大数跨境

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 18 ـ قىسىم ( تولۇق قىسىم ئەپچىدە )

سۆيگۈ قۇربانى ( رومان ) 18 ـ قىسىم ( تولۇق قىسىم ئەپچىدە ) aybarawazi
2024-02-06
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


  سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 








بۇ ئەسەرنىڭ 19 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ



ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


6
5
4
3
2
1
12
11
10
9
8
7

17
16
15
14
13



سۆيگۈ قۇربانى


(رومان)


18 - قىسىم


مۇشۇ ۋاقىتقا قەدەر قۇربانغا ، ھېچكىم بۇنچىلىك   ئۆچمەنلىك بىلەن قارىمايتتى ، دەرۋەقە بۇ قېتىم بىر كىچىك بالا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدى .قۇربان ئۇنىڭغا ئۆچ بولاي دېسىمۇ قىلغۇسى  كەلمەيتى ،  ئۇ بايا ئەرافاتنىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن بىر تال چاچقا ئېرىشتى دە، دوختۇرخانىنىڭ يەنە بىر تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە قاراپ ئېلىپ كەتتى .  ئەرافات كېسەلخانىغا كىرگەندە چىرايى ئىنتايىن تۇتۇق ، ئۇنىڭ چىرايىدىن خۇشال ئەمەستەك كۆرۈنەتتى.  پەرىدە ئەرافاتقا قارىۋەتكەندىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :

-قانداق كىچىك سولتەك نېمە بولدۇڭ ، كىم سېنىڭ ئاچچىقىڭنى كەلتۈردى ؟

لېكىن ، ئەرافات پەرىدەنىڭ گېپىگىمۇ پىسەنت قىلماي، ھېچنېمە دېمەي ، رەنانىڭ كارىۋات بېشىغا كېلىپ ئولتۇردى .  بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا :

-پەرىدە ئاچا، ئاپام شۇنچە ياخشى تۇرسا نېمىشقا باشقىلار ئاپامنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؟

ئەرافاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان پەرىدە جىممىدە تۇرۇپ قالدى .  بۇ ئىشتا پەرىدە ۇ بىر خىل دەككە دۈككىدە ئىدى .  رەنا شۇنچە ياخشى ، شۇنچە ئەقىللىق ، تىرىشچان ، ئاقكۆڭۈل ئايال تۇرسا نېمە ئۈچۈن قۇربان ئۇنىڭغا شۇنچىلىك زىيانكەشلىكلەرنى قىلىدۇ ؟  پەرىدە سەل ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئېغىز ئاچتى :  

-بولدى، چوڭلارنىڭ ئىشلىرىغا كىچىكلەر ئارىلاشمايدىغان، ئەرافات ياندۇرۇپلا:

-ياق مەن ئارىلىشىمەن ،ئاپام شۇنچە ياخشى تۇرسا.،  مەن ئاپامنى داۋاملىق ياخشى ،كۈلۈپ تۇرسىكەن دەيمەن. ئۇنىڭغا ياخشى  ئوغول دوستىن بىرنى تېپىپ بەرسەم ،بۇنىڭدىن كېيىنكى  كۇنلىرىنى بەخىتلىك  ئوتكۇزسە  دەيمەن ،  ئەرافاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان پەرىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ سالدى .  ھەمدە :

-كىچىك سولتەك ، سېنىڭ يېشىڭ شۇنچە كىچىك تۇرسا . نەدىن بىلىسەن  ئوغۇل دوستنى  ؟  يەنە كېلىپ ئاپاڭغا قارىغىنە ، ئۇ شۇنچىلىك ئىقتىدارلىق تۇرسا جاھاندا قايسى ئەر ئۇنىڭغا  ماس كىلىدۇ ؟

بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئالدىراپلا :

-مېنىڭ تۇتۇق دادام !-دىدى ئەرافات،  ئەرافات بېشىنى كۆتۈرۈپ   مەغرۇرلارچە .:  مېنىڭ تۇتۇق دادام دۇنيا بويىچە ئەڭ قالتىس ، ئەڭ كېلىشكەن ئەڭ ياخشى ئادەم .  يەنە كېلىپ ئۇ ئاپامغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئەگەر مېنىڭ ئاپام قوشۇلسىلا .،  ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ دادام بولىدۇ .

