大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 37 ـ قىسىم

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 37 ـ قىسىم aybarawazi
2024-02-25
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




بۇ ئەسەرنىڭ 38 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7
18
17
16
15
14
13
24
23
22
21
20
19
30
29
28
27
26
25
36
35
34
33 32
31



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


37 - قىسىم


بۇ ۋاقىتتا قۇربان سىرتتا بىر تال تاماكىسىنى ئوينىغاچ قاراپ تۇراتتى . قارىماققا ئۇنىڭ كەيپىياتى شۇنچىلىك ناچاردەك قىلاتتى .ئۇ روزىنىڭ تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ،رۇزى ھەممە ئىشلارنى بېجىرىپ بولۇپ رەنانى ئېلىش ئۈچۈن ئېغىز ئاچقاندا، ئۇ رەت قىلىپ :  

 -بولدى ئورۇنلىشىپ بولغان بولسىلا سەن بۇ ئىشقا ئارىلاشمىساڭمۇ بولىدۇ !

  قۇرباننىڭ بۇ زومىگەر خاراكتېرىگە روزىمۇ كۆنۈپ كەتكەن ئىدى . قۇربان تېلېفوننى قويىۋەتكەندىن كېيىن رەناغا قارىسا ، رەنا كارۋاتتا غەمسىز ھالەتتە ئولتۇرغان ئىدى .  

رەنا قۇرباننىڭ خاپا ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنڭغا تىكىلىپ قارىدى . ئەمەلىيەتتە، رەنانىڭ قۇربانغا ئازراقمۇ كۆڭلى يوق، مۇھەببىتى ئاللىقاچان نەپرەتكە ئايلانغانىدى .

 -قانداق ئويلىنىپ بولدىڭىزمۇ ؟ -دېدى قۇربان .

   رەنا ئۇندىمەي جىم ئولتۇراتتى . قۇربان ئىچىدىن خوش ئىدى ، ئۇ بۇرۇن گەرچە رەناغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا كۆڭلى بار ئىدى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى رەنا خۇددى بۇرۇنقى ساپ ،سەبى ،ئوماق ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپلا ئەكىس ئەتتۇرۇپ تۇراتتى. ھەمدە ياش ۋاقتىدا بۇ ياخشى كۆرگەن قىزىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىن شۇنچىلىك ئىچى ئېچىشقانىدى . بۇ قېتىم ھايات ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەن ئىدى ،ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئويلىدى . ئۇ رەنانىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن رەنامۇ ئۆزى خالىمىغان ھالدا قۇربانغا ئەگىشىپ ماڭدى . رەنانىڭ پۇتى ئاغرىغانلىقتىن قۇربان ئۇنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ماڭدى . رەنا خىجىل بولغىنىچە :

  -«بولدى ، سىز مېنى پەسكە چۈشۈرۈپ قويۇڭ ، ماڭا بىر ھاسا تەييارلاپ بەرسىڭىز بولدى »دىدى.  

  -مەن سىزنىڭ ھاسىڭىز شۇ . 

    شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىككى ياش رومانتىك ھالەتتە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن شۇنداق تىز سۇرئەتتە ئۇلار ئۆيگىمۇ يېتىپ كەلدى .خوجىدار ئايال قۇرباننىڭ بىر ئايالنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ھالىتىنى كۆرۈپ كىم ئىكەنلىكىگە ھەيران قالدى . يېقىن بېرىپ قارىسا ، ئۇ بۇرۇنقى ھادىسىگە ئۇچرىغان رەنا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى .ھەمدە؛  

 -قۇربان دىرېكتور سوفىيە خېنىمنىڭ ھۇجرىسىنى تەييارلاپ قويدۇق ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئائىلىگە كەلگەن ئالاھىدە مېھمان ،ياخشى كۈتمىسەك بولمايدۇ ،- دېدى .خوجىدار ئايال تۈزۈت قىلىپ .   

