
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 24 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 22 |
21 |
20 |
19 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
23 - قىسىم
ئۇ تىزلىكتە ئۆيگە قايتىپ كەلدى ئۇ كىلىشگە مۇنىرە كۆزى ياش يۇقى يۇگىرەپ چىقىتى .
-قۇربان مىنى كەچۇرۇڭ مەن قەستەن قىلمىدىم مەن پەقەت فۇرقەت راس گەپنى قىلارمىكىن دەپلا ئۇنى يىنىكلا ئۇرۇپ قويغان ئىدىم.
لىكىن ،ئۇنىڭ بۇنچىۋالا ئاغرىپ قىلشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن !؟مىنى كەچۇرۇڭ مەن قەستەن قىلمىدىم مەن ياخشىقىلمىدىم دىدى يىغلاپ تۇرۇپقۇربان ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرغان ھالىتىنى كۇرۇپ بەكلا بىئارام بولدىھەمدە:بولدى مەن ئۇقتۇم سەنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق ئويلايسەن ؟
فۇرقەت ھازىر قانداراق ؟ئۇنى دوختۇرخانغا ئاپاردىڭمۇ؟دىدى .قۇربان ئۆزىنى سەل بىسۋىلىپ مۇنىرەنىڭ كۆزى يىغلاپ قىزرىپ كەتكەن ئىدى ھەمدە بوش ئاۋازدا: دوختۇرھۇجرىسىدا ئۇنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. قۇربان فۇرقەتنىڭ ھۇجرىسىغاكىردى ، مۇنىرەمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىردى. فۇرقەتنىڭ چىرايى قىزىرىپ ، سوغۇق تەرلەپ كەتكەن ئىدى ، بۇنى كۆرۈپ قۇرباننىڭ ئۇنىڭغا سەل ئىچ ئاغرىدى ، ھەمدە سۇغۇق تەلەپپۇزدا :
-بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش بولسۇن ، بالىغا قولتەككۈزمە،-دىدى
- ماقۇل ، ماقۇل ، مەن ھەرگىزمۇ قول كۆتۈرمەيمەن. فۇرقەت سەۋەبلىك گۇرۇھقا نۇرغۇنلىغان زىيانلار ئېلىپ كېلىندى ، ئۇ پەقەت راست گەپنى قىلمىغاچقا مەن ئۇنىڭغا قول كۆتۈرۈپ ساپتىمەن . مەن نېمە ئىش قىلاي ، مۇشۇ ئوغلۇم ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟بىزنىڭ جەمەت ئۇچۇن ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە مۇنىرەمۇ ئوغلىنىڭ بۇنداق بىچارە ھالىتىنى كۆرگۈسى يوق ئىدى . لېكىن ئوغلى بۇ قېتىم شىركەتكە نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەچكە قۇربانغا كۆرسىتىش ئۇچۇن ئۇنىڭغا بۇ قىتىم مۇشۇنداق قۇپاللىق بىلەن مۇئامىيلە قىلدى.
لىكىن سەل ئاشۇرۋەتكەن ئىدى. شۇڭا، بۇ قىتىم ئوغلى بەكلا ئاغرىپ قالغانىدى .قۇربان :فۇرقەتنىڭ بىشنى سىيلاپ تۇرۇپ دوختۇرغا :
- دوختۇر ، ئۇ قانداقراق ؟ دوختۇر بوش ئاۋازدا :
-كىچىك بەگزادە نېپىز كىيىنىۋالغان بولغاچقا سوغۇق ئۆتۈپ ، زۇكامداپ قاپتۇ،ھەمدە قىزىپ كېتىپتۇ ، مەن ئۇنىڭغا دورا ئىچكۈزۈپ قويدۇم ، دۇرىنى ۋاقتىدا ئىچكۇزسەڭلار ھېچقىسى يوق ، بۇنداق ياشتىكى كىچىك بالىلار ئاسانلىقچە ئاغرىپ قالىدۇ، بۇ ئىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .ئەنسىرمەڭ ،- دىدى دوختۇر .ئۇ گىپىنى دەپ بولۇپلا فۇرقەتكە ئاسما ئوكۇل تەڭشەش ئۇچۇن ئۇستەل تەرەپكە ئۆتتى .مۇنىرە بوش ئاۋازدا يىغلاپ تۇراتتى .بۇنى ئاڭلاپ قۇربان سەل بىئارام بولغان ئىدى .
