
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 15 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 13 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
14 - قىسىم
قۇربان گوروھىدىكى بارچە ئادەملەر لاھىلىگۇچى سوفىيە نىڭ ماشىنا ۋەقەسىگە يۇلۇققانلىقى توغىرسىدىكى ئىشلارغا قارتا نۇرغۇن قاراشلاردا بولدى . بەزىبىر مۇخىبىرلار شىركەت خادىمىدىن بىر قاتار ئۇچۇرلارغا ئىرىشتى. مەيدان بىر پەس قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئەرفات ئۆزى كىرگەن ئۆينىڭ ئاق-قارىنى پەرىق قىلالمىغۇدەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆي ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىش ئۈستىلىنىڭ ياغىچىمۇ شۇنچىلىك پۇختا كورنەتتى.
… ئۇ ئۇرۇندۇقىنى بىرياققا قايرىپ ئىلىپ ئۇستەل ئىشكاپبىدىن كومپىيۇتىرنى ئالدى - دە ئىچىپ قارسا بۇ قۇرباننىڭ ئىشخانىسى ئىكەنلىكنى بىلدى…
دەرۋەقە ھايات ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ئىدى …قۇربانننڭ ئىشخانىسى؛نىڭ باشقا خىزمەتچىلەردىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان يىرى ئۇنىڭ ھەربىر باسقۇچتا بىردىن ئىچىش مەخپىي نۇمۇرى ئورۇنىتىلغان ئىدى …
ئەرفات بۇلارنى كۆرۈپ سەل قاپىقى تۇرۇلدى - دە ، ئۆتكۇر قوللىرى بىلەن بىر قاتار ئالاھىدە ھەرىپلەرنى ئىكرانغا باستى … ئىكراندا باشقا بىر ئىكران پەيدا بولدى ، ئەرفات بىر نەچچە مىنىۇتقا قالماي كومپىيۇتىرنىڭ مەخپىي نۇمۇرنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى .
…لىكىن بۇ خىلى ئاسانغا توختىمىغان ئىدى … بۇ قانداق مەخپىي نۇمۇر ئەمدى ؟ ئۇ كومپىيۇتىرنى قايتىدىن قوزغۇتۇپ ئاچتى …لىكىن ئىكراندا يەنىلا مەخپىي نۇمۇر كىرگۇزدىغان ئىكران نامايەن بولدى .
ئەرفاتنىڭ سەل قاپىقى تۇرۇلدى . لىكىن، ئۇ يەنىلا ۋاز كەچمەي يەنە توختىماي مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدى .بۇ قۇربانىنىڭ بىر مەخپىي ھۇجىتىنى بايقاپ…ۋاقىتتا ئەرفات قالدى .ھۇجەتتىكى مەخپىي نۇمۇرنى بۇزۇپ قارسا ھۇججەتتە بىر مۇنچە قىزىل رەقەم بىلەن بەلگە قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدى - دە ، كوڭلىدە بۇ ھوججەتننىڭ چوقوم مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى . ئۇ قۇربان بەلگە ، قويۇپ قويغان ھۆججەتلەرنى بىردىن بىر چېكىپ كۆرۈپ چىقتى . ھۆججەتلەردە نىمىلەر دىيىلگەنلىكىنى چۈشەنمىسىمۇ لېكىن، بۇ ھۆججەتتىكى سان سىفىرلارنى ئايرىم ئېلىپ ، سودا تورغا يوللىۋەتتى . بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى سودا توردا غۇلغۇلا يۇز بەردى … ئەرفات ھۆججەتتىكى سان سىفىرلارنى تورغا يوللاپ بولغاندىن كېيىن ، ئورۇندۇقنى شىرەنىڭ ئاستىغا تارتىپ ، ئاندىن ئۇستەل ئۈستىنى پاكىز سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن ، تىپتىنچلا قۇرباننىڭ ئىشخانىسىدىن ئايرىلدى . ئەرفاتنىڭ بۇ قېتىملىق ئىشى قۇربانغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئازراق ئەدىپىنى بېرىپ قۇيۇش ئىدى.