  خوجىدار ئايال، ياش چېغىدىلا قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن ،بىر ئۆمۇر قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە ئىشلەپ يىشى بىر يەرگە بارغان، بىر قېرى خىزمەتچى ئىدى، قۇربان كىچىك ۋاقتىدا ئاپىسىنىڭ سۈتى يەتمىگەنلىكتىن ، بۇ ئايالنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ئىنكئانا قىلغان ، ھىساپتا بۇ ئايال ئۇنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاش ئىدى . مۇشۇ سەۋەبتىن قۇربانمۇ ئۇنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى . خوجىدار ئايال رەنانى كۆرۈپ ، ئۇنىڭغا سالام قىلىشىغا رەنا :   

  -كىم بولىسىز ؟ قېرى تۇرۇپ قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە غوجىدارلىق قىلاي دەپسىز-دە ؟سىزنىڭ ئۇنچىلىك ھوقۇقىڭىز يوق جۇمۇ ،- دېدى رەنا ، تۈزۈت قىلمايلا .خوجىدار ئايال ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەكلا ئاچچىقى كىلىپ كەتتى ھەمدە:  

  -خېنىم سىز قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە كىرگەن ئىكەنسىز ئائىلىنىڭ تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك . سىزنىڭ تاپتىن چىقىپ كەتكەن قىلىقىڭىزنى ئائىلىگە باشلاپ ئەكىرىشىڭىزگە يول قويمايمەن،- دېدى .

خوجىدار ئايال ئاچچىقلىنىپ .

 -ئۇنىڭ ئۇستىگە ؟ قۇربان !قۇربان، ئەجەبا سىز بۇرۇنقى ئايالىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ بۇ ئايالنى ئەكىرسىڭىز ئۇنىڭغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيسىز ؟ 

خوجىدار ئايال بۇرۇن قۇرباننىڭ رەناغا قانچىلىك مېھرى مۇھەببىتى بارلىقىنى بىلەتتى . قۇربان سەل تۇرۇپ قالدى -دە . ئالدىدا تۇرغان خوجىدار ئايالغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىغان ئاساستا :   

  -سىزمۇ بىلىسىز ، بەش يىلنىڭ ياقى رەنا مېنىڭ چۈشۈمدىن چىقىپ باقمىدى . بەش يىل بۇرۇن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سىز بىلەمسىز ؟ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟ بەش يىلنىڭ ياقىى ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلدىمۇ؟

  - ياق … بۈگۈندىن باشلاپ سوفىيە خېنىم بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىدۇ .بىزنىڭ ئۆيدە يېتىپ قوپۇپ غىزالىنىدۇ. ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار! ئۇ قانداق ئىش قىلسا ئۇنى توسماڭلار !مەن بۇ ھوقۇقنى ئۇنىڭغا بەردىم .

  بىراق ، ئەپەندىم .… دەپ تۇرۇپلا قالدى خوجىدار ئايال . دەرۋەقە ، قۇربان بۇ گەپنى رەناغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قەستەن ئېيتقانىدى . بەش يىل بۇرۇن ئۇلار ئەر ئايال بولغان ۋاقىتتا، قۇربان رەناغا قىلچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان . لېكىن ، بۈگۈنكى كۈندە تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ئايال خوجايىنلىق ھوقۇقنى بەرگەنلىكىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى . شۇنىڭ بىلەن، قۇربان گېپىنى تۈگىتىپ رەنانى بۇرۇنقى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ ياتقۇزدى . رەنا ئۈندىمەستىن ھۇجرىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىغا قاراپ ئولتۇراتتى . ئۇ ھەيران قالدى .ھۇجىرا بۇرۇنقىغا ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. ھېچقانداق نەرسىنىڭ ئورنى يۆتكەلمىگەن ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ گىرىم ئۈستىلىدىكى گىرىم قۇتىلىرىمۇ شۇ پىتى … بۇرۇن كۈنلۈكى ئوقۇيدىغان كىتابىمۇ ياستۇق بېشىدا ئىدى . ئۆزى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقىمۇ ياستۇقىنىڭ بېشىدا ئىدى .

