大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 21 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 21 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-09
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 








بۇ ئەسەرنىڭ 22 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13




20
19



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


21 - قىسىم


ئۇ ۋاقىتتىا قۇربان رەناننىڭ پۇتنىڭ  ئاغرىق  ئىكەنلىكىنى  ئىسىگەن ئالدى  -دە  رەناننى  ئاستا  كارۋاتقا  قويماقچى  بولدى . لىكىن ،ئىھتىياتسىزلىقتىنتەڭلا  كارۋاتقا  يىقىلىپ  چۇشتى .

بۇ خىلدىكى  ھالەت  ئادەمنى  بىر ئاز  گاڭگىرتىپ  قويغان ئىدى

-ۋايجان

رەنا پۇتى  تىڭىقلىق ھالەتتە  كارۋاتقا  يىقىلىپ  چۇشتى .رەنا  ناھايىتى  جىددىيلىشىپ  كەتكەنىدى .ئۇنىڭ يۇزلىرى  قىزرىپ  ئاغزى  گەپكىمۇ  كەلمەي قالغانىدى .قۇربان  رەناننىڭ  ئۇستىگلا  چۇشكەنىدى .قۇرباننىڭ  كۆزلىرى  رەناغا  تىكىلىپ  تۇراتتى. رەناننىڭ  جىددىيلەشكىندىن  ئاغرىقنىمۇ ھىس قىلمىغان ئىدى . قۇربانمۇ   خۇددى  رەنا  بىلەن  بىر ھۇجۇردا  ياتقاندەك  ئەس  ھۇشىنى  يۇقانقان ئىدى . ئۇنىڭ  قولى  رەنانىڭ  بىلكىنى   مەھكەم  تۇتقان ئىدى .

قۇرباننىڭ سالاپىتى  يەنىلا رەنانى مەھلىيا  قىلاتتى . قۇربان  رەنانى مەھكەم  تۇتقۇنچە  بوش  ئاۋادا:

-رەنا ، دىگنچە ئىغزىنى  رەنا  تەرەپكە   ئاپاردى .تۇيۇقسىز ، يان  تەرەپتىن  قوڭغىراق  ئاۋازى  ئاڭلاندى. شۇئانلا رەنا  قۇرباننى  ئىتتىرىۋەتتى .شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يۇركى  توختىماي  سوقىۋاتاتتى .يۇزلىرى  قىزرىپ   قىپقىزىل  ئاناردەك  بولوپ  كەتكەنىدى .قۇربان  تاس  قالدى  كارۋاتتىن  يەرگە  يىقىلىپ  چۇشكىلى  ، شۇنداقتىمۇ  ئۇ  سەل  ئۆزىنى  ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن رەناغا  قارىدى .  تۇيۇقسىز   ياستۇق   بىشىدىكى  رەناننىڭ  تىلفۇنى  سايراپ  كەتتى . ئۇ تىلفۇننى  ئالاي دىيشىگە  رەنا  چاققانلىق بىلەن  تىلفۇننى  ئالدى -دە .

- سەمەت دىرىكتۇر!! رەنا  بىردىنلا خۇشال بولوپ كەتكەنىدى .  ئۇنىڭدىكى بايامقى جىددىيلىك   ئىپادىسى بىراقلا يوقىغان ئىدى .ئۇ قۇرباننىراسلا  ياخشى كۆرەتتى . بايامقى ئۇنىڭ قۇچاقلاشلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنىئازراق  تەۋرىتىپ  قويغانىدى .لىكىن ،نىمە ئۇچۇن رەنادا  ئۇنىڭغا نى سبەتەن، نەپرەت بولماستىن يەنىلا  كۆڭلىدە سۆيگۇ ئۇتىنىڭ ئۆچمىگەنلىكىگە ئۆزىنىڭ ئىشەنگىسىمۇ كەلمەيتى .ئۇ قۇرباننى ئىتىرۋىتىپ  سەمەت دىرىكتۇرنىڭ گىپىگە قۇلاق  سالىدى.    -  سىزگە بىرەر  ئىش  بولمىغاندۇ ؟سىز  سالامەتمۇ؟ ئاڭلىشىمچە  سىز  سەل  ئاۋارچىلىققا  ئۇچراپسىز ؟ئەسلى  مەن ئۇزۇم بىرىپ  سىزنى كۆرۇپ كىلەي  دىگەن. لىكىن سۇرىيەنىڭ  ئەھۋالى  ياخشى بولمىغاچقا  بۇ يەردىن   ئايرىلالمىدىم ؟!

