大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 11 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 11 ـ قىسىم ( 60 ـ قىسمغىچە ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-01-30
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 12 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1


10
9
8
7



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


11 - قىسىم



قۇربان ئەزەلدىن بىرەر ئايال كىشىگە بۇنداق قىلىپ باقمىغان ئىدى .  رەنا تۇيۇقسىز كۆڭلىدە . ھەي ، بۇرۇنقى قۇربان ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق قىلىپ باقمىغان ئىدى دەپ ئويلىدى .  نېمىلا بولمىسۇن قۇرباننىڭ رەناغا قىلغانلىرى ئاز ئەمەس ئىدى . ئۇ رەنانىڭ يۈرىكىنى  قاتتىق ئازابلىغان  ئىدى .  قۇربان تۇيۇقسىزلا بوش ئاۋازدا :

سىزنىڭ  ھۇجرىڭىز قايسى ؟

-سول تەرەپ ئاۋۇ  ھۇجۇرنىڭ بېقىنىدا قۇربان دىرىكتۇر . سىزنىڭ  ماڭا بۇنداق قىلغىنىڭىزنى مۇنىرە كۆرۈپ قالسا كېلىپ ئىككىمىزنىڭ ئەدىپىنى بەرمەسمۇ؟  قۇربان پۇتى بىلەن رەنانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ھەم  سوغۇققىنە:

-ئۇ بىلسە نېمە بولماقچى ئىدى ، ئۇ يا مېنىڭ قىز دوستۇم بولمىسا ؟ دېدى سوغۇقلا .  رەنا سەل گاڭگىراپ ،- ئۇنداق ئەمەستۇ ،  ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ، مۇنىرە سىزنىڭ قىز دوستىڭىز ئىكەنلىكىنى ؟  تېخى  سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئالتە ياشلىق بالىمۇ بار ئىكەن .  مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىز ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسىڭىز ياخشى بولماسمۇ ؟

رەنا  كارۋاتتا كىرىلىپ  ياتاتتى. ئۇنىڭ يىتىشى  خۇددى  يۇۋاش مۇشۇككىلا ئۇخشايتى!

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

قۇربان توختىماي رەناغا قارايتى ، ناتۇنۇش  چىراي لىكىن  ئۇنىڭ  كوزلىرىدىن خىل  ئىللىق  كوز  ئىپادىسى  چىقىپ  تۇراتتى. ئەمىليەتتە  رەنامۇ  قۇرباننى  شۇنداق  ياخشى كۇرەتتى ،قۇربان سۇغۇقىنىە،-ئۇنداق  ئەمەس،-  دىدى . ئەينى ۋاقىتتا    دوختۇرخانىدا قۇربان مۇنىرەگە  ئىنتايىن ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ ، رەناغا ناھايىتى سوغۇق تەگكەن . ئۇ خىلدىكى ھالەت رەنانىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن ئىدى .  رەنا بىر خىل ئۆچمەنلىك بىلەن   قۇربانغا قاراپ قويدى .  لېكىن  سىرتقا چىقارمىدى . ئۇ  ئىلگىرىكى رەنادەك  ئۇنداق ئەخمەق، ، ئىلگىرىكى  رەنا  ئوت ئىچىدە كۆيۈپ ئۆلگەن ئىدى ، بۇ  رەنا قىسساس  ئوتى   يۇركىگە تولغان   ھەمدە   ئۆز سۆيگۈسى تەرەپتىن كەلگەن ئازابنى قۇربانغا تېتىتقۇزۇپ قويماقچى بولغان ، ئۇنىڭدن  بىر تال بۆرىكىنى ئالماقچى بولغان بىر ئادەم ئىدى .  شۇنداق تۇرۇقلۇق ، قانداقمۇ مۇنىرەگە ھەسەت قىلسۇن ؟  رەنا ئامال بار ئۆز روھىي ھالىتىنى ياخشى ساقلاشقا تىرىشاتتى . شۇ ئارىدا  ۋاقىتتا قۇربان دەرھال بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك رەناغا  :