ئاپىسى نېمىلا ئويلىسۇن ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاپىسىنى قوغدىمىسا بولمايتتى . چۈنكى ،ئۇ ئاپىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئازار يېيىشگە چىدىمايتتى . ئەرفات مۇشۇلارنى ئويلىغىنىچە پەشتاقتىن پەسكە چۈشۈپ شىركەتتىن چىقىپ كەتتى. ھەمدە،بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك يەسلىگە قايتىپ كەتتى . بىراق ،قۇربان بولسا جىددىيلەشكىنىچە دوختۇرخانىدا رەنانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئولتۇراتتى. بىر ئازدىن كىيىن ياردەمچىسى رۇزى تېز سۈرەتتە دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى .… ئۇ جىددىيلىشىپ .:
-چاتاق بولدى ، خوجايىن. بىزنىڭ كىيىكى ھەپتىدىكى سودا ساھە رىقابىتىدىكى تۈزگەن سانلىق مەلۇمات پىلانىمىز تورغا ئاشكارىلىنىپ كېتىپتۇ . :”نىمە؟ “ دىگىنچە ئاچچىقدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى …ئۇ جىق گەپ قىلمىدى . چۇنكى، رەنا تىپتىنىچ ئارام ئىلۋاتاتتى …قۇربان بۇ تۇرنى پىلانلاش ئۇچۇن بىر يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغانىدى…ئۇ نەچچە مۇناسۋەت ئورۇنلىرىنىڭ ماقۇللىكىنى تەسلىكتە ئىلىپ ئاران بۇ تۇرگە ئىرىشىش شەرپىگە ئىگە بولغان ئىدى …ئۇ تۇرنى تاماملاش ئۇچۇن نەچچە كىچە -كۇندۇز دەم ئالماي رەتلەپ چىققان ئىدى …
لىكىن مۇشۇنداقلا ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى كۇپۇككە ئايلانغانىدى…«سەن بىرىپ تەكشۇردۇڭمۇ ؟ زادى نىمە ئىش ئىكەن »…دىدى قاپىقىنى تۇرۇپ ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىرنجى بولوپ شىركەتكە يىتىپ بارمىسا بولمايتى …لىكىن ،كىسەلخاندا يىتىۋاتقىنى ئۇنىڭ بەش يىل ئىلگىرى يۇقىتىپ قويغان ئايالى كەتسە بولمايتى .ئۇ ئىچىدە ... شۇنداق ئويلىغىنچە رەناغا قاراپ تۇراتتى .ئۇنىڭ چىرايىدا بىرخىل ئەنسىرەش ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى … ياردەمچى روزى قۇربانغا قاراپ:
بىزنىڭ تىخنىكا بۆلۈمدىكىلەر تەكشۇرۇپ ئۇچۇرنى يوللغان IP ئۇرۇننىڭ سىزنىڭ ئىشخانا ئىكەنلىكى تەكشۇرۇپ بىزگە ئنكاس قىلدى …مەن كاتىپتىن سوردۇم ئۇ سىزنىڭ ئىشخانىغا ھىچكىمنىڭ كىرمىگەنلىكىنى ئىيىتتى
-ئەمسە ئىشىخانامغا جىن كىرىپتىدە !؟ كۇپكۇندۇزدە جىن نىمىش قىلىدۇ ؟ ئەگەر بۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى تەكشۇرۇپ ئىنىقلىمىساڭ سىنى پالاسقا يوگەپ دەرياغا تاشلۋىتىمەن. دەرھال ، يوقال …دىدى . رۇزنى سىلكىپ …قۇرباننىڭ كەيپىياتى بەك ناچار ئىدى … ئۇ ئۆزى لاھىلىگەن ماشىنا ساقلاش مۇدىدتىدىمۇ مەسلە كۇرۇلمىگەن … نىم ئۇچۇن رەناغا بەرگەندە مەسلە كۆرۈلدۇ ؟ ئىشقىلىپ نۇرغۇن سوئاللار ئۇئىڭ كالىسىنى چىرمىۋالغان ئىدى…يەنە روزىغا:
-بىز لاھىلىگەن ماشىننى نىمە سەۋەب بارلىقىنى تەكشۇردۇڭمۇ ؟ زادى نىمە مەسلە بار ئىكەن … رۇزى كەسكىنلا :