سەمەت دىرېكتورنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن بوغۇق چىقىۋاتاتتى.  ئۇ راستىنلا سوفىيەدىنئەنسىرىگەن ئىدى .  قۇربان يان تەرەپتە سەمەتدىرېكتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ  ،كۆڭلى بىر ئاز بىئارام بولدى .  رەنا ھازىر قۇرباننىڭ چىراي ئىپادىسىغا  قاراپ   ئولتۇرمايتتى. سەمەت دىرېكتورنىڭ :

-سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس دېگەن گېپىنى ئاڭلاپئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى .

-سۈرىيەنىڭ ئەھۋالىقانداقراق بەك ئېغىر ئەمەستۇ .؟دىدى جىدىيلىشىپ :

-سىز ئەنسىرىمەڭ ! ئەھۋال ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس ، لېكىن ئۇنىيالغۇز قويساق بولمايدۇ ؟، سىز ئۇ تەرەپتە .دىدى  سەمەت  دىرىكتۇر  .

-مېنىڭ ئەھۋالىم ياخشى ، شۇ ئوڭ پۇتۇم ئازراق يارىلاندى .دوختۇرخانىدانەچچە كۈن داۋالانسام ياخشى بولۇپ كېتىمەن  . سىز سۈرىيەنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپقويۇڭ -دىدى . سوفىيە مۇلايملىق بىلەن  . رەنانىڭ پۈتكۈل دىققىتى سۈرىيەدە ئىدى ،ئۇقىزىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرىگەن ئىدى .

رەنا بىلەن قىزىنىڭ ئارىلىقى  يىراق ئىدى .  قىزىنىڭ ئەھۋالى   ياخشى ئەمەس ، بۇنداق ۋاقىتتا رەنا قىزىنىڭھالىدىن ياخشى  خەۋەر ئالسا بولاتتى.لىكىن،ئۇ  ئۇنداق  قىلالمايتى .

قىزنىڭ يۇزلىنى سىيلاپ  سۇيەلمەيتى . بىر  ئانا  ئۇچۇن ئىيىتقاندا، بۇ ئازابقا  چىداش  ئاسان ئەمەس ئىدى .

- قۇربان رەنانىڭ ئىككى كۆزىنىڭ قىزىرىپكەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى . نىم قىلارنى بىلمەي  قالدى .

ئۇ كۆڭلىدە رەنا مىنىىڭ ئايالىم !لىكىن، ئۇ  مىنىڭ  كۆز ئالدىمدا  باشقا  ئەربىلەن پاراڭلىشىپ  كوز يىشى  قىلۋاتىدۇ؟رەنا بىلەن  سەمەت  دىرىكتۇرنىڭ  زادى نىم مۇناسىۋتى بادۇ ؟دەپ  ئويلىدى  . قۇرباننىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى .  سەمەت دېرىكتور بىلەن رەنا يەنە گەپ قىلىشايدېگەن ۋاقتىدا قۇربان رەنانىڭ قولىدىن تېلېفوننى تارتىۋېلىپ  سوغۇققىنە:

-سەمەت دېرىكتور. سىز خاتىرجەم ئۆيدىكىلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەرئېلىڭ ،لايىھىلىگۈچى سوفىيەنىڭ قېشىدا مەن بار ، مەن ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن- دىدى .

-قۇربان نېمە قىلىۋاتىسىز، تېلېفونۇمنى قايتۇرۇپبېرىڭ ،-دىدى رەنا  ئاچىقلىنىپ  :

رەناقىزىدىن ئەنسىرەپ سەمەت دېرىكتور بىلەن قىزىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى بولغان ئىدى .

لېكىن ،قېيىشقاندەك قۇربانئۇنىڭ تېلېفونىنى تارتىۋالدى .«بۇ ئەر نىمدىگەن رەھىمسىز »دەپ  ئويلىدى  رەنا .   قۇربانمۇرەنانىڭ سەمەت دىرېكتور بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ .  كۆڭلىدە ھەسەتتە قوزغالدى -دە ، تېلېفوننى تارتىۋېلىپتېلېفوننى ئېتىۋەتكەنىدى .

