大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 190 - قىسىم تۈگىدى

ئاخىرقى توي ( رومان ) 190 - قىسىم تۈگىدى aybarawazi
2023-12-18
4
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173
174
175
176
177
178
179
180
181
182
183
184
185
186
187
188
189




ئاخىرقى توي

(رومان)

ئاپتورى : دىلھايات

190-قىسىم  


   شۇ كۈنى كەچتە ئۆتكۈر ئۇنى بىر زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى، بۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىش ئىدى. ھەممەيلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ ئىنتايىن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشكەن ئىدى، فروزەنىڭ كاللىسىغا بۈگۈن كۆرگەن بوۋاينىڭ قولىدىكى سۈرەت كىرىۋېلىپ تازا ئېچىلالمايۋاتاتتى. ئەرلەر بىرەر قۇردىن ھاراق ئىچىپ ئالىجوقا سۆزلەشكە باشلىدى. فروزە چاندۇرماي ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز بىرى كېلىپ فروزەگە سالام قىلدى. 

_ سىڭلىم، ئىسمىڭىز نازىيەغۇ دەيمەن. ئۆتكۈر مەكتەپتىكى چېغىدىن باشلاپلا سىزنى بەك ياخشى كۆرەتتى، كېچىسى ئۇخلىغاندىمۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىز چاقىرىپ جۆيلۈيتتى، ئۇنىڭ قەدىرلەڭ ھە. 

   بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆتكۈرمۇ، فروزەمۇ ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندى. 

_ ھەي ھەي، نىمە  دەۋاتىسەن؟ مەست بولۇپ قاپسەن ھە؟_ دەپ دوستىنىڭ بوينىدىن قۇچاقلىدى ئۆتكۈر. 

_ ياق، مەست بولمىدىم، كاللام شۇنداق سەگەك. سەن نازىيەنى ياخشى كۆرگەچكە، مەكتەپتىكى سېنى ياخشى كۆرىدىغان شۇنچە قىزلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانتىڭ. شۇ چاغدا سىنىپتىكى ھەممىمىز نازىيە ئىسىملىك بۇ قىزنى كۆرۈپ بېقىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق، مانا، ئاخىرى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەپسەن. بەختلىك بولغىن، ئاداش.

فروزە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. 

_ كەچۈرۈڭلار، مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي! _ ئۇ شۇنداق دەپ تازىلىق ئۆيى تەرەپكە ماڭدى، ئۆتكۈر ئوڭايسىز بىر ھالەتتە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى ۋە دوستىنىڭ قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى، دوستى «ئاپلا» دەپ پىشانىسىگە پاققىدە ئۇردى ۋە ئۆتكۈرنى قۇچاقلاپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى. 

فروزە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ بىردەم تۇرىۋالدى، ئۇ ئۆتكۈرنىڭ نازىيەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىغۇ، يەنە نىمىشقا كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؟ ئۇ ئۆتكۈرنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بېرەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، توي قىلاي دەپ قالغاندا توينى بىكار قىلىۋەتكەن ئەمەسمىتى؟ فروزە يۈرىكىنى تۇتۇپ ئويلاپ باقتى، ئۇ ئۆتكۈرنى ھېلىمۇ بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، كەيپىياتىنى تەڭشەپ ئاندىن چىقتى.  ئۆتكۈر تېخىچە بايىقى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلالماي ئولتۇراتتى. فروزە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى. ئۆتكۈر ئەمدى فروزەگە بىر نىمە دەي دەپ تۇرۇشىغا يەنە بىر ساۋاقدىشى كېلىپلا فروزەنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇردى. 

_ خانقىز، ئۈندىدارىڭىزنى قاچىلىۋالسام بولامدۇ؟ 

_ كەچۈرۈڭ، دەپ بېرەلمەيمەن! _ دەپ سىلىق رەت قىلدى فروزە. 

_ نىمىشقا دەپ بەرمەيسىز؟ _ بۇ ئەرمۇ خېلى ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغاندەك تۇراتتى _ ئارىلىشىپ ئۆتمەمتۇق دەيمەن. 

_ دەپ بېرەلمەيمەن دېگەندىكىن بولدى قىلمامسەن؟ _ دەپ ئارىغا چۈشتى ئۆتكۈر. 

