
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 26 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 18 |
17 |
16 |
15 |
14 |
13 |
| 24 |
23 |
22 |
21 |
20 |
19 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
25 - قىسىم
سەن راستنلا قۇرباننىڭ بۆركىنى دەپ كەلدىڭمۇ ؟ كالاڭ جايىدىمۇ سىنىڭ ؟ بۇرۇن ئۇنىڭغا ئات ئىشەكتەك ئىشلەپ چىن يۇركىڭدىن ياخشى كۆرسەڭمۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆرشىگە ئىرشەلمىگەنتىڭ؟ ھازىر بۇ ئىش سىنىڭ قولاڭدىن كىلەمۇ ؟ رەنا دەرىزە سىرتىدىكى كۆپكۈك ئاسمانغا نەزەر تاشلىغاچ :
-بۇرۇن مەن بەك دۆت ئىدىم ، مۇھەببەت ئۇچۇن ئۇنىڭغا قىلمىغنىم قالمغان ئىدى . شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن ئازابقا دۇچار بولدۇم . لېكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ ، مەن يالغاندىن ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى ئالداپ كۆڭلۈمنى ئويناپ قىلسام، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەن . ھازىر گەرچە ئۇ مەندىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىشىنىمەنكى ئۇ چۇقۇم مېنى ياخشى كۆرىدۇ . مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن ، پەرىدە سەن ماڭا ئىشەنگىن . سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم ، سەن مېنى قوللىشىڭ كېرەك !
-ھەي ،سېنىڭ نىم ئويلايدىغىننى مەن راسلا بىلەلمىدىم. قانداق ياردەم قىلشىمنى مۇ بىلەلمىدىم ،-دىدى پەرىيدە. ئۇ رەناغا ئىچ ئاغرىتىۋاتاتى. . لىكىن دوستنىڭ ئازراقمۇ زەخمىگە ئۇچۇرشىنى خالىمايتى ، ئۇنىڭ بەختىلىك خاتىرىجەم كۇن ئوتكۇزشىنى ئۈمۇت قىلاتتى
ئەرفات دوختۇرخاندىن چىقىپ قۇرباننىڭ ماشىنىسىغا چىقتى قۇربان ئۇنىڭغا پات پات قىيا بىقىپ قاراپ قۇياتتى ھەمدە
-سەن فۇرقەتكە بىرەر نەرسە ئىلۋالمامسەن ؟!
-قۇرباننىڭ ئەرفات بىلەن ئۇزۇن تۇرغىسى بار ئىدى ،شۇغىنىسى بىرەر سەۋەب تاپالماي تۇراتتى . لىكىن ئۆزى بىر گۇروھنىڭ باشلقى تۇرۇپ بىر كىچىك بالىغا تۇزۇت قىلىش ئۆزىنىڭ سالاپىتىگە ماسلاشمىغاندەك ھىس قىلاتتى.
ئۇ ئاستا بىشىنى لىڭشىتتى ، كوڭلىدە قۇرۇق قول بارسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى.
- ئۇ نىمىنى ياخشى كۆردۇ ؟ -دەپ سوردى ئەرفات. ئۇ ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەچكە ، فۇرقەتنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى . ئۇنىڭ بىلىدىغىنى بولسا پەقەت قۇرباننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى، ئۇ مۇشۇ نامنىلا بىلەتتى . قۇربان سەل ھاڭۋىقىپ قالدى ، ئۇ تاكى ھازىرغىچە ئوغۇلنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . بۇرۇن ئۇ فۇرقەتكە ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى ، مەيلى ئويۇنچۇق بولسۇن ، مەيلى كىيىم بولسۇن ، بازارغا يېڭى چىققانلا بولسا ، ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرەتتى ، لېكىن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سوراپ باقمىغان ئىدى . ئەرفات قۇرباننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا سوغۇققىنە:
-سەن راستىنلا ئۇنىڭ دادىسىمۇ ، ھەتتا ئوغلۇڭنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟ سەنمۇ دادا بولدۇڭمۇ؟ - بۇ گەپنى ئاڭلىغان قۇرباننىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى
مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ
ھېلىقى ۋاقتتا سەن قەستەن قىلدىڭ ، شۇنداقمۇ ؟ ئەرفات دەرھاللا ئىنكاس قايتۇرۇپ:
-سەن نىم دەۋاتىسەن تازا چۇشەنمىدىم ؟ بۇ ئۇيۇنچۇق چىرايلىقمىكەن؟ - دەپ گەپنى يۆتكىۋەتتى. ئۇ بۇ دۇكاندىن ئۇ دۇكانغا كىرىىپ ئۇيۇنچۇقنىڭ گپىنىلا قىلىپ قۇربانغا ئازراقمۇ پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى . قۇربان ئەرفاتنىڭ قىلىقلىرىغا مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى ھەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇكانغا كىردى . ئەرفات يەتتە ، سەككىز ياشلىق بالىلار ئوينىغان ئويۇنچۇقلارنى تاللىماستىن ، بەلكى ماشىنا ئادەم بار تەرەپكە قاراپ كىرىپ كەتكەن ئىدى ، ھەمدە بىر ماشىنا ئادەمنى ئەسۋابىنڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى لاھىيەسنى كۆرۇپ ئۇنى تەتىقىق قىلىشقا باشلىدى . قۇربان :
-سەن بۇلارنى چۇشىنەمسەن ؟
قۇربان سەل گۇمانلىنىپ قىلغان ئىدى . لېكىن ئەرفات چاندۇرمايلا: كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ ، ھە - دەپلا جاۋاب بىرەتتى . ئەرفات گەپ قىلغاچ ماشىنا ئادەمنىڭ سان سىپىرلىرنى ئوزگەرتىشكە باشلىدى . ھەمدە ئۇنىڭغا بىر قانچە ئىقتىدارلارنى قېتىپ قويىدى . قۇربان بۇنى كۇرۇپ گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى . ئۇ « ياقتۇرغان بولساڭ ئالايلى» دىدى .
ئەرفات :
- مەن بۇنداق ئۇيۇنچۇقلارنى ئويناپ بولغان ، مېنىڭچە بۇ ئۇيۇنچۇقنى فۇرقەت چۇقۇم ياقتۇردۇ مۇشۇنى ئالايلى؟! -ئۇ شۇنداق دىگىنچە ئۇيۇنچۇقىنى مال ساتقۇچىغا ئۇزاتتى دە يانجۇقىدىن بانكا كارتىسىنى سۇندى .
- بولدى مەن تۆلەي! - قۇربان شۇنداق دېگىنىچە ، مال ساتقۇچىدىن ئەرفاتنىڭ بانكا كارتىسىنى قايتۇرۇۋالدى دە ، يانچۇقىدىن پورتمالنى ئېلىپ پۇل تۆلەي دېيىشكە ئەرفات توسۇۋالدى .ھەمدە:
- ئاپام ماڭا ناتونۇش ئادەملەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ خەجلىمە دېگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھازىر فۇرقەتكە سوۋغات ئالماقچى، سەن پۇل تۆلىمىسەڭمۇ بولىدۇ. بۇ كارتىغا مەن كىچىكىمدىن پۇل يىغىپ ساقلىغان بۇ ئويۇنچۇققا پۇلۇم يېتىدۇ ،-دىدى كەسكىنلا . بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇربان سەل بىئارام بولدى .
-مەن ناتونۇش ئادەممۇ ؟
-توغرا ، سەن پەقەت ئاپامنىڭ باشلىقى ، ھەمدە دوستۇم فۇرقەتنىڭ دادىسى ، ئۇنىڭدىن باشقا ماڭا نىسبەتەن سەن بىر ناتونۇش ئادەم ،- ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا قۇرباننىڭ قولىدىكى بانكا كارتىسىنى مال ساتقۇچىغا سۇندى . قۇربان تېخىمۇ بىئارام بولدى . كوڭلىدە :
گەرچە بۇ كىچىك سولتەكنىڭ دېگەن گېپى ئورۇنلۇق بولسىمۇ ، لېكىن سەل ئاشۇرىۋەتتىمۇ قانداق .؟!
-ئاپاڭ ساڭا داداڭ توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بەرگەنمۇ ؟ - قۇربان تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى .
ئەرفات بىشىنى تۇۋەن تۇتقۇنچە :
-ھە ئاپام ئىيىتقان ئۇنىڭ دىيىشچە ئۇ كىچىكمدىلا ئۆلۇپ كىتىپتكەن . لېكىن مېنىڭ تۇتۇق دادام بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ؟ مەنمۇ تۇتۇق دادامنىڭ مېنىڭ دادام بولۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن ، مۇشۇ يىللاردىمۇ ئاپام تۇتۇق دادامنى ياخشى كۆرىدۇ ،- ئۇ گەپلەرنى دېگەچ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى ، قۇربان بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ بىئارام بولدى .