-مەن ئادەم ئىۋەتىپ تەكشۇردۇم … ماشىنا سوقۇلۇپ بولۇپ پارتىلاپ كىتىپتۇ ؟مەيدان ئالىقاچان تازلىنىپ كىتىپتۇ …ھىچقانداق يىپ ئۇچىغا ئىرشەلمەپتۇ. لىكىن ئىككى كۇن ئاۋۋال بىز ماشىنا ساقلاش ئۇرۇنغا بىرىپ ئەھۋال سۇرۇشتۇردۇق ئۇلارمۇ ھىچقانداق مەسلە يوقلىقىنى ئىنكاس قىلدى دىدى …رۇزى كەسكىنلا . لىكىن، بۇ تەرەپتىكى مەسلىگە قارتا ياردەمچى روزىدىمۇ بىر ئاز گۇمان بار ئىدى…بۇ ماشىنا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسى ئىدى ھىچكىمنى قول تەككۇزۇزشكە رۇخسەت قىلمايتتى … ئۇ ھەركۇنى ئادەم ئەۋەتىپ ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۇرەتتى .لىكىن، بۇ قىتىم رەنا ھەيدىگەندە بۇنداق چوڭ مەسلە كىلىپ چىقتى … ئەجىبا رەنا قەستەنگە قىلغانمىدۇ ؟دەپ ئويلىدى …ئىشقىلىپ يۇز بەرگەن ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتى … ئەھۋال سەل بىسىققاندىن كىيىن رۇزى يەنە : خوجايىن …شاڭخەي گوروھىدىنمۇ خەۋەر تاپشۇرۋالدۇق …سەمەت دىرىكتۇر چۇشتىن بۇرۇن ياكى بۇگۇن كەچكىچە ئۇرۇمچىگە كىلىدىكەن …بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دەرھال قاپىقى تۇرۇلدى … ھەمدە كەسكىن ھالدا: ئاۋال بۇ مەخپىىي سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىشىنى ئىنىقىلا …ئالدىنقى قىتىمقى قارا مىھماننى تەكشۇردڭمۇ ؟بەلكىم بۇ ئىككى ئىشنى ئاشۇ قارا مىھمان قىلغان بولىشى مومكىن …بولمىسا ئىككىسىنى بىراقلا تەكشۇر دىدى … رۇزى ”ماقۇل“ دىگىنچە ئارقىغا قايرىلىپلا چىقىپ كەتتى.
ئۇ قۇرباننىڭ سەت سىلكىشلىىرىگە چىداپ بولالمىغان ئىدى ، قۇربان يەنىلا رەناغا قاراپ تۇراتتى . ھەم كوڭلىدە : شىركەتنىڭ مەخپىيتى ئاشكارلىنىپ كىتىشى ، رەنانىڭ بۇ تاساددىبىي ۋەقەگە يولۇقىشى ،بۇ ئىشلارنى راسلا بىرەسى قەسلەپ شۇنداق قىلغانمىدۇ ؟ زادى كىم بىز نىڭ شىركەتكە دوشمەنلىك نەزىرنى تاشلىغاندۇ ؟ ئىشلار مۇشتاق ئىدى ، لىكىن ئۇ پۇتۇن ئەسيادىنى يەنىلا رەناغا قارتىپ تۇراتتى . ۋاقىت بىر مىنۇت بىر سىكونىتىن ئۇتۇپ كىتپ باراتتى، ئۇنى بارغانسىرى ئەنسىزلىك بىسۋالدى . ئۇ كارىيدوردا ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ يۈردى .ئۇنىڭ بۇ ھالىتى بىر چوڭ گوروھنىڭ دىرىكتور غا ئوخشاتماي قويغان ئىدى . ئىككى سائەت ئوتكەندىن كىين دوختۇرلار يىتىپ كەلدى ، ئۇ جىدىيلىشىپ دوختۇرنىڭ ئوڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
-دوختۇر ، ئۇ قانداقراق ؟ - قۇرباننىڭ ئاۋازى تىترەك ئارىلاش چىقىۋاتاتى . دوختۇر قۇربان دىرىكتۇرنى تۇنۇيتى ئۇرۇمچىگە مەشھۇر بۇ گورۇھ باشلىقىنىڭ بۇ مۇھىم ئادىمى ئۇچۇن دوختۇرمۇ خىلى كۇچ چىقارمىسا بولمايتى ، شۇڭا ئۇ تەمكىن ھالدا :
-قۇربان خوجايىن ، بۇ خانىمنىڭ يارسى راسلا بەك ئىغىر ئىكەن ، ئوڭ پۇتىنىڭ سوڭكى پۇتۇنلەي سۇنۇپ كىتىپتۇ . بىر مەزگىل تىنىچ داۋالىشىمىز كىرەك . ئەتىمۇ تەكشۇرۇش ئىلىپ بارمىز ، ئەگەر ئەھۋالدا ياخشىلنىش بولوپ قالسا ،بىز ئۇقتۇرىمىز ،- دوختۇر گەپنى تىز دەپ بولدى .
