
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 13 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
12 - قىسىم
رەنا سەل ئۇزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن كەيپىياتى سەل جايىغا چۇشكەن ئىدى ، ئۇ كۆزدىكى ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ، ئورنىدىن تۇرۇپ پەشتامنى تاقاپ قۇربان قۇر چالا قورۇغان سەيلەرنى بىردىن قورۇشقا باشلىدى ،نېمىلا بولمىسۇن ئاشلىقنى ئىسراپ قىلسا بولمايتتى . بىر ئازدىن كېيىن پەرىدەمۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدى ، ئۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ ئەرافاتمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلدى . قۇرباننىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى نىمى بولغانلىقىنى ئۇلارغا دىمدى. قۇربان قايتىپ كەتكەندىن كېيىن كەلمىدى . ئەتىسى رەنا ئەرافاتقا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشقا چىققان ئىدى مەقسىتى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ئىدى ئۇ ئوغلى بىلەن ماشىنا بازىرىغا بېرىپ بىر ماشىنا سېتىۋالدى
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى. قۇربان تورغا لايىھىلىگۈچى سوفىيەنىڭ مەخسۇس قۇرباننىڭ گۇرۇھىغا كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن چىن قەلبىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا مۇنىرە تەرىپىدىن تەڭقىسلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ، شۇ سەۋەپبتىن شىركەتتىن ئايرىلغانلىقىنى ،بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىش بولمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ۋىدىئو تارقاتتى . بۇ قىتىملىق ۋىدىئۇ مۇنىرەگە ئوت ئۇستىگە ياغ چاچقاندەك ئىش بولدى .پۇتكۇل ئۈرۈمچى خەلقى بولسا مۇنىرەنى بىر قائىدە ئۇقمايدقغان جىدەلخور ئايال . رەنا بولسا ناھايىتى بىلىملىك، كەڭ قورساق ئايال دەپ تۇنۇپ كەتتى .بۇ ئىش مۇنىرەگە بەك ھار كەلگەن ئىدى . مۇنىرە بۇ ئاھانەتكە چىدىماي ھەتتا ئىشىكتىنمۇ سىرىقا چىقالمىدى .ھەم ئاچىقىدا قۇرباننى ئىزدىدى :
- قۇربان بۇ نىم قىلغىنىڭىز ؟مىنى ھەمىمە خەخلەر زاڭلىق قىلۋاتىدۇ ؟
قۇربان كۇلۇپ قۇيۇپ:
-نام ئەمەلنى ئىلىپ ئىيىتساق سىنى قانداقمۇ لاھىلىگۇچى سوفىيە بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولسۇن . ھازىر شىركەتننىڭ ھەر بىر تۇرگە لاھىلىگۇچى سوفىيە مەسئۇل .ئەگەر ئۇ قىلمىسا شىركەتكە قانچىلىك زىيان ئىلىپ كىلدىغانلىقىنى بىلەمسەن ؟
قۇرباننىڭ بۇ گىپى مۇنىرەنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپلا قۇيدى، گەرچە مۇنىرە قۇربانغا نىسبەتەن ھىچقانداق رولى بولمىسىمۇ لىكىن بۇ ئىش رەناغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئۇ ئىككىسىنىڭ تىلى بىر دەپ ئويلىدى . پەرىدە بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن رەناغا دىدى . رەنا :
-كارىڭ بولمىسۇن بۇ خەۋەرگە ئەجەبلىنىپ كەتمە دىدى .
