
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق 115 قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 16 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 6 |
5 |
4 |
3 |
2 |
1 |
| 12 |
11 |
10 |
9 |
8 |
7 |
| 14 |
13 |
سۆيگۈ قۇربانى
(رومان)
15 - قىسىم
ئۇ كېسەلخانىدىكى رەنانىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ، بىردەم تۇرغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. بۇ تېلېفوننى ئەرافات تۇرغان ئىدى . پەرىدەنىڭ كاللىسى تۇيۇقسىزلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى ، ئۇ ئەرافاتنىڭ تېلېفونىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئەرافاتقا ئاپىسنىڭ سالامەتلىكىنى بىلدۇرۇپ قۇيۇش ئىسىگە كەلدى . ئۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-ئەرافات ، ئاپاڭغا ھېچ ھېچقانداق ئىش بولمىدى ، ئاپاڭ سالامەت . ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىۋاتىدۇ . ئاپاڭ تېخى ھوشسىز ھالەتتە ياتىدۇ . ئاپاڭ ئويغانغاندىن كېيىن مەن ساڭا تېلېفون قىلاي ، بولامدۇ ئاپپاق قوزام ؟
- ماقۇل ، پەرىدە ئاچا ، ئۇنداق بولسا ئاپامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىن .
ئەرافات تىت تىت بولوپ ئولتۇرغان ئىدى ، ئۇ ئاپىسىدىن شۇنداق ئەنسىردى ، ھەتتا خەۋەر كۈتۇپ تاماقىمۇ يىمىدى . ئۇ كۆڭلىدە ئەگەر ئاپىسى ياخشى بولوپ قالسا ئاپىسىغا ئوز قۇلى بىلەن تاماق ئىتىپ ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى . ئەرفاتنىڭ چوڭ ئادەمنى كىچىكى قىلىپ قويغاندەك دەۋاتقان گىپىنى ئاڭلاپ سەل ئۇنىڭ قايىللىقى قوزغالدى . دىمىسىمۇ بىر ئالتە ياشلىق بالا قانداقمۇ بۇنداق ھالىدىن خەۋەر ئال دىيەلىسۇن ؟
پەرىيدە : خاتىرجەم بول ، پەرىدە ئاچاڭ بار ، ئاپاڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن ،- دىدى كۇلۇپ تۇرۇپ .
ئەرافات تىلفۇننى وويدى . ئۇنىڭ چىرايدا كۇلكە دىگەندىن ئەسەر يوق . ئۇ كۆڭلىدە ئاپام نېمە ئۈچۈن ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇقىدۇ ؟
ئەجەبا قۇربان ئاپامنى قەستلىگەنمىدۇ يە ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ ؟ ئاپامنىڭ تارتقان ئازابى ئازمۇ ؟يەنە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدۇ ؟
ئاپىسىنىڭ ماشىنا جەھەتتىكى تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ئەرافاتقا ئايان ئىدى ، لېكىن بىر قېتىملىق ۋەقەگە يولۇقۇشىغا ئۇمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى . ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ياشلار تاراملاپ كۆزدىن ئېقىشقا باشلىدى . ئەرافات تېز سۈرئەتتە يەسلىگە باردى ، بېرىپ يەسلىنىڭ كومپيۇتېر خانىسىغا كىردى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇتۇق دادىسى سەمەت دېرىكتورىنى ئىزدەپ تاپماقچى بولدى دە ، ئۆزىنىڭ تەۋە نومۇرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۇزدى ، لېكىن ئۆزىنىڭ نومۇرى باشقىلار تەرىپىدىن ئىز قوغلاشقا چۈشكەنلىكىنى بايقاپ قالدى . ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى ، قۇربان ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ بۇ نومۇرنى قۇلۇپلاپ قويغان ئىدى . بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ ئۇ ئاللىقاچان ئۇ نومۇرنى يۇيۇۋەتكەن تۇرسا، قانداق بولۇپ قۇربان تەرىپىدىن بايقىلىنىپ قالىدۇ؟ ئۇ سەل ئىككىلىنىپ قالدى . ئەرافات سەل ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن . دەرھاللا چىۋەر قوللىرى بىلەن كومپيۇتېرغا بىر قاتار سان - سىفىرلارنى كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ نومۇرىنى يۇيۇۋەتمەكچى بولدى ، لېكىن قۇرباننىڭ ئىشلىتىلگەن سىستېمىسى ئۇنىڭ نومۇرىنڭ ئارقىسىدا ئەگىشىپ يۈرەتتى . ئەرافات بۇ ۋاقىتتا يەنە داۋاملىق مەشغۇلات قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ باشقا يوللار ئارقىلىق بۇ نومۇرنى يوقىتىۋەتمەكچى بولدى. جىددىيلەشكىنىدىن قوللىردىن تەر تامچىسى كومپيۇتېر تاختىسىغا ئېقىپ كەتتى .