ئۇ يەنە :
- رەنانىڭ پۇتكۇل بەدىنى قانغا مىلەنگەن تۇرسا ، ئۇنىڭ سۇڭكىلا سۇنغاندىمۇ ؟ باشقا ئەھۋال يوقمۇ ؟ - دىدى دوختۇرنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ . دوختۇر يەنە :
-قۇربان دىرىكتۇر، بۇ ئايالنىڭ بەدىنكى قان پىشانىسى زەقمىلەنگەندىكى چىققان ئىكەن ، ئۇ ماشىنا ھەيدىگەندە رولدىن قولى ئاجراپ كېتىپ ، پىىشانىسى ئەينەككە تەككەن ، لېكن بىز تەپسىلى تەكشۇرۇش ئىلىپ باردۇق ،ئۇنىڭ پەقەت ئوڭ پۇتى قانتتىق زەقمىلەنگەن . پىشانىسىنىڭ يارىسىمۇ بەك ئىغىر ئەمەس ، ئاسانلا ساقيىپ كىتىدۇ ،باشقا جايدىكى يارىلارمۇ يىنىك يارا ، ئەنسىرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ ، قۇربان دىرىكتور !
دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قۇربان سەل خاتىر جەم بولدى ، رەنا دوختۇرخاندىن ھارىۋىغا ئىلىپ سىرىقا چىقىلدى ، ئەسلىدە چىرايى ئاناردەك قىزىل تۇرغان ئادەم بىردەمدىلا خەسىدەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى .
قۇربان بەكلا جىدىيلىشىپ كەتتى .
قۇربان دىرىكتۇر ،ئۇنى VLP كىسەلخانغا يوتكىسەك ، ئالاھىدە سىستىرالار ھالىدىن خەۋەر ئالسۇنمۇ ؟ - دىدى دوختۇر .
-بولدى ، مەن ئوزەم ھالىدىن خەۋەر ئالسام بولدى .
بۇ ۋاقىتتا پەرىيدە دوختۇرخانىغا ئالىبۇرۇن يىتىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ دوختۇرخانغىغا بىرىپ قۇربان بىلەنمۇ سالاملاشمىدى .ئۇ قۇرباننىڭ رەنادىن ئەنسىرگەن ھالىتى كۆرگەن بولسىمۇ ،لىكىن كوڭلىمۇ خاتىرجەم ئەمەس ئىدى . ھازىرقى رەنا قۇربان قۇربان ئۇچۇن بىر ناتۇنۇش ئادەم ئىدى . قۇربان بىر ناتۇنۇش ئادەم ئۇچۇن شۇنچىلىك كۇڭۇل بۆلۋاتاتى.