ياستۇق ، يوتقان كىرلىكى ،كۆرپە ھەممىسى بۇرۇن ئۆزى سىلىپ قويغان ھالەتتە ئۆزگىرىپ باقمىغان . ئىش قىلىپ ھېچقانداق نەرسىسى ئۆزگەرمىگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن خىياللار ئۇنىڭ كاللسىنىى چىرمايتتى . ئۇ بەش يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى بىردىنبىر ئويلاپ چىققان ئىدى . بەش يىل بۇرۇنقى قۇرباننىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى، ئائىلىدىكى سوغۇق مۇئامىلىلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاتۇرىۋەتكەن ئىدى. ئىسسىق ياشلار ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ چۈشمەكتە ئىدى . ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىغىنىچە ، ياستۇققا بىشنى قۇيۇپ ئارام ئىلىشنى ئويلىدى . ئۇ پەقەت بىر قېنىپ ئۇخلىسا، بۇ ئازابلار ئۇنىڭ كاللىسىدىن ۋاقىتلىق يۈتۈپ ، ئۇنى قىينىمايتتى. قۇربان سوفىيەنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ، ياق ، ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن بەكلا خوش ئىدى . بەش يىلنىڭ ياقى ئۇنىڭ يۈرىكىدىن بىر نەرسە كەمدەك . رەنا قايتىپ كېلىپ ، بۇ كەملىكنى توشقۇزغان ئىدى . قۇربان شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى -دە ، رەنا كۆزنى ئېچىپ ئويغىنىپ كەتتى . رەنا قۇرباننىڭ كىرىشىگە ئورنىدىن تۇرۇپ :

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

 - بۇ سىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىز بىلەن بىللە تۇرغان ھۇجرىڭىزمۇ ؟

 -ھە ؟ قۇربان دۇدۇقلىغىنىچە تىترەپ كەتكەن ئىدى.  

 -ئەمىسە ئىككىڭلارنىڭ تويلۇق رەسىمى قەيەردە كۆرمىدىمغۇ ؟،- دېدى .

  - رەنا ياندۇرۇپلا .…

  رەنا قۇرباننىڭ ئائىلسىگە كىلىپلا بۇرۇنقى ئەسلىمىللىرنى ئەسلەشكە باشلىدى. لىكىن ،ئۇنىڭ مۇھەبىتى نەپرەتكە ئايلانغان بولغاچقا بۇ ئەسلىملەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھىچنىمە ئەمەس ئىدى .قۇربا ن ياردەمچى رۇزىغا تاپلاپ چاقلىق ئۇرۇندۇقمۇ تەييارلاپ قۇيغان ئىدى . بىر ئاز ۋاقىت ئوتكەندىن كىيىن خوجىدار ئايال ئۇ ئىككىسىنى تاماققا چاقىردى . قۇربان رەنانى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ تاماق ئۈستلىگە ئېلىپ باردى . رەنا تاماق ئۈستىلىگە بېرىپلا ، تاماقلارنى بىر قۇر كۆرۈۋەتكەندىن كېيىن مەنسىتمىگەن ھالدا:

 - مەن يىمەيمەن . ھەممىسى گۆش تۈرىدىكى تاماقلار ئىكەن . خوجىدار ئايال رەنانىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئاچچىقى قىرىق گەز ئۆرلىدى-دە . قېشىدا قۇربان بولغانلىقتىن ،گەپ قىلماي سۈكۈت قىلىپلا تۇراتتى . قۇربان مۇلايىملىق بىلەن :

 -سىزنىڭ نېمە يېگۈڭىز بار ؟ مەن سىزگە ئېتىپ بېرەي … مېنىڭ قوناق ئۇنى ئۇمىچى ئىچكۈم بار .  

  ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .

قۇربان كىچىكىدىنئەزەلدىن ئاشخانىنىڭ ئىشلىرىنى ئۇقمايتتى.

ئۇ تاماقمۇ ئېتىپ باقمىغان ئىدى .بۇگۇنكى كۇندە يەنە كېلىپ بىر ئايال ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشى ناھايىتى بىمەنە ئىدى .لېكىن ، ئۇ بۇ ئايال ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ ئۇماچ ئىتىشكە باشلىدى .خوجىدار ئايال رەنانىڭ بۇ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ، ئاچچىقى تىخىمۇ ئۆرلەپ ئۇنىڭ كەينىدىن سەت بىرنى ئالىيىپ قويدى . رەنا كىرىپ كېتىشىگە خوجىدار ئايالمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى دە : 

 - سىز بىزنىڭ خوجايىنغا بۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلسىڭىز بولمايدۇ .؟ سىز بىلىسىز بىزنىڭ خوجايىننىڭ قىز دوستى بار ئۇ فۇرقەتنىڭ ئاپىسى ، سىز ئۆزىڭىزچە بىزنىڭ ئائىلىگە كىرىپ تۇرسىڭىزلا، مەن خوجايىن بولالايمەن دەپ ئويلاپ قالماڭ . بۇ ئائىلنىڭ ھەقىقىي ئايال خوجايىنى مۇنىرە خېنىم . قۇربان ئائىلىسىنىڭ قائىدىسىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك ،- دېدى غەزەپ بىلەن .  