قۇربانمۇ كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، ئۇمۇ بۇنداق دۈشمەنگە تۇنجى قېتىم يولۇقۇشى ئىدى. قۇربان شۇنداق ئەستايىدىل ھالەتتە كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى ياردەمچى روزى قۇرباننىڭ قېشىدا ، قۇربان ئاچچىقىدا نەپەسلەرنى تېز تېز ئېلىۋاتاتتى . روزى قۇرباننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىدى ، قۇربانغا ئەگەشكىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالغان، لېكىن روزى ئەزەلدىن قۇرباننىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى . روزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىيىن مەسىلە ئۇنى ئازراق خىجىل قىلغان ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا ئەرافاتمۇ توختىماستىن كومپيۇتېر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ، ئۇنىڭ پۈتكۈل بەدەنلىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كىرگۈزگەن سان سىفىر لايىھىسى قۇربان تەرىپىدىن يۇتىۋىلىندى. « ئاپلا ، چاتاق بولدى » ئېنىقلا قۇربان ئۇنىڭ مەشغۇلاتىن بايقىۋالغان ئىدى ، ئۇ چاتاق چىققانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ، كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە سىمىنى ئۈزۈۋەتمەكچى بولدى ، لېكىن ئۇ قانداقلا قىممىسۇن قۇربانIP تور ئادرېسىدىن ئۇنىڭ ئورنىنى بىلىۋالاتتى . قۇربان تور ئادرېسىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ياردەمچى روزىغا
-سەن بۇ قېتىم بۇ تور ئادرېسنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق تاپ ، ئەگەر بۇ قېتىم يەنە بۇ قارا مېھماننى كەتكۈزىۋېتىدىغان بولساڭ سېنى پېنسىيەگە چىقىرىۋېتىمەن ،-دىدى تەددى بىلەن . روزى قۇرباننىڭ بۇيرۇقىغا بىھۆرمەتلىك قىلالمايتتى . ئۇ تېز سۈرەتتە تېخنىكا بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ ،ئۇ بۇ تور ئادرېسنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تاپماقچى بولدى .
ئەرافات كومپيۇتېرنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ، دەرھال كومپيۇتېرخانىدىن ئايرىلدى دە ، يەسلىدىكى سىنىپقا كىرىپ كەتتى . ئۇ كۆڭلىدە ھەي ئۆيدە بولۇپ قالغان بولسام ، چاتاق بولاتتىكەن دەپ ئويلىدى .لىكىن نىملا بولمىسۇن بۇ ئىشلاردىن چاتاق چىققان ئىدى . ئەرافات گەرچە ئۇ كىچىك بولسىمۇ تۇغما تالانتلىق ئىدى . شاڭخەيدىكى ھەر خىل كومپيۇتېر ئۇستىلىرىمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە رىقاباتچىسى بولالمايتى . ئويلىمىغان يەردىن ئەرافات قۇربان بايۋەتچىدەك كومپيۇتېر پېشۋاسىغا يۇلۇقتى. ئۇ كۆڭلىدە قۇرباننىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ئۆزىدىن يۇقىرى دەپ ئويلىمىغان . لېكىن ، ئېتىراپ قىلماي بولاتتىمۇ ؟ ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرسا . بۇنداق چىگىش زىددىيەتكە تولغان كەيپىيات ئۇنى بىر ئاز بۇرۇختۇرما قىلدى . ئۇ كومپيۇتېرخانىنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىغا فۇرقەت يېتىپ كەلدى دە « ئەرافات ، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن،ئاڭلىسام ئاپاڭ ۋەقەگە ئۇچراپتۇ . ياخشى بولۇپ قالغاندۇ؟ بىر ىش بولمىغاندۇ، نېمە ئۈچۈن ئاپاڭنى كۆرگىلى بارمايسەن؟» فۇرقەت ئەرافاتنى بەك ياخشى كۆرەتتى ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلاتتى ، ئىش قىلىپ ئىچىدىن خوش بولۇپ كېتەتتى. ئەرافات فۇرقەتنىڭ سەمىمىي ھالىتىنى كۆرۈپ قاپىقى تۇرلۇشكە باشلىدى . تۇيۇقسىز ئەرافات كۆڭلىدە « فۇرقەت مۇناسىۋەت باغلاشقا ناھايىتى ئۇستا ئىكەن ، ئىنتايىن سەمىمىي »دەپ ئويلىدى . ئۇ قۇرباننىڭ ئوغلى بولغانلىقتىن ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتى . ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىمايتتى . تۇيۇقسىز ئەرافات ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ كۆزنى قىسىپ قويدى . ھەم كوڭلىگە بىرئىشنى پۇكۈپ فۇرقەتكە:
- فۇرقەت ، مەن بايا كومپيۇتېرخانىدا بىر كارتون فىلىمنى كۆرگەن ئىدىم ،ئىنتايىن قىزقارلىق . لېكىن بۇ كومپيۇتېرنى ئاچقىنىمىزنى مۇئەللىم بىلىپ قالسا بولمايدۇ ، سەن كىرىپ كۆرۈپ باقامسەن دېدى ؟ فۇرقەت ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى . فۇرقەت ئۆگىنىش قىلىشنى خالىمايدىغان بالا ئىدى. ئۇ قۇرباننىڭ ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، دادىسىنىڭ سالاھىيىتىغا ئاساسەن مەكتەپتە مۇئەللىم ۋە يەسلىنىڭ باشلىقى ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . ئۇنىڭغا قوپال تېگىشكە پېتىنالمايتتى . باشقا كىچىك دوستلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشنى خالىمايتتى ، پەقەت ئەرافاتلا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . شۇڭلاشقا فۇرقەتمۇ ئەرافات بىلەن كۈندە بىللە ئويناشقا ئىنتىزار ئىدى . بۈگۈن تۇيۇقسىز ئەرافات فۇرقەتنى قىزىقارلىق كارتون كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى ، ئۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولىدۇ دە ئەلۋەتتە . ئەرافات فۇرقەتنىڭ قولىنى تارتىپ كومپيۇتېرخانىغا كىردى دە ، كومپيۇتېرنى توكقا چاتتى . كومپيۇتېرداۇ ئۆزىنىڭ نومۇرى كومپيۇتېر ئېكرانىدا تۇراتتى ، ئۇ تېخى چېكىنىپ چىقمىغان ئىدى . چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نومۇرنىڭ بۇندىن كىيىن ئىشلەتمەيدىغىنىنى بىلەتتى. ئۇ فۇرقەتكە : فۇرقەت ئەمىسە سەن بۇ كومپيۇتېردا بۇ كارتۇن فىلىمنى كۇرۇپ تۇر. مەن ھاجەتخانىغا چىقىپ كىرەي . ئەگەر بىرەرسى كېلىپ سوراپ قالسا ، ھەرگىز مېنىڭ ئىسمىمنى چىقارما سەن دېگەن قۇربان گۇرۇھىنىڭ بەگزادىسى ، باشقىلار ساڭا بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ .بىراق مەن ئوخشىمايمەن ، مەن تېخى يېقىندىلا بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدىم ، ئەگەر باشقىلار مېنىڭ ئوغرىلىقچە مەكتەپ كومپيۇتېرخانىسىغا كىرىپ رەسىملىك كارتون فىلىمنى كۆرگىنىمنى بىلىپ قالسا ، مېنى چۇقۇم مەكتەپتىن ھەيدەيدۇ . ئەرافات مەكتەپتىن ھەيدەلسە پۇرقەت يالغۇز قالاتتى ، ئۇ ئۇنىڭ كېتىشنى خالىمىغانلىقتىن ماقۇل بولدى
- خاتىرجەم بول ، مەن سېنى ھېچكىمگە دېمەيمەن .
ئەرافات:
- داداڭ سورىسا داداڭغىمۇ دېمەمسەن ؟
ئەرافات فۇرقەتكە قاراپ كوزىنى قىسىپ قويدى .
