
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 25 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
24 - قىسىم
مۇنىرە بولسا يەنىلا خاتىرجەم بولمايۋاتاتتى . ئۇ:
- نېمە ئىش بولسا روزىغا تاپشۇرىدىكەنسىز ؟ روزنىڭ ۋەزىپىسى بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى ، ئۇ چارچاپ ئاغرىپ قالسا سىزگە ياردەملىشەلمەيدىغان بولۇپ قالمىسۇن يەنە ، -دېدى چاقچاق قىلىپ .
لىكىن قۇربان:
مەن فۇرقەتنىڭ كىرىپ چىقاي ،-دىدى قوپاللا . قۇرباننىڭ كىرىپ كېتىشىگە مۇنىرە روزىنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى . فۇرقەتنىڭ چىرايى خېلى ئەسلىگە كەلگەن،لېكىن تېخىچە ھوشىغا كەلمىگەن ئىدى. ئۇ فىرقەتنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقانچە خىيالىدا ئەرفاتنى ئويلىدى. مۇنىرەمۇ قايتىپ كېلىپ فۇرقەتنىڭ ئىشىكنىڭ تۈۋىدە تۇردى .قۇربان كوڭلىدە: فۇرقەت بىلەن ئەرفات . ئىككىلىسى ئوخشاش ، بالا ئەرفات بولسا ئىنتايىن ئەقىللىق چوڭلارغا ئوخشايدۇ . ئەرفات رەنا ئىككىمىزنىڭ ئوغلىمىزمىكىن دەيمەن . چىگىش خىياللار ئۇنى قايمۇقتۇراتتى . بۇ ۋاقىتتا فۇرقەتمۇ كوزىنى ئاچتى . قۇربان ئۇنىڭغا:
- ئاڭلىسام ، سەن ئوقۇيدىغان يەسلىدە سېنىڭ ئەرفات ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىڭ بار ئىكەن . مەن شىركەتكە بارغاچ ئۇنى ئالغاچ كېلەي ،ساڭا ھەمراھ بولسۇن ،سەن تېزراق ياخشى بولۇپ قالىسەن .
قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان مۇنىرە ھەيران قالدى، ئەرفات دېگەن زادى كىمدۇ ؟ قاچاندىن باشلاپ ئوغلۇمنىڭ ئارافات ئىسىملىك دوست پەيدا بولۇپ قاغاندۇ؟
مەن ئەزەلدىن ئوغلىمىز فۇرقەتنىڭ ئەرفات ئىسىملىك ساۋاقدىشى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ئۇ قايسى ئائىلنىڭ بەگزادىسى ؟
مۇنىرە ئۇجۇر –بۇجۇرىغىچە سوراۋاتاتتى .قۇربان سەل قاپىقىنى تۇرۇپ قويدى ھەمدە سۇغۇقىنە :
- بولدى يەنىلا فۇرقەت ياخشى بولوپ قالغاندىن كىيىن ئۆزى دىسۇن ، سەن فۇرقەتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال .بۇ قىتىم لاھىلگۇچى سوفىيەگە سەل ئۇۋال بولدى. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولوپ قالسا بىزنىڭ شىركەت چوڭ زىيان تارتىدۇ. شۇڭا مەن ھازىر بىرىپ ئۇنىڭ ھالدىن خەۋەر ئىلشىم كىرەك،-
ئۇ گىپىنى دەپ بولوپلا ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كەتمەكچى بولۋىدى مۇنىرە ئۇنىڭ بىلكنى تۇتىۋىلىپ تۇرۇپ :
-قۇربان شىركەتتە نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر بار تۇرسا ، ئۇلار ھالىدىن خەۋەر ئالسا بولدىغۇ ؟ يەنە كىلىپ سىز ئەر كىشى بۇنداق قىلسىڭىز تازا توغرا بولماس ،بولمىسا مۇنداق قىلايلى ، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بىرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالاي . مەن ئايال كىشى بولغاندىكىن ھىچقانداق ئىش بولمايدۇ،- ئەنسىرمەڭ،- دىدى .