- ئۆيىڭىزدە زەنجىۋىل بارمۇ ؟ مەن سىزگە زەنجىۋىل قايناق قاينىتىپ بېرەي ، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ ؟-دىدى مۇلايىملىق بىلەن  .بۇ گەپنى  ئاڭلىغان رەنا گاڭگىراپ قالدى .   رەنا  ئەزەلدىن  زەنجىۋىل  يىيىشنى  ياقتۇرمايتى!قۇربانمۇ  بۇنداقلىقىنى بىلەتتى ،شۇڭلاشقا  بۇ خۇددى مۇنداقلا  دەپ  قۇيغاندەك  تۇيغۇ  بەرگەن ئىدى

رەنا :

-مەن زەنجىۋىل يىيىشنى ياقتۇرمايمەن ،قۇربان دىرىكتۇر بولدى   ئاۋارە  بولماڭ ،يەنە سىز  خىلى  ئابرويلۇق ئادەم ماڭا زەنجىۋىل  قاينىتىپ  يۇرسىڭىز تازا  قاملاشماس ! -دىدى  چاقچاق   ئارلاش . قۇرباننڭ  بۇرۇنقى  ئايالىمۇ  زەنجىۋىل  يىيىشنى  ياقتۇرمايتى . قۇرباننىڭ   چىرايىغا  كۇلكە يۇگۇردى ،ھېچىقىسى  يوق ،زەنجىۋىل  يىيىشنى  ياقتۇرمىسىڭىز جىقراق  قايناق  سۇ ئىچىپ  بىرىڭ ئەمسە؟-گىپىنى دەپ  بولوپ  رەنا  خالىسا  خالىمىسا  پەرۋا قىلماي  ئاشخانغا كىرىپ  زەنجىۋىلنى  توغرىسىغا  كىسىشكە باشلىدى  ،رەنا  ھەيران قالدى «كوڭلىدە ھەي  بۇ قۇربان  ھەجەب  بالدۇر ئىش  باشلاپ كەتتى  دىسە،قىنى كورۇپ باقاي  قاچانغىچە مۇشتاق  قىلسەنكىن» ئۇ كوڭلىدە  شۇلارنى ئويلايتى .رەنا  قۇرباننىڭ بولەكچە بىر سىماسىنى كورگەندەك بولدى  ،بۇرۇنقى مۇز ،چىرايىدىن قىرۇۋ كەتمەيدىغان قۇربان بۈگۈن بولەكچىلا مىھرىبان بولوپ قالغاندى.     رەنا :ھەي …ئادەمنىڭ  گپىنى  چۇشەنمەمسىز؟مەن يىمەيمەن  دىدىم ،مەن زەنجىۋىلگە ئۆچ! -ئۇ  شۇنداق  دىگنچە  كارۋاتتن سەكىرەپ  چۇشتى –دە،  قۇرباننى تارتىپ چىقماقچى  بولدى .

ئۇ كىرپ قۇرباننى ئىتىىرمەكچى ئىدى ،تۇيۇقسىز قوينىغا يىقىلىپ چۇشتى . قۇربان ئۇنى تۇتۋالغان ئىدى ،بۇنداق ئىللىق مەنزىرنى رەنا ئەزەلدىن كوروپ باقمىغان .بىراق رەنامۇ  ئۇزى  ھىس قىلمىغان  ئاساستا  قۇرباننىڭ  ئۆزىنى  ياخشى كوروپ  قالغانلىقىنى ھىس قىلدى  .يەنە بىر  تەرەپتىن  قۇربان گۇمانى بولغانلقى ئۇچۇن ئۇنىڭغا يىقىلاشتقمۇ ؟رەنا سەل  گۇمانغا  چۇشۇپ  قالدى. رەنا  سەل ئۇزىنى ئوڭشىۋىلىپ ئۇزىنى قۇچىقىدىن  ئاجىرتىپ  چىقارماقچى  بولدى ھەمدە قۇرباننىڭ قولىدىن پىچاقنى ئالماقچى بولۋىدى  قۇربان بىر سىلكىپلا  رەناننى ئاشخانا ئىشىكىگە مىختاپ  تۇرۋالدى .قۇرباننىڭ  ئىسسىڭ  نەپەس  ھىدى  رەناننىڭ يۇزىگە ئۇرۇلاتتى ،رەنا  سەل  بىمەنىلىك  ھىس قىلىپ  تولغىنىپ  قاچماقچى  بولۋىدى ،قۇربان  يەنە بىر كۆتۇرەپلا كارۋاتقا ئاپىرىپ  ياتقۇزۇپ قۇيدى ھەمدە ئۇنىڭغا بىسىپ  ئىشىلتىپ  :