-شۇنداقمۇ، سېنىڭ تۇتۇق داداڭ سەمەت دىرىكتۇرمۇ؟
-ھەئە ، سەن دادامنى تۇنۇيدىكەنسەن ؟ تۇتۇق دادام خىلى يامانكەن جۇمۇ ؟ ئۇ شۇنچە چوڭ شىركەتنى باشقۇردۇ ؟ لېكىن بىزگە بىرەر ئاۋارچىلىق بولوپ قالسا بىرىنجى بولوپ بىزنىڭ غىمىمزنى يەيدۇ؟ ئۇ مىنى ئۆز ئوغلىدەك كۆردۇ . مەكتەپتە ئوقۇشنى ، ماڭا خەت يىزىشنى ،گەپ قىلىشنى ئۇ ئۇگەتكەن . مەن ئۇنى ئۆز دادامدەك كۆرمەن . ئاڭلىشىمچە ئاپام قۇشۇلسىلا سەمەت دادام ئاپام بىلەن توي قىلدىكەن،- دىدى ئەرفات قۇرباننىڭ قانداق ئويلىشىشىغا دىققەت قىلماي ئىنتايىن مەغرۇرلارچە تۇتۇق دادىسىنى ماختاپ .
قۇرباننىڭ ئۈنى پەسكە چۇشۇپ كەتتى ھەمدە :
- باشقا بىر كۈنى پۇرسەت بولسا تۇتۇق داداڭ بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىپ باقاي ، ئۇ راستىنلا ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ – يوق ؟
- چۇقۇم پۇرسەت چىقىدۇ ! ۋاقتى كەلگەندە سەمەت دادام بىلەن ئاپامنىڭ توي مۇراسىمىغا سېنى چاقىرسام دەيمەن ،- دىدى ئەرفات . قۇربان ھىچقانداق جاۋاب بەرمەيلا :
- بىز ماڭايلى ! فۇرقەت بىزنى ساقلاپ قالدى ،- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئالدىدا دۇكاندىن چىقىپ كەتتى. ئەرفات كوڭلىدە :
-سىنىڭ ئاپامغا سالغان ئازابىڭ جىق ، سەن ئۆلۇمگە لايىق ، سەن ئالىقاچان دادىلىق سالاھىيەتنى يۇقاتقان . مەن ساڭا ئۆچ ،- دىدى كوڭلىدە ھەم ئۇيۇنچۇقنى ئىلىپ چىقىپ كەلدى .
قۇربان ئۇنى ماشىندا ساقلاۋاتاتتى ، ئەرفات گەپ قىلماستىن ماشىنغا چىقتى.
فۇرقەت ئەرفاتىنىڭ نېمە ئويلىشىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرمىدى ھەمدە قاشاڭلىق قىلىپ:
-كارىم يوق ، سەن مەندىن قابىيەتلىك، مەن سىنى ئاكام دەپ تاللىدىم. بۈگۈندىن باشلاپ سەن مىنىڭ ئاكام بولىسە، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، - دەپ جىدەل قىلدى . ئەرفات ئەزەلدىن بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى ! ئۇنىڭغا سىڭلىسى سۈرىيەلا مۇشتاق ئەكليەلەيتى. ئۇ فۇرقەتنىڭ بۇنداق قىلغىننى كۆرۈپ كۆڭلى سەل بىئارام بولدى . فۇرقەت ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئەرفاتنىڭ رەسىمى ئاچچىقى كەلدى
- تېز قويۇپ بەر ،! بىز بۇنداق قۇچاقلىشىپ يۈرسەك سەت تۇرىدۇ ،-دىدى ھەم فۇرقەتنى نېرىغا ئىتتىردى .
فۇرقەت قۇرباننىڭ ئوغلى . ئۇ ئەرفات سۈرىيەنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولىۋاتىدۇ ، . ئەرفات ئۇنىڭغا ئۆچلۈك قىلسا توغرا بولاتتى . لېكىن بۇ فۇرقەت ئەرفاتقا كانىدەك چاپلىشىۋادى:
- مەن قويۇپ بەرمەيمەن ،قويۇپ بەرمەيمەن ، مېنىڭ ئاكام بولۇشقا قوشۇلمىساڭ ، مەن ھەرگىزمۇ سېنى قويۇپ بەرمەيمەن ،-دەپ جېدەل قىلدى .