_ ئۇ سىزنىڭ قىز دوستۇڭمىتى؟ سەن نىمىگە ئارىلىشىسەن؟ بايا سۈرۈشتۈردۈم، بۇ قىزنىڭ ئىسمى فروزەكەن، سېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭنىڭ ئىسمى فروزە ئەمەس، نازىيە. سەن بىزگە مەڭگۈ شۇ بىر قىزنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقان. 

_ غالىپ، بولدى قىلامسەن يا؟_ ئۆتكۈر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.  شۇ تاپتا ئۇ فروزەنى بۈگۈن بۇ سورۇنغا باشلاپ كەلگىنىدىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. 

_ ئۆتكۈر، مەن چارچاپ قاپتىمەن،  قايتقاچ تۇراي، سىلەر ئولتۇرىۋېرىڭلار!_ فروزە شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى

_ فروزە، كەچۈرۈڭ. سىزنى چاقىرىپ قويۇپ ياخشى قارىيالمىدىم. بولدى، مەنمۇ كىتەي! _ ئۆتكۈرمۇ شۇنداق دەپ چاپىنىنى ئېلىپ ماڭدى. 

_ ۋوي، قەيەرگە بارىسەن، ئۆتكۈر، تېخى تۈزۈك پاراڭلاشمىدۇققۇ؟ ئۆتكۈر، كۆرۈشمىگىنىمىزگە نەچچە يىل بولدى، تۈزۈك ھال-مۇڭ بولمايلا كېتەمسىز؟_ ئۇلارنىڭ كەينىدىن سورۇندىكىلەر شۇنداق دىيىشىپلا قالدى. 

_ سىز ئولتۇرىۋەرسىڭىز بولمامتى؟ ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئاران كۆرۈشكەندە سەت بولدى ھە_ دېدى فروزە سەل ئوڭايسىزلىنىپ. 

_ ياقەي. ئۇلار ھەممىسى ئازراق ھاراق ئىچىۋالسىلا ئاشۇنداق ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدۇ _ ئۆتكۈر شۇنداق دەۋېتىپ خىجىللىقتىن يۈزى ئوت ئالدى، چۈنكى بايا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى راست ئىدى.  ئۇنىڭ نازىيەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ساۋاقداشلىرى ھەممىسى بىلەتتى. بۇنى ھازىر فروزەمۇ بىلىدۇ ھەم فروزەنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئۆتكۈرمۇ بىلىدۇ، ئەمما فروزە بۇ توغرىلىق گەپ سورىمىدى، ئۆتكۈرمۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالمىدى.  

 ئۇلار ماڭا ماڭا بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا  پەستە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ توپلىشىۋالغىنىنى كۆردى، ئۇلار بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتاتتى. فروزە تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن كۈندۈزى كۆرگەن بوۋاينى كۆرۈپ قالدى. 

_ ئوغلۇمنى تېپىپ بېرىڭلار، ئوغلۇمنىڭ سۈرىتىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.  سۈرەتنى تېپىپ بېرىڭلار. 

توپلىشىپ تۇرغانلاردىن بىرى بوۋايدىن سورىدى. 

_ بوۋا،  سىز ئوغلىڭىزنى ئىزدەمسىز يا ئوغلىڭىزنىڭ سۈرىتىنى ئىزدەمسىز؟ 

  فروزە قەدىمىنى توختاتتى، بۇنى كۆرۈپ ئۆتكۈرمۇ توختىدى. ئۇلار ئىككىلىسى بەك ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن دەيدىغانلاردىن ئىدى، شۇڭا ھەر ئىككىسى تەڭلا كۆۋرۈكنىڭ پەس تەرىپىگە قاراپ ماڭدى. بوۋاي يەنە شۇنداق چاچلىرى چۇۋۇق، كىيىملىرى يىرتىق ھالەتتە، ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇنىڭ قولىدىكى سۈرەت يوق تۇراتتى.  فروزە بېرىپ بوۋاينى يۆلىدى. 

_ بوۋا، زادى نىمىنى ئىزدەۋاتىدىلا؟ 

_ سۈرەتنى، ئوغلۇمنى.  ئوغلۇمنى، ئوغلۇمنىڭ سۈرىتىنى.  

فروزە بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن بوۋايغا قارىدى. 

_ بوۋا، مەن بۈگۈن چۈشتە سىلىنى كۆرگەندە قوللىرىدا  بىر پارچە سۈرەت بار ئىكەنتۇق، ئۇ سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ سۈرىتى، سىلى شۇ سۈرەت بىلەن ئوغۇللىرىنى تاپماقچى، شۇنداقمۇ؟

بوۋاينىڭ ئاغزى ئۈمچەيدى. 

_ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ ئوغلۇم. 

  فروزە بوۋايغا ياردەم قىلىپ سۈرەتنى تېپىپ بەرمەكچى بولدى، ئۇ بۇ خىيالىنى ئۆتكۈرگە دەي دەپ قارىغان ئىدى، ئۆتكۈر بوۋايغا قاراپ سەل ھەيران بولغاندەك تۇراتتى. 

_ نىمە بولدىڭىز؟ _ سورىدى فروزە. 

_ ھېچنىمە _ دېدى ئۆتكۈر ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە. ئۆتكۈرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، باياتىن بېرى «ئوغلۇم، سۈرەت» دەۋاتقان بوۋاي تۇيۇقسىز گېپىنى توختىتىپ ئۆتكۈر تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بوۋاي ئۆتكۈرگە يېقىنلاشقانسېرى ئۆتكۈر جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى.  ئۇ بېرىپ ئۆتكۈرنىڭ ئالدىدا توختاپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى.  

_ مېنىڭ ئوغلۇمنى كۆردىڭىزمۇ؟ 

ئۆتكۈر بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بايىقى جىددىيلىكى پەسەيدى بولغاي.

_ ياق _ دەپلا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئەتراپتىكىلەر ئاستا-ئاستا تارقىلىپ كەتتى، ھېچچكىممۇ  ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ قەيەردىلىكىنى دەپ بېرەلمىدى.  فروزەنىڭ بوۋايغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشخانىغا باشلاپ بېرىپ تاماق ئېلىپ بەردى، بوۋاينىڭ قۇرسىقى بەك ئاچقان بولسا تاماقنى ئىككى قاچا يەۋەتتى. ئۆتكۈر بىلەن فروزە بوۋاينىڭ تاماق يىيىشىگە قاراپ ئولتۇردى.  تاماقنى يەپ بولۇپ،  بىر پىيالە چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن فروزە بوۋايدىن سورىدى. 

_ بوۋا، بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كېلىپ قالغانتىلە؟ 

_ ئوغلۇم مەكتەپتە بەك ياخشى ئوقۇغان، ئۇ مۇشۇ يەردىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا كەپتىكەن، شۇڭا ئوغلۇمنى ئىزدەپ كەلدىم. لېكىن ئوغلۇمنى تاپالمىدىم، ئۇ چوقۇم مەندىن بەك خاپا بولدى، شۇڭا يوشۇرنىۋېلىپ ئۆزىنى ماڭا كۆرسەتمەيۋاتىدۇ. 

ئۆتكۈر باشتىن ئاخىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئەمما فروزە ئۇنىڭ بوۋاينى كۆرگەندىن باشلاپ سەل بىنورمال بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ بوۋاينىڭ جىم ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى. 

_ ئائىلىڭىزدە باشقا ئادەملەرمۇ بار بولغىيتتى؟ ئۇلار ئوغلىڭىزنى ئىزدەپ بېرىشىڭىزغا ماقۇل دەپ يول قويدىما؟  بەلكىم ئوغلىڭىز بۇ يەردە ئەمەستۇ، نىمىشقا باشقا جايلاردىن ئىزدەپ باقمايسىز؟ ياكى يۇرتىڭىزغا قايتىپ ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ بەلكىم ئوغلىڭىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەتكەندۇ؟ 

بوۋاي بۇ گەپنى ئاڭلاپ چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. 

_ ياق، قايتىپ كەتمەيمەن، بۇ يەردە مېنىڭ ئوغلۇم بار، ئوغلۇمنى تاپمىسام بولمايدۇ. مەن ئۇنىڭغا بەك ئامراق _ بوۋاي شۇنداق دېگەن پىتى ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار كەينىدىن چىقتى، ئەمما بوۋاينى تاپالمىدى.  بۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بوۋاينى بىلىدىكەن، چۈنكى بوۋاي بۇ يەردە ئوغلىنى ئىزدەپ يۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ نېرۋىسى تازا جايىدا بولمىغاچقا ئوغلىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلمەيدىكەن، پەقەتلا قولىدا بىر پارچە سۈرەت بار بولۇپ، سۈرەتتىكىسى ئون نەچچە ياشلاردىكى بىر بالىنىڭ سۈرىتى ئىكەن. ئۇلار شۇنچە ئىزدەپمۇ بوۋاينى تاپالماي ئاخىرى قايتتى. يولدا كېتىۋېتىپ فروزە ئۆتكۈردىن سورىدى. 