-بولدى ئەمدى  غەلۋە  قىلماي جىم يىتىڭ ، قۇربان رەناغا بۇيرۇق قىلىۋېتىپ  يەنە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . رەنا جىمجىت بۇلۇپ قالدى ،قۇرباننىڭ بۇ ھالىتى رەناغا ناتۇنۇش ئەمەس ،لىكىن بىر  ئاز  ياقتۇرمىدى .ئەجىبا بۇ قۇرباننىڭ  ھىلىسىمىدۇ؟ ھوشيار بولماي بولمايدۇ ،- دىدى رەنا كوڭلىدە .

رەنا سەل  گاڭگىراپ تۇرغىنىدا  قۇربان  ئاشىخاندىن  زەنجىۋەل  قايناقنى ئىلىپ  چىقتى .

-ئۆزىڭىز ئىچەمسىزيا مەن سىزگە ئىچۇرۇپ قۇيامدىم؟ -قۇربان قاچىنى رەنا غا  تەڭلىدى  .ئۇنىڭ پۇرقىنى بىر پۇرشى بىلەن رەنا  ئىغزىنى تۇتقىنىچە ئارقىغا  داجىپ  كەتتى .قۇربانمۇ رەنا  تەرەپكە ئىغىشتى ھەمدە رەنانىڭ كۆزىگە قاراپ:  

-مەن باشقىلارغا دورا ئىچكوزسەم ئىغزىمدا ئىچكوزۇشكە ئامراق ، قانداق سىزمۇ سىناپ باقامسىز؟-رەنا قۇرباننىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئاغزىدىكى  تۇكرۇكنى يۇتىۋەتتى .كۆڭلىدە بۇ ئادەمنىڭ كىسلى بارمۇ نىمە ؟بۇرۇن مىنى كۆرسە  ئارقىغا قاچىدىغان ئادەم بۇگۇن بولەكچىلا » مۇشۇلارنى ئويلاپ  رەنانىڭ تۇيۇقسىز بەك  ئاچچىقى كەلدى :

-قۇربان دىرىكتۇر ،سىز بۇنداق قىلسىڭىز مەن سىزنى خاتا چۇشۇنۇپ قالدىكەنمە  .ئەڭ ياخشىسى  مەندىن يىراقراق تۇرۇڭ ،يەنە كىلىپ  سىزنىڭ قىز دوستىڭىز با ،بۇنداق قىلسىڭز تازا توغرا بولمايدۇ .ئەگەر قىز دوستىڭىز بۇنى بىلىپ قالسا مىنى ھەگىزمۇ بوش قويمايدۇ ! مىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىغزىدا  يامان  ئاتاققا  قالغىم يوق !-رەنانىڭ  ئاچىقلانغىننى كۆروپ  تۇرۇپ قۇربان  سەل  كۇلۇپ قويدى ،ھەمدە كولۇپ تۇرۇپ:

ھېچقىسى يوق ،مۇنىرە مىنىڭ قىز دوستۇم ئەمەس .فۇرقەتمۇ مىنىڭ ئوغلۇم ئەمەس .ئۇلار پەقەت نامدىلا ئويدە تۇرۋاتىدۇ  باشقا ئىش يوق !- رەنا  يەنە بىرقېتىپ  ھاڭۋىقىپ قالدى ، ئۇ قۇرباننىڭ بۇ تۇترۇقسىز گەپلىرىنى ئاڭلاپ  كوڭلىدە ئۇنىڭغا بولغان ھۇرمىتى تۇماندەكلا  تارغان ئىدى ،ئۇ كۆڭلىدە  بىشىدىن ئىىگىز كۇتۇرەپ  ھورمەت قىلغان  ئەر  ئەسلىدە بىر ئۇچىغا چققان سۇيۇق ئۇژمە كوڭۇل ئىدى .ھەي  ئەينى ۋاقىتتا كۆزى كور بولۇپ قالدىمۇ ،قانداقمۇ مۇشۇنداق سۇيۇق  ئەرنى ياخشى كوروپ  قالغان بولغىيدى ؟يەنە   كېلىپ ئۇ  ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرخانىدا قۇربان مۇنىرەگە ھەمراھ بولۇپ بالىنى تەكشۈرگەن تۇرسا ، فۇرقەت قانداقمۇ ئۇنىڭ بالىسى بولماي قالسۇن .  بۇ ئىشلارنى ئۇ قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتسۇن؟-  رەنا كۆڭۈلدە سەل بىئاراملىق ھېس قىلغان ئىدى .  ئۇ قۇرباننىڭ قولىدىكى زەنجىۋىل قاينىغىنىنى ئېلىپ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن:

- ھە ، ئەمدى ئىچىپ بولدۇم . كۆرگەنسىز! ئەمدى قايتىپ كېتىڭ ، مەن ئارام ئالىمەن ،-  رەنانىڭ بۇ ۋاقىتتىكى گەپلىرى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلىغان قۇرباننىڭ سەل قاپىقى تۈرۈلدى :

- ھەي ، ئۇنى نېمىشقا رەنجىتىپ قويغاندىمەن ،-دېگەندەك خىياللار ئۇنىڭ كاللىسىدىن كەچتى . ئەجەبا مۇنىرەنىڭ مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرغانلىقى ئۈچۈنمىدۇ ؟ مۇنىرە ئويدە تۇرغىنى بىلەن نەچچە يىلنىڭ ئۆزىنىڭ ھەممىسى پۇرقەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان تۇرسا ،- ھە ؟-  ھازىرقى ئەھۋال  ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر ئاز  دىلىغۇل قىلاتتى  . ماقۇل سىز ياخشى ئارام ئېلىڭ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە ، مەن سىزنى ئالغىلى بارىمەن. بىر خىزمەتكە بارايلى،- دىدى  .

- كىم سىز بىلەن خىزمەتكە بىللە بارىدىكەن ؟مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ ،بىزنىڭ شىركەت ئادەم ئالماشتۇرىدىغان بولدى.  

بۇ ۋاقىتتا قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ :

-ھى ھى ،  مەن    سىزدىن باشقا لايىھىلىگۈچى تەكلىپ قىلمايمەن،- دېدى . رەنا ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران قالدى دە ، ئەس ھوشىنى يوقىتىپ قوياي   دەپ قالدى.     ئۇ ئېسىنى يىغىپ قۇربانغا گەپ قىلاي دېگۈچە قۇربان قولىدىكى قاچىىنى ئىلىپ  ئارقىغا ئۆرۈلۈپ  ئاشخانا ئويگە چىقىپ كەتتى  .   قۇربانىڭ بۇنداق  قىلغنى رەنانى  گاڭگىرتىپ  قويدى ،لىكىن  ئۇ  يەنىلا  بىلمىگەن قىياپەتنى  ساقلىمىسا  بولمايتى ،ئۇ شۇنداق  ئويلاپ تۇرىشىغا  ئۇنىڭغا تىلفۇن  كەلدى،تىلفۇن ئوغلى  ئەرفاتتىن  كەلگەن ئىدى …شۇ زامات  ئۇنىڭ چىرايىدا  كۇلكە يۇگۇردى .تىلفۇننى ئىلىپ :  

-ئوماق  قۇزام  ،قانداراق  ؟

ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان قۇربان ئارقىغا  ئورۇلۇپ  رەناغا  قاردى .رەنا خۇددى  پۇتۇن  دۇنيا  ئۇنىڭغا مەنسۇپ  بولغاندەك  كۈلۈپ  كەتكىن ئىدى ،ئۇنىڭ  بۇ ھالىتى  قۇرباننى  سەل  بىئارام قىلغان ئىدى  كوڭلىدە  :

-ئۇنى بۇنچە تىلفۇن قىلىپ  خۇش قىلۋەتكەن كىمدۇ ، ئەجىبا  ئەركىشىمىدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ  يولدىشىمىدۇ ؟ ئۇ بۇلارنى  ئۇيلاپ  دەرھال  قاپىقى تۇرۇلدى ،ھەر خىل  خىياللار  ئۇنىڭ كالىسىدىن  قىيىپ  ئۈتەتتى.

