
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 17 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 15 |
14 |
13 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
16 - قىسىم
ئەسلى بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئۇنى بەزلىسە بولاتتى .لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەگەچكە فۇرقەتنىڭ يىغلىشىمۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر قىلمىدى :
- سەن گۇرۇھىمنىڭ كېيىنكى ئىز باسارى تۇرۇپ، مۇشۇنداق يالغان سۆزلەپ جىنايەتچىنى يوشۇرساڭ بولامدۇ ؟ فۇرقەت سەن راستىنلا مېنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭ، روزى ، سەن فۇرقەتنى ئۆيگە ئاپىرىپ مۇنىرەگە تاپشۇر ، مۇنىرە ئۇنى راۋۇرۇس تەربىيىلىسۇن .ئۇ كىچىكلا تۇرۇپ ئۇنداق يالغان سۆزلەۋاتسا ، كېيىن چوڭ بولغان ۋاقىتتا قانداق ئادەم بولۇپ چقىدۇ ؟- قۇربان بۇ قېتىم راستىنلا خاپا بولغان ئىدى . قۇربان فۇرقەت بىلەن تۆت يىل بىر ئۆيدە ياشىغان تۇرسا ، ئوغلىنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى . ئۇ ئەزەلدىن ئوغلىنىڭ كومپيۇتېر قابىلىيىتنىڭ يوقلۇقىنى بىلەتتى . ھەم ئوغۇلنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئۆزىدىنمۇ يۇقىرى بولغان بىر قارا مېھمان بولۇشىغا تېخىمۇ ئىشەنمەيتتى . لېكىن ھازىر فۇرقەت ئۇ ئادەمنى ئاشكارىلىمايۋاتىدۇ . بىر بولسا فۇرقەت راستتىنلا ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئۇقمايدۇ ،بىر بولسا قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتقان بولىدۇ. يەنە بىر بولسا فۇرقەت بۇ جىنايەتچىنى قوغداۋاتقان بولىدۇ . ئۇنداقتا فۇرقەت قوغداۋاتقان بۇ ئادەم زادى كىمدۇ ؟ دېگەن سوئاللارقۇرباننىڭ كاللىسىدىن بىر قۇر كەچتى . قۇربان ئويلاپمۇ يېتەلمەيتتى .لىكىن كوڭلىدە بىرخىل بىسەرەمجانلىق ۋە ئەنسىرەش ئەكس ئەتتى . فۇرقەت دادىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇڭا دادىسىنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى :
- دادا ، سىز بەك ئەسكى ئىكەنسىز! مەن ھەرگىز قايتىپ كەتمەيمەن . مېنى قويۇۋېتىڭلار ! -دىدى فۇرقەت يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ . ئۇ روزىنىڭ قوينىدا تېپىچەكلەيتتى، لېكىن كىچىك بولغانلىقتىن روزىغا كۈچى يەتمەيتتى . روزى ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە زورلۇق بىلەن سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى . ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئەرافاتقا قاراپ كۆزنى قىسىپ قويدى -دە ئۇنىڭغا بىر ئىسقىرتىپ قويدى . بۇ ۋاقىتتا ، ئەرافات فۇرقەتنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىر قۇر چۈشەندى:
-ئۇ خاتىرجەم بول ، مەن سېنى ھەرگىزمۇ پاش قىلمايمەن ، بىز دېگەن ياخشى دوستلار ،-دىگەندەك ئىشارەت قىلغان ئىدى : بۇ ۋاقىتتا ئەرافاتنىڭ كۆڭلى بىر قىسىم بولۇپ قالغانىدى ، ھەم « ھەممە ئىشلارنى مەن قىلدىم ، فۇرقەت بىلەن بۇ ئىشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق » دېمەكچى بولدى . ئۇ ئەمدى دەي دەپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز قۇرباننىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى . ئۇ تېلېفوننى ئېلىپلا جىددىيلىشىپ كەتتى:
- نېمە سوفىيەنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا دورا رېئاكسىيە قىلامدىكەن ؟ ماقۇل ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭلار ، مەن ھازىرلا باراي ،-دېدى . قۇربان تېلېفوننى ئۈزۈۋېتىپلا ، بوراندەك چىقىپ كەتمەكچى بولدى . ئەرافات ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى . كۆڭلىدە ئاپامنىڭ ئەھۋالى ئىغىركەن دەپ ئويلاپ ئۆزىنى توختىۋالالماي كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقتى ھەم تېزلىكتە قۇربانغا يېتىشىۋېلىپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ:
-تاغا مېنىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ!