-سىنىڭ تۇتۇق داداڭ  كىم ؟-دەپ  سوردى پەرىيدە ،  پەرىدە ئەزەلدىن ئەرافات ۋە رەنانىڭ شاڭخەيدە قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى .     بۈگۈنكى كۈندە ئەرافات بۇ تۇتۇق دادىسىنىڭ گېپىنى چىقارغان ئىدى .  ھەمدە شۇنچىلىك مەغرۇرلارچە تۇتۇق دادىسىنى ئانداق ياخشى ، مۇنداق ياخشى دەپ تەرىپلىگەنىدى .  ئەرافاتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەرىدەنىڭ بۇ تۇتۇق دادىغا بىر ئازراق قىزىقىش پەيدا بولغان ئىدى .  ئەرافات يەنە مەغرۇرلارچە :

-مېنىڭ ھازىر دەۋاتقان تۇتۇق دادام بولسا سەمەت دېرىكتور . ئۇ مەن بىلەن ئاپامغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئادەم ؟!

سەمەت دېرىكتور ؟- دېدى پەرىدە ھەيرانلىق بىلەن . پەرىدە سودا ساھەسىدىكى ئادەم بولمىغاچقا ، سودا ساھەسىدىكى بۇ ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئۇنىڭغا خېلى ناتونۇشتەك كۆرۈنەتتى ھەمدە ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :

- ئەگەر سەمەت دېرىكتور ئاپاڭغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلسا ، نېمشقا بۇ قېتىم ئاپاڭ بىلەن قايتىپ كەلدىڭ . ئاپاڭ بىلەن سەمەت دىرېكتورنىڭ قېشىدا تۇرساڭ تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ ؟

- ئۇغۇ شۇ ،بىراق ،-مۇشۇ يەرگە كەلدە  ئەرافات  گىپىنى يىغۋالدى ،  ئۇ گېپىنى توختىتىۋېلىپ ، دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى .  سىڭلىسى سۈرىيەنىڭ گېپىنى  ئەھۋالنى ھېچ كىشىگە دېسە بولمايتتى .  ئەينى ۋاقىتتا ئاپىسى ئۇنىڭغا ئېيتقان .ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەر قانداق كىشىگە سىڭلىسىنىڭ ئەھۋالىنى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى .مۇشۇ  يەرگە كەلگەندە  ئەرافاتنىڭ  ئۈنى  پەسكە چۇشۇپ كەتتى ،  ئەرافات گەپنىڭ تېمىسىنى باشقا ياققا بۇيرۇپ  گەپ باشلىدى :

- پەرىدە ئاچا ، سىز دەڭە ئاپام قاچانلىققا ھوشىغا كېلەر ؟

-مەنمۇ ئۇقمايمەن ، ئەگەر سەن ھېرىپ كەتكەن بولساڭ ، سەن بىردەم ئارام ئېلىۋال ؟ مەن ئاپاڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋېرىمەن ، - پەرىدە ئەرافاتنىڭ   ھالىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ئىدى .

ئەرافات كۈلۈپ تۇرۇپ: ھېچقىسى يوق ، مەنمۇ ئاپامغا ھەمراھ بولىمەن،-دىدى  ئەرافات شۇنداق دېگىنىچە ئاپىسىنىڭ كارتىنىڭ يەنە بىر ياق ئۆتۈپ بېشىنى قويدى دە تۇيماستىن ئۇخلاپ قالدى .  بۇ ۋاقىتتا قۇربان يەنە كەلگەن ئىدى پەرىدە ئۇنى يەنە كىرگۈزمىدى .   بۇ ۋاقىتتا قۇربانغا ياردەمچىسى روزى ئۇنىڭغا   ماشىنىنىڭ پارتلاش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ھەمدە تېزدىن ئۇنىڭغا شىركەتكە قايتىپ كېلىشى توغرىلىق خەۋەر يەتكۈزگەن ئىدى .  قۇربان شىركەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، روزى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى دە:

- خوجايىن، مۇنداق ئىش . بىرسى ماشىنىنىڭ تورمۇزىنى   ئازراق قايرىۋەتكەن ، لېكىن تولۇق بۇزىۋەتمىگەن،  لايىھىلىگۈچى سوفىيە ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا تۈرمىسى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان .

روزى گەپنى دەپ بولۇشىغا قۇرباننىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق   تۈس ئالغان ئىدى .  ئۇ ئاچچىقىدا روزىغا قول ئىشارىتى قىلدى دە:

دەرھال بېرىپ تەكشۈ! قانداق ۋاستە ئىشلىتىشىڭدىن قەتىينەزەر ، كىمنىڭ بۇ ئىشقا  قول تىققانلىقىنى تەكشۈرۈپ بەر .!