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

رەنا يەنە  ئاچىقلىنىپ :

-قۇربان سىزنىڭ كېسىلىڭىزبارمۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ تېلېفونۇم پاراڭلاشقىنىم مېنىڭ رەھبىرىم ،مېنىڭ ئەڭ يېقىندوستۇم . نېمىشقا تېلېفوننىتارتىۋېلىپ ئۈزىۋېتىسىز ؟-دىدى ئاچىقلىنىپ .  قۇربان ئاچچىقىدا رەناغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.

-مەن نېمىشقا تېلېفوننىئۈزىۋەتمەيمەن ؟ مەن سىزگە بۈگۈن نېمە ئۈچۈنتېلېفوننى ئۈزۈۋىتىدىغانلىقىمنى دەپ بېرەي .؟قۇرناننىڭ  بەكلا  ئاچىقى  كەلگەن ئىدى  . ئۇ ئەزەلدىن ئالدىدا تۇرغان  لايىھلىگچى سوفىيەنى ئۆزىنىڭ ئايالى دەپئويلايتتى . گەرچە چىرايى ئازراق ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ   ، سوفىيە ئۆزىنىڭ رەنا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپقىلمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ،قۇربان يەنىلا ئۇنى ئۆز ئايالىم دەپ ئويلايتتى  . رەنا ئۈن تىنسىزلا قۇرباندىن بەش يىلئايرىلغان ئىدى .

لىكىن، قۇربان ئۇنى يەنە يۇقۇتۇپ  قۇيۇشنى  خالىمايتى.

قۇربان رەنانى قايرىپ ئۇنىڭ قارشى تۇرۇشىغاقارىماي سۆيۈشكە باشلىدى .رەنا  ئۆزىنى  يۇقىتىپ  قويغان ئىدى .رەنا  قۇرباننى پۇتۇن كۇچى بىلەن ئىتىرمەكچى  بولىدىيۇ ،لىكىن كۇچى يەتمىدى ..

ئەتراپ  جىمجىتلىققا  چۆككەنىدى .ئۇلار  ئۇزلىرىمۇ  سەزمىگىچە  سۆيشىۋاتاتتى .بىرخىل تونۇش  تۇيغۇ !قۇربان رەنانىڭ پۇرقىنى تىخىچە  ئۇنتمىغانىدى. گەرچە ئۇنىڭ چىرايى  ئوخشاش بولمىسىمۇ لىكىن. يۇرىكى  يەنىلا  ئۇنىڭ ئايالى ئىكەنلىلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ  تۇراتتى .قۇرباننىڭ  بۇنداق ئاچپاقىلارچە سۆيشى  ئۇنىڭ بەش يىلدىكى سىغنىشىنى  رەناغا ، ئىغزى  ئارقىلىق  يەتكوزۇپ بەرگەن ئىدى .

لىكىن ،رەنا  قۇربانغا  ئۆچ، ئىچ- ئىچىدىن ئۆچ .ئۆزىنىڭ ياخشى  كۆرىشىگە ئەرزىمەيدۇ ؟دەپ  ئويلايتى  . چۇنكى ،ئوت - ئاپىتى پۇتۇنلەي  ئۇنىڭ مۇھەبىتىنى كويدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى

ئۇنىڭ  قىزى  دوختۇرخاندا  ئاغرىق  ئازابىنى  تىتىپ  ھايات  كەچۇرمەكتە... رەنا قۇرباننى  ھەرگىزمۇ  بوش  قويمايتى.

رەنا قۇربانغا كۇچى  يەتمەي  ئۇنىڭ  لىۋىنى قاتتىق  چىشلىدى.

-ۋايجان! دىگنچە رەنانى  قۇيۇپ  بەردى .ئارقىندىنلا   چاڭڭىدە  بىر تەستەك  قۇرباننىڭ  قۇلىقىغا  تەگىدى .ھەمدە :

-قۇربان ھۇ ئەبلەخ ،- دىدى رەنا  ئاچچىقى بىلەن .رەنا  بۇ تەستەكنى  خىلى  كۇچ بىلەن  ئۇرغان ئىدى .

قۇربان قۇلىقىنى تۇتقىنچە رەناننىڭ ئالدىدا  تۇراتتى .

قۇرباننىڭ قۇلاق يۇز تەرپىى ئىششىپ  كەتكەنىدى .