قۇربان :
- ھاجىتى يوق، سەن بىلەن سوفىيەنىڭ ئارلىقىدا نىمىش بولغانلىقنى پۈتكۈل ئۈرۈمچىلىكلەر بىلىدۇ ! ناۋادا سەن ياخشى خەۋەر ئالالماي قالساڭ ، شىركەتنىڭ ئىشى سۇغا چىلنىشىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئويدە ئولتۇرۇپ فۇرقەتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئال . قۇربان شۇنداق دىگنچە ئارقىغا ئۆرۈلۇپ ئويدىن چىقىپ كەتتى. مۇنىرە ئۇنىڭ سىماسىغا قاراپ سەل ئەندىشە قىلغان ئىدى.
قۇربان داچىسىدىن چىقىپ شىركەتكە ماشنا ھەيدەپ يۇرۇپ كەتتى ، ئۇ كىلىپلا ئامانلىق ساقلاش بۆلۇمنىڭ تور سستىمىسىنى تەكشۇرۋاتقانلىكىنى كۆردىدە سەل بىئارام بولدى ھەمدە كوڭلىدە : زادى بۇ نىمىشتۇ ؟ يىقىندىن بۇيان نىمىشىقا توختىماي كۆڭۇلسىز ئىشلار يۇز بىرىدۇ ؟ ئەجىبا بۇ ئىشلار رەنا بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ ؟
ئۇ يەنە تېز سۈرەتتە شىركەتتىن چىقىپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى . ئۇ كېسەلخانا ئۆيگە كېلىپ قارىسا ، رەنا ناھايىتى تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى . ئالاھىدە سېستىرا ئۇنىڭ قېشىدا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئاستا كېسەلخانا ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئالاھىدە سېستىراغا چىقىپ كېتىشنى ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-«توغرا!» - ئەرفات يەسلىگە كەلگەندىن كېيىن فۇرقەتنىڭ ئورنى بوش ئىكەنلىكىنى كۆردى -دە ، بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر ساۋاقدىشىدىن فۇرقەتنىڭ نېمىشقا كەلمىگەنلىكىنى سورىدى ، ئۇ ساۋاقدىشى :
- ئاڭلىشىمچە فۇرقەتنىڭ ئاپىسى فۇرقەتنى ئۇرۇپتۇ ، ئاندىن ئۇ نەچچە كۈن تاماق يېمەي ئاغرىپ قىزىتىپ يېتىپ قاپتۇ . بۈگۈن ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كېلىپ مۇئەللىمدىن رۇخسەت سورىدى ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ تېخىچە ھوشىغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەرفات ساۋاقدىشىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى . پۇرقەت ئاغرىپ قاپتۇ دە !؟ تۇيۇقسىز دەرس كىرىش قوڭغۇراق چېلىندى . ئۇ دەرس ۋاقتىدا پۇرقەتنى ئويلاۋاتاتتى . دىققىتىنى پەقەت دەرسكە يىغمىغان ئىدى . بۇرۇن ئەرفات فۇرقەت قۇرباننىڭ ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆچلۈك قىلاتتى ، لېكىن باشقا تەرەپلەردە ئۇنىڭغا يەنىلا ئامراق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەكتەپ قويۇپ بەرگەندە تېزلىكتە ئۆيگە بېرىپ ، پەرىدە ئاچىسى بىلەن بىللە ئاپىسى ياتقان دوختۇرخانىغا باردى . ئۇ بېرىپلا قۇرباننىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆردى- دە سەل ئارقىغا داجىدى . پەرىدە ، ئەرفاتنى كۆرۈپ نېمە بولدۇڭ ؟-دىدى.
ئەرفات سەل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ :
-پەرىدە ئاچا سەن ئاپامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن ، مەن قۇربان بىلەن دېيىشىدىغان ئازراق ئىشلار بار ئىدى .