قۇربان كىمنىڭ قول قولىنى تۇتقانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ يان تەرىپىگە قارىدى دە ، ئەرافات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالدى . سەن دوختۇرخانىغا بېرىپ نېمە ئىش قىلىسەن؟ مېنىڭ ھازىر سەن بىلەن پاراڭلاشقۇدەك ۋاقتىم يوق قولۇمنى قويۇۋەت دەپ سىلكىدى . بۇ ۋاقىتتا قۇرباننىڭ كوڭلى ئىنتايىن يىرىم ئىدى ، ئۆز گۇرۇھىنىڭ تور بىكتىگە ھۇجۇم قىلىنىش ھەم لايىھىلىگۈچى سوفىيەنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ،ئۇنىڭ بىشىنى بەكلا قاتۇرۋەتكەن ئىدى كەيپىياتىمۇ ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس ئىدى ، نورمال ئەھۋالدا ، بىر سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئادەمنىڭ بىر كىچىك بالىغا بۇنچە قوبۇل قىلىشى تازا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قالغانىدى . بولۇپمۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قۇرباننىڭ بۇنداق قىلىشىنى كۆرگەندە باشقىچە ئىنكاستا بولۇشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولايتى …لىكىن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى راسلا قاملاشمىغان ئىدى . قۇربان بىر ئابرويلۇق ئادەم ، ئۇ ھەر بىر ھەرىكەت ،ئىش گەپ سۆزلىرىدە دىققەت قىلمىسا بولمايتتى ، چۈنكى ئەتراپىدا ئۇنى نازارەت قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان كۆزلەر بىلەن تولغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرافاتمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا ، قورقمايتتى ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ چاپىننىڭ پېشىدىن تارتىپ يەنە : مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ دەپ ئۆتۈندى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئەرافاتقا قاراپ قويدى ئۇنىڭ قاراشلىرى شۇنچە سىھىرلىك ئىدى. ئەرافاتنىڭ تەلمۈرۇپ قارىغان كۆزلىرى قۇربانغا خۇددى ئۆزىنىڭ ئەكسى كۆرگەندەك ھېس قىلدۇراتتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى ، لېكىن يەنىلا ئەرافاتقا قاراپ تۇراتتى . ئۇ كەيپىياتى سەل جايىغا چۈشكەندىن كېيىن ئەرافاتنى يەنە سىلكىمەكچى بولدى ، لېكىن ئەرافات ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پىشىدىن چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى ، گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ ئەرافاتنىڭ كۈچى خېلى بار ئىدى .
قۇربان ئەرافاتنى ئېلىپ بارماي دېسە ئۇ يالۋۇرغان ،ئاپىراي دېسە ئۇنىڭ خالىمىغان . لىكىن سوفىيەدىن ئەنسىرگەن شۇنداق قىلىپ قۇربان ئەرافاتنى ماشىنىسىغا ئېلىپ دوختۇرخانىغا يۈرۇپ كەتتى . ئىككەيلەن تېز سۈرەتتە دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى . بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىدا پەرىدە رەنانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئىدى ، پەرىدە ئەرافات بىلەن قۇرباننىڭ بىرلىكتە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . پەرىدە بۇ ئەھۋالدا بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ ئۇقماي تۇراتتى .ئەجەبا بۇ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشمىدۇق ؟ ياكى بولمىسا قۇربان بىرەر ئىشنى بىلىپ قالغانمىدۇ ؟ دېگەندەك سوئاللار پەرىدەنىڭ كاللىسىدىن ئۇچۇپ تۇراتتى . بۇ ۋاقىتتا ئەرافاتنىڭمۇ چىرايى ناھايىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇ جىددىيلا پەرىدە مۇئەللىمگە سالام قىلدى .