لىكىن ،قۇربان يەنىلا  بايام  رەناننىڭ سەمەت  دىرىكتۇر بىلەن  پاراڭلاشقىنىغا  ئاچىقى يانماي  رەناغا  قاراپ  تۇراتتى .

ھەمدە ئاچچىقىدا :

- توغرا ، مەن ئەبلەخ . سىز نېمە قىلىشىڭىزدىن قەتىينەزەر   پەقەت سىز ماقۇل بولسىڭىزلا ، مەن ھەممىنى سىزگە بېرىشكە تەييار .  نېمە بولۇپ كەتسەم مەيلى ، سىزدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن .!

قۇربان گېپىنى دەپ بولۇپلا ئارقىغا  ئۇرۇلۇپ ماڭاي دەپ تۇرشىغا    قۇرباننىڭ مۈرىسى روزىغا  تىگىپ كەتكەن ئىدى ..

روزى قۇرباننىڭ يۈزىنىڭ ئىششىغانلىقىنى كۆرۈپلا.

-قۇربان دېرىكتور يۈزىڭىز ....

ئارلاشما،-دىدى قەتتى  تەلەپپۇزدا : ھەمدە زوزىغا بىرنى ئالىيۋەتكەندىن كېيىن كېسەلخانىدىن ئايرىلدى.  

ئەتراپتىكى ھاۋا قۇرباننىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى .

رەنا قۇرباننىڭ گېپى ئويلاپ تۇرۇپ قالغانىدى .  بەش يىل بۇرۇن ، قۇربان ئەزەلدىن رەناغا بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ باقمىغان ئىدى .  رەنا ھازىر لاھىيەلىگۈچى سالاھىيىتىدە ،ئۇ رەنادىن پايدىلنىپ  شاڭخەي HJگوروھىنى  يىقىتماقچى !بۇ نىمدىگەن رەزىل پىلان ھە! ئۇنىڭ مەخسىتى چۇقۇم  شۇنداق  بولمىسا  بىكاردىن سوفىيەدىن  تەستەك  يەپ  ئولتۇردىغان قۇربان  ئەمەس

يەنە نىمىشقا سوفىيەگە  شۇنداق يىقىنچىلىقلارنى قىلىدۇ .

ئىشلار ئىشقىلىپ ئۇنداق ئاددى ئەمەس  ئىدى ،  گەرچە رەنامۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن خىلى ئازدۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ .  لېكىن ، قۇرباننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى قۇرباننىڭ يۈرىكىنىڭ قانچىلىك قاتتىق ،قانچىلىك باغرى تاش ئىكەنلىكىنى ئۇ باشقىلاردىن بەكرەك چۈشىنەلەيتتى .  ئىلگىرى سوفىيە ئۈچ يىل ۋاقىت  ئىچىدە قۇربان ئۈچۈن قىلمىغانلىرى قالمىغان ئىدى .  ئۈچ يىل ئات ئېشەك ئورنىدا  ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولسىمۇ  ،ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېرىتەلمىگەن ئىدى .

قۇربان ھەتتا  ئۇزنىڭ بالسىغىمۇ  ئىچى  ئاغرىمىغان ئادەم ئۇنى بابلاش  ئۇنچە  ئاسان ئەمەس ئىدى .

-رەرنا سۇغۇقىنە كۇلۇپ قويدى . كۆزىدە ياش تامچىسى كۆرۇنۇپ تۇراتتى . رەنا ئىچ -ئىچىدىن ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدى .

- رەنا كۆزدىكى ياشلىرىنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن ، تېلېفوننى قولغا ئالدىدە سەمەت دېرىكتورغا تېلېفون قىلدى .  تېلېفون بىرلا سايرىشىغىلا ، سەمەت دىرېكتور تېلېفوننى ئالدى  .

-سوفىيە قۇربان سىزنى قىينىمىغاندۇ ؟ ياق .  ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ، مەن بىر ناتونۇش ئادەم.  ئۇ جىق ئىشلارنى بىلگۈسى بار ، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق يۇچۇق  قالدۇرمىدىم .  

-قىزىم سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟ كېسىلى ئېغىرمۇ ؟دىدى رەنا سەل ئۆزىنى  توختىۋىلىپ:  رەنا قىزى سۈرىيەدىن  بەك ئەنسىرىگەن ئىدى .  سەمەت دىرېكتور . كۈلۈپ تۇرۇپ :

-سۇرىيەنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشى . يۈرەك سوقۇشى سەل نورمالسىز .  مەن ئەسلى سىزگە بىرئش بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كاتىپقا دەپ ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىپ قېشىڭىزغا باراي دېگەن ئىدىم .سۈرىيەنىڭ ئەھۋالىدىن بەكلا ئەنسىرەپ ، ئۇنىڭ قېشىدا قېلىپ قالدىم ، ھازىر ئۇمۇ خېلى ياخشى ، ئەنسىرىمەڭ ،-دىدى  سەمەت دىرىكتۇر .  

-مەن ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلاشسام بولامدۇ؟

-ئەلۋەتتە بولىدۇ ، قۇربان دېرىكتور قېشىڭىزدا ئەمەستۇ ؟

- ئۇ بايا سىرتقا چىقىپ كەتتى . روزى ئۇنى ئىزدەپ كەپتىكەن بەلكىم ،شىركەتتە بىرەر ئىشى چىققان چېغى .  مەن سۈرىيە قىزىم بىلەن پاراڭلىشاي ،-دىدى .

- ھە بولىدۇ سەل  ساقلاپ  تۇرۇڭ !  سەمەت دېرىكتور شۇنداق دېگىنىچە تېلېفوننى قويىۋەتتى -دە ، ئۈندىدارنىڭ سۈرەتلىك پاراڭلىشىدىغان يىرىنى  رەناغا ئۇلىدى ، رەنامۇ ئىتتىكلا سۇرەتلىك پاراڭلىشىدىغان يىرىنى ئاچتى :

سۇرەتتە قىزى  كىسەل  كارۋىتىدا  ئاپىسنى  سىغىنغاندەك  قاراپ ياتاتتى.

سۇرىيە  ئنتايىن  چىرايلىق ئىدى.  ئۇنىڭ بەدەنلىرى  ئاپئاق ئادەمنىڭ  ئامراقلىكىنى كەلتۇرەتتى .رەنا قىزىنى كورۇپ :

-سۇرىيە قىزىم ،-دىدى، سۇرىيەمۇ بوش  ئاۋازدا :

-ئاپا، ئۇ گەپنى ئاران چىقىرىۋاتاتتى. لىكىن ئاپىسىنى كۆرۇپ  چىرايدا  كۇلكە  جىلۋىلەندى  . ئۇ يەنە بوش ئاۋازدا .:

- ئاپا . سەن ئاكام بىلەن قەيەرگە كەتتىڭلار ،سەمەت دادام سىلەرنى ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتتى دەيدۇ .سىلەر نېمىشقا مېنى ئېلىۋالمىدىڭلار ؟  سۈرىيە ياستۇق  بېشىدىكى كىچىك مۈشۈك ئېيىق قونچاقنى قۇچاقلىغىنىچە ئېغىزىنى ئۇمچەيتىپ ، ئاپىسىغا قاراپ تۇراتتى .  

رەنا قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، تاسلا قالدى يىغلىۋەتكىلى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ :

- ئوماق قىزىم مەن ئاكىڭىز بىلەن . بىر ئايلىق كاماندىروپكىغا ئۈرۈمچىگە كەلدىم .

مەن بۇ يەردىن قايتقاندىن كېيىن مەن سىزنى باغچىغا ئاپىرىپ قانغىچە   ئوينىتىمەن ، سىزگە ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىمەن . بولامدۇ ؟.سۇرىيە :

- ئاپا ، سىز مېنى نېمىشقا ئېلىپ بارمايسىز ؟ مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا مېنى ئېلىۋالمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟

سۈرىيەنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار غىل- پال كۇرۇنۇپ تۇراتتى. ئۇ ئاپىسى ۋە  ئاكىسنى  بەكلا  سىغىنغان ئىدى.

- ياق ، ئۇنداق ئەمەس . تاتلىق قىزىم . مەن ئاكىڭىز بىلەن راستلا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن ئىدىم . مەن بۇ يەردىن بېرىپلا سىزگە جىق  كىيىم -كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىمەن گەپ ئاڭلاڭ، ئىشەنمىسىڭىز .  سەمەت دادىڭىزدىن سوراڭ .

رەنا ئەسلى يىغلىماي دېگەن ئىدى . لېكىن، قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k