ئەرفات قۇرباننىڭ بۇ قىلىغىننى كوروپ گەرچە ھېچنىمە دىمسمۇ لىكىن كوڭلىدە خىلى تەسەللى تىپىپ قالغان ئىدى .كوڭلىدە بۇ ئادەمنىڭ خىلى ۋىژدانى با ر ئىكەن ،ئاپامنى دىمەيدىغان بولسام ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا رەھىم قىلمايتىم .سىرىتىكى كىشىلەرنىڭ گەپ سوزلىرى بىسىلمىدى لېكىن رەنا ئويدە جىم ئولتۇرۇپ كىسلىنى داۋالاتتى . ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە رەنا بىر مۇنچە قىزىل گۈللەر تاپشۇرۇۋالدى . پوچتىكەشنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ قىزىل گۈللەرنى قۇربان دېرىكتور ئەۋەتكەن ھەم ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى تېزراق ئەسلىگە كەلسۇن دەپ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ كورۇپ شۇنداق ھەيران قالدى ، بۇرۇن رەنا قۇربان بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا بىرەر قىتم سوغات سوغا قىلىپ باقمىغان ئىدى ،گۇلنىغۇ دىمەيلا قويسۇن . بۇرۇن قوشنىسى ئۇنىڭغا توقسان توققۇز قىزىل سوغا قىلىپمۇ ئۇنىڭ كوڭلىنى ئالالمىغان .ئەرفات گۇللەرنى كۆرۇرپ بىر ئاز ئاچچىقى كەلدى ھەمدە ئاپىسىغا :
- ئاپا سىزنى بىرەسى قوغلىشىۋاتامدۇ؟ مىنىڭ ئوگەي دادام بولامدۇ؟
رەنا :
- قالايمىقان جويلىمە!چوڭلارنىڭ ئىشىغا كىچىكلەر ئارلاشمايدىغان بىرپ ئۆگۇنىشىڭنى قىل !-دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ .
رەنا ئەرفاتننى ھۇجۇرسىغا قايتۇرەتكەندىن كىيىن پوچتالىيۇن ئەۋەتكەن گۈلنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشۋەتتى .بۇنى ئەرفات ئۇينىڭ ئىچىدىكى تىلكامىرادىن كوردى.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
شاڭخەي Hj گۇرۇھى بىلەن قۇربان گۇرۇھى يىڭى تىپتىكى دالا يۇزدىكى مۇسابىقە ماشىنىسىنى يۇرۇشتۇرۇپ ھەمدە يۇزلەندۇرۇنش توغرىسىدا توختان تۇزۇلدى . لاھىلىگۇچى سوفىيە ھازىرلا قۇربان گوروھىنىڭ ماشىنا لايىھەلەش ئۇرنىغا بىرىپ ئوز كوز قارشىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ بۇ قېتمقىسى ئۇرۇمچى مىقياسىدا تۇنجى قىتىملىك ھەمكارلىق ھىسابلىندۇ .مۇخبىرلارنىڭ دەل ۋاقتقدا مەيدانغا بىرىپ سۇرەتكە ئىلىشى سورايمىز ، ئەۋەتتە لاھىلىگۇچى خىنىمنىڭ خىزمىتىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا، رەخمەت !
رەنا خەۋەرنى كۇرۇپ ھەيران قالدى ، كوڭلىدە «بۇ ئىپلاس قۇرباننى زە ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ لاھىيە پىلاننى ئىلان قىلىدۇ ؟ ئۇ بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۇرگەندىن كىيبن ئەگەر ئۇ بارمىسا ۋاقتى كەلگەندە تۆكۈلدىغىنى ئۇنىڭ يۇزى بۇلۇپلا قالماستى Hj گۇرۇھىنىڭمۇ يۇزى ئىدى !
رەنا دەرھال سائەتكە قاردى ،سائەت ئالىقاچان سەككىز بولغان ئىدى،ئەگەر يوللاردا ماشىنا تۇسۇلمىسلا ئۇ ئاران ئۇلگۇرەتتى لىكىن ،ئەزەلدىن قۇربان گۇرۇھىنىڭ ماشىنا لاھىلەش ئىش قۇشۇش ئورنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى .دەل بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئۇنىڭغا ئورنىنى ئەۋەتتى ھەمدە ماشىنا ھەيدىگەندە ئىھتىيات قىىلىشىنى جىكىلىدى . رەنا كوڭلىدە :
-ھۇ ئەبلەخ!