پەرىدە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ھەمدە :
- ھە ، كىچىك سولتەك ،سېنىڭ قۇربان بىلەن دېيىشىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ سەن بۇ ئادەمدىن يىراق تۇر . ئۇنتۇپ قالما كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ئاپاڭغا مۇشۇ ئادەم زىيانكەشلىك قىلغان
- ئۇقتۇم ، پەرىيدە ئاچا.
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
بۇ ۋاقىتتا رەنا يالغاندىن ئۇخلىۋالغان ئىدى. پەرىدەنىڭ ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭلا ، ئۇمۇ ئويغىنىپ پەرىدەگە:
- پەرىدە سەن قاچان كەلگەن ئىدىڭ ئاداش ،ئەرفاتچۇ ؟
- ئەرفات سىرتتا بىردەمدىن كېيىن كىرىدۇ ؟
قۇربان ئۆزىنى بىر خىل بىئارام ھېس قىلىپ ، كېسەلخانا ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ئەرفاتقا ئۇچراپ قالدى . ئەرفات ئۇنىڭغا قاراپ :
-ھەي !
قۇرباننىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى :
-سەن مېنى چاقىرىۋاتامسەن ؟
-ھە سىنى چاقىرۋاتمەن !
قۇربان:
-مىنىڭ ئىسمىم ھەي ئەمەس، مىنى قۇربان تاغا دەپ چاقىرساڭ بولىدۇ ؟ بولىمىسا قۇربان دىرىكتۇر دەپ چاقىر !
ئەرفاتنىڭ ئۆزىنىڭ ھەي دەپ چاقىرىشى قۇرباننى سەل بىئارام قىلغان ئىدى . لېكىن ، قۇربان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا ئىللىق گەپ قىلغان ئىدى .ھەمدە كوڭلىدە: ئوغلۇم فۇرقەتنى كىچىكىدىنلا . مۇنىرە بىر قوللۇق تەربىيىلىگەن . ئۇ ئەزەلدىن دادىسىغا بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ باقمىغان . ئۇ قانداق بولۇپ سەندەك بىر ئادەم بىلەن تونۇشۇپ قالغاندۇ ؟دەپ ئويلىدى ئەرفات قاپىقىنى تۈرۈپ قۇربانغا قارىدى ، ئۇنىڭ قاپاق تۈرگەن قىياپىتى قۇربانغا شۇنداق ئوخشايتتى . ئۇ سوغۇققىنە:
- پۇرقەت ئاغرىپ قاپتۇ ، ئېغىرمۇ ؟ ئۇنىڭ سورشى ئىنتايىن قۇپال ئىدى . لېكىن، قۇرباننىڭ قىياپىتىنى كۆرۈپ ئازراق كۈلۈپ قويدى .ھەمدە:
-سىنىڭ ئۇنى كورگۇڭ بامۇ؟ مەن نىمىشقا ئۇنى ئويلىغىدەكمەن ئۇنداق دۆت بالنى نىمىشقا ئويلايمەن .مەن پەقەت سوراپ باقتىم،- دىدى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۇ بىردىنلا چاپىننىڭ يان پىشىنى تارتىپ قويدى.
ئۇنىڭ بۇھالىتىنى كورگەن قۇربان ئۇنىڭ يەنىلا كىچىك بالدەك ئوماق ھىس قىلدى قۇربان:
-ياخشى سەن سىغىنمىغان بولساڭ، مەن سىنى بىرىپ ئۇنى كۆرۇپ كىلىشىڭنى بەكمۇ خالايمەن ،سەن ئاپاڭغا دىگىن مەن سىنى ئاپراي . كىيىن ، ئۆزۇم ئەكىلىپ قۇيمەن ،-دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ . ئەرفات سەل ئىكلىنىپ قالدى -دە سۇغقىنە :
-ئۇنداقتا ھازىر سەن مىنى بارغىن دەپ ئۆتۇنىۋاتامسەن ؟! شۇنداق مەن سەندىن ئۆتۇنىۋاتىمەن ،- دىدى قۇربان .