- خوپ  ،-دىدى،  بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، روزى يەنە بوش ئاۋازدا :

- خوجايىن مەن فۇرقەتنى ئۆيگە ئاپىرىپ مۇنىرەنىڭ قولىغا بەرگەن ئىدىم ،  مۇنىرە ئۇنى نەچچىنى ئۇردى . كىچىك بەگزادىمۇ بەك يىغلاپ كەتكەن ئىدى ، بولمىسا سىز بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ . بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، قاپىقى يەنە بىر قېتىم تۈرۈلدى دە: ئۇ يەنىلا كومپيۇتېرخانىدا كىم بىلەن ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدىمۇ ؟دىدى  ئاچىقىدا .

- ياق ، خوجايىن ، ئۇ ئىزچىل مەن ئۆزۈم يالغۇز دەپ تۇرىۋالدى ،بولمىسا بىز كىچىك بەگزادىغا ئۇۋاللىق قىلىپ قويغاندىمىزمۇ ؟  فۇرقەت ياردەمچى روزىنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بولغان بالا. ئۇنىڭ تاياق يەپ يىغلىغان ھالىتىنى كۆرگەن روزى ئۇنىڭغا سەل ئىچ ئاغرىتقان ئىدى.

لېكىن قۇربان نېمىشقا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايدۇ ؟  ئۆزىنىڭ سودا مەخپىيىتى ئاشكارىلانغاندىن ئىشتا  ئۇنىڭ كاللىسى ئىنتايىن قالايمىقان، بەكمۇ ئاچچىقى  كەلگەن ئىدى ، ئۇ سەل ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كېيىن :

- سەن يەنە بېرىپ مۇنىرەگە ئېيت ، ئۇنى بەك ئۇرۇپ جازالاپ كەتمىسۇن . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بىزنىڭ قۇربان گۇرۇھىنىڭ ئىز باسارى .

- ئەلۋەتتە بولىدۇ قۇربان دېرىكتور ،سىزمۇ بىزنىڭ كىچىك بەگزادىغا بەك كۆيۈنىسىز . ئۇنداقتا بىز ئۆيگە قايتىپ فۇرقەتنى كۆرۈپ كېلەيلى ،-دىدى روزى  كۇلۇپ تۇرۇپ ،

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

- ھېچقىسى يوق ، مېنىڭ يەنە قىلىدىغان باشقا ئىشلىرىم بار ، قۇربان گېپىنى دېگىنىچە ئىشخاندىن  ئايرىلدى. روزى چىقىپ كېتىۋاتقان قۇرباننىڭ سىماسىغا قاراپ :

-ھەي ، بۇرۇن كىچىك بەگزادىغا ئەڭ كۆيىنىدىغان ئادەم   مۇشۇ دىرېكتور ئىدى ، لېكىن ھازىر  ، نېمە بولغاندۇ ؟  

دېمىسىمۇ قۇربان ھېچيەرگە بارمىغان ،پەقەتلا ئىسكىلاتقا بارغان ئىدى ، ئىسكىلاتقا بېرىپ پارتىلغان ماشىننى بىر قۇر  كۇرۇپ  چىقتى ،  ماشىنىنىڭ پارتلاش سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسپاتلار يوق  بولغان ئىدى ، ئۇ تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ئاستىدىن بىر تال لەۋ سۇرۇخنى تېپىۋالدى .  ئۇ لەۋ سۇرۇخنى قولغا ئالدىدە ئېچىپ كۆرۈپ باقتى ، ئەممابۇ رەنانىڭ ئەمەس ئىدى . ئۇنداقتا كىمنىڭدۇ ؟  بەلكىم بۇ ماشىنىغا قول تەگكۈزگەن ئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىن؟  ئۇ تېزدىن لەۋ سۇرۇخنى قوينىغا سالدى دە، شىركەتتىكى ئالاھىدە بۆلۈمگە كىرىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى .  