قۇرباننىڭ روھى ھالىتى خىلى ياخشى ئىدى ياردەمچى روزى بولسا يان تەرەپتە تۇرۇپ ئەھۋالنى كۇزتىۋاتاتى،لىكىن قۇربانغا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمىدى ،رەنا كەلسىلا ئۇ ھەممە ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇراتتى . مۇنىرە بىر ھەپتە بولدى توختىماي قالايمىقان چۇش كوروپ ئۇيغۇنۇپ كەتكەن ئىدى ، بەش يىل بۇرۇنمۇ قۇربان ئۇنىڭغا خۇددى ئۇيۇل تۇتقان مۇزدەك مۇئامىيلە قىلسىمۇ ئۇ كوڭلىدە ياخشى مۇئامىيلىسى مۇھەببىتى ئارقىلىق ئىرىتىشنى ئويلىدى . ھەمدە ئۇ ئۇزىنى قۇربان ئائىلسىنىڭ بىر ئائىلە باققۇچىسى دەپ ھىسابلاپ كەلگەن ئىدى ،لىكىن قۇربان ئۇنىڭغا ئىزچىل ياخشى مۇئامىيلە قىلماي كەلدى . لاھىلىگۇچى سوفىيەگە بولسا شۇنچىلىك قىزغىن ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭغا دەستىلەپ گۇل سوغا قىلغانلىقدىنمۇ خەۋرى بار ئىدى .گەرچە قۇربان ئۇنى مۇنىرىگە دىمگەن بولسىمۇ لىلىن مۇنىرەنىڭ كوڭلىدە ئىزچىل نارازلىق ئەكىس ئىتەتتى . ھەمدە كوڭلىدە رەنا ئىچى ئىچىدىن ئۆچ بولوپ كەتتى . بىرقاتار پىلانلارنى تۇزۇپ قۇيدى . مەيلى بۇ ئايال قانداق ئادەم بولسۇن ،قانداق نامغا ئىگە بولسۇن ،ئائىلە كۇرنىشى قانداق بولسۇن قۇربان ئۇنىڭغا نىمىشقا شۇنچە يىقىنچىلىق قىلىدۇ ! نىمىشقا ئۇنى شىركەتكە ئىلىپ قالىدۇ ؟ ئۇ مۇ توردىكى قۇربان ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى قۇرباننىڭ ماشىنغا ئىش قۇشۇش مەيداننى ئۇمۇ بىلەتتى ،ئۇ ۋاقىتتا قاراپ تىز سۇرئەتتە مەيدانغا يىىتىپ باردى .قارسا مەيدان ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى .ئۇ ئادەملەر ئارسىغا كىرىپ كەتتى .
رەنا زاۋۇت مەيدانىغا بىرىپ قۇرباننى كۆردىدە ئاچىقىدا : -بۇ سىزنىڭ نىم قىلغىنىڭىز ؟ -دەپ ۋاقىردى . ئەتراپى لىق ئادەم بىلەن توشقان ئىدى. ئادەملەرنىڭ كوزلىرە قۇربان بىلەن رەناغا تىكىلدى ،رەناننىڭ رەسمىي ئاچچىقى كەلگەن ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇ رەنانىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ كۇلۇپ تۇرۇپ :
- سىز شاڭخەي HJ گوروھىغا ۋاكەلىتەن بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ مىنىڭ ماشىنا مەيدانىغا كەلدىڭىز ؟سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ،سىز ئىش مەيدانىمغا ماشىنا لاھىللەش توغرىسىدا كۆز قارشىڭىزنى دىسىڭىز بولىدۇ .مەن سەۋەپسىزلا سىزنىڭ لايىھىلىگەن ماشىنىڭىزدىن بىرنى سېتۋالدىم ، ھىچقانداق مەسلە يوق ! لېكىن سودا ساھەسىنى ئىلىپ ئىيىتساق سىزنىڭ لاھىيەرىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرپ باققۇم بار ؟ سىزنىڭ ماڭا قانچىلىك پىكىرىڭىز بولسۇن بىز دىگەن بەرىبىر ھەمكارلاشتۇق ، خىزمەتنى ياخشى قىلشىڭىز كىرەك ! يەنە كىلىپ بىر ھەپتە بولدى ،سالامەتلىكىزمۇ ئەسلىگە كەلدى ؟