- فۇرقەت ساڭا يۈز لازىممۇ ئەمەسمۇ ، سەن دېگەن قۇربان گۇرۇھىنىڭ ئىزباسارى ! بۇنچە قاشاڭ بولساڭ قانداق بولىدۇ؟ - ئەرفات بىر خىل زېرىكىشلىك ھېس قىلدى ، ئەگەر فۇرقەتنىڭ بۇنداق قاشاڭلىقىنى بىلگەن بولسا ، ئەسلىدىنلا كەممەيدىغان ئىشكەن .پۇرقەت كۈلۈپ تۇرۇپ :
- ئىزباسار بولسا نېمە بولۇپتۇ ؟ ئىزباسارىمۇ كىچىك بالىغۇ ؟ ئىزباسارىنىڭ ئاكىسى بولسا بولمامدىكەن ؟ ئەگەر سەن خالىساڭلا قۇربان گۇرۇھنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىمەن بولامدۇ ؟
- بولمايدۇ ، مەن سىلەرنىڭ نەرسىلەرگە قىزىقمايمەن ،- ئەرفاتنىڭ شۇ زامان ئاچچىقى كەلدى ، ھەم قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇردى . فۇرقەت قاشاڭ بولسىمۇ ، لېكىن كىشىنىڭ چىرايىغا بېقىپ ئىش تۇتۇشنى بىلەتتى . ئۇ ئەرفاتنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ بايىقى قاملاشمىغان ھەرىكەتلىرىنى يىغىشتۇردى !
- ئۇنداقتا سەن ماڭا بىر ئويۇن ياساپ بەرگىن ، خۇددى باغچىدىكى كومپيۇتېردا ئوينىغان ئويۇنغا ئوخشاش .! مەن سېنى ئاكا دەپمۇ چاقىرمايمەن . مەن بىلىمەن سەن كومپيۇتېرغا بەك ئۇستا ، ئەرفات سەن راستىنلا يامان ئىكەنسەن . كىچىكلا تۇرۇپ كومپيۇتېرنى شۇنچە ئۇقىدىكەنسەن ،-دىدى فۇرقەت ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي .يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنى ماختاپ كەتتى . ئەرفات شۇ زامات فۇرقەتنىڭ ئاغزىنى قوللىرى بىلەن مەھكەم ئېتىۋالدى دە ، ئەتراپقا قارىۋېتىپ ئاۋايلاپ بوش ئاۋازدا :
- ئەگەر سەن يەنە قالايمىقان سۆزلىسەڭ ، مەن كىتىمەن .
-سۆزلىمەيمەن ،-دىدى فۇرقەت . ئەرفات ئاستاغىنە ئۇنىڭ ئاغزىنى قويىۋەتتى دە گەپ قىلماي ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى. ئەرفاتنىڭ يۈرىكى بىردىنلا يۇمشاپ قالغانىدى ، ئۇ فۇرقەتكە ئامراق بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى :
- كاساڭ يەنە ئاغرىۋاتامدۇ !
-ھەئە ، ئاغرىۋاتىدۇ،- فۇرقەت ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ئەرفاتقا بىچارىلەر قاراپ تۇراتتى ھەمدە: سەن ئۇقمايسەن ، ئاپام بەك سەت ئۇرىۋەتتى . چۈنكى دادامنىڭ شىركىتىگە بىر مىليون زىيان سالدىڭ دەپ، مىنى يوغان توقماق بىلەن كاسامغا بەك ئۇردى ، كاسسىلىرىمدىن قىزىلگۈللەر ئۈنۈپ چىقتى تىخى ،- ئۇ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن كاسسىسىنى سىيلاپ قويدى ھەم يەنە پەسكە چۈشۈپ پالەچتەك مېڭىپ ئەرفاتقا كۆرسىتىپ قويدى .
بۇنى كۆرۈپ ئەرفاتنىڭ كۆڭلى سەل يېرىم بولدى. ئۇنىڭ ۋىجدانى ئازابلانغاندەك بولدى .
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


