلاپ: جىنىم دوستۇم سەن نىمدىگەن قالتىس …ئەتىگەندە بىرمۇنچە ناشتىلىق تەييارلاپسەن،ئىسىل دوستۇمدە سەن …ئاخىر ناشتىلىق يەپ دەرسىگە چققىىدىغان بولدۇم ،-دىدى خۇشال بوپ .ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئەرفاتنىڭ قاپىقى تۇرۇلدى :

-ئاپا مەن راستىلا پەريدە ئاچامنىڭ يەسلىسىدە ئۇقامدىم …دىدى نارازى بوپ .

- كىچىك سولتەك ،نىم دىگىنىڭ بۇ ؟مەن دىگەن مەكتەپتىكى خىلى كوزگە كۇرۇنگەن ئۇقۇتقۇچى

-ئۇتۈپ بارە ،-دىدى ئەرفات ئاچىقىدا  كويزىنى ئىلىپ.ئاندىن  تاماق يىيىشكە باشلىدى.پەرىيدەنىڭ سەل  ئاچچىقى كەلدى  :

-پەرىدە مەن قاچا قۇچىلارنى يىغۇشتۇرۋىتىپ قۇرباننىڭ گۇرۇھىغا تىزىملاتقىلى با رىمەن …

-رەنا سەن تويمىدۇڭمۇ؟ -رەنا گەپنى دىگنىچە تازلىق ئۇيگە كىرىپ كەتتى …ئەتىگەندىكى نارازلىق سەل بىسىقاندىن كىيىن ئەرفات يەنىلا پەرىيدە بىلەن يەسلىگە كەتتى . رەنا بولساقۇرباننىڭ گۇرۇھغا ماڭدى  

ئۇلار توي قىلغان سەككىز يىل مابەينىدە ئۇ پەقەت گۇرۇھنىڭ ئىسلزادى خانىمى-قۇرباننىڭ ئايالى ئىدى .لىكىن ئەزەلدىن شىركەتكە كىرىپ باقمىغان . لىكىن ھازىر ناتۇنۇش چىراي بىلەن ئۇ شىركەتكە كىرىپ كېتۋاتاتتى، قۇربان بۇنى ئۇيلاپمۇ يىتەلمەيتى .رەنا ئۇزىنى تۇزەشتۇرۋالغاندىن كىين :قوغدىغۇچى  ئۇنىڭغا :

-خىنىم كىمنى ئىزدەيسىز؟- دىدى ھەمدە ئۇنى توسىۋلدى

-مەن قۇرباننى ئىزدەيمەن .مەن شاڭخەي گۇرۇھى ئەۋەتگەن لايىلىگۇچى …ئىسمىم سوفىيە ،-ئۇ گەپنى دىگەچ سۇغۇققىنە بىرنى كۇلۇپ قۇيدى.قوغدىغۇچى گەپنى ئاڭلاپ،-خىنىم سەل ساقلاپ تۇرۇڭ …مەن خۇجايىغا خەۋەر قىلاي،

-ماقۇل ،-دىدى رەنا شۇنداق دىگىنچە ئىشىك يىندا ئۇنى ساقلاپ تۇردى. بۇ ۋاقىتتابىر تۇنۇش ئاۋاز ئۇنىڭ كەينىدىن  ئاڭلاندى  

-كاتىپ خىنىم …قۇربان خىزمەتكە  كەلدىمۇ ؟ئۇ ئەتىگەن تاماق يىمەي ماڭغان ئىدى …مەن ئۇنىڭغا ناشتىلىق ئەكەلگەن ئىدىم …بولدى مەلۇم قىلماڭ …مەن ئۇزۇم ئاچقىپ بىرەي ،- مۇنىرە كۇلگىنىچەتاماقنى ئىلىپ مىڭىشقا تەمشەلدى .بەش يىل بوپتۇ شۇنداق چىرايلىق بەدەن ئۇزگەرمەپتۇ…رەنا بۇنى كۇرۇپ سەل ئۇزىنى ئۇڭشىۋالغاندىن كىيىن مۇنىرە دەرھال رەناغا قاراپ …

-سىزكىم ؟نىم ئىشىڭىز با،سىزمۇ قۇرباننى ئىزدەپ كەلمىگەنسىز ؟ - مۇنىرەنىڭ ئاغزىدىن گەپلەر پىلمۇتتەك چىقىپ كىتىپ باراتتى .رەنا چىرايلىق بولوپ كەتكەن ئىدى …مۇنىرە بىرخىل ھەسەت قىلغاندەك نەزەردە رەناغا قارايتى .رەنا راسلا بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق بولوپ كەتكەن ئىدى …تۇرۇپلا مۇنىرە ئاچچىقلىنىپ قوغىغۇچىغا :

-بۇ ئايال بۇ يەردە نىمىش قىلىدۇ …دەرھال بۇ ئايالنى ھەيدەپ چىقىرىىڭلار دىدى

مۇنىرە رەنانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى ،لىكىن رەنا ھىشنىمە دىمەي كۇلۇپلا قۇيدى …

ئۇ بىردىنلا قاپىقىنى تۇرۇپ كەسكىن ھالدا :

-سىز كىمۇ ؟ سىز بۇ گۇرۇھنىڭ نىمە ئادىمى؟ نىمگە ئاساسەن مىنى قۇغلايسز؟قۇرقۇنچاق رەناننىڭ بۇ ۋاقتىدىكى كەسكىن گىپى مۇنىرەنىڭ زىتىغا تەگدى ، لىكىن رەنانىڭ ھەممە خاراكتىرى ئزگەرگەن ئىدى.


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0