قۇرباننىڭ بۇ گەپلىرى رەنانىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپلا قويغان ئىدى.ئۇ ئاچچىقىدا قاپىقىنى تۇرۇپ قۇربانغا قاردى قۇربان :
-بولدى ،بۇگۇن بۇيەرگە ئاز مۇخبىر كەلمەپتۇ؟ سىز يەنە غەلۋە قىلسىڭىز بىزنى ئۇلار كىشلىك مۇناسىۋەت ئىشلىردا مەسلىسى بار ئىكەن دەپ قالمىسۇن ؟ قالغان ئىشلارنى كىيىن دىيشىلى ؟ دىىگىنچە رەنانىڭ قولىدىن تارتىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى . رەنا تىركىشكەن ئىدى لىكىن قۇلىنى ئاجىرتالمىدى .ئەتراپى مۇخپىرلار بىلەن تولغان ئىدى . ئۇلار بىر بىرىگە قاراپ باشلىرنى چايقاشتى .رەنا قۇرباندىن ئوچ ئالاي دىسىمۇ ھازىر مۇمكىن بولمايتى ھەممە ئىشلار بىردىنلا قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى . مۇنىرە ئۇنىڭ رەنا نى قۇلىدىن تارتىپ ئەكىرىپ كەتكەنلىلىنى كۇرۇپ ئاچچىقىنى ئىچىگە پاتۇرالمىدى . مۇخبىرلارمۇ ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، خۇددى توي بولۇۋاتقاندەك قىستىلىشىپ ئارقىدىن كىرىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ، قۇربان تۇيۇقسىز خۇددى سەككىز يىل ئىلگىرى رەنا بىلەن توي قىلىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدى . ئەتراپ لىق ئادەمگە تولغانىدى . رەنا قۇرباننىڭ خوش بولوپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا پاشنىلىق ئايىغى بىلەن قۇرباننىڭ پۇتىغا كۈچەپ دەسسەپ قويدى .“ تاس ” ئاۋاز چىقىپ كەتكەن ئىدى . قۇربان ئاغرىقنىڭ تەسىردە تاس قالدى ئۇزىنى يۇقتىپ قويغىلى . ئۇ سۇسلا رەناقاراپ قويدى . رەناننىڭ چىرايى ئاچىققا تولغان ئىدى ،لىكىن ئۇنىڭ نىم مەخسىتى بارلىقىنى چۇشۇنەلمىدى ،لىكىن ئۇنىڭ پۇتى ناھايىتى ئىچىشىپ ئاغىرۋاتاتتى .لىكىن ئۇ بىلنىشتۇرمەي ھىچ ئىش بولمىغاندەكلا جىم تۇراتتى. رەنانىڭ ئۇنىڭ سەتلەشكەن ھالىتىنى بەكمۇ كورگىسى بار ئىدى، لىكىن ئۇنىڭ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ھالىتى ئۇنىڭ بەدىننى تىترەك ئولاشتۇرەۋەكەن ئىدى . ئۇ ئەسلىدە قۇرباننىڭ قوينىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان ئىدى، لېكىن قېرىشقاندەك قۇربان ئۇنىڭ بىلىكىدىن مەھكەم تۇتۇپ، باغرىدا چىڭ تۇتتى:
-بۇياق ماشىنا لاھىلىگۇچى سوفىيە خىنىم بولىدۇ ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كۆپچىلىك كۆپچىلىك بىلەن ئۇچرىشىشى ، شۇڭا ئۇ بىر ئاز خىجىل بولوپ قالغان چىغى، توغرا چۇشۇنىڭلار . بىز بىردەمدىن كېيىن ماشىنا مەيدانىغا بېرىپ ماشىنىنى كۆرۈپ كېلەيلى ،-دىدى سالماقلىق بىلەن. قۇرباننىڭ بۇ زورلىق ھالەتىكى ئىشى رەناننىڭ ئاچچىقىنى تىخىمۇ كەلتۇرۋەتكەن ئىدى . مۇخبىر قالايمىقان سوئاللارنى سوراشقا باشلىدى .