ئەرفاتنىڭ بۇ قىلقىغا قۇربان دەرۋەقە چىدىدى . لىكىن بىرخىل غەلىتىلىك ھىس قىلدى .ئەرفات كىسەلخانا ئۆينىڭ ئىشكىنى ئىتىرىپلا كىردىدە ئاپىسنىڭ كارۋات بىشىغا بىرىپ :
-جىنىم ئاپا مەن سىرىتقا چىقىپ كىرسەم بولامدۇ؟ رەنا ئەنسىرەپ:
-قەيەرگە بارسەن ؟ قايتىپ كەتمەكچىمۇ؟ پەرىدە ئاچاڭ سىنى ئاپرىپ قويسۇن. ئەمەلىيەتتە رەنا ئوغلنىڭ دوختۇرخاندا تۇرۇشىنى خالىمايتى . ئەرفات بىشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ : -ئاپا مىنىڭ بىر دوستۇم ئاغرىپ قاپتۇ شۇنى كۆرۇپ كىلەي دىگەن !
قۇربان دىرىكتۇرمۇ شۇ يولدىن ئۆتىدىكەن ،مىنى ئاپرىپ قويدىغان بولدى. ئاپا ، خاتىرجەم بولۇڭ مەن يەنە قايتىپ كىلىمەن .ئەنسىرمەڭ !دىدى ئەرفات ئاپىسىدىن ئۆتۈنۈپ:
- سز ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ مەن قىشىدا ،- دىدى قۇربان ياندىشىپلا !
-بولمايدۇ !
ئەرفات قەيەرگە بارسا مەنمۇ شۇ يەرگە بارمەن . قۇربان دىرىكتۇرنى ئاۋارە قىلمايلى ،-دىدى پەرىيدە قۇربانغا رەددىيە بىرىپ رەنا سەل قاپىقىنى تۇرۇپ :
-پەرىيدە ئۇنى بارغىلى قويغىن ئىشنىمەنكى قۇربان دىرىكتۇر ئۇنى سالامەت ئاپرىپ ئەكىلىدۇ ؟رەنانىڭ گىپى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۋەتتى .ئەمەلىيەتتە ئەرفاتنى قۇربانغا يىقىنلاشتۇرمىسا توغرا بولاتتى. قۇربان بىلەن ئەرفات كىسەلخانىدىن چىقىپ كەتتى . پەرىيدە رەناغا قاراپ ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىننى ئاڭقىرالمايلا قالدى . ئۇلارنىڭ چىقىپ كىتىشگە پەرىدە:
-رەنا سەن زادى نىم ئويلاۋاتسەن؟
ئەگەر قۇربان ئەرفاتنىڭ كىملىكىنى بىلىپ قالسا ۋاقتى كەلگەندە ئۇ قىشىڭدىن بالاڭنى بۇلاپ ئەكەتسە يىغلاي دىسەڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ . دوستۇم!
رەنا سەل جىم بولوپ قالدى . ھەمدە، قاپىقىنى تۇرۇپ: -كىچكىدىن ھازىرغىچە مەن ئەرفات ۋە سۈرىيە بالىرىمغا بەكلا قەرىز بولدۇم. كۆڭلۇمدە ئۇلارغا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىنى بىرمەن دەپ ئويلايتىم. لىكىن، بىر نەرسىنى بىرەلمىدىم ئۇ بولسىمۇ دادىلىق مىھىر كۆيۇنۇش. ئۇلار دادىنىڭ مىھرىگە قىنىپ باقمىدى . مەنمۇ بۇ يەردىكى ئىشم تۇگىسە قايتىپ كىتمەن .لىكىن ، ئەرفاتنىڭ قۇربان بىلەن بىللە بولمىقى ئاسان ئەمەس مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئۇلار جىقراق بىللە بولۋالسۇن!دىدى رەنا ئاھسىنۋىتىپ
-ساراڭ بوپسەن ! سەن قۇرباننى تېخى ئۇنتالماپسەن. سېنىڭ بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشىڭ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشمۇ ؟
دىدى ، پەرىدە غەزەپ بىلەن رەناغا قاراپ.