_ ئۇ بوۋاينى تۇنۇمسىز؟ 

_ تۇنۇمايمەن_ قوپاللا جاۋاب بەردى ئۆتكۈر.  ئەمما فروزە بوۋاينى كۆرگەندىن كېيىن ئۆتكۈرنىڭ روھى ھالىتىدە روشەن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى سېزىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن ھەرقانداق ئادەمگە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى، ئەمما بۈگۈن بۇ بوۋايغا ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. لېكىن نىمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇ بۇ بوۋاينى تۇنۇمدىغاندۇ؟ بايا ئۇنىڭ تۇنۇمايمەن دېگىنى راستمۇ يالغانمۇ؟ فروزەنىڭ بۇ سۇئاللىرىغا جاۋاب تاپقۇسى كەلدى. ئەمما ئۆتكۈردىن سورىسا راست گەپ چىقمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئارتۇق گەپ سورىمىدى. ئۆتكۈر فروزەنى ئۇ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ ياندى. ئۇ ياتىقىغا كىرىپ ئەمدى يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ تۇرۇۋىدى، شېرزاتتىن تېلېفون كەلدى. 

_ كەچۈرگىن، باش دېرىكتور، خىزمەت ئىشىنى تېخى قىلمىدىم. 

_ سەندىن بۇنى سورايمەن دەپ تېلېفون قىلمىدىم، قارا ئەستايىدىللىقىڭنى.  ئۆتكۈر ئاكام بىلەن كۆرۈشتۈڭمۇ؟ 

ئۇ ئۆتكۈر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. 

_  ھە، بوپتۇ، خىزمەت ئىشىغا ئالدىرىمىساڭمۇ بولىدۇ. ئاۋۋال ياخشى ئارام ئېلىپ ئوينىۋال، خىزمەتنى ھاردۇقۇڭ چىققاندا قىلساڭمۇ بولىدۇ. 

_ مەن خىزمەتكە ئۇنداق مەسئۇلىيەتسىز مۇئامىلە قىلمايمەن، بىلىسەنغۇ. ئەتىلا پۈتتۈرىمەن. 

_ ئاچا، مەن سېنى بەختلىك بولسىكەن دەپلا ئويلايمەن، ھەرقانداق ئىش سېنىڭ بەختلىك بولۇشۇڭدەك مۇھىم ئەمەس. 

فروزەنىڭ گۇمانى توغرا چىقتى، شېرزاتنىڭ ئۇنى شاڭخەيگە ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى ھەرگىزمۇ خىزمەت ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. شېرزات ئاچىسىغا ئامراقلىقىنى ئادەتتە ئوچۇق ئاشكارا بىلدۈرمەيتتى، بايىقىدەك گەپلەرنىمۇ قىلمايتتى، شۇڭا ئۇنىڭ بايىقى گەپلىرىدىن فروزەنىڭ يۈرىكى لەرزىگە كەلدى، يەنىلا قېرىنداش دېگەن باشقا بولىدۇ دە. 

ئەتىسى ئۇ شىركەتنىڭ توختام ئىشىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ماڭدى، ھېلىقى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىختىيارسىز تاكسىنى توختىتىپ چۈشۈپ قالدى.  كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا بوۋاي يوق ئىدى. فروزە كۆزىنى كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن يۆتكەپ ئالدىغا قاراپ نەچچە قەدەم مېڭىشىغا پەسكە چۈشۈپ كېتىدىغان پەلەمپەيدە ئولتۇرغان بوۋاينى كۆردى ۋە ئاستا بېرىپ يېنىدا ئولتۇردى. 

_ بوۋا، ئوغۇللىرىنى تاپالىدىلىمۇ؟ 

بوۋاي بۇرۇلۇپ فروزەگە قارىدى، ئەمەلىيەتتە بوۋاينىڭ يېشى  بوۋاي دېگۈدەك ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس، بەك بولسا 50 نەچچە ياشلاردا بار، ئەمما ئۇنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرى ۋە چىرايىدىكى ئۈمىدسىزلىك، ھارغىنلىق ئۇنى 70~ 80 ياشلاردىكى بوۋايغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ بېشىنى چايقىدى. 

_ بوۋا، ئاڭلىسام ئوغۇللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىرىغا خېلى بوپتۇ، تېخىچە تاپالماپتىلا، بەلكىم ئوغۇللىرى بۇ يەردە ئەمەستۇ؟ 

_ ياق، ئوغلۇم بەك ياراملىق ئادەم بولدى، ئۇ راستلا مۇشۇ يەردە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ مۇشۇ يەردە بار. 