ئەرفاتنىڭ  قىلغان  بۇ  تىلفۇنى  قۇربانغا  نىسبەتەن نۇرغۇن دەر گۇمانلارغا  قويغانلىقىنى بىلمەيتى .ئەرفات ئۇرۇندۇقتا ئىككى  پۇتىنى ئويناتقىنچى ئاپىسغا:

- ئاپا ،مەن بۇرۇن سىز  مىنى ئاپارغان دارىلئتامدا . بۇ يەر خېلى  بولوپ قۇيدىكەن .ئىسىڭىزدە  بامۇ  بىز بۇرۇن بۇيەرگە خالىسانە  ياردەم  قىلىمىز دىيىشكەن ،دارىلئتام   باشلىقى ماڭا  بەك  ياخشى  مۇئامىيلە قىلىدۇ. مۇناسىۋتىمىزمۇ بەك  ياخشى ،  ئەينى ۋاقتىدا  تۇتۇق  داداممۇ  بۇ  يەرگە مەبلاغ  يىتىشمەيدۇ دىگەنتى ، ئاپا  مىنى  ساقلاپ تۇرۇڭ .مەن بۇ يەردىكى  ئىشىمنى تۇگۇتۇپلا  سىزنى ساقلاپ تۇراي  ،مىنى ئالغىلى  كىلىڭ بولامدۇ

-ماقۇل ،ۋاقتى كەلگەندە ماڭا  خەۋەر  قىل ، مەن سىنى  ئالغىلى  باراي !؟

رەناننىڭ كەيپىياتى شۇنداق  ياخشى ئىدى .بۇنى كوروپ  قۇرباننىڭ چىرايى بارغانسىرى  ئۆڭۇپ كەتتى .قۇربان رەنا ئۇنى ئالغىلى باردىكەن ؟ ئۇمۇ ئۇرۇمچىگە كىلەمدىكىنە؟دىگەننى خىيال قىلدى .رەنا  تىلفۇننى قۇيۋەتكەندىن كىيىن قۇربانغا  قاراپ  سەل  قاپىيقى تۇرۇلدى :سىز تىخى قايىتماپسىزغۇ!   

رەناننىڭ تىلفۇننى ئىلىپ  شۇنداق خۇشال  پاراڭلىشىپ  كىتىشى،ئۆزىگە توڭ تېگىشى قۇرباننى  سەل  بىىئارام قىلىپ قويدى :

- كىمنى ئالغىلى  بارسىز ؟بولمىسا  سىزنىڭ  ئورنىڭىزدا مەن ئالغىلى باراي ،-دىدى  قۇربان  تەمكىن  ھالدا . رەنا  قانچە قىتىم ئويلاپمۇ قۇرباننىڭ  نىم قىلماقچى  ئىكەنلىكىنى بىلەممىدى

ئۇ سۇغۇق كۇلكە ئارلاش:

-قۇربان خۇجايىن بۇ مىنىڭ ئۇزەمنىڭ  شەخسىي ئىشى  ،سىز كۇڭۇل  بولمىسىڭىزمۇ  بولدۇ  ھەم  سىزنى  ئارلاشتۇرۋالغۇممۇ يوق . ئىشىڭىز تۇككەن  بولسا  تىز  قايتىپ  كىتىڭ ،دوستۇم كىلىپ  ئىككەيلەننى كۇرۇپ قالسا  ياخشى بولمايدۇ ؟مەن ئۇنىڭغا  چۇشەندۇرۇم بولالمايمەن ،-دىدى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ  قۇربان  ئاچچىق  بىرنى تىنىپ  قۇيۇپ كىتىپ قالدى .رەنا  قۇرباننىڭ  بۇنداق  ئاچچىقلىغىننى ناھايىتى ئاز كورەتتى .ئۇ  دەرھال  تىلفۇندىن ئوغلىنىڭ ئادىرسىنى ئىزدەپ تىپىپ  ،ماشىندىن بىرنى ئوغلىنى ئەكىلىشكە  ھاۋالە قىلدى . قۇربان   رەنانىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كۆڭلى ناھايىتى بىر قىسىم بولدى  . ئۇ ئەزەلدىن بىرنىڭ بۇنداق سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ باقمىغان ئىدى .  ئۇ مۇشۇ خىيال بىلەن تۇرغىنىدا  ، توساتتىن مۇنىرە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى ھەم ئۇنىڭ كەچتە كېلىپ تاماق يەيدىغان يېمەيدىغانلىقىنى سورىدى .  ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ

-بۈگۈن مېنىڭ شىركەتتە ئىشىم بار . مېنى ساقلىماي تامىقىڭلارنى يەۋېرىڭلار،- دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى .  ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ، رەنانىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قاراپ قويۇپ رەنانىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر  تاللا دۇكىندىن    سەي-كوكتات ۋە بېلىق گۆشى ئېلىپ رەنانىڭ ئۆيىگە بېرىپ رەنانىڭ ئىشىكىنى قوڭغىرقىنى قايتا باستى  . رەنا مۈشۈك كۆزدىن قارىسا قۇربان تۇراتتى، ئۇ قۇرباننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ، سەل قاپىقى تۈرۈلدى -دە ، ئاچچىقىدا:

- قۇربان خوجايىن ، يەنە نېمىگە كەلدىڭىز ؟

قۇربان :

-سىز ئاغرىپ قالدىڭىز! يېنىڭىزغا قارايدىغان ئادەم يوق ، مەن سىزگە يەيدىغان نەرسە ئەكەلدىم، سىزگە بېرىپ بولۇپ قايتىپ كېتىمەن ،-دېدى .

رەنا ، سوغۇققىنە :

- بولدى رەھمەت ، قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىڭ! سىز خوددى  يېقىن تۇغقىنىڭىز مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز؟يەنە كېلىپ مەن بىر نەرسە يېمەكچى بولسام سىرتتىن بۇيرۇتسام بولىدۇ .   

قۇربان ئارقىدىنلا :

-سىرتتىن بۇيرۇغان تاماق سالامەتلىككە زىيان قىلىدۇ، سىز ھازىر ئاغرىق تۇرسىڭىز ؟ سىز شىركەتتىكى بىر خىزمەتچى ، مەن شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرگە  كۆڭۈل بۆلسەم بولمامدۇ ؟  قۇربان شۇنداق دېگىنىچە   ئىشىكنى ئىتتىرىپلا ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى .  رەنا ئەزەلدىن قۇرباننىڭ بۇنداق بىزەڭ ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى .  ھەمدە ئەزەلدىن ئۇنى تاماق ئېتەلەيدۇ دەپ قارىمايتتى .  ئەينى يىللاردا رەنا داۋاملىق ، ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرەتتى، لېكىن قۇربان بىرەر قېتىممۇ رەناغا تاماق ئېتىپ باقمىغان ئىدى. ئېسىلزادە تۇرمۇشنى كەچۈرگەن بۇ ئادەم ئاشخانىدىكى ئىشلاردىن يىراق ئىدى .  قۇربان ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرىپ پەشتامىنى تاقاپ قولىدىكى سەي بىلەن   بېلىق گۆشىنى توغراشقا باشلىدى ، ھەمدە قازانغا ماي قۇيۇپ ئۇلارنى قورۇشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئىنتايىن   سالاپەتلىك ئىدى رەنا ، ئاشخانا ئىشىكنىڭ قېشىدا قولىنى قوشتۇرۇپ   قۇربانغا قاراپ تۇراتتى .ئۇ قاچانلاردىن تاماق ئىتىشنى ئۈگەندىكىنە ،ئەجىبا مۇنىرە ئۇگۇتۇپ قويغاندىمۇ ؟ئۇ شۇلارنى ئويلاپ چىقتى ،مۇنىرە  دەرھال  تىمىنى ئوزگەرتىپ :