- خاتىرجەم بول ، دادام بۇلارنى سوراپ كەتمەيدۇ ، دادامغىمۇ دېمەيمەن دېدى ؟ ئەرافات فۇرقەتنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ ، راستلا دوستلۇققا يارايدىكەنسەن !
ياردەمچى روزى ۋە تېخنىكا بۆلۈمدىكىلەر IP تور ئادرېستىن ئېنىق ئورۇننى تاپقانىدى ، ئېنىق ئورنى قۇرباننىڭ كىچىك بەگزادىسى ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولوپ چىقتى . روزى شۇ زامات قۇربانغا خەۋەر قىلدى :
-خوجايىن تور ئادرېسىنى تاپتۇق ، سىزنىڭ كىچىك بەگزادىڭىز ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئىكەن .
بۇنى ئاڭلاپ قۇرباننىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتتى، بۇ يەسلىدە مەندە ئۆچى بار ، كىم باردۇر ؟ ماشىنا تەييارلا ، مەن ئۆزۈم بېرىپ كېلەي !-دېدى كەسكىنلا . قۇربان تېزلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپلا چاپىنىنىمۇ كەيمەي ، ماشىنا ھەيدىگىلى چىقىپ كېتىپ قالدى .
قۇرباننىڭ گۇرۇھى بىر قېتىم ناھايىتى چوڭ ئېغىر مەبلەغ كىرزىسقا دۇچ كەگەن ئىدى . پۇلغۇ مەسىلە ئەمەس ، قۇربان گۇرۇھىدا پۇل كەم ئەمەس لېكىن ئۇنىڭ مۇھىم سودا پىلانى تورغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنىدى ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ شىركىتى ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى .ياردەمچى رۇزىمۇ جىق گەپ قىلالمىدى . ئۇمۇ قۇربانغا ئەگىشىپ يەسلىگە كەلدى . قۇربان يەسلىنىڭ ئىشىگىدىن قاپاقلىرىنى تۇرگۇنچە كىرىپ كەلدى. يەسلىنىڭ باشلىقى ئۇنى كۇرۇپ سەل تەمتىرەپ قالدى ،ھەم قۇربانغا سالام قىلاي دىيشىگە ئۇ كەسكىنلا :
-سىلەرنىڭ كومپىيۇتىرخاناڭلاردا كىم بار؟- دېدى ئاچچىقلاپ . يەسلى باشلىقى نېمە ئىش بولغىننى ئاڭقىرالماي : ھىچكىم يوق قۇربان دىرىكتۇر ، - دېدى . قۇربان تىز قەدەملەر بىلەن كومپىيۇتىرخانغا قاراپ ماڭدى . قالغانلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى . بۇ ۋاقىتتا ئەرافات ئۇنى يۇشۇرۇن كۇزتۇپ تۇراتتى . ئۇ باشقىلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ سىنپىغا كىرىپ كەتتى . قۇربان روزىلار كومپىيۇتىرخانغا بىرىپ ئىشىكنى ئىچىشغا ئوغلى ھاڭۋاختىلارچە كومپىيۇتىرغا قاراپ كارتۇن فىلىم كۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ھاڭ تاڭ قالدى . روزى :
- بۇ بىزنىڭ كىچىك بەگزادىغۇ ؟ - دىدى ھەيران بولوپ . قۇربان ئوغلى فۇرقەتنىڭ بۇنچىلىك يۇقىرى كومپىيۇتىر تىخنىكىسى بارلىقىغا ئىشەنگىسى كەلمىدى . ئۇ چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ : فۇرقەت سەن بۇ يەردە نىمىش قىلسەن!؟ قۇرباننىڭ ئاۋازى يۇقىرى بولمىسىمۇ ئۇ فۇرقەتىنى قورقىتىۋەتتى .