بىر مۇخپىر ئىغىز ئاچتى :
-قۇربان دىرىكتۇر سىز سوفىيە خىنىم بىلەن ئارلىشىۋاتامسىز ؟ بەزى ئادەملەر سىزنىڭ سوفىيە خىنىمنىڭ ئويدە تۇرغانلىكىڭىزنى كۇرۇپتۇ ؟
يەنە بىرى :
-سوفىيە خانقىز شۇنچە چىرايلىق ئىكەن ،سىلەر بۇرۇن تۇنۇشامتىڭلار ياكى تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىدىمۇ ؟
مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرى قاردەك يېغىشقا باشلىغانىدى ،بۇ ۋاقىتتا رەنا پەقەت ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ سوئالىنىڭ بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى . ئۇ كۆڭلىدە قۇرباننىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى قانداق ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى كۆرگىسى كەلدى . قۇربان رەناغا قاراپ قويدى ، ھەمدە كۈلۈپ تۇرۇپ كۆپچىلىككە :
-مەن لايىھىلىگۈچى سوفىيە بىلەن پەقەت گۇرۇھ ئارىسىدىكى ھەمكارلاشقۇچى شېرىك خالاس ، ئۇ بىزنىڭ شىركەت ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم ، بەزى شەخسى ئىشلارنى بىز كېيىن دېيىشەرمىز! دىدى تەبىيلا .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مۇخبىرلارغا سۇ چاچقاندەك بولدى. مۇخبىرلار يەنە سوئال سوراي دېيىشىگە قۇربان رەنانى تارتىپ، ماشىنا مەيدانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى . ئۇلار شۇنداق قىلىپ كىرىپ كەتتى ،مۇخپىرلارمۇ قۇرباننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيرانۇ ھەۋەس قالدى .نۇرغۇن زەھەرلىك كوزلەر تۇيدۇرماي رەناغا تىكلەتتى.
رەنا بۇۋاقىتتا پەقەت ئەركىن ھېس قىلالمىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ قۇرباننىڭ قوينىدىن ئاجرىشىشنى ئويلايتتى ، لېكىن قۇربان ئۇنىڭ بىلىكىدىن مەھكەم تۇتۇۋالغان ئىدى. ھەمدە ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ :
- سىزنىڭ لايىھىلىگەن ماشىنىڭىزنى مەن راستلا بەك ياقتۇردۇم، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ماشىنا لايىھىسى ئىكەن مەن ئۆزۈممۇ بىر ماشىنا لايىھىلىگەنتىم سىز بېرىپ كۆرۈپ باقامسىز ؟ رەنا قۇرباننىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، بىر ئاز سۈكۈتكە چۆمدى . رەنا كىچىك ۋاقىتتا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ قۇربان بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ، قۇربان نېمىنى ياخشى كۆرسە ئۇمۇ شۇنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىغانىدى . قۇربان دالا ماشىنىسىنى ياخشى كۆرگەن بولغاچقا ، ئۇ كۆڭلىدە ئەگەر مەن كەلگۈسىدە تىرىشىپ بىر لايىھىلىگۈچى بولۇپ قالسام ماشىنىدىن بىرنى لاھىللەپ قۇرباننىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە سوۋغا قىلىمەن دەپ ئويلىغانىدى.
ئۇ كۇنلەردە ئۇ پەقەت ئۇ ماشىنىنىڭ لايىھىسىنىڭ يېرىمىنى لايىھىلەپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىن قۇربان بىلەن مۇنىرەنىڭ ئىشى ھەمدە قۇرباننىڭ سۇغۇق مۇئامىيلىسى قاتارلىق ئىشلار ئۇنىڭ ئۇ قىزغبنلىقىغا سۇ سەپكەن ئىدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