-ئوھوي ، بىر گوروھنىڭ باشلىقىمۇ تاماققا خىلى ئۇستا ئىكەن دىسە ؟- ئۇنىىڭ گەپلىرى بىرخىل تەنە  ئارلاش ئىدى   ،

لېكىن قۇربان كۈلۈپ قويۇپ :

- پۇرقەت كىچىك ۋاقتىدا   سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى ، ئۇ باشقىلار ئېتىپ بەرگەن تاماقنى ھەرگىز يېمەيتتى ،ئاشۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ ئانچە مۇنچە ئۆگىنىپ قويغان .  فۇرقەتنىڭ كىملىكى رەناغا ئايان ئىدى ، ئۇ ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى  بىر قىسىملا بولۇپ قالدى . ئۇ كۆڭلىدە بىر ئۈچ تۆت ياشلىق بالا ئۈچۈن ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتىپ بېرىپتۇ لېكىن ئۇ سۈرىيە بىلەن ئەرافات ئۈچۈن دادىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ باقمىدى . ئۇ ئاچچىقىدا:

-چىقىپ كىتىڭ، دەرھال  چىقىپ كىتىڭ !- رەنا ئاشخانىغا كىرىپ بارلىق كۈچى بىلەن قۇرباننى ئىتترىپ   چىقىرۋىتىپ   ئىشىكنى چىڭ يېپىۋەتتى .  ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغان ئىدى .ئۇ ئۇزىنىڭ  نىم قىلۋاتقانلىقى بىلەن   ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى، نېمىلا بولمىسۇن بۇ ئادەم ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ ئازار بەرگەن ئىپلاس ،ئۈجمە كۆڭۈل ئادەم .  ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى ئازاب  ھەر ۋاقىت ئۇنى قىينايتى  . قۇربان  مۇنىرە ۋە ئوغلى ئۈچۈن بارلىق مېھرىنى ئۇلارغا بەرگەنلىكى ،رەنادىن ۋاز كەچكەنلىكى   رەنانىڭ يۈرىكىدىكى دەرتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن ئىدى  .  بەش يىل بۇرۇن ، ئەگەر رەنا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىمىغان بولسا سۈرىيەمۇ ئىزچىل دوختۇرخانىدا يېتىپ ، ئاغرىق ئازابىنى تارتمىغان بولاتتى .  قۇربان دېگەن بۇ ئىپلاس ئادەمنى كەچۈرگىلى بولمايتتى .بۇ ئىشلارنى ئۇ ئۆلسمۇ  ئۇنۇتمايتى  . رەنا ئىشىككە   سىيرىلىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ  ئاققان ئىدى  .لىكىن تەسلىكتە ئاۋاز  چىقارماسلىققا  تىرشاتتى. قۇربان نىمىش بولغانلىقىىنى ئاڭقىرالماي … مىھمانخانا ئويدە  سەل  تۇرۇپ  قالدى دە بايا نىم دىگەنلىكنى ئويلىدى .”فۇرقەت“ ئۇ دەرھال بۇنى  ئويلىدى ،بەش يىل بۇرۇن نىمىش ئىش  يۇز بەرسۇن رەنا بىلەن  ئارلىقىىدىكى  بالا يوق  بولغان ئىدى لىكن  مۇنىرە ئىلىپ  كەلگەن ئۇ  بالا   رەنانىڭ خۇددى  بىر  ئۇتكۇر پىچاق بولوپ ئۇنىڭ يۇرەك جاراھىتىڭ ئىزناسىنى قىرىپ ئاچقاندەك  بولدى .رەنا كوڭلىدە  بۇ ئەبلەخ نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ ؟قۇربان ھېچنىمىنى ئۇقالماي قۇلنى كۇتۇروپ  ئىشىكنى قىقىشقا  ئۇرۇندىيۇ  ھاۋادىن كەلگەن بىر خىل كۇچ  ئۇنى تۇسۇپ قۇيدى ئۇ جۇرئەت قىللاماي يەنىلا  چەكمەسلىكنى قارار قىلدى  دە مىھمانخانىغا پەشتامىنى قۇيۇپ  تىپتىنىچلا ئۇيدىن چىقىپ كەتتى .


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k