-پەرىدە مۇئەللىم ياخشىمۇ ؟ ئەرافاتنىڭ بۇنداق ئەدەپلىك ھالىتىنى كۆرگەن پەرىدە مۇئەللىم ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان جىددىيلەشكىنىچە
- سوفىيە قانداقراق؟ ، بايا شۇنداق ياخشى تۇرمامتى ، بىردەمدە نېمىشقا ئۇنىڭ ئەھۋالى خەتەر ئىچىدە قالىدۇ ؟
ئۇنىڭ سوئاللىرىنى ئاڭلىغان پەرىدە قۇربانغا بىر قاراپ قويدى، ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈك ، يەنە كېلىپ قۇربانغا قورساق كۆپۈكى بار . پەرىدە ئاچچىقنى ئىچىگە بېسىۋالغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:
- قىزىق ئىكەنسىز قۇربان دېرىكتور . مەن يا دوختۇر بولمىسام ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى ، مەن نېمە ئۇقاي ؟ ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز سوفىيەمۇ بۇنداق ئاۋارىچىلىققا يولۇقمىغان بولاتتى ،ئەھۋال بۇنداق يامانلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى . سىز يەنە خىجىل بولماي بۇنداق سوراۋاتىسىز يا ؟
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ئۇ پەرىدەگە قاراپ قويدى ھەم ئۇزىنى سەل بىسۋالغاندىن كىيىن :
-پەرىيدە خىنىم سىز بۇنداق قۇپال تەلەپپۇزدا ماڭا گەپ قىلماڭ ؟! مەنمۇ سوفيىەنىڭ بۇنداق بولوپ قىلىشىنى خالىمايتتىم ،سز بۇنداق دىسىڭىز مەن بەك خىجىل بولوپ قالدىكەنمەن .
قۇرباننىڭ كەيپىياتى پەقەت ياخشى ئەمەس ئىدى ، نىملا بولمىسۇن پەرىيدە رەنانىڭ دوستى ئۇ ئامال بار ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتاتتى . ئۇنىڭغا سىيلىق مۇئامىيلە قىلشقا ئۇرناتتى . بۇۋاقىتتا پەرىيدەنىڭ يەنە ئاغزى ئىچىلدى :
-ھىلىمۇ سىز بۇنداق بولۇشىنى ئويلىماپسىز !؟ ھەنىم بولسا ! ئەگەر ئويلىغان بولسىڭىز ھازىرقى سوفىيەمۇ بۇرۇنقى بەش يىل ئاۋالقى دوستۇم رەناغا ئوخشاش ئۇتتا كۇيۇپ كۈل بولاتىكەن !
بۇ قىتىم قۇربان چىدىمىدى : پەرىيدە“ -دەپلا ۋارقىراپ پەرىدەنىڭ ئالدىغا كەلدى . قۇرباننىڭ كۆزلىرى خۇددى غەزپىيى ئىشىپ تىشىپ كىتىپ بارغان شىردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ غەزەپ بىلەن پەرىيدەگە قاردى: ئۈرۈمچىدىكى ھەممە كىشىلەر رەنانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئاپەتكە يولۇققانلىقاندىكى بۇ ئىشنى بىلەتتى . لېكىن پەرىيدەدىن باشقا ھېچكىم ئېغىزدىن چىقىرالمايتتى . ئەجرىمىز ئۈچۈن بۇ ئېلاننى چېكىپ قويۇپ داۋامىنى ئوقۇڭ
بولوپمۇ رەنانىڭ ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىكى ئىشلارنى ئېغىزدىن چىقىرالمايتتى . لېكىن بۈگۈن پەرىدە ئاچچىقىدا بۇ گەپنى قۇربانغا غەزەپ بىلەن ئېيتقان ئىدى . پەرىدەنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان قۇربان تاس قالدى قېشىدىكى ئورۇندۇقنى پەرىدەگە ئاتقىلى . بۇ ۋاقىتتا ئەرافاتمۇ نىم قىلارنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ھەم بوش ئاۋازدا :
- ئاپامغا توباۋ ھۇكۇل رېئاكسىيە قىلىدۇ ؟
- ”نىمە !؟“ قۇربان ھودۇققىنىچە ، بۇ ۋاقىتتا قۇربان ئەرافاتنىڭ دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدى . لېكىن ئۇ بۇ ۋاقىتتا « توۋ باۋ رېئاكسىيە قىلىدۇ» دىگەن گەپنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە جىددىيلىشىپ :
- سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ لايىھىلىگۈچى سوفىيەگە توۋباۋ رېئاكسىيە قىلىدۇ دېمەكچىمۇ ؟ نېمىشقا ھېچكىم ماڭا ئېيتىپ قويمايدۇ؟
قۇربان ئەزەلدىن رەناغا توۋ باۋ رېئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. رەنا ناھايىتى ئاز زۇكامداپ قالاتتى ، لېكىن زۇكام دورىسى ئىچكەندىن كېيىن قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىۋەتسە ھېچنېمە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. لېكىن ھەرگىزمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل ياكى كاسا ئوكۇلى ئۇرغۇزمايتتى . بۇ تەرپىي ئۇنىڭغا ئىنىق ئىدى . ئەيىنى ۋاقىتتا قۇربان ئەزەلدىن رەنانى ئۇزى زورلاپ ۋە ياكى پايدا مەنپەئەتنى كۆزلەپ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدۇ ، غەمخورلۇق قىلىدۇ دەپ ئويلايتتى ھەمدە نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا مېيىقىدا كۈلۈپ قويغان ، لېكىن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانىدى . بولمىسا ، ئەينى ۋاقىتتا ئاغرىپ قالغاندا ئۇ ئاتايىن پەرىدەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، ئۇنىڭغا زەنجىۋىل قايناق قاينىتىپ بەرمىگەن بولاتتى . ئەر خوتۇن بولغىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان ، لېكىن قۇربان قېشىدىكى ئۇ ئايالغا تاۋ باۋ نىڭ ئۇنىڭغا رېئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . بۇ ۋاقىتتا ، قۇرباننىڭ كۆڭلىنى بىر خىل پۇشايمان ۋە تىت تىت بولۇش چىرمىغان ئىدى . ئىش قىلىپ ئۇنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى . خۇددى بىر ۋەھشىي ياۋايى ھايۋان ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق چىشلىگەندەك ھېسسىياتتا ئىدى . مۇشۇ خىل پەيتتە ، پەرىدە يەنە ئاچچىقىدا قۇربانغا ئېغىز ئاچتى :
- بىزنىڭ ئۆيدىكى سوفىيەنىڭ نېمە قانداق نەرسە رېئاكسىيە قىلىدۇ ،بىز بۇنى قۇربان دېرىكتورغا دەپ يۈرمىسەكمۇ بولار ؟! مەن ھېچ چۈشەنمىدىم سوفىيە زادى سىزنىڭ نېمىڭىزتى بۇنچە قىپ كەتكۈدەك ؟ - دىدى زەردە بىلەن . پەرىدەنىڭ چىرايىدا قۇربانغا نىسبەتەن ھېچقانداق ھېسداشلىق ھېسسىياتى كۆرۈنمەيتتى . قۇربانمۇ ئاچىقىدا :
-پەرىدە خىنىم سىز ئەڭ ياخشىسى مىنىڭ ئاغزىم ئىچىلىشتىن بۇرۇن ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ بولمىسا !؟- قۇربان قاپىقىنى تۈرۈپ پەرىدەگە قارىدى . پەرىدەمۇ بوش كەلمەي قۇربانغا چاچراپ كەلدى :
- نېمە قانداق قىلماقچى ئىدىڭىز ؟؟ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىڭىزدىن پايدىلىنىپ بەش يىل ئاۋۋالقى رەناغا قىلغانلىرىڭىزنى ماڭىمۇ قىلماقچىمۇ ؟
پەرىدەنىڭ بۇ ھالەتتىكى ئاچچىقىنى ھەرگىزمۇ باسقىلى بولمايتتى . دېمىسىمۇ بەش يىل ئاۋۋالقى دوستىنىڭ بۇ ئادەم تەرىپىدىن نۇرغۇنلىغان ئازابقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلەتتى ھەمدە ، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەر كىشىنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كەلگەن ئىدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان كۆزلىرىنى ئېتىلىپ چىقىپ كەتكۈدەك ئالايتىپ پەرىدەگە قارىدى دە :
-سىزچە مەن جۈرئەت قىلالماسمەنمۇ؟ دېدى .