رەنا مۇشۇنداق كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئۇ ئۆزىنى قانداقمۇ كەچۈرەلىسۇن ؟  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستىرتتىن مۇشۇنداق ھىيلە مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ   كىم ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاش ،ھەمدە ئۇنى  ئۇنچە ئاسان قۇيۇپ  بەرمەيدىغانلىكىنى نىيەت قىلدى،  بىر كۈن ۋاقىتمۇ بىر دەمدە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى .  ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە قۇياش كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا قۇربان مول ناشتىلىق ئېلىپ دوختۇرخانىغا باردى .  بۇ ۋاقىتتا  رەنا بىلەن ئەرافات تېخى ئۇيقۇدىن ئويغانمىغان ئىدى .  پەرىيدە  سىرىتقا  ناشتىلىق ئالغىلى  چىقىپ كەتكەن ،   قۇرباننىڭ كېلىشىگە نەقلا   كېسەلخانا ئۆيىدە  ئۇ يوق ئىدى . قۇربان  ئانا بالنىڭ بىركاۋاتتا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۇرۇپ ،مەسلىكى كەلدى  دە  كۇلۇپ  قويدى ،بۇرۇن  ئۇ  ئائىلسىنىڭ  مۇشۇنداق   بولۇشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلغان ئىدى .  ئىلگىرىكى ئارزۇسىى ھازىر ئەمەلگە ئاشقاندەك بولدى .  قۇربان رەنانىڭ كېسەل كارىۋىتىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ناشتىلىقنى قويماقچى بولدى ھەمدە  چاپاننىڭ پىشىدىن تارتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى .  ئالدىرماي بېشىنى قايرىپ قارىسا .  رەنا كۆزنى ئېچىپ ، ئۇنىڭغا بوش  گېلىم ئاغرىدى دەپ بوش ئاۋازدا ئېيتىۋاتاتتى،قۇربان خوش  بولوپ :

- ئويغاندىڭىزمۇ؟ خېلى ياخشىمۇ مەن دوختۇر چاقىرىپ كىرەي ؟ئۇسىدىڭىزمۇ؟ - قۇربان شۇنداق دېگىنىچە   سېستىراغا خەۋەر يەتكۈزىدىغان كۇنۇپكىنى باستى .  ھەمدە ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان   چاي قۇيۇپ   رەنانىڭ كارىۋات بېشىغا كەلدى دە ، رەنانى مەيدىسگە يۆلەپ ئۇنىڭغا قايناقسۇ ئىچكۈزدى:

- سىز تىخى بايىلا ئۆيغاندىڭىز ، قايناق سۇنى جىق ئىچمەڭ .  دوختۇر كېلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن بىر نېمە دېسۇن .

قۇربان ئەزەلدىن بۇرۇن رەناغا بۇنداق يېقىملىق گەپ قىلمايتتى .  بۇرۇن توي قىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇ ئەزەلدىن رەناغا  بۇنچە ياخشى مۇئامىيلە  قىلىپ باقمىغان ئىدى .  بىر ئاز قايمۇقۇپ قالدى ،  ئۇ خۇددى ئۆزى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغان ئىدى .  بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز سېستىرالار كىردى سېستىرالارنىڭ كىرىشىگە ئەرافات چۆچۈپ ئۆيغىنىپ كەتتى .  ئۇ ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاران ئاچتى دە ، ئاپىسىغا قارىدى .  ئۇ ئاپا دېگىنىچە  ئۇنى قۇچاقلىدى ،رەنامۇ  شۇنچە  خۇش  بولوپ  كەتكەندى ،  ئەينى ۋاقىتتا قۇربان ھەممە ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.  پەقەت رەناغىلا ياخشى مۇئامىلە قىلمايتتى،

ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولغان بولسا .ئۇنىڭغا بۇنچە  ئۆچ  بولماس  ئىدى ،لىكىن  ھازىر ئۇنىڭ بولەكچە  ياخشى  مۇئامىيلە  قىلىشى  رەنانى جىق  گومانغا  سىلىپ  قويدى ،ئۇ نېمىشقا رەناغا  شۇنچە  ياخشى مۇئامىيلىدە  بولىدۇ !  رەنامۇ شۇلارنى ئويلاپ كۈلۈپ قويدى دە ، قۇربانغىمۇ قارىماي .  ئوغلى ئەرافاتقا قارىدى .  ئەرافات بىچارىلەرچە:     