ئەينى ۋاقىتتىكى قۇربان رەناغا شۇنچىلىك ناتۇنۇش مۇئامىيلە قىلاتتى ،مۇنىرە گە ئەكسىچە شۇنداق ياخشى مۇئامىيلە قىلاتتى . ئۇ بۇلارنى ئويلاپ تىخىمۇ ئاچچىقى كەلدى ، شۇڭا بارغانچە بېرىپ رەنا بىلەن قۇرباننىڭ قۇلىنى ئايرىۋەتىتى دە : قۇربان دىرىكتۇر ، سىز شۇنچە ئالدىراش ئادەم ئەمەسمىدىڭىز ، تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولمىغان بۇ ئايالغا بۇنچىلىك قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ؟ ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭ، رەنا سىزنىڭ كوڭۇل بولشىڭىزگە مۇھتاج ئەمەس !-دىدى كىسىپلا. پەرىيدەنىڭ كوزلىرىدا غەزەپ چاقنايتى ، قۇربان ئۇنىڭ مىكيان جۇجسنى قوغدىغاندەك ھالىتىنى كوروپ كوڭلىدە ئۇنى ئاۋالقى يىلدىكىدەكلا قوغدايدىگەن دېگەن بىر خىيال كىسىپ ئوتتى . پەرىدە ھازىىر لايىھىلىگۈچى سوفىيە تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلغان ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا ئىلگىرىكى ئايالى بىلەنمۇ مۇناسىۋتى شۇنداق ياخىشى ئىدى ، قۇربان مۇشۇلارنى ئويلاپ بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپ توغرا كەپ قېلىش ئەمەس دەپ ئويلىدى . قۇربان پەرىدەگە:
-بوپتۇ ، رەناغا سىز قاراڭ . مەن سىزگە ئالاھىدە سىستىرا ھېسابىدا سائىتىڭىزگە پۇل بېرەي ،- دېدى . پەرىدە قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇ زامات رەددىيە قايتۇردى :
-ماڭا سىزنىڭ سېسىق پۇلىڭىز كېرەك ئەمەس . لايىھىلىگۈچى سوفىيە ھازىر ئارام ئېلىشقا مۇھتاج ، سىز ئەڭ ياخشىسى قايتىپ كېتىڭ ، ئاۋۇ مۇخبىرلارنى بىللە قايتۇرۇپ ئەكىتىڭ !
پەرىدەنىڭ تەلەپپۇزى ئىنتايىن قوپال ئىدى . ئۇ كۆڭلىدە بۇ قۇربان يەنە ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە پۇلى ئارقىلىق ئادەمنى سىتۋالماقچىمىكىنە ؟ ئۇ ھەرقانچە بايۋەتچە بولوپ كەتسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دوستۇم رەنانى شۇنچىلىك قىينىغان . ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن! قۇربان پەرىدەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قاپىقىنى تۈرۈپ ، كەسكىنلا :
- پۇل كېرەك ، بولمىسا كۆزۈمدىن يوقال ، مەن سېنى ئالاھىدە مۇلازىمەتچى قاتارىدا ھالىدىن خەۋەر ئالغىن دېسەم ، دېگەن گېپىڭنى قارا. لايىھىلىگۈچى سوفىيە مېنىڭ گۇرۇھىم بىلەن ھەمكارلاشقان شېرىك ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن ، سەندەك كىچىك يەسلىدە ئىشلەيدىغانلار مېنىڭ ئىشىمغا قول تىقمىسۇن ! قۇرباننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان پەرىدەنىڭ ئاچچىقى مىڭ گەز ئۆرلىدى . ”سەن“ دىگىنچە ئارقىغا ئۆرۈلۈپ كېتەي دېدى .
پەرىدە ئىچىدە قۇرباننى نەچچە مىڭنى تىللىدى ، لىكىن قۇرباننىڭ رەنانى قوغداۋاتقانلىقنى كۇرۇپ ئۇنىڭ ئىلگىركى قۇربانغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى ، لىكىن ئۇنىڭ ئۇزىگە قۇپال تەككىنى ئويلىسا ئاچچىقتىن يىرلىپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى . پەرىدە يەنە گەپ قىلاي دىسە ئەتراپى مۇخبىرلار بىلەن توشۇپ كەتكەچكە ئۇمۇ ئاچچىقنى تەستە بېسىۋېلىپ جىم تۇراتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