_ بوۋا، ماڭا ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسىلە، مەن تورغا ئېلان چىقىرىپ ئوغۇللىرىنى ئىزدىشىپ بېرەي، بۇنداق ئىزدىسىلە تاپالمايدىلا. 

_ راستما؟ ئوغلۇمنى ئىزدىشىپ بېرەمسىز؟ _ بوۋاينىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

_ ئاۋۋال سىلىنى ياتىقىمغا ئاپىراي،  كىيىم ئېلىپ بەرسەم، يۇيۇنۇپ، كىيىم كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرىۋالسىلا. بەلكىم بۇ تۇرقىلىرى بىلەن ئوغۇللىرىمۇ سىلىنى تۇنۇيالمايۋاتقان بولسا كېرەك_ دېدى فروزە. بوۋاي بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ ئىش بىجىىرىش نىيىتىدىن يېنىپ بوۋاينى باشلاپ ئاۋۋال ئەرلەر كىيىم كېچەكلىرى دۇكىنىغا كىرىپ بىر قۇر كىيىم ئالدى، بوۋاينى ياتىقىغا باشلاپ بېرىپ مۇنچىنىڭ سۈيىنى تەڭشەپ بەردى. بوۋاي يۇيۇنۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىققان ئىدى، بايىقى ئەبگا تۇرقىدىن ئەسەرمۇ يوق، ئەمدىلىكتە فورزە بوۋا دېيىشتىن ئۇيالغۇدەك بولۇپ قالغان ئىدى.   ئۇ بوۋاينى تاماققا ئېلىپ چىقماقچى بولدى. ئاۋۋال ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى تاشلىۋەتمەكچى بولۇپ ئالغان ئىدى، كىيىمنىڭ ئارىسىدىن بىر پارچە سۈرەت چۈشتى، ئۇ قايسى كۈنى بوۋاي قولىدا تۇتىۋالغان سۈرەت شۇ ئىدى، ئەسلى سۈرەت يۈتۈپ كەتمىگەن، بوۋاينىڭ روھى ھالىتى جايىدا بولمىغاچقا يانچۇقىغا سېلىۋالغان سۈرەتنى بىلمەي ئىزدىگەندەك قىلاتتى.  فروزە سۈرەتنى بوۋايغا قايتۇرۇپ بەرمەي ياتىقىدىكى ئىشكاپقا سېلىپ قويدى. ئاندىن بوۋاينى تاماققا ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىن كىچىك بىر ياتاقنى ئىجارىگە ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، بوۋاي خۇش بولدى. ئۇ ئۆتكۈرگە  تېلېفون قىلىپ بۇ ئىشنى ئېيتىۋىدى، ئۆتكۈر ئۇنىڭغا :

_ سىز بەك ئاقكۆڭۈل جۇمۇ_ دېدى. 

فروزە ئاسانلا بىر ئېغىزلىق ئۆيدىن بىرنى تېپىپ، ئىجارە پۇلىنى تۆلەپ بوۋاينى جايلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بەزى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئەكىرىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىشى بارلىقى، كەچتە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ياتىقىغا بېرىپ توختامنى ئېلىپ چىقتى. ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىگە ئىشلار ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ توختامنىمۇ تۈزۈپ  بۇ خۇش خەۋەرنى شېرزاتقا يەتكۈزگەندىن كېيىن توختامنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويۇپ بوۋاينىڭ يېنىغا ماڭدى. ماڭغاچ ئۇ ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىپ، بوۋاينىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىشنى، ئۇ ئۆينىڭ ئاشخانىسى بارلىقى، كەچتە شۇ يەردە تاماق ئېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. فروزە تاللا بازىرىدىن كۆكتات سېتىۋېلىپ بوۋاينىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى،ئۇنىڭغىچە ئۆتكۈرمۇ كەلدى. ئۆتكۈر چاچ ساقاللىرى پاكىز ئېلىنغان بوۋايغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى ۋە گەپ قىلماي بېرىپ كرىسلودا ئولتۇردى. فروزە سىرتتىن ئەكىرگەن جىلتە بىلەنلا چۈچۈرە ئەتتى. گۈپۈلدەپ يۇمغاقسۈت ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان ئۈچ چىنە چۈچۈرە ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىلدى. بوۋاي بۈگۈن تۆنۈگۈنكىدەك ئاچكۆزلۈك بىلەن يىمىدى. ئۇ تاماققا قاراپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن پىچىرلىغاندەك پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى. 