-جېنىم ئاپام مېنى بەك قورقۇتىۋەتتىڭىز ؟! - ئەرافاتمۇ شۇنداق دېگىنىچە ، كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ،يۈزلىرىگە ئېقىپ بېقىشقا باشلىدى . ئۇ شۇنچە ئۆزىنى تۇتۇۋالاي دېسىمۇ تۇتىۋالالمىغان ئىدى .  رەنا ئوغلى ئەرافاتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى .  ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەرگىزمۇ ياسالمىلىق ئەمەس ئەكسىچە ھەقىقىيتى ئىدى . راسلا قورقۇپ  كەتكەنلىكىنى  ھىس  قىلدى،رەنا  سەل  سۈكۈتكە چومدى . يىشى  كىچىكلا  تۇرۇپ  ئۆلۇم  ئاغزىدا  قىينىلۋاتقان  كىچىك  قىزى  سۇرىيە  تاكى  ھازىرغىچە  چىرايى  ساماندەك  سارغىيىپ   ئاغرىق  ئازابىنى  ھىس  قىلغىندا  رەنا   ئارانئاران چىدايىتى .لېكىن بۇ ئىشقا  ئالتە  ياشلىق  ئەرافات  قانداقمۇ  چىدىسۇن !؟ بۇ  ۋاقىتتا  ئارافات ئاپىسىنى  مەھكەم  قۇچاقلىۋالغان ئىدى ،

-جېنىم ئوغلۇم، كەچۈرگىن سېنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن .،  رەنا   ئەرافاتنىڭ ئىككى قولىدىن چىڭ تۇتۇپ  مېھرىبانلارچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى .  قۇربان بولسا ، بىر تەرەپتە تۇرۇپ   رەنا بىلەن ئەرافاتنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماقتا ، ئۇ بايا  ئەرافاتنىڭ «مېنىڭ ئاپام »دېگەن گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن   ئۇ سەل گاڭگىراپ قالدى ،قۇرباننىڭ كاللىسىدا نۇرغۇنلىغان جاۋابسىز سوئاللار تۇراتتى ، بۇ خىل ئەھۋالدا ، گەپنى قەيەردىن ئېچىشنى قانداق سوراشنى بىلمەي قالغانىدى .  ئەرافات بوۋاقلارچە رەنانىڭ قوينىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ياتاتتى .  بۇ خىل ئەھۋالدا ، قۇربان بىلەن باشقا دوختۇر سېستىرالار ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشقا پېتىنالمايتتى  . سېستىرالار ياردەمسىز قالغان ھالەتتە  قۇربانغا قاراپ قالدى . بۇ ۋاقىتتا قۇربان ،  سەل يېنىك يۆتىلىپ قويدى دە  بوش ئاۋازدا :

-كىچىك سولتەك ، ئاپاڭ تېخى بايا ئويغاندى . دوختۇرلارنىڭ ئاپاڭنى تەكشۈرۈشكە ماسلاشقان ماقۇلمۇ؟! .

قۇرباننىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئەرافاتنىڭ قاپىقى ئازراق تۈرۈلدى دە ، لېكىن يەنىلا گەپ ئاڭلاپ كارىۋاتنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتتى ، قۇربان ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ   يەنە بىر تەرەپكە ئاپارماقچى بولدى .  ئەرافات ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتمەكچى بولدى يۇ  لېكىن كۈچى يەتمىدى .  رەنا بايا قۇرباننىڭ سېنىڭ ئاپاڭ دېگەن گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەل   بىئارامسىزلىق ھېس قىلغان ئىدى .  دېمەك ، ئەرافات بىلەن   ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى ئاشكارىلانغان ئىدى .  ئەمەلىيەتتە رەنا ئەرافاتنىڭ كىملىكىنى   يوشۇرغان بولسىمۇ . لىكىن بۇ ئىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن تۇيۇقسىز بولدى ، ئۇنىڭ پىلانىنىڭ ئىچىدە ئەرافاتنىڭ كىملىكىنى قۇربانغا دېمەسلىكى  كىرەك ئىدى،دىسىمۇ كىيىن  دىيىشىنى قارار قىلغان ئىدى ، ئەمەلىيەتتىمۇ چوڭلارنىڭ ئىشىغا بۇ كىچىك بالىلارنى ئارىلاشتۇرۇش تازا توغرا ئەمەس ئىدى ، لېكىن قېرىشقاندەك ئەرافاتمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قالدى .  ھازىر بولسا قۇربان ئەرافاتنىڭ رەنانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدى .  مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ، قۇرباننىڭ رەنا ۋە ئەرافاتقا بولغان گۇمانى تېخىمۇ ئاشقان بۇلىشى مومكىن 


داۋامى بار …


 ( سۆيگۈ قۇربانى  ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k