رەنانىڭ يۇركى پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى ھەمدە :
-يارشىۋىلىش ! ھى قۇربان چىن دىلىدىن مىنى ياخشى كۆرسە ئاندىن ئويلىشارمەن بۇنى ئۇيلاپ باق ئۇنىڭ كۆرگىنى مېنىڭ ھازىرقى ناتونۇش چىرايىم ، لىكىن ئۇنىڭغا بۇ چىرايىمنى ياخشى كۆرگۈزەلىسەممۇ مەخسىتىمگە يەتكەن بولاتتىم . پەرىيدە :
-رەنا سەن نىم قىلماقچى ؟ قۇرباننى ئۆزۈڭگە يەنە بىر قېتىم زىيانكەشلىك قىلسۇن ، دەمسەن . سېنىڭ بۇ قېتىم بۇ يەرگە كەلگىنىڭ ئەرفاتقا دادىسىنى تونتۇشما ؟ -دىدى ھەيران بولوپ.
پەرىيدە رەنانىڭ ئاشۇ يىلدىكى ئازابىنى ھىس قىلالايتى،لېكىن كالىسىدىن ئوتمىگەن يىرى رەنانىڭ بۇنچە تىزلا قۇرباننى كەچۈرۋەتكەنلىكى ئىدى. ئەجىبا رەبا بالسى ئۇچۇن مۇشۇنداق قىلغانمىدۇ ؟ لىكىن قۇربان دىگەن بىر ئۇجمە كۇڭۇل ئەر . ئۇ بالا ئۇچۇن رەناغا ياخشى مۇئامىيلە قىلارمۇ ؟
پەرىيدە يەنە ئىغىز ئاچتى:
-رەنا سىنىڭ زادى قانداق پىلانىڭ بار ؟ ماڭا ئىيىتقىن دوستۇم ! -دىدى رەنانىڭ كۆزلىرىگە قاراپ ئىچ ئاغرىتىپ . رەنا كۈلۇپ تۇرۇپ پەرىدەنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتتى . پەرىيدە
-ھازىر دىگەن قانداق ۋاقىت؟ كۈلۋاتقىننى قارا ، سەن ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلمەي قالارسەنمۇ ؟ ئەجەبا سەن چىرايىڭنى ئۆزگەرتىپلا ھەممە ئىشنى يوشۇرالايمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟ قۇربان ھەرگىزمۇ قارىغۇ ئەمەس ، ئۇ ھامان بىر كۈنى سېنىڭ رەنا ئىكەنلىكىڭنى ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ . ئويلاپ باقە ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇ ساڭا قانداق مۇئامىلىدە بولار؟ ئۇ قېشىڭدىن ئەرفاتنى ئېلىپ كەتسە سەن يالغۇز قالمامسەن ؟ سېنىڭ ھازىرقى قىلىۋاتقىنىڭ راستىنلا ... ھەي،- پەرىدە سەل ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى . رەنا :
- مېنىڭ ياخشى دوستۇم ،سەن ماڭا ياخشى بولسۇن دەپ قارايسەن ؟ ياق لېكىن مېنىڭ بۇ قېتىم كېلىشىم مەن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇش ئەمەس ، مېنىڭ مەقسىتىم ئۇنى ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرگۈزۈش . ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەرفات ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسىمۇ مەن قانۇننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا ئوغلۇمنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتىمەن . بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايرىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ؟ پەرىدە جېنىم دوستۇم ، سەن ماڭا ئىشەنگىن ، مېنىڭ بۇ قېتىم كېلىشىمدىكى مەقسەت قۇربانغا ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگۈزۈش، ھەم ئۇنىڭ مال مۈلكىگە ئېرىشىش .مەن مەقسىتىمگە يەتكەندىن كېيىن ئوغلۇمنى ئېلىپ كېتىمەن ، ھازىرچە ئەرفات ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تۇرسۇن ، بۇ مېنىڭ ئوغلۇمغا قىلغان ئازراق تۇلۇقلىغىنىم بوپ قالار
دېدى رەنا
رەنا نىڭ گەپلىرى ناھايىتى كەسكىن ئىدى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