- بولدى بەس، ئۇرۇشقۇڭلار بولسا سىرتقا چىقىپ ئۇرۇشۇڭلار ! -دىدى ئەرافات بۇ خىل مەنزىردىن بىزار بولوپ . ئەرافات بىرلا ۋارقىرىدى . ئەرافاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇلار جىممىدە بولۇپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا پەرىدە ، ئەرافاتقا قاراپ قويدى ، ئەرافات شۇنچە تىت تىت بولۇپ كەتكەن ئىدى . قۇربان سەل ھەيران قالدى چۈنكى ھازىرغا كەلگىچە بىرەرسى ئۇنىڭغا بۇنداق ۋارقىراپ باقمىغان،ئەمما بۈگۈن بىر كىچىك بالا ئۇنىڭغا ۋارقىراۋاتىدۇ . مۇشۇ ۋاقىتتلا ئاندىن قۇربان ئەرافاتنىڭ نېمە ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەلگەنلېكىنى ، نېمە ئۈچۈن بۇنچە بىئارام بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى . ئىچىدە رەنا ئوپراتسىيە قىلىنىۋاتاتتى . قۇربان ھېچ ئىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدى ، دەل شۇ چاغدا دوختۇر ئوپېراتسىيە خانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ئۈچىلىسى يۈگۈرۈپ دوختۇرنى ئورۇۋېلىشتى . قۇربان بىر قەدەم ئالدىدا بېرىپلا دوختۇرغا دوختۇر قانداقراق ؟ -دىدى جىدىيلىشىپ . دوختۇر سەل ئۇزىنى توختىۋىلىپ : قۇربان دىرېكتور ، بىز سوفىيە خېنىم نىڭ دورا رېئاكسىيە قىلىدىغان ئاسارىتىنى ئۇقماي قاپتۇق ، ھازىر بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلدۇق . ھە نېمە بولسا سىلەر ۋاقتىدا كەپسىلەر ، ھازىر سوفىيە خېنىم خەتەردىن قۇتۇلدى ، لېكىن بەدىنى ئىنتايىن ئاجىز ، ئۇزۇن مەزگىل دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۆزىنى ياخشى داۋالىشى ياخشى ئاسرىشى كېرەك ، ئۇ ھازىرمۇ ھوشسىز ،لېكىن خەتەر ئۆتۈپ كەتتى . ئۇخلاۋاتىدۇ ، ھېچقىسى يوق .ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىتىدىغان دورىلار... دوختۇر گەپنى دەپ بۇ يەرگە كەلگەندە جىمجىت بولۇپ قالدى . ئارقىدىن يەنە بىز باشقا دورىلارنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك ، گەرچە باشقا دورىلار قىممەت بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىشقا ئۈنۈمى بولىدۇ . قۇربان دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا سەل تۇرۇپ قالدى : بولىدۇ ، چاتاق يوق ،- دىدى قۇربان . دوختۇر گەپنى دەپ بولۇپلا كېسەلخانىنىڭ ئىشىكنى يېپىۋەتتى دە ، چىقىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان كېسەلخانىنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ كىرمەكچى بولدى ، پەرىدە ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . شۇ چاغدا ئەرافات ئىچىگە كىرىپ كەتتى ، ھەمدە ئاپىسىنىڭ كېسەل كارتىنىڭ قېشىغا بېرىپ ، ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتتى دە : ئاپا . سىزنى بەك سېغىندىم
بۇنداق ئۇخلاپ يېتىۋەرمەڭ بولامدۇ . تېزرەك ئويغىنىڭ . سىزگە يەنە بۇرۇنقىدەك ئەتىگەنلىك تاماق تەييارلەپ بىرمەن ، سىز بۇنداق ئۇخلاپ ياتسىڭىز ، مەن بەك قورقۇپ كېتىدىكەنمەن . قۇربان بىلەن پەرىدە ئەرافاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