-سەن ھۇجراڭغا كىرىپ كەت ،بۇنىڭ ھالدىن باشقىلار خەۋەر ئالسۇن، سەن بۇ يەردە تۇرساڭمۇ ھىچ ئىش قىلالمايسەن. شىركەتنىڭ ئىشى تىخى ئاشكارلانمىدى بۇ ئىشتا ئۇنى ئەيىپلەشمۇ توغرا ئەمەس. بىز تىخى ئىشنى رەسمى تەكشۇرۇپ بولالمىدۇق نەتىجىسى چىققاندا بىر گەپ بولار .قۇربانىڭ گىپىنى ئاڭلىغان مۇنىرە :
-بولمايدۇ ، مەن قەستەن قىلمىدىم، مىنى كەچۇرۇڭ. فۇرقەت مىنىڭ ئۆز ئوغلۇم مەن قىپقىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاي ،-دىدى مۇنىرە يىلىنىپ .
-ماقۇل، ئەمسە سەن ھالىدىن خەۋەر ئالغىن . دوختۇر سىرىتقا چىقسىڭىز سىزدىن سورايدىغان گەپ بار ئىدى !ئۇ شۇنداق دىگىنچە ئارقىغا ئۆرۇلۇپ چىقىپ كەتتى .دوختۇرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى . مۇنىرەنىڭ قۇرباننى تۇتۇپ قالغۇسى بار ئىدى .لىكىن ،ئۇنىڭ سۇغۇق ھالىتىنى كۆرۈپ ئىغىز ئىچىشقا پىتىنالمىدى.
قۇربان بىلەن دوختۇر ئۇنىڭ كىتابخانسىغا كىردى. دوختۇر:
-فۇقەتنىڭ ئەھۋالى بەك ئىغىر ئەمەس كىيىن ئۇنى ياخشى باقساق چوڭ چاتاق چىقمايدۇ،- دىدى ئۇ ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن .
قۇربان ئۈندىمەستىن يان تەرەپتىكى ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى ئاچتى . ھەمدە ،ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر تال قول ياغلىقنى ئالدى -دە ئۇنىڭغا بىر نەچچە تال چاچ يۆگەلگەن تارغاق يۆگىلىپ تۇراتتى . بۇ ئەينى ۋاقىتتا رەنا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتىنىمۇ ئۆزىنىمۇ تاپالمىغانلىقتىن ئۇنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ئۇزۇن چىچىنى ۋە تارغىقىنى ساقلاپ قويغان ئىدى. ھېچكىم ئۇ نەرسىلەرگە چېقىلمىغان ئىدى .
ئۇ يانچۇقىدىكى يەنە بىر تال چاچنى ئىلىپ دوختۇرغا ئۇزارتتى .ھەمدە:
-دوختۇر سىزگە دەيدىغان بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى. سىز بۇ ئىككى تال چاچنى ئېلىپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ ،بۇ ئىككى چاچ بىر ئادەمنىڭ چېچىمۇ ؟ دوختۇر بۇنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى . بوش ئاۋازدا:
-قۇربان دېرىكتور. سىز بۇنى ئۆزىڭىز تەكشۈرمەكچىمۇ؟ توغرا بىر ئادەم ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، چىرايىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ DNA ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ . بۇ تەبىئىي ئەھۋال ،-دىدى قۇربان جەزىم قىلىپ .
-«توغرا!» - دىدى دوختۇر ئۇنىڭ گىپىنى قوللاپ ،دوختۇر بۇ ئادەمنىڭ چېچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ لېكىن، بۇ ئادەمنىڭ قۇربان ئۈچۈن مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەندى . ئۇ ئاستا ئىككى تال چاچنى چىرايلىق ئوراپ يانچۇقىغا سالدى .قۇربان يەنە:
-دوختۇر بۇ ئىشنى ئىككەيلەندىن باشقا ھىسچكىم بىلمىسۇن ؟سىز تەكشۇرۇڭ نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن ماڭا تىلفۇن قىلىڭ ، مەن ئۆزۇم بىرىپ ئىلىۋالىمەن،-دىدى
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ
-دۇختۇر قۇربان نىمىشقا سىزنى ئىزدەيدۇ !؟ئۇ ئۇغلۇمنى بىرتەرەپ قىلمەن دىدىمۇ ؟ماڭا دەڭ مەن فۇرقەتنىڭ ئۆز ئاپىسى ئۇ زادى قانداق كىسەل ماڭا دەڭ يۇشۇرماڭ دىدى يىغلاپ تۇرۇپ دۇختۇر ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ:
- ئەنسىرىمەڭ ،مۇنىرە خېنىم ئوغلىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداق ناچار ئەمەس ، ئۇنى ياخشى باقساڭلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ، دورىسىنى ۋاقتىدا ئىچكۈزۈڭلار قۇربان دىرېكتورمۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەن بىلەن پىكىرلەشتى ، باشقا ئىش يوق .دىدى دوختۇر مېھرىبانلىق بىلەن
-راسمۇ؟ مۇنىرە سەل ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى .
- راست دىدى دوختۇر ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مىيىقىدا كۈلۈپ كېتىپ قالدى.
مۇنىرە كۆزىدىكى يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ، سەل گاڭگىراپ قالدى -دە ،ئوغلىنىڭ قېشىغا كىرەي دەپ تۇرۇشىغا :
ياردەمچى روزى كىرىپ قالدى ، ھەمدە ئۇنىڭغا :
-روزى نېمە بولدىڭىز؟ نېمىگە بۇنداق جىددىيلىشسىز! شىركەتتە بىرەر ئىش چىقمىغاندۇ . روزى سەل ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن
- ھېچقىسى يوق، مۇنىرە خېنىم مەن قۇربان دىرېكتورنى ئىزدەپ كەلدىم ، ھازىر سىز بىلەن پاراڭلىشالمايمەن .!؟
ئۇ تىز سۇرەتتە كىتابخانغا كىردى.
مۇنىرەمۇ ئاياغ تىۋشىنى چىقارماي ، ئاستا بىرىپ ئىشىككە قۇلىقىنى چاپلاپ ،ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىماقچى بولدى .روزى بوش ئاۋازدا :
- قۇربان دېرىكتور . لايىھىلىگۈچى سوفىيەنىڭ ئىشىنى ساقچى تەرەپلەرگە ئىنكاس قىلغان ئىدۇق. ئۇلار بىزگە بىر تۈركۈم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى . لاھىيەلىگۈچى سوفىيە ماشىنىنى سىنىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى راستتىنلا بىرى ماشىنا ئىسكىلاتىغا كىرىپ ماشىنا بىلەن ھەپىلەشكەنلىكىنى بىزگە ئىنكاس قىلدى . بىز كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن تەكشۈرۈپ كۆردۇق .چىراينى ئىتۋالغاچقا چىرايى بەك تۇتۇق كۆرگىلى بولمىدى .شۇڭلاشقا بۇ قىتىم راستىنلا بىرىنىڭ قەست قىلغانلىقى ئىنىق.
قۇرباننىڭ قاپاقلىرى تۈرۇلۈپ كەتتى . ھەمدە بوش ئاۋازدا :
- سوفىيە ماشىنىنى سىناق قىلغان ھېلىقى كۈنى . دېمەك ئۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن .
مۇنىرە قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يېنىك يۆتىلىپ قويدى . ھەمدە ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا فۇرقەتنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ ھۇجۇردا تىت -تىت بولۇپ ئۇياندىن بۇيانغا مېڭىپ يۈرەتتى .
ئەگەر ئۇ ئىشنى مىنىڭ قىلغانلىقىمنى بىلىپ قالسا ، قۇربان مېنى ھەرگىز بوش قۇيمايدۇ ،فۇرقەتكىمۇ ياخشى كۈن يوق . ئۇ نېمىشقا ساقچىغا مەلۇم قىلغاندۇ ،نېمە مەقسىتى باردۇ ؟ مۇنىرەنىڭ چىرايلىرى سارغىيىپ ، قوللىرىدىن تەر چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يەنە كىتابخانىنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىماقچى بولدى -دە ئاستا يەنە ئۇ تەرەپكە ماڭدى . بۇ ۋاقىتتا ياردەمچى روزى بوش ئاۋازدا :
- لايىھىلىگۈچى سوفىيە دەسلىپىدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقىتتا يا بىرەرسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويمىغان بولغىميدى . ياكى بولسا بىزنىڭ رىقابەتچى شىركەتلىرىمىز بىز بىلەن HJ گۇرۇھنىڭ ھەمكارلىقنى بۇزماقچى. ھازىر بولسا سوفىيەنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغانلىقىنى HJگوروھى بىلىدى . بۇنداق بولغاندا ئۇلار بىزدىن يۈزىنى ئۆرۈيدۇ شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ شىركەت نۇرغۇنلىغان زىيانلار كېلىپ چىقىدۇ .
قۇربان سەل ئويلىنىپ تۇرۇپ ، روزىغا :
-سېنىڭ دېگىنىڭمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ ؟ ئۆزۈڭ بىلسەن بىزنىڭ گورۇھ ئۈرۈمچى بويىچە خىلى چوڭ نامى بار گوروھ ، بىزنىڭ رىقابەتچى شىركەتلىرىمىز ھەرگىزمۇ بىز بىلەن تىركىشىشكە جۇرئەت قىلالمايدۇ ! ھازىر مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، بۇ ئىشنى بىزنىڭ شىركەتتىكىلەردىن بىرسى قىلدىمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم . لايىھىلىگۈچى سوفىيە بىزنىڭ شىركەتكە كەلگەندە ، ئۇنىڭ تۇنجى يۈز كۆرۈشكىننى مەن بىلەن مۇنىرە بىلىمىز ، مەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلمايمەن ، سەن بېرىپ تەكشۈر سوفىيە ماشىنا سىنغان ۋاقىتتا مۇنىرە نېمە ئىش قىلىدىكىن! ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرغان مۇنىرە قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىدە ئورنىدا تۇرالمىدى ، ھەمدە ئاستا ئۆرۈلۈپ ، فىرقەتنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .ئۇ كوڭلىدە:
-قۇربان مەندىن گۇمانلىنۋىتىپتۇ ! سوفىيە قانچىلىك نىمە ئىدى؟
ئۇ قۇرباننى ئالدىغلى كەلگەب بىر تۇلكە خالاس . مەن ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن . قېنى قاراپ تۇرسۇن دىگنچە مۇشتلىرى تۇرۇلۇپ كەتتى . ئۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىچە ياردەمچى روزىدىن چاققان كېلىپ تېلېفوننى قولغا ئالدىدە بىرگە تېلېفون قىلدى ھەمدە كەسكىن ئاۋازدا :
-سەن قانداق ئامال ئىشلەتسەڭ ئىشلەت . ئەگەر بىرسى شىركەتكە بېرىپ مېنىڭ ئەھۋالىمنى سورىسا سەن ھۆسن تۈزەش ئورنىدا دېگىن .
-خوپ بۇلىدۇ خىنىم خاترجەم بولۇڭ ،- مۇنىرە تېلېفوننى قويىۋېتىپمۇ خاتىرجەم بولالمىدى . ئۇ ھازىرقى شۇ ئاچچىقىدا لايىھىلىگۈچى سوفىيەنى قىيما -چىيما قىلىۋەتكۈسى، ھازىرلا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى ئوجۇقتۇرىۋەتكۈسى بار ئىدى ، لېكىن قۇربان ئۇنىڭ قېشىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ بۇ خىيالدىن ۋازكەچتى . ئۇ ھۇجۇردا ئۇياندىن بۇيانغا ماڭدى ھەم ئۇخلاپ ياتقان بالسىغا : سەن ھىشنىمىگە كىرەك كەلمەيدىكەنسەن، مەن سىنى ۋارىس قىلمەن دەپ قىلمىغنىم قالمىغان ، ئەمما سەن كېرەككە كەممىدىڭ ، -فۇرقەت ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئۇخلاپ ياتاتتى . قۇربان ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي كىتابخانىدىن چىقتى . مۇنىرە ئۇنىڭ چىققانلىكىنى كۇرۇپ
-قۇربان چۇشلۇك تاماقنى ئۆيدە يېمەمسىز ؟ فۇرقەت قىزىپ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىلاجۆيلۈپ چىقتى ، ئۇ كىچىك سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە موھتاج . ئەگەر سىز بولمىسىڭىز ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ . مۇنىرەنىڭ گەپ قىلىشلىرى ئىنتايىن بىچارە كۆرۈنەتتى . ئىلگىرى فۇرقەت بولغاچقىلا مۇنىرە قۇرباننىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالغان ئىدى ، لېكىن ھازىر ئۇنداق بولمايدۇ ،چۈنكى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قۇربان دوختۇرخانىدا رەنانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئىدى :
- كۈتكۈچى ئايالغا دە، ئازراق تاماق قىلسۇن ، مەن بىردەم تۇرۇپ ئېلىپ كېتىمەن.
ھازىر فۇرقەتنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇنى كۆرۈپ چىقاي سەن بېرىپ ئىشىڭنى قىل ، - دېدى قۇربان روزى غا .
-خوپ ،- دىدى روزى ئۇ ئۇ ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