  -قارىسام سىز مەندىن خېلىلا چوڭ ئىكەنسىز ،سىزگە ھېچقانداق يامانلىق قىلىش نىيىتىم يوق . لېكىن ، سىزدىن سوراپ باقاي ؟سىلەر بۇرۇنقى كىلىن كىرگەندە، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باققانمۇ ؟ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ باققانمۇ ؟ قۇرباننىڭ ھازىر قىز دوستى ، ئۇنىڭغا ئۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنلىكتىنلا، سىلەر ئۇنى ئېتىراپ قىلدىڭلار… ياخشى كۆرسىلەر . سىزگە ئېيتىپ قوياي مەن بىلەن قۇرباننىڭ ئارىسىدا نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتىينەزەر ، ئۇ سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز . بۇنىڭدىن كېيىن تولا بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭ !ماڭا تولا قائىدە ئۆگىتىمەن دېمەڭ ، مەن ئۆزۈمنىڭ قائىدىسىدە ياشايدىغان ئايال . 

   رەنانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان خوجىدار ئايالنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كېلىپ كەتتى- دە . ئاچچىقىنى تەستە بېسىپ ھۇجرىسىدىن چىقىپ كەتتى .بىر ئاز ئوتكەندىن كىيىن رەناغا تېلېفون كەلدى . 

تېلېفون قادىردىن كەلگەن ئىدى . قادىر بولسا رەنا تۇنجى ئۈرۈمچىگە دەسسىگەن ۋاقىتتا، ئايروپىلاندا تونۇشقان دوستى ئىدى . ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خېلىلا ياخشى بولۇپ، ئۇ نىڭ قۇربان بىلەن خېلى تونۇش ئىكەنلىكى رەناغا ئايان ئىدى .

   -ۋەي .

   -چىرايىق قىز ، ياخشىمۇ؟

 -ياخشى .

 -يۇقاپ كەتىتىڭىز دوستىڭىزنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ،- دېدى قادىر.

  رەنامۇ چاقچاق قىلدى.

رەنا قادىر بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىر ئۈجمە كۆڭۈل يىگىت ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا سەزگەنىدى.  

 - مەنمۇ ياخشى. قېنى.يوقاپ كەتتىڭىز؟ سىزمۇ ئۈرۈمچىدىمۇ ؟ سوفىيە خېنىم ئاڭلىسام پۇتىڭىز قاتتىق يارىلىنىپتۇ ، بۇنىڭدىن خەۋىرىم بار ، ھازىر ياخشى بولۇپ قالغاندۇ ؟ ۋاقتىڭىز بولسا بىرگە تاماق يەيلى . مەن سىزنى مېھمان قىلاي -دىدى چاقچاق قىلىپ .

 -قادىر ئەپەندىم ، قانداق بولۇپ مېنى مېھمان قىلغۇڭىز كېلىپ قالدى ؟. سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولسا ، مەن چۇقۇم ۋاقىت چىقىرىمەن. ئۇنداقتا، ئەتە كۆرۈشەيلى . لېكىن ،مەن ھازىر قۇرباننىڭ ئائىلىسىدە . سىز ئەتە مېنى مۇشۇ ئالغىلى كىلىڭ بولامدۇ؟  

  -ئەلۋەتتە بولىدۇ . بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم بار . ئەمىسە ئەتە كۆرۈشەيلى .قادىر تېلېفوننى قويىۋەتتى .

 قادىر بولسا قۇرباننىڭ رەقىبى ئىدى مەيلى چوڭ بولسۇن ،كىچىك بولسۇن ، ھەممە ئىشلاردا ئۇ قۇرباندىن تالشاتتى ،قىزغىناتتى. رەنامۇ قەستەن قۇرباننى بىلسۇن دېگەندەك قىلىپ قادىرنىڭ گېپىگە قوشۇلغانىدى . رەنا تېلېفوننى قويۇۋېتىشكە، قۇربان قوناق ئۇنى ئۇمىچىنى تەييارلاپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىردى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k