_ مېنىڭ ئوغلۇم يۇمغاقسۈتنى بەك ياخشى كۆرەتتى. 

فروزە دەرھال ئۆتكۈرگە قارىدى، ئۆتكۈرنىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىۋاتاتتى. ئۆتكۈر چۈچۈرىدىن نەچچە تال يەپلا جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇردى ۋە فروزەگە قاراپمۇ قويماي ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. فروزە ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بولدى يۇ، لېكىن نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۆتكۈر ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. بىر چاغدا فروزە ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ئۆتكۈرنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئۇ ئۆتكۈرنى چاقىردى، ئۇ توختىدى. 

_ بوۋاينىڭ ئوغلىنىڭ سۈرىتى يۈتۈپ كەتمەپتۇ، يانچۇقىدا بار ئىكەن_ دېدى. 

_ ھە  _ ئۆتكۈر ئارتۇق گەپ قىلمىدى. 

_ سۈرەتتىكى بالا سىز شۇ. بوۋاي ئىزدەۋاتقان بالا، ئۇنىڭ ئوغلى سىز شۇ، شۇنداقمۇ؟ 

ئۆتكۈر گەپ قىلمىدى. 

_ نىمىشقا دادىڭىزغا تۇنۇشلۇق بەرمەيسىز؟

_ ئۇ ھازىر بەرىبىر ھېچنىمىنى بىلمىسە. 

_ توغرا، بوۋاي خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ، ئەمما ئۇ ھېچقانداق ئىشنى ئەسلىيەلمىسىمۇ بىر ئىشنى ئېنىق بىلىدىكەن، يەنى ئۇ ئوغلىنى ئىزدەۋاتقىنىنى بىلىدىكەن،  ھەتتا ئوغلىنىڭ يۇمغاقسۈتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئېسىدە ئىكەن. بۇنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟ 

_ فروزە، مەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس. ئەمما سىز ئويلاپ بېقىڭە، ئاپام تۈگەپ كەتكەندە ئۇ بىلمىگەنمىدۇ؟ نىمىشقا  شۇ چاغدا بولسىمۇ كەلمەيدۇ؟ مېنىڭچە ئۇ چاغدا ئۇ ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ يېڭى ئائىلە قۇرۇپ بولغان. مەن تېخى ئۇنى شۇنداق ياخشى ياشاۋاتامدىكىن دېسەم، تۇيۇقسىز بۇنداق ھالەتتە كۆز ئالدىمد پاپەيدا بولۇپ قالسا، مەن قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟

_ بەلكىم شۇ چاغدا دادىڭىزنىڭمۇ قىينىلىدىغان يېرى بار بولغىيتتى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ سىزنىڭ دادىڭىز. ئەگەر پەرزەنتلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىشنى سىز خالىمىسىڭىز، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا دادىڭىزغا مەن بالا بولاي.  دادىڭىزغا مەن قاراي. 

فروزە شۇنداق دەپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭدى. ئۆتكۈر جايىدا بىردەم تۇرۇپ قالدى. دادىسى فروزەگە نىسبەتەن يات ئادەم تۇرۇپ ئۇ ئۇنداق دەۋاتقان يەردە، بالا بولغان ئۇ يەنە قاتتىقلىق قىلسا قاملىشامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ دادىسىنى تۇنجى قېتىم كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا كۆرگەندىلا يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇچاقلىغۇسى كەلگەن، ئەمما بايا دېگەندەك كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىك بىلەن توختاپ قالغان ئىدى. فروزەنىڭ بەلكىم قىينىلىدىغان يېرى بولغىيتتى دېگىنىدىن ئۇمۇ سىلكىندى. چۈنكى ھازىر دادىسى ئۇنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر تۇققىنى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنى كەچۈرىۋېتىشنى، ئاخىرىقى ئۈمرىدە دادىسىغا ياخشى قاراشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ  فروزەنى چاقىردى. 

_ فروزە، خالىسىڭىز دادامنىڭ ھالىدىن بىللە خەۋەر ئالايلى، بولامدۇ؟ 

 فروزە كەينىگە ئۆرۈلدى. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ چۈشى ياكى ئوڭى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۆتكۈر يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى قۇچاقلىدى. ئۇ بۇ ئاقكۆڭۈل قىزنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەشنى، بىر ئۆمۈر سۆيۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. 

تامام 





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k