ئۇ دادسىنى كۆرۇپ دادىسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى. قۇربان قاپىقىنى تۈرگىنىچە ، فۇرقەتكە قاراپ تۇراتتى . كومپيۇتېر خانىنىڭ ئەتراپى يەسلىنىڭ باشلىقى ۋە مۇئەللىم ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولغانىدى . فۇرقەت دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ سەل گاڭگىراپ قالدى :
- دادا ، سەن نېمىگە كەلدىڭ ؟ دېدى فۇرقەت ھەيرانلىق بىلەن . بۇ ۋاقىتتا قۇربان يەنە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ : بۇ ۋاقىتتا سەن ياخشى ئۆگىنىش قىلماي ، بۇ كومپيۇتېرخانىدا نېمە ئىش قىلىسەن ؟دىدى كەسكىن تەلەپپۇزدا . قۇربان ئەزەلدىن فۇرقەتكە بۇنداق ئاچچىقلانمايتتى ، لېكىن بۇ قېتىم پەقەت ئۆزىنى بېسىۋالالمىغان ئىدى . فۇرقەت بۇ ۋاقىتتا جىددىيلىشىپ دادىسغا قاراشقا جۇرئەت قىلالماي باشقا ئەتراپقا قارىدى ، قارىسا بىر توپ بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئەرافاتنى كۆردى . ھەمدە ئەرافاتنىڭ باشتا دېگەن گەپلىرىنى بىر قۇر ئەسكە ئالدى دە ،” ياق مەن بۇ دوستۇمنى يوقىتىپ قويسام بولمايدۇ ھەرگىزمۇ ئەرافاتنىڭ بۇ مەكتەپتىن كېتىشىگە قاراپ تۇرسام بولمايدۇ » دەپ ئويلىدى كوڭلىدە ھەم سەل ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى دە ، ئېغىزىنى ئۆمچەيتىپ ، دادىسىغا : دادا ، مەن دەرس ئۆگىنىۋېرىپ بەك زېرىكىپ كەتكەن ئىدىم ، شۇڭلاشقا كومپيۇتېرخانىغا كىرىپ كارتون فىلىم كۆرگەن ئىدىم .
بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان قۇرباننىڭ چىرايى يەنە بىر قېتىم سەت ئۆزگەردى . سەن بۇ يەرگە كەلگىلى قانچىلىك بولدى ؟
قانچىلىك ۋاقىت كارتون فىلىم كۆردۈڭ ؟دەپ سوردى ياندۇرۇپلا . دادىسىنىڭ بۇ سوئالنى ئاڭلىغان فۇرقەت ھاڭ تاڭ قېتىپ قالدى . ئۇ ئەرافاتنىڭ بۇ كومپيۇتېرخانىدا قانچىلىك ئۇزۇن تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى . لېكىن ئۇ يەنىلا مەن بايا كەلگەن ئىدىم ،- دەپ جاۋاب بېرىشقىمۇ پېتىنالمايتتى . ئۇ بۇنداق دېسە ئەرافات ئاشكارلىنىپ قالاتتى . فۇرقەت بېشىنى تۆۋەن تۇتۇپ ، پەس ئاۋازدا : مەنمۇ ئۇقمايمەن ، ئىش قىلىپ خېلى ئۇزۇن بولدى .
قۇربان بۇ گەپنى ئاڭلاپ فۇرقەتنى بىر تەرەپكە ئىتتىرىۋەتتى دە، دەرھال كومپيۇتېرخانىنىڭ ئېكرانىغا قارىدى .ھەمدە كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى نومۇرنىڭ دەل قۇرباننىڭ گۇرۇھىغا ھۇجۇم قىلغان قارا مېھماننىڭ نومۇرى ئىكەنلىكىنى كۆردى . ئۇ بۇنى كۆرۈپ ، تېخىمۇ ئاچچىقىدا : سەندىن يەنە بىر قىتىم سوراي، سەن زادى كىم بىلەن بىللە ئىدىڭ !؟
ئۇنىڭ بۇ سوئالنى ئاڭلىغان فۇرقەت بەك جىددىيلىشىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا ئەرافاتنىڭمۇ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتكەن ئىدى .فۇرقەت يىغلاپ تۇرۇپ :
- مەن ئۆزۈم يالغۇز مۇشۇ يەردە پەقەت كارتون فىلىم كۆردۈم خالاس ، سەن نېمىشقا بۇنداق ئاچچىقلنسەن . مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭ ، شۇنداقمۇ ؟ ماڭا نېمىشقا بۇنداق قوپال تېگىسەن دادا ، مەن ئۆيگە بېرىپ ئاپامغا دەيمەن ؟ دىگنىچە ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى.
داۋامى بار …
( سۆيگۈ قۇربانى ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ



